ساپىيانس: ئىنسانلارنىڭ قىسقىچە تارىخى(35)

Throne with a crowned figure surrounded by industry, trade, and historical figures symbolizing capitalism and colonialism

كاپىتالىستلارنىڭ ئېتىقادى

پۇل-بايلىق ئىمپېرىيەلەرنى قۇرۇش ھەم ئىلىم-پەننى ئىلگىرى سۈرۈشتە مۇھىم رول ئوينىغان. ئەمما پۇل بۇ تىرىشچانلىقلارنىڭ ئاخىرقى نىشانىمۇ ياكى پەقەت خەتەرلىك بىر زۆرۈرىيەتمۇ؟

زامانىۋى تارىختا ئىقتىسادنىڭ ھەقىقىي رولىنى چۈشىنىش ئاسان ئەمەس. پۇلنىڭ دۆلەتلەرنى قانداق قۇرغانلىقى ۋە ۋەيران قىلغانلىقى، يېڭى ئۇپۇقلارنى ئاچقانلىقى ۋە مىليونلىغان كىشىلەرنى قۇل قىلغانلىقى، سانائەت چاقلىرىنى ھەرىكەتلەندۈرگەنلىكى ۋە يۈزلىگەن تۈرلەرنى يوقىلىشقا مەھكۇم قىلغانلىقى ھەققىدە تولۇق كىتابلار يېزىلغان. بىراق زامانىۋى ئىقتىساد تارىخىنى چۈشىنىش ئۈچۈن، سىز پەقەت بىرلا سۆزنى چۈشىنىشىڭىز كېرەك. بۇ سۆز – ئۆسۈش. ياخشى بولسۇن-يامان بولسۇن، ساغلام بولسۇن-كېسەل بولسۇن، زامانىۋى ئىقتىساد خۇددى ھورمون بىلەن تويۇنغان ئۆسمۈردەك ئۆسمەكتە. ئۇ تاپالىغان ھەممە نەرسىنى يەپ تۈگىتىدۇ ۋە سىز ھېسابلىيالمىغۇدەك تېزلىكتە چوڭىيىدۇ.

تارىختا ئىقتىساد ئاساسەن ئوخشاش سەۋىيەدە تۇرغان. دۇنيا ئىشلەپچىقىرىشى ئاشقان بولسىمۇ، بۇ ئاساسەن نوپۇسنىڭ كۆپىيىشى ۋە يېڭى يەرلەرنىڭ ماكانلىشىشى تۈپەيلىدىن بولغان. كىشى بېشىغا توغرا كېلىدىغان ئىشلەپچىقىرىش مىقدارى ئۆزگەرمىگەن. بىراق زامانىۋى دەۋردە بۇنىڭ ھەممىسى ئۆزگەردى. 1500-يىلى دۇنيادىكى مال-مۈلۈك ۋە مۇلازىمەت ئىشلەپچىقىرىشى تەخمىنەن 250 مىليارد دوللارغا تەڭ ئىدى؛ بۈگۈن بۇ رەقەم 60 تىرىليون دوللار ئەتراپىدا. تېخىمۇ مۇھىمى، 1500-يىلى ئىنسانلارنىڭ كىشى بېشىغا توغرا كېلىدىغان يىللىق ئىشلەپچىقىرىش قىممىتى ئوتتۇرا ھېسابتا 550 دوللار بولغان بولسا، بۈگۈن ھەر بىر ئادەمگە—ئەرلەر، ئاياللار ۋە بالىلارغا توغرا كېلىدىغان يىللىق ئىشلەپچىقىرىش قىممىتى 8,800 دوللارغا توغرا كېلىدۇ. بۇ ھەيران قالارلىق ئۆسۈشنى نېمە چۈشەندۈرەلەيدۇ؟

ئىقتىساد ناھايىتى مۇرەككەپ تېما. ئىشنى ئاسانلاشتۇرۇش ئۈچۈن، ئاددىي بىر مىسال كەلتۈرەيلى: سامۇئېل گىرىدى دېگەن ئەقىللىق بانكېر كالىفورنىيەنىڭ ئەل دورادو دېگەن يېرىدە بىر بانكا قۇرىدۇ. ئەل دورادودىكى يۈكسىلىۋاتقان قۇرۇلۇش ھۆددىگىرى ستون ئەپەندى تۇنجى چوڭ ئىشىنى تاماملاپ، 1 مىليون دوللار نەق پۇل تاپىدۇ. ئۇ بۇ پۇلنى گىرىدىنىڭ بانكىسىغا ئامانەت قويىدۇ. بانكىنىڭ ئەمدى 1 مىليون دوللار مەبلىغى بار .شۇ ئارىدا، ئەل دورادودىكى تەجرىبىلىك، ئەمما نامرات ئاشپەز جەين ماكدونات ئۆز ئەتراپىدىكى شەھەر رايونىدا ياخشى بولكىخانا يوقلۇقىنى كۆرۈپ، بۇنى تىجارەت پۇرسىتى دەپ قارايدۇ. بىراق بولكا پىشۇرۇش ماشىنىسى، قاچا يۇيۇش ئىدىشى، پىچاقلار ۋە قازان دېگەندەك ئەسلىھەلەرنى سېتىۋېلىشقا يېتەرلىك پۇلى يوق. ئۇ بانكىغا بېرىپ، ئۆزىنىڭ تىجارەت پىلانىنى گىرىدىگە كۆرسىتىپ، بۇنىڭ قىممەتلىك مەبلەغ سېلىش لايىھەسى ئىكەنلىكىگە ئىشەندۈرىدۇ. گىرىدى ئۇنىڭ بانكىدىكى ھېسابىغا مەبلەغ كىرگۈزۈپ، 1 مىليون دوللار قەرز بېرىدۇ. ماكدونات خانىم ئەمدى ھۆددىگەر ستون ئەپەندىنى بولكىخانىنى ياساپ  بېزەشكە يالىلايدۇ. ئۇنىڭ چىقىمى 1 مىليون دوللار. ماكدونات خانىم ئۆز ھېسابىدىن چەك يېزىپ تۆلىگەندە، ستون ئەپەندى پۇلنى گىرىدى بانكىسىدىكى ھېسابىغا قويىدۇ .ئۇنداقتا ستون ئەپەندىنىڭ بانكا ھېسابىدا قانچىلىك پۇلى بار؟ توغرا، 2 مىليون دوللار. بانكا كاسىسىدا قانچىلىك نەق پۇل بار؟ شۇنداق، 1 مىليون دوللار.

ئىش بۇنىڭ بىلەن توختاپ قالمايدۇ. ھۆددىگەرلەرنىڭ ئادىتى بويىچە، ئىككى ئايدىن كېيىن ستون ئەپەندى ماكدونات خانىمغا كۈتۈلمىگەن مەسىلىلەر ۋە چىقىملار تۈپەيلىدىن بولكىخانىنى سېلىش خىراجىتىنىڭ ئەمەلىيەتتە 2 مىليون دوللار بولىدىغانلىقىنى ئېيتىدۇ. ماكدونات خانىم خۇشال بولمىسىمۇ، ئىشنى يېرىم يولدا توختىتىپ قويالمايدۇ. شۇڭا ئۇ يەنە بىر قېتىم بانكىغا بېرىپ، گىرىدىنى قوشۇمچە قەرز بېرىشكە قايىل قىلىدۇ ۋە يەنە 1 مىليون دوللارنى ھېسابىغا كىرگۈزۈپ، ئۇنى ھۆددىگەرچىنىڭ ھېسابىغا يۆتكەيدۇ.

ھازىر ستون ئەپەندىنىڭ ھېسابىدا قانچىلىك پۇل بار؟ 3 مىليون دوللىرى بار. لېكىن بانكىدا ئەمەلىيەتتە قانچىلىك پۇل بار؟ يەنىلا 1 مىليون دوللار. ئەمەلىيەتتە، بۇ باشتىن-ئاخىر بانكىدا تۇرۇۋاتقان ئوخشاش 1 مىليون دوللار.

ھازىرقى ئامېرىكا بانكا قانۇنى بانكىنىڭ بۇ ئىشنى يەنە يەتتە قېتىم تەكرارلىشىغا رۇخسەت قىلىدۇ. ھۆددىگەرنىڭ ھېسابىدا ئاخىرى 10 مىليون دوللار پۇلى بولىدۇ، گەرچە بانكىدا يەنىلا پەقەت 1 مىليون دوللار بولسىمۇ. بانكىلار ئۆزلىرىدە بار ھەر بىر دوللارغا 10 دوللار قەرز بېرەلەيدۇ، يەنى بىزنىڭ بانكا ھېسابلىرىمىزدىكى پۇلنىڭ 90 پىرسەنتى ئەمەلىي تەڭگە ۋە پۇل بىلەن كاپالەتلەندۈرۈلمىگەن. ئەگەر باركلېيس بانكىسىنىڭ بارلىق ھېساب ئىگىلىرى تۇيۇقسىز پۇللىرىنى تەلەپ قىلسا، باركلېيس دەرھال يىمىرىلىدۇ (ھۆكۈمەت قۇتقۇزۇشقا كىرىشمىسە). لويدس بانكىسى، دويچە بانكىسى، سىتى بانكىسى ۋە دۇنيادىكى باشقا بارلىق بانكىلارمۇ شۇنداق.

Medieval fantasy scene of a grand vault with people discussing loans, payment plans, and business models

بۇ خۇددى پوڭزەك ئالدامچىلىقىغا (قانۇنسىز مەبلەغ توپلاشقا) ئوخشايدۇ، شۇنداق ئەمەسمۇ؟ ئەگەر بۇ ئالدامچىلىق بولسا، ئۇنداقتا پۈتۈن زامانىۋى ئىقتىساد بىر ئالدامچىلىق. ئەمەلىيەتتە، بۇ ئالدامچىلىق ئەمەس، بەلكى ئىنسان تەسەۋۋۇرىنىڭ ھەيران قالارلىق ئىقتىدارىغا بېرىلگەن قىممەت. بانكىلارنىڭ ( ۋە پۈتۈن ئىقتىسادنىڭ) ھايات قېلىشى ۋە گۈللىنىشىگە يول قويىدىغان نەرسە كەلگۈسىگە بولغان ئىشەنچىمىز. بۇ ئىشەنچ دۇنيادىكى كۆپ قىسىم پۇلنىڭ بىردىنبىر كاپالىتى.

بولكىخانا مىسالىدا، ھۆددىگەرنىڭ ھېساب دوكلاتى بىلەن بانكىدىكى ئەمەلىي پۇل مىقدارى ئوتتۇرىسىدىكى پەرق ماكدونات خانىمنىڭ بولكىخانىسىنىڭ قىممىتىگە تەڭ. بانكېر گىرىدى بولسا بانكىنىڭ پۇلىنى بۇ مۈلۈككە سالغان، چۈنكى ئۇ بىر كۈنى ئۆزىگە پايدىلىق بولىدۇ دەپ ئىشەنگەن. بولكىخانا تېخى بىر پارچە بولكىمۇ سالمىغان بولسىمۇ، ماكدونات خانىم بىلەن بانكېر گىرىدى بىر يىلدىن كېيىن ھەر كۈنى مىڭلىغان بولكا، پوشكال، تورت ۋە پىچىنە سېتىلغاندا، ياخشى پايدا ئالالىشىنى ئۈمىد قىلىدۇ. شۇ چاغدىلا ماكدونات خانىم قەرزىنى ئۆسۈمى بىلەن قايتۇرالايدۇ. ئەگەر شۇ چاغدا ستون ئەپەندى ئۆز ئامانىتىنى ئېلىشنى قارار قىلسىمۇ، گىرىدى نەق پۇلنى چىقىرالايدۇ. دېمەك، بارلىق كارخانا تەسەۋۋۇردىكى كەلگۈسىگە بولغان ئىشەنچكە ئاساسلىنىدۇ، بۇ ئىشەنچ تىجارەتچى بىلەن بانكىرنىڭ ئۆز چۈشىدىكى بولكىخانىغا بولغان ئىشەنچى، شۇنداقلا قۇرۇلۇش ھۆددىگىرىنىڭ بانكىنىڭ كەلگۈسىدىكى تۆلەم قابىلىيىتىگە بولغان ئىشەنچىدۇر.

بىز پۇلنىڭ ھەيران قالارلىق نەرسە ئىكەنلىكىنى، چۈنكى ئۇنىڭ سانسىز ئوخشىمىغان ئوبيېكىتلارغا ۋەكىللىك قىلىپ، ھەر قانداق نەرسىنى يەنە بىر نەرسىگە ئايلاندۇرالايدىغانلىقىنى كۆرۈپ ئۆتتۇق. بىراق زامانىۋى دەۋردىن بۇرۇن بۇ ئىقتىدار چەكلىك ئىدى. كۆپ ئەھۋاللاردا، پۇل پەقەت نەق نەرسىلەرگىلا ۋەكىللىك قىلاتتى ۋە ئۇلارنى بىر-بىرىگە ئايلاندۇرالايتتى. بۇ ھال ئىقتىسادىي ئۆسۈشنى چەكلەپ قويدى، چۈنكى ئۇ يېڭى كارخانىلارغا مەبلەغ سېلىشنى ئىنتايىن قىيىنلاشتۇرۇپ قويغانىدى.

بولكىخانا مىسالىنى ئالايلى، ئەگەر پۇل پەقەت مەۋجۇت نەرسىلەرگىلا ۋەكىللىك قىلسا، ماكدونات بولكىخانىسى قۇرۇلالامتى؟ ياق. ماكدونات خانىمنىڭ نۇرغۇن خىياللىرى بولسىمۇ، مەۋجۇت مەنبەلىرى يوق. ئۇنىڭ بولكىخانىسىنى سېلىشنىڭ بىردىنبىر يولى بۈگۈن ئىشلەپ، بولكىخانا ئېچىش ئۈچۈن پۇل تېپىشقا باشلىغاندا، بىر نەچچە يىلدىن كېيىن ھەق ئېلىشقا رازى بولىدىغان بىر قۇرۇلۇش ھۆددىگىرىنى تېپىش. ئەپسۇس، بۇنداق ھۆددىگەرلەر كەم. ئۇ ھالدا بىزنىڭ تىجارەتچىمىز تۇيۇق يولغا كىرىپ قالىدۇ. بولكىخانا بولمىسا، ئۇ تاتلىق-تۈرۈم سالالمايدۇ؛ تاتلىق-تۈرۈملىرى بولمىسا، ئۇ پۇل تاپالمايدۇ؛ پۇلى بولمىسا، ئۇ قۇرۇلۇشچىنى ياللىيالمايدۇ. قۇرۇلۇشچى بولمىسا، ئۇنىڭ بولكىخانىسىمۇ بارلىققا كەلمەيدۇ.

ئىش-ئوقەتچىنىڭ قىيىنچىلىقى

ئىنسانلار نەچچە مىڭ يىلدىن بۇيان بۇ قىيىن ئەھۋالدا ياشاپ كەلگەن بولۇپ، ئىقتىسادى توڭلاپ قالغان. بۇ مۈشكۈلاتتىن چىقىش يولى پەقەت زامانىۋى دەۋردىلا، كەلگۈسىگە بولغان ئىشەنچكە ئاساسلانغان يېڭى سىستېمىنىڭ پەيدا بولۇشى بىلەن بايقالغان. بۇ سىستېمىدا كىشىلەر خىيالىي مال-مۈلۈكلەرنى، يەنى ھازىر مەۋجۇت بولمىغان مال-مۈلۈكلەرنى «قەرز» دەپ ئاتىلىدىغان ئالاھىدە بىر خىل پۇل بىلەن ئىپادىلەشكە كېلىشكەن. قەرز بىزگە كەلگۈسىنىڭ ھېسابىغا ھازىرنى بارلىققا كەلتۈرۈش ئىمكانىيىتىنى بېرىدۇ. ئۇ كەلگۈسىدىكى بايلىقىمىز ھازىرقى بايلىقىمىزدىن ئېشىپ كېتىدۇ دېگەن پەرەزگە ئاساسلىنىدۇ. ئەگەر بىز كەلگۈسىدىكى كىرىمىمىزنى ئىشلىتىپ ھازىرقى ئىمكانىمىزنى يارىتالىساق، نۇرغۇن يېڭى ۋە ئاجايىپ پۇرسەتلەر ئېچىلىدۇ.

قەرز شۇنچە ئاجايىپ نەرسە بولسا، نېمىشقا ھېچكىم بۇنى بۇرۇن ئويلاپ باقمىغان؟ ئەلۋەتتە ئۇلار ئويلىغان. بىر خىل ياكى كۆپ خىل قەرز كېلىشىملىرى ھازىرغىچە مەلۇم بولغان بارلىق ئىنسان مەدەنىيەتلىرىدە مەۋجۇت بولۇپ، ئەڭ ئاز دېگەندە قەدىمكى سۇمېرلارغىچە سوزۇلىدۇ. ئىلگىرىكى دەۋرلەردىكى مەسىلە ھېچكىمنىڭ بۇ ئىدىيەگە ئىگە بولمىغانلىقى ياكى ئۇنى قانداق ئىشلىتىشنى بىلمىگەنلىكى ئەمەس ئىدى. مەسىلە شۇكى، كىشىلەر كەلگۈسىنىڭ ھازىرقىدىن ياخشى بولىدىغانلىقىغا ئىشەنمىگەچكە، كۆپ قەرز بېرىشنى خالىمايتتى. ئۇلار ئادەتتە ئۆتمۈشىنى بۈگۈنكى كۈنىدىن ياخشى، كەلگۈسى بولسا ناچار ياكى ئەڭ ياخشى بولغاندىمۇ بۈگۈنكى كۈنى بىلەن ئوخشاش بولىدۇ دەپ ئىشىنەتتى. بۇنى ئىقتىسادىي نۇقتىدىن ئېيتقاندا، ئۇلار جەمئىي بايلىقنى چەكلىك، ھەتتا بارغانچە ئازىيىۋاتىدۇ دەپ قارايتتى.

شۇڭا كىشىلەر ئۆزلىرىنىڭ، پادىشاھلىقىنىڭ، ياكى پۈتۈن دۇنيانىڭ ئون يىلدىن كېيىن تېخىمۇ كۆپ بايلىق ئىشلەپچىقىرىدىغانلىقىنى پەرەز قىلىشنى شۇملۇق دەپ قارايتتى. تىجارەت نۆل يىغىندىلىق ئويۇنغا ئوخشايتتى. مەلۇم بىر بولكىخانا گۈللىنىپ پايدا تاپسا، ئۇنىڭ يېنىدىكى بولكىخانىنىڭ بازىرى كاساتلىشىشى مۇمكىن؛ ۋېنېتسىيە گۈللىنىشى مۇمكىن، ئەمما ئۇنىڭ بەدىلىگە گېنۇئانى نامراتلىشىشى مۇمكىن. ئەنگلىيە پادىشاھى بولسا فرانسىيە پادىشاھىنى بۇلاش ئارقىلىق بېيىپ قۇدرەت تېپىشى مۇمكىن. سىز تورتنى كۆپ خىل ئۇسۇلدا كېسەلەيسىز، ئەمما ئۇ ھەرگىز چوڭايمايدۇ.

شۇڭا نۇرغۇن مەدەنىيەتلەر كۆپ پۇل تېپىشنىڭ گۇناھ ئىكەنلىكىگە ھۆكۈم قىلغان. ئەيسا ئېيتقاندەك: «تۆگىنىڭ يىڭنە تۆشۈكىدىن ئۆتۈشى باي ئادەمنىڭ ئىمان ئېيتىشىدىن ئاسان» (ماتتا 19:24). ئەگەر تورت ئۆزگەرمىسە ۋە مېنىڭ ئالغىنىم چوڭراق بىر پارچە بولسا، مەن چوقۇم باشقىلارنىڭ پارچىسىنى ئالغان بولىمەن. بايلار ئۆزلىرىنىڭ ئارتۇق بايلىقىنىڭ بىر قىسمىنى خەير-ساخاۋەتكە بېرىش ئارقىلىق، يامان قىلمىشلىرى ئۈچۈن تەۋبە قىلىشقا مەجبۇر ئىدى.

Multiple hands reaching for a freshly baked lattice-top pie on a wooden table with plates and napkins.

ئەگەر دۇنيا تورتقا ئوخشاش چوڭلۇقتا قالسا، قەرز ئۈچۈن ھېچقانداق بوشلۇق قالمايدۇ. قەرز بۈگۈنكى تورت بىلەن ئەتىكى تورتنىڭ پەرقىدۇر. ئەگەر تورت ئوخشاش چوڭلۇقتا قالسا، نېمىشقا قەرز بېرىمىز؟ بولكىچى ياكى پادىشاھ سىزنىڭ پۇلىڭىزنى سوراپ قالسا، سىز ئۇلارنىڭ چوقۇم قارشى تەرەپتىن بىر نەرسىنى يۇلۇپ ئالالايدىغانلىقىغا ئىشەنمىسىڭىز، ھەرگىز خەتەرگە تەۋەككۇل قىلىپ قەرز بەرمەيسىز. شۇڭا زامانىۋى دەۋردىن ئىلگىرىكى دۇنيادا قەرز ئېلىش قىيىن ئىدى، قەرز ئالغاندىمۇ ئادەتتە ئاز مىقداردا، قىسقا مۇددەتلىك ۋە يۇقىرى ئۆسۈملۈك بولاتتى. شۇڭا يېڭى تىجارەتچىلەر يېڭى بولكىخانىلارنى ئېچىشتا قىيىنچىلىققا ئۇچرايتتى.  ئوردا سالماقچى ياكى ئۇرۇش قىلماقچى بولغان چوڭ پادىشاھلار يۇقىرى باج-سېلىق ۋە تاموژنا بېجى ئارقىلىق زۆرۈر مەبلەغنى يىغىشتىن باشقا ئامالى يوق ئىدى. بۇ پادىشاھلار ئۈچۈن ياخشى ئىدى (پۇقرالار بويسۇنۇپ تۇرغان مۇددەتچە)، ئەمما بولكىخانا ئېچىش توغرىسىدا ياخشى ئىدىيەسى بار ۋە تەرەققىي قىلغۇسى بار ئاشخانا خىزمەتچىسى پەقەت پادىشاھ ئاشخانىسىنىڭ پولىنى تازىلاۋېتىپ بايلىق توغرىسىدا خىيال سۈرەلەيتتى.

بۇ قوشلاپ ئۇتتۇرۇش ئىدى. قەرز چەكلىك بولغاچقا، كىشىلەر يېڭى كارخانىلارغا مەبلەغ سېلىشتا قىينالدى. يېڭى كارخانىلار ئاز بولغاچقا، ئىقتىساد ئۆسمىدى. ئىقتىساد ئۆسمىگەچكە، كىشىلەر ئۇ ھەرگىز ئۆسمەيدۇ دەپ ئويلىدى ۋە مەبلىغى بارلار قەرز بېرىشتىن ئېھتىيات قىلدى. شۇنىڭ بىلەن ئىقتىساد ئۆزلۈكىدىن توختاپ قالدى.

چوڭىيىۋاتقان تورت

ئاندىن ئىلىم-پەن ئىنقىلابى ۋە تەرەققىيات ئىدىيەسى كەلدى. تەرەققىيات ئىدىيەسى ئۆز بىلىمسىزلىكىمىزنى ئېتىراپ قىلىپ تەتقىقاتقا مەبلەغ سالساق، ئىشلار ياخشىلىنىشى مۇمكىن دېگەن چۈشەنچىگە قۇرۇلغان. بۇ ئىدىيە تېزلا ئىقتىسادىي ئاتالغۇلارغا تەرجىمە قىلىندى. تەرەققىياتقا ئىشىنىدىغانلار جۇغراپىيەلىك بايقاشلار، تېخنىكىلىق كەشپىياتلار ۋە تەشكىلىي تەرەققىياتلارنىڭ ئىنسانلارنىڭ ئىشلەپچىقىرىش، سودا ۋە بايلىقىنىڭ ئومۇمىي يىغىندىسىنى ئاشۇرالايدىغانلىقىغا، ئاتلانتىك ئوكياندىكى يېڭى سودا يوللىرىنىڭ ھىندى ئوكيانىدىكى كونا يوللارنى خاراب قىلماستىن گۈللىنىپ ماڭىۋېرىدىغانلىقىغا ئىشىنىدۇ. يېڭى ماللار كونا ماللارنىڭ ئىشلەپچىقىرىلىشىنى ئازايتماستىن بەلكى ئىشلەپچىقىرىش تۈرىنى كۆپەيتىدۇ. مەسىلەن، مەخسۇس شاكىلات تورت ۋە ياغلىق بولكىلارنى چىقىرىدىغان يېڭى بولكىخانىنى باشقا بولكىخانىلارنى ۋەيران قىلماي تۇرۇپمۇ ئاچقىلى بولىدۇ؛ ھەممە ئادەم پەقەت يېڭى تەملەرنى تەرەققىي قىلدۇرۇپ كۆپرەك يەيدۇ. سىزنى نامرات قىلىۋەتمەي تۇرۇپمۇ مەن  باي بولالايمەن؛ سىز ئاچ قالماي تۇرۇپمۇ مەن سېمىز بولالايمەن. پۈتۈن دۇنيانىڭ تورتىنى چوڭايتقىلى بولىدۇ.

ئۆتكەن 500 يىلدا تەرەققىيات ئىدىيەسى كىشىلەرنى كەلگۈسىگە تېخىمۇ كۆپ ئىشەندۈردى. بۇ ئىشەنچ قەرزنى كەلتۈرۈپ چىقاردى؛ قەرز ھەقىقىي ئىقتىسادىي ئۆسۈشنى ئېلىپ كەلدى؛ ئۆسۈش كەلگۈسىگە بولغان ئىشەنچنى كۈچەيتتى ۋە تېخىمۇ كۆپ قەرز ئۈچۈن يول ئاچتى. بۇ بىر كېچىدىلا يۈز بەرمىدى،  ئىقتىساد شاردەك ئەمەس، مۇئەللەقتىكى غالتەكتەك خەتەرلىك  ھەرىكەت قىلدى. ئەمما ئۇزۇن مۇددەتتە، دولقۇنلار پەسكويغا چۈشكەندە، ئومۇمىي يۆنىلىش ئېنىق بولدى. بۈگۈن دۇنيادا شۇنچە كۆپ قەرز باركى، ھۆكۈمەتلەر، تىجارەت كارخانىلىرى ۋە شەخسلەر ھازىرقى كىرىمدىن كۆپ ئاشىدىغان مىقداردا، ئۇزۇن مۇددەتلىك ۋە تۆۋەن ئۆسۈملۈك قەرزلەرنى ئاسانلا ئالالايدۇ.

چوڭىيىۋاتقان دۇنيا تورتىغا بولغان ئىشەنچ ئاخىرى ئىنقىلابىي تۈس ئالدى. 1776-يىلى شوتلاندىيەلىك ئىقتىسادچى ئادام سمىس تارىختىكى ئەڭ مۇھىم ئىقتىسادىي باياننامە دېيىشكە بولىدىغان «دۆلەتنىڭ بايلىقى»نى نەشر قىلدى. كىتابنىڭ 1-جىلد 8-بابىدا سمىس مۇنداق يېڭى پىكىر ئوتتۇرىغا قويدى: يەر ئىگىسى، باپكار ياكى موزدوز ئۆز ئائىلىسىنى قامدىغۇدەك پايدىدىن ئارتۇق پايدا تاپالمىغان بولسا، پايدىسىنى تېخىمۇ ئاشۇرۇش ئۈچۈن تېخىمۇ كۆپ ياردەمچى ئىشلىتىدۇ. پايدىسى قانچە كۆپ بولسا، شۇنچە كۆپ ئادەم ئىشلىتىدۇ. دېمەك، شەخسىي تىجارەتچىلەرنىڭ پايدىسىنىڭ ئېشىشى كوللېكتىپ بايلىق ۋە گۈللىنىشنىڭ ئاساسىدۇر.

بۇ گەپ سىزگە بەك كونا تۇيۇلماسلىقى مۇمكىن، چۈنكى بىز ھەممىمىز سمىسنىڭ پىكرىنى نورمال دەپ قارايدىغان كاپىتالىستىك دۇنيادا ياشاۋاتىمىز. بىز بۇ تېمىنىڭ ئوخشاش ۋارىيانتلىرىنى ھەر كۈنى خەۋەرلەردە ئاڭلايمىز. بىراق سمىسنىڭ «شەخسىي پايدىنى ئاشۇرۇش ئىستىكى كوللېكتىپ بايلىقنىڭ ئاساسى» دېگەن ئىدىيەسى ئىنسانىيەت تارىخىدىكى دەۋر بۆلگۈچ ئىدىيەلەردىن بىرىدۇر، ئۇ پەقەت ئىقتىسادىي نۇقتىدىنلا ئەمەس، تېخىمۇ مۇھىمى ئەخلاقىي ۋە سىياسىي نۇقتىدىن ئىنقىلاب ئېلىپ كەلدى. سمىس ئەمەلىيەتتە ئاچكۆزلۈكنىڭ ياخشى ئىكەنلىكىنى،  مېنىڭ بېيىشىم پەقەت ئۆزۈمگىلا ئەمەس، ھەممەيلەنگە نەپ يەتكۈزىدۇ دېگەن پىكىرنى، يەنى شەخسىيەتچىلىكنىڭ باشقىلارغا كۆيۈنۈش ئىكەنلىكىنى ئوتتۇرىغا قويدى.

سمىس كىشىلەرگە ئىقتىسادنى «تەڭ پايدا ئېلىش» دەپ ئويلاشنى ئۆگەتتى، يەنى مېنىڭ پايدام سىزنىڭمۇ پايدىڭىز. بىز بىرلا ۋاقىتتا چوڭراق تورت پارچىسىدىن ھۇزۇرلىنىمىز، يەنە كېلىپ سىزنىڭ ئۇنىڭدىن چوڭراق نېسىۋە ئېلىشىڭىز مېنىڭ نېسىۋەمنىڭ چوڭىيىشىغا باغلىق. ئەگەر مەن نامرات بولسام، سىزمۇ نامرات بولىسىز چۈنكى مەن سىزنىڭ مەھسۇلات ياكى مۇلازىمىتىڭىزنى سېتىۋالالمايمەن. ئەگەر مەن باي بولسام، سىزمۇ بېيىيسىز، چۈنكى سىز ئەمدى ماڭا بىر نەرسە ساتالايسىز. سمىس بايلىق بىلەن ئەخلاق ئوتتۇرىسىدىكى ئەنئەنىۋى زىددىيەتنى رەت قىلدى ۋە بايلار ئۈچۈن جەننەت دەرۋازىلىرىنى ئېچىۋەتتى. باي بولۇش ئەخلاقلىق بولۇش دېگەنلىك ئىدى. سمىسنىڭ ھېكايىسىدە، كىشىلەر قوشنىلىرىنى بۇلاش ئارقىلىق ئەمەس، تورتنىڭ ئومۇمىي چوڭلۇقىنى ئاشۇرۇش ئارقىلىق بېيىيدۇ. تورت چوڭايغاندا، ھەممەيلەن تەڭ بەھرىمەن بولىدۇ. شۇڭا بايلار جەمئىيەتتىكى ئەڭ پايدىلىق ۋە خەير-ساخاۋەتلىك كىشىلەر، چۈنكى ئۇلار ھەممەيلەننىڭ مەنپەئەتى ئۈچۈن بايلىق چاقىنى ئايلاندۇرىدۇ.

Pipeline visualization of money and coins flowing from central bank to local businesses labeled with transactions and deposits

بىراق بۇنىڭ ھەممىسى بايلارنىڭ ئۆز پايدىسىنى يېڭى زاۋۇتلار ئېچىش ۋە يېڭى خىزمەتچىلەرنى ئىشلىتىشىگە، ئۇلارنى ئىشلەپچىقىرىشنىڭ سىرتىدىكى پائالىيەتلەرگە سالماسلىقىغا باغلىق. شۇڭا سمىس «پايدا ئاشقاندا، يەر ئىگىسى ياكى توقۇمىچى تېخىمۇ كۆپ ياردەمچى ئىشلىتىدۇ» دېگەن پرىنسىپنى نەقرات سۈپىتىدە تەكرارلىدى، «پايدا ئاشقاندا، سىكرۇج ئەپەندى پۇلىنى ساندۇققا يىغىۋېلىپ پەقەت تەڭگىلىرىنى ساناش ئۈچۈنلا چىقىرىدۇ» دېمىدى. تاپقان پايدىنى ئىشلەپچىقىرىشقا قايتا مەبلەغ سېلىش ئەخلاقىنىڭ ئوتتۇرىغا چىقىشى زامانىۋى كاپىتالىزم ئىقتىسادىدا ھالقىلىق رول ئوينايدۇ. بۇ ئەخلاق ئۆلچىمىگە ئاساسەن، بايلىقنى قايتا ئىشلەپچىقىرىشقا دەسمىي سالىدۇ، ئۇ تېخىمۇ كۆپ پايدا ئېلىپ كېلىدۇ، بۇ پايدا بىلەن ئىشلەپچىقىرىشقا قايتا مەبلەغ سېلىنىدۇ، بۇ يەنە كۆپ پايدا ئېلىپ كېلىدۇ، شۇنداق داۋاملىشىدۇ. مەبلەغ سېلىشنى كۆپ خىل يول بىلەن قىلغىلى بولىدۇ: زاۋۇتنى كېڭەيتىش، ئىلمىي تەتقىقات ئېلىپ بېرىش، يېڭى مەھسۇلاتلارنى تەرەققىي قىلدۇرۇش. بىراق بۇ مەبلەغ سېلىشلارنىڭ ھەممىسى قانداقتۇر ئىشلەپچىقىرىشنى ئاشۇرۇشى ۋە چوڭراق پايدىغا ئايلىنىشى كېرەك. يېڭى كاپىتالىزم ئېتىقادىدا، بىرىنچى ۋە ئەڭ مۇقەددەس ئەمر: «ئىشلەپچىقىرىشنىڭ پايدىسى بىلەن ئىشلەپچىقىرىشنى ئاشۇرۇشقا قايتا مەبلەغ سېلىش كېرەك».

كاپىتالىزمنىڭ «كاپىتالىزم» دەپ ئاتىلىشىنىڭ سەۋەبى مانا شۇ. كاپىتالىزم «كاپىتال» بىلەن ئاددىي «بايلىق»نى پەرقلەندۈرىدۇ. كاپىتال ئىشلەپچىقىرىشقا مەبلەغ سېلىنغان پۇل، مال ۋە مەنبەلەردىن تەركىب تاپىدۇ.  بايلىق بولسا يەر ئاستىغا كۆمۈلگەن ياكى ئىشلەپچىقىرىشسىز پائالىيەتلەرگە ئىسراپ قىلىنغان بولىدۇ. ئىشلەپچىقىرىش بىلەن ئالاقىسى يوق پىرامىداغا مەنبە سالغان پىرئەۋن كاپىتالىست ئەمەس. ئىسپان خەزىنە كېمىلىرىنى بۇلاپ، كارىب ئاراللىرىدىكى بىر ئارالنىڭ قىرغىقىغا ئالتۇن-كۈمۈش ساندۇقىنى كۆمۈپ قويغان قاراقچى كاپىتالىست ئەمەس. ئەمما كىرىمىنىڭ بىر قىسمىنى پاي بازىرىغا قايتا مەبلەغ سالىدىغان تىرىشچان زاۋۇت ئىشچىسى كاپىتالىست.

«ئىشلەپچىقىرىشنىڭ پايدىسى ئىشلەپچىقىرىشنى ئاشۇرۇشقا قايتا مەبلەغ سېلىنىشى كېرەك» دېگەن ئىدىيە ئاددىي تۇيۇلىدۇ. بىراق ئۇ تارىخ بويىچە كۆپ قىسىم كىشىلەرگە يات ئىدى. زامانىۋى دەۋردىن ئىلگىرى، كىشىلەر ئىشلەپچىقىرىشنىڭ ئاساسەن تۇراقلىق ئىكەنلىكىگە ئىشىنەتتى. شۇڭا نېمە قىلسىڭىزمۇ ئىشلەپچىقىرىش كۆپ ئاشمايدىغان تۇرسا، نېمىشقا پايدىڭىزنى قايتا مەبلەغ سالىسىز؟ شۇڭا ئوتتۇرا ئەسىر ئاقسۆڭەكلىرى سېخىيلىق ۋە كۆز-كۆز قىلىش ئۈچۈن ئىستېمال قىلىش ئەخلاقىنى قوللىدى. ئۇلار كىرىملىرىنى مۇسابىقە، زىياپەت، ئوردا ۋە ئۇرۇشلارغا، خەير-ساخاۋەت ۋە ھەيۋەتلىك چېركاۋلارغا خەجلىدى. ئاز ساندىكى كىشىلەرلا پايدىنى مۈلۈكلىرىنىڭ ئىشلەپچىقىرىشىنى ئاشۇرۇش، ياخشىراق بۇغداي تۈرلىرىنى يېتىشتۈرۈش ياكى يېڭى بازارلارنى ئىزدەشكە قايتا مەبلەغ سالدى.

زامانىۋى دەۋردە، ئاقسۆڭەكلەرنىڭ ئورنىنى كاپىتالىست ئېتىقادىغا چىن دىلىدىن ئىشىنىدىغان يېڭى سەر خىللار ئىگىلىدى. يېڭى كاپىتالىست سەر خىللار كېنەز ۋە ماركىزلاردىن ئەمەس، دىرېكتورلار كېڭىشى رەئىسلىرى، پاي سودىگەرلىرى ۋە سانائەتچىلەردىن تەركىب تاپقانىدى. بۇ ماگناتلار ئوتتۇرا ئەسىر ئاقسۆڭەكلىرىدىن كۆپ باي بولسىمۇ، ھەشەمەتلىك ئىستېمالغا ئانچە قىزىقمىغان، ئىشلەپچىقىرىشقا مۇناسىۋەتسىز پائالىيەتلەرگە ناھايىتى ئاز پۇل خەجلىگەن.


زامانىۋى ئىقتىساد بىلەن ئۇنىڭدىكى ئىلگىرىكى (ئوتتۇرا ئەسىر) ئىقتىسادى ئوتتۇرىسىدىكى پەرق

ئوتتۇرا ئەسىر ئاقسۆڭەكلىرى ئالتۇن ۋە يىپەكتىن تىكىلگەن رەڭلىك تونلارنى كىيەتتى ۋە ۋاقتىنىڭ كۆپ قىسمىنى زىياپەت، بايرام ۋە ھەشەمەتلىك مۇسابىقىلەرگە قاتنىشىشقا سەرپ قىلاتتى. ئۇلارغا سېلىشتۇرغاندا، زامانىۋى باش ئىجرائىيە مۇدىرلىرى قاغىلار توپىغا ئوخشاش كۆرۈنىدىغان كاستۇم-بۇرۇلكا دەپ ئاتىلىدىغان زېرىكىشلىك فورمىلارنى كىيىدۇ ۋە بايراملارغا ئاز ۋاقىت ئاجرىتىدۇ. تەۋەككۈلچى كاپىتالىستلار بىر تىجارەت يىغىنىدىن يەنە بىرىگە ئالدىرايدۇ، كاپىتالىنى نەگە سېلىشنى ئويلايدۇ، شۇنداقلا ئۆزىنىڭ پاي ۋە زايوملىرىنىڭ ئۆرلەپ-چۈشۈشىنى كۆزىتىدۇ. دەرۋەقە، ئۇنىڭ كاستۇم-بۇرۇلكىسى Versace ماركىلىق بولۇشى ۋە شەخسىي ئايروپىلاندا ساياھەت قىلىشى مۇمكىن، ئەمما بۇ چىقىملار ئۇنىڭ مەھسۇلاتنى ئاشۇرۇشقا سالغان مەبلىغى بىلەن سېلىشتۇرغاندا ھېچنېمىگە ئەرزىمەيدۇ.

پەقەت Versace كىيگەن تىجارەت ماگناتلىرىلا ئىشلەپچىقىرىش ئۈنۈمىنى ئاشۇرۇشقا مەبلەغ سالمايدۇ. ئاددىي پۇقرالار ۋە ھۆكۈمەت ئورگانلىرىمۇ ئوخشاش تەرىقىدە ئويلايدۇ. ئوتتۇراھال مەھەللىلەردىكى قانچىلىغان كەچلىك تاماق سۆھبەتلىرى ئاخىرى چىقمايدىغان مۇنازىرىگە، مەسىلەن،  كىشىلەر ئۆزىنىڭ تېجىگەن پۇلىنى پاي بازىرى، زايوم ياكى كۆچمەس مۈلۈككە سالغىنى ياخشىمۇ؟ دېگەندەك تالاش-تارتىشلارغا ئايلىنىدۇ.  ھۆكۈمەتلەرمۇ باج كىرىمىنى كەلگۈسىدە كىرىمىنى ھەسسىلەپ ئاشۇرالايدىغان ئۈنۈملۈك كارخانىلارغا سېلىشقا تىرىشىدۇ؛ مەسىلەن، يېڭى پورت قۇرۇش ئارقىلىق زاۋۇتلارنىڭ مەھسۇلاتلىرىنى ئېكسپورت قىلىشىنى ئاسانلاشتۇرۇپ، ئۇلارنىڭ تېخىمۇ كۆپ باج تۆلەيدىغان كىرىم قىلىشىغا ئىمكانىيەت يارىتىپ، شۇ ئارقىلىق ھۆكۈمەتنىڭ كەلگۈسىدىكى كىرىمىنى ئاشۇرىدۇ. باشقا بىر ھۆكۈمەت مائارىپقا مەبلەغ سېلىشنى ياخشى كۆرۈشى مۇمكىن، چۈنكى تەربىيەلەنگەن كىشىلەر چوڭ پورت ئەسلىھەلىرىگە موھتاج بولماي، كۆپ باج تۆلەيدىغان يۇقىرى تېخنىكىلىق سانائەتنىڭ ئاساسىنى تەشكىل قىلىدۇ.

Medieval knights and nobles on one side, industrial workers and factories on the other

كاپىتالىزم دەسلەپتە ئىقتىسادنىڭ قانداق رول ئوينايدىغانلىقى ھەققىدىكى نەزەرىيەدىن باشلانغان. ئۇ ھەم تەسۋىرىي ھەم كۆرسەتمىلىك ئىدى، يەنى ئۇ پۇلنىڭ قانداق رول ئوينايدىغانلىقىنى چۈشەندۈرۈپ، پايدىنى ئىشلەپچىقىرىشقا قايتا مەبلەغ سېلىشقا ئىشلەتكەندە، ئىقتىسادنى تېز ئۆستۈرگىلى بولىدىغانلىقى ئىدىيەسىنى تەرغىب قىلدى. ئەمما كاپىتالىزم بارا-بارا ئىقتىسادىي نەزەرىيەدىنمۇ كۆپ نەرسىلەرنى ئۆز ئىچىگە ئالىدىغان بولدى. ئۇ ھازىر بىر ئەخلاقنى، يەنى كىشىلەرنىڭ قانداق قىلىشى، بالىلىرىنى قانداق تەربىيەلىشى، ھەتتا قانداق ئويلىشى كېرەكلىكى ھەققىدىكى تەلىماتلار توپلىمىنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. ئۇنىڭ ئاساسىي پرىنسىپى شۇكى، ئىقتىسادىي ئۆسۈش ئەڭ بۈيۈك ياخشىلىقنىڭ ۋەكىلى، ھېچ بولمىغاندا ئۇنىڭ ياخشىلىقى كۆپ، چۈنكى ئادالەت، ئەركىنلىك ۋە ھەتتا بەخت-سائادەتمۇ ئىقتىسادىي ئۆسۈشكە باغلىق. بىر كاپىتالىستتىن زىمبابىۋى ياكى ئافغانىستاندەك جايلارغا ئادالەت ۋە سىياسىي ئەركىنلىكنى قانداق ئېلىپ كېلىش توغرىسىدا سورىسىڭىز، سىز مۇقىم دېموكراتىك مۇئەسسەسەلەر ئۈچۈن ئىقتىسادىي باياشاتلىق ۋە گۈللەنگەن ئوتتۇرا سىنىپنىڭ مۇھىملىقى، شۇنداقلا ئافغانىستانلىق قەبىلە كىشىلىرىگە ئەركىن تىجارەت، تېجەشچانلىق ۋە ئۆزىگە تايىنىش قىممەت قاراشلىرىنى سىڭدۈرۈش زۆرۈرلۈكى ھەققىدە لېكسىيە ئاڭلىشىڭىز مۇمكىن.

كاپىتالىزمدىن ئىبارەت بۇ يېڭى دىن زامانىۋى پەننىڭ تەرەققىياتىغىمۇ ھەل قىلغۇچ تەسىر كۆرسەتكەن. ئىلمىي تەتقىقاتقا ئادەتتە ھۆكۈمەتلەر ياكى خۇسۇسىي كارخانىلار مەبلەغ سالىدۇ. كاپىتالىست ھۆكۈمەتلەر ۋە كارخانىلار مەلۇم بىر ئىلمىي لايىھەگە مەبلەغ سېلىشنى ئويلىغاندا، تۇنجى بولۇپ «بۇ لايىھە بىزنىڭ ئىشلەپچىقىرىشىمىز ۋە پايدىمىزنى ئاشۇرالامدۇ؟ ئۇ ئىقتىسادىي ئۆسۈش يارىتالامدۇ؟» دېگەن سوئالنى سورايدۇ. بۇ سىناقتىن ئۆتەلمەيدىغان لايىھەنىڭ مەبلەغ سالغۇچى تېپىش پۇرسىتى ئاز. زامانىۋى ئىلىم-پەن تارىخىدىن كاپىتالىزمنى چىقىرىۋېتىشكە بولمايدۇ.

ئەكسىچە، ئىلىم-پەننى ھېسابقا ئالماي تۇرۇپ كاپىتالىزم تارىخىنى چۈشىنىش مۇمكىن ئەمەس. كاپىتالىزمنىڭ ئىقتىسادىي ئۆسۈشكە بولغان ئېتىقادى  بىزنىڭ كائىنات ھەققىدىكى چۈشەنچىلىرىمىزگە تامامەن دېگۈدەك زىت كېلىدۇ. بۆرىلەر جەمئىيىتى ئەگەر قوي تەمىناتىنىڭ چەكسىز كۆپىيىدىغانلىقىغا ئىشەنسە، ئۇ تولىمۇ ئەخمەقلىق بولىدۇ. شۇنداقتىمۇ، ئىنسانلارنىڭ ئىقتىسادى زامانىۋى دەۋر بويىچە ھەسسىلەپ ئۆسۈشنى داۋاملاشتۇرالىدى، بۇ پەقەت ئامېرىكا قىتئەسىنىڭ بايقىلىشى، شۇنداقلا  ئالىملارنىڭ ھەر نەچچە يىلدا بىر قېتىم  ئىچىدىن يانىدىغان دىۋىگاتىل ياكى گېنى ئۆزگەرتىلگەن قوي دېگەندەك يېڭى كەشپىياتلارنى مەيدانغا كەلتۈرۈشى سەۋەبىدىن بولدى. بانكىلار ۋە ھۆكۈمەتلەر پۇل باسىدۇ، ئەمما ئاخىرىدا ئۇنىڭ ھېسابىنى ئۆتەيدىغانلار ئالىملاردۇر.

ئاخىرقى بىر نەچچە يىلدا، بانكىلار ۋە ھۆكۈمەتلەر تەلۋىلەرچە پۇل باسماقتا. ھەممە كىشى ھازىرقى ئىقتىسادىي كرىزىسنىڭ ئىقتىسادنىڭ ئۆسۈشىنى توختىتىپ قويۇشىدىن قورقماقتا. شۇڭا ئۇلار تىرىليونلىغان دوللار، ياۋرو ۋە يېننى يوقتىن بار قىلىپ، سىستېمىغا ئەرزان قەرز قويۇش بىلەن بىرگە، كۆپۈك پارتلاشتىن بۇرۇن ئالىملار، تېخنىكلار ۋە ئىنژېنېرلارنىڭ ھەقىقەتەن چوڭ بىر نەرسە كەشىپ قىلىشىنى ئۈمىد قىلماقتا. ھەممە نەرسە تەجرىبىخانىدىكى كىشىلەرگە باغلىق. بىئوتېخنىكا ۋە نانوتېخنىكىدەك ساھەلەردىكى يېڭى بايقاشلار پۈتۈنلەي يېڭى سانائەتلەرنى يارىتالايدۇ، بۇلارنىڭ پايدىسى بانكىلار ۋە ھۆكۈمەتلەر 2008-يىلدىن بېرى ياراتقان تىرىليونلىغان خىيالىي پۇلنى كۈچكە ئىگە قىلالايدۇ. ئەگەر تەجرىبىخانىلار كۆپۈك پارتلاشتىن بۇرۇن بۇ ئۈمىدلەرنى ئەمەلگە ئاشۇرالمىسا، كەلگۈسىدە بىزنىڭ كۈنىمىز تەس بولىدۇ.

Leave a Reply

Discover more from ئەرتۈرك ئەسەرلىرى

Subscribe now to keep reading and get access to the full archive.

Continue reading