-

ساپىيانس: ئىنسانلارنىڭ قىسقىچە تارىخى(33)
نېمىشقا ياۋروپا؟ شىمالىي ئاتلانتىك ئوكياندىكى چوڭ بىر ئارالدىن كەلگەن كىشىلەرنىڭ ئاۋسترالىيەنىڭ جەنۇبىدىكى چوڭ بىر ئارالنى بويسۇندۇرۇشى تارىخنىڭ ئەڭ غەلىتە ۋەقەلىرىدىن بىرى. جەيمىس كوكنىڭ ئېكسپېدىتسىيەسىدىن سەل ئىلگىرى، برىتانىيە ئاراللىرى ۋە غەربىي ياۋروپا ئومۇمەن ئوتتۇرا دېڭىز دۇنياسىنىڭ يىراق، چەت رايونلىرى ئىدى. ئۇ يەردە مۇھىم ئىشلار ئانچە يۈز بەرمەيتتى. يېقىنقى زاماندىن بۇرۇنقى ياۋروپادا بىردىنبىر مۇھىم ئىمپېرىيە بولغان رىم… Read more
-

ساپىيانس: ئىنسانلارنىڭ قىسقىچە تارىخى(32)
ئىلىم-پەننىڭ تەمىناتچىسى بىز تېخنىكىلىق دەۋردە ياشاۋاتىمىز. نۇرغۇن كىشىلەر پەن-تېخنىكىنىڭ بارلىق مەسىلىلىرىمىزگە جاۋاب بېرەلەيدىغانلىقىغا ئىشىنىدۇ. بىز پەقەت ئالىملار ۋە تېخنىكلارنىڭ ئۆز ئىشىنى داۋاملاشتۇرۇشىغا يول قويساقلا، ئۇلار يەر يۈزىدە جەننەت يارىتىدۇ. ئەمما پەن-تېخنىكا باشقا ئىنسانىي پائالىيەتلەردىن يۇقىرى تۇرىدىغان ئەخلاقىي ياكى روھىي سەۋىيەدە يۈز بېرىدىغان بىر ئىش ئەمەس. مەدەنىيىتىمىزنىڭ باشقا قىسىملىرىغا ئوخشاش، ئۇمۇ ئىقتىسادىي، سىياسىي ۋە دىنىي مەنپەئەتلەر… Read more
-

ساپىيانس: ئىنسانلارنىڭ قىسقىچە تارىخى(31)
تەرەققىيات ئىدىيەسى پەن-تېخنىكا ئىنقىلابى باشلانغانغا قەدەر، كۆپىنچە ئىنسان مەدەنىيەتلىرى تەرەققىياتقا ئىشەنمەيتتى. ئۇلار ئالتۇن دەۋر ئۆتمۈشتە قالدى، دۇنيا توختاپ قالدى، ھەتتا ناچارلىشىۋاتىدۇ دەپ ئويلايتتى؛ مەلۇم دەۋرنىڭ ھېكمەتلىرىگە ئەمەل قىلىش بەلكىم شۇ دەۋرنىڭ گۈزەللىكىنى قايتۇرۇپ كېلەلىشى مۇمكىن، ئىنساننىڭ ئەقىل-پاراسىتى كۈندىلىك تۇرمۇشنىڭ مەلۇم تەرەپلىرىنى ياخشىلىيالىشى مۇمكىن. بىراق، ئىنسانلارنىڭ بىلىمى دۇنيانىڭ ئاساسىي مەسىلىلىرىنى ھەل قىلالمايدۇ. ھەتتا مۇھەممەد پەيغەمبەر، ئىسا… Read more
-

ساپىيانس: ئىنسانلارنىڭ قىسقىچە تارىخى(30)
پەننىي دوگما زامانىۋى پەندە دوگما (قارىغۇلارچە ئىشىنىش) يوق. بىراق ئۇنىڭ تەتقىقات ئۇسۇللىرىنىڭ ئورتاق ئاساسى بار بولۇپ، ئۇ تەجرىبە ئارقىلىق كۆزىتىشكە – يەنى سەزگۈ ئەزالىرىمىزنىڭ ھېچ بولمىغاندا بىرى بىلەن بايقىيالايدىغان نەرسىلەرگە ئاساسلىنىپ، ئۇلارنى ماتېماتىكىلىق ئۇسۇللار ئارقىلىق بىرلەشتۈرۈشكە تايىنىدۇ. تارىخ بويىچە كىشىلەر ئەمەلىي كۆزىتىشلەرنى توپلىغان، ئەمما بۇ كۆزىتىشلەرنىڭ ئەھمىيىتى چەكلىك بولغان. بىزگە كېرەكلىك بارلىق جاۋابلار بار تۇرسا،… Read more
-

ساپىيانس: ئىنسانلارنىڭ قىسقىچە تارىخى(29)
ئالاموگوردو، 1945-يىل 16-ئىيۇل، 05:29:53. تۇنجى ئاتوم بومبىسى پارتلىغاندىن كېيىنكى سەككىز سېكۇنت. يادرو فىزىكىسى ئالىمى روبېرت ئوپېنخېمېر[1] پارتلاشنى كۆرگەندە، باھاگاۋاد گىتادىن[2] نەقىل كەلتۈرۈپ: «مەن ئەمدى ئۆلۈمگە، دۇنيالارنىڭ ۋەيران قىلغۇچىسىغا ئايلاندىم» دېگەن. [1] روبېرت ئوپېنخېمېر (1904–1967)، ئامېرىكانىڭ نەزەرىيە فىزىكا ئالىمى. ئۇ ئاتوم بومبىسىنىڭ ئاتىسى دەپ تەرىپلىنىدۇ. -ت [2]باھاگاۋاد گىتا– سانسىكرىتچە «ئىلاھىي كۈي» دېگەن مەنىدە بولۇپ، ھىندىلارنىڭ مىلادىدىن… Read more
-

ساپىيانس: ئىنسانلارنىڭ قىسقىچە تارىخى(28)
مۇۋەپپەقىيەتنىڭ سىرى سودا-تىجارەت، ئىمپېرىيەلەر ۋە ئۇنىۋېرسال دىنلار ئاخىرىدا ھەر قىتئەدىكى ساپىيانسلارنىڭ ھەممىسىنى دېگۈدەك بۈگۈن بىز ياشاۋاتقان دۇنياۋى جەمئىيەتكە بىرلەشتۈردى. بۇ كېڭىيىش ۋە بىرلىشىش جەريانى ئۇنچە ئوڭۇشلۇق ۋە ئىزچىل بولمىدى. ئەمما چوڭ مەنزىرىگە قارىغاندا، كۆپلىگەن كىچىك مەدەنىيەتلەردىن ئاز ساندىكى چوڭ مەدەنىيەتلەرگە، ئاندىن بىر پۈتۈن دۇنياۋى جەمئىيەتكە ئۆتۈش ئىنسانىيەت تارىخىنىڭ مۇقەررەر نەتىجىسى ئىدى. ئەمما تارىخىي مۇقەررەرلىك دېگىنىمىزدە،… Read more

