ساپىيانس: ئىنسانلارنىڭ قىسقىچە تارىخى(29)

ئالاموگوردو، 1945-يىل 16-ئىيۇل، 05:29:53. تۇنجى ئاتوم بومبىسى پارتلىغاندىن كېيىنكى سەككىز سېكۇنت. يادرو فىزىكىسى ئالىمى روبېرت ئوپېنخېمېر[1] پارتلاشنى كۆرگەندە، باھاگاۋاد گىتادىن[2] نەقىل كەلتۈرۈپ: «مەن ئەمدى ئۆلۈمگە، دۇنيالارنىڭ ۋەيران قىلغۇچىسىغا ئايلاندىم» دېگەن.

[1] روبېرت ئوپېنخېمېر (1904–1967)، ئامېرىكانىڭ نەزەرىيە فىزىكا ئالىمى.  ئۇ ئاتوم بومبىسىنىڭ ئاتىسى دەپ تەرىپلىنىدۇ. -ت

[2]باھاگاۋاد گىتا–  سانسىكرىتچە «ئىلاھىي كۈي» دېگەن مەنىدە بولۇپ، ھىندىلارنىڭ مىلادىدىن بۇرۇنقى 2-ئەسىرگە تەۋە سانسىكرىت يازمىلىرى، «ماھابارات داستانى»نىڭ پارچىلىرىدۇر.  -ت


4-قىسىم

پەن-تېخنىكا ئىنقىلاۋى

نادانلىقنىڭ بايقىلىشى

مۇبادا ئىسپانىيەلىك بىر دېھقان مىلادىيە 1000-يىلى ئۇخلاپ قېلىپ، 500 يىلدىن كېيىن، كولۇمبونىڭ دېڭىزچىلىرى نىنيا، پىنتا ۋە سانتا مارىيا كېمىلىرىگە چىققان ۋاقىتتا ئويغانغان بولسا، دۇنيا ئۇنىڭغا تونۇش تۇيۇلغان بولاتتى. تېخنىكا، ئۆرپ-ئادەت ۋە سىياسىي چېگرالاردىكى نۇرغۇن ئۆزگىرىشلەرگە قارىماي، ئوتتۇرا ئەسىردىكى بۇ رىپ ۋان ۋىنكل[1] ئۆزىنى ئۆيىدىكىدەك ھېس قىلغان بولاتتى. ئەمما كولۇمبونىڭ دېڭىزچىلىرىدىن بىرى شۇنداق ئۇخلاپ قېلىپ، 21-ئەسىردىكى ئايفوننىڭ زىل ئاۋازى بىلەن ئويغانغان بولسا، بەلكىم ئۆزىنى غەلىتە بىر دۇنيادا كۆرۈپ، «بۇ جەننەتمۇ ياكى دوزاخمۇ» دەپ سورىغان بولاتتى.

ئاخىرقى 500 يىل، ئىنسانلارنىڭ مىسلى كۆرۈلمىگەن تەرەققىياتىغا گۇۋاھ بولدى. 1500-يىلى، پۈتۈن دۇنيادا تەخمىنەن 500 مىليون ئىنسان بار ئىدى. بۈگۈن، 7 مىليارد ئىنسان بار. 1500-يىلى ئىنسانىيەت ياراتقان بايلىق ۋە مۇلازىمەتلەرنىڭ ئومۇمىي قىممىتى ھازىرقى پۇل بىلەن 250 مىليارد دوللار دەپ مۆلچەرلەنگەن. ھازىر ئىنسانلارنىڭ بىر يىللىق  ئىشلەپچىقىرىشنىڭ قىممىتى 60 تىرىليون دوللارغا يېقىن. 1500-يىلى، ئىنسانلار كۈنىگە تەخمىنەن 13 تىرىليون كالورىيە ئېنېرگىيە ئىستېمال قىلاتتى. بۈگۈن، بىز كۈنىگە 1500 تىرىليون كالورىيە ئىستېمال قىلىمىز. (بۇ رەقەملەرگە يەنە بىر قېتىم قاراڭ – ئىنسان نوپۇسى 14 ھەسسە، ئىشلەپچىقىرىش 240 ھەسسە، ئېنېرگىيە ئىستېمالى 115 ھەسسە ئاشقان.)

زامانىۋى بىر ئۇرۇش پاراخوتى كولۇمبو دەۋرىگە قايتۇرۇلغان بولسا، بىر نەچچە سېكۇنت ئىچىدىلا نىنيا، پىنتا ۋە سانتا مارىيا كېمىلىرىنى پارچىلىۋېتەلەيتتى ھەم شۇ دەۋردىكى بارلىق كۈچلۈك دۆلەتلەرنىڭ دېڭىز ئارمىيىسىنى ھېچقانداق زىيان تارتمايلا چۆكتۈرەلەيتتى. بۈگۈن زامانىۋى بەش يۈك پاراخوتى ئۆتمۈشتە پۈتۈن دۇنيانىڭ سودا كېمىلىرى توشۇيدىغان يۈكنىڭ ھەممىسىنى توشۇيالايدۇ. زامانىۋى بىر كومپيۇتېر ئوتتۇرا ئەسىردىكى بارلىق كۇتۇپخانىلارغا قويۇلغان كىتاب-يازمىلاردىكى سۆز، رەقەملەرنى ئاسانلا ساقلىيالايدۇ. بۈگۈنكى ھەرقانداق چوڭ بانكا ئۆتمۈشتىكى بارلىق پادىشاھلىقلارنىڭ پۇللىرى كۆپ پۇلغا ئىگە.

-1500يىلى، ئاز ساندىكى شەھەرلەرنىڭلا نوپۇسى يۈز مىڭدىن ئاشاتتى. كۆپىنچە بىنالار لاي، ياغاچ ۋە ساماندىن ياسالغان بولۇپ، ئۈچ قەۋەتلىك بىنا ئاسمان-پەلەك بىنا ھېسابلىناتتى. كوچىلار بولسا پىيادىلەر، ئاتلار، ئۆچكىلەر، توخۇلار ۋە بىر قانچە ھارۋىلار ماڭىدىغان كاداڭ يول بولۇپ، يازدا چاڭ-توزان، قىشتا پاتقاق بولاتتى. شەھەردە ئەڭ كۆپ ئاڭلىنىدىغان ئاۋازلار ئىنسان ۋە ھايۋانلارنىڭ ئاۋازلىرى، بەزىدە بولقا-ھەرە ئاۋازلىرى ئىدى. كۈن پاتقاندا، شەھەر قاراڭغۇلۇققا چۆمۈپ، پەقەت ئارىلاپ يانغان شام ياكى مەشئەللەرلا كۆرۈنەتتى. شۇنداق بىر شەھەرنىڭ ئاھالىسى زامانىۋى توكيو، نيۇ-يورك ياكى بومباينى كۆرسە، نېمىلەرنى ئويلار ئىدى؟

Sheep in astronaut suit standing on moon surface with lunar module, Earth, and American flag visible

-16ئەسىردىن بۇرۇن، ھېچقانداق ئىنسان يەر شارىنى ئايلىنىپ چىقمىغانىدى. بۇ ئەھۋال 1522-يىلى، ماگېللاننىڭ ئەترىتى 72 مىڭ كىلومېتىرلىق سەپەردىن كېيىن ئىسپانىيەگە قايتىپ كەلگەندە ئۆزگەردى. بۇ سەپەرگە ئۈچ يىل ۋاقىت كەتتى ھەم ماگېللان قاتارلىق دېڭىزچىلارنىڭ كۆپىنچىسىنىڭ ھاياتىغا زامىن بولدى. 1873-يىلى، ژۇلى ۋېرن[2] ئەنگلىيەلىك باي تەۋەككۇلچى فىلېئاس فوگنىڭ دۇنيانى 80 كۈندە ئايلىنىپ چىقالىشىنى تەسەۋۋۇر قىلالىغانىدى. بۈگۈن ئوتتۇرا تەبىقىلىك كىرىمى بار ھەرقانداق كىشى 48 سائەت ئىچىدە دۇنيانى بىخەتەر ۋە ئاسانلا ئايلىنىپ چىقالايدۇ.

1500-يىلى، ئىنسانلار يەر شارىنىڭ يۈزىدىلا ھەرىكەت قىلاتتى. ئۇلار مۇنارلارنى ياساپ، تاغلارغا چىقالايتتى، ئەمما ئاسمان قۇشلار، پەرىشتىلەر ۋە ئىلاھلارغا تەۋە ئىدى. 1969-يىلى 20-ئىيۇلدا ئىنسانلار ئايغا قەدەم باستى. بۇ پەقەت تارىخىي نەتىجىلا ئەمەس، بەلكى تاكامۇللۇق ۋە ئالەمشۇمۇل بىر مۇۋەپپەقىيەت ئىدى. ئالدىنقى 4 مىليارد يىللىق تەدرىجىي تەرەققىيات جەريانىدا، ھېچقانداق جانلىق يەر شارى ئاتموسفېراسىدىن چىقىپ باقمىغان، ئەلۋەتتە ھېچقايسىسى ئايغا پۇت ياكى پەنجە ئىزى قالدۇرمىغانىدى.

تارىخنىڭ كۆپ قىسمىدا، ئىنسانلار پىلانېتىمىزدىكى جانلىقلارنىڭ 99.99 پىرسەنتىنى تەشكىل قىلىدىغان مىكروئورگانىزملار ھەققىدە ھېچنېمە بىلمەيتتى. بۇ ئۇلارنىڭ بىزگە مۇناسىۋەتسىز بولغانلىقىدىن ئەمەس. ھەر بىرىمىزنىڭ ئىچىدە نەچچە مىليارد تاق ھۈجەيرىلىك جانلىقلار بار بولۇپ، ئۇلار پەقەت تەييارتاپلارلا ئەمەس. ئۇلار بىزنىڭ ئەڭ ياخشى دوستلىرىمىز ۋە ئەڭ خەتەرلىك دۈشمەنلىرىمىزدۇر. بەزىلىرى يېمەكلىرىمىزنى ھەزىم قىلىپ، ئۈچەيلىرىمىزنى تازىلايدۇ، بەزىلىرى كېسەللىك ۋە ۋابالارنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ. شۇنداقتىمۇ پەقەت 1674-يىلى، ئانتون ۋان لېۋېنھوك[3] ئۆزى ياسىغان مىكروسكوپتىن، بىر تامچە سۇدا كىچىككىنە جانلىقلارنىڭ توپ-توپ بولۇپ ھەرىكەتلىنىۋاتقانلىقىنى كۆرۈپ ھەيران قالغاندىلا، ئىنسانلار تۇنجى قېتىم مىكروئورگانىزمنى كۆردى. كېيىنكى 300 يىل ئىچىدە، ئىنسانلار نۇرغۇن مىكروسكوپىك تۈرلەر بىلەن تونۇشتى. بىز ئۇلار كەلتۈرۈپ چىقارغان ئەڭ ئەجەللىك يۇقۇملۇق كېسەللىكلەرنىڭ كۆپىنچىسىنى يېڭەلىدۇق ھەمدە مىكروئورگانىزملارنى مېدىتسىنا ۋە سانائەت خىزمىتىگە سالدۇق. بۈگۈن بىز باكتېرىيەلەرنى دورا ئىشلەپچىقىرىش، بىئو يېقىلغۇ ياساش ۋە پارازىتلارنى يوقىتىش ئۈچۈن قوللىنىۋاتىمىز.

ئەمما ئۆتكەن 500 يىلدىكى ئەڭ دىققەتكە سازاۋەر ۋەقە 1945-يىلى 16-ئىيۇل سائەت 05 تىن 29 مىنۇت، 45 سېكونت ئۆتكەندە يۈز بەردى. دەل شۇ سېكۇنتتا، ئامېرىكىلىق ئالىملار نيۇ-مېكسىكىدىكى ئالاموگوردودا تۇنجى ئاتوم بومبىسىنى پارتلاتتى. شۇ ۋاقىتتىن باشلاپ، ئىنسانىيەت پەقەت تارىخنىڭ يۆنىلىشىنى ئۆزگەرتىشلا ئەمەس، بەلكى ئۇنى تۈگىتىش ئىقتىدارىغىمۇ ئىگە بولدى.

ئالاموگوردو ۋە ئايغا چىقىشقا تۈرتكە بولغان تارىخىي جەريان «پەن-تېخنىكا ئىنقىلاۋى» دەپ ئاتىلىدۇ. بۇ ئىنقىلاب جەريانىدا ئىنسانىيەت ئىلمىي تەتقىقاتقا مەبلەغ سېلىش ئارقىلىق زور يېڭى كۈچلەرگە ئېرىشتى. بۇ بىر ئىنقىلاب، چۈنكى مىلادىيە 1500-يىلغىچە، پۈتۈن دۇنيادىكى ئىنسانلار يېڭى تىببىي، ھەربىي ۋە ئىقتىسادىي كۈچلەرگە ئېرىشىش ئىقتىدارىغا گۇمان بىلەن قارايتتى. ھۆكۈمەت ۋە بايلار مائارىپ بىلەن ئىلىم-پەنگە مەبلەغ ئاجراتسىمۇ، ئۇلارنىڭ نىشانى ئاساسەن يېڭى ئىقتىدارلارغا ئېرىشىش ئەمەس، بەلكى مەۋجۇت ئىقتىدارلىرىنى ساقلاپ قېلىش ئىدى. زامانىۋى دەۋردىن بۇرۇنقى ھۆكۈمدارلار ئادەتتە روھانىيلار، پەيلاسوپلار ۋە شائىرلارغا خانلىق ھاكىمىيەتنى قانۇنلاشتۇرۇش ۋە ئىجتىمائىي تەرتىپنى ساقلاش ئۈمىدىدە پۇل بېرەتتى؛ ئەمما ئۇلاردىن يېڭى دورىلارنى بايقاش، يېڭى قوراللارنى ئىجاد قىلىش ياكى ئىقتىسادىي گۈللىنىشنى ئىلگىرى سۈرۈش دېگەنلەرنى كۈتمەيتتى.

Wooden sailing ship breaking apart as a modern rocket launches beside it over ocean waves

ئاخىرقى بەش ئەسىر جەريانىدا، ئىنسانلار ئىلمىي تەتقىقاتقا مەبلەغ سېلىش ئارقىلىق ئۆز ئىقتىدارلىرىنى ئاشۇرالايدىغانلىقىغا بارغانسېرى ئىشىنىشكە باشلىدى. بۇ قۇرۇق ئېتىقاد ئەمەس ئىدى – بۇ قايتا-قايتا تەجرىبە ئارقىلىق ئىسپاتلاندى. ئىسپاتلار قانچە كۆپ بولسا، باي كىشىلەر ۋە ھۆكۈمەتلەر پەن-تېخنىكىغا شۇنچە كۆپ مەبلەغ سالغىلى تەييار بولدى. مۇنداق مەبلەغ سېلىشلار بولمىغان بولسا، بىز ئايغا چىقىش، مىكروئورگانىزملارنى قايتا لايىھەلەش ۋە ئاتومنى پارچىلاشقا ھەرگىز قادىر بولالمىغان بولاتتۇق. مەسىلەن، ئامېرىكا ھۆكۈمىتى يېقىنقى ئون يىللاردا يادرو فىزىكىسىنى تەتقىق قىلىشقا مىليارد دوللارلاپ مەبلەغ ئاجراتتى. بۇ تەتقىقاتتىن كەلگەن بىلىملەر يادرو ئېلېكتىر ئىستانسىلىرىنى قۇرۇشقا ئىمكان بەردى، بۇ ئىستانسىلار ئامېرىكا سانائىتىگە ئەرزان ئېلېكتىر تەمىنلەيدۇ، بۇ سانائەتلەر ئامېرىكا ھۆكۈمىتىگە باج تۆلەيدۇ، ھۆكۈمەت بۇ باجلارنىڭ بىر قىسمىنى يادرو فىزىكىسىنى تېخىمۇ تەتقىق قىلىشقا ئىشلىتىدۇ.

زامانىۋى ئىنسانلارنىڭ نېمە ئۈچۈن تەتقىقات ئارقىلىق يېڭى كۈچلەرگە ئېرىشەلەيدىغانلىقىغا بولغان ئىشەنچى كۈچەيدى؟ پەن-تېخنىكا، سىياسەت ۋە ئىقتىسادنى باغلايدىغان رىشتە قانداق شەكىللەندى؟ بۇنىڭغا قىسمەن بولسىمۇ جاۋاب بېرىش ئۈچۈن، بۇ بابتا زامانىۋى ئىلىم-پەننىڭ ئۆزگىچە تەبىئىتىگە قاراپ چىقىمىز. كېيىنكى ئىككى بابتا پەن-تېخنىكا، ياۋروپا ئىمپېرىيەلىرى ۋە كاپىتالىزم ئىقتىسادى ئوتتۇرىسىدىكى ئىتتىپاقنىڭ قانداق شەكىللەنگەنلىكىنى مۇھاكىمە قىلىمىز.

بىز بىلمەيمىز

ئىنسانلار ئەقىل ئىنقىلابىدىن باشلاپلا كائىناتنى چۈشىنىشكە تىرىشىپ كەلگەن. ئەجدادلىرىمىز تەبىئەت دۇنياسىنى باشقۇرىدىغان قانۇنىيەتلەرنى بايقاش ئۈچۈن نۇرغۇن كۈچ ۋە ۋاقىت سەرپ قىلغان. بىراق زامانىۋى پەن ئىلگىرىكى بارلىق بىلىم ئەنئەنىلىرىدىن ئۈچ جەھەتتە پەرقلىنىدۇ:

  1. بىلمەسلىكنى ئېتىراپ قىلىش ئىرادىسى. زامانىۋى پەن لاتىنچە «ئىگنوراموس» – «بىز بىلمەيمىز» دېگەن پرىنسىپقا ئاساسلانغان. ئۇ بىزنىڭ ھەممىنى بىلمەيدىغانلىقىمىزنى پەرەز قىلىدۇ. تېخىمۇ مۇھىمى، بىز تېخىمۇ كۆپ بىلىمگە ئېرىشكىنىمىزدە، ئىلگىرى بىلىمىز دەپ قارىغان نەرسىلەرنىڭ خاتا ئىكەنلىكىنىڭ ئىسپاتلىنىشى مۇمكىنلىكىنى قوبۇل قىلىدۇ. ھېچقانداق چۈشەنچە، ئىدىيە ياكى نەزەرىيە مۇقەددەس ئەمەس، ھەممىسى سوئال-سوراقتىن خالىي بولالمايدۇ.

2) كۆزىتىش ۋە ماتېماتىكىنىڭ مەركىزىي ئورۇندا تۇرۇشى. بىلمەسلىكنى ئېتىراپ قىلغاندىن كېيىن، زامانىۋى پەن يېڭى بىلىملەرگە ئېرىشىشنى نىشان قىلىدۇ. يېڭى بىلىمگە ئېرىشىش بولسا كۆزىتىشلەرنى توپلاش، ئاندىن ئۇنى ماتېماتىكىلىق قوراللار ئارقىلىق مۇكەممەل نەزەرىيەلەرگە باغلاش ئارقىلىق ئەمەلگە ئاشىدۇ.

3) يېڭى كۈچلەرگە ئېرىشىش. زامانىۋى پەن پەقەت نەزەرىيەلەرنى يارىتىش بىلەنلا چەكلەنمەيدۇ. ئۇ بۇ نەزەرىيەلەرنى يېڭى كۈچلەرگە، بولۇپمۇ يېڭى تېخنىكىلارنى يارىتىشقا ئىشلىتىدۇ.

پەن-تېخنىكا ئىنقىلاۋى بىر بىلىم ئىنقىلابى ئەمەس ئىدى. ئۇ ئاساسەن بىلمەسلىك ئىنقىلابى ئىدى. پەن-تېخنىكا ئىنقىلابىنى باشلىغان چوڭ بايقاش شۇكى، ئىنسانلار ئۆزلىرىنىڭ ئەڭ مۇھىم سوئاللىرىنىڭ جاۋابىنى تېخى بىلمەيدىغانلىقىنى بىلدى.

Glowing triangular symbol with runes on rocky islet emitting vertical light beam over dark ocean

زامانىۋى دەۋردىن بۇرۇنقى ئىسلام، خرىستىيان، بۇددا ۋە كوڭزىچىلىققا ئوخشاش بىلىم ئەنئەنىلىرى دۇنيا ھەققىدە بىلىشكە تېگىشلىك بارلىق مۇھىم نەرسىلەرنىڭ ئاللىبۇرۇن مەلۇم ئىكەنلىكىنى جاكارلىغان. ئۇلۇغ ئىلاھلار، ھەممىگە قادىر بىر مۇتلەق تەڭرى ياكى قەدىمكى دانىشمەنلەر ھەممىنى بىلىدىغان دانالىققا ئىگە بولۇپ، بۇنى بىزگە مۇقەددەس كىتابلار ۋە ئېغىزاكى مەدەنىيەت (ئەنئەنە) ئارقىلىق يەتكۈزگەن. ئادەتتىكى كىشىلەر بۇ قەدىمىي كىتابلار ۋە ئەنئەنىلەرنى چوڭقۇر ئۆگىنىش ھەم توغرا چۈشىنىش ئارقىلىق بىلىمگە ئېرىشەتتى. ئىنجىل، قۇرئان ياكى نوملاردا كائىناتنىڭ مۇھىم بىر سىرى—گۆش-قان بىلەن پۈتۈلگەن مەخلۇقلار تېخى بايقىمىغان بىر سىرنىڭ كەم قالغانلىقى تەسەۋۋۇر قىلىنمايتتى.

قەدىمكى بىلىم ئەنئەنىلىرى پەقەت ئىككى خىل بىلمەسلىكنى ئېتىراپ قىلاتتى. بىرىنچىسى، بىر شەخس مۇھىم بىر نەرسىنى بىلمەسلىكى مۇمكىن. زۆرۈر بولغان بىلىمگە ئېرىشىش ئۈچۈن، ئۇ پەقەت دانىشمەنراق بىرىدىن سورىسىلا بولاتتى، تېخى ھېچكىم بىلمەيدىغان بىر نەرسىنى بايقاشنىڭ ھاجىتى يوق ئىدى. مەسىلەن، 13-ئەسىردىكى يوركشىر يېزىسىدىكى[4] بىر دېھقان ئىنسان ئىرقىنىڭ كېلىپ چىقىشىنى بىلمەكچى بولسا، خرىستىيان دىنىدا ئېنىق جاۋاب بار دەپ ئويلايتتى ھەم يەرلىك پوپتىن سورىسىلا بولاتتى.

ئىككىنچىسى، پۈتۈن بىر ئەنئەنە مۇھىم بولمىغان نەرسىلەرنى بىلمەسلىكى مۇمكىن. مۇنداقچە ئېيتقاندا، ئۇلۇغ ئىلاھلار ياكى قەدىمكى دانىشمەنلەر بىزگە ئېيتىپ بېرىشنى خالىمىغان ھەرقانداق نەرسە مۇھىم ئەمەس ئىدى. مەسىلەن، ئەگەر بىزنىڭ يوركشىر دېھقىنىمىز ئۆمۈچۈكلەرنىڭ قانداق  تور توقۇيدىغانلىقىنى بىلمەكچى بولسا، پوپتىن سوراشنىڭ پايدىسى يوق ئىدى، چۈنكى خرىستىيان دىنىنىڭ مۇقەددەس كىتابلىرىدا بۇ سوئالغا جاۋاب يوق ئىدى. بىراق بۇ خرىستىيان دىنىنىڭ يېتەرسىز ئىكەنلىكىنى ئەمەس، بەلكى ئۆمۈچۈكلەرنىڭ قانداق تور توقۇيدىغانلىقىنى بىلىشنىڭ مۇھىم ئەمەسلىكىنى كۆرسىتەتتى. چۈنكى خۇدا بەرىبىر ئۆمۈچۈكلەرنىڭ قانداق تور توقۇيدىغانلىقىنى ياخشى بىلەتتى. ئەگەر بۇ، ئىنسانلارنىڭ گۈللىنىشى ۋە نىجاتلىقى ئۈچۈن زۆرۈر بولغان مۇھىم ئۇچۇر بولسا، خۇدا ئۇنىڭ تەپسىلىي چۈشەندۈرۈشىنى ئىنجىلغا كىرگۈزگەن بولاتتى.

خرىستىيان دىنى كىشىلەرنىڭ ئۆمۈچۈكلەرنى تەتقىق قىلىشىنى چەكلىمىگەن. ئەمما ئۆمۈچۈك تەتقىقاتچىلىرى – ئەگەر ئوتتۇرا ئەسىر ياۋروپادا بولغان بولسا – جەمئىيەتتىكى ئېتىبارسىز ئورنىنى ۋە ئۆزلىرىنىڭ بايقاشلىرىنىڭ خرىستىيان دىنىنىڭ مەڭگۈلۈك ھەقىقەتلىرىگە مۇناسىۋەتسىز ئىكەنلىكىنى قوبۇل قىلىشى كېرەك ئىدى. بىر ئالىم ئۆمۈچۈكلەر، كېپىنەكلەر ياكى گالاپاگوس قۇشلىرى ھەققىدە نېمىنى بايقىسۇن، بۇ بىلىم پەقەت ئۇششاق-چۈششەك مەلۇمات بولۇپ، جەمئىيەت، سىياسەت ۋە ئىقتىسادنىڭ ئاساسىي ھەقىقەتلىرىگە ھېچقانداق تەسىر كۆرسىتەلمەيتتى.

ئەمەلىيەتتە، ئىشلار ھېچقاچان بۇنچىلىك ئاددىي بولمىغان. ھەر دەۋردە، ھەتتا دىن كۈچەيگەن ئەڭ مۇتئەسسىپ دەۋرلەردىمۇ، پۈتۈن ئەنئەنىدە ئىنسانلار بىلمەيدىغان مۇھىم نەرسىلەر بارلىقىنى مۇنازىرە قىلغان كىشىلەر بولغان. بىراق بۇنداق كىشىلەر ئادەتتە چەتكە قېقىلغان ياكى زىيانكەشلىككە ئۇچرىغان؛ ياكى ئۇلار يېڭى بىر ئەنئەنە قۇرۇپ، ئۆزلىرىنىڭ بىلىشكە تېگىشلىك ھەممە نەرسىنى بىلىدىغانلىقىنى دەۋا قىلغان. مەسىلەن، مۇھەممەد پەيغەمبەر ئۆزىنىڭ دىنىي ھاياتىنى ئىلاھىي ھەقىقەتتىن بىخەۋەر ياشاۋاتقان ئەرەب قېرىنداشلىرىنى ئەيىبلەش بىلەن باشلىغان. بىراق مۇھەممەد ئۆزىمۇ ناھايىتى تېزلا تولۇق ھەقىقەتنى بىلىدىغانلىقىنى دەۋا قىلىشقا باشلىغان ۋە ئەگەشكۈچىلىرى ئۇنى «ئاللاھنىڭ ئەلچىسى» دەپ ئاتاشقا باشلىغان. شۇنىڭدىن كېيىن، مۇھەممەدكە ئاتا قىلىنغان ۋەھيىدىن باشقا ھېچنەرسە ئۇنىڭ ھەقىقىتىنى كۆرسىتەلمىگەن.  

 زامانىۋى ئىلىم-پەننىڭ ئۆزگىچە ئەنئەنىسى بار، ئۇ بولسىمۇ ئىلىم-پەن كىشىلەرنىڭ ئەڭ مۇھىم مەسىلىلەرنى تېخى بىلمەيدىغانلىقىنى ئوچۇق ئېتىراپ قىلىدۇ. دارۋىن ئۆزىنى «بىئولوگلارنىڭ پىرى» دەپ دەۋا قىلمىغان ۋە ھاياتلىق سىرىنى بىر يولىلا ھەل قىلدىم دېمىگەن. نەچچە ئەسىرلىك كەڭ كۆلەملىك ئىلمىي تەتقىقاتتىن كېيىن، بىئولوگلار مېڭىنىڭ ئاڭ-سەزگۈنى قانداق ھاسىل قىلىدىغانلىقىنى تېخى چۈشەندۈرەلمىگەنلىكىنى ئېتىراپ قىلىدۇ. فىزىكىلار چوڭ پارتلاشنىڭ نېمىدىن كېلىپ چىققانلىقىنى، كۋانتۇم ھەرىكىتى بىلەن ئومۇمىي نىسپىيلىك نەزەرىيىسىنى قانداق بىرلەشتۈرۈشنى بىلمەيدىغانلىقىنى ئېتىراپ قىلىدۇ.

بەزى ئەھۋالدا، رىقابەتتتىكى ئىلمىي نەزەرىيەچىلەر ئۈزلۈكسىز ئوتتۇرىغا چىقىۋاتقان يېڭى دەلىللەر ئاساسىدا داۋاملىق مۇنازىرە قىلىدۇ. بۇنىڭ تىپىك مىسالى ئىقتىسادنى قانداق باشقۇرۇش ھەققىدىكى مۇنازىرىلەردۇر. گەرچە بەزى ئىقتىسادشۇناسلار ئۆزلىرىنىڭ ئۇسۇلى ئەڭ ياخشى دەپ دەۋا قىلسىمۇ، ھەر قېتىملىق پۇل-مۇئامىلە كرىزىسى ۋە پاي چېكى بازىرى كۆپۈكى بىلەن ئەنئەنىۋى قاراشلار ئۆزگىرىپ تۇرىدۇ. شۇڭا ئىقتىساد ھەققىدە مۇتلەق ھەقىقەتنىڭ تېخى ئوتتۇرىغا چىقمىغانلىقىنى ھەممە ئادەم ئېتىراپ قىلىدۇ.

يەنە بەزى ئەھۋالدا، مەلۇم نەزەرىيىلەر مەۋجۇت دەلىللەر تەرىپىدىن ئىزچىل قوللاپ-قۇۋۋەتلەنلىكى ئۈچۈن، باشقا قاراشلار بۇرۇنلا يوقاپ كەتكەن. بۇنداق نەزەرىيىلەر ھەقىقەت دەپ قوبۇل قىلىنىدۇ، بىراق بۇ نەزەرىيىگە زىت كېلىدىغان يېڭى دەلىللەر ئوتتۇرىغا چىقسا، ئۇنىڭغا  قايتا باھا بېرىش ياكى ئۇنىڭدىن ۋاز كېچىش كېرەكلىكىگە ھەممە ئادەم قوشۇلىدۇ. بۇنىڭ ياخشى مىساللىرى يەر قاتلىمى ھەرىكىتى نەزەرىيىسى ۋە تەدرىجىي تەرەققىيات نەزەرىيىسىدۇر.

Vintage maps, globe, magnifying glass, sextant, candle holders, and books on wooden table

بىلمەسلىكنى ئېتىراپ قىلىش ئىرادىسى زامانىۋى ئىلىم-پەننى ئىلگىرىكى ھەرقانداق بىلىم ئەنئەنىسىگە قارىغاندا تېخىمۇ جانلىق، ھەرىكەتچان ۋە ئىزدىنىشچان قىلدى؛ بۇ دۇنيانىڭ قانداق ھەرىكەت قىلىدىغانلىقىنى چۈشىنىش ۋە يېڭى تېخنىكىلارنى ئىجاد قىلىش ئىقتىدارىمىزنى زور دەرىجىدە ئۆستۈردى. بىراق بۇ بىزگە ئەجدادلىرىمىزنىڭ كۆپىنچىسى دۇچ كەلمىگەن جىددىي مەسىلىنى كەلتۈرۈپ چىقاردى. بىزنىڭ ھەممىنى بىلمەيدىغانلىقىمىز ۋە ئىگە بولغان بىلىملىرىمىزنىڭمۇ ۋاقىتلىق ئىكەنلىكى ھەققىدىكى چۈشەنچىمىز، مىليونلىغان ناتونۇش كىشىلەرنىڭ ئۈنۈملۈك ھەمكارلىشىشىغا ئىمكان بېرىدىغان ئورتاق ئەپسانىلەرگىمۇ تەسىر كۆرسەتمەكتە. ئەگەر دەلىللەر بۇ ئەپسانىلەرنىڭ كۆپىنچىسىنىڭ گۇمانلىق ئىكەنلىكىنى كۆرسەتسە، جەمئىيەتنى قانداق بىرلىككە كەلتۈرەلەيمىز؟ جامائەتلىرىمىز، دۆلەتلىرىمىز ۋە خەلقئارالىق سىستېمىمىز ئۆز رولىنى قانداق جارى قىلدۇرىدۇ؟

يېقىنقى زاماندا ئىجتىمائىي-سىياسىي تەرتىپنى مۇقىملاشتۇرۇش ئۈچۈن قىلىنغان بارلىق ئۇرۇنۇشلار تۆۋەندىكى ئىككى ئىلمىي بولمىغان ئۇسۇلنىڭ بىرىگە تايىنىشقا مەجبۇر بولغان:

1) بىر ئىلمىي نەزەرىيىنى ئېلىپ، ئادەتتىكى ئىلمىي پىرىنسىپلارغا قارشى ھالدا، ئۇنى ئاخىرقى ۋە مۇتلەق ھەقىقەت دەپ جاكارلاش. بۇ ناتسىستلار (ئۆزلىرىنىڭ ئىرقچىلىق سىياسەتلىرىنى بىئولوگىيىلىك پاكىتلارنىڭ نەتىجىسى دەپ دەۋا قىلغان) ۋە كوممۇنىستلار (ماركس بىلەن لېنىن ھېچقاچان رەت قىلىنمايدىغان مۇتلەق ئىقتىسادىي ھەقىقەتلەرنى بايقىغانلىقىنى دەۋا قىلغان) قوللانغان ئۇسۇل.

2. پەننى سىرتتا قالدۇرۇپ، ئىلمىي بولمىغان مۇتلەق ھەقىقەتكە ئاساسەن ياشاش. بۇ لىبېرال ئادەمىيەتچىلىكنىڭ ئىستراتېگىيىسى بولۇپ، ئۇ ئىنسانلارنىڭ ئۆزگىچە قىممىتى ۋە ھوقۇقلىرىغا بولغان دوگماتىك ئىشەنچ ئۈستىگە قۇرۇلغان. ئەمما كىشىنى گاڭگىرىتىپ قويىدىغان يېرى شۇكى، بۇ نەزەرىيە بىلەن ھومو ساپىيانس ھەققىدىكى تەتقىقاتلارنىڭ ئورتاق يېرى يوق دېيەرلىك.  

لېكىن بۇ بىزنى ھەيران قالدۇرماسلىقى كېرەك. ھەتتا پەننىڭ ئۆزىمۇ ئۆز تەتقىقاتىنى ئاقلاش ۋە مەبلەغ بىلەن تەمىنلەش ئۈچۈن دىنىي ۋە ئىدېئولوگىيىلىك ئىشەنچلەرگە تايىنىشقا مەجبۇر.

شۇنداقتىمۇ زامانىۋى مەدەنىيەت ئىلگىرىكى ھەرقانداق مەدەنىيەتكە قارىغاندا، بىلمەسلىكنى تېخىمۇ چوڭ دەرىجىدە ئېتىراپ قىلىشقا رازى بولغان. زامانىۋى ئىجتىمائىي تەرتىپلەرنىڭ بىرلىككە كېلەلىشىگە ئىمكان بەرگەن ئامىللارنىڭ بىرى، تېخنىكا ۋە ئىلمىي تەتقىقات ئۇسۇللىرىغا بولغان ئىشەنچ دىنىي ئېتىقادقا ئوخشاپ قالغان بولۇپ، ئۇ مەلۇم دەرىجىدە مۇتلەق ھەقىقەتلەرگە بولغان ئىشەنچنىڭ ئورنىنى ئالغان.


[1] رىپ ۋان ۋىنكىل — ئامېرىكالىق يازغۇچى ۋاشىنگتون ئىرۋىڭ 1819-يىل ئېلان قىلدۇرغان بىر كىلاسسىك ھېكايىنىڭ باش قەھرىمانى. ھېكايىدە بايان قىلىنىشىچە،  رىپ ۋان ۋىنكىل گوللاندىيە نەسىللىك ئامېرىكالىق دېھقان بولۇپ،  بىر تاغدا ئۇخلاپ قېلىپ، 20 يىلدىن كېيىن ئويغانغان، ئامېرىكانىڭ مۇستەقىللىق ئۇرۇشىنى كۆرەلمەي قالغان. ھېكايىدە ئۆزگىرىش، زامان ۋە تارىخنىڭ ئۆتكۈنچى ئىكەنلىكى يورۇتۇپ بېرىلگەن.   

[2] ژۇلى ۋېرن (1828–1905) فرانسىيەلىك يازغۇچى، شائىر، درامماتورگ. ئۇنىڭ ئىلمىي فانتازىيەلىك رومانلىرى داڭ قازانغان.

[3] ئانتون ۋان لېۋىنھوك (1632–1723) گوللاندىيەنىڭ ئىلىم-پەن گۈللەنگەن دەۋرىدە ياشىغان بىئولوگىيە ئالىمى. ئۇ مىكروسكوپ ئارقىلىق  شەيئىلەرنىڭ تەركىۋى ۋە قانۇنىيەتلىك تۈزۈلۈشىنى ئېنىقلىغان  تۇنجى ئالىم بولغانلىقى ئۈچۈن،  مىكروبىئولوگىيەنىڭ ئاتىسى دەپ قارىلىدۇ.  

[4] ئەنگىلىيەدىكى تارىخىي يېزىلار بولۇپ، ئۇنىڭ مەركىزى يورك بازىرى ئىدى. ئۇ جايغا ئىنسانلارنىڭ ماكانلىشىشى مىلادىدىن بۇرۇنقى 8000-يىللارغا، يەنى مۇز ئېراسىدىن كېيىنكى دەۋرگە توغرا كېلىدۇ دەپ قارالماقتا. -ت

Leave a Reply

Discover more from ئەرتۈرك ئەسەرلىرى

Subscribe now to keep reading and get access to the full archive.

Continue reading