ساپىيانس: ئىنسانلارنىڭ قىسقىچە تارىخى(24)

ئۇلار بىزگە ئايلانغاندا

 ئىمپېرىيەلەر نۇرغۇن كىچىك مەدەنىيەتلەرنى چوڭراق مەدەنىيەتلەرگە قوشۇۋېتىشتە ھەل قىلغۇچ رول ئوينىغان. سىياسىي جەھەتتىن پارچىلانغان رايونغا قارىغاندا ئىمپېرىيە چېگراسى ئىچىدە ئىدىيەلەر، كىشىلەر، مال-مۈلۈك ۋە تېخنىكىلار تېخىمۇ ئاسان تارقالغان. كۆپىنچە ھاللاردا، ئىمپېرىيەلەر ئىدىيە، مۇئەسسەسە، ئۆرپ-ئادەت ۋە ھەرىكەت ئۆلچەملىرىنى ئۆزلىرى مەقسەتلىك تارقاتقان. بۇنىڭ بىر سەۋەبى ھاكىمىيەت ئىشلىرىنى ئاسانلاشتۇرۇش ئىدى. ئۆز تىلى، يېزىقى، قانۇنى ۋە پۇلى بولغان رايونلاردىن تەشكىل تاپقان ئىمپېرىيەنى باشقۇرۇش قىيىن. بىرخىللاشتۇرۇش ئىمپېراتورلار ئۈچۈن نېمەت ئىدى.

 ئىمپېرىيەلەرنىڭ ئورتاق مەدەنىيەتنى ئاكتىپ تارقىتىشىنىڭ ئىككىنچى ۋە ئەڭ مۇھىم سەۋەبى قانۇنىيلىققا ئېرىشىش ئىدى. كوروش ۋە چىن شىخۇاڭ دەۋرىدىن باشلاپلا، ئىمپېرىيەلەر ئۆز ھەرىكەتلىرىنى (مەيلى يول ياساش ياكى قان تۆكۈش بولسۇن) ئىلغار مەدەنىيەتنى تارقىتىشنىڭ مۇقەررەر يولى،  بويسۇندۇرۇلغۇچىلار بويسۇندۇرغۇچىلارغا قارىغاندا بۇنىڭدىن تېخىمۇ كۆپ پايدا ئالىدۇ دەپ ئۆزلىرىنى ئاقلىغان.

 بۇ پايدىلار بەزىدە كۆرۈنەرلىك ( قانۇن ئىجرا قىلىش، شەھەر پىلانلاش، ئۆلچەم ۋە تارازىلارنى بىرخىللاشتۇرۇش) بولسا، بەزىدە گۇمانلىق (باج-سېلىق، ھەربىي مەجبۇرىيەت، ئىمپېراتورغا چوقۇنۇش) بولغان. ئەمما ئىمپېرىيە سەر خىللىرىنىڭ كۆپىنچىسى ئۆزلىرىنى بارلىق پۇقرانىڭ ئومۇمىي پاراۋانلىقى ئۈچۈن ئىشلەۋاتىمىز دەپ چىن كۆڭلىدىن ئىشەنگەن.

 خىتاينىڭ ھۆكۈمران سىنىپى ئۆز دۆلىتىنىڭ قوشنىلىرى ۋە چەت ئەل پۇقرالىرىنى ئىمپېرىيە مەدەنىيەتىنىڭ پايدىسىنى يەتكۈزۈش كېرەك بولغان ئەبگا ياۋايىلار دەپ مۇئامىلە قىلغان. ئاسمان يارلىقى ئىمپېراتورغا دۇنيانى ئېكسپلاتاتسىيە قىلىش ئۈچۈن ئەمەس، بەلكى ئىنسانىيەتنى تەربىيەلەش ئۈچۈن بېرىلگەن.

رىملىقلارمۇ ئۆز ھۆكۈمرانلىقىنى ئاقلاپ،  ياۋايىلارغا تىنچلىق، ئادالەت ۋە سىلىق-سىپايىلىقنى ئېلىپ كەلدۇق. بىز ياۋايى گېرمانلار بىلەن بوياق سۈرىدىغان گالۇسلارنى قانۇن بىلەن تىزگىنلەپ، ئاممىۋى مۇنچىلاردا پاكىزلاپ،  پەلسەپە بىلەن ئاقارتقانغا قەدەر، ئۇلار مەينەتچىلىك ۋە نادانلىقتا ياشىغان، دەپ قارىغان.  مىلادىدىن بۇرۇنقى 3-ئەسىردىكى ماۋرىيا ئىمپېرىيەسى بۇددا تەلىماتىنى غەپلەت ئىچىدىكى دۇنياغا تارقىتىشنى ئۆز ۋەزىپىسى قىلغان. مۇسۇلمان خەلىپىلىرى پەيغەمبەرنىڭ ۋەھىيسىنى، مۇمكىن بولسا تىنچ يول بىلەن، زۆرۈر بولسا قىلىچ بىلەن تارقىتىش ئۈچۈن ئىلاھىي ۋەزىپە تاپشۇرۇۋالغان. ئىسپانىيە ۋە پورتۇگالىيە ئىمپېرىيەلىرى «ھىندىستان بىلەن ئامېرىكىدا ئىزدىگىنىمىز بايلىق ئەمەس، بەلكى ئازغۇنلارنى ھەقىقىي دىنغا كىرگۈزۈش» دەپ جاكارلىغان. ئەنگىلىيەنىڭ ئەركىنلىك بىلەن ئەركىن سودىدىن ئىبارەت قوش ئىنجىلىنى تارقىتىش ۋەزىپىسى ھېچقاچان ئاخىرلاشقان ئەمەس. سوۋېتلار كاپىتالىزمدىن پرولېتارىياتنىڭ غايىۋى دىكتاتورلۇق تۈزۈمىگە  ئۆتۈش تارىخىي مۇرەقەررەلىكتۇر دەپ قارىغان. نۇرغۇن ئامېرىكىلىقلار ھازىر ئۆز ھۆكۈمىتىنىڭ ئۈچىنچى دۇنيا دۆلەتلىرىگە دېموكراتىيە ۋە كىشىلىك ھوقۇق پايدىلىرىنى يەتكۈزۈش مەجبۇرىيىتى بار دەپ قارايدۇ، گەرچە بۇ نەرسىلەر يادرولۇق باشقۇرۇلىدىغان بومبىلار ۋە  F-16كۈرەشچى ئايروپىلانلار ئارقىلىق يەتكۈزۈلسىمۇ.

ئىمپېرىيە تارقاتقان مەدەنىيەت ئىدىيەلىرى ئىچىدە ھۆكۈمران سەر خىللارنىڭ ئۆزىگە خاس ئىجادىيىتى ناھايىتى ئاز بولغان. ئىمپېرىيە غايىسى ئومۇميۈزلۈك ۋە ھەممىنى ئۆز ئىچىگە ئالىدىغان بولغاچقا، ئىمپېرىيە سەر خىللىرى ئۈچۈن بىرلا ئەنئەنىگە ئېسىلىۋالماي، ئىدىيە، ئۆلچەم ۋە ئەنئەنىلەرنى نەدىن تاپسا شۇ يەردىن قوبۇل قىلىش نىسبەتەن ئاسان ئىدى. بەزى ئىمپېراتورلار ئۆز مەدەنىيەتلىرىنى ساپلاشتۇرۇپ، ئۆز يىلتىزىغا قايتىشقا ئۇرۇنغان بولسىمۇ، ئىمپېرىيەلەر كۆپىنچە قول ئاستىدىكى خەلقلەردىن نۇرغۇن نەرسىلەرنى قوبۇل قىلغان ئارىلاشما مەدەنىيەتلەرنى بارلىققا كەلتۈرگەن. رىم ئىمپېرىيە مەدەنىيىتى رىملىقلارنىڭ ھەم گرېكلارنىڭ مەدەنىيىتى ئىدى. ئابباسىيلارنىڭ ئىمپېرىيە مەدەنىيىتى قىسمەن پارس، قىسمەن گرېك، قىسمەن ئەرەب مەدەنىيىتى ئىدى. موڭغۇللارنىڭ ئىمپېرىيە مەدەنىيىتى بولسا خىتاينىڭ تەقلىدى ئىدى. بۈگۈنكى ئامېرىكا ئىمپېرىيەسىدە، كېنىيەلىكنىڭ نەسلىدىن بولغان بىر ئامېرىكا پرېزىدېنتى بىر ياقتىن ئىتالىيە پىزاسىنى يېگەچ، بىر ياقتىن ئەنگىلىيەنىڭ قەھرىمانلىق داستانى—ئەرەبلەرنىڭ تۈركلەرگە قارشى ئۇرۇشى ھەققىدە ئىشلەنگەن  «ئەرەبىستانلىق لورېنس» فىلىمىنى كۆرەلەيدۇ.

بۇ مەدەنىيەت جاھانگىرلىكى بويسۇندۇرۇلغان خەلقنى تېزلا ئاسسىمىلياتسىيە قىلدى دېگەنلىك ئەمەس. ئىمپېرىيە مەدەنىيىتى بويسۇندۇرۇلغان خەلقلەردىن نۇرغۇن نەرسىلەرنى قوبۇل قىلغان بولسىمۇ، بۇنداق ئەبجەش مەدەنىيەت كۆپ سانلىق ئادەمگە يەنىلا يات ئىدى. مەدەنىيەتنى ئۆزگەرتىش جەريانى كۆپ ھاللاردا ئازابلىق ۋە زىيان-زەخمەتلىك بولغان. تونۇش ۋە مېھىرلىك بولغان يەرلىك ئەنئەنىدىن ۋاز كېچىش ئاسان ئەمەس، يېڭى مەدەنىيەتنى چۈشىنىش ۋە قوبۇل قىلىشمۇ قىيىن ھەم مۇشەققەتلىك. تېخىمۇ يامىنى، بويسۇندۇرۇلغان خەلقلەر ئىمپېرىيە مەدەنىيىتىنى قوبۇل قىلىشتا مۇۋەپپەقىيەت قازانغان بولسىمۇ، ئىمپېرىيە سەر خىللىرىنىڭ ئۇلارنى «بىز»نىڭ بىر قىسمىمىز دەپ قوبۇل قىلىشىغا ئون يىللار، ھەتتا يۈز يىللار كەتكەن. بويسۇندۇرۇش بىلەن قوبۇل قىلىش ئارىسىدىكى ئەۋلادلار سىرتتا قالدۇرۇلغان. ئۇلار ئاللىقاچان قەدىناس يەرلىك مەدەنىيىتىدىن ئايرىلغان، ئەمما ئىمپېرىيە دۇنياسىغا تەڭ دەرىجىدە قېتىلىشىغا رۇخسەت قىلىنمىغان. بەلكى ئۇلار ئۆزلىرى قوبۇل قىلغان مەدەنىيەت تەرىپىدىن يەنىلا ياۋايىلار دەپ قارالغان.

نۇمانتىيەنىڭ يىقىلىشىدىن بىر ئەسىر كېيىن ياشىغان ياخشى نەسەبلىك بىر ئىبېرىيەلىكنى تەسەۋۋۇر قىلىڭ. ئۇ ئاتا-ئانىسى بىلەن ئۆزىنىڭ كېلت تىلىدا سۆزلىشىدۇ، ئەمما سودا-سېتىق ۋە ھۆكۈمەت ئىشلىرىنى بېجىرىش ئۈچۈن لاتىنچە ئۆگەنگەن، شۇنداقتىمۇ تەلەپپۇزىدىن چېنىپ قالىدۇ. ئۇ ئايالىنىڭ نەپىس، چىرايلىق زىننەت بۇيۇملىرىغا بولغان قىزىقىشىغا يول قويىدۇ، ئەمما ئايالىنىڭ زىبۇ زىننەتلەردىن زوقلىنىشتا يەرلىك كېلت ئاياللىرىغا ئوخشاپ قالغانلىقىدىن بىرئاز ئوڭايسىزلىنىدۇ، چۈنكى ئۇ ئايالىنىڭ رىم ۋالىيسىنىڭ ئايالى تاقايدىغان پاكىز، ئاددىي زىننەت بۇيۇملىرىنى تاقىشىنى خالايدۇ. ئۇ ئۆزى رىم كىيىملىرىنى كىيىدۇ ۋە رىم سودا قانۇنىنىڭ نازۇك نۇقتىلىرىنى ياخشى بىلگەنلىكىدىن، چارۋا سودىسىدىكى مۇۋەپپەقىيىتى ئارقىلىق رىم ئۇسلۇبىدا داچا ئۆي سالدۇرالىغان. ئەمما، ئۇ ۋېرگىلنىڭ «يېزا ئىگىلىك» ناملىق ئەسىرىنىڭ ئۈچىنچى قىسمىنى يادا دەپ بېرەلىسىمۇ، رىملىقلار ئۇنى يەنىلا يېرىم-ياتا ياۋايى كۆرىدۇ. شۇنىڭ بىلەن ئۇ ئۆزىنىڭ ھېچقاچان ھۆكۈمەت ۋەزىپىسىگە ياكى بۈيۈك تىياتىرخانىلاردىكى ياخشى ئورۇنلارغا ئېرىشەلمەيدىغانلىقىنى بىئاراملىق ئىچىدە چۈشىنىدۇ.

19-ئەسىرنىڭ ئاخىرلىرىدا، نۇرغۇن ئوقۇمۇشلۇق ھىندىستانلىقلارغا ئۇلارنىڭ ئەنگلىيەلىك خوجايىنلىرى ئوخشاش دەرسنى ئۆگەتكەن. مەشھۇر بىر ھېكايىدە، تىرىشچان بىر ھىندىستانلىق ئىنگلىز تىلىنىڭ نازۇك نۇقتىلىرىنى ئىگىلىگەن، غەرب ئۇسلۇبىدىكى ئۇسسۇلنى ئۆگەنگەن، ھەتتا پىچاق-ۋىلكا بىلەن تاماق يېيىشكە كۆنگەن. ئۇ يېڭى ئەدەپ-ئەخلاقلىرى بىلەن ئەنگلىيەگە بېرىپ، لوندون ئۇنىۋېرسىتېتىدا قانۇن ئۆگەنگەن ۋە لاياقەتلىك ئادۋوكات بولغان. بىراق، كاستۇم-بۇرۇلكا كىيىپ، گلاستۇك تاقىغان بۇ ياش ھوقۇقشۇناس، جەنۇبىي ئافرىقىدىكى ئەنگىلىيە مۇستەملىكىسىدە، «قارىۋايلار» مېڭىشى كېرەك بولغان ئۈچىنچى دەرىجىلىك ۋاگونغا چۈشمەي، بىرىنچى دەرىجىلىك ۋاگوندا مېڭىشتا چىڭ تۇرغانلىقى ئۈچۈن پويىزدىن ھەيدەپ چىقىرىلغان. ئۇنىڭ ئىسمى موھانداس كارامچاند گەندى ئىدى.

بەزى ئەھۋاللاردا، مەدەنىيلىشىش ۋە ئاسسىمىلياتسىيە جەريانى يېڭى كەلگۈچىلەر بىلەن كونا سەر خىللار ئارىسىدىكى توسالغۇلارنى ئاخىر يوقاتقان. بويسۇندۇرۇلغانلار ئەمدى ئىمپېرىيەنى يات ئىشغالىيەت سىستېمىسى دەپ قارىمىغان، ئىشغال قىلغۇچىلارمۇ ئۆز پۇقرالىرىنى ئۆزلىرىگە تەڭ دەپ قاراشقا باشلىغان. ھۆكۈمرانلار ۋە ھۆكۈمرانلىق قىلىنغۇچىلار «ئۇلار»نى «بىز» دەپ قاراشقا باشلىغان. ئەسىرلەر داۋاملاشقان ئىمپېرىيە ھۆكۈمرانلىقىدىن كېيىن، رىمنىڭ بارلىق پۇقرالىرىغا رىم گراژدانلىقى بېرىلگەن. رىملىق بولمىغانلارمۇ رىم قوشۇنلىرىنىڭ ئوفىتسېرلار قىسمىدىكى يۇقىرى ئورۇنلارغا ئۆستۈرۈلگەن ۋە دۆلەت مەجلىسىگە تەيىنلەنگەن. مىلادى 48-يىلى ئىمپېراتور كلاۋدىئۇس بىر قانچە گاللىيەلىك ئاقسۆڭەكنى دۆلەت مەجلىسىگە قوبۇل قىلغان. ئۇ سۆزىدە ئۇلارنىڭ «ئۆرپ-ئادەت، مەدەنىيەت ۋە نىكاھ مۇناسىۋەتلىرى ئارقىلىق رىملىقلار بىلەن بىرلەشكەنلىكى»نى تىلغا ئالغان. تەكەببۇر سېناتورلار (رىم دۆلەت مەجلىسى ئەزالىرى) بۇ سابىق دۈشمەنلەرنىڭ رىم سىياسىي سىستېمىسىنىڭ يادروسىغا كىرگۈزۈلۈشىگە قارشى چىققان. كلاۋدىئۇس ئۇلارغا ئاچچىق بىر ھەقىقەتنى ئەسلەتكەن: ئۇلارنىڭ كۆپىنچە سېناتور جەمەتلىرى ئەسلىدە رىمغا قارشى جەڭ قىلغان، كېيىن رىم گراژدانلىقىغا ئېرىشكەن ئىتالىيە قەبىلىلىرىدىن كەلگەن. ئىمپېراتورمۇ ئۇلارغا ئۆزىنىڭ جەمەتىنىڭمۇ ئەسلىدە سابىنلىقلاردىن ئىكەنلىكىنى ئەسلەتكەن.

مىلادى 2-ئەسىردە، رىم ئىمپېرىيەسى ئىبېرىيەدە تۇغۇلغان بىر قاتار ئىمپېراتورلار تەرىپىدىن ئىدارە قىلىندى. ئۇلارنىڭ قېنىدا يەرلىك ئىبېرىيە قېنى بار ئىدى. تراجان، ھادرىئان، ئانتونىنۇس پىئۇس ۋە ماركۇس ئاۋرېلىئۇسنىڭ ھۆكۈمرانلىقى دەۋرى ئىمپېرىيەنىڭ ئالتۇن دەۋرى دەپ قارىلىدۇ. شۇنىڭدىن كېيىن، بارلىق ئېتنىك توسالغۇلار يوقالدى. ئىمپېراتور سېپتىمىئۇس سېۋېرۇس (193-211) لىۋىيەدىن كەلگەن پۇنىك ئائىلىسىنىڭ ئەۋلادى ئىدى. ئېلاگابالۇس (218-222) سۇرىيەلىك ئىدى. ئىمپېراتور فىلىپ (244-249) «ئەرەب فىلىپ» دەپ تونۇلغان. ئىمپېرىيەنىڭ يېڭى پۇقرالىرى رىم ئىمپېرىيە مەدەنىيىتىنى شۇنچىلىك قىزغىنلىق بىلەن قوبۇل قىلدىكى، ئىمپېرىيە يىمىرىلگەندىن كېيىنمۇ ئەسىرلەر، ھەتتا مىڭ يىللار داۋامىدا ئىمپېرىيەنىڭ تىلىدا سۆزلەشنى، لېۋانت ئۆلكىلىرىدىن قوبۇل قىلغان خرىستىيان خۇداسىغا ئىشىنىشنى ۋە ئىمپېرىيەنىڭ قانۇنلىرى بويىچە ياشاشنى داۋاملاشتۇردى.

ئەرەب ئىمپېرىيەسىدىمۇ ئوخشاش جەريان يۈز بەردى. مىلادى 7-ئەسىرنىڭ ئوتتۇرىلىرىدا قۇرۇلغاندا، ئەرەب ئىمپېرىيەسى ھۆكۈمران ئەرەب-مۇسۇلمان ئېلىتلىرى بىلەن بويسۇندۇرۇلغان مىسىرلىقلار، سۇرىيەلىكلەر، ئىرانلىقلار ۋە بەربەرلەر ئارىسىدىكى كەسكىن ئايرىملىققا ئاساسلانغان ئىدى. ئىمپېرىيە پۇقرالىرىنىڭ كۆپ قىسمى ئاستا-ئاستا ئىسلام دىنىنى، ئەرەب تىلىنى ۋە ئارىلاشما ئىمپېرىيە مەدەنىيىتىنى قوبۇل قىلدى. كونا ئەرەب ئاقسۆڭەكلىرى ئۆزلىرىنىڭ ئالاھىدە ئورنى ۋە كىملىكىنى يوقىتىشتىن ئەنسىرەپ، بۇ يېڭى كەلگۈندىلەرگە چوڭقۇر دۈشمەنلىك نەزىرى بىلەن قارىدى. نارازى بولغان يېڭى مۇسۇلمانلار ئىمپېرىيە ۋە ئىسلام دۇنياسىدا تەڭ ھوقۇق تەلەپ قىلدى. ئاخىرىدا ئۇلار ئۆز مەقسىتىگە يەتتى. مىسىرلىقلار، سۇرىيەلىكلەر ۋە مېسوپوتامىيەلىكلەر بارغانسېرى «ئەرەب» دەپ قارالدى. ئەرەبلەر – مەيلى ئەرەبىستاندىن كەلگەن «ھەقىقىي» ئەرەبلەر بولسۇن ياكى مىسىر ۋە سۇرىيەدىن چىققان يېڭى ئەرەبلەر بولسۇن – ئۆز نۆۋىتىدە بارغانسېرى ئەرەب بولمىغان مۇسۇلمانلار، بولۇپمۇ ئىرانلىقلار، تۈركلەر ۋە بەربەرلەرنىڭ ھۆكۈمرانلىقى ئاستىغا كىردى. ئەرەب ئىمپېرىيە تۈزۈمىنىڭ چوڭ مۇۋەپپەقىيىتى شۇكى، ئۇ ياراتقان ئىمپېرىيە مەدەنىيىتىنى نۇرغۇن ئەرەب بولمىغان خەلقلەر چىن كۆڭلىدىن قوبۇل قىلدى ۋە ئەسلى ئىمپېرىيە يىمىرىلىپ، ئەرەبلەر بىر ئېتنىك گۇرۇپپا سۈپىتىدە ھۆكۈمرانلىقىنى يوقاتقاندىن كېيىنمۇ، ئۇنى داۋاملىق ساقلاپ، تەرەققىي قىلدۇردى ۋە تارقاتتى.

خىتايدا ئىمپېرىيە تۈزۈمىنىڭ مۇۋەپپەقىيىتى تېخىمۇ تولۇق بولدى. 2000 يىلدىن ئارتۇق ۋاقىت ئىچىدە، دەسلەپتە ياۋايى دەپ قارالغان نۇرغۇن ئېتنىك ۋە مەدەنىيەت گۇرۇپپىلىرى خىتاي ئىمپېرىيە مەدەنىيىتىگە مۇۋەپپەقىيەتلىك ھالدا سىڭىپ، خەن مىللىتىگە ئايلاندى (بۇ نام مىلادىدىن بۇرۇنقى 206-يىلدىن مىلادى 220-يىلغىچە خىتاينى ئىدارە قىلغان خەن ئىمپېرىيەسىدىن كەلگەن). خىتاي ئىمپېرىيەسىنىڭ ئەڭ چوڭ نەتىجىسى شۇكى، ئۇ ھازىرمۇ ياشاۋاتىدۇ، ئەمما تىبەت ۋە ئۇيغۇر ئېلىدەك چەت رايونلارنى قاتمىغاندا، ئۇنى ئىمپېرىيە دەپ قاراش تەس. خىتاي نوپۇسىنىڭ 90 پىرسەنتتىن ئارتۇقى ئۆزلىرى ۋە باشقىلار تەرىپىدىن خىتاي دەپ قارىلىدۇ.

يېقىنقى نەچچە ئون يىللىق مۇستەملىكىدىن قۇتۇلۇش جەريانىنىمۇ ئاشۇنداق چۈشەنسەك بولىدۇ. بۈگۈنكى دەۋردە ياۋروپالىقلار ئۈستۈن غەرب مەدەنىيىتىنى تارقىتىش باھانىسى بىلەن دۇنيانىڭ كۆپ قىسمىنى بويسۇندۇردى. ئۇلار شۇنچىلىك مۇۋەپپەقىيەت قازاندىكى، نەچچە مىليارد ئىنسان بۇ مەدەنىيەتنىڭ مۇھىم قىسىملىرىنى ئاستا-ئاستا قوبۇل قىلدى. ھىندىستانلىقلار، ئافرىقىلىقلار، ئەرەبلەر، خىتايلار ۋە ماۋرىلار[1] فرانسۇز، ئىنگلىز ۋە ئىسپان تىللىرىنى ئۆگەندى. ئۇلار كىشىلىك ھوقۇق ۋە ئۆز تەقدىرىنى ئۆزى بەلگىلەش پرىنسىپىغا ئىشىنىشكە باشلىدى ھەمدە لىبېرالىزم، كاپىتالىزم، كوممۇنىزم، فېمىنىزم ۋە مىللەتچىلىك قاتارلىق غەرب ئىدىيەلىرىنى قوبۇل قىلدى.

ئىمپېرىيەنىڭ دەۋرىيلىكى

ياۋروپا ئىمپېرىيالىزمىئىسلامرىمسەھنە
ياۋروپالىقلار ياۋروپا ئىمپېرىيەلىرىنى قۇردىئەرەبلەر ئەرەب خەلىپىلىكى قۇردىرىملىقلار رىم ئىپمېرىيەسىنى قۇردىكىچىك (ئېتنىك) گۇرۇپ بۈيۈك ئىمپېرىيە قۇردى
غەرب مەدەنىيىتىئەرەب-ئىسلام مەدەنىيىتىگرېك-رىم مەدەنىيىتىئىمپېرىيە مەدەنىيىتى شەكىللەندى
كىشىلەر ئىنگىلىز تىلى، فرانسوز تىلى، سوتسىيالىزم، مىللەتچىلىك ، كىشىلىك ھوقۇق ئىدىيەلىرى ۋە باشقا نەرسىلەرنى قوبۇل قىلدى.كىشىلەر ئەرەب-ئىسلام مەدەنىيىتى ۋە باشقا نەرسىلەرنى  قوبۇل قىلدى.كىشىلەر لاتىن، رىم قانۇنى، رىمنىڭ سىياسىي ئىدىيەسى ۋە باشقا نەرسىلەرنى قوبۇل قىلدى. ئىمپرىيە مەدەنىيىتى كىشىلەر تەرىپىدىن قوبۇل قىلىندى.
ھىندىستانلىقلار، خىتايلار ۋە ئافرىقالىقلار غەربنىڭ مىللەتچىلىك، سوتسىيالىزم ۋە كىشىلىك ھوقۇق قىممەت قاراشلىرىغا ئاساسەن، ئۆزلىرىنىڭ ياۋروپالىقلار بىلەن تەڭ-باراۋەر بولۇشىنى تەلەپ قىلدى.مىسىرلىقلار، ئىرانلىقلار ۋە بەربەرلەر ئىسلامنىڭ قىممەت قارىشىغا ئاساسەن، ئۆزلىرىنىڭ ئەرەبلەر بىلەن تەڭ-باراۋەر بولۇشىنى تەلەپ قىلدى.ئىللىيرانس، گالۇس، پۇنىكس قاتارلىق يەرلىك خەلقلەر رىمنىڭ قىممەت قارىشىغا ئاساسەن، ئۆزلىرىنىڭ رىملىقلار بىلەن تەڭ-باراۋەر بولۇشىنى تەلەپ قىلدى.كىشىلەر ئىمپېرىيەنىڭ قىممەت قارىشىغا ئاساسەن، تەڭ-باراۋەرلىك تەلەپ قىلدى.
ياۋروپالىقلار دۇنياغا خوجا بولۇش ئورنىنى يوقاتتى، ھەر مىللەت سەرخىللىرى بولسا غەربنىڭ قىممەت قارىشى ۋە ئىدىيەلىرىنى تارقىتىشقا تۆھپە قوشتىئەرەبلەر مۇسۇلمانلار دۇنياسىغا خوجا بولۇش ئورنىنى يوقاتتى، ئەمما مۇسۇلمان مىللەتلەردىن كۆپلىگەن سەر خىللار مەيدانغا كەلدىرىملىقلار بىرلا مىللەت بولۇشقا خاتىمە بەردى، ئىمپېرىيەنىڭ ھوقۇقى كۆپ مىللەتلەردىن بولغان يېڭى سەر خىللارنىڭ قولىغا ئۆتتىئىمپېرىيەنىڭ قۇرغۇچىلىرى ھاكىمىيەت ئورنىنى يوقاتتى
ھىندىستانلىقلار، خىتايلار، ئافرىقالىقلار ئۆزلىرى قوبۇل قىلغان غەرب مەدەنىيىتىنى داۋاملىق تەرەققىي قىلدۇردىمىسىرلىقلار، ئىرانلىقلار ۋە بەربەرلەر ئۆزلىرى قوبۇل قىلغان ئىسلام مەدەنىيىتىنى داۋاملىق تەرەققىي قىلدۇردىئىللىيرانس، گالۇس ۋە پۇنىكىسلار ئۆزلىرى قوبۇل قىلغان رىم مەدەنىيىتىنى داۋاملىق تەرەققىي قىلدۇردىئىمپېرىيە مەدەنىيىتى داۋاملىق گۈللىنىپ تەرەققىي قىلدى

20-ئەسىردە، غەرب قىممەت قاراشلىرىنى قوبۇل قىلغان يەرلىك گۇرۇپپىلار دەل مۇشۇ قىممەت قاراشلارغا ئاساسەن، ياۋروپالىق بويسۇندۇرغۇچىلار بىلەن باراۋەر ئىكەنلىكىنى جاكارلىدى. مۇستەملىكىگە قارشى نۇرغۇن كۈرەشلەر ئۆز تەقدىرىنى ئۆزى بەلگىلەش، سوتسىيالىزم ۋە كىشىلىك ھوقۇق بايراقلىرى ئاستىدا ئېلىپ بېرىلدى. بۇلارنىڭ ھەممىسى غەربنىڭ مىراسلىرى ئىدى. مىسىرلىقلار، ئىرانلىقلار ۋە تۈركلەر ئەسلىدىكى ئەرەب ئىستىلاچىلىرىدىن مىراس قالغان ئىمپېرىيە مەدەنىيىتىنى قوبۇل قىلىپ ماسلاشتۇرغاندەك، بۈگۈنكى ھىندىستانلىقلار، ئافرىقىلىقلار ۋە خىتايلارمۇ سابىق غەرب ھۆكۈمرانلىرىنىڭ ئىمپېرىيە مەدەنىيىتىنىڭ كۆپ قىسمىنى قوبۇل قىلدى ھەمدە ئۇنى ئۆزلىرىنىڭ ئېھتىياجى ۋە ئەنئەنىلىرىگە ماسلاشتۇرۇشقا تىرىشتى.

تارىختىكى ياخشىلار ۋە يامانلار

تارىخنى ياخشىلار ۋە يامانلارغا ئېنىق ئايرىش، شۇنداقلا بارلىق ئىمپېرىيەلەرنى يامانلار قاتارىغا كىرگۈزۈش كىشىنى جەلپ قىلىدۇ. چۈنكى كۆپىنچە ئىمپېرىيەلەر قىرغىنچىلىق ئۈستىگە قۇرۇلغان، ئاندىن زۇلۇم ۋە ئۇرۇش ئارقىلىق ھاكىمىيىتىنى ساقلىغان. بىراق، بۈگۈنكى مەدەنىيەتلەرنىڭ كۆپىنچىسى ئىمپېرىيە مىراسلىرىغا ئاساسلانغان. ئەگەر ئىمپېرىيەلەر ماھىيەتتە يامان بولسا، بىز ئۈچۈن ئۇنىڭ ئەھمىيىتى نېمە؟

بەزى پىكىر ئېقىملىرى ۋە سىياسىي ھەرىكەتلەر بۈگۈنكى ئىنسان مەدەنىيىتىنى ئىمپېرىيە مىراسلىرىدىن تازىلاپ، ئۆزلىرى ئاتىۋالغان «ساپ، ھەقىقىي، بۇلغانمىغان مەدەنىيەت»نى ساقلاپ قېلىشقا ئۇرۇنماقچى بولىدۇ. بۇنداق ئىدىيە تولىمۇ ساددا؛ قاتتىقراق ئېيتقاندا، ئۇ ئەسەبىي مىللەتچىلىك ۋە جاھىل مەغرۇرلۇقنى پەردازلاپ كۆرسىتىشتۇر. سىز بەلكىم يازما تارىخنىڭ دەسلەپكى مەزگىلىدە مەيدانغا كەلگەن سانسىزلىغان مەدەنىيەتلەرنىڭ بەزىلىرىنى ساپ، پاك ۋە باشقا جەمئىيەتلەر تەرىپىدىن بۇلغانمىغان دېيىشىڭىز مۇمكىن، ئەمما شۇ مەزگىلدىن كېيىنكى ھېچقانداق مەدەنىيەت، بولۇپمۇ ھازىرقى دۇنيادا مەۋجۇت بولۇپ تۇرۇۋاتقان مەدەنىيەتلەر بۇنداق دەۋا قىلالمايدۇ. بارلىق مەدەنىيەتلەر ئازدۇر-كۆپتۇر ئىمپېرىيەلەر ۋە ئىمپېرىيە مەدەنىيەتلىرىنىڭ مىراسىدۇر. ئىلمىي ياكى سىياسىي ئوپىراتسىيەلەرنىڭ ھېچقايسىسى بىمارنى ئۆلتۈرمەي تۇرۇپ، ئىمپېرىيە مىراسلىرىنى كېسىپ تاشلىيالمايدۇ.

مەسىلەن، بۈگۈنكى مۇستەقىل ھىندىستان بىلەن ئەنگىلىيە ئوتتۇرىسىدىكى مۇھەببەت-نەپرەت مۇناسىۋىتىنى ئويلاپ بېقىڭ. ئەنگىلىيەنىڭ ھىندىستاننى بويسۇندۇرۇشى ۋە ئىشغال قىلىشى مىليونلىغان ھىندىستانلىقلارنىڭ ھاياتىغا زامىن بولدى ھەمدە يۈز مىليونلىغان كىشىلەرنىڭ داۋاملىق خورلىنىشى ۋە ئېكسپىلاتاتسىيە قىلىنىشىغا سەۋەب بولدى. شۇنداقتىمۇ، نۇرغۇن ھىندىستانلىقلار ئېتىقاد يېڭىلاش قىزغىنلىقى بىلەن ئۆز تەقدىرىنى ئۆزى بەلگىلەش ۋە كىشىلىك ھوقۇق قاتارلىق غەرب ئىدىيەلىرىنى قوبۇل قىلدى. ئەنگىلىيەلىكلەر يەرلىك ھىندىستانلىقلارغا ئەنگىلىيە پۇقرالىرى سۈپىتىدە تەڭ ھوقۇق ياكى مۇستەقىللىق بېرىشنى رەت قىلىپ، ئۆزلىرى جاكارلىغان قىممەت قاراشلىرىغا ئەمەل قىلمىغاندا، ھىندىستانلىقلارنىڭ كۆڭلى يېرىم بولدى.

شۇنداقتىمۇ، بۈگۈنكى ھىندىستان دۆلىتى ئەنگىلىيە ئىمپېرىيەسىنىڭ پەرزەنتىدۇر. ئەنگىلىيەلىكلەر ھىندىستان خەلقىگە زىيانكەشلىك قىلىپ، ئۇلارنى ئۆلتۈرگەن، يارىلاندۇرغان بولسىمۇ، ئۆز نۆۋىتىدە ئۇرۇشقاق پادىشاھلىقلار، بەگلىكلەر ۋە قەبىلىلەرنى بىرلەشتۈرۈپ، ئورتاق مىللىي ئاڭ ۋە بىر پۈتۈن سىياسىي گەۋدە سۈپىتىدە خىزمەت قىلىدىغان بىر دۆلەتنى ياراتتى. ئۇلار ھىندىستان سوت سىستېمىسىنىڭ ئاساسىنى سالدى، مەمۇرىي قۇرۇلمىسىنى بەرپا قىلدى ۋە ئىقتىسادىي جەھەتتىن بىرلىككە كېلىشتە مۇھىم رول ئوينىغان تۆمۈر يول تورىنى قۇردى. مۇستەقىل ھىندىستان ئەنگىلىيە نۇسخىسىدىكى غەرب دېموكراتىيەسىنى ئۆزىنىڭ ھۆكۈمەت شەكلى سۈپىتىدە قوبۇل قىلدى. ئىنگلىز تىلى   ھىندى، تامىل ۋە مالايالام تىللىرىدا سۆزلىشىدىغان كىشىلەر بىر-بىرى بىلەن ئالاقە قىلالايدىغان ئورتاق تىل سۈپىتىدە خىزمەت قىلىپ كەلمەكتە. ھىندىستانلىقلار كالتەك توپ ئويۇنىغا ئامراق ۋە چاي ئىچىشكە ھېرىسمەن بولۇپ، بۇلارنىڭ ھەممىسى ئەنگىلىيە مىراسلىرىدۇر. 19-ئەسىرنىڭ ئوتتۇرىلىرىغىچە چاي ئۆستۈرۈپ سېتىش ھىندىستاندا مەۋجۇت ئەمەس ئىدى، ئۇنى ئەنگىلىيە شەرقىي ھىندىستان شىركىتى كىرگۈزگەن. ھىندىستاندا چاي ئىچىش ئادىتىنى تارقاتقانلارمۇ ئەنگىلىيەلىك تەكەببۇر خوجايىنلار ئىدى.

28. بومبايدىكى چاتراۋات شىۋاجى پويىز ئىستانسىسى. 19-ئەسىرنىڭ ئاخىرى ئەنگىلىيە گوتىك ئۇسلۇبىدا سېلىنغان بۇ پويىز ئىستانسىسى ۋىكتورىيە دەۋرىدىن تارتىپ بومبايدا ئىشلىتىلىپ كەلگەن. ھىندىستان مىللىي ھۆكۈمىتى شەھەرنىڭ ئىسمى ۋە پويىز ئىستانسىسىنىڭ نامىنى ئۆزگەرتكەن، ئەمما بۇ كۆركەم قۇرۇلۇشنى (گەرچە ئۇ مۇستەملىكىچىلەرنىڭ مىراسى بولسىمۇ) چېقىپ تۈزلىۋەتمىگەن.


بۈگۈنكى كۈندە قانچە ھىندىستانلىق دېموكراتىيە، ئىنگلىز تىلى، تۆمۈر يول تورى، قانۇن سىستېمىسى، كالتەك توپ ۋە چاي قاتارلىقلارنى ئىمپېرىيە مىراسلىرى دەپ، ئۇلاردىن ۋاز كېچىش ئۈچۈن بىر قېتىم ئاۋاز بېرىشنى خالايدۇ؟ ئەگەر ئۇلار شۇنداق قىلسا، بۇ مەسىلىنى ھەل قىلىش ئۈچۈن ئاۋاز بېرىشنى تەلەپ قىلىشنىڭ ئۆزىلا ئۇلارنىڭ سابىق ھۆكۈمرانلارغا بولغان قەرزىنى كۆرسەتمەمدۇ؟

تاج ماھال مەقبەرىسى. بۇ «ھەقىقىي» ھىندىستان مەدەنىيىتىنىڭ مىراسىمۇ ياكى ئىسلام ئىمپېرىيەسى قالدۇرغان يات مەدەنىيەت مىراسىمۇ؟

ھەتتا بىز رەھىمسىز ئىمپېرىيەنىڭ مىراسلىرىدىن پۈتۈنلەي ۋاز كېچىپ، ئۇنىڭدىن بۇرۇنقى «ئەسلى» مەدەنىيەتلەرنى قايتا قۇرۇش ۋە قوغداش ئۈمىدىدە بولساقمۇ، بىز قوغداۋاتقان نەرسە ئېھتىمال تېخىمۇ قەدىمكى ۋە ئوخشاشلا رەھىمسىز بىر ئىمپېرىيەنىڭ مىراسىدىن باشقا نەرسە ئەمەس. ئەنگىلىيە مۇستەملىكىچىلىرى ھىندىستان مەدەنىيىتىنى ۋەيران قىلدى دېگۈچىلەر ئۆزلىرىمۇ بىلمەستىن موغۇل ئىمپېرىيەسى ۋە دېھلى سۇلتانلىقىنىڭ مىراسلىرىنى مۇقەددەسلەشتۈرىدۇ.كىمكى «ساپ ھىندىستان مەدەنىيىتى»نى ئۇ مۇسۇلمان ئىمپېرىيەلەرنىڭ يات تەسىرىدىن قۇتقۇزماقچى بولسا، گۇپتا ئىمپېرىيەسى، كۇشان ئىمپېرىيەسى ۋە ماۋرىيا ئىمپېرىيەسىنىڭ مىراسلىرىنى مۇقەددەسلەشتۈرگەن بولىدۇ. ئەگەر بىر ئەشەددىي ھىندى مىللەتچىسى ئەنگىلىيە مۇستەملىكىچىلىرى قالدۇرغان بومباي پويىز ئىستانسىسى قاتارلىق بارلىق قۇرۇلۇشلارنى چېقىۋەتمەكچى بولسا، مۇسۇلمان ئىستىلاچىلىرى قالدۇرغان تاج ماھال قاتارلىق قۇرۇلۇشلارنى قانداق قىلىشى كېرەك؟

مەدەنىي مىراس مەسىلىسىنى قانداق ھەل قىلىشنى ھەقىقەتەن ھېچكىم بىلمەيدۇ. قايسى يولنى تاللىساق، ئەڭ باشتا بۇ خىل زىددىيەتنىڭ مۇرەككەپلىكىنى ئېتىراپ قىلىش ۋە ئۆتمۈشنى ئاددىيلا ياخشى-يامان دەپ ئايرىشنىڭ ھېچقانداق نەتىجە بەرمەيدىغانلىقىنى قوبۇل قىلىشىمىز كېرەك. ئەگەر بىز يامانلارنىڭ يولىغا ئەگەشكەنلىكىمىزنى ئېتىراپ قىلىشقا رازى بولساق، بۇ باشقا گەپ.

يېڭى دۇنياۋى ئىمپېرىيە

مىلادىدىن بۇرۇنقى 200-يىللاردىن باشلاپ، كۆپىنچە ئىنسانلار ئىمپېرىيەلەر ئىچىدە ياشاپ كەلدى. كەلگۈسىدىمۇ كۆپچىلىك ئىنسانلار بىر ئىمپېرىيە ئىچىدە ياشىشى مۇمكىن. ئەمما بۇ قېتىم بۇ ئىمپېرىيە ھەقىقىي مەنىدىكى دۇنياۋى ئىمپېرىيە بولىدۇ. پۈتۈن دۇنياغا ھۆكۈمرانلىق قىلىش كۆز قارىشى يېقىنلاشماقتا.

21-ئەسىر كېلىشى بىلەن، مىللەتچىلىك تېز سۈرئەتتە ئاجىزلاشماقتا. تېخىمۇ كۆپ كىشىلەر سىياسىي ھوقۇقنىڭ قانۇنلۇق مەنبەسى مەلۇم بىر مىللەتنىڭ ئەزالىرى ئەمەس، بەلكى پۈتكۈل ئىنسانىيەت دەپ قارايدۇ. ئۇلارنىڭ قارىشىچە، كىشىلىك ھوقۇقنى قوغداش ۋە پۈتكۈل ئىنسان ئىرقىنىڭ مەنپەئەتىنى ھىمايە قىلىش سىياسەتنىڭ مەشئىلى بولۇشى كېرەك. ئۇ ھالدا، 200 گە يېقىن مۇستەقىل دۆلەتنىڭ بولۇشى پايدىلىق ئەمەس، بەلكى توسالغۇ بولۇپ قالىدۇ. شىۋېتسىيەلىكلەر، ھىندونېزىيەلىكلەر ۋە نىگېرىيەلىكلەر ئوخشاشلا كىشىلىك ھوقۇققا لايىق تۇرسا، بىرلا دۇنياۋى ھۆكۈمەت بۇلارنى قوغدىسا تېخىمۇ قولاي ئەمەسمۇ؟

قۇتۇپتىكى مۇزلارنىڭ ئېرىشى قاتارلىق كىلىمات مەسىلىلىرىنىڭ كېلىپ چىقىشى مۇستەقىل دۆلەتلەرنىڭ قانۇنىيلىقىنى يەنىمۇ ئاجىزلاشتۇرماقتا. ھېچقانداق بىر ئىگىلىك ھوقۇقلۇق دۆلەت يەر شارىنىڭ ئىسسىپ كېتىشىنى ئۆزى يالغۇز ھەل قىلالمايدۇ. خىتاينىڭ ھۆكۈمرانلىق ھوقۇقى ئىنسانىيەتنىڭ مەسىلىلىرىنى ھەل قىلىش ئۈچۈن «ئەرشى ئەلادىن بېرىلگەن» بولسا، ئەرشى ئەلانىڭ مەسىلىسىنى، يەنى ئوزون قەۋىتىدىكى يوچۇق ۋە پارنىك گازلىرىنىڭ توپلىنىشى قاتارلىق مەسىلىلەرنى ھەل قىلىش ئىنسانىيەت تەرىپىدىن بېرىلگەن. دۇنياۋى ئىمپېرىيەنىڭ رەڭگى يېشىل بولۇشى مۇمكىن.

2014-يىلىغىچە، دۇنيا سىياسىي جەھەتتىن تېخىمۇ پارچىلانغان ھالەتتە بولسىمۇ، دۆلەتلەر تېز سۈرئەتتە مۇستەقىللىقىنى يوقاتماقتا. ئۇلارنىڭ ھېچقايسىسى مۇستەقىل ئىقتىسادىي سىياسەت يۈرگۈزەلمەيدۇ، خالىغانچە ئۇرۇش ئېلان قىلىپ جەڭ قىلالمايدۇ، ھەتتا ئۆز ئىچكى ئىشلىرىنىمۇ ئۆزى خالىغانچە باشقۇرالمايدۇ. دۆلەتلەر بارغانسېرى دۇنياۋى بازارلارنىڭ سۈيىقەستلىرىگە، خەلقئارالىق شىركەتلەر ۋە ھۆكۈمەتسىز تەشكىلاتلارنىڭ ئارىلىشىشىغا، ھەمدە دۇنياۋى جامائەت پىكرى ۋە خەلقئارالىق سوت سىستېمىسىنىڭ نازارىتىگە ئۇچرىماقتا. دۆلەتلەر مالىيە، مۇھىت مۇھاپىزىتى ۋە ئەدلىيە جەھەتتىكى دۇنياۋى ئۆلچەملەرگە بويسۇنۇشقا مەجبۇر.

كاپىتال، ئەمگەك كۈچى ۋە ئۇچۇرلارنىڭ كۈچلۈك ئېقىملىرى دۆلەتلەرنىڭ چېگرالىرى ۋە پىكىرلىرىگە پەرۋا قىلماستىن دۇنيانى شەكىللەندۈرمەكتە ۋە ئۆزگەرتمەكتە.

كۆز ئالدىمىزدا شەكىللىنىۋاتقان دۇنياۋى ئىمپېرىيە مەلۇم بىر دۆلەت ياكى مىللەت تەرىپىدىن ئىدارە قىلىنمايدۇ؛ بەلكى كېيىنكى رىم ئىمپېرىيەسىگە ئوخشاش، كۆپ مىللەتلىك سەر خىللار تەرىپىدىن باشقۇرۇلىدۇ ھەمدە ئورتاق مەدەنىيەت ۋە ئورتاق مەنپەئەتلەر بىلەن بىرلەشتۈرۈلىدۇ. پۈتۈن دۇنيادا تېخىمۇ كۆپ كارخانىچىلار، ئىنژېنېرلار، مۇتەخەسسىسلەر، ئالىملار، ئادۋوكاتلار ۋە باشقۇرغۇچىلار بۇ ئىمپېرىيەگە قوشۇلۇشقا چاقىرىلماقتا. ئۇلار ئىمپېرىيەنىڭ چاقىرىقىغا جاۋاب بېرىشنى ياكى ئۆز دۆلىتى ۋە خەلقىگە سادىق قېلىشنى ئويلىشىشى كېرەك. بارغانسېرى تېخىمۇ كۆپ كىشىلەر ئىمپېرىيەنى تاللىماقتا.


[1] ماۋرىلار— يېڭى زىلاندىيەنىڭ يەرلىك قەبىلىسى.

Leave a Reply

Discover more from ئەرتۈرك ئەسەرلىرى

Subscribe now to keep reading and get access to the full archive.

Continue reading