خۇدا بىردۇر
ۋاقىتنىڭ ئۆتۈشى بىلەن، كۆپ خۇدالىق دىنلارنىڭ بەزى ئەگەشكۈچىلىرى ئۆزلىرىنىڭ مەلۇم بىر ئىلاھىغا شۇنچىلىك مايىل بولۇپ كەتتىكى، كۆپ تەڭرىلىك چۈشەنچىسىدىن يىراقلاشتى. ئۇلار ئۆزلىرىنىڭ ئىلاھىغا يېگانە خۇدا ۋە كائىناتنىڭ ئىگىسى دەپ ئىشىنىشكە باشلىدى. شۇنداقتىمۇ، ئۇلار ئىلاھىمىزنىڭ مەنپەئەتى ۋە تەرەپدارلىقى بار، ئۇنىڭ بىلەن كېلىشىم تۈزگىلى بولىدۇ دەپ ئىشەندى. شۇنداق قىلىپ بىر خۇدالىق دىنلار بارلىققا كەلدى. بۇ دىنلارنىڭ ئەگەشكۈچىلىرى كائىناتنىڭ ئىگىسىدىن كېسەللىكتىن ساقىيىش، لاتارىيەدىن ئۇتۇش ۋە ئۇرۇشتا غەلىبە قىلىشنى تىلىدى.
بىزگە مەلۇم بولغان تۇنجى بىر خۇدالىق دىن مىلادىدىن بۇرۇنقى 350-يىللاردا مىسىردا پەيدا بولغان. پىرئەۋن ئاخېناتون مىسىر ئىلاھلار سىستېمىسىدىكى كىچىك ئىلاھلارنىڭ بىرى بولغان ئاتېن ئىلاھىنىڭ ھەقىقەتەن كائىناتنى باشقۇرىدىغان ئالىي كۈچ ئىكەنلىكىنى جاكارلىغان. ئاخېناتون ئاتېنغا چوقۇنۇشنى دۆلەت دىنى قىلىپ بېكىتكەن ۋە باشقا بارلىق ئىلاھلارغا چوقۇنۇشنى چەكلەشكە ئۇرۇنغان. بىراق، ئۇنىڭ دىنىي ئىنقىلابى مۇۋەپپەقىيەت قازىنالمىغان. ئۇنىڭ ۋاپاتىدىن كېيىن، ئاتېنغا چوقۇنۇش تاشلىنىپ، كونا ئىلاھلار سىستېمىسى قايتا ئەسلىگە كەلتۈرۈلگەن.

كۆپ تەڭرىلىك دىنلار يەنە باشقا بىر خۇدالىق دىنلارنى بارلىققا كەلتۈرۈشنى داۋام قىلغان بولسىمۇ، بۇ دىنلار بىر چەتتە قالدى. بۇنىڭ مۇھىم سەۋەبلىرىنىڭ بىرى، ئۇلار ئۆزلىرىگە دۇنياۋى ئۇچۇرلارنى سىڭدۈرەلمىدى. مەسىلەن، يەھۇدىي دىنى كائىنات ئىگىسىنىڭ مەنپەئەتى ۋە تەرەپدارلىقى بار، ئۇنىڭ ئاساسلىق مەنپەئەتى كىچىككىنە يەھۇدىي مىللىتى ۋە ئاددىي ئىسرائىلىيە زېمىنىدا دەپ قارىدى. يەھۇدىي دىنىنىڭ باشقا مىللەتلەرگە تەقدىم قىلغان نەرسىسى ئاز بولۇپ، مەۋجۇتلۇق تارىخىدا ئاساسەن تەشۋىق-تەبلىغ قىلمىغان. بۇ باسقۇچنى «يەرلىك بىر خۇدالىق دىن» باسقۇچى دەپ ئاتاشقا بولىدۇ.
خرىستىيان دىنى چوڭ ئۆزگىرىش ئېلىپ كەلدى. بۇ دىن دەسلەپتە سىرلىق يەھۇدىي مەزھىپى سۈپىتىدە باشلانغان بولۇپ، بۇ مەزھەپ يەھۇدىيلارنى نازارەت شەھىرىدىكى ئەيسانىڭ ئۇلار ئۇزۇن كۈتكەن قۇتقۇزغۇچى ئىكەنلىكىگە ئىشەندۈرۈشكە تىرىشتى. بىراق، بۇ مەزھەپنىڭ دەسلەپكى يېتەكچىلىرىدىن تارسۇسلۇق پاۋلۇس: «ئەگەر كائىنات ئىگىسىنىڭ مەنپەئەتى ۋە تەرەپدارلىقى بولسا ھەمدە ئىنسان سۈرىتىدە دۇنياغا كېلىپ، ئىنسانىيەتنىڭ نىجاتلىقى ئۈچۈن كرېستقا مىخلىنىپ ئۆلۈشكە رازى بولغان بولسا، ئۇنداقتا بۇ خەۋەرنى يەھۇدىيلارلا ئەمەس، ھەممە ئادەم ئاڭلىشى كېرەك» دەپ قارىدى. شۇڭا ئەيسا ھەققىدىكى خۇش خەۋەرنى—ئىنجىلنى پۈتۈن دۇنياغا تارقىتىش زۆرۈر بولدى.
پاۋلۇسنىڭ پىكىرلىرى كەڭ تارقالدى. خرىستىيانلار بارلىق ئىنسانلارنى نىشان قىلغان كەڭ كۆلەملىك تەشۋىق-تەبلىغ ھەرىكىتىنى باشلىدى. نەتىجىدە بۇ سىرلىق يەھۇدىي مەزھىپى كۈچلۈك رىم ئىمپېرىيەسىنى ئىگىلىدى. بۇ، تارىخنىڭ ئەڭ غەلىتە بۇرۇلۇش نۇقتىلىرىدىن بىرى بولۇپ قالدى.
خرىستىيانلارنىڭ مۇۋەپپەقىيىتى يەتتىنچى ئەسىردە ئەرەب يېرىم ئارىلىدا پەيدا بولغان يەنە بىر بىر خۇدالىق دىن – ئىسلامغا ئۈلگە بولدى. خرىستىيان دىنىغا ئوخشاش، ئىسلام دىنىمۇ دۇنيانىڭ چەت بىر يېرىدە كىچىك مەزھەپ سۈپىتىدە باشلانغان، ئەمما ئۇنىڭ تەرەققىياتى تېخىمۇ غەلىتە ۋە ھەيران قالارلىق دەرىجىدە تېز بولدى: ئۇ ئەرەبىستان چۆللىرىدىن چىقىپ ئاتلانتىك ئوكياندىن ھىندىستانغىچە سوزۇلغان زور ئىمپېرىيەلەرنى بويسۇندۇرالىدى. شۇنىڭدىن باشلاپ، بىر خۇدالىق دىن دۇنيا تارىخىدا مەركەزلىك رول ئوينىدى.

بىر خۇدالىق دىن ئېتىقادچىلىرى كۆپ تەڭرىلىك دىن ئېتىقادچىلىرىغا قارىغاندا تولىراق مۇتەئەسسىپ ۋە تەشۋىقاتچى بولۇپ كەلگەن. باشقا دىنلارنىڭمۇ ھەقلىق ئىكەنلىكىنى ئېتىراپ قىلىدىغان دىن ئۆزىنىڭ خۇداسىنى كائىناتنىڭ بىردىنبىر ئىگىسى دېمەيدۇ، ياكى بىز خۇدادىن دۇنياۋى ھەقىقەتنىڭ بىر قىسمىنىلا ئالدۇق، دەيدۇ. بىر خۇدالىق دىن ئېتىقادچىلىرى بولسا بىز يېگانە خۇدادىن بارلىق ۋەھىيلەرنى ئالدۇق دەپ ئىشەنگەچكە، ئۇلار باشقا بارلىق دىنلارنى ئىنكار قىلىشقا مەجبۇر. ئۆتكەن ئىككى مىڭ يىل ئىچىدە، بىر خۇدالىق دىن ئەگەشكۈچىلىرى قايتا-قايتا زوراۋانلىق بىلەن بارلىق رىقابەتچىلەرنى يوق قىلىش ئارقىلىق ئۆز كۈچىنى كۈچەيتىشكە ئۇرۇنغان.
بۇ ئۇسۇل ئۈنۈم بەردى. مىلادى 1-ئەسىرىنىڭ باشلىرىدا دۇنيادا بىر خۇدالىق دىن ئېتىقادچىلىرى يوق دېيەرلىك ئىدى. مىلادى 500-يىلى ئەتراپىدا، دۇنيادىكى ئەڭ چوڭ ئىمپېرىيەلەرنىڭ بىرى بولغان رىم ئىمپېرىيەسى خرىستىيان دۆلىتىگە ئايلاندى، دەۋەتچىلەر خرىستىيان دىنىنى ياۋروپا، ئاسىيا ۋە ئافرىقىنىڭ باشقا جايلىرىغا تارقىتىش بىلەن ئالدىراش ئىدى. مىلادى بىرىنچى مىڭ يىلنىڭ ئاخىرىغا كەلگەندە، ياۋروپا، غەربىي ئاسىيا ۋە شىمالىي ئافرىقىدىكى كۆپلىگەن ئىنسان بىر خۇدالىق دىن ئەگەشكۈچىلىرى بولدى، ئاتلانتىك ئوكياندىن ھىمالايا تاغلىرىغىچە بولغان ئىمپېرىيەلەر ئۆزلىرىنىڭ ئۇلۇغ يېگانە خۇدا تەرىپىدىن تەيىنلەنگەنلىكىنى جاكارلىدى. 16-ئەسىرنىڭ باشلىرىغا كەلگەندە، بىر خۇدالىق دىن شەرقىي ئاسىيا ۋە ئافرىقىنىڭ جەنۇبىي قىسىملىرىدىن باشقا ئاسىيا-ئافرىقانىڭ كۆپ قىسمىغا ھۆكۈمران بولدى، ئاندىن جەنۇبىي ئافرىقا، ئامېرىكا ۋە ئوكيانىيەگە قول سوزۇشقا باشلىدى. بۈگۈنكى كۈندە شەرقىي ئاسىيادىن باشقا جايلاردىكى كۆپچىلىك كىشىلەر بىر خۇدالىق دىنلارنىڭ بىرىگە ئىشىنىدۇ؛ دۇنياۋى سىياسىي تەرتىپ بىر خۇدالىق دىنلار ئۈستىگە قۇرۇلغان.
شۇنداقتىمۇ، جانلىقلارغا چوقۇنۇش كۆپ تەڭرىلىك دىن ئىچىدە ياشاپ كەلگىنىدەك، كۆپ تەڭرىلىك دىنمۇ بىر خۇدالىق دىن ئىچىدە ياشاپ كەلدى. قائىدە بويىچە ئېيتقاندا، بىر كىشى كائىناتنىڭ مۇتلەق ئىگىسىنىڭ مەنپەئەتى ۋە تەرەپدارلىقى بار دەپ ئىشەنسە، قىسمەن ئىلاھلارغا چوقۇنۇپ نېمە قىلىدۇ؟ پرېزىدېنتنىڭ ئىشخانىسى سىزگە ئوچۇق تۇرسا، كىم تۆۋەن دەرىجىلىك بىر ئەمەلدارغا يۈزلىنىشنى خالىسۇن؟ دەرۋەقە، بىر خۇدالىق دىن نەزەرىيەسى ئالىي خۇدادىن باشقا بارلىق ئىلاھلارنىڭ مەۋجۇتلۇقىنى ئىنكار قىلىشنى ھەمدە ئۇلارغا چوقۇنۇشقا جۈرئەت قىلغانلارنى جەھەننەمگە تاشلاپ ئازابلاشنى تەشەببۇس قىلىدۇ.

خەرىتە: خىرىستىيان دىنى بىلەن ئىسلام دىنىنىڭ تارقىلىشى
ئەمما دىنىي نەزەرىيەلەر بىلەن تارىخىي رېئاللىق ئوتتۇرىسىدا ھەمىشە چوڭقۇر ھاڭ بولۇپ كەلگەن. كۆپچىلىك كىشىلەر بىر خۇدالىق دىننى تولۇق قوبۇل قىلىشتا قىيىنچىلىققا دۇچ كەلگەن. ئۇلار دۇنيانى «بىز» ۋە «ئۇلار» دەپ بۆلۈشنى داۋاملاشتۇرغان ھەمدە كائىناتنىڭ ئىگىسىنى كۈندىلىك ئېھتىياجلىرى ئۈچۈن بەك يىراق ۋە يات دەپ قارىغان. بىر خۇدالىق دىنلار تەڭرىلەرنى ئالدى ئىشىكتىن تەنتەنىلىك ھالدا قوغلاپ چىقارغان بولسىمۇ، ئۇلارنى يان دېرىزىدىن قايتا كىرگۈزگەن. مەسىلەن، خرىستىيان دىنى ئەۋلىيالار (مۇقەددەس كىشىلەر) ئېتىقادىنى تەرەققىي قىلدۇرغان بولۇپ، ئۇلارنىڭ ئەۋلىيالارغا چوقۇنۇشى كۆپ تەڭرىلىك دىن ئېتىقادچىلىرىنىڭ ئېتىقادى بىلەن ئانچە پەرقلەنمىگەن.
يۇپىتېر ئىلاھى رىمنى، خۇئىتزىلوپوچتلى ئازتېك ئىمپېرىيەسىنى قوغدىغاندەك، ھەر بىر خرىستىيان پادىشاھلىقىنىڭ قىيىنچىلىقلارنى يېڭىش ۋە ئۇرۇشلاردا غەلىبە قىلىشقا ياردەم بېرىدىغان مۇقەددەس ھامىيسى بولغان. ئەنگلىيەنى مۇقەددەس گېئورگ، شوتلاندىيەنى مۇقەددەس ئاندرېۋ، ۋېنگرىيەنى مۇقەددەس ستېفان قوغدىغان، فرانسىيەنىڭ مۇقەددەس مارتىنى بار ئىدى. شەھەرلەر، كەسىپلەر، ھەتتا كېسەللىكلەرنىڭمۇ مۇقەددەس كىشىلىرى بولغان. مۇقەددەس ئامبېرو مىلان شەھىرىنى قوغدىغان بولسا، مۇقەددەس مارك ۋېنېتسىيەنى نازارەت قىلغان؛ مۇقەددەس فلورىئان تۇرخۇن تازىلىغۇچىلىرىنى قوغدىغان بولسا، مۇقەددەس ماتتا قىيىنچىلىقتىكى باجگىرلارغا ياردەم قىلغان. بېشىڭ ئاغرىسا مۇقەددەس ئاگاتىئۇسقا دۇئا قىلىشىڭ، چىشىڭ ئاغرىسا مۇقەددەس ئاپوللونىياغا بېرىشىڭ كېرەك ئىدى.
خرىستىيان ئەۋلىيالىرى كۆپ تەڭرىلىك دىنلاردىكى ئىلاھلارغا ئوخشاپلا قالماستىن، كۆپ ھالدا ئۇلار شۇ ئىلاھلارنىڭ نىقابلانغان شەكلى ئىدى. مەسىلەن، خرىستىيان دىنى كېلىشتىن بۇرۇن كېلت ئىرلاندىيەسىنىڭ باش ئىلاھەسى برىگىد ئىدى. ئىرلاندىيە خرىستىيانلاشقاندا، برىگىدمۇ چۆمۈلدۈرۈلدى. ئۇ مۇقەددەس برىگىتقا ئايلاندى ۋە بۈگۈنگىچە كاتولىك ئىرلاندىيەدىكى ئەڭ ھۆرمەتكە سازاۋەر مۇقەددەس كىشى بولۇپ كەلمەكتە.

ياخشىلىق بىلەن يامانلىقنىڭ كۈرىشى
كۆپ خۇدالىق دىنلار پەقەت بىر خۇدالىق دىنلارنىلا ئەمەس، يەنە دۇئالىزملىق[1] دىنلارنىمۇ بارلىققا كەلتۈرگەن. دۇئالىزملىق دىنلار قارمۇ-قارشى ئىككى كۈچنىڭ—ياخشىلىق بىلەن يامانلىقنىڭ مەۋجۇتلۇقىنى تەشەببۇس قىلىدۇ. بىر خۇدالىق دىنلارنىڭ ئەكسىچە، دۇئالىزىملىق دىنلار يامانلىقنى مۇستەقىل كۈچ، ئۇنى ياخشىلىق خۇداسى ياراتمىغان، يامانلىقمۇ ئۇنىڭغا بويسۇنمايدۇ دەپ قارايدۇ. دۇئالىمزلىق دىنلار پۈتۈن كائىناتنىڭ بۇ ئىككى كۈچنىڭ جەڭ مەيدانى ئىكەنلىكىنى ۋە دۇنيادا يۈز بېرىۋاتقان ھەممە ئىشنىڭ بۇ كۈرەشنىڭ بىر قىسمى ئىكەنلىكىنى چۈشەندۈرىدۇ.
دۇئالىمزلىق دىنلار ئىنسانلارنىڭ دىققەت نۇقتىسىدىكى مەشھۇر «يامانلىق مەسىلىسى»گە قىسقا ۋە ئاددىي جاۋاب بېرەلىگەنلىكى ئۈچۈن ناھايىتى جەلپ قىلارلىق دۇنيا قارىشى ھېسابلىنىدۇ. دۇنيادا نېمە ئۈچۈن يامانلىق بار؟ نېمە ئۈچۈن ئازاب-ئوقۇبەت بار؟ نېمە ئۈچۈن ياخشى ئادەملەرگە يامان ئىشلار يۈز بېرىدۇ؟ بىر خۇدالىق دىن ئېتىقادچىلىرى ھەممىنى بىلگۈچى، ھەممىگە قادىر ۋە مۇكەممەل ياخشى خۇدانىڭ نېمىشقا دۇنيادا شۇنچە كۆپ ئازاب-ئوقۇبەتكە يول قويىدىغانلىقىنى چۈشەندۈرۈش ئۈچۈن قاتتىق ئويلىنىشقا مەجبۇر. مەشھۇر چۈشەندۈرۈشلەرنىڭ بىرى شۇكى، خۇدا ئىنسانلارغا ئەركىن ئىرادە ئاتا قىلغان. ئەگەر يامانلىق بولمىسا، ئىنسانلار ياخشىلىق بىلەن يامانلىقتىن بىرنى تاللىيالمايتتى، شۇڭا ئەركىن ئىرادە بولمايتتى. ئەمما، بۇ زورىغا بېرىلگەن جاۋاب بولۇپ، دەرھال يېڭى سوئاللارنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ. ئەركىن ئىرادە ئىنسانلارغا يامانلىقنى تاللاش ئىمكانىيىتى بېرىدۇ. نۇرغۇن كىشىلەر ھەقىقەتەن يامانلىقنى تاللايدۇ. بىر خۇدالىق چۈشەنچە بويىچە، بۇ تاللاش ئىلاھىي جازانى كەلتۈرۈپ چىقىرىشى كېرەك. ئەگەر خۇدا مەلۇم بىر ئادەمنىڭ ئۆز ئىرادىسى بىلەن يامانلىقنى تاللايدىغانلىقىنى، شۇ سەۋەبتىن دوزاختا مەڭگۈلۈك ئازابلىنىدىغانلىقىنى ئالدىن بىلگەن بولسا، نېمە ئۈچۈن ئۇنى ياراتتى؟ دىنىي ئالىملار بۇنداق سوئاللارغا جاۋاب بېرىش ئۈچۈن سان-ساناقسىز كىتابلارنى يازغان. بەزىلەر جاۋابلارنى قايىل قىلارلىق دەپ قارايدۇ. بەزىلەر ئۇنداق قارىمايدۇ. ئىنكار قىلغىلى بولمايدىغىنى شۇكى، بىر خۇدالىق دىن ئەگەشكۈچىلىرى يامانلىق مەسىلىسىنى ھەل قىلىشتا قىينىلىدۇ.
دۇئالىزملىق دىن ئەگەشكۈچىلىرى ئۈچۈن يامانلىقنى چۈشەندۈرۈش ئاسان. ياخشى ئادەملەرگىمۇ يامان ئىشلار يۈز بېرىدۇ، چۈنكى دۇنيانى پەقەت ياخشىلىق خۇداسى باشقۇرمايدۇ. دۇنيادا يەنە مۇستەقىل ھەرىكەت قىلىدىغان، يامانلىق، رەزىللىك تېرىيدىغان بىرئىلاھىي كۈچ مەۋجۇت.
دۇئالىزمنىڭمۇ يېتەرسىزلىكلىرى بار. ئۇ يامانلىق مەسىلىسىنى ھەل قىلغان بولسىمۇ، تەرتىپ مەسىلىسى ئۇلارنى ساراسىمىگە سالىدۇ. چۈنكى دۇنيانى يېگانە خۇدا ياراتقان بولغاچقا، دۇنيادا ھەممە نەرسە ئوخشاش قانۇنغا بويسۇنىدىغان تەرتىپلىك ماكان بولالىغان. ئەگەر ياخشىلىق بىلەن يامانلىق دۇنيانى كونترول قىلىش ئۈچۈن جەڭ قىلىۋاتقان بولسا، بۇ ئۇرۇشنى باشقۇرىدىغان قانۇنلارنى كىم يۈرگۈزىدۇ؟ ئىككى رىقابەتچى دۆلەت بىر-بىرى بىلەن ئۇرۇش قىلالايدۇ، چۈنكى ئۇلارنىڭ ھەر ئىككىسى ئوخشاش فىزىكا قانۇنلىرىغا بويسۇنىدۇ. پاكىستاندىن ئېتىلغان باشقۇرۇلىدىغان بومبا ھىندىستاندىكى نىشانلارغا تېگەلەيدۇ، چۈنكى يەر شارىنىڭ تارتىش كۈچى ئىككى دۆلەتتە ئوخشاش ئىشلەيدۇ. ياخشىلىق بىلەن يامانلىق جەڭ قىلغاندا، ئۇلار قايسى ئورتاق قانۇنلارغا بويسۇنىدۇ ۋە بۇ قانۇنلارنى كىم بېكىتكەن؟
شۇڭا، بىر خۇدالىق دىن تەرتىپنى چۈشەندۈرەلەيدۇ، ئەمما يامانلىق مەسىلىسى ئۇنى قايمۇقتۇرۇپ قويىدۇ. دۇئالىزم يامانلىقنى چۈشەندۈرەلەيدۇ، ئەمما ئۇ تەرتىپ ئالدىدا قايمۇقىدۇ. بۇ چىگىشنى ھەل قىلىشنىڭ بىر مەنتىقىلىق يولى بار، ئۇ بولسىمۇ پۈتۈن كائىناتنى ھەممىگە قادىر خۇدا ياراتقان، يامانلىقنىمۇ ئۇ ياراتقان دەپ يەكۈن چىقىرىش. ئەمما تارىختا ھېچكىم بۇنداق ئېتىقادقا چىداپ تۇرالمىغان.
مىڭ يىلدىن ئارتۇق ۋاقىتتا دۇئالىمزلىق دىنلار گۈللەنگەن. مىلادىدىن ئىلگىرى 1500-1000 يىللار ئارىسىدا زەردۇشت (زاراتۇسترا) ئىسىملىك پەيغەمبەر ئوتتۇرا ئاسىيانىڭ بىر يېرىدە پائالىيەت ئېلىپ بارغان. ئۇنىڭ ئەقىدىسى ئەۋلادتىن-ئەۋلادقا يەتكۈزۈلۈپ، ئەڭ مۇھىم دۇئالىمزلىق دىن – زەردۇشت دىنىغا ئايلانغان. زەردۇشتلار دۇنيانى ياخشىلىق تەڭرىسى ئاھۇرا مازدا بىلەن يامانلىق تەڭرىسى ئانگرا ماينيۇ ئوتتۇرىسىدىكى كائىنات جېڭى دەپ قارىغان. ئۇلارچە بولغاندا، ئىنسانلار بۇ جەڭدە ياخشىلىق تەڭرىسىگە ياردەم قىلىشى كېرەك ئىدى. زەردۇشت دىنى پارىسلارنىڭ ئاھمەنىش خاندانلىقى (مىلادىدىن ئىلگىرى 550-330) دەۋرىدە مۇھىم دىن بولۇپ، كېيىن ساسانى خاندانلىقىنىڭ (مىلادى 224-651) رەسمىي دىنىغا ئايلانغان. بۇ دىن ئوتتۇرا شەرق ۋە كېيىن ئوتتۇرا ئاسىيادىكى بارلىق دىنلارغا دېگۈدەك چوڭ تەسىر كۆرسەتكەن ھەمدە گنوستىزم[2] ۋە مانى دىنى[3] قاتارلىق باشقا دۇئالىزملىق دىنلارغا ئىلھام بەرگەن.
مىلادىنىڭ 3- ۋە 4-ئەسىرلىرىدە، مانى دىنى خىتايدىن شىمالىي ئافرىقىغىچە تارقالغان ۋە بىر مەزگىل رىم ئىمپېرىيەسىدە خرىستىيان دىنىدىن بۇرۇن ئۈستۈنلۈككە ئېرىشىدىغاندەك كۆرۈنگەن. بىراق مانى دىندىكىلەر رىمنىڭ روھىنى خرىستىيانلارغا تارتقۇزۇپ قويغان، زەردۇشت دىنىدىكى ساسانى ئىمپېرىيەسى بىر خۇدالىق مۇسۇلمانلار تەرىپىدىن بېسىۋېلىنغاندىن كېيىن، دۇئالىمزلىق دىن دولقۇنى پەسەيگەن. بۈگۈنكى كۈندە ھىندىستان بىلەن ئوتتۇرا شەرقتىلا بۇ دىننىڭ ئازغىنە جامائەتلىرى ساقلىنىپ قالغان.
شۇنداقتىمۇ، بىر خۇدالىق دىننىڭ گۈللىنىشى دۇئالىمزلىق دىنلارنى يوقىتالمىدى. يەھۇدىيلار، خرىستىيانلار ۋە مۇسۇلمانلارنىڭ بىر خۇدالىق دىنى دۇئالىزملىق دىنلارنىڭ كۆپلىگەن ئەقىدىلىرى ۋە ئىبادەتلىرىنى ئۆزىگە سىڭدۈردى، بىز «بىر خۇدالىق دىن» دەيدىغان بەزى تۈپ ئىدىيەلەر مەنبە ۋە ماھىيەت جەھەتتىن دۇئالىزملىق ئېتىقادتىن كەلگەن. كۆپلىگەن خرىستىيانلار، مۇسۇلمانلار ۋە يەھۇدىيلار بىر يامان كۈچكە—خرىستىيانلار شەيتان ياكى ئىبلىس دەپ ئاتايدىغان كۈچكە ئىشىنىدۇ. ئىبلىس مۇستەقىل ھەرىكەت قىلالايدۇ، ياخشىلىق تەڭرىسى بىلەن كۈرەش قىلالايدۇ ۋە تەڭرىنىڭ رۇخسىتىسىز ۋەيرانچىلىق پەيدا قىلالايدۇ.
بىر خۇدالىق دىن ئېتىقادچىسى بۇنداق دۇئالىزملىق (ئەمەلىيەتتە تەۋراتتا تېپىلمايدىغان) ئېتىقادقا قانداق ئەگىشەلەيدۇ؟ مەنتىقە جەھەتتىن، بۇ مۇمكىن ئەمەس. سىز يا ھەممىگە قادىر بىر خۇداغا ئىشىنىسىز، ياكى بىر-بىرىگە قارشى ئىككى تەڭرىگە ئىشىنىسىز، ئۇلارنىڭ ھېچقايسىسى ھەممىگە قادىر ئەمەس. شۇنداقتىمۇ، ئىنسانلارنىڭ زىتلىقلارغا ئىشىنىش قابىلىيىتى ئاجايىپ. شۇڭا مىليونلىغان تەقۋادار خرىستىيانلار، مۇسۇلمانلار ۋە يەھۇدىيلارنىڭ بىرلا ۋاقىتتا ھەممىگە قادىر خۇداغا ۋە مۇستەقىل شەيتانغا ئىشىنىشى ھەيران قالارلىق ئەمەس. سانسىزلىغان خرىستىيانلار، مۇسۇلمانلار ۋە يەھۇدىيلار ھەتتا «ياخشىلىق تەڭرىسى شەيتانغا قارشى كۈرەشتە بىزنىڭ ياردىمىمىزگە موھتاج» دەپ تەسەۋۋۇر قىلغان. بۇ، جىھاد ۋە ئەھلى سەلىب يۈرۈشلىرىگە ئىلھام بەرگەن.
يەنە بىر مۇھىم دۇئالىزملىق چۈشەنچە شۇكى، گنوستىزىم ۋە مانى دىنىدا، تەن بىلەن روھ، ماددا بىلەن روھ كەسكىن پەرقلىنىدۇ. ئۇلار «ياخشىلىق تەڭرىسى روھنى ياراتقان، يامانلىق تەڭرىسى ماددا ۋە تەننى ياراتقان» دەپ قارىغان. بۇ كۆز قاراشقا ئاساسەن، ئىنسان ۋۇجۇدى ياخشى روھ بىلەن يامان تەن ئوتتۇرىسىدىكى جەڭ مەيدانىدۇر. بىر خۇدالىق دىن نۇقتىسىدىن قارىغاندا، بۇ بىمەنىلىكتۇر؛ ھەممىنى بىر خۇدا ئوخشاش ياراتقان تۇرسا، نېمىشقا تەن بىلەن روھنى، ياكى ماددا بىلەن روھنى كەسكىن پەرقلەندۈرۈش كېرەك؟ نېمىشقا تەن ۋە ماددىنى يامان دەپ تۇرىۋېلىش كېرەك؟ ئەمما بىر خۇدالىق دىن ئېتىقادچىلىرى دۇئالىزملىق قارمۇ-قارشىلىقلارغا مەپتۇن بولماي تۇرالمىدى، چۈنكى ئۇ يامانلىق مەسىلىسىنى ھەل قىلىشقا ياردەم بەردى. نەتىجىدە ئۇ خرىستىئان ۋە مۇسۇلمان تەپەككۇرىنىڭ ئۇل تېشىغا ئايلاندى. جەننەت (ياخشىلىق تەڭرىسىنىڭ دۇنياسى) ۋە دوزاخ (يامانلىق تەڭرىسىنىڭ دۇنياسى) قا بولغان ئېتىقادمۇ دۇئالىزمدىن كەلگەن. تەۋراتتا بۇ ئېتىقادنىڭ ئىزىمۇ يوق، ئۇ ھەرگىز «تەن ئۆلگەندىن كېيىنمۇ روھ ياشايدۇ» دەپ دەۋا قىلمايدۇ.
ئەمەلىيەتتە، تارىختا كۆرۈلگەندەك، بىر خۇدالىق دىن بىر خۇدالىق ئېتىقاد، دۇئالىزىملىق ئېتىقاد، كۆپ تەڭرىلىك ئېتىقاد ۋە روھپەرەستلىك ئېتىقادى قالدۇرغان مىراسلارنىڭ جاھاننامە ئەينىكىدۇر. ئادەتتىكى بىر خرىستىيان مۇرىتى بىر خۇدالىق دىندىكى خۇداغىمۇ، دۇئالىزملىق دىندىكى شەيتانغىمۇ، كۆپ تەڭرىلىك دىندىكى ئەۋلىيالارغىمۇ، روھپەرەستلىك ئېتىقادىدىكى روھلارغىمۇ ئىشىنىدۇ. دىن ئالىملىرى بىر-بىرىدىن پەرقلىق، ھەتتا ئۆزئارا زىت ئىدىيەلەرنىڭ بىرلا ۋاقىتتا ئېتىراپ قىلىنىشىنى، شۇنداقلا ئوخشىمىغان مەنبەلەردىن ئېلىنغان دىنىي مۇراسىملار ۋە ئىبادەتلەرنىڭ بىرلەشتۈرۈلۈشىنى سىنكرېتىزم دەپ ئاتايدۇ. سىنكرېتىزم ئەمەلىيەتتە بۇ دۇنيادىكى بىردىنبىر چوڭ دىن بولۇشى مۇمكىن.

تەبىئەت قانۇنى
بىز بايان قىلىپ ئۆتكەن بارلىق دىنلارنىڭ بىر مۇھىم ئورتاق ئالاھىدىلىكى بار: ئۇلارنىڭ ھەممىسى خۇدالارغا ۋە باشقا غايىب كۈچلەرگە بولغان ئېتىقادقا مەركەزلەشكەن. بۇ غەربلىكلەرگە ناھايىتى ئېنىق، چۈنكى ئۇلار ئاساسەن بىر خۇدالىق ۋە كۆپ تەڭرىلىك ئېتىقادلار بىلەن تونۇش. ئەمەلىيەتتە، دۇنيانىڭ دىنىي تارىخى پەقەت خۇدالارنىڭ تارىخىغىلا باغلىق ئەمەس. مىلادىدىن بۇرۇنقى بىرىنچى مىڭ يىلدا، يىپيېڭى ئېتىقادلار ئاسىيا-ئافرىقادا تارقىلىشقا باشلىدى. ھىندىستاندىكى جاينىزم[4] ۋە بۇددىزم، خىتايدىكى داۋجياۋ ۋە كۇڭزى ئېقىمى، ئوتتۇرا دېڭىز رايونىدىكى ستوئىزم[5]، سىنىزم[6] ۋە ئېپىكۇرىزمغا[7] ئوخشاش يېڭى ئېقىملار خۇدالارغا ئېتىبار بەرمەسلىك بىلەن خاراكتېرلەندى.
بۇ ئېتىقادلار دۇنيانى باشقۇرىدىغان ئىنسانلاردىن ئۈستۈن تەرتىپنىڭ ئىلاھىي ئىرادە ۋە خاھىشلارنىڭ ئەمەس، بەلكى تەبىئىي قانۇنىيەتلەرنىڭ مەھسۇلى ئىكەنلىكىنى ئوتتۇرىغا قويدى. بۇ ئېقىملارنىڭ بەزىلىرى تەڭرىلەرنىڭ مەۋجۇتلۇقىنى قوبۇل قىلىشنى داۋاملاشتۇردى، ئەمما ئۇلارنىڭ خۇدالىرىمۇ خۇددى ئىنسانلار، ھايۋانلار ۋە ئۆسۈملۈكلەرگە ئوخشاشلا تەبىئەت قانۇنىيەتلىرىگە بويسۇناتتى. پىل ۋە كىرپىلەرنىڭ تەبىئەتتە ئۆز ئورنى بولغىنىدەك، تەڭرىلەرنىڭمۇ ئېكولوگىيەلىك سىستېمىدا ئۆز ئورنى بار ئىدى. ئەمما پىللار تەبىئەت قانۇنىيەتلىرىنى ئۆزگەرتەلمىگەندەك، تەڭرىلەرمۇ تەبىئەتنى ئۆزگەرتەلمەيتتى. بۇنىڭ تىپىك مىسالى، قەدىمكى تەبىئىي قانۇن دىنلىرىنىڭ ئەڭ مۇھىمى بولغان ۋە ھازىرمۇ چوڭ دىنلارنىڭ بىرى بولۇپ كەلگەن بۇددىزمدۇر.
بۇددىزمنىڭ مەركىزىدىكى شەخس بىرەر خۇدا ئەمەس، بەلكى سىددىھارتا گائۇتاما ئىسىملىك بىر ئىنسان. بۇددىزم رىۋايىتى بويىچە، گائۇتاما مىلادىدىن بۇرۇنقى 500-يىللار ئەتراپىدا ھىمالايادىكى كىچىك بىر پادىشاھلىقنىڭ ۋارىسى ئىدى. ياش شاھزادە ئەتراپىدىكى ئازاب-ئوقۇبەتلەردىن چوڭقۇر تەسىرلەنگەن. ئۇ ئەر-ئايال، بالا-چاقا ۋە ياشانغانلارنىڭ ھەممىسى پەقەت ئۇرۇش ۋە ۋابادەك تۇيۇقسىز كېلىدىغان ئاپەتلەردىنلا ئەمەس، بەلكى ئەندىشە، ئۈمىدسىزلىك ۋە نارازىلىقتىنمۇ ئازاب چېكىدىغانلىقىنى، بۇلارنىڭ ھەممىسىنىڭ ئىنسان تەقدىرىنىڭ ئايرىلماس بىر قىسمىدەك كۆرۈنىدىغانلىقىنى بايقىغان. كىشىلەر بايلىق ۋە ھوقۇقنىڭ كەينىدىن قوغلىشىدۇ، بىلىم ۋە مال-مۈلۈك توپلايدۇ، بالىلىق بولىدۇ، ئۆي-سارايلار سالىدۇ. ئەمما ئۇلار مەيلى نېمىگە ئېرىشسۇن، ھەرگىز رازى بولمايدۇ. نامراتلار بايلىقنى ئارزۇ قىلىدۇ. بىر مىليونى بارلار ئىككى مىليون بولسۇن دەيدۇ. ئىككى مىليونى بارلار ئون مىليون بولسۇن دەيدۇ. ھەتتا بايلار ۋە داڭلىقلارمۇ تولۇق قانائەت تاپمايدۇ، ئۇلارمۇ تاكى كېسەللىك، قېرىلىق ۋە ئۆلۈم كەلگىچە غەم-ئەندىشىدىن قۇتۇلالمايدۇ، ئازابلىنىدۇ. ئىنسانلار توپلىغان ھەممە نەرسە تۈتۈندەك يوقاپ كېتىدۇ. ھايات چاشقانلارنىڭ مەنىسىز يۈگۈرۈشىگە ئوخشايدۇ. ئەمما ئۇنىڭدىن قانداق قۇتۇلغىلى بولىدۇ؟
گائۇتاما يىگىرمە توققۇز يېشىدا يېرىم كېچىدە ئائىلىسى ۋە مال-مۈلكىنى تاشلاپ، سارىيىدىن چىقىپ كېتىدۇ. ئۇ شىمالىي ھىندىستاندا سەرگەردان بولۇپ كېزىپ، ئازاب-ئوقۇبەتتىن قۇتۇلۇش يولىنى ئىزدەيدۇ. ئۇ ئىبادەتخانىلارغا بېرىپ، راھىپلارنىڭ ئايىغىدا ئولتۇرىدۇ، ئەمما ھېچقايسىسى ئۇنى مەمنۇن قىلالمايدۇ، ئۇ ئۈمىدسىزلىنىدۇ.
ئۇ پۈتۈنلەي ئازاد بولۇش ئۇسۇلىنى تاپقۇچە ئازاب-ئوقۇبەتنى ئۆزى سىناپ كۆرۈشنى قارار قىلىدۇ. شۇنىڭ بىلەن ئۇ ئىنسان ئازابىنىڭ ماھىيىتى، سەۋەبلىرى ۋە داۋالاش يوللىرى ئۈستىدە ئالتە يىل تەپەككۇر قىلىدۇ. ئاخىرىدا ئۇ ئازاب-ئوقۇبەتنىڭ بەختسىزلىك، ئىجتىمائىي ئادالەتسىزلىك ياكى ئىلاھىي خاھىشلاردىن كەلمەيدىغانلىقىنى، بەلكى كىشىنىڭ ئوي-خىيالىدىن پەيدا بولىدىغانلىقىنى ھېس قىلىدۇ.
گائۇتاما شۇنى چۈشىنىپ يېتىدۇكى، زېھىن نېمىنى ھېس قىلىشىدىن قەتئىينەزەر، ئۇ ئادەتتە ھېرىسمەنلىك بىلەن ئىنكاس قايتۇرىدۇ، ھېرىسمەنلىك بولسا ھەمىشە نارازىلىقنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. زېھىن يېقىمسىز نەرسىنى ھېس قىلغاندا، بىئاراملىقتىن قۇتۇلۇشقا ھېرىس بولىدۇ. زېھىن يېقىملىق نەرسىنى ھېس قىلغاندا، ھۇزۇرنىڭ داۋاملىشىشى ۋە كۈچىيىشىگە ھېرىس بولىدۇ. شۇڭا، بىز ئاغرىقتەك يېقىمسىز نەرسىلەرنى ھېس قىلغىنىمىزدا، زېھنىمىزنىڭ ھەمىشە نارازى ۋە بىئارام بولىدىغانلىقى ناھايىتى ئېنىق. ئاغرىق داۋاملاشقان مۇددەتتە، بىز نارازى بولىمىز ۋە ئۇنىڭدىن قېچىش ئۈچۈن قولىمىزدىن كەلگەننىڭ ھەممىسىنى قىلىمىز. ئەمما يېقىملىق نەرسىلەرنى ھېس قىلغىنىمىزدىمۇ بىز ھەرگىز قانائەت تاپمايمىز. بىز يا ھۇزۇرنىڭ يوقاپ كېتىشىدىن ئەنسىرەيمىز، ياكى ئۇنىڭ تېخىمۇ كۈچىيىشىنى ئۈمىد قىلىمىز. كىشىلەر يىللار بويى مۇھەببەت تېپىشنى ئارزۇ قىلىدۇ، ئەمما ئۇنىڭغا ئېرىشكەندە كۆڭلىنىڭ بىر يېرىدىن قانائەت تاپمايدۇ. بەزىلەر جورىسىنىڭ ئايرىلىپ كېتىشىدىن ئەنسىرەيدۇ؛ يەنە بەزىلەر ئاسانلا ئېرىشتۇق، تېخىمۇ ياخشىراقىنى تاپالايتتۇق دەپ ھېس قىلىدۇ. بىز ھەممىمىز شۇنداق كىشىلەرنى بىلىمىز.

خەرىتە: بۇددا دىنىنىڭ تارقىلىشى
ئۇلۇغ خۇدالار بىزگە يامغۇر ياغدۇرالايدۇ، ئىجتىمائىي مۇئەسسەسەلەر ئادالەت ۋە ياخشى ساغلاملىق مۇلازىمىتى تەمىنلىيەلەيدۇ، تاسادىپىي كەلگەن ئامەتلەر بىزنى مىليونېرغا ئايلاندۇرالايدۇ، ئەمما بۇلارنىڭ ھېچقايسىسى بىزنىڭ ئاساسىي زېھنىي قېلىپلىرىمىزنى ئۆزگەرتەلمەيدۇ. شۇڭا ھەتتا ئەڭ ئۇلۇغ پادىشاھلارمۇ تەشۋىش ئىچىدە ياشاشقا مەھكۇم، ئۇلار دائىم غەم-قايغۇ ۋە ئازابتىن قاچىدۇ، تېخىمۇ چوڭ ھۇزۇرلارنىڭ كەينىدىن مەڭگۈ قوغلىشىدۇ.
گائۇتاما بۇ ناچار دەۋرىيلىكتىن (گىردابتىن) چىقىش يولى بارلىقىنى بايقىغان. ئەگەر زېھىن يېقىملىق ياكى يېقىمسىز نەرسىنى ھېس قىلغاندا، ئۇنى ئەينەن چۈشەنگەندىلا، ئازاب-ئوقۇبەت بولمايدۇ. ئەگەر سىز قايغۇنىڭ يوقىلىشىغا ھېرىس بولماي تۇرۇپ ئۇنى ھېس قىلىشنى داۋاملاشتۇرسىڭىز ئۇنىڭدىن ئازابلانمايسىز. قايغۇدا ئەمەلىيەتتە بايلىق بولۇشى مۇمكىن. ئەگەر سىز خۇشاللىقنىڭ داۋاملىشىشى ۋە كۈچىيىشىگە ھېرىس بولماي تۇرۇپ ئۇنى ھېس قىلسىڭىز، داۋاملىق خۇشال بولالايسىز.
ئەمما زېھىننى ھېرىسمەنلىكتىن قۇتۇلدۇرۇپ، ھېس-تۇيغۇلارنى ئەينەن قوبۇل قىلىشقا قانداق كۆندۈرگىلى بولىدۇ؟ قايغۇنى قايغۇدەك، خۇشاللىقنى خۇشاللىقتەك، ئاغرىقنى ئاغرىقتەك قوبۇل قىلىشقا قانداق كۆندۈرگىلى بولىدۇ؟ گائۇتاما زېھىننى رېئاللىققا ھېرىس بولماي، ئۇنى ئەينەن ھېس قىلىشقا كۆندۈرىدىغان تەپەككۇر مەشىقى (meditation) ئۇسۇللىرىنى تەرەققىي قىلدۇرغان. بۇ مەشىقلەر زېھىننى «مەن نېمىنى ھېس قىلىشنى خالايتتىم؟» دېگەنگە ئەمەس، «مەن ھازىر نېمىنى ھېس قىلىۋاتىمەن؟» دېگەنگە مەركەزلىشىشكە كۆندۈرىدۇ، بۇ زېھنىي ھالەتكە يېتىش تەس، ئەمما مۇمكىن بولمايدىغان ئىشمۇ ئەمەس.
گائۇتاما كىشىلەرنىڭ رېئال كەچمىشكە دىققەت قىلىشىنى ئاسانلاشتۇرۇش، ئاچكۆز خىياللارغا چۈشۈپ قېلىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئۈچۈن، تەپەككۇر مەشىقى ئۇسۇللىرىغا بىر قاتار ئەخلاقىي قائىدىلەرنى بېكىتكەن. ئۇ مۇرىتلىرىغا قاتىللىق، زىنا ۋە ئوغرىلىقتىن ساقلىنىشنى تاپىلىغان، چۈنكى بۇ قىلمىشلار چوقۇم نەپسانىيەت (كۈچ-ھوقۇق، جىسمانىي ھۇزۇر ياكى بايلىققا بولغان كۈچلۈك ئىستەك) ئوتىنى تۇتاشتۇرىدۇ. ئوت پۈتۈنلەي ئۆچۈرۈلگەندە، ئاچكۆزلۈكنىڭ ئورنىنى نىرۋانا (سۆزنىڭ ئەسلى مەنىسى ›ئوتنى ئۆچۈرۈش‹) دەپ ئاتىلىدىغان مۇكەممەل قانائەت ۋە خاتىرجەملىك ئىگىلەيدۇ. نىرۋاناغا يەتكەنلەر ئازاب-ئوقۇبەتتىن پۈتۈنلەي ئازاد بولىدۇ؛ رېئاللىقنى خىيال ۋە ۋەسۋەسىلەردىن خالىي ھالدا ئىنتايىن ئېنىق ھېس قىلىدۇ. گەرچە ئۇلار بىئاراملىق ۋە ئاغرىققا يەنىلا دۇچ كەلسىمۇ، بۇرۇنقىدەك ئازابلىنىپ كەتمەيدۇ. ئاچكۆزلۈكتىن قۇتۇلغان كىشى ئازابلىنالمايدۇ.
بۇددىزم رىۋايىتى بويىچە، گائۇتاما ئۆزى نىرۋاناغا يېتىپ، ئازاب-ئوقۇبەتتىن پۈتۈنلەي ئازاد بولغان. شۇنىڭدىن كېيىن ئۇ «بۇددا»، يەنى «نۇرلانغان كىشى» دەپ تونۇلغان. بۇددا قالغان ئۆمرىنى باشقىلارنىڭمۇ ئازاب-ئوقۇبەتتىن قۇتۇلۇشىغا، ئۆز بايقاشلىرىنى باشقىلارغا چۈشەندۈرۈشكە بېغىشلىغان. ئۇ ئۆز تەلىماتلىرىنى بىر قانۇنغا يىغىنچاقلىغان: ئازاب-ئوقۇبەت ئاچكۆزلۈكتىن كېلىپ چىقىدۇ؛ ئازاب-ئوقۇبەتتىن ئادا-جۇدا بولۇشنىڭ بىردىنبىر يولى ئاچكۆزلۈكتىن پۈتۈنلەي قۇتۇلۇش؛ ئاچكۆزلۈكتىن قۇتۇلۇشنىڭ بىردىنبىر يولى بولسا زېھىننى رېئاللىقنى ئەينەن ھېس قىلىشقا كۆندۈرۈش.
«دىھارما» ياكى «دىھامما» دەپ تونۇلغان بۇ قانۇننى بۇددىستلار تەبىئەتنىڭ ئۇنىۋېرسال قانۇنى دەپ قارايدۇ. «ئازاب-ئوقۇبەت ئاچكۆزلۈكتىن كېلىپ چىقىدۇ» دېگەن قانۇن، زامانىۋى فىزىكىدىكى E ھەمىشە mc² گە تەڭ[8] بولغىنىغا ئوخشاش، ھەر زامان، ھەر يەردە توغرىدۇر. بۇددىستلار بۇ قانۇنغا ئىشىنىدۇ ۋە ئۇنى بارلىق پائالىيەتلىرىنىڭ مەركىزىي نۇقتىسى قىلىدۇ. تەڭرىلەرگە ئىشىنىش بولسا ئۇلارغا نىسبەتەن ئانچە مۇھىم ئەمەس. بىر خۇدالىق دىنلارنىڭ بىرىنچى پىرىنسىپى «خۇدا مەۋجۇت. ئۇ مەندىن نېمىنى خالايدۇ؟»، بۇددىزمنىڭ بىرىنچى پىرىنسىپى بولسا «ئازاب-ئوقۇبەت مەۋجۇت. مەن ئۇنىڭدىن قانداق قۇتۇلىمەن؟» دېگەندىن ئىبارەت.
بۇددىزم خۇدالارنىڭ مەۋجۇتلۇقىنى ئىنكار قىلمايدۇ، ئۇلارنى يامغۇر ياغدۇرالايدىغان ۋە غەلىبە قازاندۇرالايدىغان كۈچلۈك مەۋجۇداتلار دەپ تەسۋىرلەيدۇ. ئەمما ئۇلار «ئازاب-ئوقۇبەتنىڭ مەنبەسى ئاچكۆزلۈك» دېگەن قانۇنغا تەسىر قىلالمايدۇ. ئەگەر بىر كىشىنىڭ زېھنى نەپسانىي ئىستەكلەردىن خالىي بولسا، ھېچقانداق خۇدا ئۇنى بەختسىز قىلالمايدۇ. ئەكسىچە، بىر كىشىنىڭ زېھنىدە نەپسانىيەت (ئاچكۆزلۈك) ھاكىم بولسا، كائىناتتىكى بارلىق خۇدامۇ ئۇنى ئازاب-ئوقۇبەتتىن قۇتقۇزالمايدۇ.
شۇنداقتىمۇ، بىر خۇدالىق دىنلارغا ئوخشاش، بۇددىزمدەك تەبىئىي قانۇن دىنلىرىمۇ كۆپ تەڭرىگە چوقۇنۇشتىن قۇتۇلالمىدى. بۇددىزم كىشىلەرگە ئىقتىسادىي گۈللىنىش ۋە سىياسىي ھوقۇق دېگەنلەردە توختاپ قالماستىن، ئازاب-ئوقۇبەتتىن پۈتۈنلەي قۇتۇلۇشتەك غايىۋى نىشانغا ئىنتىلىش كېرەكلىكىنى ئېيتتى. ھالبۇكى، بۇددىستلارنىڭ 99 پىرسەنتى نىرۋاناغا يېتەلمىدى، گەرچە ئۇلار كەلگۈسىدە ئۇنىڭغا يېتىشنى ئۈمىد قىلغان بولسىمۇ، ھازىرقى ھاياتلىرىنىڭ كۆپ قىسمىنى دۇنياۋى نەتىجىلەرنى قوغلىشىشقا بېغىشلىدى. شۇڭا ئۇلار ھىندىستاندىكى ھىندۇ تەڭرىلىرى، تىبەتتىكى بون تەڭرىلىرى ۋە ياپونىيەدىكى شىنتو تەڭرىلىرىگە ئوخشاش ھەر خىل تەڭرىلەرگە چوقۇنۇشنى داۋاملاشتۇردى.
ئۇنىڭ ئۈستىگە، ۋاقىتنىڭ ئۆتۈشى بىلەن نۇرغۇن بۇددىزم مەزھەپلىرى بۇددا ۋە بودىساتۋالار ئېتىقادىنى تەرەققىي قىلدۇردى. ئۇلار ئازاب-ئوقۇبەتتىن ئادا-جۇدا بولالايدىغان، ئەمما مېھىر-شەپقەت يۈزىسىدىن، سانسىزلىغان مەۋجۇداتلارنى بەخىتسىزلىك گىردابىدىن قۇتۇلدۇرۇش ئۈچۈن ئۆز ئازادلىقىدىن ۋاز كەچكەن ئىنسانلار ۋە ئىنسان بولمىغان مەۋجۇداتلاردۇر. نۇرغۇن بۇددىستلار تەڭرىلەرگە چوقۇنۇشنىڭ ئورنىغا، ئۇ مۇقەددەس مەۋجۇداتلارغا چوقۇنۇشقا باشلىدى، ئۇلاردىن نىرۋاناغا يېتىشتە ياردەم سوراپلا قالماي، كۈندىلىك مەسىلىلەرنى ھەل قىلىشتىمۇ ياردەم سورىدى. شۇڭا بىز شەرقىي ئاسىيادا نۇرغۇن بۇددا ۋە بودىساتۋالارنىڭ دۇئا، رەڭدار گۈللەر، خۇشپۇراق ئىسرىق، گۈرۈچ ۋە قەنت سوۋغىلىرى بەدىلىگە يامغۇر ياغدۇرۇش، ۋابانى توختىتىش، ھەتتا قانلىق ئۇرۇشلارنى ئۇتۇشقا ياردەم بېرىش بىلەن مەشغۇل بولۇۋاتقانلىقىنى كۆرىمىز.
[1] دۇئالىزم — بارلىق مەۋجۇدىيەت بىر- بىرىگە قارشى ئىككى تەرەپ، ئىككى قۇتۇبتىن تەشكىل تاپقان دەپ قارايدىغان ئېقىم.
[2] گىنوستىزىم گرېكچىدىكى «گىنوس» (بىلىم) دېگەن سۆزدىن كەلگەن بولۇپ، قەدىمكى دەۋردە بىلىمنى ئاساس قىلغان بىر روھانىي ئېقىم. بۇ يەردىكى بىلىم تەڭرىنى بىۋاسىتە، شەخسىي ۋە روھانىي ئۇسۇلدا تونۇشنى كۆرسىتىدۇ. گنوستىزم ئېتىقادىدىكىلەر ماددىي دۇنيانى ئەيب-نۇقسان ۋە رەزىللىكلەر بىلەن تولغان ماكان، ئۇنى ئىلاھ ئەمەس، ئۇنىڭ ئاستىدىكى بىر كۈچ ياراتقان دەپ قارايدۇ. ئۇلارنىڭ قارىشىچە، باشقا دىنلاردىكى تەڭرىلەر ھەقىقىي تەڭرى ئەمەس، ھەقىقىي تەڭرى ماددىي دۇنيادىن ھالقىغان بولۇپ، ئۇنى پەقەت بىلىم ئارقىلىق بىلگىلى بولىدۇ. بۇ بىلىم شۇ كىشىگە ئاتا قىلىنغان ئىلاھىي ئىلىم (تەسەۋۋۇپچىلارنى بۇنى ئىلمىي لەدۇن دەپ ئاتايدۇ) بولۇشى مۇمكىن، چۈنكى ھەر كىشىنىڭ ۋۇجۇدىدا تەڭرىدىن كەلگەن بىر زەررە نۇر بولىدۇ، ئىنسانلار ئىمان ۋە ياخشى ئەمەل يولى بىلەن ئەمەس، ئۆزىنىڭ ئىلاھىي مەنبەدىن كەلگەنلىكىنى تونۇش ئارقىلىق ئۇ ئىلاھىي ئىلىمنى ئىگىلەپ، نىجاتلىققا ئېرىشەلەيدۇ. -ت
[3] مانى دىنى مىلادى 3-ئەسىردە پارس خاندانلىقىدا مانى ئىسىملىك بىر پەيغەمبەر تەرىپىدىن قۇرۇلغان دىن، مانى ئۆزىنى ئاخىرقى پەيغەمبەر دەپ تونۇتقان بولۇپ، بۇ دىنىنى زەردۇشتلۇق، خرىستىيانلىق ۋە بۇددا دىنى بىلەن بىرلەشتۈرۈپ كامىل دىن ياراتماقچى بولغان. مانى دىنىمۇ دۇئالىزملىق دىن بولۇپ، دۇنيانى نۇر بىلە قاراڭغۇلۇقتىن تەشكىل تاپقان، رۇھ ئادەمنىڭ نۇرلۇق تەبىئىتى بولسا، جىسمى-بەدىنى قاراڭغۇلۇققا تەۋە، ئادەم ئۆز نەپسىنى پاكلاپ، رۇھىنى نۇرلاندۇرۇپ، قاراڭغۇلۇقتىن قۇتۇلۇپ، ئەسلى نۇرغا قايتىشى كېرەك دەپ قارايدۇ. ئۇيغۇر ۋە باشقا تۈركىي مىللەتلەر بۇ دىننىڭ چوڭقۇر تەسىرىگە ئۇچرىغان.
[4] جاينىزم—مىلادىدىن بۇرۇنقى 5-ئەسىردە بۇددىزم بىلەن بىرلا ۋاقىتتا ھىندىستاندا بارلىققا كەلگەن دىنىي ھەم پەلسەپىۋى ئېقىم،ئۇ تىنچلىقنى، ئاسايىشلىقنى، رەھىمدىللىكنى تەرغىپ قىلىپ، زوراۋانلىققا قارشى تۇرىدۇ. ھەر كىم ئۆز تىرىشچانلىقى بىلەن تاكامۇللۇققا ۋە نىجاتلىققا ئېرىشەلەيدۇ دەپ قارايدۇ.
[5] ستوئىزىم—رىم ئىمېرىيەسى دەۋرىدە بارلىققا كەلگەن مەشھۇر پەلسەپە ئېقىمى، بۇ ئېقىم ھېكىمەت بىلەن ياشاش ئۇسۇلىنى ئۆگىتىدۇ. قولدىن كەلمەيدىغان ئىشلارغا ئاھ ئۇرماسلىق، قولدىن كېلىدىغان ئىشلارنى ئۆزگەرتىشكە تىرىشىش ئارقىلىق ساغلام، بەختلىك ياشاشنى تەشەببۇس قىلىدۇ.
[6] سىنىزم—مىلادىدىن بۇرۇنقى 4-ئەسىرنىڭ كېيىنكى يېرىمىدا بارلىققا كەلگەن گرېك پەلسەپە ئېقىمىدۇر، بۇ ئېقىم مەدەنىيەت دېگەن نەرسىنىڭ تەبىئەتتىن ياتلىشىش ئىكەنلىكىنى بىلدۈرىدۇ ھەم تەبىئەتكە قايتىشنى تەشەببۇس قىلىدۇ، بەخت دېگەن نەرسىنى ھەر كىم ئۆزى يارىتىدۇ دەپ قارايدۇ.
[7] ئېپىكۇرىزم—گرېك پەيلاسوپى ئېپىكۇر (مىلادىدىن بۇرۇنقى 340-يىلدىن 270-يىلغىچە ياشىغان) نىڭ تەلىماتى ئاساسىدا قۇرۇلغان پەلسەپە ئېقىمى. ئۇ ئالەمنى چەكسىز دەپ قارايدۇ، تەڭرىلەرنى بولسا دۇنيانىڭ ئىشلىرىغا تامامەن يات بولغان،ئەمما ئىنسانلار تەرىپىدىن مۇقەددەسلەشتۈرۈلگەن مەڭگۈلۈك مەۋجۇداتلار دەيدۇ. دۇنيادىكى ئەڭ ياخشى نەرسىنىڭ خۇشاللىق ۋە كەيپ-ساپا ئىكەنلىكىنى، ئازاب ۋە بىئاراملىق بولمىغان بىر ھالنىڭ خۇشاللىق ئىكەنلىكىنى ئوتتۇرىغا قويىدۇ.
[8] ئېينىشتىيىننىڭ مەشھۇر فىزىكا قانۇنى تىئورمىسى. ئېنىرگىيە (E) ماسسا بىلەن نۇر تېزلىكىنىڭ كۇۋادراتىغا تەڭ.

Leave a Reply