پەننىي دوگما
زامانىۋى پەندە دوگما (قارىغۇلارچە ئىشىنىش) يوق. بىراق ئۇنىڭ تەتقىقات ئۇسۇللىرىنىڭ ئورتاق ئاساسى بار بولۇپ، ئۇ تەجرىبە ئارقىلىق كۆزىتىشكە – يەنى سەزگۈ ئەزالىرىمىزنىڭ ھېچ بولمىغاندا بىرى بىلەن بايقىيالايدىغان نەرسىلەرگە ئاساسلىنىپ، ئۇلارنى ماتېماتىكىلىق ئۇسۇللار ئارقىلىق بىرلەشتۈرۈشكە تايىنىدۇ.
تارىخ بويىچە كىشىلەر ئەمەلىي كۆزىتىشلەرنى توپلىغان، ئەمما بۇ كۆزىتىشلەرنىڭ ئەھمىيىتى چەكلىك بولغان. بىزگە كېرەكلىك بارلىق جاۋابلار بار تۇرسا، نېمىشقا قىممەتلىك مەنبەلەرنى يېڭى كۆزىتىشلەرگە ئىسراپ قىلىمىز؟ بىراق كېيىنكى ئىنسانلار بەزى مۇھىم سوئاللارنىڭ جاۋابىنى بىلمەيدىغانلىقىنى ئېتىراپ قىلغاندا، پۈتۈنلەي يېڭى بىلىملەرنى ئىزدەشنىڭ زۆرۈرلۈكىنى ھېس قىلدى. شۇنىڭ بىلەن، كېيىنكى دەۋرلەردە ئۈستۈنلۈكنى ئىگىلىگەن زامانىۋى تەتقىقات ئۇسۇلى مۇقەررەر ھالدا كونا بىلىملەرنى يېتەرسىز ھېسابلىدى. كونا بىلىملەرنى ئۆگىنىشنىڭ ئورنىغا، يېڭى كۆزىتىش ۋە تەجرىبىلەرگە ئەھمىيەت بەردى. ھازىر ئەگەر يېڭى كۆزىتىشلەر بۇرۇنقى ئەنئەنە بىلەن توقۇنۇشۇپ قالسا، بىز ئالدى بىلەن كۆزىتىشنى تاللايمىز.
ئەلۋەتتە، يىراق ئالەمدىكى گالاكسىلارنىڭ سپېكتىرلىرىنى[1] تەھلىل قىلىۋاتقان فىزىكىچىلار، برونزا دەۋرىدىكى شەھەرنىڭ تېپىلمىلىرىنى تەتقىق قىلىۋاتقان ئارخېئولوگلار ۋە كاپىتالىزمنىڭ كېلىپ چىقىشىنى ئۆگىنىۋاتقان سىياسەت ئالىملىرى ئەنئەنىنى رەت قىلمايدۇ. ئۇلار تەتقىقاتىنى ئۆتمۈشتىكى دانىشمەنلەرنىڭ سۆزلىرى ۋە يازمىلىرىنى ئۆگىنىشتىن باشلايدۇ. بىراق ئۇنىۋېرسىتېتنىڭ بىرىنچى يىلىدىن باشلاپلا، كەلگۈسىدىكى فىزىكىچىلار، ئارخېئولوگلار ۋە سىياسەت ئالىملىرىغا ئۇلارنىڭ ۋەزىپىسىنىڭ ئېينىشتېين، ھېنرىخ شلىمان[2] ۋە ماكس ۋېبېرنىڭ[3] بىلگەنلىرىدىن ھالقىپ كېتىش ئىكەنلىكى ئۆگىتىلىدۇ.
بىراق پەقەت كۆزىتىشلەرلا بىلىم ھېسابلانمايدۇ. كائىناتنى چۈشىنىش ئۈچۈن، كۆزىتىشلەرنى مۇكەممەل نەزەرىيىلەرگە باغلىشىمىز كېرەك. بۇرۇنقى ئەنئەنىلەر ئادەتتە ئۆز نەزەرىيىلىرىنى ھېكايىلەر شەكلىدە ئىپادىلىگەن. زامانىۋى پەن بولسا ماتېماتىكىنى قوللىنىدۇ.
ئىنجىل، قۇرئان، نوم ياكى كۇڭزىنىڭ كىتابلىرىدا تەڭلىمە، گرافىك ۋە ھېسابلاشلار بەك ئاز ئۇچرايدۇ. ئەپسانە-رىۋايەتلەر ۋە مۇقەددەس كىتابلاردا ئومۇمىي قانۇنلار بەلگىلەنگەندە، ئۇلار ماتېماتىكىلىق شەكىلدە ئەمەس، ھېكايە شەكلىدە بېرىلگەن. مەسىلەن، مانى دىنىنىڭ ئاساسىي پىرىنسىپى دۇنيانىڭ ياخشىلىق بىلەن يامانلىق ئوتتۇرىسىدىكى جەڭ مەيدانى ئىكەنلىكىنى جاكارلىغان. يامان كۈچ ماددىنى، ياخشى كۈچ روھنى ياراتقان. ئىنسانلار بۇ ئىككى كۈچ ئوتتۇرىسىدا قاپسىلىپ قالغان بولۇپ، ئۇلار ياخشىلىقنى تاللىشى كېرەك. بىراق پەيغەمبەر مانى بۇ ئىككى كۈچنىڭ نىسپىي كۈچىنى سانلار بىلەن ئىپادىلەپ، ئىنسانلارنىڭ تاللاشلىرىنى ئالدىن مۆلچەرلەيدىغان ماتېماتىكىلىق فورمۇلا بېرىشكە ئۇرۇنمىغان. ئۇ ھېچقاچان «ئىنسانغا تەسىر كۆرسىتىدىغان كۈچ ئۇنىڭ روھىنىڭ تېزلىنىشىنى تېنىنىڭ ماسسىسىغا بۆلگەنگە تەڭ» دەپ ھېسابلىمىغان.
بۇ دەل ئالىملارنىڭ ئەمەلگە ئاشۇرماقچى بولغان ئىشىدۇر. 1687-يىلى، ئىسھاق نيۇتون زامانىۋى تارىختىكى ئەڭ مۇھىم كىتاب دەپ قارالغان «تەبىئەت پەلسەپىسىنىڭ ماتېماتىكىلىق پىرىنسىپلىرى»نى نەشر قىلدى. نيۇتون ھەرىكەت ۋە ئۆزگىرىشنىڭ ئومۇمىي نەزەرىيىسىنى ئوتتۇرىغا قويدى. نيۇتون نەزەرىيىسىنىڭ ئۇلۇغلۇقى شۇكى، ئۇ دەرەختىن چۈشۈپ كېتىۋاتقان ئالمىدىن تارتىپ ئېتىلغان يۇلتۇزلارغىچە، كائىناتتىكى بارلىق جىسىملارنىڭ ھەرىكىتىنى ئۈچ ئاددىي ماتېماتىكىلىق قانۇن ئارقىلىق چۈشەندۈرۈش ۋە ئالدىن مۆلچەرلەش ئىقتىدارىغا ئىگە بولغانىدى:

شۇنىڭدىن كېيىن، بىر زەمبىرەك ئوقى ياكى پلانېتىنىڭ ھەرىكىتىنى بىلمەكچى ۋە مۆلچەرلىمەكچى بولغان كىشى پەقەت جىسىمنىڭ ماسسىسى، يۆنىلىشى، تېزلىنىشى ۋە ئۇنىڭغا تەسىر كۆرسىتىۋاتقان كۈچلەرنى ئۆلچىسىلا بولاتتى. بۇ سانلارنى نيۇتوننىڭ تەڭلىمىلىرىگە قويۇش ئارقىلىق، جىسىمنىڭ كەلگۈسىدىكى ئورنىنى ئالدىن مۆلچەرلىگىلى بولاتتى. بۇ سېھىردەك ئىشلەيتتى. پەقەت 19-ئەسىرنىڭ ئاخىرلىرىغا كەلگەندىلا، ئالىملار نيۇتون قانۇنلىرىغا ماس كەلمەيدىغان بىر قانچە بايقاشقا دۇچ كەلدى. بۇلار فىزىكىدىكى كېيىنكى ئىنقىلابلارغا – نىسپىيلىك نەزەرىيىسى ۋە كۋانت مېخانىكىسىغا ئېلىپ باردى.
نيۇتون تەبىئەت كىتابىنىڭ ماتېماتىكا تىلىدا يېزىلغانلىقىنى كۆرسەتتى. بەزى بابلار (مەسىلەن) ئېنىق بىر تەڭلىمىگە يىغىنچاقلىنىدۇ؛ بىراق بىئولوگىيە، ئىقتىساد ۋە پىسخولوگىيەنى نيۇتوننىڭ تەڭلىمىلىرىگە ئايلاندۇرۇشقا ئۇرۇنغان ئالىملار بۇ تەڭلىمىنىڭ مۇرەككەپلىشىپ كەتكەنلىكىنى ھەم ئۇنىڭغا ئۇرۇنۇشنىڭ بىھۇدە ئاۋارىچىلىق ئىكەنلىكىنى بايقىدى. بىراق، بۇ ئۇلارنىڭ ماتېماتىكىدىن ۋاز كەچكەنلىكىنى بىلدۈرمەيتتى. ئۆتكەن 200 يىل ئىچىدە رېئاللىقنىڭ تېخىمۇ مۇرەككەپ تەرەپلىرىنى بىر تەرەپ قىلىش ئۈچۈن ماتېماتىكىنىڭ يېڭى بىر تارمىقى – ستاتىستىكا ئىلمى تەرەققىي قىلدۇرۇلدى.
1744-يىلى، شوتلاندىيەلىك ئىككى پوپ —ئالېكساندېر ۋېبستېر ۋە روبېرت ۋاللاس قازا قىلغان دىن خادىملىرىنىڭ تۇل خوتۇنلىرى بىلەن يېتىم بالىلىرىغا نەپىقە بېرىدىغان تۇرمۇش كاپالەت فوندى قۇرۇشنى قارار قىلدى. ئۇلار چېركاۋدىكى ھەر بىر دىن خادىمىنىڭ كىرىمىنىڭ ئاز بىر قىسمىنى فوندقا تۆلەپ، فوندنىڭ بۇ پۇلنى مەبلەغ قىلىشىنى تەكلىپ قىلدى. ئەگەر بىر دىن خادىمى ۋاپات بولسا، ئۇنىڭ تۇل خوتۇنى فوندنىڭ پايدىسىدىن نېسىۋە ئالالايتتى. بۇ ئۇنىڭ قالغان ئۆمرىدە راھەت ياشىشىغا ئىمكان بېرەتتى.
فوندنىڭ ئۆز مەجبۇرىيەتلىرىنى ئادا قىلىشى ھەمدە دىن خادىملىرىنىڭ قانچىلىك پۇل تۆلىشى كېرەكلىكىنى بەلگىلەش ئۈچۈن، ۋېبستېر بىلەن ۋاللاس ھەر يىلى قانچە دىن خادىمىنىڭ ۋاپات بولىدىغانلىقى، قانچە تۇل خوتۇن ۋە يېتىم بالا قالىدىغانلىقى، شۇنداقلا تۇل خوتۇنلارنىڭ ئېرىدىن قانچە يىل ئۇزۇن ياشايدىغانلىقىنى ئالدىن مۆلچەرلىيەلىشى كېرەك ئىدى.
بۇ ئىككى چېركاۋ خادىمىنىڭ نېمە قىلمىغانلىقىغا دىققەت قىلىڭ. ئۇلار خۇدادىن ۋەھيى چۈشۈشنى تىلىمىدى. مۇقەددەس كىتابلاردىن ياكى قەدىمكى دىن ئالىملىرىنىڭ ئەسەرلىرىدىن جاۋاب ئىزدىمىدى. ئۇلار ساپ پەلسەپىۋى مۇنازىرىگىمۇ كىرمىدى. ئۇلار شوتلاندىيەلىك بولغاچقا، ئەمەلىيەتچى ئىدى. شۇڭا ئۇلار ئېدىنبۇرگ ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ ماتېماتىكا پروفېسسورى كولىن ماكلاۋرىن بىلەن ئالاقىلاشتى. ئۇلار ئۈچەيلەن كىشىلەرنىڭ قايسى ياشتا ۋاپات بولىدىغانلىقى ھەققىدىكى مەلۇماتلارنى توپلاپ، بۇلارنى نەپىقە بېرىلگەن يىلدا قانچە دىن خادىمىنىڭ ۋاپات بولۇش ئېھتىماللىقىنى ھېسابلاشقا ئىشلەتتى.
ئۇلارنىڭ خىزمىتى ستاتىستىكا ۋە ئېھتىماللىق ساھەسىدىكى بىر قانچە مۇھىم ئىلگىرىلەشكە ئاساسلانغان ئىدى. بۇلارنىڭ بىرى ياكوب بېرنۇللىنىڭ چوڭ سانلار قانۇنى. بېرنۇللى مەلۇم بىر ۋەقەنى، مەسىلەن مەلۇم بىر شەخسنىڭ ئۆلۈمىنى ئېنىق مۆلچەرلەش قىيىن بولسىمۇ، كۆپلىگەن ئوخشاش ۋەقەلەرنىڭ ئوتتۇرىچە نەتىجىسىنى يۇقىرى دەرىجىدە ئېنىق مۆلچەرلەش مۇمكىن دېگەن پىرىنسىپنى كودلاشتۇرغان. يەنى، ماكلاۋرىن ماتېماتىكىنى ئىشلىتىپ ۋېبستېر ۋە ۋاللاسنىڭ كېلەر يىلى ئۆلۈپ كېتىدىغان-كەتمەيدىغانلىقىنى مۆلچەرلىيەلمىسىمۇ، يېتەرلىك مەلۇمات بولسا، شوتلاندىيەدىكى قانچە پوپنىڭ كېلەر يىلى ئۆلىدىغانلىقىنى ئاساسەن ئېنىق ئېيتالايتتى.
ياخشى يېرى، بۇنىڭ ئۈچۈن ئۇلارنىڭ ئىشلىتەلەيدىغان تەييار مەلۇماتلىرى بار ئىدى. ئەللىك يىل بۇرۇن ئېدموند خاللېي نەشر قىلغان سۇغۇرتا ھېسابچىسى جەدۋەللىرى ئالاھىدە پايدىلىق بولدى. خاللېي گېرمانىيەنىڭ برېسلاۋ شەھىرىدىن ئېرىشكەن 1,238 نوپۇسنىڭ تۇغۇلۇپ، 1,174 نوپۇسنىڭ ئۆلگەنلىك دەپتىرىنى تەھلىل قىلغان. خاللېينىڭ جەدۋەللىرى يىگىرمە ياشلىق بىر كىشىنىڭ مەلۇم بىر يىلدا ئۆلۈش ئېھتىماللىقىنىڭ يۈزدە بىر پىرسەنت، ئەمما ئەللىك ياشلىق بىر كىشىنىڭ يۈزدە 39 پىرسەنت ئىكەنلىكىنى كۆرۈشكە ئىمكان بەردى.
ۋېبستېر ۋە ۋاللاس بۇ سانلارنى بىر تەرەپ قىلىپ، ھەر زامان ئوتتۇرا ھېساب بىلەن 930 شوتلاندىيە دىن خادىمى ھايات ياشايدۇ، ھەر يىلى ئوتتۇرا ھېساب بىلەن 27 دىن خادىمى ۋاپات بولىدۇ، بۇلاردىن ئون سەككىزىنىڭ خوتۇنى تۇل قالىدۇ، خوتۇنى تۇل قالمىغانلارنىڭ بەشى يېتىم بالىلارنى قالدۇرىدۇ، خوتۇنى تۇل قالغانلارنىڭ ئىككىسى ئىلگىرىكى نىكاھتىن بولغان ۋە 16 ياشقا تولمىغان بالىلارنى قالدۇرىدۇ، دېگەن خۇلاسىگە كەلدى.
ئۇلار يەنە تۇل خوتۇنلار قايتا ئەرگە تەگكىچە ياكى ۋاپات بولغىچە (بۇ ئىككى ئەھۋالدا نەپىقە بېرىش توختايدۇ) قانچىلىك ۋاقىت ئۆتىدىغانلىقىنى ھېسابلىدى. بۇ رەقەملەر ۋېبستېر ۋە ۋاللاسقا فوندقا قاتناشقان دىن خادىملىرىنىڭ ئۆز ئائىلىسىدىكىلەرنى تەمىنلەش ئۈچۈن قانچىلىك پۇل تۆلىشى كېرەكلىكىنى بەلگىلەش ئىمكانىيىتى بەردى. يىللىق 2 فۇنت 12 شىللىڭ 2 پېننى تۆلەش ئارقىلىق، بىر دىن خادىمى تۇل قالغان ئايالىنىڭ يىلىغا ئەڭ ئاز 10 فۇنت ئالالىشىغا كاپالەتلىك قىلالايتتى. ئۇ زاماندا بۇ خېلى كۆپ پۇل ئىدى. كىمكى بۇنى يېتەرلىك ئەمەس دەپ ئويلىسا، يىللىقى 6 فۇنت 11 شىللىڭ 3 پېننىغىچە تۆلەشنى تاللىيالايتتى، بۇنىڭ بىلەن ئۇنىڭ ئايالى يىللىقى 25 فۇنت پۇل ئالالىشىغا كاپالەتلىك قىلالايتتى.
ئۇلارنىڭ ھېسابلىشىچە، 1765-يىلىغا كەلگەندە شوتلاندىيە چېركاۋى دىن خادىملىرىنىڭ تۇل خوتۇن، يېتىم بالىلىرى ئۈچۈن ئاتىغان تەمىنات فوندى كاپىتالى جەمئىي 58,348 فۇنتقا يېتىدۇ. ئۇلارنىڭ ھېسابلىشى ھەيران قالارلىق دەرىجىدە توغرا چىقتى. شۇ يىل كەلگەندە، فوندنىڭ كاپىتالى 58,347 فۇنت بولدى، مۆلچەردىن پەقەت 1 فۇنتلا كەم! بۇ ھەتتا ھاباكۇك[4]، يەرەمىيا[5] ياكى مۇقەددەس يۇھاننانىڭ[6] پەيغەمبەرلىكلىرىدىنمۇ ياخشى ئىدى. ۋېبستېر ۋە ۋاللاسنىڭ بۈگۈن «شوتلاندىيە تۇل خوتۇنلىرى» دەپ ئاتىلىدىغان بۇ فوندى دۇنيادىكى ئەڭ چوڭ پېنسىيە ۋە سۇغۇرتا شىركەتلىرىنىڭ بىرى. ئۇ 100 مىليارد فۇنتلۇق مەبلىغى بىلەن، پەقەت شوتلاندىيەلىك تۇل خوتۇنلارنىلا ئەمەس، بەلكى ئۇنىڭ سۇغۇرتىسىنى سېتىۋالماقچى بولغان ھەرقانداق كىشىنى سۇغۇرتا قىلىدۇ.
شوتلاندىيەلىك ئىككى دىن خادىمى قوللانغان ئېھتىماللىق ھېسابلاشلىرى پەقەت پېنسىيە ۋە سۇغۇرتا ئىشلىرىنىڭ ئاساسى بولغان ھېساب-كىتاب ئىلمىنىڭلا ئەمەس، يەنە بىر ئەنگلىيە چېركاۋى دىن خادىمى روبېرت مالتۇس ئاساس سالغان دېموگرافىيە (نوپۇسشۇناسلىق) ئىلمىنىڭمۇ ئاساسى بولۇپ قالدى. دېموگرافىيە كېيىن چارلز دارۋىن (ئۇ دەسلەپتە ئەنگلىيە چېركاۋى پوپى بولماقچى ئىدى) نىڭ تەدرىجىي تەرەققىيات نەزەرىيىسىگە ئاساس سالدى. مەلۇم شارائىت ئاستىدا قانداق ئورگانىزمنىڭ تەرەققىي قىلىدىغانلىقىنى ئالدىن مۆلچەرلەيدىغان تەڭلىمىلەر بولمىسىمۇ، گېنېتىكا ئالىملىرى مەلۇم بىر مۇتاتسىيەنىڭ مەلۇم بىر نوپۇستا تارقىلىش ئېھتىماللىقىنى ھېسابلاشتا ئېھتىماللىق ھېسابلاشلىرىنى قوللىنىدۇ.

شۇنىڭغا ئوخشاش ئېھتىماللىق مودېللىرى ئىقتىساد، جەمئىيەتشۇناسلىق، پىسخولوگىيە، سىياسىي ئىلىم ۋە باشقا ئىجتىمائىي، تەبىئىي پەنلەرنىڭ يادروسىغا ئايلاندى. ھەتتا فىزىكىمۇ ئاخىرىدا نيۇتوننىڭ كلاسسىك تەڭلىمىلىرىگە كۋانت مېخانىكىسىنىڭ ئېھتىماللىق ئامىللىرىنى قوشتى.
بىز پەقەت مائارىپ تارىخىغا قارىساقلا، بۇ جەرياننىڭ بىزنى قانچىلىك ئالغا ئىلگىرىلەتكەنلىكىنى چۈشىنەلەيمىز. كۆپىنچە تارىخىي دەۋردە، ماتېماتىكا ئوقۇمۇشلۇق كىشىلەرمۇ بەك چوڭقۇرلاپ كەتمەيدىغان سىرلىق ساھە ئىدى. ئوتتۇرا ئەسىردىكى ياۋروپادا، لوگىكا (ئىلمىي مەنتىق)، گرامماتىكا ۋە ئىستىلىستىكا مائارىپنىڭ يادروسى بولۇپ، ماتېماتىكا ئۆگىتىش ئادەتتە ئاددىي ئارىفمېتىكا ۋە گېئومېترىيەدىن ھالقىمايتتى. ھېچكىم ستاتىستىكا ئۆگەنمەيتتى. بارلىق پەنلەرنىڭ ھۆكۈمرانى ئىلاھىيەت ئىلمى ئىدى.
بۈگۈن ئاز ساندىكى ئوقۇغۇچىلارلا ئىستىلىستىكا ئۆگىنىدۇ؛ لوگىكا پەقەت پەلسەپە فاكۇلتېتلىرىدا، ئىلاھىيەت بولسا دىنىي مۇنازىرە دەرسلىرىدە ئۆتۈلىدۇ. ھالبۇكى كۆپلىگەن ئوقۇغۇچىلار ماتېماتىكا ئۆگىنىشكە رىغبەتلەندۈرۈلىدۇ ياكى مەجبۇرلىنىدۇ. كىشىلەر مۇقەررەر ھالدا توغرىلىقى يۇقىرى ئىلىم-پەنگە مايىل بولدى ۋە ماتىماتىكىلىق ئۇسۇللار ئارقىلىق بۇ توغرىلىققا ئېنىقلىما بەردى. ھەتتا ئەنئەنىۋى ئادەمىيەت پەنلىرىنىڭ بىر قىسمى بولغان ئىنسان تىلى (تىلشۇناسلىق) ۋە ئىنسان پىسخىكىسى (پىسخولوگىيە) تەتقىقاتىمۇ بارغانسېرى ماتېماتىكىغا تايىنىپ، ئۆزلىرىنى پەن سۈپىتىدە كۆرسىتىشكە تىرىشماقتا.
ستاتىستىكا كۇرسلىرى ھازىر پەقەت فىزىكا ۋە بىئولوگىيەدىلا ئەمەس، بەلكى پىسخولوگىيە، سوتسىئولوگىيە، ئىقتىساد ۋە سىياسىي پەنلەردىمۇ ئاساسىي تەلەپكە ئايلاندى. مەن ئىشلەۋاتقان ئۇنىۋېرسىتېتتىكى پىسخولوگىيە فاكۇلتېتىنىڭ دەرس تىزىملىكىدە، تۇنجى مەجبۇرىي دەرس «پىسخولوگىيە تەتقىقاتىدىكى ستاتىستىكا ۋە مېتودولوگىيە ھەققىدە ساۋات » بولۇپ، ئىككىنچى يىللىق پىسخولوگىيە ئوقۇغۇچىلىرى «پىسخولوگىيەلىك تەتقىقاتتىكى ستاتىستىكىلىق ئۇسۇللار»نى ئۆگىنىشى كېرەك.
ئەگەر سىز كۇڭزى، بۇددا، ئەيسا ۋە مۇھەممەد پەيغەمبەرگە «ئىنسان زېھنىنى چۈشىنىش ۋە ئۇنىڭ كېسەللىكلىرىنى داۋالاش ئۈچۈن ئالدى بىلەن ستاتىستىكا ئۆگىنىش كېرەك» دېسىڭىز، ئۇلار ھەيران قالغان بولاتتى.
بىلىم كۈچتۇر
دۇنيادىكى 7 مىليارد كىشى ئىچىدە، قانچە كىشى كۋانتۇم مېخانىكىسى، ھۈجەيرە بىئولوگىيەسى ياكى ماكرو ئىقتىسادنى بىلىدۇ؟ زامانىۋى پەننى چۈشىنىشتە كۆپ ئادەم قىينىلىدۇ، چۈنكى ئەقلىمىز ئۇنىڭ ماتېماتىكىلىق تىلىنى ئاسان ھەزىم قىلالمايدۇ، ئۇنىڭ بايقاشلىرى كۆپ ھاللاردا ئادەتتىكى چۈشەنچىمىزگە زىت كېلىدۇ. شۇنداقتىمۇ، ئىلىم-پەن بىزگە يېڭى كۈچ ئاتا قىلغاچقا زور ئىناۋەتكە ئىگە. پرېزىدېنتلار ۋە گېنېراللار يادرو فىزىكىسىنى چۈشەنمەسلىكى مۇمكىن، ئەمما ئۇلار يادرو بومبىسىنىڭ نېمە قىلالايدىغانلىقىنى ياخشى بىلىدۇ.
1620-يىلى فرانسىس باكون «يېڭى قورال» ناملىق ئىلمىي باياننامە ئېلان قىلىپ، «بىلىم كۈچتۇر» دەپ كۆرسەتتى. «بىلىم»نىڭ ھەقىقىي سىنىقى ئۇنىڭ راست-يالغانلىقى ئەمەس، بەلكى بىزگە كۈچ بېرەلەيدىغان-بېرەلمەيدىغانلىقىدۇر. ئالىملار ئادەتتە ھېچقانداق نەزەرىيەنىڭ 100 پىرسەنت توغرا ئەمەسلىكىنى پەرەز قىلىدۇ. شۇڭا، ھەقىقەت بىلىمنى سىناشتا ياخشى ئۆلچەم ئەمەس، بىلىمنى ھەقىقىي سىنايدىغان نەرسە ئۇنىڭ پايدىلىق بولۇش-بولماسلىقىدۇر. بىزنى يېڭى ئىشلارنى قىلىشقا قادىر قىلىدىغان نەزەرىيە بىلىم ھېسابلىنىدۇ.

ئەسىرلەر داۋامىدا، ئىلىم-پەن بىزگە نۇرغۇن يېڭى قوراللارنى تەقدىم قىلدى. بەزىلىرى ئۆلۈم نىسبىتى ۋە ئىقتىسادىي ئۆسۈشنى مۆلچەرلەشتە قوللىنىلىدىغان ئىلمىي ئۇسۇللار، تېخىمۇ مۇھىم بولغىنى تېخنىكىلىق قوراللاردۇر. پەن بىلەن تېخنىكا ئوتتۇرىسىدا شۇنداق كۈچلۈك باغلىنىش شەكىللەندىكى، بۈگۈن كىشىلەر بۇ ئىككىسىنى ئارىلاشتۇرۇۋېتىدۇ. بىز كۆپ ھاللاردا يېڭى تېخنىكىلارنى ئىلمىي تەتقىقاتسىز يارىتىش مۇمكىن ئەمەس، يېڭى تېخنىكىلارنى بارلىققا كەلتۈرەلمەيدىغان تەتقىقاتنىڭ ئانچە ئەھمىيىتى يوق دەپ ئويلايمىز.
ئەمەلىيەتتە، پەن بىلەن تېخنىكا ئوتتۇرىسىدىكى مۇناسىۋەت ناھايىتى يېڭى بىر ھادىسە. 1500-يىلدىن بۇرۇن، پەن ۋە تېخنىكا پۈتۈنلەي ئايرىم ساھەلەر ئىدى. باكون 17-ئەسىرنىڭ باشلىرىدا بۇ ئىككىسىنى باغلىغاندا، بۇ ئىنقىلابىي بىر پىكىر ئىدى. 17- ۋە 18-ئەسىرلەردە بۇ مۇناسىۋەت كۈچەيگەن بولسىمۇ، پەقەت 19-ئەسىردىلا چىڭ باغلاندى. ھەتتا 1800-يىللىرىمۇ، كۈچلۈك ئارمىيە قۇرماقچى بولغان كۆپلىگەن ھۆكۈمرانلار ۋە مۇۋەپپەقىيەتلىك تىجارەت قىلماقچى بولغان سودا ماگناتلىرى فىزىكا، بىئولوگىيە ياكى ئىقتىساد تەتقىقاتلىرىغا مەبلەغ سېلىشنى ئويلاشمايتتى.
بۇنىڭغا چۈشمەيدىغان مىساللارنى يوق دېمەكچى ئەمەسمەن. ياخشى تارىخچى ھەر نەرسىنىڭ مىساللىرىنى تاپالايدۇ. ئەمما تېخىمۇ ياخشى تارىخچى بۇ مىساللارنىڭ تارىخىنىڭ ئومۇمىي كۆرۈنۈشىنى خىرەلەشتۈرىدىغان قىزىقارلىق ئىشلار ئىكەنلىكىنى بىلىدۇ. ئومۇمەن ئېيتقاندا، زامانىۋى دەۋردىن بۇرۇنقى كۆپىنچە ھۆكۈمرانلار ۋە تىجارەتچىلەر يېڭى تېخنىكىلارنى يارىتىش ئۈچۈن كائىنات تەبىئىتى ھەققىدىكى تەتقىقاتلارغا مەبلەغ سالمايتتى. ھۆكۈمرانلار ئەنئەنىۋى بىلىملەرنى تارقىتىش ۋە مەۋجۇت تۈزۈمنى مۇستەھكەملەش مەقسىتىدە مائارىپ ئورۇنلىرىغا مەبلەغ سالاتتى.
يېڭى تېخنىكىلارنى ياراتقانلار ئاساسەن سىستېمىلىق ئىلمىي تەتقىقات بىلەن شۇغۇللانغان ئالىملار ئەمەس، بەلكى سىناق-خاتالىق ئارقىلىق ئىش قىلىدىغان، ئوقۇمىغان ھۈنەرۋەنلەر ئىدى. ھارۋا ياسىغۇچىلار يىلدىن-يىلغا ئوخشاش ماتېرىياللاردىن ئوخشاش ھارۋىلارنى ياسايتتى. ئۇلار يىللىق كىرىمىنىڭ مەلۇم قىسمىنى يېڭى ھارۋا مودېللىرىنى تەتقىق قىلىش ۋە تەرەققىي قىلدۇرۇشقا ئاجراتمايتتى. ھارۋا لايىھەسى بەزىدە ياخشىلانسىمۇ، بۇ ئادەتتە ئۇنىۋېرسىتېتقا قەدەم باسمىغان، ھەتتا خەت تونۇمايدىغان يەرلىك بىر ياغاچچىنىڭ ئەقىل-پاراسىتىدىن بولاتتى.
بۇ ئەھۋال دۆلەت ۋە شەخسىي كەسىپ ساھەلىرىدىمۇ ئوخشاش ئىدى. زامانىۋى دۆلەتلەر دۆلەت سىياسىتى دائىرىسىدىكى ئېنېرگىيە، ساغلاملىق ۋە ئەخلەت تازىلاشتەك ھەر قانداق ئىشتا ئالىملارنى ياردەمگە چاقىرىدۇ، ئەمما قەدىمكى پادىشاھلىقلار بۇنداق قىلمايتتى. بۇرۇن بىلەن ھازىرنىڭ پەرقى قورال-ياراق جەھەتتە ئەڭ روشەن كۆرۈلىدۇ. 1961-يىلى پرېزىدېنتلىقتىن ئايرىلىش ئالدىدا تۇرۇۋاتقان دۋايت ئېيزېنخاۋېر ھەربىي سانائەتنىڭ كۈنسېرى كۈچىيىپ كېتىشى توغرىسىدا ئاگاھلاندۇرغاندا، تەڭلىمىنىڭ بىر قىسمىنى قالدۇرۇپ قويغان. ئۇ ئەسلىدە ئۆز دۆلىتىنى ھەربىي-سانائەت بىلەن ئىلىم-پەننىڭ بىرلىشىۋېلىشى ھەققىدە ئاگاھلاندۇرۇشى كېرەك ئىدى، چۈنكى بۈگۈنكى ئۇرۇشلار ئىلىم-پەن تەرەققىياتىنىڭ مەھسۇلاتىدۇر. دۇنيانىڭ ھەربىي كۈچلىرى ئىنسانىيەتنىڭ ئىلمىي تەتقىقات ۋە تېخنىكىلىق تەرەققىياتىنىڭ كۆپ قىسمىغا مەبلەغ سالىدۇ ۋە ئۇنى يېتەكلەيدۇ.
بىرىنچى دۇنيا ئۇرۇشى ئۇزۇنغا سوزۇلغان ئىستىھكام ئۇرۇشىغا ئايلانغاندا، ھەر ئىككى تەرەپ قاتمال ۋەزىيەتنى بۇزۇپ، دۆلەتنى قۇتقۇزۇش ئۈچۈن ئالىملارنى ياردەمگە چاقىردى. ئاق خالات كىيگەن ئۇ كىشىلەر بۇ چاقىرىققا ئاۋاز قوشتى. شۇنىڭ بىلەن، تەجرىبىخانا ۋە زاۋۇتلاردىن ئۇرۇش ئايروپىلانى، زەھەرلىك گاز، تانكا، سۇ ئاستى پاراخوتى ۋە تېخىمۇ ئۈنۈملۈك پىلىموت، زەمبىرەك، مىلتىق ۋە بومبىلاردەك يېڭى، كارامەت قوراللار توختىماي چىقىشقا باشلىدى.

گېرمانىيەنىڭ V-2 تىپلىق راكېتاسى قويۇپ بېرىلىش ئالدىدا. بۇ قورال ئىتتىپاقداش ئارمىيەنى مەغلۇب قىلالمىغان بولسىمۇ، گېرمانىيەنىڭ تېخنىكىلىق مۆجىزىگە باغلىغان ئۈمىدىنى تاكى ئۇرۇشنىڭ ئاخىرقى كۈنىگىچە ساقلاپ تۇردى.
ئىككىنچى دۇنيا ئۇرۇشىدا پەن-تېخنىكا تېخىمۇ چوڭ رول ئوينىدى. 1944-يىلى ئاخىرىغا كەلگەندە، گېرمانىيە ئۇرۇشتا مەغلۇپ بولۇش ئالدىدا تۇراتتى. بىر يىل بۇرۇن، گېرمانىيەنىڭ ئىتتىپاقدىشى ئىتالىيە مۇسسولىنىنى ئاغدۇرۇپ، ئىتتىپاقداشلارغا تەسلىم بولغانىدى. ئەمما گېرمانىيە تەرەپ ئەنگلىيە، ئامېرىكا ۋە سوۋېت قوشۇنلىرى يېقىنلىشىۋاتقان بولسىمۇ، ئۇرۇشنى داۋاملاشتۇردى. گېرمان ئەسكەرلىرى ۋە پۇقرالىرىنىڭ «ھەممە ئىش تۈگەشتى» دەپ ئويلىمىغانلىقىنىڭ بىر سەۋەبى، ئۇلار گېرمان ئالىملىرىنىڭ V-2 راكېتا ۋە رېئاكتىپ ئايروپىلانغا ئوخشاش «مۆجىزە قوراللار» بىلەن ئۇرۇشنىڭ يۆنىلىشىنى ئۆزگەرتىدىغانلىقىغا ئىشەنگەنلىكى ئىدى.
گېرمانلار راكېتا ۋە رېئاكتىپ ئايروپىلانلار ئۈستىدە ئىشلەۋاتقاندا، ئامېرىكىنىڭ مانھاتتان لايىھەسى بويىچە ئاتوم بومبىسى مۇۋەپپەقىيەتلىك ياساپ چىقىلدى. 1945-يىلى ئاۋغۇستنىڭ باشلىرىدا بومبا تەييار بولغاندا، گېرمانىيە ئاللىقاچان تەسلىم بولغان بولسىمۇ، ياپونىيە ئۇرۇشنى داۋاملاشتۇرۇۋاتاتتى. ئامېرىكا كۈچلىرى ياپونىيەنىڭ ئاساسىي زېمىنىغا تاجاۋۇز قىلىشقا تەييارلانغانىدى. ياپونلار تاجاۋۇزغا قارشى تۇرۇپ ئۆلگۈچە جەڭ قىلىشقا قەسەم قىلدى، بۇنىڭ قۇرۇق گەپ ئەمەسلىكىگە ئىشىنىشكە تولۇق ئاساس بار ئىدى. ئامېرىكا گېنېراللىرى پرېزىدېنت ھاررى ترۇمىنغا ياپونىيەگە تاجاۋۇز قىلىشنىڭ بىر مىليون ئامېرىكا ئەسكىرىنىڭ ھاياتىغا زامىن بولىدىغانلىقىنى ۋە ئۇرۇشنىڭ 1946-يىلىغىچە سوزۇلىدىغانلىقىنى ئېيتتى. ترۇمان يېڭى بومبىنى ئىشلىتىشنى قارار قىلدى. ئىككى ھەپتە ۋە ئىككى ئاتوم بومبىسىدىن كېيىن، ياپونىيە شەرتسىز تەسلىم بولدى، ئۇرۇش ئاخىرلاشتى.
ھالبۇكى پەن-تېخنىكا پەقەت ھۇجۇم قوراللىرىدىلا ئەمەس، مۇداپىئەدىمۇ مۇھىم رول ئوينايدۇ. بۈگۈن نۇرغۇن ئامېرىكىلىقلار تېررورلۇققا قارشى تۇرۇشنىڭ ھەل قىلىش چارىسى سىياسىي ئەمەس، تېخنىكىلىق ۋاسىتە دەپ قارايدۇ. ئۇلارنىڭ قارىشىچە، نانو-تېخنىكا سانائىتىگە يەنە مىليونلىغان مەبلەغ سالسىلا، ئامېرىكا ئافغانىستاندىكى ھەر بىر ئۆڭكۈرگە، يەمەندىكى قورغانلارغا ۋە شىمالىي ئافرىقىدىكى لاگېرلارغا بىيونىك جاسۇس چىۋىنلىرىنى ئەۋەتەلەيدۇ. شۇنداق قىلغاندا، ئوساما بىن لادىننىڭ ۋارىسلىرى بىر چىنە قەھۋە ئىچمەكچى بولسىمۇ، ئامېرىكا مەركىزىي ئاخبارات ئىدارىسىنىڭ جاسۇس چىۋىنى بۇ مۇھىم ئۇچۇرنى لانگلېيدىكى[7] باش شتابقا يەتكۈزەلەيدۇ. مېڭە تەتقىقاتىغا يەنە مىليونلاپ مەبلەغ ئاجراتسا، ھەر بىر ئايرودرومغا كىشىلەرنىڭ مېڭىسىدىكى غەزەپ ۋە نەپرەت خىياللىرىنى دەرھال بايقىيالايدىغان ئۈستۈن تېخنىكىلىق FMRI سكانېرلىرى[8](تەسۋىر كۆچۈرگۈچلىرى) ئورنىتىلالايدۇ. بۇ راستتىنلا ئىشقا ئاشامدۇ؟ كىم بىلىدۇ. بىيونىك چىۋىنلار ۋە خىيال ئوقۇيدىغان سكانېرلارنى تەرەققىي قىلدۇرۇش ئاقىلانە ئىشمۇ؟ ئۇنىڭ زۆرۈرىيىتى يوق. قانداقلا بولمىسۇن، سىز بۇ قۇرلارنى ئوقۇۋاتقان ۋاقىتتا، ئامېرىكا مۇداپىئە مىنىستىرلىقى بۇ ۋە بۇنىڭغا ئوخشاش لايىھەلەر ئۈستىدە ئىشلەش ئۈچۈن نانو-تېخنىكىسى ۋە مېڭە تەتقىقاتى تەجرىبىخانىلىرىغا مىليونلىغان دوللار مەبلەغ ئاجراتماقتا.

تانكىدىن ئاتوم بومبىسى ۋە جاسۇس چىۋىنلىرىغىچە بولغان ھەربىي تېخنىكىلارغا مەپتۇن بولۇش ھەيران قالارلىق دەرىجىدە يېڭى بىر ھادىسە. 19-ئەسىرگىچە، ھەربىي ئۆزگىرىشلەرنىڭ مۇتلەق كۆپ قىسمى تېخنىكىلىق تەرەققىياتنىڭ ئەمەس، تەشكىلىي ئۆزگىرىشلەرنىڭ مەھسۇلى ئىدى. پەرقلىق مەدەنىيەتلەر تۇنجى قېتىم ئۇچراشقاندا، تېخنىكىلىق پەرقلەر بەزىدە مۇھىم رول ئوينىغان بولسىمۇ، بۇنداق پەرقلەرنى قەستەن يارىتىش ياكى كېڭەيتىشنى ئويلايدىغانلار ئاز ئىدى. كۆپىنچە ئىمپېرىيەلەر تېخنىكا سېھىرگەرلىكىگە تايىنىپ كۈچەيمىگەن بولۇپ، ئۇلارنىڭ ھۆكۈمرانلىرى تېخنىكىلىق تەرەققىياتقا ئانچە كۆڭۈل بۆلمەيتتى.
ئەرەبلەر ساسانىي ئىمپېرىيەسىنى قالتىس ئوقيالار ياكى قىلىچلار بىلەن يەڭمىگەن، سەلجۇقلارنىڭ بىزانس ئىمپېرىيەسىگە قارىغاندا تېخنىكىلىق ئۈستۈنلۈكى يوق ئىدى، موڭغۇللارمۇ خىتاينى قانداقتۇر يېڭى قورال ياردىمىدە بويسۇندۇرمىغان. ئەمەلىيەتتە، بۇ ئۇرۇشلاردا مەغلۇپ بولغان دۆلەتلەرنىڭ ھەربىي ۋە ئاممىۋى تېخنىكىلىرى يۇقىرى ئىدى.
رىم قوشۇنى بۇنىڭ ياخشى بىر مىسالى. ئۇ ئۆز دەۋرىدىكى ئەڭ كۈچلۈك قوشۇن بولسىمۇ، تېخنىكا جەھەتتە كارتىج[9]، ماكېدونىيە[10] ياكى سېلېۋكىد[11] ئىمپېرىيەسىدىن ھېچقانداق ئۈستۈنلۈكى يوق ئىدى. ئۇنىڭ ئۈستۈنلۈكى ئۈنۈملۈك تەشكىللىنىش، پولاتتەك ئىنتىزام ۋە زور كۈچ مەنبەسىگە تايىناتتى. رىم قوشۇنى ھېچقاچان تەتقىقات ۋە تەرەققىيات بۆلۈمى قۇرمىغان، ئۇلارنىڭ قوراللىرى يۈز يىللار داۋامىدا ئاساسەن ئۆزگەرمىگەن.
ئەگەر كارتىجنى ۋەيران قىلغان ۋە مىلادىدىن بۇرۇنقى 2-ئەسىردە نۇمانتىيەلىكلەرنى[12] يەڭگەن گېنېرال سكىپىيو ئەمىلىيانۇسنىڭ رىم قوشۇنلىرى 500 يىل كېيىن بۈيۈك كونستانتىن دەۋرىدە تۇيۇقسىز پەيدا بولۇپ قالغان بولسا، سكىپىيونىڭ كونستانتىننى يېڭىش ئېھتىماللىقى يۇقىرى بولاتتى. ئەمدى بىر نەچچە ئەسىر بۇرۇنقى گېنېرال، مەسىلەن ناپولېئوننىڭ ئۆز قوشۇنلىرىنى باشلاپ بۈگۈنكى زەمبىرەكچى قىسىمغا قارشى جەڭ قىلغان ئەھۋالىنى تەسەۋۋۇر قىلىپ بېقىڭ. ناپولېئون ئەڭ ئۇستا تاكتىكىچى، ئۇنىڭ ئەسكەرلىرىمۇ جەڭگە ماھىر قوشۇن بولسىمۇ، زامانىۋى قورال-ياراغلار ئالدىدا ئۇلارنىڭ ماھارىتى ھېچنېمىگە يارىمايتتى.
قەدىمكى رىمغا ئوخشاش، قەدىمكى خىتايدىمۇ كۆپىنچە گېنېراللار ۋە پەيلاسوپلار يېڭى قورال-ياراغلارنى تەرەققىي قىلدۇرۇشنى ئۆز بۇرچى دەپ قارىمايتتى. خىتاينىڭ ھەربىي تارىخىدىكى ئەڭ مۇھىم كەشپىيات ئوق دورىسى ئىدى. بىراق، بىزنىڭ بىلىشىمىزچە، ئوق دورىسى داۋجياۋ سېھىرگەرلىرىنىڭ ھاياتلىق ئىكسىرىنى ئىزدەش جەريانىدا تاسادىپىي ھالدا بايقالغان. ئوق دورىنىڭ كېيىنكى تەقدىرى تېخىمۇ ئىبرەتلىك. كىشىلەر داۋجياۋ سېھىرگەرلىرىنى خىتاينى دۇنيانىڭ خوجايىنىغا ئايلاندۇرىدۇ دەپ ئويلىشى مۇمكىن ئىدى. ئەمەلىيەتتە، خىتايلار بۇ يېڭى بىرىكمىنى ئاساسەن بىر نەرسىلەرنى پارچىلاش ئۈچۈنلا ئىشلەتتى. ھەتتا سوڭ سۇلالىسى موڭغۇللارنىڭ تاجاۋۇزىغا دۇچ كەلگەندىمۇ، ھېچقانداق پادىشاھ ۋەيران قىلغۇچ قورال ئىجاد قىلىشنى ئاساس قىلىدىغان ئوتتۇرا ئەسىر «مانخاتتان لايىھەسى»نى تۈزۈش ئارقىلىق ئىمپېرىيەنى قۇتقۇزۇشقا ھەرىكەت قىلمىدى. پەقەت 15-ئەسىردە، يەنى ئوق دورىسى كەشىپ قىلىنىپ تەخمىنەن 600 يىلدىن كېيىن، زەمبىرەكلەر ئاسىيا-ئافرىقا جەڭ مەيدانلىرىدا ھەل قىلغۇچ ئامىلغا ئايلاندى. نېمە ئۈچۈن ئوق دورىنىڭ ۋەيران قىلغۇچ كۈچى ھەربىي جەھەتتە شۇنچە ئۇزۇن ۋاقىت ئىشلىتىلمىدى؟ چۈنكى ئۇ پەيدا بولغان ۋاقىتتا پادىشاھلار، ئالىملار ياكى سودىگەرلەر يېڭى ھەربىي تېخنىكىنىڭ ئۇلارنى قۇتقۇزالايدىغانلىقى ياكى بېيىتالايدىغانلىقىنى ئويلىمايتتى.
-15، -16ئەسىرلەردە ۋەزىيەت ئۆزگىرىشكە باشلىدى، ئەمما كۆپىنچە ھۆكۈمرانلارنىڭ يېڭى قورال-ياراغلارنى تەتقىق قىلىش ۋە تەرەققىي قىلدۇرۇشقا مەبلەغ سېلىشقا قىزىقىشى ئۈچۈن يەنە 200 يىل ۋاقىت كەتتى. تېخنىكىغا باققاندا، تەمىنلەش ۋە ئىستراتېگىيە ئۇرۇش نەتىجىسىگە تېخىمۇ چوڭ تەسىر كۆرسەتتى. ئاۋستېرلىتس (1805) جېڭىدە ياۋروپا كۈچلىرىنىڭ قوشۇنلىرىنى يەڭگەن ناپولېئون ئارمىيەسى ئىشلەتكەن قورللار، لۇئىس XVI نىڭ ئارمىيەسى ئىشلەتكەن قورال-ياراغلارغا ئوخشايتتى. ناپولېئوننىڭ ئۆزىمۇ ئەسلىدە زەمبىرەكچى ئەسكەر بولسىمۇ، ئالىملار ۋە كەشپىياتچىلار ئۇنى ئۇچار جىسىم، سۇ ئاستى كېمىلىرى ۋە راكېتالارنى تەرەققىي قىلدۇرۇشقا مەبلەغ سېلىشقا قايىل قىلماقچى بولسىمۇ، ئۇ يېڭى قوراللارغا ئانچە قىزىقمىدى.
پەن-تېخنىكا، سانائەت ۋە ھەربىي تېخنىكا پەقەت كاپىتالىستىك تۈزۈم ۋە سانائەت ئىنقىلابى بىلەن بىرلەشتى. بۇ مۇناسىۋەت ئورنىتىلغاندىن كېيىن، ئۇ تېزلا دۇنيانى ئۆزگەرتتى.
[1] سپېكتىر (Spectrum) كائىناتتىكى ئېلېكتىر-ماگنېتلىق رادىئاتسىيەدىن ھاسىل بولىدىغان نۇر، نۇر سىزىقلىرى ۋە شەكىللەر. بۇنىڭ بەزىلىرىنى كۆز بىلەن كۆرگىلى بولىدۇ، (مەسىلەن ھەسەن-ھۈسەندىكى رەڭلەر)، بەزىلىرىنى كۆرگىلى بولمايدۇ . -ت
[2]ھېنرىخ شىلمان (1822–1890) گېرمانىيەلىك سودىگەر ۋە ئارخىئولوگىيە ھەۋەسكارى.
[3] ماكس ۋېبېر (1864–1920) گېرمانىيەلىك جەمئىيەتشۇناس.
[4] ھاباكۇك—مىلادىدىن بۇرۇن 6-ئەسىردە ئۆتكەنلىكى قەيت قىلىنغان يەھۇدى پەيغەمبىرى. -ت
[5] يەرەمىيا—قەدىمكى مىسىردا ئۆتكەن يەھۇدىي پەيغەمبىرى، ئىنجىلدا ئىسمى ئۇچرايدۇ، «يىغلايدىغان پەيغەمبەر» دېگەن مەنىدە. -ت
[6] مۇقەددەس يۇھاننا—مىلادىدىن بۇرۇنقى 6-يىلدىن مىلادىدىن كېيىنكى 30-يىلغىچە ياشىغان يەھۇدىي پەيغەمبىرى، ئىسا پەيغەمبەرنى يۇيۇندۇرغان زات، ئىسلام دىنىدا ئۇ زەكەرىيا ئەلەيھىسسالامنىڭ ئوغلى يەھيا ئەلەيھىسسالام دەپ قارىلىدۇ.
[7] لانگلېي (Langley) ئامېرىكانىڭ ۋىرجىنىيە شىتاتىدىكى بىر جاينىڭ نامى.
[8] FMRI (functional Magnetic Resonance Imaging) مېڭىدىكى فونكىسىيەلىك ماگنېتلىق رېزونانس تەسۋىرى.
[9]كارتىج (Carthage) قەدىمكى ئوتتۇرا دېڭىز رايونىدىكى مەشھۇر سودا مەركەزلىرىنىڭ بىرى بولۇپ، بۈگۈن شىمالىي ئافرىقىدىكى تۇنىسقا تەۋە بىر شەھەر.
[10] ماكېدونىيە—قەدىمكى گرېكلارغا تەۋە پادىشاھلىق بولۇپ، جەنۇبىي بالقان يېرىم ئارىلىغا جايلاشقان. بۈگۈن ئۇ مۇستەقىل جۇمھۇرىيەت.
[11] مىلادىدىن ئىلگىرى 312-يىل غەربىي ئاسىيادا قۇرۇلغان بىر پادىشاھلىق؛ ئمپېراتور ئالېكساندېرنىڭ بۈيۈك ماكېدونىمپېرىيەسى پارچىلانغاندىن كېيىن بۆلۈنۈپ چىققان.
[12]نۇمانتىيە (ئىسپانچە نۇمانسىيە) ئوتتۇرا دېڭىزدىن ئاتلانتىك ئوكيانغا ئۆتىدىغان جەبىلتارىق بوغۇزى بويلىرىدىكى بىر جاينىڭ نامى، قەدىمدىن تارتىپ ئىسپانىيە تەۋەسىدە بولۇپ كەلگەن. مىلادىدىن ئىلگىرىكى 153-يىل نۇمانتىيە بىلەن رىم قاتتىق ئۇرۇشقان.

Leave a Reply