-

ساپىيانس: ئىنسانلارنىڭ قىسقىچە تارىخى(19)
مۇسكۇل كۈچى ئەرلەرنىڭ ئاياللاردىن كۈچلۈك ئىكەنلىكى ۋە ئۇلارنىڭ بۇ كۈچنى ئاياللارنى بويسۇندۇرۇشقا ئىشلەتكەنلىكى ئەڭ كەڭ تارقالغان نەزەرىيەدۇر. بۇنىڭغا ئازراق ئوخشىمايدىغان بىر قاراشقا كۆرە، ئەرلەرنىڭ كۈچى ئۇلارغا يەر ھەيدەش ۋە ھوسۇل ئېلىشتەك ئېغىر جىسمانىي ئەمگەك تەلەپ قىلىدىغان ئىشلارنى مونوپول قىلىش ئىمكانىيىتى بەرگەنلىكىنى ئوتتۇرىغا قويىدۇ. بۇ ئۇلارغا ئوزۇق-تۈلۈك ئىشلەپچىقىرىشنى كونترول قىلىش، شۇ ئارقىلىق سىياسىي تەسىر كۈچىگە ئېرىشىش… Read more
-

ساپىيانس: ئىنسانلارنىڭ قىسقىچە تارىخى(18)
جىنس ۋە جىنسىيەت شۇنداق بولغاندا، ئاياللارنىڭ تەبىئىي رولى بالا تۇغۇش، ياكى ئوخشاش جىنسلىقلار مۇناسىۋىتى تەبىئىي ئەمەس دەپ دەلىللەشنىڭ ئانچە ئەھمىيىتى يوق. ئەرلىك ۋە ئاياللىقنى بەلگىلەيدىغان قانۇن، ئۆلچەم، ھوقۇق ۋە مەجبۇرىيەتلەرنىڭ كۆپىنچىسى بىئولوگىيەلىك رېئاللىقتىن بەكرەك ئىنسان تەسەۋۋۇرىنى ئەكس ئەتتۈرىدۇ. بىئولوگىيەلىك جەھەتتىن، ئىنسانلار ئەر ۋە ئايال دەپ ئايرىلىدۇ. ئەر ھومو ساپىيانس بىر X ۋە بىر Y خروموسومى… Read more
-

ساپىيانس: ئىنسانلارنىڭ قىسقىچە تارىخى(17)
ئامېرىكىدىكى ئىرقىي ساپلىق ئوخشاش ناچار دەۋرىيلىنىش زامانىۋى ئامېرىكىدىكى ئىرقىي تۈزۈمنى داۋاملاشتۇردى. 16-ئەسىردىن 18-ئەسىرگىچە، ياۋروپالىق ئىستىلاچىلار ئامېرىكىدىكى كانلار ۋە يېزا ئىگىلىك مەيدانلىرىدا ئىشقا سېلىش ئۈچۈن مىليونلىغان ئافرىقىلىق قۇللارنى ئىمپورت قىلدى. ئۇلار ياۋروپا ياكى شەرقىي ئاسىيادىن ئەمەس، بەلكى ئافرىقىدىن قۇل ئىمپورت قىلىشنى تاللىدى. بۇنىڭ ئۈچ سەۋەبى بار ئىدى. بىرىنچىدىن، ئافرىقا يېقىنراق بولغاچقا، سېنگالدىن قۇل ئىمپورت قىلىش ۋيېتنامدىن… Read more
-

ساپىيانس: ئىنسانلارنىڭ قىسقىچە تارىخى(16)
تارىختا ئادالەت يوق يېزا ئىگىلىك ئىنقىلابىدىن كېيىنكى نەچچە مىڭ يىللىق ئىنسانىيەت تارىخىنى چۈشىنىش بىر سوئالغا باغلىق: ئىنسانلار بۇنداق ئالاقە تورىنى ساقلاپ قېلىشقا زۆرۈر بولغان بىئولوگىيىلىك ئىستەكلەردىن مەھرۇم قالغان تۇرۇقلۇق، قانداق قىلىپ كەڭ كۆلەملىك ھەمكارلىق ھاسىل قىلالىدى؟ قىسقىچە جاۋاب شۇكى، ئىنسانلار تەسەۋۋۇردىكى تەرتىپلەرنى ياراتتى ۋە يېزىقلارنى ئىجاد قىلدى. بۇ ئىككى ئىجادىيەت بىزنىڭ بىئولوگىيىلىك مىراسىمىزدىكى بوشلۇقلارنى تولدۇردى.… Read more
-

ساپىيانس: ئىنسانلارنىڭ قىسقىچە تارىخى(15)
بېيروكراتلىقنىڭ مۆجىزىلىرى مېسوپوتامىيەلىكلەر ئاخىرى زېرىكىشلىك ماتېماتىكىلىق مەلۇماتلاردىن باشقا نەرسىلەرنىمۇ يېزىشنى خالايدىغان بولدى. مىلادتىن بۇرۇنقى 3000-يىلدىن 2500-يىلغىچە، سۇمېر يېزىقىغا تېخىمۇ كۆپ بەلگىلەر قوشۇلۇپ، ئاستا-ئاستا بىز بۈگۈن مىخ يېزىقى دەپ ئاتايدىغان تولۇق يېزىققا ئايلاندى. مىلادىدىن بۇرۇنقى 2500-يىلغا كەلگەندە، پادىشاھلار پەرمان چىقىرىش، روھانىيلار ۋەھىيلەرنى خاتىرىلەش، ئاددىي پۇقرالار بولسا شەخسىي خەت يېزىش ئۈچۈن مىخ يېزىقىنى ئىشلىتىشكە باشلىدى. تەخمىنەن ئوخشاش… Read more
-

ساپىيانس: ئىنسانلارنىڭ قىسقىچە تارىخى (14)
زىيادە ئەس-خاتىرە تەدرىجىي تەرەققىيات ئىنسانلارنى پۇتبول ئوينىيالايدىغان قىلىپ چىقمىغان. دەرۋەقە، ئۇ تەپكىلى پۇت، خاتا ھەرىكەت قىلغىلى جەينەك ۋە تىللاشقىلى ئېغىز بەرگەن، ئەمما بۇلارنىڭ ھەممىسى بىزگە پەقەت ئۆزىمىز جازا توپ تېپىشىنى مەشىق قىلىش ئىمكانىيىتىنىلا بەرگەن. چۈشتىن كېيىنكى ۋاقىتلاردا مەكتەپ ھويلىسىدا ئۇچراتقان ناتونۇش كىشىلەر بىلەن بىللە توپ تېپىش ئۈچۈن، بىز ئىلگىرى كۆرۈپ باقمىغان ئون نەپەر كوماندا ئەزاسى… Read more

