• ساپىيانس: ئىنسانلارنىڭ قىسقىچە تارىخى(25)

    ساپىيانس: ئىنسانلارنىڭ قىسقىچە تارىخى(25)

    دىن قانۇنى ئوتتۇرا ئەسىردىكى سەمەرقەند بازىرىدا – ئوتتۇرا ئاسىيا ۋادىسىغا قۇرۇلغان بۇ شەھەردە، سۇرىيەلىك سودىگەرلەر نەپىس خىتاي يىپەكلىرىنى سىلاپ كۆرەتتى، بوز قىردىن كەلگەن يىرتقۇچ قەبىلىلەر غەربتىن كەلتۈرۈلگەن سېرىق چاچلىق قۇللارنى كۆرسىتەتتى، دۇكاندارلار غەلىتە خەتلەر ۋە ناتونۇش پادىشاھلارنىڭ سۈرەتلىرى چۈشۈرۈلگەن پارقىراق ئالتۇن تەڭگىلەرنى يانچۇقلىرىغا سالاتتى. بۇ يەردە، شۇ دەۋردىكى شەرق بىلەن غەرب، جەنۇب بىلەن شىمال تۇتاشقان… Read more

  • ساپىيانس: ئىنسانلارنىڭ قىسقىچە تارىخى(24)

    ساپىيانس: ئىنسانلارنىڭ قىسقىچە تارىخى(24)

    ئۇلار بىزگە ئايلانغاندا  ئىمپېرىيەلەر نۇرغۇن كىچىك مەدەنىيەتلەرنى چوڭراق مەدەنىيەتلەرگە قوشۇۋېتىشتە ھەل قىلغۇچ رول ئوينىغان. سىياسىي جەھەتتىن پارچىلانغان رايونغا قارىغاندا ئىمپېرىيە چېگراسى ئىچىدە ئىدىيەلەر، كىشىلەر، مال-مۈلۈك ۋە تېخنىكىلار تېخىمۇ ئاسان تارقالغان. كۆپىنچە ھاللاردا، ئىمپېرىيەلەر ئىدىيە، مۇئەسسەسە، ئۆرپ-ئادەت ۋە ھەرىكەت ئۆلچەملىرىنى ئۆزلىرى مەقسەتلىك تارقاتقان. بۇنىڭ بىر سەۋەبى ھاكىمىيەت ئىشلىرىنى ئاسانلاشتۇرۇش ئىدى. ئۆز تىلى، يېزىقى، قانۇنى ۋە پۇلى… Read more

  • ساپىيانس: ئىنسانلارنىڭ قىسقىچە تارىخى(23)

    ساپىيانس: ئىنسانلارنىڭ قىسقىچە تارىخى(23)

    ئىمپېرىيە غايىلىرى  قەدىمكى رىملىقلار مەغلۇپ بولۇشقا كۆنۈپ كەتكەنىدى. تارىختىكى كۆپلىگەن بۈيۈك ئىمپېرىيەلەرنىڭ ھۆكۈمرانلىرىغا ئوخشاش، ئۇلار جەڭدە تەكرار مەغلۇپ بولسىمۇ، يەنىلا ئۇرۇشتا غەلىبە قىلالايتتى. زەربىگە بەرداشلىق بېرەلمەيدىغان ۋە پۇت تىرەپ تۇرالمايدىغان ئىمپېرىيە ھەقىقىي ئىمپېرىيە ئەمەس. شۇنداقتىمۇ، مىلادىدىن بۇرۇنقى 2-ئەسىرنىڭ ئوتتۇرىلىرىدا شىمالىي ئىبېرىيەدىن كەلگەن خەۋەرنى ھەتتا رىملىقلارمۇ قوبۇل قىلىشتا قىينالدى. يېرىم ئارالنىڭ يەرلىك ئاھالىسى بولغان كېلتلار ياشايدىغان… Read more

  • ساپىيانس: ئىنسانلارنىڭ قىسقىچە تارىخى(22)

    ساپىيانس: ئىنسانلارنىڭ قىسقىچە تارىخى(22)

    قۇلۇلە قېپى ۋە تاماكىلار پۇل نۇرغۇن جايلاردا كۆپ قېتىم ئىجاد قىلىنغان. ئۇنىڭ تەرەققىياتى ھېچقانداق تېخنىكىلىق ئىلگىرىلەشنى تەلەپ قىلمىدى، ئۇ پەقەت زېھنىي ئىنقىلاب ئىدى. ئۇ كىشىلەرنىڭ ئورتاق تەسەۋۋۇرىدىلا مەۋجۇت بولغان يېڭى سۇبيېكتلار ئارا رېئاللىقنى يارىتىشنى ئۆز ئىچىگە ئالدى. پۇل تەڭگە ياكى قەغەز پۇل ئەمەس. پۇل كىشىلەرنىڭ مال-مۈلۈك ۋە مۇلازىمەتلەرنى ئالماشتۇرۇش مەقسىتىدە باشقا نەرسىلەرنىڭ قىممىتىنى سىستېمىلىق ھالدا… Read more

  • ساپىيانس: ئىنسانلارنىڭ قىسقىچە تارىخى(21)

    ساپىيانس: ئىنسانلارنىڭ قىسقىچە تارىخى(21)

    ئەمەلىي نۇقتىدىن قارىغاندا، دۇنياۋى بىرلىككە كېلىش جەريانىدىكى ئەڭ مۇھىم باسقۇچ ئۆتكەن بىر قانچە ئەسىردە، ئىمپېرىيەلەر كېڭىيىپ، سودا-سېتىق كۈچەيگەن مەزگىلدە يۈز بەردى. ئاسىيا، ئافرىقا، ئامېرىكا، ئاۋسترالىيە ۋە ئوكيانىيە خەلقلىرى ئارىسىدا بارغانسېرى مۇستەھكەم باغلىنىشلار شەكىللەندى. شۇنداق قىلىپ مېكسىكىنىڭ قىزىل مۇچلىرى ھىندىستان تائاملىرىغا كىردى، ئىسپانىيەنىڭ كالىلىرى ئارگېنتىنادا ئوتلاشقا باشلىدى. ئەمما ئىدىيەۋى نۇقتىدىن قارىغاندا، تېخىمۇ مۇھىم ئۆزگىرىش مىلادىدىن بۇرۇنقى… Read more

  • ساپىيانس: ئىنسانلارنىڭ قىسقىچە تارىخى(20)

    ساپىيانس: ئىنسانلارنىڭ قىسقىچە تارىخى(20)

    3-قىسىم ئىنسانلارنىڭ بىرلىشىشى 9. تارىخنىڭ ئوقياسى مەككىدىكى كەئبە ئەتراپىدا ئايلىنىۋاتقان ھاجىلار يېزا ئىگىلىك ئىنقىلابىدىن كېيىن، ئىنسانلار جەمئىيىتى بارغانسېرى چوڭىيىپ، مۇرەككەپلىشىپ كەتتى، ئىجتىمائىي تەرتىپنى ساقلايدىغان تەسەۋۋۇر شەكلىمۇ مۇرەككەپلەشتى. ئەپسانىلەر ۋە چۆچەكلەر كىشىلەرنى تۇغۇلغان ۋاقتىدىن باشلاپلا مەلۇم ئۇسۇلدا ئويلاشقا، مەلۇم ئۆلچەملەر بويىچە ھەرىكەت قىلىشقا، مەلۇم نەرسىلەرنى خالاشقا ۋە مەلۇم قائىدىلەرگە رىئايە قىلىشقا كۆندۈردى. بۇ ئارقىلىق مىليونلىغان ناتونۇشلارنىڭ… Read more