ساپىيانس: ئىنسانلارنىڭ قىسقىچە تارىخى(27)

ئىنسانغا چوقۇنۇش

ئاخىرقى 300 يىلدا كۆپىنچە دىنلارنىڭ رولى تۆۋەنلەپ، دىنسىزلىق دەۋرى باشلاندى دېيىلىدۇ. ئەگەر بىز خۇدالىق دىنلار ھەققىدە سۆزلەۋاتقان بولساق، بۇ ئاساسەن توغرا. ئەمما تەبىئىي قانۇن دىنلىرىنى نەزەردە تۇتساق، بۇ دەۋر كۈچلۈك دىنىي قىزغىنلىق، مىسلى كۆرۈلمىگەن تەشۋىقاتچىلىق ۋە تارىختىكى ئەڭ قانلىق دىنىي ئۇرۇشلار مەزگىلى بولۇپ چىقىدۇ. بۇ دەۋر لىبېرالىزم، كوممۇنىزم، كاپىتالىزم، مىللەتچىلىك ۋە ناتسىزمغا ئوخشاش بىر قاتار يېڭى تەبىئىي قانۇن دىنلىرىنىڭ ئوتتۇرىغا چىقىشىغا گۇۋاھ بولدى. بۇ ئېتىقادلار ئۆزلىرىنىڭ دىن دەپ ئاتىلىشىنى ياقتۇرمايدۇ ۋە ئۆزلىرىنى ئىدېئولوگىيە دەپ ئاتايدۇ. ئەمما بۇ پەقەت سۆز ئويۇنى. ئەگەر دىن ئىنسانلاردىن ھالقىغان نىزام-تەرتىپكە بولغان ئېتىقاد ئۈستىگە قۇرۇلغان ئۆلچەم ۋە قىممەت قاراشلار سىستېمىسى بولسا، ئۇ ھالدا سوۋېت كوممۇنىزمى ئىسلامدىن قېلىشمايدىغان بىر دىن ھېسابلىنىدۇ.

ئىسلام ئەلۋەتتە كوممۇنىزمدىن پەرقلىنىدۇ، چۈنكى ئىسلام دۇنيانى باشقۇرىدىغان، ئىنسانلاردىن ئۈستۈن تۇرىدىغان نىزام-تەرتىپنى ھەممىگە قادىر ياراتقۇچى خۇدانىڭ پەرمانى دەپ قارايدۇ، سوۋېت كوممۇنىزمى بولسا خۇدالارغا ئىشەنمەيدۇ. ھالبۇكى بۇددىزممۇ خۇدالارغا ئانچە ئېتىبار بەرمەيدۇ، شۇنداقتىمۇ بىز ئۇنى ئادەتتە دىن دەپ تۈرگە ئايرىيمىز. بۇددىستلارغا ئوخشاش، كوممۇنىستلارمۇ ئىنسانلارغا يېتەكچىلىك قىلالايدىغان تەبىئىي ۋە ئۆزگەرمەس قانۇنلارنىڭ ئىنسانلاردىن ئۈستۈن تۇرىدىغان تەرتىپىگە ئىشەنگەن. بۇددىستلار تەبىئەت قانۇنىنى سىددىھارتا گائۇتاما بايقىغان دەپ ئىشەنگەن بولسا، كوممۇنىستلار تەبىئەت قانۇنىنى كارل ماركس، فرېدرىخ ئېنگېلس ۋە ۋلادىمىر ئىلئىچ لېنىن بايقىغان دەپ ئىشەنگەن. ئوخشاشلىق بۇ يەردىلا ئاخىرلاشمايدۇ. باشقا دىنلارغا ئوخشاش، كوممۇنىزمنىڭمۇ مۇقەددەس يازمىلىرى ۋە پەيغەمبەرلىك كىتابلىرى بار. مەسىلەن، كارل ماركس «كاپىتال» ناملىق كىتابىدا پرولېتارىياتنىڭ مۇقەررەر غەلىبىسى بىلەن تارىخنىڭ پات يېقىندا ئاخىرلىشىدىغانلىقىدىن بېشارەت بەرگەن. كوممۇنىزمنىڭ 1-ماي ۋە ئۆكتەبىر ئىنقىلابىنىڭ يىللىق خاتىرە كۈنىگە ئوخشاش ھېيت-بايراملىرى بار. ئۇنىڭ يەنە ماركسىزم دىيالېكتىكىسىغا ماھىر دىنىي ئالىملىرى بار ئىدى، سوۋېت ئارمىيەسىنىڭ ھەر بىر قىسمىدا ئەسكەر ۋە ئوفىتسېرلارنىڭ دىندارلىقىنى كۆزىتىدىغان كومىسسار دەپ ئاتالغان روھانىيلار بار ئىدى. كوممۇنىزمنىڭ شېھىتلىرى، مۇقەددەس ئۇرۇشلىرى ۋە تروتسكىزمغا ئوخشاش بىدئەتلىرى بار ئىدى. سوۋېت كوممۇنىزمى مۇتەئەسسىپ ۋە تەشۋىقاتچى دىن ئىدى. سادىق كوممۇنىست خرىستىئان ياكى بۇددىست بولالمايتتى ۋە ئۆز ھاياتى بەدىلىگە بولسىمۇ ماركس-لېنىننىڭ ئىنجىلىنى تارقىتىشى كېرەك ئىدى.

بەزى ئوقۇرمەنلەر بۇ مۇھاكىمىدىن بىئارام بولۇشى مۇمكىن. ئەگەر سىزنى خۇش قىلىدىغان ئىش بولسا، كوممۇنىزمنى دىن ئەمەس، ئىدېئولوگىيە دەپ ئاتاۋېرىڭ. بۇنىڭ ھېچقانداق پەرقى يوق. بىز ئېتىقادلارنى خۇدانى مەركەز قىلغان دىنلار ۋە تەبىئىي قانۇنلارنى ئاساس قىلغان خۇداسىز ئىدېئولوگىيەلەرگە بۆلەلەيمىز. ئۇ ھالدا، ئىزچىللىقنى ساقلاش ئۈچۈن بەزى بۇددىزم، تەرىقەتچىلىك (داۋجياۋ دىنى) ۋە ستوئىك مەزھەپلىرىنى دىن ئەمەس، ئىدېئولوگىيە دەپ تۈرگە ئايرىشىمىز كېرەك. ئەكسىچە، نۇرغۇن زامانىۋى ئىدېئولوگىيەلەر ئىچىدە خۇدالارغا بولغان ئېتىقادنىڭ داۋاملىشىۋاتقانلىقىنى، بەزىلىرىنىڭ، بولۇپمۇ لىبېرالىزمنىڭ بۇ ئېتىقادسىز ئانچە مەنىگە ئىگە بولالمايدىغانلىقىنى بايقىشىمىز كېرەك.

دىن ئىنسانلاردىن ھالقىغان نىزام-تەرتىپكە بولغان ئېتىقاد ئۈستىگە قۇرۇلغان ئۆلچەم ۋە قىممەت قاراشلار سىستېمىسى. ئېينىشتىيىننىڭ نىسبىيلىك نەزەرىيىسى (ھازىرچە بولسىمۇ) دىن ئەمەس، چۈنكى ئۇ ئىنسانلاردىن ھالقىغان ئۆلچەم ۋە قىممەت قاراشلار ئۈستىگە قۇرۇلمىغان. پۇتبۇلمۇ دىن ئەمەس، چۈنكى پۇتبول قائىدىلىرىنىڭ ئىلاھىي نىزام (ئىنسانلاردىن ئۈستۈن تۇرىدىغان قانۇن) بىلەن ئالاقىسى يوقلۇقىنى ھەممە ئادەم بىلىدۇ. ئىسلام دىنى، بۇددا دىنى ۋە كوممۇنىزم بولسا دىن، چۈنكى بۇلار ئىنسانلاردىن ھالقىغان تەرتىپ-نىزامغا بولغان ئېتىقاد ئۈستىگە قۇرۇلغان ئۆلچەم ۋە قىممەت قاراشلار سىستېمىسىدۇر. (ئىنسانلاردىن ھالقىغان بىلەن تەبىئەتتىن ھالقىغان دېگەن سۆزنىڭ پەرقىگە دىققەت قىلىڭ. بۇددا دىنىنىڭ تەبىئىي قانۇنى بىلەن ماركىسىزمنىڭ تارىخىي قانۇنى ئىنسانلاردىن ھالقىغان، چۈنكى ئۇنى ئىنسانلار بېكىتمىگەن، ھالبۇكى ئۇلار تەبىئەتتىن ھالقىغان ئەمەس).    


بارلىق يېڭى ئېتىقادلارنىڭ تارىخىنى بۇ يەردە تەكشۈرۈش مۇمكىن ئەمەس، چۈنكى ئۇلارنىڭ ئارىسىدا ئېنىق چېگرالار يوق. ئۇلار سىنكرېتىك (ئەبجەشلىك) جەھەتتە بىر خۇدالىق دىن بىلەن ئاممىباب بۇددىزمدىن قېلىشمايدۇ. بىر بۇددىست ھىندى تەڭرىلىرىگە چوقۇنالىغاندەك، بىر خۇدالىق دىندىكى كىشى شەيتاننىڭ مەۋجۇتلۇقىغا ئىشىنەلىگەندەك، بىر ئامېرىكىلىقمۇ ھازىر بىرلا ۋاقىتتا ھەم مىللەتچى (ئۇ تارىختا ئالاھىدە رول ئوينايدىغان ئامېرىكا مىللىتىنىڭ مەۋجۇتلۇقىغا ئىشىنىدۇ)، ھەم ئەركىن بازار كاپىتالىستى (ئۇ ئوچۇق رىقابەت ۋە شەخسىي مەنپەئەتنى قوغلىشىشنىڭ گۈللەنگەن جەمئىيەت يارىتىشنىڭ ئەڭ ياخشى يوللىرىدىن بىرى دەپ ئىشىنىدۇ)، ھەم ئەركىنلىك قوغدىغۇچىسى (ئۇ ئىنسانلارغا ياراتقۇچىسى تەرىپىدىن تارتىۋېلىنماس ھوقۇقلار بېرىلگەن دەپ ئىشىنىدۇ) بولالايدۇ. مىللەتچىلىك 18-بابتا مۇھاكىمە قىلىنىدۇ. زامانىۋى دىنلارنىڭ ئەڭ مۇۋەپپەقىيەتلىكى بولغان كاپىتالىزمغا 16-بابتا تولۇق بىر باب ئاجرىتىلغان بولۇپ، ئۇنىڭ ئاساسىي ئېتىقادلىرى ۋە دىنىي پائالىيەتلىرى چۈشەندۈرۈلىدۇ. بۇ بابنىڭ قالغان قىسمىدا مەن ئادىمىيەت دىنلىرىنى مۇھاكىمە قىلىمەن.

خۇدالىق دىنلار خۇدالارغا چوقۇنۇشقا مەركەزلىشىدۇ. ئادىمىيەت دىنلىرى ئىنسانىيەتكە، ياكى تېخىمۇ توغرىسى، ھومو ساپىيانسقا چوقۇنىدۇ. ئادەمىيەتچىلىك (Humanism) ھومو ساپىيانسنىڭ ئالاھىدە ۋە مۇقەددەس تەبىئىتى بار، بۇ تەبىئەت باشقا بارلىق ھايۋانلار ۋە ھادىسىلەرنىڭ تەبىئىتىدىن پەرقلىنىدۇ دەپ ئىشىنىدۇ. ئادەمىيەتچىلەر (Humanists) يەنە ھومو ساپىيانسنىڭ ئالاھىدە تەبىئىتى دۇنيادىكى ئەڭ مۇھىم نەرسە، ئۇ كائىناتتا يۈز بېرىدىغان ھەممە نەرسىنىڭ مەنىسىنى بەلگىلەيدۇ. ئەڭ ئالىي ياخشىلىق ھومو ساپىيانسنىڭ ياخشىلىقىدۇر. دۇنيانىڭ قالغان قىسمى ۋە باشقا بارلىق مەۋجۇداتلار پەقەت بۇ تۈرنىڭ مەنپەئەتى ئۈچۈنلا مەۋجۇت دەپ ئىشىنىدۇ.

بارلىق ئادەمىيەتچىلەر ئىنسانىيەتكە چوقۇنىدۇ، ئەمما ئۇنىڭ ئېنىقلىمىسى ھەققىدە بىردەك پىكىرگە كېلەلمەيدۇ. خرىستىيان مەزھەپلىرى خۇدانىڭ ئېنىقلىمىسى ئۈستىدە تالاشقاندەك، ئادەمىيەتچىلىكمۇ «ئىنسانىيەت»نىڭ ئېنىقلىمىسى ئۈستىدە تالاش-تارتىش قىلىپ، ئۈچ مەزھەپكە بۆلۈنگەن. بۈگۈن، ئەڭ مۇھىم ئادەمىيەتچىلىك مەزھىپى لىبېرال ئادەمىيەتچىلىك بولۇپ، ئۇ «ئىنسان تەبىئىتى» ئىنسانلارنىڭ شەخسىي سۈپىتى دەپ ئىشىنىدۇ، شۇڭا شەخسلەرنىڭ ئەركىنلىكى مۇقەددەستۇر. لىبېراللارنىڭ قارىشىچە، ئىنسانىيەتنىڭ مۇقەددەس تەبىئىتى ھەر بىر ئايرىم ھومو ساپىيانسنىڭ ئىچىدە ياشايدۇ.

شەخسلەرنىڭ ئىچكى ماھىيىتى دۇنياغا مەنە بېرىدۇ، ئۇ بارلىق ئەخلاقىي ۋە سىياسىي ھوقۇقنىڭ مەنبەسىدۇر. ئەگەر بىز ئەخلاقىي ياكى سىياسىي ئىككىلىنىشكە دۇچ كەلسەك، ئىچكى ئاۋازىمىزنى—ئىنسانىيەتنىڭ ئاۋازىنى ئاڭلىشىمىز كېرەك. لىبېرال ئادەمىيەتچىلىكنىڭ ئاساسىي پەرمانلىرى بۇ ئىچكى ئاۋازنى تاجاۋۇز ياكى زىياندىن قوغداشنى مەقسەت قىلىدۇ. بۇ پەرمانلار ئومۇملاشتۇرۇلۇپ «كىشىلىك ھوقۇق» دەپ ئاتىلىدۇ.

مەسىلەن، لىبېراللارنىڭ (ئەركىنلىك تەرەپدارلىرىنىڭ) قىيىن-قىستاق ۋە ئۆلۈم جازاسىغا قارشى چىقىشىنىڭ سەۋەبى مانا مۇشۇ. دەسلەپكى زامانىۋى ياۋروپادا، قاتىللار كائىنات نىزامىنى (ئىلاھىي نىزامنى) بۇزغان ۋە مۇقىمسىزلاشتۇرغان دەپ قارالغان. تەرتىپنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش ئۈچۈن، جىنايەتچىنى قىيناش ۋە ئاشكارا ئۆلۈم جازاسى بېرىش زۆرۈر ئىدى، شۇنداق قىلغاندا ھەممەيلەن تەرتىپنىڭ قايتا تىكلەنگەنلىكىنى كۆرەلەيتتى. شېكسپىر ۋە مولىيېر دەۋرىدە، دەھشەتلىك ئۆلۈم جازاسى مەنزىرىلىرىنى كۆرۈش لوندون ۋە پارىژلىقلار ياخشى كۆرىدىغان تاماشا ئىدى. بۈگۈنكى ياۋروپادا، قاتىللىق ئىنسانىيەتنىڭ مۇقەددەس تەبىئىتىگە قىلىنغان تاجاۋۇز دەپ قارىلىدۇ. تەرتىپنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش ئۈچۈن، ھازىرقى ياۋروپالىقلار جىنايەتچىلەرگە ئۆلۈم جازاسى بەرمەيدۇ. ئەكسىچە، ئۇلار قاتىلنى ئۆزلىرى ئەڭ «ئىنسانىي» دەپ قارايدىغان ئۇسۇلدا جازالايدۇ، شۇ ئارقىلىق ئۇنىڭ ئىنسانىي مۇقەددەسلىكىنى قوغدايدۇ ۋە ھەتتا قايتا قۇرۇپ چىقىدۇ. قاتىلنىڭ ئىنسانىي تەبىئىتىنى ھۆرمەتلەش ئارقىلىق، ھەممەيلەنگە ئىنسانىيەتنىڭ مۇقەددەسلىكى ئەسكەرتىلىدۇ ۋە تەرتىپ ئەسلىگە كېلىدۇ. قاتىلنى قوغداش ئارقىلىق، بىز قاتىل خاتا قىلغان ئىشنى توغرىلايمىز.

گەرچە لىبېرال ئادەمىيەتچىلىك ئىنسانلارنى مۇقەددەسلەشتۈرسىمۇ، خۇدانىڭ مەۋجۇتلۇقىنى ئىنكار قىلمايدۇ، ئۇ ئەمەلىيەتتە بىر خۇدالىق ئېتىقادلارغا ئاساسلانغان. ھەر بىر شەخسنىڭ ئەركىن ۋە مۇقەددەس تەبىئىتى ھەققىدىكى لىبېرال ئېتىقاد، ئەنئەنىۋى خرىستىيانلارنىڭ ئەركىن ۋە مەڭگۈلۈك شەخسىي روھلارغا بولغان ئېتىقادىنىڭ بىۋاسىتە مىراسىدۇر. مەڭگۈلۈك روھلار ۋە ياراتقۇچى خۇداغا مۇراجىئەت قىلمىغان تەقدىردە، لىبېراللار بىر قىسىم ساپىيانسلارنىڭ نېمە ئۈچۈن شۇنچە ئالاھىدە ئىكەنلىكىنى چۈشەندۈرۈشتە قىينىلىپ قالىدۇ.

يەنە بىر مۇھىم مەزھەپ سوتسىيالىستىك ئادەمىيەتچىلىكتۇر. سوتسىيالىستلار «ئىنسان تەبىئىتى» خۇسۇسىي ئەمەس، كوللېكتىپ بولىدۇ دەپ ئىشىنىدۇ. ئۇلار ھەر بىر شەخسنىڭ ئىچكى ئاۋازىنى ئەمەس، بارلىق ھومو ساپىيانس تۈرىنى مۇقەددەس دەپ قارايدۇ. لىبېرال ئادەمىيەتچىلىك بىر قىسىم ئىنسانلارغا مۇمكىن قەدەر كۆپ ئەركىنلىك ئىزدىگەن بولسا، سوتسىيالىستىك ئادەمىيەتچىلىك بارلىق ئىنسانلار ئارىسىدىكى باراۋەرلىكنى ئىزدەيدۇ. سوتسىيالىستلارنىڭ قارىشىچە، تەڭسىزلىك ئىنسانىيەتنىڭ مۇقەددەسلىكىگە داغ كەلتۈرىدىغان ئەڭ ئېغىر كۇپرىلىق، چۈنكى ئۇ ئىنسانلارنىڭ تاشقى سۈپىتىنى ئۇلارنىڭ ماھىيىتىدىن ئۈستۈن ئورۇنغا قويىدۇ. مەسىلەن، بايلار كەمبەغەللەردىن ئارتۇق ئىمتىيازغا ئېرىشكەندە، دېمەك بىز باي-كەمبەغەل دەپ ئايرىمايدىغان ئىنسانىي ماھىيەتتىن بەكرەك، پۇلنى ئارتۇق كۆرگەن بولىمىز.

لىبېرال ئادەمىيەتچىلىككە ئوخشاش، سوتسىيالىستىك ئادەمىيەتچىلىكمۇ بىر خۇدالىق ئېتىقاد ئۈستىگە قۇرۇلغان. بارلىق ئىنسانلار باراۋەر دېگەن ئىدىيە، بارلىق روھلار خۇدا ئالدىدا باراۋەر دېگەن بىر خۇدالىق ئېتىقادنىڭ يېڭىلانغان نۇسخىسىدۇر. بىر خۇدالىق دىندىن ھەقىقىي بۆلۈنۈپ چىققان بىردىنبىر ئادەمىيەتچىلىك مەزھىپى «تەرەققىياتچى ئادەمىيەتچىلىك» بولۇپ، ئۇنىڭ ئەڭ داڭلىق ۋەكىللىرى ناتسىستلاردۇر. ناتسىستلارنى باشقا ئادەمىيەتچى مەزھەپلەردىن پەرقلەندۈرىدىغىنى «ئىنسان تەبىئىتى»نىڭ باشقىچە ئېنىقلىمىسى بولۇپ، بۇ ئېنىقلىما تەدرىجىي تەرەققىيات نەزەرىيەسىنىڭ چوڭقۇر تەسىرىگە ئۇچرىغان. باشقا ئادەمىيەتچىلەرنىڭ ئەكسىچە، ناتسىستلار «ئىنسانلار ئۇنىۋېرسال ۋە مەڭگۈلۈك نەرسە ئەمەس، بەلكى تەرەققىي قىلالايدىغان ياكى چېكىنىپ كېتىدىغان ئۆزگىرىشچان تۈر؛  ئىنسان كاتتا ئىنسانغا تەرەققىي قىلالايدۇ ياكى تۆۋەن دەرىجىگە چۈشۈپ كېتىدۇ» دەپ ئىشەنگەن.

ناتسىستلارنىڭ ئاساسىي نىشانى ئىنسانىيەتنى چېكىنىشتىن قوغداش ۋە ئۇنىڭ تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈش ئىدى. شۇڭا ناتسىستلار «ئارىيان ئىرقى، يەنى ئىنسانىيەتنىڭ ئەڭ ئىلغار تۈرى قوغدىلىشى ۋە كۈچەيتىلىشى كېرەك، يەھۇدىيلار، رىم خەلقى، بەچچىۋازلار ۋە روھىي كېسەللەرگە ئوخشاش چېكىنىپ كەتكەن ھومو ساپىيانس تۈرلىرى باشقىلاردىن ئايرىۋېتىلىشى، ھەتتا يوقىتىلىشى كېرەك» دېگەن. ناتسىستلار بۇنى چۈشەندۈرۈپ، «ھومو ساپىيانسلار قەدىمكى ئىلغار ئىنسان تۈرلىرى سۈپىتىدە تەرەققىي قىلىپ پەيدا بولغان؛  نىياندېرتاللارغا ئوخشاش قالاق ئىنسان تۈرلىرى بولسا يوقاپ كەتكەن. تارىختىكى ئىنسانلار دەسلەپتە ھەر خىل ئىرقلار ئىدى، ئەمما ئۆزلىرىنىڭ تەرەققىيات يوللىرىدا مۇستەقىل تەرەققىي قىلغان. بۇ يەنە يۈز بېرىشى مۇمكىن» دېگەن. ناتسىستلارنىڭ قارىشىچە، ھومو ساپىيانس ئاللىقاچان ھەر بىرى ئۆزىگە خاس ئالاھىدىلىكلىرى بار بىر قانچە ئىرققا بۆلۈنگەن. بۇ ئىرقلارنىڭ بىرى بولغان ئارىيان ئىرقىدا ئەقىل، گۈزەللىك، دۇرۇسلۇق، تىرىشچانلىق قاتارلىق ئەڭ ئېسىل خۇسۇسىيەتلەر بار. شۇڭا ئارىيان ئىرقىدا ئىنسانلارنى ئۈستۈن ئىنسانغا ئايلاندۇرۇش ئىقتىدارى بار. يەھۇدىيلار ۋە قارا تەنلىكلەرگە ئوخشاش باشقا ئىرقلار بۈگۈنكى نىياندېرتاللار بولۇپ، تۆۋەن خۇسۇسىيەتلەرگە ئىگە. ئەگەر ئۇلارنىڭ كۆپىيىشىگە، بولۇپمۇ ئارىيانلار بىلەن نىكاھلىنىشىغا يول قويۇلسا، ئۇلار بارلىق ئىنسانلارنى بۇلغايدۇ، ئاقىۋەت ھومو ساپىيانسنىمۇ ھالاك قىلىۋېتىدۇ.

بىئولوگلار كېيىن ناتسىستلارنىڭ ئىرقچىلىق نەزەرىيەسىنى يالغانغا چىقاردى. بولۇپمۇ 1945-يىلدىن كېيىن ئېلىپ بېرىلغان گېنېتىكىلىق تەتقىقاتلار ھەر خىل ئىنسان نەسىللىرى ئارىسىدىكى پەرقلەرنىڭ ناتسىستلار پەرەز قىلغاندىن كۆپ كىچىك ئىكەنلىكىنى ئىسپاتلىدى. ئەمما بۇ خۇلاسىلەر نىسبەتەن يېڭى. 1933-يىلدىكى ئىلىم سەۋىيەسىگە كۆرە، ناتسىستلارنىڭ ئېتىقادلىرىنى پۈتۈنلەي ئىنكار قىلغىلى بولمايتتى. ھەر خىل ئىنسان ئىرقلىرىنىڭ مەۋجۇتلۇقى، ئاق تەنلىك ئىرقنىڭ ئۈستۈنلۈكى، بۇ ئىرقنى قوغداش ھەم تەرەققىي قىلدۇرۇش زۆرۈرلۈكى قاتارلىقلار غەرب سەر خىللىرىنىڭ كۆپىنچىسى قوبۇل قىلغان ئېتىقادلار ئىدى. ئەڭ نوپۇزلۇق غەرب ئۇنىۋېرسىتېتلىرىدىكى ئالىملار شۇ دەۋردىكى ئەنئەنىۋى ئىلمىي ئۇسۇللارنى قوللىنىپ، ئاق تەنلىكلەرنىڭ گويا ئافرىقىلىقلار ياكى ھىندىستانلىقلاردىن ئەقىللىقراق، ئەخلاقلىقراق ۋە ماھىرراق ئىكەنلىكىنى ئىسپاتلايدىغان تەتقىقاتلارنى ئېلان قىلدى. ۋاشىنگتون، لوندون ۋە كانبېررادىكى سىياسەتچىلەر ئامېرىكا ۋە ئاۋسترالىيەگە ئوخشاش «ئارىيان» دۆلەتلەرگە خىتايدىن،  ھەتتا ئىتالىيەدىن كۆچمەنلەرنىڭ كىرىشىنى چەكلەش ئارقىلىق ئاق تەنلىك ئىرقنىڭ بۇلغىنىشى ۋە چېكىنىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىشنى ئۆزلىرىنىڭ ۋەزىپىسى دەپ قارىدى.

بۇ پوزىتسىيەلەر يېڭى ئىلمىي تەتقىقاتلارنىڭ ئېلان قىلىنىشى بىلەنلا ئۆزگىرىپ قالمىدى. ئىجتىمائىي ۋە سىياسىي تەرەققىياتلار تېخىمۇ كۈچلۈك ئۆزگىرىش مەنبەسى بولدى. بۇ مەنىدىن ئېيتقاندا، ھىتلېر ئۆزىنىڭ گۆرىنىلا ئەمەس، ئىرقچىلىقنىڭ گۆرىنىمۇ كولىدى. ئۇ ئىككىنچى دۇنيا ئۇرۇشىنى قوزغىغاندا، دۈشمەنلىرىنى «بىز» بىلەن «ئۇلار» ئارىسىدا ئېنىق چېگرا ئايرىشقا مەجبۇرلىدى. كېيىن، دەل ناتسىست ئىدىيەسى بەك ئىرقچىل بولغانلىقى ئۈچۈن، غەربتە ئىرقچىلىق ئېتىبارسىزلاشتى. ئەمما بۇ ئۆزگىرىش ۋاقىت تەلەپ قىلدى. ئاق تەنلىكلەرنىڭ ئۈستۈنلۈكى ئامېرىكا سىياسىتىدە ھېچ بولمىغاندا 1960-يىللارغىچە ئاساسىي ئېقىم بولۇپ كەلدى. ئاق تەنلىك بولمىغانلارنىڭ ئاۋسترالىيەگە كۆچۈپ كىرىشىنى چەكلەيدىغان «ئاق ئاۋسترالىيە سىياسىتى» 1973-يىلغىچە كۈچكە ئىگە بولدى. يەرلىك ئاۋسترالىيەلىكلەر 1960-يىللارغىچە تەڭ سىياسىي ھوقۇقلارغا ئېرىشەلمىدى، ئۇلارنىڭ كۆپىنچىسى پۇقرا سۈپىتىدە رول ئوينىيالمايدۇ دەپ قارىلىپ، سايلاملارغا قاتنىشىشتىن چەكلەندى.

ئادەمىيەتچى دىنلار – ئىنسان تەبىئىتىگە چوقۇنىدىغان دىنلار

 لىبېرال ئادەمىيەتچىلىكسوتسىيالىستىك ئادەمىيەتچىلىكتەرەققىياتچى ئادەمىيەتچىلىك
 ھومو ساپىيانسنىڭ باشقا بارلىق مەۋجۇدات ۋە ھادىسىلەرنىڭ تەبىئىتىگە ئوخشىمايدىغان ئالاھىدە ۋە مۇقەددەس تەبىئىتى بار. ئەڭ ئالىي ياخشىلىق ئىنسانىيەتنىڭ ياخشىلىقىدۇر.
ئىنسانىيەت شەخسىيەتچى بولۇپ، ھەر بىر ھومو ساپىيانسنىڭ ئىچىدە ياشايدۇ.ئىنسانىيەت كوللېكتىپ بولۇپ، پۈتۈن ھومو ساپىيانس تۈرىنىڭ ئىچىدە ياشايدۇ.ئىنسانىيەت  ئۆزگىرىشچان تۈر. ئىنسانلار تۆۋەن ئىنسانلارغا چېكىنىشى ياكى ئۈستۈن ئىنسانلارغا تەرەققىي قىلىشى مۇمكىن.  
ئەڭ ئالىي پەرمان ھەر بىر ئايرىم ھومو ساپىيانسنىڭ تەبىئىتى ۋە ئەركىنلىكىنى قوغداشتۇر.ئەڭ ئالىي پەرمان ھومو ساپىيانس تۈرى ئىچىدىكى باراۋەرلىكنى قوغداشتۇر.  ئەڭ ئالىي پەرمان ئىنسانىيەتنى تۆۋەن دەرىجىگە چۈشۈشتىن قوغداش ۋە ئۇنىڭ ئالىي دەرىجىگە تەرەققىي قىلىشىنى ئىلگىرى سۈرۈشتۇر.  

ناتسىستلار ئىنسانىيەتتىن نەپرەتلەنمەيتتى. ئۇلار لىبېرال ئادەمىيەتچىلىك، كىشىلىك ھوقۇق ۋە كوممۇنىزمغا قارشى كۈرەش قىلدى، چۈنكى ئۇلار ئىنسانىيەتكە ھۆرمەت قىلاتتى ۋە ئىنسان تۈرىنىڭ يوشۇرۇن كۈچىگە ئىشىنەتتى. ئەمما ئۇلار دارۋىننىڭ تەدرىجىي تەرەققىيات نەزەرىيەسىگە ئاساسەن، تەبىئىي تاللىنىشنى، يەنى لاياقەتسىز ئىنسانلارنى تازىلاپ، ياشاشقا لايىقلارنىڭ ھايات قېلىشى ۋە كۆپىيىشىنى ساقلاش كېرەك دەپ قارىدى. ئۇلار يەنە، «لىبېرالىزم ۋە كوممۇنىزم ئاجىزلارغا ياردەم قىلىش ئارقىلىق لاياقەتسىزلەرنىڭمۇ ھايات قېلىشىغىلا يول قويۇپلا قالماي، ئۇلارغا كۆپىيىش پۇرسىتىنى بېرىپ، تەبىئىي تاللىنىشنى بۇزدى. بۇنداق دۇنيادا، ئەڭ لاياقەتلىك ئىنسانلار چوقۇم لاياقەتسىز چۈپرەندىلەر قاينىمىدا غەرق بولىدۇ. ئىنسانىيەت ئەۋلادمۇ ئەۋلاد تېخىمۇ لاياقەتسىز بولۇپ كېتىدۇ، بۇ يوقىلىشقا
ئېلىپ بارىدۇ» دەپ قارىدى.

30. ناتسىستلارنىڭ تەشۋىقات ئېلانى، ئوڭ تەرەپتىكىسى «ساپ ئارىيان ئىرقى ئادىمى»، سول تەرەپتىكىسى «شالغۇت ئىرق»، بۇ رەسىمدىن ناتسىستلارنىڭ ئىنسان بەدىنىنى مۇھىم ئورۇنغا قويغانلىقى كۆرۈنۈپ تۇرىدۇ. ئۇلار پەس ئىرقنىڭ ئادەمزات نەسلىنى بۇلغاپ، ئۇلارنى ھالاكەتكە باشلىشىدىن ئەنسىرىگەن.  

1942-يىلدىكى بىر گېرمان بىئولوگىيە دەرسلىكىنىڭ «تەبىئەت قانۇنى ۋە ئىنسانىيەت» دېگەن بابىدا چۈشەندۈرۈلۈشىچە، بارلىق مەۋجۇداتلارنىڭ ھايات قېلىش ئۈچۈن رەھىمسىز كۈرەشكە چۈشۈشى تەبىئەتنىڭ ئەڭ ئالىي قانۇنىدۇر. دەرسلىكتە ئۆسۈملۈكلەرنىڭ تۇپراق ئۈچۈن، قوڭغۇزلارنىڭ جۈپ تېپىش ئۈچۈن كۈرەش قىلىشى تەسۋىرلىگەندىن كېيىن، مۇنداق خۇلاسە قىلىنغان:

«مەۋجۇتلۇق كۈرىشى قاتتىق ۋە رەھىمسىز، ئەمما ئۇ ھايات قېلىشنىڭ بىردىنبىر يولىدۇر. بۇ كۈرەش ياشاشقا لاياقىتى توشمايدىغانلارنى يوقىتىپ، ھايات قالالايدىغانلارنى تاللايدۇ… بۇ تەبىئىي قانۇنلار ھەقىقەتتۇر؛ جانلىقلار ئۆزلىرىنىڭ ھايات قېلىشى بىلەن بۇنى ئىسپاتلايدۇ. ئۇلار رەھىمسىز كېلىدۇ، ئۇلارغا قارشى تۇرغانلار يوقىتىلىدۇ. بىئولوگىيە بىزگە ھايۋانات ۋە ئۆسۈملۈكلەر ھەققىدىلا ئەمەس، بەلكى ھاياتىمىزدا رىئايە قىلىشىمىز كېرەك بولغان قانۇنلارنى كۆرسىتىپ بېرىدۇ ھەمدە بۇ قانۇنلارغا ئاساسەن ياشاش ۋە كۈرەش قىلىش ئىرادىمىزنى كۈچەيتىدۇ. ھاياتنىڭ مەنىسى كۈرەشتۇر. بۇ قانۇنلارغا قارشى گۇناھ قىلغانلارغا ۋاي!»

ئاندىن «مېنىڭ كۈرىشىم»دىن نەقىل كەلتۈرۈلىدۇ: «تەبىئەتنىڭ پولاتتەك قانۇنىغا قارشى كۈرەش قىلىشقا ئۇرۇنغان كىشى ئۆز نۆۋىتىدە ئىنسان بولۇپ ياشىغىنىغا رەھمەت ئېيتىشى كېرەك بولغان پرىنسىپلارغا قارشى كۈرەش قىلغان بولىدۇ. تەبىئەتكە قارشى كۈرەش قىلىش ئۆز-ئۆزىنى ھالاك قىلىشقا ئېلىپ بارىدۇ».

ئۈچىنچى مىڭ يىلنىڭ (21-ئەسىرنىڭ) باشلىرىدا، تەرەققىياتچى ئادەمىيەتچىلىكنىڭ كەلگۈسى ئېنىق ئەمەس. ھىتلېرغا قارشى ئۇرۇش ئاخىرلاشقاندىن كېيىنكى 60 يىل ئىچىدە، ئادەمىيەتچىلىكنى تەرەققىيات بىلەن باغلاش ۋە بىئولوگىيەلىك ئۇسۇللارنى قوللىنىپ ھومو ساپىيانسنى «يۈكسەلدۈرۈش»نى تەشەببۇس قىلىش پەرھىز (چەكلىمە) ئىدى. ئەمما بۈگۈن بۇنداق لايىھەلەر قايتا مودىغا ئايلاندى. ھېچكىم تۆۋەن ئىرقلار ياكى تۆۋەن دەرىجىلىك ئىنسانلارنى يوقىتىش ھەققىدە سۆزلىمەيدۇ، ئەمما نۇرغۇنلىرى ئىنسان بىئولوگىيەسى ھەققىدىكى كۈنسېرى ئاشقان بىلىمىمىزنى قوللىنىپ ئۈستۈن ئىنسانلار يارىتىشنى ئويلىشىۋاتىدۇ.

1933-يىل ناتسىستلار ھەققىدە سىزىلغان بىر ھەجۋى رەسىم. ئۇنىڭدا ھىتلېر «تەبىئەتتىن ھالقىغان ئادەم»نى ياراتماقچى بولغان ھەيكەلتاراش سۈپىتىدە تەسۋىرلەنگەن. يېنىدا كۆزەينەك تاقىۋالغان بىر كىشى— ئەركىنلىك  تەرەپدارى زىيالىي دەرىجىدىن تاشقىرى ئادەم يارىتىشقا كېرەكلىك بولغان قاتتىق (زوراۋان) كۈچكە ھەيرانلىق بىلەن قاراپ تۇرىدۇ. (بۇ يەردە ئىنسان بەدىنىدىكى جىنسىي جەلپكارلىققىمۇ دىققەت قىلىش لازىم)

شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، لىبېرال ئادەمىيەتچىلىك پرىنسىپلىرى بىلەن ھاياتلىق پەنلىرىنىڭ ئەڭ يېڭى بايقاشلىرى ئارىسىدا ئۇزاققىچە نەزەردىن ساقىت قىلىشقا بولمايدىغان چوڭ ھاڭ پەيدا بولماقتا. بىزنىڭ لىبېرال سىياسىي ۋە قانۇنىي سىستېمىلىرىمىز «ھەر بىر شەخسنىڭ دۇنياغا مەنە بېرىدىغان، بارلىق ئەخلاقىي ۋە سىياسىي ھوقۇقنىڭ مەنبەسى بولغان، بۆلۈنمەس ۋە ئۆزگەرمەس تەبىئىتى بار» دېگەن ئېتىقادقا ئاساسلانغان. بۇ ئەنئەنىۋى خرىستىيانلارنىڭ ھەر بىر شەخسنىڭ ئىچىدە ياشايدىغان ئەركىن ۋە مەڭگۈلۈك روھ ھەققىدىكى ئېتىقادىنىڭ قايتا تۇغۇلۇشىدۇر. ئەمما ئۆتكەن 200 يىل ئىچىدە، ھاياتلىق پەنلىرى بۇ ئېتىقادنى پۈتۈنلەي يوققا چىقاردى. ئىنسان ئورگانىزمىنىڭ ئىچكى مېخانىزمىنى تەتقىق قىلغان ئالىملار ئۇ يەردىن ھېچقانداق روھ تاپالمىدى. ئۇلار ئىنسان ھەرىكىتىنىڭ شىمپەنزە، بۆرە ۋە چۈمۈلىلەرنىڭكىگە ئوخشاش بىئولوگىيەلىك ئامىللار تەرىپىدىن بەلگىلىنىدىغانلىقىنى داۋاملىق ئوتتۇرىغا قويماقتا. بىزنىڭ قانۇنىي ۋە سىياسىي سىستېمىلىرىمىز بۇنداق قولايسىز بايقاشلارنى گىلەم ئاستىغا يوشۇرۇشقا تىرىشىدۇ. ئەمما سەمىمىي ئېيتقاندا، بىئولوگىيە فاكۇلتېتى بىلەن قانۇن ۋە سىياسەت فاكۇلتېتلىرى ئارىسىدىكى توسۇقنى قانچىلىك ئۇزۇن ساقلاپ تۇرالايمىز؟

Leave a Reply

Discover more from ئەرتۈرك ئەسەرلىرى

Subscribe now to keep reading and get access to the full archive.

Continue reading