مۇۋەپپەقىيەتنىڭ سىرى
سودا-تىجارەت، ئىمپېرىيەلەر ۋە ئۇنىۋېرسال دىنلار ئاخىرىدا ھەر قىتئەدىكى ساپىيانسلارنىڭ ھەممىسىنى دېگۈدەك بۈگۈن بىز ياشاۋاتقان دۇنياۋى جەمئىيەتكە بىرلەشتۈردى. بۇ كېڭىيىش ۋە بىرلىشىش جەريانى ئۇنچە ئوڭۇشلۇق ۋە ئىزچىل بولمىدى. ئەمما چوڭ مەنزىرىگە قارىغاندا، كۆپلىگەن كىچىك مەدەنىيەتلەردىن ئاز ساندىكى چوڭ مەدەنىيەتلەرگە، ئاندىن بىر پۈتۈن دۇنياۋى جەمئىيەتكە ئۆتۈش ئىنسانىيەت تارىخىنىڭ مۇقەررەر نەتىجىسى ئىدى.
ئەمما تارىخىي مۇقەررەرلىك دېگىنىمىزدە، بارلىق نەتىجە بۈگۈنكى دۇنياۋى جەمئىيىتىمىزدەك بولۇشى كېرەك دېگەنلىك ئەمەس. بىز باشقا نەتىجىلەرنى تەسەۋۋۇر قىلالايمىز. نېمە ئۈچۈن دانىيە تىلى ئەمەس، ئىنگلىز تىلى بۈگۈن شۇنچە كەڭ تارقالغان تىل بولۇپ قالدى؟ نېمە ئۈچۈن 2 مىليارد خرىستىيان ۋە 1 مىليارد 250 مىليون مۇسۇلمان بار ئىكەنۇ، پەقەت 150 مىڭ زوروئاستېر دىنىدىكىلەر بار؟ مانى دىنىدىكىلەر نېمىشقا يوق؟ ئەگەر بىز 10 مىڭ يىل بۇرۇنغا قايتىپ، بۇ جەرياننى قايتا-قايتا باشلىيالىساق، ھەر قېتىمدا بىز بىر خۇدالىق دىننىڭ گۈللىنىشى ۋە دۇئالىزملىق دىننىڭ زاۋاللىققا يۈزلىنىشىنى كۆرەرمىدۇق؟
بىز كەچمىشنى قايتىلىيالمايمىز، شۇڭا ئۇنى ھەقىقەتەن بىلمەيمىز. ئەمما تارىخنىڭ ئىككى مۇھىم ئالاھىدىلىكىنى تەكشۈرۈش بىزگە بەزى ئىپادىلەرنى بېرەلەيدۇ.
1. كەينىگە قاراپ چۈشىنىش خاتالىقى
تارىخنىڭ ھەر بىر نۇقتىسى بىر تۆت كوچا ئېغىزىدۇر. ئۆتمۈشتىن بۈگۈنگە بىرلا يول كەلگەن، ئەمما كەلگۈسىگە سانسىز يوللار ئايرىلىپ كېتىدۇ. بۇ يوللارنىڭ بەزىلىرى كەڭرەك، تۈزرەك ۋە ياخشىراق بەلگىلەنگەن، شۇڭا بۇ يوللاردىن مېڭىش ئېھتىماللىقى يۇقىرى، ئەمما بەزىدە تارىخ – ياكى تارىخنى ياراتقۇچىلار – كۈتۈلمىگەن بۇرۇلۇشلارنى پەيدا قىلىدۇ.
مىلادىيە 4-ئەسىرنىڭ باشلىرىدا، رىم ئىمپېرىيەسى كەڭ دىنىي ئىمكانىيەتلەرگە دۇچ كەلگەن. ئۇ ئۆزىنىڭ ئەنئەنىۋى ۋە خىلمۇ-خىل كۆپ خۇدالىق دىنىنى داۋاملاشتۇرالايتتى. ئەمما ئۇنىڭ ئىمپېراتورى كونستانتىن، ئىچكى ئۇرۇشقا تولغان بىر ئەسىرگە قاراپ، ئېنىق ئەقىدىسى بار يەككە دىننىڭ كۆپ مىللەتلىك پادىشاھلىقىنى بىرلەشتۈرۈشكە ياردەم قىلالايدىغانلىقىنى ئويلىغاندەك كۆرۈنىدۇ. ئۇ ئۆز دۆلىتىنىڭ دىنى قىلىش ئۈچۈن شۇ دەۋردىكى كۆپلىگەن دىنلاردىن بىرىنى – مانى دىنى، مىترا دىنى، ئىسىس ياكى سىبېل مەزھىپى، زوروئاستېر دىنى، يەھۇدىي دىنى ھەتتا بۇددا دىنىنىمۇ تاللىيالايتتى. نېمە ئۈچۈن ئۇ ئىسانى تاللىدى؟ خرىستىيان دىنىدا ئۇنى شەخسەن جەلپ قىلغان بىر نەرسە بارمىدى، ياكى بۇ دىننىڭ شەخسىي مەقسەتكە ئىشلىتىش ئاسانراق بولغان تەرىپى بارمىدى؟ ئۇنىڭ دىنىي تەجرىبىسى بولغانمىدى، ياكى مەسلىھەتچىلىرىدىن بەزىلىرى خرىستىيانلارنىڭ تېز سۈرئەتتە تەرەپدار توپلاۋاتقانلىقىنى ۋە بۇ ھارۋىغا چىقىۋېلىشنىڭ ياخشى بولىدىغانلىقىنى تەكلىپ قىلغانمىدى؟ تارىخچىلار پەرەز قىلالايدۇ، ئەمما قەتئىي جاۋاب بېرەلمەيدۇ. ئۇلار خرىستىيان دىنىنىڭ رىم ئىمپېرىيەسىنى قانداق ئىگىلىگەنلىكىنى بايان قىلالايدۇ، ئەمما نېمە ئۈچۈن ئاشۇ ئىمكانىيەتنىڭ ئەمەلگە ئاشقانلىقىنى چۈشەندۈرەلمەيدۇ.
«قانداق بولغان» دەپ بايان قىلىش بىلەن «نېمە ئۈچۈن» دەپ چۈشەندۈرۈشنىڭ پەرقى نېمە؟ «قانداق بولغان» دەپ بايان قىلىش، بىر نۇقتىدىن يەنە بىر نۇقتىغا ئېلىپ بارغان ئالاھىدە ۋەقەلەر تىزمىسىنى قايتا قۇراشتۇرۇشنى كۆرسىتىدۇ. «نېمە ئۈچۈن» دەپ چۈشەندۈرۈش بولسا، باشقا بارلىق ئېھتىماللىقلارنى چەتكە قېقىپ، ئاشۇ ۋەقەلەر تىزمىسىنىڭ يۈز بېرىشىنى چۈشەندۈرىدىغان سەۋەب-نەتىجە باغلىنىشلىرىنى تېپىشنى كۆرسىتىدۇ.
بەزى ئالىملار خرىستىيان دىنىنىڭ گۈللىنىشىگە ئوخشاش ۋەقەلەرگە مۇقەررەرچىلىك (Determinism) چۈشەندۈرۈشلىرىنى بېرىدۇ. ئۇلار ئىنسانىيەت تارىخىنى بىئولوگىيەلىك، ئېكولوگىيەلىك ياكى ئىقتىسادىي كۈچلەرنىڭ رولىغا يىغىنچاقلاشقا ئۇرۇنىدۇ. ئۇلار رىم ئوتتۇرا دېڭىز رايونىنىڭ جۇغراپىيەسى، گېنېتىكىسى ياكى ئىقتىسادىدا بىر خۇدالىق دىننىڭ گۈللىنىشىنى مۇقەررەر قىلغان بىر نەرسە بار دەپ قارايدۇ. ئەمما كۆپىنچە تارىخچىلار بۇنداق مۇقەررەرچىلىك نەزەرىيەلىرىگە گۇمان بىلەن قارايدۇ. بۇ، تارىخنىڭ ئاكادېمىك پەن سۈپىتىدىكى ئالاھىدىلىكلىرىدىن بىرى، يەنى سىز مەلۇم بىر تارىخىي دەۋرنى قانچە ياخشى بىلسىڭىز، ئىشلارنىڭ نېمە ئۈچۈن باشقىچە ئەمەس، ئاشۇنداق يۈز بەرگەنلىكىنى چۈشەندۈرۈشىڭىز شۇنچە قىيىنلىشىدۇ. مەلۇم بىر دەۋر ھەققىدە ئالاھىدە چوڭقۇر بىلىمگە ئىگە بولغانلار كۆپ ھالدا شۇ دەۋردە ئەمەلگە ئېشىش ئىمكانى بولغان ئىشلارغىلا دىققەت قىلىدۇ. ئۇلار ئۆتمۈشكە قاراپ تۇرۇپ، بۇ نەتىجىنىڭ نېمە ئۈچۈن مۇقەررەر بولغانلىقىنى چۈشەندۈرىدىغان بىر ھېكايە سۇنىدۇ. بۇ دەۋر ھەققىدە چوڭقۇرراق بىلىمگە ئىگە بولغانلار مېڭىلمىغان يوللارنى تېخىمۇ ياخشى بىلىدۇ.

ئەمەلىيەتتە، بۇ دەۋرنى ئەڭ ياخشى بىلىدىغانلار – يەنى شۇ دەۋردە ياشىغانلار – ئەڭ گاڭگىراپ قالغانلار ئىدى. كونستانتىن دەۋرىدىكى ئوتتۇرا قاتلام رىملىقلار ئۈچۈن، كەلگۈسى تۇمانلىق ئىدى. تارىخنىڭ پولاتتەك قانۇنى شۇكى، ئىش يۈز بېرىپ بولغاندا مۇقەررەر كۆرۈنگەن نەرسە، بۇنىڭ ئالدىدا ئېنىق كۆرۈنمىگەن. بۈگۈنمۇ پەرقلىق ئەمەس. بىز دۇنياۋى ئىقتىسادىي كرىزىستىن چىقتۇقمۇ، ياكى ئەڭ يامىنى تېخى ئالدىمىزدىمۇ؟ خىتاي داۋاملىق قۇدرەت تېپىپ يېتەكچى كۈچكە ئايلىنامدۇ؟ ئامېرىكا قوشما شتاتلىرى ئۆزىنىڭ ھۆكۈمرانلىقىنى يوقىتامدۇ؟ بىر خۇدالىق دىنىي رادىكاللىقنىڭ كۈچىيىشى كەلگۈسىنىڭ دولقۇنىمۇ ياكى ئۇزۇن مۇددەت داۋاملاشمايدىغان يەرلىك مالىمانچىلىقمۇ؟ بىز ئېكولوگىيەلىك ھالاكەتكە قاراپ كېتىۋاتامدۇق ياكى تېخنىكىلىق جەننەتكىمۇ؟ بۇ نەتىجىلەرنىڭ ھەممىسى ئۈچۈن ياخشى پاكىتلار كەلتۈرۈشكە بولىدۇ، ئەمما ئېنىق بىلىشنىڭ ئامالى يوق. بىر قانچە ئون يىلدىن كېيىن، كىشىلەر كەينىگە قاراپ بۇ سوئاللارنىڭ ھەممىسىنىڭ جاۋابى ئېنىق ئىدى دەپ ئويلايدۇ.
زامانداشلار ئۈچۈن مۇمكىن ئەمەستەك كۆرۈنگەن ئىمكانىيەتلەرنىڭ كۆپ ھاللاردا ئەمەلگە ئېشىشىنى تەكىتلەش ئالاھىدە مۇھىم. كونستانتىن 306-يىلى تەختكە چىققاندا، خرىستىيان دىنى پەقەت شەرقتىكى كىچىك بىر مەزھەپ ئىدى. ئەگەر سىز شۇ چاغدا ئۇنىڭ رىمنىڭ دۆلەت دىنىغا ئايلىنىدىغانلىقىنى ئېيتسىڭىز، خۇددى بۈگۈن سىز 2050-يىلى ھارى كرىشنا دىنى[1] ئامېرىكىنىڭ دۆلەت دىنى بولىدۇ دېگەندەك ئاڭلىنىپ، مەسخىرە قىلىنغان بولاتتىڭىز. 1913-يىلى ئۆكتەبىردە، بولشېۋىكلار رۇسىيەدىكى كىچىك بىر رادىكال گۇرۇپپا ئىدى. ئەقلى بار ھېچكىم ئۇلارنىڭ تۆت يىل ئىچىدىلا دۆلەتنى ئىگىلەيدىغانلىقىنى مۆلچەرلىيەلمەيتتى. مىلادىيە 600-يىلى، چۆل-باياۋاندا ياشايدىغان بىر توپ ئەرەبلەر قىسقا ۋاقىتتا ئاتلانتىك ئوكياندىن ھىندىستانغىچە بولغان كەڭ زېمىننى بويسۇندۇرىدۇ دېسە، تېخىمۇ كۈلكىلىك تۇيۇلاتتى. ئەمەلىيەتتە، ئەگەر ۋىزانتىيە قوشۇنى دەسلەپكى ھۇجۇمنى چېكىندۈرەلىگەن بولسا، ئىسلام دىنى پەقەت بىر قانچە موللا-ئۆلىما بىلىدىغان يوشۇرۇن بىر مەزھەپ بولۇپ قالغان بولاتتى. ئالىملار مەككىلىك ئوتتۇرا ياشلىق بىر سودىگەرگە كەلگەن ۋەھىيگە ئاساسلانغان بىر ئېتىقادنىڭ نېمە ئۈچۈن ھەرگىز تارقىلالمايدىغانلىقىنى چۈشەندۈرۈشتە قىينالمايتتى.
بۇ، ھەممە نەرسە مۇمكىن دېگەنلىك ئەمەس. جۇغراپىيەلىك، بىئولوگىيەلىك ۋە ئىقتىسادىي كۈچلەر چەكلىمىلەر پەيدا قىلىدۇ. ئەمما بۇ چەكلىمىلەر مۇقەررەرلىك قانۇنلىرىغا باغلانمىغان ھەيران قالارلىق ئۆزگىرىشلەر ئۈچۈن كەڭ بوشلۇق قالدۇرىدۇ.
بۇ خۇلاسە تارىخنىڭ مۇقەررەر بولۇشىنى خالايدىغان نۇرغۇن كىشىلەرنى ئۈمىدسىزلەندۈرىدۇ. مۇقەررەرلىك ئىدىيەسى جەلپ قىلارلىق، چۈنكى ئۇ بىزنىڭ دۇنيايىمىز ۋە ئېتىقادلىرىمىزنىڭ تارىخنىڭ تەبىئىي ۋە مۇقەررەر مەھسۇلاتى ئىكەنلىكىنى كۆرسىتىدۇ. بىزنىڭ دۆلەت ۋە مىللەت بولۇپ ياشىشىمىز، ئىقتىسادىمىزنى كاپىتالىستىك پرىنسىپلار بويىچە تەشكىللىشىمىز ۋە كىشىلىك ھوقۇققا قەتئىي ئىشىنىشىمىز تەبىئىي ھەم مۇقەررەر. تارىخنىڭ مۇقەررەر ئەمەسلىكىنى ئېتىراپ قىلىش، بۈگۈنكى كۆپچىلىك كىشىلەرنىڭ مىللەتچىلىك، كاپىتالىزم ۋە كىشىلىك ھوقۇققا ئىشىنىشىنىڭ پەقەت بىر تاسادىپىيلىق ئىكەنلىكىنى ئېتىراپ قىلىش دېگەنلىكتۇر.
تارىخنى مۇقەررەرچىلىك بىلەن چۈشەندۈرگىلى بولمايدۇ؛ يەنە كېلىپ ئۇ مالىمانچىلىققا تولغان بولغاچقا، ئالدىن مۆلچەرلىگىلى بولمايدۇ. تارىختا كۆپلىگەن كۈچلەر رول ئوينايدۇ ۋە ئۇلارنىڭ ئۆزئارا تەسىرى شۇنچە مۇرەككەپكى، ئۇلارنىڭ كۈچىيىشى ۋە ئۆزئارا تەسىرىدىكى ئىنتايىن كىچىك پەرقلەرمۇ بىر-بىرىگە ئوخشىمايدىغان نەتىجىلەرنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ.
ئۇنىڭدىن باشقا، تارىخ «ئىككىنچى دەرىجىلىك» مالىمانچىلىق سىستېمىسى دەپ ئاتىلىدۇ. مالىمانچىلىق سىستېمىلىرى ئىككى خىل بولىدۇ. بىرىنچى دەرىجىلىك مالىمانچىلىق ئۆزى ھەققىدىكى مۆلچەرلەرگە ئىنكاس قايتۇرمايدىغان مالىمانچىلىقتۇر. مەسىلەن، ھاۋارايى بىرىنچى دەرىجىلىك مالىمانچىلىق سىستېمىسى. گەرچە ئۇ سانسىز ئامىللارنىڭ تەسىرىگە ئۇچرىسىمۇ، بىز تېخىمۇ كۆپ ئامىللارنى نەزەرگە ئالغان كومپيۇتېر مودېللىرىنى قۇرۇش ئارقىلىق، ئەڭ توغرا ھاۋارايى مەلۇماتىنى كەلتۈرۈپ چىقىرالايمىز.
ئىككىنچى دەرىجىلىك مالىمانچىلىق ئۆزى ھەققىدىكى مۆلچەرلەرگە ئىنكاس قايتۇرىدىغان، شۇڭا ھەرگىز توغرا مۆلچەرلىگىلى بولمايدىغان مالىمانچىلىقتۇر. مەسىلەن، بازارلار ئىككىنچى دەرىجىلىك مالىمانچىلىق سىستېمىسى.

ئەگەر بىز ئەتىكى نېفىت باھاسىنى يۈز پىرسەنت توغرا مۆلچەرلەيدىغان كومپيۇتېر پروگراممىسى ياسىساق نېمە بولىدۇ؟ نېفىت باھاسى دەرھال مۆلچەرگە ئىنكاس قايتۇرىدۇ، نەتىجىدە مۆلچەر ئەمەلگە ئاشمايدۇ. ئەگەر ھازىرقى بىر تۇڭ نېفىت باھاسى 90 دوللار بولسا ۋە خاتالاشمايدىغان كومپيۇتېر پروگراممىسى ئەتە 100 دوللار بولىدۇ دەپ مۆلچەرلىسە، سودىگەرلەر مۆلچەرلەنگەن بۇ باھادىن پايدىلىنىش ئۈچۈن نېفىت سېتىۋېلىشقا ئالدىرايدۇ. نەتىجىدە، باھا ئەتە ئەمەس، بۈگۈنلا ئۆزگىرىپ، بىر تۇڭ نېفىت 100 دوللارغا ئۆرلەيدۇ. ئۇنداقتا ئەتە نېمە بولىدۇ؟ ھېچكىم بىلمەيدۇ.
سىياسەتمۇ ئىككىنچى دەرىجىلىك مالىمانچىلىق سىستېمىسى. نۇرغۇن كىشىلەر سوۋېت مۇتەخەسسىسلىرىنى 1989-يىلدىكى ئىنقىلابلارنى مۆلچەرلىيەلمىگەنلىكى ئۈچۈن تەنقىدلىسە، ئوتتۇرا شەرق مۇتەخەسسىسلىرىنى 2011-يىلدىكى ئەرەب باھارى ئىنقىلابلىرىنى ئالدىن كۆرەلمىگەنلىكى ئۈچۈن ئەيىبلەيدۇ. بۇ ئادىللىق ئەمەس. تۈپ ماھىيىتىدىن ئېيتقاندا، ئىنقىلابلارنى ئالدىن مۆلچەرلىگىلى بولمايدۇ. مۆلچەرلىگىلى بولىدىغان ئىنقىلاب ھەرگىز پارتلىمايدۇ.
نېمە ئۈچۈن؟ 2010-يىلى بىر داھى سىياسەتچى بىلەن كومپيۇتېر ئۇستىسى بىرلىشىپ، ئورتاق ئۇلىنىشقا كىرگۈزۈلگەن، «ئىنقىلاب مۆلچەرلىگۈچى» سۈپىتىدە بازارغا سالسا بولىدىغان، خاتالاشمايدىغان ئالگورىزم ياسىغان دەپ تەسەۋۋۇر قىلىڭ. ئۇلار خىزمەتلىرىنى مىسىر پرېزىدېنتى ھۇسنى مۇبارەككە تونۇشتۇرىدۇ ۋە كۆپ مىقداردا تۆلەم ئېلىپ، مۆلچەرلىرى بويىچە كېلەر يىلى مىسىردا چوقۇم ئىنقىلاب پارتلايدىغانلىقىنى ئېيتىدۇ. مۇبارەك قانداق ئىنكاس قايتۇرىدۇ؟ ئېھتىمال، ئۇ دەرھال باجنى تۆۋەنلىتىدۇ، پۇقرالارغا مىليارد دوللارلىق ياردەم تارقىتىدۇ ۋە ئېھتىيات يۈزىسىدىن مەخپىي ساقچى ئەترىتىنى كۈچەيتىدۇ. ئالدىنى ئېلىش تەدبىرلىرى ئۈنۈملۈك بولىدۇ. يىل ئۆتۈپ كېتىدۇ ۋە ھەيران قالارلىقى، ھېچقانداق ئىنقىلاب يۈز بەرمەيدۇ. مۇبارەك پۇلىنى قايتۇرۇپ بېرىشنى تەلەپ قىلىدۇ. «سىلەرنىڭ بۇ ئالگورىزماڭلار ئەخلەت ئىكەن!» دەپ ۋارقىرايدۇ ئۇ ئالىملارغا، «مەن شۇنچە پۇلنى تارقىتىۋەتكۈچە، ئۆزەمگە بىر ساراي سالدۇرسامچۇ!». ئالىملار ئۆزلىرىنى ئاقلاپ: «ئەمما ئىنقىلابنىڭ يۈز بەرمىگەنلىكىنىڭ سەۋەبى بىزنىڭ ئۇنى توغرا مۆلچەرلىگەنلىكىمىز» دەيدۇ. مۇبارەك ئۇلارنى تۇتۇش ئۈچۈن قاراۋۇللىرىغا ئىشارەت قىلىپ: « سەنلەر يۈز بەرمەيدىغان ئىشلارنى مۆلچەرلەيدىغان پەيغەمبەرلەرمۇ؟ مەن قاھىرە بازىرىدىن سەندەكلەرنى ئەرزان باھادا تاپالايتتىم!» دەيدۇ.
ئۇنداقتا نېمە ئۈچۈن تارىخ ئوقۇيمىز؟ فىزىكا ياكى ئىقتىسادشۇناسلىققا ئوخشىمايدىغان يېرى، تارىخ توغرا مۆلچەرلەش ۋاسىتىسى ئەمەس. بىز تارىخنى كەلگۈسىنى بىلىش ئۈچۈن ئەمەس، بەلكى كۆز قارىشىمىزنى كېڭەيتىش، ھازىرقى ۋەزىيىتىمىزنىڭ تەبىئىي ياكى مۇقەررەر ئەمەسلىكىنى چۈشىنىش، شۇڭا ئۆزىمىز تەسەۋۋۇر قىلغاندىن كۆپ ئىمكانىيەتلەرگە ئىگە ئىكەنلىكىمىزنى بىلىش ئۈچۈن ئوقۇيمىز. مەسىلەن، ياۋروپالىقلارنىڭ ئافرىقىلىقلارنى قانداق كونترول قىلغانلىقىنى ئۆگىنىش بىزگە ئىرقىي دەرىجە پەرقىدە تەبىئىيلىك ياكى مۇقەررەرلىك يوقلۇقىنى ھەمدە دۇنيانىڭ باشقىچە تەرتىپلىنىشى مۇمكىنلىكىنى چۈشىنىشكە ياردەم بېرىدۇ.
2. كۆرمەس كىلىئو
تارىخنىڭ تاللىشىنى چۈشەندۈرەلمەيمىز، ئەمما ئۇلار ھەققىدە مۇھىم بىر نەرسىنى ئېيتالايمىز: تارىخنىڭ تاللىشى ئىنسانلارنىڭ مەنپەئەتى ئۈچۈن قىلىنغان ئەمەس. تارىخ ئالغا باسقانسېرى ئىنسانلارنىڭ تۇرمۇشىنىڭ چوقۇم ياخشىلىنىدىغانلىقىغا ھېچقانداق ئىسپات يوق. ئىنسانلارغا پايدىلىق مەدەنىيەتلەرنىڭ چوقۇم غەلىبە قىلىپ كېڭىيىدىغانلىقى، پايدىسىز مەدەنىيەتلەرنىڭ يوقىلىدىغانلىقىغا ھېچقانداق ئىسپات يوق. خرىستىيان دىنىنىڭ مانى دىنىدىن ياخشىراق تاللاش ئىكەنلىكىگە، ياكى ئەرەب ئىمپېرىيەسىنىڭ ساسانىي پارس ئىمپېرىيەسىدىن پايدىلىقراق ئىكەنلىكىگە ھېچقانداق ئىسپات يوق.
تارىخنىڭ ئىنسانلارنىڭ مەنپەئەتىگە پايدىلىق بولۇۋاتقانلىقىغا ھېچقانداق ئىسپات يوق، چۈنكى بىزدە بۇنداق مەنپەئەتنى ئۆلچەيدىغان ئوبيېكتىپ ئۆلچەم يوق. ھەر خىل مەدەنىيەتلەر ياخشىلىقنى ئوخشىمىغان شەكىلدە ئېنىقلايدۇ، بىزنىڭ ئۇلارنى باھالايدىغان ئوبيېكتىپ ئۆلچىمىمىز يوق. ئەلۋەتتە، غەلىبە قىلغۇچىلار ھەمىشە ئۆزلىرىنىڭ ئېنىقلىمىسىنىڭ توغرا ئىكەنلىكىگە ئىشىنىدۇ. ئەمما نېمە ئۈچۈن بىز غەلىبە قىلغۇچىلارغا ئىشىنىشىمىز كېرەك؟ خرىستىيانلار خرىستىيان دىنىنىڭ مانى دىنى ئۈستىدىن غەلىبە قىلىشى ئىنسانىيەت ئۈچۈن پايدىلىق بولدى دەپ قارايدۇ، ئەگەر بىز خرىستىيانلارنىڭ دۇنيا قارىشىنى قوبۇل قىلمىساق، ئۇلارنىڭ پىكرىگە قوشۇلمىساقمۇ بولىدۇ. مۇسۇلمانلار ساسانىي ئىمپېرىيەسىنىڭ مۇسۇلمانلارنىڭ قولىغا چۈشۈشى ئىنسانىيەت ئۈچۈن پايدىلىق بولدى دەپ قارايدۇ. لېكىن بۇ پايدىلار پەقەت بىز مۇسۇلمانلارنىڭ دۇنيا قارىشىنى قوبۇل قىلغاندىلا كۆرۈنىدۇ. ئەمەلىيەتتە، ئەگەر خرىستىيان دىنى ۋە ئىسلام ئۇنتۇلغان ياكى مەغلۇپ بولغان بولسا، بىز ھەممىمىز تېخىمۇ ياخشى ئەھۋالدا بولۇشىمىز مۇمكىن ئىدى.
بارغانسېرى كۆپ ئالىملار مەدەنىيەتلەرنى بىر خىل مەنىۋى يۇقۇملۇق كېسەل ياكى پارازىت، ئىنسانلارنى بولسا ئۇنىڭ بىخەۋەر ساھىبى دەپ قارىماقتا. ئورگانىك پارازىتلار، مەسىلەن ۋىرۇسلار، ساھىبىنىڭ بەدىنىدە ياشايدۇ. ئۇلار كۆپىيىپ بىر ساھىبتىن يەنە بىر ساھىبقا تارقىلىدۇ، ساھىبلىرىنىڭ كۈچىنى ئاجىزلاشتۇرۇپ، بەزىدە ھەتتا ئۆلتۈرۈپمۇ قويىدۇ. ساھىبلار پارازىتنى يۆتكەپ بېرىشكە يېتەرلىك ئۇزۇن ياشىسىلا، پارازىت ئۇ ساھىبىنىڭ ئەھۋالىغا ئانچە كۆڭۈل بۆلمەيدۇ. خۇددى شۇنىڭغا ئوخشاش، مەدەنىيەت ئىدىيەلىرى ئىنسانلارنىڭ ئەقلىدە ياشايدۇ. ئۇلار كۆپىيىپ بىر ساھىبتىن يەنە بىرىگە تارقىلىدۇ، بەزىدە ساھىبلارنى ئاجىزلاشتۇرىدۇ، ھەتتا ھالاك قىلىدۇ. مەدەنىيەت ئىدىيەسىگە – مەسىلەن سامادىكى خرىستىيان جەننىتىگە ياكى يەر يۈزىدىكى كوممۇنىست جەننىتىگە بولغان ئېتىقاد – ئىنساننى ئۆلۈم بەدىلىگە بولسىمۇ شۇ ئىدىيەنى تارقىتىشقا بېغىشلاشقا مەجبۇرلىيالايدۇ. ئىنسان ئۆلىدۇ، ئەمما ئىدىيە تارقىلىدۇ.
بۇ قاراشقا ئاساسەن، مەدەنىيەتلەر بەزى كىشىلەر باشقىلاردىن پايدىلىنىش ئۈچۈن تۈزگەن سۇيىقەست ئەمەس (ماركسىزمچىلار شۇنداق ئويلاشقا مايىل). ئەكسىچە، مەدەنىيەتلەر تاسادىپىي پەيدا بولغان روھىي پارازىتلار بولۇپ، ئۇنىڭغا يۇقۇملانغان بارلىق كىشىلەردىن پايدىلىنىدۇ.
بۇ ئۇسۇل بەزىدە مېمېتىكا (ئۇدۇم تەلىماتى) دەپ ئاتىلىدۇ. ئۇ خۇددى ئورگانىك تەدرىجىي تەرەققىيات «گېن» دەپ ئاتىلىدىغان ئورگانىك ئۇچۇر بۆلەكلىرىنىڭ كۆپىيىشىگە ئاساسلانغاندەك، مەدەنىيەتنىڭ تەدرىجىي تەرەققىياتىمۇ «مېم» (ئۇدۇم) دەپ ئاتىلىدىغان مەدەنىيەت ئۇچۇر بۆلەكلىرىنىڭ كۆپىيىشىگە ئاساسلانغان دەپ قارايدۇ. مۇۋەپپەقىيەتلىك مەدەنىيەتلەر ئۆزلىرىنىڭ مېملىرىنى كۆپەيتىشتە ئۈنۈملۈك بولغانلىرى بولۇپ، ئىنسانلارغا كەلتۈرگەن پايدا-زىيىنى بىلەن كارى يوق.
ئادەمىيەت پەنلىرى ساھەسىدىكى كۆپلىگەن ئالىملار ئۇدۇم تەلىماتىنى مەدەنىيەت ئالمىشىشىنى قوپال بىئولوگىيەلىك ئوخشىتىشلار بىلەن چۈشەندۈرگەنلىك دەپ قاراپ، ئۇنى مەنسىتمەيدۇ. ئەمما بۇ ئالىملارنىڭ كۆپىنچىسى ئۇدۇم تەلىماتىنىڭ قېرىندىشى بولغان كېيىنكى مودېرنىزم (Postmodernism) غا ئەگىشىدۇ. كېيىنكى مودېرنىزم مۇتەپەككۇرلىرى «مەدەنىيەتنىڭ ئۇل-ئاساسى ئۇدۇم ئەمەس، بەلكى ئېيتىم» دەيدۇ. ئەمما ئۇلارمۇ مەدەنىيەتلەرنىڭ تارقىلىشى ئىنسانىيەتنىڭ مەنپەئەتى بىلەن مۇناسىۋەتسىز دەپ قارايدۇ.

مەسىلەن، كېيىنكى مودېرنىزم مۇتەپەككۇرلىرى مىللەتچىلىكنى 19- ۋە 20-ئەسىرلەردە پۈتۈن دۇنياغا تارقالغان، ئۇرۇش، زۇلۇم، نەپرەت ۋە ئىرقىي قىرغىنچىلىقنى كەلتۈرۈپ چىقارغان ئەجەللىك ۋابا دەپ تەسۋىرلەيدۇ. بىر دۆلەتتىكى كىشىلەر بۇنىڭدىن يۇقۇملانغان ھامان، قوشنا دۆلەتلەردىكى كىشىلەرنىڭمۇ بۇ ۋىرۇسنى يۇقتۇرۇش ئېھتىماللىقى بار. مىللەتچىلىك ۋىرۇسى ئۆزىنى ئىنسانلارغا پايدىلىق دەپ كۆرسەتكەن بولسىمۇ، ئەمەلىيەتتە ئۇ ئۆزىگىلا پايدىلىق بولغان.
ئويۇن نەزەرىيەسى كۆپ ئويۇنچىلار قاتنىشىدىغان سىستېمىلاردا، بارلىق ئويۇنچىلارغا زىيانلىق بولغان كۆز-قاراش ۋە ھەرىكەت ئەندىزىلىرىنىڭ قانداق يىلتىز تارتىپ تارقىلىدىغانلىقىنى چۈشەندۈرۈپ بېرەلەيدۇ. ھەربىي ھازىرلىقلار مۇسابىقىسى بۇنىڭ مەشھۇر مىسالى. نۇرغۇن ھەربىي ھازىرلىقلار ئۇنىڭغا قاتناشقۇچىلارنىڭ ھەممىسىنى ۋەيران قىلىدۇ، ئەمما ھەربىي كۈچ تەڭپۇڭلۇقىنى ئۆزگەرتەلمەيدۇ. پاكىستان ئىلغار ئايروپىلانلارنى سېتىۋالسا، ھىندىستان شۇنداق قىلىدۇ. ھىندىستان يادرو بومبىسى ياسىسا، پاكىستان ئەگىشىدۇ. پاكىستان دېڭىز ئارمىيەسىنى كېڭەيتسە، ھىندىستان قارشىلىق كۆرسىتىدۇ.
ئىككى دۆلەت ئوتتۇرىسىدىكى بۇنداق قورال مۇسابىقىسى ئۇلارنىڭ ھەربىي كۈچ نىسبىتىنى ئۆزگەرتمەيدۇ، چۈنكى ئىككىلا تەرەپ ئوخشاش دەرىجىدە قوراللىنىدۇ؛ ئەمما ھەر ئىككىلىسىنىڭ ئىقتىسادىي ئەھۋالىنى ناچارلاشتۇرىدۇ، چۈنكى ئۇلار نەچچە ئون مىليارد دوللارنى مائارىپ، سەھىيە ئىشلىرىغا سەرپ قىلىشنىڭ ئورنىغا، قىممەت قوراللارغا خەجلەيدۇ. ئەمما قورال مۇسابىقىسىگە قارشى تۇرۇش تەس. «قورال مۇسابىقىسى» بىر دۆلەتتىن يەنە بىر دۆلەتكە ۋىرۇستەك تارقىلىدىغان، ھەممەيلەنگە زىيانلىق، ئەمما تىرىك قېلىش ۋە كۆپىيىش ئىقتىدارىغا ئىگە بىر خىل ھەرىكەت ئەندىزىسى. (شۇنى ئەستە تۇتۇش كېرەككى، خۇددى گېنغا ئوخشاش، قورال مۇسابىقىسىنىڭمۇ ئېڭى يوق، يەنى ئۇ ئۆزىنىڭ ياشاپ قېلىشى ۋە كۆپىيىشىنى ئاڭلىق ھالدا ئىزدىمەيدۇ. ئۇنىڭ تارقىلىشى مەلۇم قوزغاتقۇچ كۈچنىڭ كۈتۈلمىگەن نەتىجىسىدىن ئىبارەت.)
سىز ئۇنى ئويۇن نەزەرىيەسى، كېيىنكى مودېرنىزم ياكى ئۇدۇم تەلىماتى دەپ ئاتاڭ، تارىخنىڭ ھەرىكەتلەندۈرگۈچ كۈچى ئىنسانلارنى تېخىمۇ بەختلىك قىلىشقا قارىتىلغان ئەمەس. تارىختىكى ئەڭ مۇۋەپپەقىيەتلىك مەدەنىيەتلەر ئىنسانلار ئۈچۈن ئەڭ ياخشى مەدەنىيەتلەردۇر دەپ قاراشنىڭ ھېچقانداق ئاساسى يوق. خۇددى تەدرىجىي تەرەققىياتقا ئوخشاش، تارىخمۇ يەككە جانلىقلارنىڭ بەختىگە پەرۋا قىلمايدۇ. يەككە ئىنسانلار بولسا، تارىخنىڭ يۆنىلىشىنى ئۆز پايدىسىغا ئۆزگەرتىشتە بەك بىلىمسىز ۋە ئاجىز كېلىدۇ.
تارىخ بىر دوقمۇشتىن يەنە بىر دوقمۇشقا قاراپ ئىلگىرىلەيدۇ، سىرلىق سەۋەبلەر تۈپەيلىدىن ئاۋۋال بۇ يولنى، ئاندىن باشقا يولنى تاللايدۇ. مىلادىيە 1500-يىلى ئەتراپىدا، تارىخ ئۆزىنىڭ ئەڭ مۇھىم تاللىشىنى ئېلىپ باردى. بۇ تاللاش پەقەت ئىنسانىيەتنىڭ تەقدىرىنىلا ئەمەس، بەلكى يەر يۈزىدىكى بارلىق ھاياتلىقنىڭ تەقدىرىنى ئۆزگەرتتى. بىز بۇنى «پەن-تېخنىكا ئىنقىلاۋى» دەپ ئاتايمىز. ئۇ غەربىي ياۋروپادا، يەنى ئاسىيا-ئافرىقىنىڭ غەربىي ئۇچىدىكى چوڭ يېرىم ئارالدا باشلاندى. بۇ جاي شۇ ۋاقىتقىچە تارىختا مۇھىم رول ئوينىمىغانىدى. نېمە ئۈچۈن بۇ ئىنقىلاب خىتاي ياكى ھىندىستاندا ئەمەس، دەل مۇشۇ جايدا باشلاندى؟ نېمە ئۈچۈن ئۇ ئىككىنچى مىڭ يىلنىڭ ئوتتۇرىسىدا باشلىنىپ، ئۇنىڭدىن ئىككى ئەسىر بۇرۇن ياكى ئۈچ ئەسىر كېيىن باشلانمىدى؟ بىز بۇنى بىلمەيمىز. ئالىملار نەچچە ئون تۈرلۈك نەزەرىيەلەرنى ئوتتۇرىغا قويدى، ئەمما ئۇلارنىڭ ھېچقايسىسى كىشىنى قايىل قىلالمايدۇ.
تارىخنىڭ مۇمكىنلىك دائىرىسى ناھايىتى كەڭ، شۇنداقلا نۇرغۇن مۇمكىنلىكلەر ئەمەلگە ئاشمايدۇ. خرىستىيان دىنى، رىم ئىمپېرىيەسى ۋە ئالتۇن تەڭگىمۇ بولمىغان بىر تارىخنى تەسەۋۋۇر قىلغىلى بولغاندەك، پەن-تېخنىكا ئىنقىلابى بىلەن ئۇچراشماي، ئەۋلادتىن-ئەۋلادقا داۋاملىشىدىغان بىر تارىخنىمۇ تەسەۋۋۇر قىلغىلى بولىدۇ.
[1] ھارى كرىشنا دىنى 1966-يىل ئامېرىكادا پەيدا بولغان، نامىنى ھىندى خۇداسى كرىشنادىن ئالغان، مۇرىتلىرى سېرىق تون كىيىدۇ، گۆشسىز غىزالىنىدۇ، توي قىلمايدۇ.

Leave a Reply