
سىرتتىن كەلگەن ھۇجۇم
1517-يىلى ئەتراپىدا، كارىب ئاراللىرىدىكى ئىسپان مۇستەملىكىچىلىرى مېكسىكا قۇرۇقلۇقىنىڭ مەركىزىدە قۇدرەتلىك بىر ئىمپېرىيەنىڭ بارلىقى توغرىسىدا ئەپقاچتى گەپلەرنى ئاڭلاشقا باشلىدى. پەقەت تۆت يىلدىن كېيىنلا، ئازتېك پايتەختى خارابىلىققا ئايلاندى، ئازتېك ئىمپېرىيەسى تارىخقا ئايلاندى ۋە ھېرنان كورتېس مېكسىكىدىكى كەڭ-كۆلەملىك يېڭى ئىسپان ئىمپېرىيەسىگە ھۆكۈمرانلىق قىلدى.
ئىسپانلار ئۆزلىرىنى تەبرىكلەشكە، ھەتتا نەپەس ئېلىۋېلىشقىمۇ ئۈلگۈرمەي، ھەر تەرەپتە تەكشۈرۈش ۋە بويسۇندۇرۇش ھەرىكەتلىرىنى باشلىدى. ئوتتۇرا ئامېرىكىنىڭ ئىلگىرىكى ھۆكۈمرانلىرى بولغان ئازتېكلار، تولتېكلار ۋە مايالار جەنۇبىي ئامېرىكىنىڭ مەۋجۇتلۇقىنىلا بىلگەن بولۇپ، 2000 يىل جەريانىدا ئۇنى بويسۇندۇرۇشقا بىر قېتىممۇ ئۇرۇنۇپ كۆرمىگەنىدى. ئەمما مېكسىكا ئىسپانلار تەرىپىدىن بويسۇندۇرۇلۇشتىن كېيىنكى ئون يىلدىن ئازراق ۋاقىت ئىچىدە، فرانسىسكو پىزاررو جەنۇبىي ئامېرىكىدىكى ئىنكا ئىمپېرىيەسىنى بايقاپ، ئۇنى 1532-يىلى مەغلۇپ قىلدى.
ئەگەر ئازتېكلار ۋە ئىنكالار ئەتراپىدىكى دۇنياغا كۆپرەك قىزىققان، ئىسپانلارنىڭ ئۇلارنىڭ قوشنىلىرىغا نېمە قىلغانلىقىنى بىلگەن بولسا، ئۇلار ئىسپان ئىستىلاسىغا تېخىمۇ كۈچلۈك ۋە مۇۋەپپەقىيەتلىك قارشىلىق كۆرسىتەلىگەن بولاتتى. كولۇمبۇنىڭ ئامېرىكىغا تۇنجى قېتىملىق سەپەر قىلىشى (1492) بىلەن كورتېسنىڭ مېكسىكىغا چىقىشى (1519) ئارىسىدىكى يىللاردا، ئىسپانلار كارىب ئاراللىرىنىڭ كۆپ قىسمىنى بويسۇندۇرۇپ، يېڭى مۇستەملىكىلەر قۇردى. بويسۇندۇرۇلغان يەرلىك خەلق ئۈچۈن، بۇ مۇستەملىكىلەر يەر يۈزىدىكى دوزاخقا ئايلاندى. ئۇلار ئاچكۆز ۋە ۋىجدانسىز مۇستەملىكىچىلەر تەرىپىدىن تۆمۈر مۇشت بىلەن باشقۇرۇلۇپ، قۇللۇققا سېلىنىپ، كانلار ۋە دېھقانچىلىق مەيدانلىرىدا ئىشلەشكە مەجبۇرلاندى. ئازراق قارشىلىق كۆرسەتكەنلەرنىڭ ھەممىسى ئۆلتۈرۈلدى .يەرلىك ئاھالىنىڭ كۆپ قىسمى جاپالىق ئىشلەش شارائىتى ياكى مۇستەملىكىچىلەرنىڭ كېمىلىرى بىلەن كەلگەن كېسەللەرنىڭ ۋابا خاراكتېرلىك تارقىلىشى تۈپەيلىدىن تېزلا ئۆلۈپ كەتتى. يىگىرمە يىل ئىچىدە، كارىب رايونىدىكى يەرلىك ئاھالە ئاساسەن يوقالدى. ئىسپان مۇستەملىكىچىلىرى بۇ بوشلۇقنى تولدۇرۇش ئۈچۈن ئافرىقىلىق قۇللارنى ئېلىپ كېلىشكە باشلىدى. بۇ قىرغىنچىلىق ئازتېك ئىمپېرىيەسىنىڭ دەل بوسۇغىسىدا يۈز بەرگەنىدى. ئەمما كورتېس بۇ ئىمپېرىيەنىڭ شەرقىي قىرغىقىغا كەلگەندە، ئازتېكلار بۇ ھەقتە ھېچنېمە بىلمەيتتى.
ھۇجۇم قىلىپ كەلگەن ئىسپانلار تاشقى پلانېتتىن كەلگەن باسقۇنچىلارغا ئوخشايتتى. ئازتېكلار بولسا پۈتۈن دۇنيانى بىلىدىغانلىقىغا ۋە ئۇنىڭ كۆپ قىسمىنى ئىدارە قىلىۋاتقانلىقىغا ئىشىنەتتى. ئۇلارنىڭ نەزەرىدە، ئۆز دائىرىسىنىڭ سىرتىدا ئىسپانلارغا ئوخشاش بۇنداق نەرسىلەرنىڭ مەۋجۇت بولۇشى تەسەۋۋۇر قىلغۇسىز ئىش ئىدى. كورتېس ۋە ئۇنىڭ ئادەملىرى بۈگۈنكى ۋېرا كرۇز قىرغىقىغا كەلگەندە، ئازتېكلار تۇنجى قېتىم ئۇ ئاجايىپ-غارايىپ ئىنسانلار بىلەن ئۇچراشتى.
ئازتېكلار قانداق ئىنكاس قايتۇرۇشنى بىلمەيتتى. ئۇلار بۇ كەلگۈندىلەرنىڭ نېمە مەخلۇق ئىكەنلىكىنى بىلەلمەي قىينالدى. بارلىق تونۇش ئىنسانلاردىن پەرقلىق ھالدا، ئۇلارنىڭ تېرىسى ئاق بولۇپ، يۈزلىرىدە نۇرغۇن تۈك بار ئىدى. بەزىلىرىنىڭ چېچى سېرىق بولۇپ، تولىمۇ سېسىق پۇرايتتى. (يەرلىكلەرنىڭ پاكىزلىقى ئىسپانلارنىڭكىدىن كۆپ ياخشى ئىدى. ئىسپانلار دەسلەپتە مېكسىكاغا كەلگەندە، خۇشپۇراق ئىسرىقدان كۆتۈرگەن يەرلىكلەر ئۇلار قەيەرگە بارسا شۇ يەرگە ھەمراھ بولۇپ ماڭاتتى. ئىسپانلار بۇنى ئىلاھىي ھۆرمەتنىڭ بەلگىسى دەپ ئويلىدى. بىز يەرلىك مەنبەلەردىن، ئازتېكلارنىڭ ئۇ يېڭى كەلگەن مەخلۇقلارنىڭ پۇرىقىغا چىداپ تۇرالمىغانلىقىنى بىلىمىز.)
ياتلارنىڭ ماددىي مەدەنىيىتى ئازتېكلارنى گاڭگىرىتىپ قويدى، ئۇلار غايەت چوڭ كېمىدە كەلگەن بولۇپ، ئازتېكلار بۇنداق كېمىنى كۆرۈپ باققان ئەمەس، تەسەۋۋۇر قىلىپمۇ باقمىغانىدى. ئۇ ئادەملەر شامالدەك تېز، يوغان ۋە قورقۇنچلۇق ھايۋانلارنىڭ دۈمبىسىدە مىنىپ يۈرەتتى. ئۇلار پارقىراق مېتال تاياقچىلاردىن چاقماق ۋە گۈلدۈرمامىنى چىقىرالايتتى. ئۇلارنىڭ پارقىراق ئۇزۇن قىلىچلىرى ۋە تىغ ئۆتمەس ساۋۇتلىرى بار بولۇپ، يەرلىكلەرنىڭ ياغاچ قىلىچلىرى ۋە تاش نەيزىلىرى ئۇنىڭغا كار قىلمايتتى.

خەرىتە 7: ئىسپانىيە مۇستەملىكىچىلىكى دەۋرىدىكى ئازتېك ۋە ئىنكا ئىمپېرىيەسى
بەزى ئازتېكلار ئۇلارنى ئىلاھلار دەپ ئويلىدى. باشقىلار ئۇلارنى جىن-شەيتانلار، ئۆلگەنلەرنىڭ روھلىرى ياكى كۈچلۈك سېھىرگەرلەر دەپ مۇنازىرىلەشتى. ئازتېكلار بارلىق كۈچلىرىنى مەركەزلەشتۈرۈپ ئىسپانلارنى يوقىتىشنىڭ ئورنىغا، ئۇلارنى مۇزاكىرە قىلىپ ۋاقىت ئىسراپ قىلدى؛ ئۇلار ئالدىراشنىڭ ھاجىتى يوق دەپ قارىدى. نېمىلا دېگەنبىلەن كورتېسنىڭ ئىسپانلىرى 550 دىن ئاشمايتتى. 550 ئادەم نەچچە مىليون نوپۇسلۇق ئىمپېرىيەنى نېمە قىلالايتتى؟
كورتېسمۇ ئازتېكلار ھەققىدە ھېچنېمە بىلمەيتتى، ئەمما ئۇ ۋە ئۇنىڭ ئادەملىرى رەقىبلىرىگە قارىغاندا مۇھىم ئۈستۈنلۈككە ئىگە ئىدى. ئازتېكلارنىڭ بۇ غەلىتە كۆرۈنۈشلۈك ۋە سېسىق پۇرايدىغان ياتلارنىڭ كېلىشىگە تەييارلىقى يوق ئىدى. ئەمما ئىسپانلار يەر يۈزىنىڭ نامەلۇم ئىنسان دۇنياسىغا تولغانلىقىنى بىلەتتى. يات زېمىنلارنى بېسىۋېلىش ۋە ئۆزلىرى پۈتۈنلەي بىلمەيدىغان ۋەزىيەتلەرگە مۇئامىلە قىلىشتا، ھېچكىم ئۇلاردەك تەجرىبىلىك ئەمەس ئىدى. زامانىۋى ياۋروپا ئالىملىرىغا ئوخشاش، زامانىۋى ياۋروپا ئىستىلاچىلىرى ئۈچۈنمۇ نامەلۇم دۇنياغا كىرىش ئۇلارنى ھاياجانلاندۇرىدىغان ئىش ئىدى.
شۇڭا كورتېس 1519-يىلى ئىيۇلدا قۇياشلىق ساھىلغا كېمە توختاتقاندا، دادىل ھەرىكەت قىلدى. ئۇ خۇددى ئالەم كېمىسىدىن چىققان تاشقى پىلانېت ئادىمىگە ئوخشاش، ئۇنىڭغا ھەيران قالغان يەرلىكلەرگە: «بىز تىنچلىق بىلەن كەلدۇق. بىزنى باشلىقىڭلارنىڭ يېنىغا باشلاڭلار» دېدى. كورتېس ئۆزىنىڭ ئىسپانىيە پادىشاھىنىڭ تىنچلىقپەرۋەر ئەلچىسى ئىكەنلىكىنى چۈشەندۈردى ۋە ئازتېك ھۆكۈمدارى مونتېزۇما ئىككىنچى بىلەن دىپلوماتىك كۆرۈشۈشنى تەلەپ قىلدى. (بۇ بىر نومۇسسىز يالغانچىلىق ئىدى. كورتېس ئاچكۆز تەۋەككۈلچىلەرنىڭ مۇستەقىل ئەترىتىگە باشچىلىق قىلغان. ئىسپانىيە پادىشاھى كورتېسنىمۇ، ئازتېكلارنىمۇ ئاڭلاپ باقمىغان.) ئازتېكلارنىڭ يەرلىك دۈشمەنلىرى كورتېسقا يول باشلىدى ھەمدە ئوزۇق-تۈلۈك ۋە بەزى ھەربىي ياردەملەرنى بەردى. ئاندىن ئۇ ئازتېك پايتەختى، كاتتا شەھەر تېنوچتىتلانغا قاراپ يۈرۈش قىلدى.
ئازتېكلار ياتلارنىڭ پايتەختكىچە مېڭىشىغا يول قويدى، ئاندىن ھۆرمەت بىلەن ياتلارنىڭ رەھبىرىنى ئىمپېراتور مونتېزۇما بىلەن كۆرۈشۈشكە باشلاپ باردى. سۆھبەت جەريانىدا، كورتېس بەلگە بەردى ۋە تولۇق قوراللانغان ئىسپانلار مونتېزۇمانىڭ قوغدىغۇچىلىرىنى (ئۇلار پەقەت ياغاچ توقماق ۋە تاش پىچاقلار بىلەنلا قوراللانغان ئىدى) قىرىۋەتتى. ھۆرمەتلىك مېھمان ئۆز ساھىبخانىنى تۇتقۇن قىلدى.
كورتېس ئەمدى ناھايىتى نازۇك ۋەزىيەتكە دۇچ كەلگەنىدى. ئۇ ئىمپېراتورنى تۇتقۇن قىلغان بولسىمۇ، ئون مىڭلىغان غەزەپلەنگەن دۈشمەن جەڭچىلىرى، مىليونلىغان دۈشمەن پۇقرالار ۋە ئۆزى ئەمەلىيەتتە ھېچنېمىسىنى بىلمەيدىغان پۈتۈن بىر قىتئە بىلەن قورشالغان ئىدى. ئۇنىڭ قول ئاستىدا پەقەت نەچچە يۈز ئىسپان بار بولۇپ، ئەڭ يېقىن ياردەمچى قوشۇنى كۇبادا، 1500 كىلومېتىردىن يىراقتا ئىدى.
كورتېس مونتېزۇمانى ئوردىدا تۇتقۇن قىلىپ، پادىشاھنىڭ ئەركىنلىكى ۋە ھوقۇقىنى ساقلاپ قالغاندەك، «ئىسپان ئەلچىسى» پەقەت مېھمان بولۇپلا قالغاندەك كۆرۈنۈشنى ساقلاپ قالدى. ئازتېك ئىمپېرىيەسى ھوقۇق ئىنتايىن مەركەزلەشكەن دۆلەت بولۇپ، بۇ ۋەزىيەت ئۇنى پالەچ قىلىپ قويدى. مونتېزۇما ئىمپېرىيەنى داۋاملىق باشقۇرۇۋاتقاندەك ھەرىكەت قىلدى، ئازتېك ئاقسۆڭەكلىرى ئۇنىڭغا بويسۇنۇشنى داۋاملاشتۇردى، بۇ ئۇلارنىڭ كورتېسقا بويسۇنغانلىقىنى بىلدۈرەتتى. بۇ ۋەزىيەت بىر نەچچە ئاي داۋاملاشتى. بۇ جەرياندا كورتېس مونتېزۇما ۋە ئۇنىڭ خىزمەتچىلىرىنى سوراق قىلدى، ھەرخىل يەرلىك تىللاردا تەرجىمانلارنى تەربىيىلىدى ۋە كىچىك ئىسپان ئەترەتلىرىنى ھەر تەرەپكە ئەۋەتىپ، ئازتېك ئىمپېرىيەسى ۋە ئۇنىڭ ھۆكۈمرانلىقى ئاستىدىكى ھەرخىل قەبىلىلەر، خەلقلەر ۋە شەھەرلەر بىلەن تونۇشتى.
ئازتېك ئاقسۆڭەكلىرى ئاخىرى كورتېس ۋە مونتېزۇماغا قارشى ئىسيان كۆتۈردى. يېڭى ئىمپېراتورنى سايلاپ، ئىسپانلارنى تېنوچتىتلاندىن قوغلاپ چىقاردى. بىراق بۇ ۋاقىتتا ئىمپېرىيە قۇرۇلمىسىدا نۇرغۇن يوچۇقلار پەيدا بولغان ئىدى. كورتېس بۇ يوچۇقلارنى تېخىمۇ كېڭەيتىپ، ئىمپېرىيەنى ئىچىدىن پارچىلاش ئۈچۈن ئۆزى ئىگىلىگەن بىلىملەرنى ئىشلەتتى. ئۇ ئىمپېرىيەگە بويسۇنغان كۆپلىگەن خەلقلەرنى ھۆكۈمران ئازتېك ئاقسۆڭەكلىرىگە قارشى ئۆزى تەرەپكە قوشۇلۇشقا قايىل قىلدى.

بويسۇندۇرۇلغان خەلقلەر ئېغىر خاتالىق ئۆتكۈزدى. ئۇلار ئازتېكلارنى يامان كۆرەتتى، لېكىن ئىسپانىيە ياكى كارىب دېڭىزىدىكى قىرغىنچىلىق ھەققىدە ھېچنېمە بىلمەيتتى. ئۇلار ئىسپانلارنىڭ ياردىمى بىلەن ئازتېك بويۇنتۇرۇقىدىن قۇتۇلالايمىز دەپ ئويلىدى. ئىسپانلارنىڭ ھاكىمىيەتنى ئىگىلىۋالىدىغانلىقى ئۇلارنىڭ خىيالىغىمۇ كەلمىگەنىدى. ئۇلار كورتېس ۋە ئۇنىڭ بىر نەچچە يۈز ئادىمى چاتاق چىقارسا، ئۇلارنى ئاسانلا يىغىشتۇرغىلى بولىدۇ دەپ ئىشەندى. ئىسيان كۆتۈرگەن خەلقلەر كورتېسنى ئون مىڭلىغان يەرلىك قوشۇن بىلەن تەمىنلىدى ۋە ئۇنىڭ ياردىمى بىلەن كورتېس تېنوچتىتلاننى قورشاپ، شەھەرنى بويسۇندۇردى.
بۇ باسقۇچتا تېخىمۇ كۆپ ئىسپان ئەسكەرلىرى ۋە كۆچمەنلەر مېكسىكىغا كېلىشكە باشلىدى، بەزىلىرى كۇبادىن، بەزىلىرى ئىسپانىيەدىن كەلدى. يەرلىك خەلقلەر نېمە بولۇۋاتقانلىقىنى چۈشەنگەندە ئاللىقاچان كېچىككەن ئىدى. ۋېرا كرۇزغا چىققاندىن كېيىنكى بىر ئەسىر ئىچىدە، ئوتتۇرا ئامېرىكىنىڭ يەرلىك نوپۇسى 90 پىرسەنت ئازايدى. بۇنىڭ ئاساسلىق سەۋەبى مۇستەملىكىچىلەر بىلەن بىللە كەلگەن ناتونۇش كېسەللەر ئىدى. ھايات قالغانلار ئاچكۆز ۋە ئىرقچى تۈزۈمنىڭ ئاسارىتىدە قالدى، بۇ ھاكىمىيەتنىڭ زۇلۇمى ئازتېكلار ھۆكۈم سۈرگەن ۋاقىتتىكىدىنمۇ ئېغىر ئىدى.
كورتېس مېكسىكىغا كىرىپ ئون يىلدىن كېيىن، پىزاررو ئىنكا ئىمپېرىيەسىنىڭ قىرغىقىغا كەلدى. ئۇنىڭ ئەترىتىدە پەقەت 168 ئادەم بولۇپ، ئەسكىرى كورتېسنىڭ ئەسكىرىدىنمۇ ئاز ئىدى! بىراق پىزاررو ئىلگىرىكى مۇستەملىكىچىلەردىن قالغان بارلىق بىلىم ۋە تەجرىبىلەردىن پايدىلاندى. ئىنكالار بولسا ئازتېكلارنىڭ تەقدىرى ھەققىدە ھېچنېمە بىلمەيتتى. پىزاررو كورتېسنىڭ ئۇسۇلىنى دوراپ، ئۆزىنى ئىسپانىيە پادىشاھىنىڭ تىنچلىقپەرۋەر ئەلچىسى دەپ جاكارلىدى، ئىنكا ھۆكۈمدارى ئاتاخۇلپانى دىپلوماتىك سۆھبەتكە تەكلىپ قىلىپ، ئارقىدىن ئۇنى تۇتقۇن قىلدى. پىزاررو پالەچ ھالغا چۈشكەن ئۇ ئىمپېرىيەنى يەرلىك ئىتتىپاقداشلارنىڭ ياردىمىگە تايىنىپ بويسۇندۇردى. ئەگەر ئىنكا ئىمپېرىيەسىگە بويسۇنغان خەلقلەر مېكسىكا خەلقىنىڭ تەقدىرىنى بىلگەن بولسا، باسقۇنچىلار تەرەپكە ئۆتمىگەن بولاتتى. ئەمما ئۇلار بىلمەيتتى.
ئامېرىكانىڭ يەرلىك خەلقلىرىلا ئۆزلىرىنىڭ جاھالەت قاراڭغۇلۇقى ئۈچۈن ئېغىر بەدەل تۆلىگەن ئەمەس. ئاسىيادىكى چوڭ ئىمپېرىيەلەردىن ئوسمانلى، سەفەۋى، موغۇل ۋە خىتاي خاندانلىرى ياۋروپالىقلارنىڭ بىر چوڭ قۇرۇقلۇقنى تاپقانلىقىنى شۇ زامان ئاڭلىغان بولسىمۇ، ئۇنىڭغا ئانچە قىزىقمىدى. ئۇلار دۇنيانىڭ ئاسىيا ئەتراپىدا ئايلىنىدىغانلىقىغا ئىشىنىشنى داۋاملاشتۇردى، شۇنداقلا ئامېرىكا قىتئەسى، ئاتلانتىك ئوكيان ۋە تىنچ ئوكياندىكى يېڭى دېڭىز يوللىرىنى كونترول قىلىش ئۈچۈن ياۋروپالىقلار بىلەن رىقابەتلىشىشكە ئۇرۇنمىدى. ھەتتا شوتلاندىيە ۋە دانىيەدەك كىچىك ياۋروپا پادىشاھلىقلىرىمۇ ئامېرىكاغا بىر نەچچە تەكشۈرۈش-بويسۇندۇرۇش ئەترەتلىرىنى ئەۋەتكەن بولسىمۇ، ئىسلام دۇنياسى، ھىندىستان ياكى خىتايدىن ئامېرىكىغا بىرەر تەكشۈرۈش ياكى بويسۇندۇرۇش ئەترىتى ئەۋەتىلمىدى. ئامېرىكىغا ھەربىي ئەترەت ئەۋەتىشكە ئۇرۇنغان تۇنجى ئاسىيا دۆلىتى ياپونىيە بولدى. بۇ ئىش 1942-يىلى ئىيۇندا يۈز بەردى. بۇ چاغدا ياپون ئەترىتى ئالياسكا قىرغىقىدىكى كىسكا ۋە ئاتتۇ دېگەن ئىككى كىچىك ئارالنى بويسۇندۇرۇپ، ئون ئامېرىكا ئەسكىرى بىلەن بىر ئىتنى ئەسىرگە ئالدى. ئەمما ياپونلار ئۇ قۇرۇقلۇققا ئىچكىرىلەپ كىرەلمىدى.
ئوسمانلىلار ياكى خىتايلار بەك يىراقتا، ئۇلارنىڭ تېخنىكا، ئىقتىساد ۋە ھەربىي كۈچى يېتەرسىز ئىدى دەپ دەلىللەش تەس. 1420-يىللاردا جېڭ خېنى خىتايدىن شەرقىي ئافرىقىغا يولغا سالالىغان ئىقتىسادىي كۈچ، ئۇنى ئامېرىكىغا يولغا سېلىشقىمۇ يېتەرلىك بولۇشى كېرەك ئىدى. ئەمما خىتايلار ئۇنىڭغا پەقەتلا قىزىقمىغان، ئۇلارنىڭ ئامېرىكىنى كۆرسەتكەن تۇنجى دۇنيا خەرىتىسى 1602-يىلىغىچە چىقمىغان، ئۇنىمۇ بىر ياۋروپالىق مىسسىيونېر چىقارغان!
300 يىل داۋامىدا، ياۋروپالىقلار ئامېرىكا قىتئەسى، ئوكيانىيە قىتئەسى، ئاتلانتىك ئوكيان ۋە تىنچ ئوكياندا رەقىبسىز ھۆكۈم سۈردى. بۇ رايونلاردىكى بىردىنبىر مۇھىم كۈرەشلەر ياۋروپا كۈچلىرى ئارىسىدا بولدى. ياۋروپالىقلار توپلىغان بايلىق ۋە مەنبەلەر ئاخىرىدا ئۇلارنىڭ ئاسىيانىمۇ ئىستىلا قىلىشىغا، ئاسىيا ئىمپېرىيەلىرىنى مەغلۇپ قىلىشىغا ۋە ئۇنى ئۆزئارا بۆلۈۋېلىشىغا ئىمكان ياراتتى. ئوسمانلىلار، پارسلار، ھىندىستانلىقلار ۋە خىتايلار ئويغىنىپ ھۇشىنى تاپقاندا بولسا، ئاللىقاچان كېچىككەنىدى.
پەقەت 20-ئەسىردىلا ياۋروپادىن سىرتقى مەدەنىيەتلەر ھەقىقىي دۇنياۋى كۆز قاراشنى قوبۇل قىلدى. بۇ، ياۋروپا ھۆكۈمرانلىقىنى يىمىرىلىشكە ئېلىپ بارغان مۇھىم ئامىللارنىڭ بىرى ئىدى. شۇنداق قىلىپ ئالجىرىيە مۇستەقىللىق ئۇرۇشىدا (1954-1962) ئالجىرىيەلىك پارتىزانلار سان، تېخنىكا ۋە ئىقتىسادتا زور ئۈستۈنلۈككە ئىگە فرانسىيە ئارمىيەسىنى مەغلۇپ قىلدى. ئالجىرىيەلىكلەر مۇستەملىكىچىلىككە قارشى دۇنياۋى ئېقىمنىڭ قوللىشىغا ئېرىشكەنلىكى، دۇنيا مېدىياسىنى، شۇنداقلا فرانسىيەنىڭ ئۆزىدىكى جامائەت پىكرىنى ئۆز دەۋاسىغا ئىشلىتەلىگەنلىكى ئۈچۈن غەلىبە قىلدى. شىمالىي ۋيېتنامدەك كىچىككىنە دۆلەتنىڭ ئامېرىكانى مەغلۇب قىلىشىمۇ شۇ خىل ئىستراتېگىيەگە ئاساسلانغان. مانا بۇلار پارتىزان كۈچلىرى ۋە يەرلىك كۈرەش ئەگەر دۇنياۋى دەۋاغا ئايلانسا، چوڭ كۈچلەرنىمۇ مەغلۇپ قىلغىلى بولىدىغانلىقىنى كۆرسەتتى. شۇنى ئويلاپ بېقىش قىزىقارلىقكى، ئەگەر ئازتېك پادىشاھى مونتېزۇما ئىسپانىيەدىكى جامائەت پىكرىنى كونترول قىلالىغان ۋە ئىسپانىيەنىڭ رەقىبلىرىدىن بولغان پورتۇگالىيە، فرانسىيە ياكى ئوسمانلى ئىمپېرىيەسىدىن ياردەم ئالالىغان بولسا، قانداق بولار ئىدى؟

ئاز ئۇچرايدىغان ئۆمۈچۈكلەر ۋە ئۇنتۇلغان يېزىقلار
زامانىۋى ئىلىم-پەن ۋە زامانىۋى ئىمپېرىيەلەر ئۇپۇقنىڭ نېرىسىدا ئۇلارنى مۇھىم بىر نەرسە ساقلاۋاتقاندەك، ئۇلارنى تەكشۈرۈش ۋە ئىگىلەش كېرەكتەك تىنىمسىز بىر تۇيغۇ بىلەن ھەرىكەتلەنگەن. ھالبۇكى، ئىلىم-پەن بىلەن ئىمپېرىيە ئوتتۇرىسىدىكى باغلىنىش تېخىمۇ چوڭقۇر ئىدى. ئىمپېرىيە قۇرغۇچىلارنىڭ مەقسىتىلا ئەمەس، ئىش-ھەرىكىتىمۇ ئالىملار بىلەن باغلىنىپ كەتكەنىدى. زامانىۋى ياۋروپالىقلار ئۈچۈن، ئىمپېرىيە قۇرۇش بىر ئىلمىي لايىھە بولسا، ئىلمىي جەمئىيەت قۇرۇش بىر ئىمپېرىيە لايىھەسى ئىدى.
مۇسۇلمانلار ھىندىستاننى بويسۇندۇرغاندا، ئۇلار ھىندىستان تارىخىنى سىستېمىلىق تەتقىق قىلىدىغان ئارخېئولوگلارنى، ھىندىستان مەدەنىيەتلىرىنى تەتقىق قىلىدىغان ئانتروپولوگلارنى، ھىندىستان تۇپراقلىرىنى تەتقىق قىلىدىغان گېئولوگلارنى ياكى ھىندىستان ھايۋاناتلىرىنى تەتقىق قىلىدىغان زوئولوگلارنى بىللە ئېلىپ كەلمىگەن. ئىنگلىزلار ھىندىستاننى بويسۇندۇرغاندا، بۇلارنىڭ ھەممىسىنى قىلدى. 1802-يىلى 10-ئاپرېل ھىندىستاننى چوڭ تەكشۈرۈش باشلاندى ۋە 60 يىل داۋاملاشتى. ئون مىڭلىغان يەرلىك ئىشچىلار، ئالىملار ۋە يول باشلىغۇچىلارنىڭ ياردىمى بىلەن، ئىنگلىزلار پۈتۈن ھىندىستاننى ئەستايىدىل خەرىتىلەپ، چېگرالارنى بەلگىلەپ، ئارىلىقلارنى ئۆلچەپ چىقتى؛ ھەتتا ئېۋېرېست چوققىسى ۋە ھىمالايا چوققىلىرىنىڭ دەل ئېگىزلىكىنى تۇنجى قېتىم ھېسابلاپ چىقتى.
موھېنجو-دارو ئىندۇس ۋادىسى مەدەنىيىتىنىڭ باش شەھەرلىرىدىن بىرى بولۇپ، مىلادىدىن بۇرۇنقى ئۈچىنچى مىڭ يىلدا گۈللەنگەن ۋە مىلادىدىن بۇرۇنقى 1900-يىلى ئەتراپىدا ۋەيران بولغان. ھىندىستاننىڭ ئىنگلىزلاردىن بۇرۇنقى ھۆكۈمرانلىرىدىن ماۋرىيالار، گۇپتالار، دېھلى سۇلتانلىرى ياكى بۈيۈك موغۇللار بولسۇن، ھېچقايسىسى بۇ خارابىلەرگە ئىككىنچى قېتىم قاراپمۇ قويمىغان. بىراق 1922-يىلى بىر ئىنگلىز ئارخېئولوگىيە تەكشۈرۈش گۇرۇپپىسى بۇ جاينى بايقىغان. كېيىن بىر ئىنگلىز گۇرۇپپىسى بۇ يەردە قېزىش ئېلىپ بېرىپ، ھېچقانداق ھىندىستانلىق بىلمەيدىغان ھىندىستاننىڭ تۇنجى بۈيۈك مەدەنىيىتىنى بايقىغان.
مىق يېزىقىنىڭ ئوقۇلۇشى ئىنگلىزلارنىڭ ئىلمىي قىزىقىشىنىڭ يەنە بىر مۇھىم مىسالى ئىدى. بۇ يېزىق ئوتتۇرا شەرقتە 3000 يىلغا يېقىن ئىشلىتىلگەن ئاساسلىق يېزىق بولۇپ، ئۇنى ئوقۇيالايدىغان ئەڭ ئاخىرقى كىشى مىلادىيەنىڭ دەسلەپكى مىڭ يىلىنىڭ باشلىرىدا ئۆلۈپ كەتكەن بولۇشى مۇمكىن. شۇنىڭدىن كېيىن، بۇ رايوننىڭ ئاھالىلىرى ئابىدىلەر، تاش تاختىلار، قەدىمكى خارابىلەر ۋە سۇنۇق كوزىلاردىكى مىق يېزىقلىرىنى دائىم ئۇچرىتىپ تۇردى. بىراق ئۇلار كۆپ بۇرجەكلىك بۇ غەلىتە يېزىقلارنى قانداق ئوقۇشنى بىلمەيتتى ۋە بىزنىڭ بىلىشىمىزچە، ئۇنى ئوقۇشقا ھېچقاچان ئۇرۇنۇپمۇ باقمىغانىدى. مىق يېزىق 1618-يىل ياۋروپالىقلارنىڭ دىققىتىنى قوزغىدى، ئۆز ۋاقتىدا ئىسپانىيەنىڭ پېرىسىيەدە (بۈگۈنكى ئىراندا) تۇرۇشلۇق ئەلچىسى خاراپ بولغان پېرسپولىس شەھىرىنى زىيارەت قىلىۋېتىپ، ھېچكىم يېشىپ چۈشەندۈرۈپ بېرەلمەيدىغان ئۇ قەدىمكى يېزىقنى بايقايدۇ. بۇ سىرلىق يېزىقنىڭ خەۋىرى ياۋروپالىق مۇتەخەسىسلەرگە تېزدىن ئاڭلىنىپ، ئۇلارنىڭ زور قىزىقىشىنى قوزغايدۇ. 1657-يىل ياۋروپالىق تەتقىقاتچىلار پېرسپولىس مىق يېزىقىنىڭ تۇنجى ترانسىكرىپسىيەسىنى (ئوقۇلۇشىنى) نەشىر قىلىدۇ، ئۇنىڭ ئارقىسىدىن كۆپلىگەن ترانسىكرىپىسىيەلەر مەيدانغا كېلىدۇ. ئەمما ئىككى ئەسىرگە يېقىن ۋاقىتتا غەربلىك ئالىملاردىن ھېچقايسىسى ئۇنىڭ مەنىسىنى يېشىپ چۈشەندۈرۈپ بېرەلمەيدۇ.
1830-يىللاردا، ھېنرى راۋلىنسون ئىسىملىك بىر ئىنگلىز ئوفىتسېرى پادىشاھنىڭ قوشۇنىنى ياۋروپا ئۇسۇلىدا تەربىيەلەشكە ياردەم بېرىش ئۈچۈن پېرىسىيەگە ئەۋەتىلىدۇ. راۋلىنسون بوش ۋاقىتلىرىدا پېرسىيەنى ئايلىنىپ يۈرىدۇ ۋە بىر كۈنى يەرلىك يول باشلىغۇچىلار ئۇنى زاگروس تاغلىرىدىكى بىر تىك يارغا باشلاپ بېرىپ، بېھىستۇن يېزىقىنى كۆرسىتىدۇ. تەخمىنەن 15 مېتىر ئېگىز ۋە 25 مېتىر كەڭلىكتىكى تاشقا پۈتۈلگەن بۇ يېزىق مىلادىدىن بۇرۇنقى 500-يىلى ئەتراپىدا پادىشاھ دارىئۇس I نىڭ بۇيرۇقى بىلەن يارنىڭ يۈزىگە ئويۇلغان. بۇ مىق يېزىق ئۈچ تىلدا—قەدىمكى پارس، ئېلام ۋە بابىل تىللىرىدا يېزىلغان. بۇ يېزىقنى يەرلىك خەلق كۆپ كۆرگەن بولسىمۇ، ھېچكىم ئۇنى ئوقۇيالمايتتى.
راۋلىنسون ئەگەر بۇ يېزىقنى يېشەلىسە، ئۇ ۋە باشقا ئالىملارنىڭ ئوتتۇرا شەرقتىن تېپىلىۋاتقان كۆپلىگەن يېزىق ۋە تېكىستلەرنى ئوقۇيالايدىغانلىقىغا ھەمدە ئۇنتۇلغان قەدىمكى دۇنياغا بىر ئىشىك ئاچالايدىغانلىقىغا ئىشىنىدۇ. يېزىقنى يېشىشتىكى تۇنجى قەدەم يېزىقنى ئەينەن كۆچۈرۈپ ئېلىپ ياۋروپاغا ئەۋەتىش ئىدى. راۋلىنسون ئۇ غەلىتە ھەرپلەرنى كۆچۈرۈش ئۈچۈن ئۆلۈمگە تەۋەككۈل قىلىپ تىك يارغا يامىشىپ چىقىدۇ. ئۇ بىر نەچچە يەرلىك كىشىنى ياللىۋېلىپ ئۆزىگە ياردەملەشتۈرىدۇ، بىر كۇرد بالىسى يېزىقنىڭ يۇقىرى قىسمىنى كۆچۈرۈش ئۈچۈن يارنىڭ ئەڭ تەس يەرلىرىگە يامىشىپ چىقىدۇ. 1847-يىلى لايىھە تاماملىنىپ، تولۇق ۋە توغرا كۆچۈرمە نۇسخا ياۋروپاغا ئەۋەتىلىدۇ.

راۋلىنسون بۇنىڭ بىلەن توختاپ قالمايدۇ. ئارمىيە ئوفىتسېرى بولۇش سۈپىتى بىلەن، ئۇ ھەر خىل ئۇسۇللارنى سىناپ، ئاخىرى يېزىقنىڭ قەدىمكى پارس قىسمىنى يېشەلەيدۇ. بۇ ئەڭ ئاسان ئىدى، چۈنكى قەدىمكى پارس تىلى راۋلىنسون ياخشى بىلىدىغان زامانىۋى پارس تىلىدىن ئانچە پەرقلەنمەيتتى. يېزىقنىڭ قەدىمكى پارس قىسمىنى چۈشىنىش ئۇنىڭغا ئېلام ۋە بابىل قىسىملىرىنىڭ سىرلىرىنى يېشىشكە كېرەكلىك يىپ ئۇچى بېرىدۇ. چوڭ ئىشىك ئېچىلىدۇ، شۇنىڭ بىلەن قەدىم زاماننىڭ جانلىق ساداسى- سۇمېر بازارلىرىنىڭ غۇلغۇلىسى، ئاسسۇر پادىشاھلىرىنىڭ پەرمانلىرى، بابىل بيۇروكراتلىرىنىڭ مۇنازىرىلىرى ئاڭلىنىشقا باشلايدۇ. راۋلىنسوندەك يېقىنقى دەۋر ياۋروپا ئىمپېرىيالىستلىرىنىڭ تىرىشچانلىقى بولمىغان بولسا، بىز قەدىمكى ئوتتۇرا شەرق ئىمپېرىيەلىرىنىڭ تەقدىرى ھەققىدە كۆپ نەرسە بىلەلمىگەن بولاتتۇق.
يەنە بىر داڭلىق ئىمپېرىيالىست ئالىم ۋىليام جونېس ئىدى. جونېس 1783-يىلى سېنتەبىردە بېنگال ئالىي سوت مەھكىمىسىدە سودىيە بولۇپ خىزمەت قىلىش ئۈچۈن ھىندىستانغا كەلگەن. ئۇ ھىندىستاننىڭ مۆجىزىلىرىگە شۇنچىلىك مەپتۇن بولغانكى، كېلىپ ئالتە ئاي بولا-بولمايلا ئاسىيا جەمئىيىتىنى قۇرغان. بۇ ئاكادېمىك تەشكىلات ئاسىيا، بولۇپمۇ ھىندىستاننىڭ مەدەنىيىتى، تارىخى ۋە جەمئىيىتىنى تەتقىق قىلىدىغان ئورۇن ئىدى. ئىككى يىل ئىچىدە جونېس سېلىشتۇرما تىلشۇناسلىق ئىلمىگە يول ئاچقان سانسكرىت تىلى ھەققىدىكى كۆزىتىشلىرىنى ئېلان قىلدى.
جونېس ئۆز ئەسەرلىرىدە ھىندۇ دىنىي مۇراسىملىرىنىڭ مۇقەددەس تىلىغا ئايلانغان قەدىمكى ھىند تىلى، يەنى سانسكرىت تىلى بىلەن گرېك ۋە لاتىن تىللىرى ئارىسىدىكى ھەيران قالارلىق ئوخشاشلىقلارنى، شۇنداقلا بۇ تىللارنىڭ گوت، كېلت، قەدىمكى پارس، گېرمان، فرانسۇز ۋە ئىنگلىز تىللىرى بىلەن بولغان ئوخشاشلىقلىرىنى كۆرسەتكەن. مەسىلەن، سانسكرىت تىلىدا «ئانا» سۆزى «ماتار»، لاتىنچىدا «ماتېر»، قەدىمكى كېلتچىدە «مادىر» دېيىلىدۇ. جونېس بۇ تىللارنىڭ ھەممىسى ھازىر ئۇنتۇلۇپ كەتكەن قەدىمكى بىر تىلدىن كېلىپ چىققان بولۇشى كېرەك دەپ پەرەز قىلغان. شۇنداق قىلىپ ئۇ كېيىن ھىندى-ياۋروپا تىل ئائىلىسى دەپ ئاتالغان تىللارنى تۇنجى بولۇپ بايقىغان.
جونېسنىڭ تەتقىقاتى ئۇنىڭ جۈرئەتلىك (ۋە توغرا) پەرەزلىرى بىلەنلا ئەمەس، بەلكى تىللارنى سېلىشتۇرۇش ئۈچۈن تۈزگەن تەرتىپلىك مېتودى بىلەنمۇ مۇھىم بىر باسقۇچ بولۇپ قالدى. باشقا ئالىملار بۇ مېتودنى قوبۇل قىلىپ، دۇنيادىكى بارلىق تىللارنىڭ تەرەققىياتىنى سىستېمىلىق تەتقىق قىلالىدى.
تىلشۇناسلىق ئىمپېرىيەنىڭ قىزغىن قوللىشىغا ئېرىشتى. ياۋروپا ئىمپېرىيەلىرى مۇستەملىكە رايونلاردا ئۈنۈملۈك ھۆكۈمرانلىق قىلىش ئۈچۈن پۇقرالىرىنىڭ تىل ۋە مەدەنىيىتىنى بىلىش كېرەك دەپ قارايتتى. ھىندىستانغا كەلگەن ئىنگلىز ئەمەلدارلىرى كالكۇتتا ئىنستىتۇتىدا ئۈچ يىلغىچە ئوقۇشى كېرەك بولۇپ، ئۇ يەردە ئىنگلىز قانۇنى بىلەن بىرگە ھىندۇ ۋە مۇسۇلمان قانۇنىنى؛ گرېك ۋە لاتىن تىللىرى بىلەن بىرگە سانسكرىت، ئۇردۇ ۋە پارس تىللىرىنى؛ ماتېماتىكا، ئىقتىساد ۋە جۇغراپىيە بىلەن بىرگە تامىل، بېنگال ۋە ھىندىستان مەدەنىيىتىنى ئۆگىنەتتى. تىلشۇناسلىق تەتقىقاتى يەرلىك تىللارنىڭ قۇرۇلمىسى ۋە گرامماتىكىسىنى چۈشىنىشتە تولىمۇ ئەسقاتتى.
ۋىليام جونېس ۋە ھېنرى راۋلىنسوندەك كىشىلەر بولغاچقىلا، ياۋروپالىق ئىستىلاچىلار ئۆز ئىمپېرىيەلىرىنى ناھايىتى ياخشى بىلدى. دەرۋەقە، ئۇلار ھىندىستاننى ئىلگىرىكى ھەرقانداق ئىستىلاچىلاردىن، ھەتتا يەرلىك ئاھالىدىنمۇ بەكرەك بىلدى . ئۇلارنىڭ يۇقىرى بىلىمى ئېنىق ۋە ئەمەلىي پايدىلارنى ئېلىپ كەلدى. ئەگەر ئۇلارنىڭ بىلىمى بولمىغان بولسا، ئۇنچىلىك ئاز ساندىكى ئىنگلىزلارنىڭ ئىككى ئەسىر داۋامىدا يۈز مىليونلىغان ھىندىستانلىقلارنى باشقۇرۇشى، ئېزىشى ۋە ئېكسپلاتاتسىيە قىلىشى مۇۋەپپەقىيەتلىك بولمىغان بولاتتى. 19-ئەسىر ۋە 20-ئەسىرنىڭ باشلىرىدا، 5000 دىن ئاز ئىنگلىز ئەمەلدارى، 40 مىڭدىن 70 مىڭغىچە ئىنگلىز ئەسكىرى ۋە يەنە 100 مىڭ ئەتراپىدىكى ئىنگلىز تىجارەتچىلىرى ۋە ئۇلارنىڭ خوتۇن-بالىلىرى، خىزمەتچىلىرى 300 مىليونغا يېقىن ھىندىستانلىقنى بويسۇندۇرۇپ ئىدارە قىلىشقا يەتكەن.
بىراق بۇ ئەمەلىي پايدىلار ئىمپېرىيەلەرنىڭ تىلشۇناسلىق، بوتانىكا، جۇغراپىيە ۋە تارىخ تەتقىقاتلىرىنى مەبلەغ بىلەن تەمىنلىشىدىكى بىردىنبىر سەۋەب ئەمەس ئىدى. ئىلىم-پەننىڭ ئىمپېرىيەلەرگە ئىدېئولوگىيەلىك ئاساس تەمىنلىگەنلىكى تېخىمۇ مۇھىم ئىدى. زامانىۋى ياۋروپالىقلار يېڭى بىلىم ئىگىلەشنىڭ مۇتلەق پايدىسىغا ئىشىنىپ قالدى. ئىمپېرىيەلەرنىڭ توختىماي يېڭى بىلىملەرنى بارلىققا كەلتۈرۈشى ئۇلارنى تەرەققىي قىلدۇرۇپلا قالماي، دۆلەتنىڭ كارخانىدەك رول ئوينىشىغىمۇ تۈرتكە بولدى. ھەتتا بۈگۈنمۇ، جۇغراپىيە، ئارخېئولوگىيە ۋە بوتانىكا قاتارلىق پەنلەر ياۋروپا ئىمپېرىيەلىرىگە، ھېچ بولمىسا ۋاستىلىق ھالدا، رەھمەت ئېيتماي تۇرالمايدۇ. بوتانىكا تارىخى ئاۋسترالىيە يەرلىكلىرىنىڭ ئازاب-ئوقۇبەتلىرى ھەققىدە كۆپ گەپ قىلمىسىمۇ، جېيمس كوك ۋە جوزېف بانكسلارنىڭ ياخشى گېپىنى قىلىدۇ.
ئۇنىڭ ئۈستىگە، ئىمپېرىيەلەر توپلىغان يېڭى بىلىملەر، نەزەرىيەدە بولسىمۇ، بويسۇندۇرۇلغان خەلقلەرگە پايدا يەتكۈزۈش ۋە ئۇلارغا «تەرەققىيات»نىڭ پايدىلىرىنى ئېلىپ كېلىش – ئۇلارنى دورا-دەرمەك ۋە مائارىپ بىلەن تەمىنلەش، تۆمۈر يول ۋە قانال ياساش، ئادالەت ۋە باياشاتلىقنى كاپالەتكە ئىگە قىلىش ئىمكانىيىتىنى ياراتتى. ئىمپېرىيالىستلار ئۆز ئىمپېرىيەلىرىنىڭ كەڭ كۆلەملىك ئېكسپلاتاتسىيە كارخانىلىرى ئەمەس، بەلكى ياۋروپالىق بولمىغان ئىرقلار ئۈچۈن ئېلىپ بېرىلغان خالىس لايىھەلەر ئىكەنلىكىنى دەۋا قىلدى. رۇديارد كىپلىڭ «ئاق تەنلىكلەرنىڭ يۈكى» ناملىق شېئىرىدا يازغاندەك:
:
ئاق تەنلىكلەرنىڭ يۈكىنى كۆتۈر-
ئەۋەتكىن ئەڭ ياخشى نەسلىڭنى –
ئوغۇللىرىڭنى سۈرگۈنگە يوللا
خىزمەت قىلسۇن ئەسىرلىرىڭگە؛
ئېغىر قوشتا كۈتۈپ تۇرسۇن،
ياۋايى، تىلسىز خەلقلەر ئۈچۈن –
يېڭى تۇتۇلغان، تۇتقۇن خەلقىڭ،
يېرىم شەيتان ۋە يېرىم بالا.
ئەلۋەتتە، رېئاللىق كۆپ ھاللاردا بۇ ئەپسانىنى يالغانغا چىقاردى. ئىنگلىزلار 1764-يىلى ھىندىستاننىڭ ئەڭ باي ئۆلكىسى بېنگالنى بويسۇندۇردى. يېڭى ھۆكۈمرانلار پەقەت ئۆزلىرىنى بېيىتىشتىن باشقىغا قىزىقمىدى. ئۇلار بىر نەچچە يىلدىن كېيىن چوڭ بېنگال ئاچارچىلىقىنىڭ يۈز بېرىشىگە سەۋەب بولغان ھالاكەتلىك ئىقتىسادىي سىياسەتنى يولغا قويدى. ئاچارچىلىق 1769-يىلى باشلىنىپ، 1770-يىلى پاجىئەلىك دەرىجىگە يېتىپ، 1773-يىلىغىچە داۋاملاشتى. بۇ ئاپەتتە ئۆلكە نوپۇسىنىڭ ئۈچتىن بىرى، تەخمىنەن 10 مىليون بېنگاللىق ئۆلدى.

ئەمەلىيەتتە، ئېزىش-ئېكسپلاتاتسىيە قىلىش ياكى «ئاق تەنلىكلەرنىڭ يۈكى» دېگەن ھېكايىلەرنىڭ ھېچقايسىسى رېئاللىققا پۈتۈنلەي ماس كەلمەيدۇ. ياۋروپا ئىمپېرىيەلىرى شۇنچە كۆپ ئىشلارنى شۇنچە كەڭ كۆلەمدە قىلغانكى، سىز ئۇلار ھەققىدە نېمە دېمەكچى بولسىڭىز، ئۇنى ئىسپاتلايدىغان نۇرغۇن مىساللارنى تاپالايسىز. بۇ ئىمپېرىيەلەرنى دۇنياغا ئۆلۈم، زۇلۇم ۋە ئادالەتسىزلىك تارقاتقان رەزىل كۈچلەر دەپ قارامسىز؟ ئۇلارنىڭ جىنايەتلىرىنى يېزىپ كەلسىڭىز چوڭ بىر قامۇس بولۇپ چىقىدۇ. ئۇلار ئەمەلىيەتتە يېڭى دورىلار ، ياخشى ئىقتىسادىي شارائىتلار ۋە كۈچەيتىلگەن بىخەتەرلىك بىلەن يەرلىك پۇقرالارنىڭ تۇرمۇشىنى ياخشىلىدى دەپ قارامسىز؟ بۇ تۆھپىلىرىنى يېزىپ كەلسىڭىزمۇ بىر قامۇس بولىدۇ. ئۇ ئىمپېرىيەلەر ئىلىم-پەن بىلەن بولغان زىچ ھەمكارلىقى تۈپەيلىدىن، شۇنچىلىك كۈچ-قۇدرەتكە ئىگە بولدى ۋە دۇنيانى شۇنچىلىك ئۆزگەرتتىكى، ئۇلارنى ئاددىيلا ياخشى ياكى يامان دەپ ئەيىبلەش مۇمكىن ئەمەس. ئۇلار بىز بىلىدىغان دۇنيانى، جۈملىدىن بىز ئۇلارنى باھالاشتا قوللىنىدىغان ئىدېئولوگىيەلەرنى ياراتتى.
بىراق ئىلىم-پەن يەنە ئىمپېرىيالىستلار تەرىپىدىن تېخىمۇ رەزىل مەقسەتلەردە قوللىنىلدى. بىئولوگلار، ئانتروپولوگلار ۋە ھەتتا تىلشۇناسلار ياۋروپالىقلارنىڭ باشقا بارلىق ئىرقلاردىن ئۈستۈن ئىكەنلىكىنى ۋە نەتىجىدە ئۇلارنى باشقۇرۇش ھوقۇقى (بەلكىم مەجبۇرىيىتى) بارلىقىنى «ئىلمىي جەھەتتىن ئىسپاتلاپ» بەردى. ۋىليام جونېس بارلىق ھىندى-ياۋروپا تىللىرىنىڭ بىر قەدىمكى تىلدىن كېلىپ چىققانلىقىنى ئوتتۇرىغا قويغاندىن كېيىن، نۇرغۇن ئالىملار بۇ تىلنى سۆزلىگۈچىلەرنىڭ كىملىكىنى بايقاشقا ئالدىرىدى. ئۇلار 3000 يىلدىن بۇرۇن ئوتتۇرا ئاسىيادىن ھىندىستانغا تاجاۋۇز قىلغان دەسلەپكى سانسكرىت تىلى سۆزلىگۈچىلەرنىڭ ئۆزلىرىنى «ئاريا» دەپ ئاتىغانلىقىنى بايقىدى. دەسلەپكى پارس تىلى سۆزلىگۈچىلىرى ئۆزلىرىنى «ئايرىيا» دەپ ئاتىغان. نەتىجىدە ياۋروپالىق ئالىملار سانسكرىت تىلى ھەم پارس تىلىنى (شۇنداقلا گرېك، لاتىن، گوت ۋە كېلت تىللىرىنى) بارلىققا كەلتۈرگەن دەسلەپكى تىلنى سۆزلىگەن خەلق ئۆزلىرىنى ئارىيانلار دەپ ئاتىغان بولۇشى كېرەك دەپ پەرەز قىلدى. ھەيۋەتلىك ھىندىستان، پارس، گرېك ۋە رىم مەدەنىيەتلىرىنى قۇرغانلارنىڭ ھەممىسىنىڭ ئارىيانلار بولۇشى تاسادىپىيلىقمۇ؟
كېيىن، ئىنگلىز، فرانسۇز ۋە گېرمان ئالىملىرى تىرىشچان ئارىيانلار ھەققىدىكى تىلشۇناسلىق نەزەرىيەسىنى دارۋىننىڭ تەبىئىي تاللىنىش نەزەرىيەسى بىلەن بىرلەشتۈرۈپ، ئارىيانلارنىڭ پەقەت بىر تىل گۇرۇپپىسىلا ئەمەس، بەلكى بىئولوگىيەلىك بىرلىك – بىر ئىرق ئىكەنلىكىنى ئوتتۇرىغا قويدى. ئۇ پەقەت ئاددىي بىر ئىرق ئەمەس، بەلكى ئېگىز بويلۇق، سېرىق چاچلىق، كۆك كۆزلۈك، تىرىشچان ۋە ئىنتايىن ئەقىللىق ئىنسانلاردىن تەركىب تاپقان ئالىي ئىرق بولۇپ، شىمالنىڭ سوغۇق تۇمانلىرىدىن چىقىپ پۈتۈن دۇنيادا مەدەنىيەتنىڭ ئاساسىنى سالغان. ئەپسۇسكى، ھىندىستان ۋە پېرىسىيەگە تاجاۋۇز قىلغان ئارىيانلار بۇ يەرلەردىكى يەرلىك خەلقلەر بىلەن نىكاھلىنىپ، ئاق تەنلىرى ۋە سېرىق چاچلىرىنى، شۇنىڭ بىلەن بىرگە ئەقىل-پاراسىتى ۋە تىرىشچانلىقىنى يوقاتقان. نەتىجىدە ھىندىستان ۋە پارس مەدەنىيەتلىرى خاراپ بولغان. ياۋروپادا بولسا، ئارىيانلار ئىرقىي پاكلىقىنى ساقلاپ قالغان. مانا بۇ ياۋروپالىقلارنىڭ دۇنيانى بويسۇندۇرالىغانلىقى ۋە ئۇنى باشقۇرۇشقا لاياقەتلىك بولۇشىنىڭ سەۋەبى؛ پەقەت تۆۋەن ئىرقلار بىلەن ئارىلاشماسلىققا دىققەت قىلسىلا ئۇلار يەنە ئالىي ئىرق بولۇپ تۇرالايدۇ.
بۇنداق ئىرقچىل نەزەرىيەلەر ئۇزۇن يىللار داۋامىدا كۆزگە كۆرۈنەرلىك نوپۇزغا ئىگە بولسىمۇ، ھازىر ئالىملار ۋە سىياسەتچىلەر تەرىپىدىن بىردەك تەنقىدلەنمەكتە. كىشىلەر ئىرقچىلىققا قارشى قەھرىمانلارچە كۈرەش قىلىۋاتىدۇ، بىراق جەڭ سېپىنىڭ يۆتكەلگەنلىكىنى ۋە ئىمپېرىيە ئىدېئولوگىيەسىدە ئىرقچىلىقنىڭ ئورنىنى ھازىر «مەدەنىيەتچىلىك» ئىگىلىگەنلىكىنى بايقىمايۋاتىدۇ. بۇنداق بىر سۆز يوق، ئەمما ئۇنى ئىجاد قىلىش ۋاقتى كەلدى. بۈگۈنكى زىيالىيلار ئارىسىدا، ھەرخىل ئىنسان گۇرۇپپىلىرىنىڭ پەرقلىق ئالاھىدىلىكلىرى ھەققىدىكى بايانلار دائىم ئىرقلار ئارىسىدىكى بىئولوگىيەلىك پەرقلەر ئەمەس، بەلكى مەدەنىيەتلەر ئارىسىدىكى تارىخىي پەرقلەر نۇقتىسىدىن ئوتتۇرىغا قويۇلىدۇ. بىز ئەمدى «بۇ ئۇلارنىڭ قېنىدا بار» دېمەيمىز؛ بەلكى «بۇ ئۇلارنىڭ مەدەنىيىتىدە بار» دەيمىز.
شۇڭا مۇسۇلمانلارنىڭ كۆچمەنلىكىگە قارشى تۇرىدىغان ياۋروپا ئوڭچىل پارتىيەلىرى ئادەتتە ئىرقىي ئاتالغۇلارنى ئىشلىتىشتىن ساقلىنىدۇ. ئەگەر مارىن لې پېننىڭ نۇتۇق يازغۇچىلىرى مىللىي فرونت رەھبىرىنىڭ تېلېۋىزوردا سۆزلەيدىغان سۆزىگە «بىز بۇ تۆۋەن سامى ئىرقىنىڭ بىزنىڭ ئارىيان قېنىمىزنى سۇسلاشتۇرۇپ، ئارىيان مەدەنىيىتىمىزنى بۇزۇشىنى خالىمايمىز» دېيىش تەكلىپى سۇنغان بولسا، ئۇلار نەق مەيداندىلا قوغلاپ چىقىرىلغان بولاتتى. ئۇنىڭ ئورنىغا، فرانسىيە مىللىي فرونتى، گوللاندىيە ئەركىنلىك پارتىيەسى، ئاۋسترىيە كەلگۈسى ئىتتىپاقى ۋە شۇنىڭغا ئوخشاش پارتىيەلەر ياۋروپادا تەرەققىي قىلغان غەرب مەدەنىيىتىنىڭ دېموكراتىك قىممەت قاراشلار، كەڭ قورساقلىق ۋە جىنسىي باراۋەرلىك بىلەن خاراكتېرلىنىدىغانلىقىنى، ئوتتۇرا شەرقتە تەرەققىي قىلغان مۇسۇلمان مەدەنىيىتىنىڭ بولسا ھۆكۈمرانلىق سىياسىتى، مۇتەئەسسىپلىك ۋە ئايال دۈشمەنلىكى بىلەن خاراكتېرلىنىدىغانلىقىنى ئوتتۇرىغا قويىدۇ. بۇ ئىككى مەدەنىيەت شۇنچە پەرقلىق بولغاچقا ۋە نۇرغۇن مۇسۇلمان كۆچمەنلەر غەرب قىممەت قاراشلىرىنى قوبۇل قىلىشنى خالىمىغاچقا (ۋە بەلكىم قوبۇل قىلالمىغاچقا), ئۇلارنىڭ كىرىشىگە يول قويۇلماسلىقى كېرەك، بولمىسا ئۇلار ئىچكى توقۇنۇشلارنى كەلتۈرۈپ چىقىرىپ، ياۋروپا دېموكراتىيەسى ۋە ئەركىنلىكىنى چىرىتىۋېتىدۇ.
بۇنداق مەدەنىيەتچىلىك پىكىرلىرى ئىنسانشۇناسلىق ۋە ئىجتىمائىي پەنلەردىكى ئاتالمىش مەدەنىيەتلەر توقۇنۇشى ۋە ھەرخىل مەدەنىيەتلەر ئارىسىدىكى تۈپ پەرقلەرنى تەكىتلەيدىغان ئىلمىي تەتقىقاتلار تەرىپىدىن ئوزۇقلاندۇرۇلىدۇ. بارلىق تارىخچىلار ۋە ئانتروپولوگلار بۇ نەزەرىيەلەرنى ياكى ئۇلارنىڭ سىياسەتتە قوللىنىلىشىنى قوللىمايدۇ. بىراق بۈگۈنكى بىئولوگلار ھازىرقى ئىنسان گۇرۇپپىلىرى ئارىسىدىكى بىئولوگىيەلىك پەرقلەرنىڭ كىچىك ئىكەنلىكىنى چۈشەندۈرۈپ ئىرقچىلىقنى ئاسانلا رەت قىلالىسىمۇ، تارىخچىلار ۋە ئانتروپولوگلارنىڭ مەدەنىيەتچىلىكنى رەت قىلىشى تېخىمۇ قىيىن. ئاخىرى كېلىپ، ئەگەر ئىنسان مەدەنىيەتلىرى ئارىسىدىكى پەرقلەر كىچىك بولسا، نېمە ئۈچۈن تارىخچىلار ۋە ئانتروپولوگلارغا پۇل تۆلەپ ئۇلارنى تەتقىق قىلدۇرىمىز؟
ئالىملار ئىمپېرىيە پىلانى ئۈچۈن ئەمەلىي بىلىم، ئىدېئولوگىيەلىك ئاساس ۋە تېخنىكىلىق قوراللارنى تەمىنلىدى. ئالىملارنىڭ تۆھپىسى بولمىغان بولسا، ياۋروپالىقلارنىڭ دۇنيانى بويسۇندۇرالىشى ناتايىن ئىدى. ئىستىلاچىلار ئالىملارغا ئۇچۇر ۋە ھىمايە بىلەن جاۋاب قايتۇرۇپ، ھەرخىل غەلىتە ۋە قىزىقارلىق لايىھەلەرنى قوللاپ، ئىلمىي پىكىر قىلىش ئۇسۇلىنى دۇنيانىڭ چەت-ياقىلىرىغىچە تارقاتتى. ئىمپېرىيەلەر قوللىمىغان بولسا، زامانىۋى ئىلىم-پەننىڭ بۇنچىلىك تەرەققىي قىلالىشىمۇ ناتايىن ئىدى. كۆپىنچە ئىلىم-پەن تارماقلىرى ئىمپېرىيەنىڭ كېڭىيىشىگە خىزمەت قىلىش بىلەن باشلانغان بولۇپ، ئالىملار ئىمپېرىيە ھۆكۈمدارلىرى، ئارمىيە ئوفىتسېرلىرى، دېڭىز كاپىتانلىرىنىڭ سېخىي ياردىمىگە ئېرىشكەن. ئۇلارنىڭ كۆپ قىسىم بايقاشلىرى، تەتقىقات ئەسەرلىرى، بىنالىرى ۋە ئوقۇش مۇكاپاتلىرى ئىمپېرىيەنىڭ كۈچىگە تايانغان.
بۇ ئەلۋەتتە ھېكايىنىڭ پۈتۈن قىسمى ئەمەس. ئىلىم-پەن پەقەت ئىمپېرىيەلەر تەرىپىدىنلا ئەمەس، باشقا ئورگانلار تەرىپىدىنمۇ قوللىنىلدى. ياۋروپا ئىمپېرىيەلىرى ئىلىم-پەندىن باشقا ئامىللار سەۋەبىدىنمۇ گۈللەندى. ئىلىم-پەن بىلەن ئىمپېرىيەنىڭ يۈكسىلىشىنىڭ كەينىدە يەنە بىر ئالاھىدە مۇھىم كۈچ: كاپىتالىزم بار. پۇل تاپىمىز دەيدىغان تىجارەتچىلەر بولمىغان بولسا، كولومبو ئامېرىكىغا، جېيمس كوك ئاۋسترالىيەگە يېتىپ بارالمىغان، نېيل ئارمسترونگمۇ ئاي يۈزىدە ئۇ كىچىك قەدەمنى باسالمىغان بولاتتى.


















































