دىن قانۇنى
ئوتتۇرا ئەسىردىكى سەمەرقەند بازىرىدا – ئوتتۇرا ئاسىيا ۋادىسىغا قۇرۇلغان بۇ شەھەردە، سۇرىيەلىك سودىگەرلەر نەپىس خىتاي يىپەكلىرىنى سىلاپ كۆرەتتى، بوز قىردىن كەلگەن يىرتقۇچ قەبىلىلەر غەربتىن كەلتۈرۈلگەن سېرىق چاچلىق قۇللارنى كۆرسىتەتتى، دۇكاندارلار غەلىتە خەتلەر ۋە ناتونۇش پادىشاھلارنىڭ سۈرەتلىرى چۈشۈرۈلگەن پارقىراق ئالتۇن تەڭگىلەرنى يانچۇقلىرىغا سالاتتى. بۇ يەردە، شۇ دەۋردىكى شەرق بىلەن غەرب، جەنۇب بىلەن شىمال تۇتاشقان مۇھىم نۇقتىدا، ئىنسانىيەتنىڭ بىرلىكى كۈندىلىك رېئاللىق ئىدى.
1281-يىلى قۇبلاي خاننىڭ قوشۇنى ياپونىيەگە ھۇجۇم قىلىشقا تەييارلانغاندا ئوخشاش ئەھۋالنى كۆرگىلى بولاتتى. تېرە-تۇلۇم كىيگەن موڭغۇل ئاتلىق ئەسكەرلىرى چىغ قالپاق كىيگەن خىتاي پىيادە ئەسكەرلىرى بىلەن يانمۇ يان تۇراتتى، كورىيەنىڭ مەست ياردەمچى ئەسكەرلىرى جەنۇبىي خىتاي دېڭىزىدىن كەلگەن، بەدىنىگە گۈل چېكىۋالغان دېڭىزچىلار بىلەن جېدەللىشەتتى، ئوتتۇرا ئاسىيالىق ئىنژېنېرلار ياۋروپالىق سەرگۈزەشتچىلەرنىڭ قىسسەلىرىنى ھاڭۋېقىپ ئاڭلايتتى، ھەممىسى بىر ئىمپېراتورنىڭ بۇيرۇقىغا بويسۇناتتى.
شۇ ۋاقىتتا، مەككىدىكى مۇقەددەس كەبىنىڭ ئەتراپىدا، ئىنسانىيەتنىڭ بىرلىكى باشقا يوللار بىلەن داۋاملىشىۋاتاتتى. 1300-يىلى مەككىگە ھەج قىلغان بولسىڭىز، ئىسلامنىڭ ئەڭ مۇقەددەس جايىنى تاۋاپ قىلىۋاتقاندا، مېسوپوتامىيەدىن كەلگەن زىيارەتچىلەر بىلەن بىللە بولۇشىڭىز مۇمكىن ئىدى. ئۇلارنىڭ تونلىرى شامالدا لەپىلدەپ، كۆزلىرى ئىلاھىي نۇر بىلەن چاقناپ، ئاغزىدىن ئاللاھنىڭ توقسان توققۇز ئىسمى بىر-بىرلەپ تۆكۈلەتتى.
بۈگۈنكى كۈندە دىن كۆپىنچە كەمسىتىش، كېلىشمەسلىك ۋە بۆلۈنۈشنىڭ مەنبەسى دەپ قارىلىدۇ. ئەمما ئەمەلىيەتتە، دىن پۇل ۋە ئىمپېرىيەلەر بىلەن بىرگە ئىنسانىيەتنى بىرلەشتۈرگەن ئۈچىنچى چوڭ كۈچ بولۇپ كەلگەن.
بارلىق ئىجتىمائىي تەرتىپ ۋە دەرىجە تۈزۈمى تەسەۋۋۇر قىلىنغان بولغاچقا، ئۇلارنىڭ ھەممىسى مۇقىم ئەمەس. جەمئىيەت قانچە چوڭ بولسا، شۇنچە مۇقىمسىز بولىدۇ. بۇ مۇقىمسىز قۇرۇلمىلارغا ئىنسانلاردىن ئۈستۈن تۇرىدىغان نىزام بەخش ئېتىش دىننىڭ مۇھىم تارىخىي رولى بولغان. دىنلار «بىزنىڭ قانۇنلىرىمىز ئىنسان خاھىشىنىڭ نەتىجىسى ئەمەس، بەلكى مۇتلەق ۋە ئالىي ھوقۇق (ئىلاھىي ھوقۇق) تەرىپىدىن بەلگىلەنگەن» دەپ جاكارلايدۇ. بۇ ئەڭ ئاساسلىق قانۇنلارنىڭ بىر قىسمىنى شۈبھىدىن خالىي قىلىپ، ئىجتىمائىي مۇقىملىقنى كاپالەتكە ئىگە قىلىدۇ.
شۇڭا دىننى ئىنسانلاردىن ئۈستۈن تۇرىدىغان بىر نىزام-تەرتىپكە ئىشىنىشنى ئاساس قىلغان ھەرىكەت ئۆلچىمى ۋە قىممەت قاراشلار سىستېمىسى دەپ تەبىرلەشكە بولىدۇ. بۇ، ئىككى ئايرىم ئۆلچەمنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ:
1 .دىنلار ئىنسانلاردىن ھالقىغان نىزام-تەرتىپنىڭ مەۋجۇتلۇقىنى، بۇنىڭ ھەرگىز ئىنسانلارنىڭ خاھىشى ياكى كېلىشىمىنىڭ مەھسۇلاتى ئەمەسلىكىنى ئوتتۇرىغا قويىدۇ. پۇتبول دىن ئەمەس، گەرچە ئۇنىڭ نۇرغۇن قائىدە-قانۇنلىرى، رەسمىيەتلىرى ۋە غەلىتە مۇراسىملىرى بولسىمۇ، ھەممە ئادەم ئۇنى ئىنسانلارنىڭ ئىجاد قىلغانلىقىنى ۋە FIFA (خەلقئارا پۇتبۇلچىلار بىرلەشمىسى)نىڭ خالىغان ۋاقىتتا ۋاراتارنىڭ چوڭلۇقىنى ئۆزگەرتەلەيدىغانلىقىنى ياكى چەكتىن ھالقىش (ئوفسايد) قائىدىسىنى بىكار قىلالايدىغانلىقىنى بىلىدۇ.
2 .دىن ئىنسانلاردىن ھالقىغان نىزام-تەرتىپكە ئاساسەن، ئۆزى چەكلەش كۈچىگە ئىگە دەپ قارىغان ئۆلچەم ۋە قىممەت قاراشلارنى بەلگىلەيدۇ. بۈگۈنكى كۆپلىگەن غەربلىكلەر جىن، پەرى ۋە قايتا تۇغۇلۇشقا ئىشىنىدۇ، ئەمما بۇ ئېتىقادلار ئەخلاق ۋە ھەرىكەت ئۆلچەملىرىنىڭ مەنبەسى ئەمەس. شۇڭا، بۇلار دىن ھېسابلانمايدۇ.
دىنلار كەڭ كۆلەملىك ئىجتىمائىي ۋە سىياسىي تەرتىپلەرگە قانۇنىيلىق ئاتا قىلالىسىمۇ، ھەممىسى بۇ ئىقتىدارنى ئىشقا ئاشۇرالىغان ئەمەس. ھەر خىل ئىنسانلار ياشايدىغان كەڭ زېمىنلارنى ئۆز بايرىقى ئاستىدا بىرلەشتۈرۈش ئۈچۈن، بىر دىندا يەنە ئىككى خۇسۇسىيەت بولۇشى كېرەك. بىرىنچىدىن، ئۇ ھەر ۋاقىت ۋە ھەر يەردە توغرا بولغان، ئىنسانلاردىن ئۈستۈن تۇرىدىغان ئومۇمىي تەرتىپنى تەشەببۇس قىلىشى كېرەك. ئىككىنچىدىن، بۇ ئېتىقادنى ھەممە ئادەمگە تارقىتىشتا چىڭ تۇرۇشى كېرەك. باشقىچە قىلىپ ئېيتقاندا، ئۇ كەڭ تارقالغان دىن بولۇشى ھەم دەۋەتچى دىن بولۇشى كېرەك.
تارىختا ئەڭ تونۇلغان ئىسلام ۋە بۇددىزمغا ئوخشاش دىنلار دەۋەتچى دىنلار ۋە ئومۇميۈزلۈك تارقالغان دىنلاردۇر. بۇنىڭغا قاراپ، كىشىلەر بارلىق دىنلار ئۇلارغا ئوخشاش دەپ ئويلاپ قالىدۇ. ئەمەلىيەتتە، قەدىمكى دىنلارنىڭ كۆپ قىسمى يەرلىك ھەم يەكلەش خاراكتېرلىك دىنلار بولۇپ، ئېتىقادچلىرى يەرلىك ئىلاھلار ۋە روھلارغا ئىشىنەتتى. ئۇلار ھەممە ئادەمنى ئۆز دىنىغا كىرگۈزۈشكە قىزىقمايتتى. بىزگە مەلۇم بولۇشىچە، چوڭ دىنلار ۋە دەۋەتچى دىنلار مىلادىدىن بۇرۇنقى بىرىنچى مىڭ يىلدىلا پەيدا بولۇشقا باشلىغان. ئۇلارنىڭ پەيدا بولۇشى تارىختىكى ئەڭ مۇھىم ئىنقىلابلارنىڭ بىرى بولۇپ، چوڭ ئىمپېرىيەلەر ۋە پۇلنىڭ پەيدا بولۇشىغا ئوخشاش، ئۇمۇ ئىنسانىيەتنىڭ بىرلىككە كېلىشىگە مۇھىم تۆھپە قوشتى.

قوزىلارنى تىنجىتىش
روھپەرەستلىك (ئانىمىزم) ئاساسلىق ئېتىقاد سىستېمىسى بولغان چاغلاردا، ئىنسانىي ئۆلچەم ۋە قىممەت قاراشلار ھايۋانلار، ئۆسۈملۈكلەر، ھۆر پەرىلەر ۋە جىنلارغا ئوخشاش باشقا جانلىقلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە مەنپەئەتىنى نەزەردە تۇتۇشقا مەجبۇر ئىدى. مەسىلەن، گانگى ۋادىسىدىكى[1] بىر ئوۋچى گۇرۇپپا چوڭ بىر ئەنجۈر دەرىخىنىڭ روھىنىڭ غەزەپلىنىپ ئۆچ ئېلىشىدىن ئەنسىرەپ، ئۇنى كېسىشنى چەكلەيدىغان قائىدە بېكىتكەن بولۇشى مۇمكىن. ئىندۇس ۋادىسىدا[2] ياشايدىغان يەنە بىر ئوۋچى گۇرۇپپا، ئاق قۇيرۇقلۇق تۈلكە بىر دانا موماينى قىممەتلىك تاغ ئەينىكى تېپىلىدىغان جايغا باشلاپ بارغانلىقى ئۈچۈن، ئۇ تۈلكىنى ئوۋلاشنى چەكلىگەن بولۇشى مۇمكىن.
بۇنداق دىنلار ئادەتتە قويۇق يەرلىك تۈسكە ئىگە بولۇپ، مەلۇم جاي، ئىقلىم ۋە ھادىسىلەرنىڭ ئالاھىدە خۇسۇسىيەتلىرىنى تەكىتلەيتتى. كۆپىنچە ئوۋچىلار پۈتۈن ھاياتىنى مىڭ كىۋادرات كىلومېتىردىن ئاشمايدىغان دائىرىدە ئۆتكۈزەتتى. مەلۇم بىر ۋادىدا ياشاش ئۈچۈن، شۇ يەرنىڭ ئاھالىسى ئۆز ۋادىسىنى تەرتىپكە سالىدىغان ھەم ئىنسانلاردىن ئۈستۈن بولغان تەرتىپنى چۈشىنىشى، ئۆز ھەرىكىتىنى شۇنىڭغا ماسلاشتۇرۇشى كېرەك ئىدى. يىراق ۋادىلاردىكى ئاھالىلەرنى ئوخشاش قائىدىلەرگە ئەمەل قىلدۇرۇشقا ئۇرۇنۇشنىڭ ھېچقانداق پايدىسى يوق ئىدى. ئىندۇس خەلقى گانگېس خەلقىگە تەبلىغچى ئەۋەتىپ ئاق قۇيرۇقلۇق تۈلكىنى ئوۋلىماسلىققا قايىل قىلىشقا كۆڭۈل بۆلمەيتتى.
يېزا ئىگىلىك ئىنقىلابى دىنىي ئىنقىلاب بىلەن تەڭ يۈز بەرگەن بولسا كېرەك. ئوۋچى-غەنىمەتچىلەر ياۋا مېۋىلەرنى يىغاتتى، ھايۋانلارنى ئوۋلايتتى، ئۇلارنى ئادەم بىلەن ئوخشاش دەرىجىدە دەپ قارايتتى. يولۋاسنىڭ ئىنساننى ئوۋلىشى ئىنساننى يولۋاستىن تۆۋەن قىلمىغاندەك، ئىنساننىڭ قوينى ئوۋلىشى قوينى ئىنساندىن تۆۋەن قىلمايتتى. جانلىقلار بىر-بىرى بىلەن بىۋاسىتە ئالاقە قىلىپ، ئورتاق ياشاش مۇھىتىنى باشقۇرىدىغان قائىدىلەرنى مۇزاكىرە قىلاتتى. بۇنىڭ ئەكسىچە، دېھقانلار ئۆسۈملۈك ۋە ھايۋانلارغا ئىگىدارچىلىق قىلىپ ئۇلارنى باشقۇراتتى، ئۆز مۈلكى بىلەن مۇزاكىرە قىلىش ئارقىلىق ئۆز ئورنىنى تۆۋەنلىتىشنى خالىمايتتى. نەتىجىدە، يېزا ئىگىلىك ئىنقىلابىنىڭ تۇنجى دىنىي تەسىرى شۇ بولدىكى، ئۆسۈملۈك ۋە ھايۋانلار روھىيەتتە ئادەم بىلەن تەڭ دەرىجىدىكى ئورنىدىن چۈشۈپ، مۈلۈككە ئايلىنىپ قالدى.
بىراق، بۇ چوڭ بىر مەسىلىنى كەلتۈرۈپ چىقاردى. دېھقانلار قويلىرىنى مۇتلەق كونترول قىلىشنى خالىسىمۇ، بۇ كونتروللۇقىنىڭ چەكلىك ئىكەنلىكىنى ياخشى بىلەتتى. ئۇلار قويلارنى قوتانغا سولاپ، قوچقارلارنى پىچىۋېتىپ، ساغلىقلارنى تاللاپ كۆپەيتەلىسىمۇ، ساغلىقلارنىڭ بوغاز بولۇپ ساغلام قوزا تۇغۇشىنى كاپالەتكە ئىگە قىلالمايتتى، ۋابا كېسەللىكلىرىنىڭ تارقىلىشىنىمۇ توسالمايتتى. ئۇنداقتا پادىلارنىڭ كۆپىيىشىنى قانداق كاپالەتكە ئىگە قىلالىسۇن؟
ئىلاھلارنىڭ كېلىپ چىقىشى توغرىسىدىكى مۇھىم نەزەرىيە شۇنى ئوتتۇرىغا قويىدۇكى، ئىلاھلار بۇ مەسىلىنى ھەل قىلالىغانلىقى ئۈچۈن مۇھىملىققا ئىگە بولغان. بەرىكەت تەڭرىسى، كۆك تەڭرى، شىپالىق تەڭرىسى قاتارلىق ئىلاھلار ئۆسۈملۈك ۋە ھايۋانلار سۆزلەش ئىقتىدارىنى يوقاتقاندا مەركىزىي ئورۇنغا ئۆتتى. ئۇلارنىڭ ئاساسلىق رولى ئىنسانلار بىلەن تىلسىز ئۆسۈملۈك-ھايۋانلار ئارىسىدا ۋاسىتىچىلىك قىلىش ئىدى. قەدىمكى كۆپلىگەن ئەپسانىلەر ئەمەلىيەتتە بىر خىل ھوقۇقىي كېلىشىم بولۇپ، ئۇنىڭدا ئىنسانلار ئۆسۈملۈك ۋە ھايۋانلارغا ھۆكۈمرانلىق قىلىش بەدىلىگە ئىلاھلارغا مەڭگۈ سادىق بولۇش ۋەدىسى بېرىدۇ، تەۋراتنىڭ دەسلەپكى بابلىرى بۇنىڭ تىپىك مىسالىدۇر.
يېزا ئىگىلىك ئىنقىلابىدىن كېيىنكى نەچچە مىڭ يىل جەريانىدا، دىنىي مۇراسىملار ئاساسەن ئىنسانلارنىڭ تەڭرىلەرگە قوزا، شاراب ۋە نان تەقدىم قىلىشى، تەڭرىلەرنىڭ بولسا ئۇلارغا مول ھوسۇل ۋە تېخىمۇ كۆپ تۇغىدىغان قويلارنى ئاتا قىلىشقا ۋەدە بېرىشى بىلەن داۋاملاشتى.
يېزا ئىگىلىك ئىنقىلابى دەسلەپتە روھپەرەستلىك ئېتىقادىدىن ئورۇن ئالغان تاشلار، بۇلاقلار، روھلار ۋە جىنلارنىڭ ئورنىغا ئانچە تەسىر كۆرسەتمىدى. بىراق، بۇلارمۇ تەدرىجىي ھالدا يېڭى ئىلاھلارغا يول قويۇپ، ئۆز ئورنىنى يوقاتتى. كىشىلەر پۈتۈن ئۆمرىنى نەچچە يۈز كىۋادرات كىلومېتىرلىق دائىرىدىلا ئۆتكۈزگەن مەزگىللەردە، يەرلىك روھلار ئۇلارنىڭ ھاجىتىدىن ئاساسەن چىقاتتى. خانلىق ھاكىمىيەتلەر ۋە سودا-تىجارەت تورى كېڭەيگەن ھامان، ئىنسانلار ھوقۇقى ۋە نوپۇزى شۇ دۆلەتكە يېتىدىغان ياكى سودىدا مەلۇم ساھەنى ئىگىلىۋالغان كۈچلەر بىلەن ئالاقە قىلىشقا موھتاج بولدى.
بۇ ئېھتىياجلارغا جاۋاب بېرىش ئۈچۈن كۆپ تەڭرىلىك دىنلار پەيدا بولدى. بۇ دىنلار دۇنيانى مېھىر-شەپقەت تەڭرىسى، يامغۇر تەڭرىسى ۋە ئۇرۇش تەڭرىسى قاتارلىق كۈچلۈك تەڭرىلەر گۇرۇپپىسى باشقۇرىدۇ دەپ چۈشەندۈردى. ئىنسانلار بۇ تەڭرىلەرگە مۇراجىئەت قىلالايتتى، تەڭرىلەر ئەگەر ئىبادەت ۋە قۇربانلىقلارنى قوبۇل قىلسا، يامغۇر، غەلىبە ۋە ساغلاملىق ئاتا قىلىشى مۇمكىن ئىدى.
كۆپ تەڭرىلىك دىنلار پەيدا بولغاندا، روھپەرەستلىك ئېتىقادى پۈتۈنلەي يوقاپ كەتمىدى. جىن-شەيتانلار، ھۆر-پەرىلەر، ئەرۋاھلار، مۇقەددەس تاشلار، مۇقەددەس بۇلاقلار ۋە مۇقەددەس دەرەخلەرنىڭ ھەممىسى دېگۈدەك كۆپ تەڭرىلىك دىنلارنىڭ ئايرىلماس قىسمى بولۇپ قالدى. بۇ روھلار تەڭرىلەرگە سېلىشتۇرغاندا ئانچە مۇھىم بولمىسىمۇ، ئاددىي خەلقنىڭ كۈندىلىك ئېھتىياجلىرى ئۈچۈن يېتەرلىك ئىدى. پايتەختتە ئولتۇرغان پادىشاھ ياۋايىلار ئۈستىدىن غەلىبە قىلىش ئۈچۈن ئۇرۇش تەڭرىسىگە ئونلىغان سېمىز قوچقارلارنى قۇربانلىق قىلسا، غېرىپ كەپىسىدە ئولتۇرغان دېھقان ئۆزىنىڭ كېسەل ئوغلىنى ساقايتىشقا ياردەم بېرىشى ئۈچۈن مۇقەددەس دەرەخ پەرىسىگە شام ياقاتتى.
ھالبۇكى، تەڭرىلەرنىڭ پەيدا بولۇشى قوي ياكى جىن-شەيتانلارغا ئەمەس، ئىنسانلارنىڭ ئورنىغا كۈچلۈك تەسىر قىلدى. رۇھپەرەستلەر ئىنسانلارنى دۇنيادىكى كۆپلىگەن جانلىقلارنىڭ بىرى دەپ قارايتتى. ئەمما كۆپ تەڭرى ئېتىقادچىلىرى دۇنيانى بارغانسېرى تەڭرىلەر بىلەن ئىنسانلار ئوتتۇرىسىدىكى مۇناسىۋەتنىڭ ئىپادىسى دەپ قاراشقا باشلىدى. بىزنىڭ دۇئالىرىمىز، قۇربانلىقلىرىمىز، گۇناھلىرىمىز ۋە ياخشى ئەمەللىرىمىز پۈتۈن ئېكولوگىيەلىك سىستېمىنىڭ تەقدىرىنى بەلگىلەيتتى. بىر قانچە ئەخمەق ئىنسان تەڭرىلەرنى غەزەپلەندۈرگەنلىكى ئۈچۈنلا، دەھشەتلىك كەلكۈن نەچچە مىليارد چۈمۈلە، چېكەتكە، تاشپاقا، كىيىك، زىراپە ۋە پىللارنى يوقىتىۋېتەلەيتتى. شۇنداق قىلىپ كۆپ تەڭرىلىك دىن پەقەت تەڭرىلەرنىڭلا ئەمەس، ئىنسانىيەتنىڭمۇ ئورنىنى يۇقىرى كۆتۈردى. روھپەرەستلىك ئېتىقادىدىن ئورۇن ئالغان تەلەيسىزلەر ئۆز ئورنىنى يوقىتىپ، تەڭرىلەر بىلەن ئىنسانلار ئوتتۇرىسىدىكى بۇ چوڭ دراممىدا يا قوشۇمچە رولغا، ياكى ئۈنسىز دېكوراتسىيەگە ئايلىنىپ قالدى.

بۇتپەرەسلىكنىڭ پايدىلىرى
ئىككى مىڭ يىللىق بىر خۇدالىق دىن تەبلىغى غەربلىكلەرنىڭ كۆپىنچىسىنى كۆپ تەڭرىلىك دىنلارنى جاھالەت ۋە ساددا بۇتپەرەستلىك دەپ قارايدىغان قىلىپ قويدى. بۇ ئادىل بولمىغان بىر قاراش. كۆپ تەڭرىلىك دىننىڭ مەنتىقىسىنى چۈشىنىش ئۈچۈن، كۆپ تەڭرىلەرگە بولغان ئېتىقادنى قوللايدىغان مەركىزىي ئىدىيىنى چۈشىنىش زۆرۈر.
كۆپ تەڭرىلىك دىن پۈتۈن كائىناتنى باشقۇرىدىغان بىرلا كۈچ ياكى قانۇننىڭ مەۋجۇتلۇقىنى رەت قىلمايدۇ. ئەمەلىيەتتە، نۇرغۇنلىغان كۆپ تەڭرىلىك دىن، ھەتتا روھپەرەستلىك دىنلىرىمۇ ھەر خىل تەڭرىلەر، جىن-شەيتانلار ۋە مۇقەددەس تاشلارنىڭ كەينىدە تۇرىدىغان ئالىي بىر كۈچنىڭ بارلىقىنى ئېتىراپ قىلغان. قەدىمكى گرېكلارنىڭ كۆپ تەڭرىلىك دىنىدا، زېۋس، ھېرا، ئاپوللو ۋە ئۇلارنىڭ ھەمراھلىرى ھەممىگە قادىر ۋە ھەممىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان كۈچ – تەقدىر (مويرا، ئانانكې) گە بويسۇناتتى. شىمالىي ياۋروپا تەڭرىلىرىمۇ تەقدىرگە بويسۇنغان، يەنى «تەڭرىلەرنىڭ زاۋاللىققا يۈزلىنىشى» (راگنارۆك) دە مۇقەررەر ھالاك بولۇشقا مەھكۇم بولغان. غەربىي ئافرىقىدىكى يورۇبا خەلقىنىڭ كۆپ تەڭرىلىك دىنىدا، بارلىق تەڭرىلەر ئالىي تەڭرى ئولودۇمارىدىن تۇغۇلغان ۋە ئۇنىڭغا بويسۇنغان. ھىندىلارنىڭ كۆپ تەڭرىلىك دىنىدا، ئاتمان دەپ ئاتىلىدىغان بىرلا پرىنسىپ سانسىزلىغان تەڭرىلەر ۋە روھلارنى، ئىنسانىيەتنى، بىئولوگىيەلىك ۋە فىزىكىلىق دۇنيانى كونترول قىلىدۇ. ئاتمان پۈتۈن كائىناتنىڭ، شۇنداقلا ھەر بىر ئىنسان ۋە ھەر بىر ھادىسىنىڭ مەڭگۈلۈك ماھىيىتى ياكى روھىدۇر.
كۆپ تەڭرىلىك دىننىڭ بىر خۇدالىق دىندىن پەرقلىنىدىغان ئاساسىي چۈشەنچىسى شۇكى، بىر خۇدالىق دىندا دۇنيانى باشقۇرىدىغان ئالىي كۈچنىڭ مەنپەئەت ۋە تەرەپبازلىقى يوق، شۇڭا ئۇ ئىنسانلارنىڭ كۈندىلىك ئارزۇ-تىلەكلىرى، غەم-ئەندىشىلىرى ۋە تەشۋىشلىرىگە كۆڭۈل بۆلمەيدۇ. ئۇ كۈچتىن ئۇرۇشتا غەلىبە قىلىش، ساغلاملىق ياكى يامغۇر تىلەشنىڭ ھېچقانداق پايدىسى يوق، چۈنكى ئۇنىڭ قۇدرىتى ھەممىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان بولۇپ، مەلۇم بىر پادىشاھلىقنىڭ يېڭىشى ياكى يېڭىلىشى، مەلۇم بىر شەھەرنىڭ گۈللىنىشى ياكى خارابلىشىشى، مەلۇم بىر كىشىنىڭ ساقىيىشى ياكى ئۆلۈشى مۇھىم ئەمەس. گرېكلار تەقدىر ئۈچۈن ھېچقانداق قۇربانلىق قىلمىغان، ھىندۇلارمۇ ئاتمانغا ھېچقانداق ئىبادەتخانا سالمىغان.
كائىناتنىڭ ئالىي كۈچىگە يېقىنلىشىشنىڭ بىردىنبىر سەۋەبى بارلىق ئارزۇ-تىلەكلەردىن ۋاز كېچىش، ياخشىلىق بىلەن يامانلىقنى بىرگە قوبۇل قىلىش، ھەتتا مەغلۇبىيەت، نامراتلىق، كېسەللىك ۋە ئۆلۈمنىمۇ قوبۇل قىلىشتۇر.
شۇڭا بەزى ھىندۇلار (سادھۇ ياكى ساننياسى دەپ ئاتىلىدۇ) ئۆزلىرىنىڭ ھاياتىنى ئاتمان بىلەن بىرلىشىشكە بېغىشلاپ، شۇ ئارقىلىق يورۇقلۇققا ئېرىشىشكە تىرىشىدۇ. ئۇلار دۇنيانى بۇ ئاساسىي پرىنسىپنىڭ نۇقتىئىنەزىرىدىن كۆرۈشكە، ئۇنىڭ مەڭگۈلۈك نەزىرىدىن بارلىق دۇنياۋى ئارزۇ-تىلەكلەر ۋە قورقۇنچلارنىڭ مەنىسىز ۋە ۋاقىتلىق ھادىسىلەر ئىكەنلىكىنى چۈشىنىشكە تىرىشىدۇ.
ئەمما كۆپىنچە ھىندۇلار سادھۇ ئەمەس. ئۇلار دۇنياۋى غەملەرنىڭ پاتقىقىغا چۆكۈپ كەتكەن بولۇپ، بۇ يەردە ئاتماننىڭ ئانچە ياردىمى تەگمەيدۇ. بۇنداق ئىشلاردا ياردەم ئېلىش ئۈچۈن، ھىندۇلار چەكلىك كۈچكە ئىگە تەڭرىلەرگە مۇراجىئەت قىلىدۇ. ئۇلار ھەممىگە قادىر ئەمەس، بەلكى قىسمەن قادىر بولغانلىقى ئۈچۈن، گانېشا، لاكشمى ۋە ساراسۋاتى قاتارلىق تەڭرىلەرنىڭ مەنپەئەتلىرى ۋە تەرەپبازلىقلىرى بار. شۇڭا ئىنسانلار بۇ قىسمەن كۈچلەر بىلەن كېلىشىم تۈزەلەيدۇ؛ ئۇرۇشلاردا غەلىبە قىلىش، كېسەللىكتىن ساقىيىش ئۈچۈن ئۇلارنىڭ ياردىمىگە تايىنالايدۇ.
بۇ كىچىك تەڭرىلەرنىڭ سانى مۇقەررەر تۈردە كۆپ بولىدۇ، چۈنكى سىز بىر ھەقىقەتنىڭ (خۇدانىڭ) ھەممىگە قادىر كۈچىنى بۆلۈشكە باشلىغان ھامان، بىردىن ئارتۇق ئىلاھقا ئېرىشىسىز. مانا بۇ تەڭرىلەرنىڭ كۆپلۈكىنىڭ سەۋەبى.
كۆپ تەڭرىلىك دىننىڭ بۇ چۈشەنچىسى دىنىي كەڭچىللىككە تۈرتكە بولىدۇ. كۆپ تەڭرىلىك دىن ئېتىقادچىلىرى بىر ياقتىن ئالىي ۋە تامامەن بىتەرەپ كۈچكە، يەنە بىر ياقتىن قىسمەن ۋە تەرەپباز كۈچلەرگە ئىشەنگەچكە، بىر خۇداغا ئىشەنگەنلەرمۇ باشقا خۇدالارنىڭ مەۋجۇتلۇقى ۋە تەسىرىنى قوبۇل قىلىشتا ھېچقانداق قىيىنچىلىققا دۇچ كەلمەيدۇ. كۆپ خۇدالىق دىن تەبىئىتىدىن كەڭ قورساق بولۇپ، «بىدئەتچىلەر» ۋە «كاپىرلار»غا ئاز ساندا زىيانكەشلىك قىلىدۇ.
كۆپ تەڭرىلىك دىن ئېتىقادچىلىرى ھەتتا چوڭ ئىمپېرىيەلەرنى بويسۇندۇرغاندىمۇ، بويسۇندۇرۇلغان خەلقلەرنى ئۆز دىنىغا كىرگۈزۈشكە ئۇرۇنمىدى. مىسىرلىقلار، رىملىقلار ۋە ئازتېكلار ئوسىرىس، يۇپىتېر ياكى خۇيتزىلوپوچتلى (باش ئازتېك خۇداسى)غا چوقۇنۇشنى تارقىتىش ئۈچۈن چەت ئەللەرگە دىنىي دەۋەتچىلەرنى ئەۋەتمىدى، ئەلۋەتتە بۇ مەقسەتتە قوشۇنمۇ ئەۋەتمىدى.
ئىمپېرىيە تەۋەسىدىكى بويسۇندۇرۇلغان خەلقلەر ئىمپېرىيەنىڭ تەڭرىلىرى ۋە دىنىي مۇراسىملىرىغا ھۆرمەت قىلىشى كېرەك ئىدى، چۈنكى بۇ تەڭرىلەر ۋە مۇراسىملار ئىمپېرىيەنى قوغدايتتى ھەم قانۇنلاشتۇراتتى. بىراق بويسۇندۇرۇلغان خەلقلەرنىڭ يەرلىك تەڭرىلىرى ۋە دىنىي مۇراسىملىرىدىن ۋاز كېچىشى تەلەپ قىلىنمايتتى.
ئازتېك ئىمپېرىيەسىدە، بويسۇندۇرۇلغان خەلقلەر خۇيتزىلوپوچتلىغا ئىبادەتخانا قۇرۇشقا مەجبۇر قىلىنغان، ئەمما بۇ ئىبادەتخانىلار يەرلىك تەڭرىلەرنىڭ ئىبادەتخانىلىرىنىڭ ئورنىغا ئەمەس، بەلكى ئۇلارنىڭ يېنىغا قۇرۇلغان. كۆپ ئەھۋاللاردا ئىمپېرىيە سەر خىللىرى بويسۇندۇرۇلغان خەلقلەرنىڭ تەڭرىلىرى ۋە دىنىي مۇراسىملىرىنى قوبۇل قىلغان. رىملىقلار ئاسىيالىق ئىلاھە سىبېلې ۋە مىسىرلىق ئىلاھە ئىسىسنى ئۆز تەڭرىلىرىگە خۇشاللىق بىلەن قوشۇۋالغان.
رىملىقلار ئۇزۇن مۇددەت چىداشنى خالىمىغان بىردىنبىر خۇدا خرىستىيانلارنىڭ بىر خۇدالىق ۋە دەۋەتچى دىنى خۇداسى ئىدى. رىم ئىمپېرىيەسى خرىستىئانلاردىن ئۆز ئېتىقادى ۋە دىنىي مۇراسىملىرىدىن ۋاز كېچىشنى تەلەپ قىلمىدى، ئەمما ئۇلاردىن ئىمپېرىيەنى قوغدىغۇچى خۇدالارغا ۋە ئىمپېراتورنىڭ ئىلاھىيلىقىغا ھۆرمەت قىلىشنى كۈتتى. بۇ سىياسىي سادىقلىقنىڭ بىر ئىپادىسى دەپ قارالدى. خرىستىيانلار بۇنىڭغا قوشۇلماي، بارلىق كېلىشىش ئۇرۇنۇشلىرىنى رەت قىلغاندا، رىملىقلار بۇنى سىياسىي ئاسىيلىق دەپ چۈشىنىپ ئۇلارغا زىيانكەشلىك قىلىشقا باشلىدى.
ئەمما بۇ زىيانكەشلىكمۇ بەك كۈچەپ ئېلىپ بېرىلمىغان. ئەيسا مەسىھنىڭ كرېستقا مىخلىنىشىدىن ئىمپېراتور كونستانتىننىڭ خرىستىيان بولۇشىغىچە بولغان 300 يىل ئىچىدە، كۆپ تەڭرىلىك رىم ئىمپېراتورلىرى خرىستىيانلارغا پەقەت تۆت قېتىملا ئومۇمىي زىيانكەشلىك قىلغان. يەرلىك باشقۇرغۇچىلار ۋە ۋالىيلارمۇ بەزى خرىستىيانلارغا زوراۋانلىق قىلغان. شۇنداقتىمۇ، بۇ زىيانكەشلىكلەرنىڭ قۇربانلىرىنى جەملىسەك، بۇ ئۈچ ئەسىر جەريانىدا كۆپ تەڭرىلىك رىملىقلار پەقەت بىر قانچە مىڭ خرىستىياننىلا ئۆلتۈرگەن. ئەكسىچە، كېيىنكى 1500 يىل ئىچىدە، خرىستىيانلار مېھىر-مۇھەببەت دىنىنىڭ كىچىككىنە پەرقلىق چۈشەندۈرۈلۈشىنى قوغداش ئۈچۈن مىليونلىغان خرىستىيانلارنى قىرغىن قىلغان.
16- ۋە 17-ئەسىرلەردە ياۋروپانى قاپلىغان كاتولىكلار بىلەن پروتېستانتلار ئوتتۇرىسىدىكى دىنىي ئۇرۇشلار ناھايىتى مەشھۇر. ئۇلارنىڭ ھەممىسى مەسىھنىڭ ئىلاھلىقى ۋە ئۇنىڭ مېھىر-مۇھەببەت ئىنجىلىنى قوبۇل قىلغان. بىراق ئۇلار بۇ مۇھەببەتنىڭ تەبىئىتى توغرىسىدا كېلىشەلمىگەن. پروتېستانتلار ئىلاھىي مۇھەببەتنىڭ شۇنچىلىك چوڭقۇرلۇقىدىن خۇدا ئىنسان سۈرىتىدە دۇنياغا كېلىپ، ئۆزىنىڭ ئازابلىنىشى ۋە كرېستكە مىخلىنىشىغا يول قويۇش ئارقىلىق دەسلەپكى گۇناھنى يۇيۇپ، ئۆزىگە ئېتىقاد قىلغانلارنىڭ ھەممىسىگە جەننەت دەرۋازىسىنى ئاچتى دەپ ئىشەنگەن. كاتولىكلار بولسا ئېتىقاد مۇھىم بولسىمۇ، يېتەرلىك ئەمەس، جەننەتكە كىرىش ئۈچۈن ئېتىقادچىلار چېركاۋ مۇراسىملىرىغا قاتنىشىپ ياخشى ئەمەللەرنى قىلىشى كېرەك دەپ تۇرۇۋالغان.
1572-يىلى 23-ئاۋغۇست كۈنى، ياخشى ئەمەللەرنىڭ مۇھىملىقىنى تەكىتلىگەن فرانسىيە كاتولىكلىرى، خۇدانىڭ ئىنسانىيەتكە بولغان مۇھەببىتىنى تەكىتلىگەن فرانسىيە پروتېستانتلىرىغا ھۇجۇم قىلغان. مۇقەددەس «بارتولومېي كۈنى قىرغىنچىلىقى» دەپ ئاتالغان بۇ ھۇجۇمدا، 24 سائەتتىن ئاز ۋاقىت ئىچىدە 5000 دىن 10 مىڭغىچە پروتېستانت ئۆلتۈرۈلگەن. رىمدىكى پاپا فرانسىيەدىن كەلگەن بۇ خەۋەرنى ئاڭلاپ شۇنچىلىك خۇشال بولغانكى، بۇ ۋەقەنى تەبرىكلەش ئۈچۈن تەنتەنىلىك دۇئا مۇراسىمى ئۇيۇشتۇرغان ۋە جورجىئو ۋاسارىغا ۋاتىكاننىڭ بىر ئۆيىگە بۇ قىرغىنچىلىقنىڭ تام رەسىمىنى سىزىشنى تاپشۇرغان (ھازىر بۇ ئۆي زىيارەتچىلەرگە تاقاق). شۇ 24 سائەت ئىچىدە خرىستىيانلار تەرىپىدىن ئۆلتۈرۈلگەن خرىستىيانلار كۆپ تەڭرىلىك رىم ئىمپېرىيەسى دەۋرىدە ئۆلتۈرۈلگەن خرىستىيانلاردىن كۆپ ئىدى.
[1] ھىندىستاندىكى گانگى دەرياسى ۋادىسى
[2] ئىندۇس دەرياسى– ھىندىستاننىڭ غەربىي شىمالى، پاكىستان ۋە ئافغانىستاننىڭ شەرقىي شىمالىدىن ئۆتىدىغان دەريا

Leave a Reply