قۇلۇلە قېپى ۋە تاماكىلار
پۇل نۇرغۇن جايلاردا كۆپ قېتىم ئىجاد قىلىنغان. ئۇنىڭ تەرەققىياتى ھېچقانداق تېخنىكىلىق ئىلگىرىلەشنى تەلەپ قىلمىدى، ئۇ پەقەت زېھنىي ئىنقىلاب ئىدى. ئۇ كىشىلەرنىڭ ئورتاق تەسەۋۋۇرىدىلا مەۋجۇت بولغان يېڭى سۇبيېكتلار ئارا رېئاللىقنى يارىتىشنى ئۆز ئىچىگە ئالدى.
پۇل تەڭگە ياكى قەغەز پۇل ئەمەس. پۇل كىشىلەرنىڭ مال-مۈلۈك ۋە مۇلازىمەتلەرنى ئالماشتۇرۇش مەقسىتىدە باشقا نەرسىلەرنىڭ قىممىتىنى سىستېمىلىق ھالدا ئىپادىلەش ئۈچۈن ئىشلىتىشكە رازى بولىدىغان ھەرقانداق نەرسىدۇر. پۇل كىشىلەرنىڭ ھەر خىل مالنىڭ (مەسىلەن، ئالما، ئاياغ ۋە ئاجرىشىش) قىممىتىنى تېز ۋە ئاسانلا سېلىشتۇرۇشىغا، بىر نەرسىنى يەنە بىر نەرسىگە ئاسانلا ئالماشتۇرۇشىغا ۋە بايلىقنى ئاسان ساقلىيالىشىغا ئىمكان بېرىدۇ. تارىختا كۆپ خىل پۇللار بولغان. ئەڭ تونۇشلۇق بولغىنى تەڭگە بولۇپ، ئۇ ئۆلچەملەشتۈرۈلگەن، بەلگە بېسىلغان مېتال پارچىسىدۇر. ئەمما پۇل تەڭگە ئىجاد قىلىنىشتىن بۇرۇنلا مەۋجۇت ئىدى. قۇلۇلە قېپى، چارۋا مال، تېرە، تۇز، ئاشلىق، مۇنچاق، رەخت ۋە قەرز تىلخەتلىرى قاتارلىق نەرسىلەرنى پۇل سۈپىتىدە ئىشلەتكەن مەدەنىيەتلەر گۈللەنگەن. قۇلۇلە قېپى پۈتۈن ئافرىقا، جەنۇبىي ئاسىيا، شەرقىي ئاسىيا ۋە ئوكيانىيەدە تەخمىنەن 4 مىڭ يىل پۇل سۈپىتىدە ئىشلىتىلگەن. 20-ئەسىرنىڭ باشلىرىدا ئەنگلىيەگە قاراشلىق ئۇگاندادا باج-سېلىقنى يەنىلا دېڭىز قۇلۇلىسى بىلەن تۆلىگىلى بولاتتى.
زامانىۋى تۈرمە ۋە ھەربىي ئەسىرلەر لاگېرلىرىدا، تاماكا كۆپ ھاللاردا پۇل سۈپىتىدە ئىشلىتىلگەن. ھەتتا تاماكا چەكمەيدىغان مەھبۇسلارمۇ تۆلەم سۈپىتىدە تاماكىنى قوبۇل قىلىشقا، باشقا بارلىق مال-مۈلۈك ۋە مۇلازىمەتلەرنىڭ قىممىتىنى تاماكا بىلەن ھېسابلاشقا رازى بولغان. ئاۋشۋىتز لاگېرىدىن ئامان قالغان بىر كىشى لاگېردا ئىشلىتىلگەن تاماكا پۇلىنى مۇنداق تەسۋىرلىگەن: «بىزنىڭ ئۆز پۇلىمىز بار ئىدى، ئۇنىڭ قىممىتىگە ھېچكىم گۇمان قىلمايتتى، ئۇ بولسىمۇ تاماكا. ھەر بىر نەرسىنىڭ باھاسى تاماكا بىلەن بەلگىلىنەتتى… ‹نورمال› ۋاقىتلاردا، يەنى گاز كامېرىغا كىرگۈزۈلىدىغانلار مۇنتىزىم كېلىپ تۇرغان ۋاقتىدا، بىر بولكا 12 تال تاماكىغا؛ 300 گرام سارماي 30 تال تاماكىغا؛ بىر قول سائىتى 80 تالدىن 200 تالغىچە تاماكىغا؛ بىر لىتىر ھاراق 400 تال تاماكىغا توغرا كېلەتتى!»

قەدىمكى خىتاي يېزىقىدا قۇلۇپە قېپىغا يېزىلغان «سېتىش» ياكى «مۇكاپات» دېگەندەك بەلگىلەر پۇلغا ۋەكىللىك قىلغان.
ئەمەلىيەتتە، ھەتتا بۈگۈنمۇ تەڭگە ۋە قەغەز پۇللار پۇلنىڭ كەم ئۇچرايدىغان شەكلىدۇر. 2006-يىلى دۇنيادىكى پۇلنىڭ ئومۇمىي سوممىسى 60 تىرىلىيون دوللار بولسىمۇ، تەڭگە ۋە قەغەز پۇللارنىڭ ئومۇمىي سوممىسى 6 تىرىلىيون دوللاردىن ئاز بولغان. بارلىق پۇلنىڭ 90 پىرسەنتتىن كۆپرەكى (ھېسابىمىزدا كۆرۈنىدىغان 50 تىرىلىيون دوللاردىن ئارتۇق پۇل) پەقەت كومپيۇتېر مۇلازىمېتىرلىرىدىلا مەۋجۇت. شۇڭا، كۆپىنچە تىجارەت مۇئامىلىلىرى ھېچقانداق رېئال پۇل ئالماشتۇرماي، ئېلېكترونلۇق سانلىق مەلۇماتلارنى بىر كومپيۇتېر ھۆججىتىدىن يەنە بىرىگە يۆتكەش ئارقىلىق ئېلىپ بېرىلىدۇ. مەسىلەن، پەقەت جىنايەتچىلەرلا قەغەز پۇلغا تولغان چامادان كۆتۈرۈپ ئۆي سېتىۋالىدۇ. كىشىلەر مال-مۈلۈك ۋە مۇلازىمەتلەرنى ئېلېكترونلۇق سانلىق مەلۇماتلارغا ئالماشتۇرۇشقا رازى بولسىلا، ئۇ پارقىراق تەڭگە ۋە يېڭى قەغەز پۇللاردىنمۇ ياخشى رول ئوينايدۇ – يېنىك بولىدۇ، ئاز جاي ئىگىلەيدۇ ۋە ھېساباتلارنى تەكشۈرۈش تېخىمۇ ئاسان بولىدۇ.
مۇرەككەپ تىجارەت سىستېمىلىرىنىڭ نورمال ئىشلىشى ئۈچۈن، مەلۇم خىلدىكى پۇل زۆرۈردۇر. پۇل ئىقتىسادىدىكى بىر موزدوز پەقەت ھەر خىل ئاياغلارنىڭ باھاسىنى بىلسىلا بولىدۇ، ئاياغ بىلەن ئالما ياكى ئۆچكە ئارىسىدىكى ئالماشتۇرۇش نىسبىتىنى يادلىۋېلىشنىڭ ھاجىتى يوق. پۇل يەنە ئالمىچى باغۋەننى ئالما ئالىدىغان موزدوزلارنى ئىزدەش ھاجىتىدىن قۇتۇلدۇرىدۇ، چۈنكى ھەممىسى پۇل ئېلىشنى خالايدۇ. بۇ بەلكىم ئۇنىڭ ئەڭ ئاساسىي خۇسۇسىيىتىدۇر. ھەممەيلەن پۇلنى خالايدۇ، چۈنكى باشقىلارمۇ دائىم پۇلنى خالايدۇ، بۇ، سىز پۇلنى خالىغان ياكى ئېھتىياجلىق نەرسىگە ئالماشتۇرالايسىز دېگەنلىكتۇر. موزدوز ھەر دائىم پۇلىڭىزنى خۇشاللىق بىلەن ئالىدۇ، چۈنكى ئۇ نېمىنى خالىسا (ئالما، ئۆچكە ياكى ئاجرىشىش رەسمىيىتى) ھەممىسىنى پۇلغا ئالماشتۇرۇپ ئالالايدۇ.
شۇڭا پۇل كىشىلەرنىڭ ھەممە نەرسىنى دېگۈدەك ئۆزى ئېھتىياجلىق نەرسىگە ئايلاندۇرالايدىغان ئۇنىۋېرسال ئالماشتۇرۇش ۋاسىتىسىدۇر. ھەربىي سەپتىن چېكىنگەن بىر ئەسكەر ھەربىي پاراۋانلىق بىلەن ئۆزىنىڭ ئالىي مەكتەپ ئوقۇش پۇلىنى تۆلىگەندە، ئۇنىڭ بىلەك كۈچى ئەقىل كۈچىگە ئايلىنىدۇ؛ بىر بارون مۇلازىملىرىنى قوللاش ئۈچۈن مۈلكىنى ساتقاندا، يەر-زېمىن ساداقەتمەنلىككە ئايلىنىدۇ؛ بىر دوختۇر ئۆزىنىڭ ئىش ھەققىنى ئادۋوكات تۇتۇشقا ياكى سوتچىغا پارا بېرىشكە ئىشلەتكەندە، ساغلاملىق ئادالەتكە ئايلىنىدۇ؛ 15-ئەسىردىكى پاھىشىلەر ئەرلەر بىلەن بىللە بولۇپ، ئاندىن بۇ پۇلنى كاتولىك چېركاۋىدىن كاپارەتنامە (گۇناھىنى كەچۈرۈم قىلىش خېتى) سېتىۋېلىشقا ئىشلەتكەندە، ھەتتا جىنسىي مۇناسىۋەتمۇ گۇناھتىن پاكلىنىشقا ئايلىنىدۇ.

غايىمىزدىكى پۇل تۈرلىرى كىشىلەرگە پەقەت بىر نەرسىنى يەنە بىر نەرسىگە ئايلاندۇرۇشنىلا ئەمەس، يەنە بايلىقنى ساقلاش ئىمكانىيىتىنىمۇ بېرىدۇ. نۇرغۇن قىممەتلىك نەرسىلەرنى ساقلىغىلى بولمايدۇ – مەسىلەن ۋاقىت ياكى گۈزەللىك. بەزى نەرسىلەرنى پەقەت قىسقا ۋاقىت ساقلىغىلى بولىدۇ، مەسىلەن بۆلجۈرگەن. بەزى نەرسىلەرنى تېخىمۇ ئۇزۇن ساقلىغىلى بولسىمۇ، كۆپ ئورۇن ئىگىلەيدۇ؛ قىممەت ئەسلىھەلەرنى قوللىنىشنى ۋە پەرۋىش قىلىشنى تەلەپ قىلىدۇ. مەسىلەن، ئاشلىقنى يىللاپ ساقلىغىلى بولىدۇ، ئەمما بۇنىڭ ئۈچۈن چوڭ ئامبارلارنى سېلىپ، چاشقان، زەمبۇرۇغ، سۇ، ئوت ۋە ئوغرىلاردىن قوغداش كېرەك. پۇل مەيلى قەغەز، كومپيۇتېر بوشلۇقى ياكى قۇلۇلە قېپى بولسۇن، بۇ مەسىلىلەرنى ھەل قىلىدۇ. قۇلۇلە قېپى چىرىمەيدۇ، چاشقان يېمەيدۇ، ئوتتا كۆيمەيدۇ ۋە بىخەتەر ساندۇققا سېلىپ قويغۇدەك كىچىك بولىدۇ.
بايلىقنى ئىشلىتىش ئۈچۈن ئۇنى ساقلاشنىڭ ئۆزىلا يېتەرلىك ئەمەس. ئۇنى كۆپىنچە بىر جايدىن يەنە بىر جايغا يۆتكەش كېرەك. كۆچمەس مۈلۈك قاتارلىق بەزى بايلىق شەكىللىرىنى يۆتكىگىلى بولمايدۇ. بۇغداي ۋە گۈرۈچ قاتارلىق مال-مۈلۈكلەرنى تەستە يۆتكىگىلى بولىدۇ. پۇلسىز جايدا ياشايدىغان بىر باي دېھقاننىڭ يىراق جايغا كۆچۈشىنى تەسەۋۋۇر قىلىڭ. ئۇنىڭ بايلىقى ئاساسەن ئۆيى ۋە شال ئېتىزلىرىدىن ئىبارەت. دېھقان ئۆي ياكى ئېتىزلارنى ئۆزى بىلەن ئېلىپ كېتەلمەيدۇ. ئۇ بۇلارنى نەچچە ئون توننا گۈرۈچكە ئالماشتۇرالىشى مۇمكىن، ئەمما شۇنچە كۆپ گۈرۈچنى يۆتكەش بەك ئاۋارىچىلىق ۋە قىممەت بولىدۇ. پۇل بۇ مەسىلىلەرنى ھەل قىلىدۇ. دېھقان ئۆز مۈلكىنى بىر خالتا قۇلۇلە قېپىغا ئالماشتۇرۇپ، ئۇنى خالىغان يەرگە ئاسانلا ئېلىپ كېتەلەيدۇ.
پۇل بايلىقنى ئاسان ھەم ئەرزان ھالدا ئايلاندۇرۇش، ساقلاش ۋە يۆتكەش ئىمكانىيىتىگە ئىگە بولغاچقا، مۇرەككەپ تىجارەت تورلىرى ۋە ھەرىكەتچان بازارلارنىڭ ئوتتۇرىغا چىقىشىغا مۇھىم تۆھپە قوشتى. پۇل بولمىغان بولسا، تىجارەت تورى ۋە بازارلارنىڭ كۆلىمى چەكلىك، ئاددىي ھەم جانسىز بولۇپ قالاتتى.

پۇل قانداق ئىشلەيدۇ؟
قۇلۇلە قېپى ۋە دوللارنىڭ قىممىتى پەقەت بىزنىڭ ئورتاق تەسەۋۋۇرىمىزدىلا مەۋجۇت. ئۇلارنىڭ قىممىتى قۇلۇلە ۋە قەغەزنىڭ خىمىيەلىك قۇرۇلمىسى، رەڭگى ياكى شەكلىدە يوشۇرۇنغان ئەمەس. باشقىچە قىلىپ ئېيتقاندا، پۇل ماددىي رېئاللىق ئەمەس، بەلكى پىسخولوگىيەلىك قۇرۇلما. ئۇ ماددىنى ئىدىيەگە ئايلاندۇرۇش ئارقىلىق ئىشلەيدۇ. ئەمما نېمە ئۈچۈن ئۇ مۇۋەپپەقىيەت قازىنىدۇ؟ نېمە ئۈچۈن بىرەيلەن مۇنبەت شال ئېتىزىنى بىر چاڭگال پايدىسىز دېڭىز قۇلۇلىسىغا ئالماشتۇرۇشقا رازى بولىدۇ؟ نېمە ئۈچۈن سىز ھامبۇرگېر پىشۇرۇش، ساغلاملىق سۇغۇرتىسى سېتىش ياكى ئۈچ كەپسىز بالىغا قاراشقا رازى بولىسىز يۇ، بۇ ئەمگىكىڭىزگە بىر نەچچە پارچە رەڭلىك قەغەزدىن باشقا ھېچنېمە ئالالمايسىز؟
كىشىلەر ئۆزلىرىنىڭ كوللېكتىپ تەسەۋۋۇرىغا ئىشەنگەندە بۇنداق ئىشلارنى قىلىشقا رازى بولىدۇ. ئىشەنچ بارلىق پۇل تۈرلىرىنىڭ ياسىلىشىدىكى خام ماتېرىيالدۇر. بىر باي دېھقان مۈلكىنى بىر خالتا دېڭىز قۇلۇلىسىغا سېتىپ باشقا بىر ئۆلكىگە سەپەر قىلغاندا، ئۇ جايغا بارغاندا باشقىلارنىڭ قۇلۇلىگە گۈرۈچ، ئۆي ۋە ئېتىزلارنى سېتىشقا رازى بولىدىغانلىقىغا ئىشەنگەن. شۇڭا پۇل ئۆزئارا ئىشەنچ سىستېمىسى، يەنە كېلىپ ئۇ ئاددىيلا بىر ئىشەنچ سىستېمىسى ئەمەس، بەلكى ئىنسانلار ئويلاپ چىققان ئەڭ ئۇنىۋېرسال ۋە ئەڭ ئۈنۈملۈك ئىشەنچ سىستېمىسىدۇر.
بۇ ئىشەنچنى ياراتقىنى ناھايىتى مۇرەككەپ ۋە ئۇزۇن مۇددەتلىك سىياسىي، ئىجتىمائىي ۋە ئىقتىسادىي مۇناسىۋەتلەر تورى. مەن نېمە ئۈچۈن دېڭىز قۇلۇلىسى، ئالتۇن تەڭگە ياكى دوللار قەغىزىگە ئىشىنىمەن؟ چۈنكى قوشنىلىرىم ئۇلارغا ئىشىنىدۇ. قوشنىلىرىم ئۇلارغا ئىشەنگەچكە مەنمۇ ئۇلارغا ئىشىنىمەن. بىز ھەممىمىز ئۇلارغا ئىشىنىمىز، چۈنكى پادىشاھىمىز ئۇلارغا ئىشىنىدۇ ۋە باج سۈپىتىدە ئۇلارنى تەلەپ قىلىدۇ؛ روھانىيلىرىمىز ئۇلارغا ئىشىنىدۇ ۋە دىنىي سېلىق سۈپىتىدە ئۇلارنى تەلەپ قىلىدۇ. بىر دوللار پۇلنى ئېلىپ دىققەت بىلەن قاراڭ. سىز ئۇنىڭ بىر تەرىپىدە ئامېرىكا مالىيە مىنىستىرىنىڭ ئىمزاسى، يەنە بىر تەرىپىدە «خۇداغا ئىشىنىمىز» دېگەن شوئار يېزىلغان بىر پارچە رەڭلىك قەغەز ئىكەنلىكىنى كۆرىسىز. بىز دوللارنى تۆلەم سۈپىتىدە قوبۇل قىلىمىز، چۈنكى بىز خۇداغا ۋە ئامېرىكا مالىيە مىنىستىرىگە ئىشىنىمىز. ئىشەنچنىڭ ھالقىلىق رولى بىزنىڭ مالىيە سىستېمىلىرىمىزنىڭ نېمە ئۈچۈن سىياسىي، ئىجتىمائىي ۋە ئىدېئولوگىيەلىك سىستېمىلىرىمىز بىلەن شۇنچە زىچ باغلانغانلىقىنى، مالىيە كرىزىسلىرىنىڭ نېمە ئۈچۈن دائىم سىياسىي ۋەقەلەر تۈپەيلىدىن مەيدانغا كېلىدىغانلىقىنى ۋە نېمە ئۈچۈن پاي بازىرىنىڭ دائىم سودىگەرلەرنىڭ مەلۇم بىر ئەتىگەندىكى كەيپىياتىغا قاراپ ئۆرلەيدىغان ھەم چۈشىدىغانلىقىنى چۈشەندۈرۈپ بېرىدۇ.
دەسلەپتە، پۇلنىڭ تۇنجى نۇسخىلىرى ياسالغاندا، كىشىلەردە بۇنداق ئىشەنچ يوق ئىدى، شۇڭا ھەقىقىي ئىچكى قىممىتى بار نەرسىلەرنى «پۇل» دەپ بېكىتىش زۆرۈر ئىدى. تارىختىكى تۇنجى مەلۇم پۇل – سۇمېر ئارپا پۇلى – بۇنىڭغا ياخشى مىسال. ئۇ سۇمېردا مىلادىدىن بۇرۇنقى 3000-يىللاردا، يېزىق بىلەن ئوخشاش ۋاقىت ۋە جايدا، ئوخشاش شارائىتتا پەيدا بولغان. ئۆز ۋاقتىدا كۈچەيگەن مەمۇرىي پائالىيەتلەرنىڭ ئېھتىياجىغا جاۋاب بېرىش ئۈچۈن يېزىق تەرەققىي قىلغاندەك، ئارپا پۇلىمۇ كۈچىيىۋاتقان ئىقتىسادىي پائالىيەتلەرنىڭ ئېھتىياجىغا جاۋاب بېرىش ئۈچۈن تەرەققىي قىلغان.

ئارپا پۇلى پەقەت ئارپا، يەنى باشقا بارلىق مال-مۈلۈك ۋە مۇلازىمەتلەرنى باھالاش ھەم ئالماشتۇرۇش ئۈچۈن ئۇنىۋېرسال ئۆلچەم سۈپىتىدە ئىشلىتىلگەن بەلگىلىك مىقداردىكى ئارپا ئىدى. ئەڭ كۆپ ئىشلىتىلگەن ئۆلچەم سىلا بولۇپ، تەخمىنەن بىر لىتىرغا تەڭ كېلەتتى. كىشىلەر بىرەر نەرسە سېتىۋالماقچى ياكى ساتماقچى بولغاندا كېرەكلىك ئارپا مىقدارىنى ئاسانلا ئۆلچىيەلىشى ئۈچۈن، بىر سىلا سىغىدىغان ئۆلچەملەشتۈرۈلگەن قاچىلار كۆپلەپ ئىشلەپچىقىرىلغان. مائاشلارمۇ ئارپا سىلاسى بىلەن بەلگىلىنەتتى ۋە تۆلىنەتتى. بىر ئەر ئىشچى ئايدا ئاتمىش سىلا، بىر ئايال ئىشچى ئوتتۇز سىلا ئالاتتى. بىر ئەمەلدار 1,200 دىن 5,000 سىلاغىچە ئالالايتتى. ئەڭ ئاچكۆز ئەمەلدارمۇ ئايدا 5,000 لىتىر ئارپىنى يەپ بولالمايتتى، ئەمما ئۇ يېمىگەن سىلالىرىنى باشقا ھەر خىل مال-مۈلۈكلەرنى— ماي ، ئۆچكە، قۇل ۋە ئارپىدىن باشقا يېمەكلىكلەرنى سېتىۋېلىشقا ئىشلىتەلەيتتى.
ئارپىنىڭ ئىچكى قىممىتى بولسىمۇ، كىشىلەرنى ئۇنى يەنە بىر خىل مال-مۈلۈك سۈپىتىدە ئەمەس، پۇل سۈپىتىدە ئىشلىتىشكە قايىل قىلىش ئاسان ئەمەس ئىدى. بۇنى چۈشىنىش ئۈچۈن، بىر خالتا ئارپىنى يەرلىك سودا مەركىزىڭىزگە ئېلىپ بېرىپ، كۆينەك ياكى پىسسا سېتىۋالماقچى بولسىڭىز نېمە بولىدىغانلىقىنى ئويلاپ بېقىڭ. ساتقۇچىلار چوقۇم بىخەتەرلىك خادىملىرىنى چاقىراتتى. شۇنداقتىمۇ، ئارپىنىڭ تەبىئىي بىئولوگىيەلىك قىممىتى بولغاچقا، ئۇنىڭغا تۇنجى پۇل تۈرى سۈپىتىدە ئىشەنچ قۇرۇش بىرقەدەر ئاسان ئىدى. ئىنسانلار ئۇنى يېيەلەيتتى. يەنە بىر تەرەپتىن، ئارپىنى ساقلاش ۋە يۆتكەش قىيىن ئىدى. پۇل تارىخىدىكى ھەقىقىي بۇرۇلۇش نۇقتىسى كىشىلەر ئىچكى قىممىتى يوق، ئەمما ساقلاش ۋە يۆتكەش تېخىمۇ ئاسان بولغان پۇلغا ئىشەنچ باغلىغاندا يۈز بەردى.
بۇنداق پۇل قەدىمكى مېسوپوتامىيەدە مىلادىدىن بۇرۇنقى ئۈچىنچى مىڭ يىللىقنىڭ ئوتتۇرىلىرىدا پەيدا بولدى. بۇ كۈمۈش پۇل ئىدى.
كۈمۈش پۇل تەڭگە ئەمەس، بەلكى 8.33 گرام كۈمۈش ئىدى. خاممۇرابى قانۇنىدا يۇقىرى تەبىقىلىك بىر ئادەم دېدەك ئايالنى ئۆلتۈرۈپ قويسا، ئۇنىڭ ئىگىسىگە يىگىرمە سەر كۈمۈش تۆلىشى كېرەك دېيىلگەندە، بۇ يىگىرمە تەڭگە ئەمەس، 166 گرام كۈمۈش دېگەنلىك ئىدى. تەۋراتتىكى كۆپ پۇل ئاتالغۇلىرى تەڭگە ئەمەس، كۈمۈش بىلەن ئىپادىلەنگەن. يۈسۈپنىڭ ئاكىلىرى ئۇنى ئىسمائىللارغا يىگىرمە سەر كۈمۈشكە، يەنى 166 گرام كۈمۈشكە ساتقان (دېدەك ئايال بىلەن ئوخشاش باھا، چۈنكى ئۇ ياش ئىدى).
ئارپا سىلاسىنىڭ ئەكسىچە، كۈمۈش پۇلنىڭ ئۆزىدە قىممەت يوق ئىدى. كۈمۈشنى يېگىلى، ئىچكىلى ياكى كىيگىلى بولمايدۇ، قورال ياساي دېسە بەك يۇمشاق (كۈمۈشتىن ياسالغان ساپان ياكى قىلىچ خۇددى ئاليۇمىن قەغىزىدىن ياسالغاندەك تېزلا ئىگىلىپ كېتىدۇ). كۈمۈش بىلەن ئالتۇندىن پەقەت زىننەت بۇيۇملىرى، تاج ۋە باشقا مەرتىۋە-سالاھىيەت بەلگىلىرىنى ياساشقا بولىدۇ، بۇلار مەلۇم مەدەنىيەتتىكى كىشىلەر ئېسىلزادىلىك بىلەن باغلايدىغان يۇقىرى ئىستېمال مالللىرىدۇر. ئۇلارنىڭ قىممىتى پۈتۈنلەي مەدەنىيەتكە باغلىق.

قىممەتلىك مېتاللارنىڭ بەلگىلەنگەن ئېغىرلىقى ئاخىرى تەڭگىلەرنى كەلتۈرۈپ چىقاردى. تارىختىكى تۇنجى تەڭگىلەر مىلادىدىن بۇرۇنقى 640-يىلى غەربىي ئاناتولىيەدىكى لىدىيە پادىشاھى ئالياتتېس تەرىپىدىن سوقۇلغان. بۇ تەڭگىلەرنىڭ ئۆلچەملەشتۈرۈلگەن ئالتۇن ياكى كۈمۈش ئېغىرلىقى بار بولۇپ، ئۈستىگە ئايرىم بەلگىسى بېسىلغان. بۇ بەلگە ئىككى نەرسىنى ئىسپاتلايتتى. بىرىنچىسى، تەڭگىدە قانچىلىك قىممەتلىك مېتال بارلىقىنى كۆرسىتەتتى؛ ئىككىنچىسى، تەڭگىنى چىقارغان ۋە ئۇنىڭ قىممىتىگە كاپالەتلىك قىلغان ھۆكۈمراننى كۆرسىتەتتى. بۈگۈنكى كۈندە ئىشلىتىلىۋاتقان تەڭگىلەر ئاساسەن لىدىيە تەڭگىلىرىنىڭ ئەۋلادىدۇر.
بەلگىسىز مېتال پارچىلىرىغا قارىغاندا تەڭگىلەرنىڭ ئىككى مۇھىم ئارتۇقچىلىقى بار ئىدى. بىرىنچىسى، مېتال پارچىلىرىنى ھەر قېتىملىق سودىدا تارتىش كېرەك ئىدى. ئىككىنچىسى، تارتىشنىڭ ئۆزىلا يېتەرلىك ئەمەس ئىدى. موزدوز مېنىڭ ئۆتۈكۈم ئۈچۈن بەرگەن كۈمۈش پارچىسىنىڭ ھەقىقەتەن ساپ كۈمۈشتىن ياسالغانلىقىنى، كۈمۈش يالىتىلغان قوغۇشۇن ئەمەسلىكىنى قانداق بىلىدۇ؟ تەڭگىلەر بۇ مەسىلىلەرنى ھەل قىلىشقا ياردەم بېرىدۇ. ئۈستىگە بېسىلغان بەلگە دەل ئۇلارنىڭ قىممىتىنى ئىسپاتلايدۇ، شۇڭا موزدوزنىڭ پۇل ساندۇقىدا تارازا ساقلىشىنىڭ ھاجىتى يوق. تېخىمۇ مۇھىمى، تەڭگىدىكى بەلگە تەڭگىنىڭ قىممىتىگە كاپالەتلىك قىلىدىغان سىياسىي ھاكىمىيەتنىڭ ئىمزاسىدۇر.
بەلگىنىڭ شەكلى ۋە چوڭ-كىچىكلىكى تارىختا زور دەرىجىدە ئۆزگەرگەن بولسىمۇ، ئۇقتۇرۇش ھەمىشە ئوخشاش ئىدى: «مەن، ئۇلۇغ پادىشاھ پالانى-پۇستانى، بۇ تەڭگىنىڭ دەل بەش گرام ئالتۇن ئىكەنلىكىگە شەخسەن كاپالەتلىك قىلىمەن. كىمكى بۇ تەڭگىنىڭ ساختىسىنى ياساشقا پېتىنسا، مېنىڭ ئىمزايىمنى كۆچۈرگەن بولىدۇ، بۇ مېنىڭ نام-شۆھرىتىمگە داغ چۈشۈرىدۇ. مەن بۇنداق جىنايەتنى قاتتىق جازالايمەن.» شۇڭا ساختا پۇل ياساش ھەر دائىم باشقا ئالدامچىلىقلارغا قارىغاندا ئېغىر جىنايەت دەپ قارالغان.
ساختا پۇل ياساش ئالدامچىلىقلا ئەمەس، بەلكى ھۆكۈمرانلىق ھوقۇقىغا خىلاپلىق قىلىش، پادىشاھنىڭ ھوقۇقى، ئىمتىيازى ۋە شەخسىگە قارشى ئىسيان ھەرىكىتىدۇر. ئۇنىڭ قانۇنىي ئاتالغۇسى lese-majesty(شاھانە ھۆرمەتنى دەپسەندە قىلىش) بولۇپ، ئادەتتە قىيىن-قىستاق ۋە ئۆلۈم جازاسى بىلەن جازالىناتتى. كىشىلەر پادىشاھنىڭ كۈچى ۋە دۇرۇسلۇقىغا ئىشەنگەن بولسىلا، ئۇنىڭ تەڭگىلىرىگىمۇ ئىشەنگەن. پۈتۈنلەي ناتونۇش كىشىلەر رىم دېنارىئۇس تەڭگىسىنىڭ قىممىتى ئۈستىدە ئاسانلا كېلىشەلەيتتى، چۈنكى ئۇلار تەڭگىگە نامى ۋە رەسىمى چۈشۈرۈلگەن رىم ئىمپېراتورىنىڭ كۈچى ۋە دۇرۇسلۇقىغا ئىشىنەتتى.

مىلادىدىن بۇرۇنقى 7-ئەسىرگە تەۋە لىدىيە تەڭگىلىرى تارىختىكى ئەڭ بۇرۇنقى تەڭگىلەردىن بىرى،
ئۆز نۆۋىتىدە، ئىمپېراتورنىڭ كۈچى دېنارىئۇسقا تايىناتتى. رىم ئىمپېرىيەسىنى تەڭگىسىز ساقلاشنىڭ قانچىلىك قىيىن بولىدىغانلىقىنى ئويلاپ بېقىڭ. ئەگەر ئىمپېراتور باج يىغىش ۋە مائاش تۆلەش ئۈچۈن ئارپا-بۇغداي ئىشلەتكەن بولسا. سۈرىيەدىن ئارپا بېجى يىغىپ، بۇ مال-مۈلۈكنى رىمدىكى مەركىزىي خەزىنىگە يۆتكەپ، ئاندىن يەنە برىتانىيەدىكى رىم ئەسكەرلىرىگە مائاش تۆلەش ئۈچۈن ئۇ يەرگە يۆتكەش مۇمكىن بولمايتتى. ئەگەر رىم شەھىرىنىڭ ئاھالىسى ئالتۇن تەڭگىگە ئىشەنگەن، ئەمما بويسۇندۇرۇلغان خەلقلەر بۇ ئىشەنچنى رەت قىلىپ، ئۇنىڭ ئورنىغا قۇلۇلە قېپى، پىل چىشى مونچاق ياكى توپ رەختلەرگە ئىشەنگەن بولسا، ئىمپېرىيەنى ساقلاش ئوخشاشلا قىيىن بولاتتى.
ئالتۇن ئىنجىلى
رىمنىڭ تەڭگىلىرىگە بولغان ئىشەنچ شۇنچىلىك كۈچلۈك ئىدىكى، ھەتتا ئىمپېرىيە چېگرىسىنىڭ سىرتىدىمۇ، كىشىلەر دېنارىئۇس تەڭگىسى بىلەن تۆلەم قوبۇل قىلىشقا خۇشال ئىدى. مىلادىيە بىرىنچى ئەسىردە، رىم قوشۇنى مىڭلىغان كىلومېتىر يىراقلىقتا بولسىمۇ، رىم تەڭگىلىرى ھىندىستان بازارلىرىدا قوبۇل قىلىنغان ئالماشتۇرۇش ۋاسىتىسى ئىدى. ھىندىستانلىقلارنىڭ دېنارىئۇس تەڭگىسى ۋە ئىمپېراتورنىڭ سۈرىتىگە بولغان ئىشەنچى شۇنچىلىك كۈچلۈك ئىدىكى، يەرلىك ھۆكۈمرانلار ئۆز تەڭگىلىرىنى سوققاندا، ھەتتا رىم ئىمپېراتورىنىڭ پورترېتىگىچە دېنارىئۇسنى ئەينەن دورىغان! «دېنارىئۇس» ئىسمى تەڭگىلەرنىڭ ئومۇمىي نامىغا ئايلاندى. مۇسۇلمان خەلىپىلەر بۇ نامنى ئەرەبلەشتۈرۈپ «دىنار» چىقاردى. دىنار ھازىرمۇ ئىئوردانىيە، ئىراق، سېربىيە، ماكېدونىيە، تۇنىس ۋە باشقا بىر قانچە دۆلەتنىڭ رەسمىي پۇل بىرلىكىنىڭ نامىدۇر.
لىدىيە ئۇسلۇبىدىكى تەڭگە ئوتتۇرا دېڭىزدىن ھىندى ئوكيانغا تارقىلىۋاتقاندا، خىتاي تۇچ تەڭگە ۋە بەلگىسىز كۈمۈش-ئالتۇن پارچىلىرىغا ئاساسلانغان سەل پەرقلىق پۇل سىستېمىسىنى تەرەققىي قىلدۇردى. شۇنداقتىمۇ، بۇ ئىككى پۇل سىستېمىسىنىڭ (بولۇپمۇ ئالتۇن-كۈمۈشكە تايىنىش جەھەتتە) يېتەرلىك ئورتاقلىقى بولغاچقا، خىتاي رايونى بىلەن لىدىيە رايونى ئارىسىدا زىچ پۇل ۋە سودا مۇناسىۋەتلىرى ئورنىتىلدى. مۇسۇلمان ۋە ياۋروپا سودىگەرلىرى ھەم ئىستىلاچىلىرى لىدىيە سىستېمىسى ۋە ئالتۇن ئىنجىلىنى دۇنيانىڭ چەت ياقىلىرىغىچە تەدرىجىي تارقاتتى. كېيىنكى زامانلارغا كەلگەندە، پۈتۈن دۇنيا دەسلەپتە ئالتۇن-كۈمۈشكە، كېيىن ئەنگىلىيە فوند سىتېرلىڭى ۋە ئامېرىكا دوللىرى قاتارلىق بىر قانچە ئىشەنچلىك پۇلغا تايىنىدىغان يەككە پۇل رايونىغا ئايلاندى.
دۆلەت ۋە مەدەنىيەت ھالقىغان پۇل بىرلىكى رايونىنىڭ پەيدا بولۇشى ئاسىيا-ئافرىقىنىڭ، ئاخىرىدا پۈتۈن دۇنيانىڭ يەككە ئىقتىسادىي ۋە سىياسىي سەھنىدە بىرلىشىشىگە ئاساس سالدى. كىشىلەر يەنىلا بىر-بىرىنىڭ تىلىنى چۈشەنمەيتتى، ئوخشىمىغان ھۆكۈمرانلارغا بويسۇناتتى ۋە باشقا-باشقا ئىلاھلارغا چوقۇناتتى، ئەمما ھەممىسى ئالتۇن-كۈمۈشكە ۋە ئالتۇن-كۈمۈش تەڭگىلەرگە ئىشىنەتتى. بۇ ئورتاق ئىشەنچ بولمىغان بولسا، دۇنياۋى سودا تورى ئاساسەن مۇمكىن بولمايتتى. 16-ئەسىردىكى ئىسپان ئىستىلاچىلىرى ئامېرىكىدىن تاپقان ئالتۇن-كۈمۈش ياۋروپا سودىگەرلىرىنىڭ شەرقىي ئاسىيادىن يىپەك، چىنە-قاچا ۋە دورا-دەرمەك سېتىۋېلىشىغا ئىمكان يارىتىپ، ياۋروپا بىلەن شەرقىي ئاسىيانىڭ ئىقتىسادىي تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈردى. مېكسىكا ۋە ئاندېستا قېزىپ چىقىرىلغان ئالتۇن-كۈمۈشنىڭ كۆپ قىسمى ياۋروپىلىقلارنىڭ قولىدىن ئۆتۈپ، خىتايدىكى يىپەك ۋە چىنە-قاچا ئىشلەپچىقارغۇچىلارنىڭ ھەميانلىرىدا ئۆز ئورنىنى تاپتى. ئەگەر خىتايلار كورتېس ۋە ئۇنىڭ ھەمراھلىرىنى مەپتۇن قىلغان «يۈرەك كېسىلى»گە گىرىپتار بولمىغان ھەمدە ئالتۇن-كۈمۈش بىلەن تۆلەشنى رەت قىلغان بولسا، دۇنيا ئىقتىسادىغا نېمە بولار ئىدى؟

ئەمما خىتايلار، ھىندىستانلىقلار، مۇسۇلمانلار ۋە ئىسپانلار تامامەن ئوخشىمىغان مەدەنىيەتلەرگە تەۋە ھەم خېلى كۆپ ئىشلاردا كېلىشەلمەيدىغان تۇرۇقلۇق نېمە ئۈچۈن ئالتۇنغا بولغان ئىشەنچتە ئورتاقلىققا ئىگە بولدى؟ نېمە ئۈچۈن ئىسپانلار ئالتۇنغا، مۇسۇلمانلار ئارپىغا، ھىندىستانلىقلار قۇلۇلە قېپىغا، خىتايلار توپ يىپەككە ئىشىنىدىغان ئەھۋال يۈز بەرمىدى؟ ئىقتىسادشۇناسلارنىڭ تەييار جاۋابى بار. سودا ئىككى رايوننى تۇتاشتۇرغاندا، تەلەپ-تەمىنات كۈچى يۆتكىلىشچان ماللارنىڭ باھاسىنى تەڭپۇڭلاشتۇرۇشقا مايىل بولىدۇ. بۇنى چۈشىنىش ئۈچۈن بىر مىسالنى پەرەز قىلىپ باقايلى. ھىندىستان بىلەن ئوتتۇرا دېڭىز ئارىسىدا مۇنتىزىم سودا باشلانغاندا، ھىندىستانلىقلار ئالتۇنغا قىزىقمىغاچقا، ئۇنىڭ قىممىتى يوق دېيەرلىك ئىدى دەيلى. ئەمما ئوتتۇرا دېڭىزدا ئالتۇن سالاھىيەت بەلگىسى بولغاچقا، قىممىتى يۇقىرى ئىدى. كېيىن نېمە بولار ئىدى؟
ھىندىستان بىلەن ئوتتۇرا دېڭىز ئارىسىدا قاتناۋاتقان سودىگەرلەر ئالتۇننىڭ قىممىتىدىكى پەرقنى بايقايتتى. پايدا ئېلىش ئۈچۈن، ئۇلار ئالتۇننى ھىندىستاندىن ئەرزان ئېلىپ، ئوتتۇرا دېڭىزدا قىممەت ساتاتتى. نەتىجىدە، ھىندىستاندا ئالتۇنغا بولغان تەلەپ ۋە ئۇنىڭ قىممىتى ئۆرلەيتتى. شۇ ۋاقىتتا ئوتتۇرا دېڭىز رايونى ئالتۇننىڭ كۆپلەپ كىرىشىگە دۇچ كېلىپ، ئۇنىڭ قىممىتى تۆۋەنلەيتتى. قىسقا ۋاقىت ئىچىدە ھىندىستان بىلەن ئوتتۇرا دېڭىزدىكى ئالتۇننىڭ قىممىتى تەڭلىشىپ قالاتتى. ئوتتۇرا دېڭىز خەلقىنىڭ ئالتۇنغا ئىشىنىشى ھىندىستانلىقلارنىڭمۇ ئۇنىڭغا ئىشىنىشىگە سەۋەب بولاتتى. ھەتتا ھىندىستانلىقلارنىڭ ئالتۇنغا ھېچقانداق ئەمەلىي ئېھتىياجى بولمىسىمۇ، ئوتتۇرا دېڭىز خەلقىنىڭ ئۇنى خالىشى ھىندىستانلىقلارنىڭ ئۇنىڭغا قىممەت بېرىشى ئۈچۈن يېتەرلىك بولاتتى.
شۇنىڭغا ئوخشاش، باشقا بىر كىشىنىڭ قۇلۇلە قېپى، دوللار ياكى ئېلېكترونلۇق سانلىق مەلۇماتلارغا ئىشىنىشى، گەرچە ئۇ ئادەمنى بىز ئۆچ كۆرگەن، كەمسىتكەن ياكى مەسخىرە قىلغان تەقدىردىمۇ، بىزنىڭ ئۇ نەرسىلەرگە بولغان ئىشەنچىمىزنى كۈچەيتىشكە يېتەرلىك. دىنىي ئېتىقادتا كېلىشەلمەيدىغان خرىستىيانلار بىلەن مۇسۇلمانلار پۇل ئېتىقادىدا كېلىشەلەيدۇ، چۈنكى دىن بىزنى بىر نەرسىگە ئىشىنىشكە چاقىرسا، پۇل بىزنى باشقىلارنىڭ بىر نەرسىگە ئىشىنىدىغانلىقىغا ئىشىنىشكە چاقىرىدۇ.
نەچچە مىڭ يىللار داۋامىدا، پەيلاسوپلار، مۇتەپەككۇرلار ۋە پەيغەمبەرلەر پۇلنى قارىلاپ، ئۇنى بارلىق يامانلىقنىڭ يىلتىزى دەپ ئاتىغان. شۇنداق بولسىمۇ، پۇل يەنىلا ئىنسانىي كەڭچىللىكنىڭ يۇقىرى پەللىسىدۇر. پۇل تىل، دۆلەت قانۇنلىرى، مەدەنىيەت ئۆلچەملىرى، دىنىي ئېتىقادلار ۋە ئىجتىمائىي ئادەتلەرگە قارىغاندا كەڭ قورساق. پۇل ئىنسانلار ياراتقان بىردىنبىر ئىشەنچ سىستېمىسى بولۇپ، ئۇ مەدەنىيەتلەر ئارىسىدىكى بوشلۇقنى تولدۇرىدۇ ھەمدە دىن، جىنس، ئىرق، ياش ياكى جىنسىي مايىللىق تۈپەيلىدىن باشقىلارنى كەمسىتمەيدۇ. پۇل تۈپەيلىدىن، ھەتتا بىر-بىرىنى تونۇمايدىغان ۋە بىر-بىرىگە ئىشەنمەيدىغان كىشىلەرمۇ ئۈنۈملۈك ھەمكارلىشالايدۇ.
پۇلنىڭ باھاسى
پۇل ئىككى ئومۇمىي پرىنسىپقا ئاساسلانغان:
بىرىنچىسى، پۇل ھەممە نەرسىنى ئالماشتۇرالايدۇ: پۇل بىر سېھىرگەرگە ئوخشايدۇ، سىز ئۇنى ئىشلىتىپ يەر-زېمىننى سادىقلىققا، ئادالەتنى ساغلاملىققا، قارام كۈچنى بىلىمگە ئايلاندۇرالايسىز.
ئىككىنچىسى، ئومۇمىي ئىشەنچ: پۇل ۋاسىتىچى بولغاندا، ئىككى كىشى ھەرقانداق تۈردە ھەمكارلىشالايدۇ.
بۇ پرىنسىپلار مىليونلىغان ناتونۇش كىشىلەرنىڭ سودا ۋە سانائەتتە ئۈنۈملۈك ھەمكارلىشىشىغا ئىمكان ياراتتى. ئەمما ياخشى كۆرۈنگەن بۇ پرىنسىپلارنىڭ قاراڭغۇ تەرىپىمۇ بار. ھەممە نەرسىنى ئالماشتۇرغىلى بولغاندا ۋە كىشىلەر ئوتتۇرىسىدىكى ئىشەنچ نامسىز تەڭگە-پۇللار ۋە قۇلۇلە قاپلىرىغا باغلانغاندا، ئۇ يەرلىك ئەنئەنىلەر، يېقىن مۇناسىۋەتلەر ۋە ئىنسانىي قىممەت قاراشلارنى چىرىتىپ، ئۇنىڭ ئورنىغا تەلەپ-تەمىناتنىڭ رەھىمسىز قانۇنلىرىنى تىكلەپ قويىدۇ.
جەمئىيەتلەر ۋە ئائىلىلەر ھەمىشە ئىززەت-ھۆرمەت، سادىقلىق، ئەخلاق ۋە مۇھەببەت قاتارلىق «باھاسىز» نەرسىلەرگە بولغان ئېتىقادقا ئاساسلانغان. بۇ نەرسىلەر بازار دائىرىسىنىڭ سىرتىدا تۇرىدۇ ۋە پۇلغا سېتىلماسلىقى كېرەك. بازار ياخشى باھا بەرگەن تەقدىردىمۇ، بەزى ئىشلارنى قىلىشقا بولمايدۇ. ئاتا-ئانىلار بالىلىرىنى قۇللۇققا سېتىۋەتمەسلىكى، خرىستىيان مۇخلىسى ئېغىر گۇناھ سادىر قىلماسلىقى، سادىق رىتسار ھەرگىزمۇ خوجايىنىغا ساتقۇنلۇق قىلماسلىقى؛ ئەجدادلاردىن قالغان زېمىنلىرى ھەرگىز چەتئەللىكلەرگە سېتىلماسلىقى كېرەك.
پۇل ھەمىشە توسمىدىكى يوچۇقلاردىن سىزىپ كىرگەن سۇغا ئوخشاش بۇ توسالغۇلارنى بۆسۈشكە تىرىشقان. ئاتا-ئانىلار قالغان بالىلىرىغا يېمەكلىك ئېلىش ئۈچۈن بەزى بالىلىرىنى قۇللۇققا سېتىشقا مەجبۇر بولغان. سادىق خرىستىيانلار ئادەم ئۆلتۈرگەن، ئوغرىلىق قىلغان ۋە ئالدامچىلىق قىلغان، ئاندىن ئولجىلىرىنى چېركاۋدىن كەچۈرۈم سېتىۋېلىشقا ئىشلەتكەن. ئەمەلپەرەس رىتسارلار ئۆز سادىقلىقىنى ئەڭ يۇقىرى باھا بەرگۈچىگە ساتقان، شۇنداقلا ئۆز ئەگەشكۈچىلىرىنىڭ سادىقلىقىنى نەق پۇل تۆلەش ئارقىلىق ساقلىغان. ئاتا مىراس زېمىنلىرى دۇنيانىڭ ئۇ چېتىدىن كەلگەن چەتئەللىكلەرگە دۇنياۋى ئىقتىسادقا كىرىش بېلىتى ئۈچۈن سېتىلغان.

پۇلنىڭ تېخىمۇ قاراڭغۇ تەرىپى بار. چۈنكى پۇل ناتونۇشلار ئارىسىدا ئۇنىۋېرسال ئىشەنچ قۇرغان بولسىمۇ، بۇ ئىشەنچ ئىنسانلارغا، جەمئىيەتلەرگە ياكى مۇقەددەس قىممەت قاراشلارغا ئەمەس، بەلكى پۇلنىڭ ئۆزىگە ۋە ئۇنى قوللايدىغان سىستېمىلارغا قويۇلغان. بىز ناتونۇش ئادەمگە ياكى قوشنىمىزغا ئەمەس، ئۇلارنىڭ قولىدىكى تەڭگىگە ئىشىنىمىز. ئۇلارنىڭ تەڭگىسى تۈگىسە، بىزنىڭ ئىشەنچىمىزمۇ تۈگەيدۇ. پۇل جەمئىيەت، دىن ۋە دۆلەتنىڭ توسمىلىرىنى يىقىتقاندا، دۇنيا چوڭ ۋە رەھىمسىز بازارغا ئايلىنىش خەۋپىگە دۇچ كېلىدۇ.
شۇڭا ئىنسانىيەتنىڭ ئىقتىسادىي تارىخى نازۇكلۇق بىلەن ئوينىلىپ كەلگەن بىر مەيدان ئۇسسۇلدۇر. كىشىلەر ناتونۇشلار بىلەن ھەمكارلىشىش ئۈچۈن پۇلغا تايانسىمۇ، ئۇنىڭ ئىنسانىي قىممەت قاراشلار ۋە يېقىن مۇناسىۋەتلەرنى چىرىتىشىدىن ئەنسىرەيدۇ. كىشىلەر بىر تەرەپتىن پۇل ۋە سودىنىڭ ھەرىكىتىنى ئۇزۇن ۋاقىت چەكلەپ تۇرغان ئاممىۋى توسمىلارنى ئۆز ئىختىيارى بىلەن بۇزسا، يەنە بىر تەرەپتىن جەمئىيەت، دىن ۋە مۇھىتنى بازار كۈچلىرىنىڭ ئاسارىتىگە چۈشۈرۈپ قويماسلىق ئۈچۈن يېڭى توسمىلارنى قۇرىدۇ.
ھازىر كىشىلەر ئومۇميۈزلۈك ھالدا «بازار ھامان غەلىبە قىلىدۇ، پادىشاھلار، روھانىيلار ۋە جامائەتلەر قۇرغان توسمىلار پۇلنىڭ دولقۇنلىرىنى ئۇزۇن توسۇپ تۇرالمايدۇ» دەپ قارايدۇ. بۇ ساددىلىقتۇر. رەھىمسىز جەڭچىلەر، مۇتەئەسسىپ دىندارلار ۋە دەردمەن پۇقرالار ھېسابخۇمار سودىگەرلەرنى قايتا-قايتا مەغلۇپ قىلالىغان، ھەتتا ئىقتىسادنى قايتا شەكىللەندۈرەلىگەن. شۇڭا ئىنسانىيەتنىڭ بىرلىككە كېلىشىنى پەقەت ئىقتىسادىي جەريان دەپ چۈشىنىش مۇمكىن ئەمەس. مىڭلىغان ئايرىم مەدەنىيەتلەرنىڭ بارا-بارا بۈگۈنكى دۇنياۋى كەنتكە بىرلىشىش جەريانىنى چۈشىنىش ئۈچۈن، ئالتۇن-كۈمۈشنىڭ رولىنى نەزەردە تۇتۇشىمىز كېرەك، ئەمما پولات-تۆمۈرنىڭمۇ بۇنىڭدا مۇھىم رول ئوينايدىغانلىقىنى نەزەردىن ساقىت قىلالمايمىز.

جاۋاب يېزىش