
20.ھومو ساپىيانسنىڭ ئاخىرلىشىشى
بۇ كىتاب تارىخنى فىزىكا، خىمىيە ۋە بىئولوگىيەلىك تەرەققىياتتىن كېيىنكى باسقۇچ سۈپىتىدە تونۇشتۇرۇش بىلەن باشلانغان. ئىنسانلار بارلىق جانلىقلارنى باشقۇرىدىغان فىزىكىلىق كۈچ، خىمىيەلىك رېئاكسىيە ۋە تەبىئىي تاللاش جەريانلىرىغا بويسۇنىدۇ. تەبىئىي تاللاش ئىنسانلارغا باشقا ھەرقانداق جانلىققا بەرگىنىدىن كەڭ مەيدان بەرگەن بولسىمۇ، بۇ مەيداننىڭ يەنىلا چېگرىسى بار. يەنى ئىنسانلارنىڭ تىرىشچانلىقى ۋە نەتىجىلىرى قانداق بولۇشىدىن قەتئىينەزەر، ئۇلار بىئولوگىيەلىك چەكلىمىلەردىن قۇتۇلالمايدۇ.
ئەمما 21- ئەسىرنىڭ تاڭ سەھىرىدە، بۇ ئەمدى راست ئەمەس: ئىنسانلار بۇ چەكلىمىلەردىن ھالقىپ كەتمەكتە. ئۇلار ھازىر تەبىئىي تاللاش قانۇنلىرىنى بۇزۇپ، ئۇنىڭ ئورنىغا ئەقلىي لايىھەلەش قانۇنلىرىنى دەسسەتمەكتە.
تەخمىنەن 4 مىليارد يىل داۋامىدا، يەر شارىدىكى ھەر بىر ئورگانىزم تەبىئىي تاللاش ئاستىدا تەرەققىي قىلغان. ھەتتا ئۇلارنىڭ بىرىمۇ ئەقىللىق ياراتقۇچى تەرىپىدىن لايىھەلەنمىگەن. مەسىلەن، زىراپە ئۆزىنىڭ ئۇزۇن بوينىنى ئۈست ئەقىلنىڭ (تەڭرىنىڭ) خاھىشى بىلەن ئەمەس، بەلكى قەدىمكى زىراپىلار ئارىسىدىكى رىقابەت نەتىجىسىدە قولغا كەلتۈرگەن. ئەڭ دەسلەپتە بوينى ئۇزۇنراق زىراپىلەر كۆپرەك ئوزۇقلۇققا ئېرىشەلىگەن ۋە نەتىجىدە قىسقا بويۇنلۇقلارغا قارىغاندا كۆپرەك نەسىل قالدۇرغان. ھېچكىم، جۈملىدىن زىراپىلەرمۇ «ئۇزۇن بويۇن زىراپىلەرنىڭ دەرەخ ئۈستىدىكى يوپۇرماقلارنى يېيىشىگە ئىمكان بېرىدۇ. كېلىڭلار بويۇننى ئۇزارتايلى» دېمىگەن. دارۋىننىڭ نەزەرىيەسىنىڭ گۈزەللىكى شۇكى، زىراپىلارنىڭ نېمە ئۈچۈن ئۇزۇن بويۇنلۇق بولۇپ قالغانلىقىنى چۈشەندۈرۈش ئۈچۈن ئەقىللىق لايىھىلىگۈچىنى پەرەز قىلىشنىڭ ھاجىتى يوق.
مىليارد يىللار داۋامىدا، ئەقىللىق لايىھەلەش ھەتتا بىر تاللاشمۇ ئەمەس ئىدى، چۈنكى نەرسىلەرنى لايىھەلىيەلەيدىغان ئەقىل يوق ئىدى. يېقىنقى ۋاقىتلارغىچە بىردىنبىر جانلىق مەۋجۇدات بولغان مىكروئورگانىزملار ھەيران قالارلىق ئىشلارنى قىلالايدۇ. بىر تۈردىكى مىكروئورگانىزم پۈتۈنلەي باشقا تۈردىكى گېنېتىك كودلارنى ئۆز ھۈجەيرىسىگە سىڭدۈرۈپ، شۇ ئارقىلىق ئانتىبىيوتىكلارغا قارشىلىق كۆرسىتىش قاتارلىق يېڭى ئىقتىدارلارغا ئېرىشەلەيدۇ. ئەمما، بىلىشىمىزچە، مىكروئورگانىزملارنىڭ ئېڭى، ھاياتتىكى نىشانى ۋە كەلگۈسىنى پىلانلاش ئىقتىدارى يوق.
مەلۇم باسقۇچتا زىراپە، دېلفىن، شىمپانزې ۋە نېئاندېرتاللارغا ئوخشاش ئورگانىزملار ئاڭ ۋە كەلگۈسىنى پىلانلاش ئىقتىدارىغا ئىگە بولدى. ئەمما بىر نېئاندېرتال سەمرىپ كەتكەن، ناھايىتى ئاستا ھەرىكەت قىلىدىغان قۇشلارنى خىيال قىلغان بولسىمۇ، بۇ خىيالنى رېئاللىققا ئايلاندۇرۇش يولى يوق ئىدى. ئۇ تەبىئىي تاللانغان قۇشلارنى ئوۋلاشقا مەجبۇر ئىدى.
تارىختىكى بۆسۈش خاراكتېرلىك ئۆزگىرىش تەخمىنەن 10,000 يىل بۇرۇن، يېزا ئىگىلىك ئىنقىلابى مەزگىلىدە پەيدا بولدى. سەمرىپ كەتكەن، ئاستا ھەرىكەت قىلىدىغان توخۇلارنى خىيال قىلغان ئىنسانلار، ئەگەر ئەڭ سېمىز مېكىيان بىلەن ئەڭ قاشاڭ خورازنى جۈپلەشتۈرسە، ئۇلارنىڭ بەزى نەسىللىرىنىڭ ھەم سېمىز ھەم قاشاڭ بولىدىغانلىقىنى بايقىدى. ئەگەر بۇ نەسىللەرنى بىر-بىرى بىلەن جۈپلەشتۈرسە، سېمىز ۋە پەس ئۇچىدىغان قۇشلارنىڭ نەسلىنى يېتىشتۈرگىلى بولاتتى. بۇ تەبىئەتتە كۆرۈلمىگەن بىر توخۇ نەسلى بولۇپ، ئۇ خۇدانىڭ ئەمەس، بەلكى ئىنسان ئەقلىنىڭ مەھسۇلاتى ئىدى.
شۇنداقتىمۇ، ھەممىگە قادىر ئىلاھ بىلەن سېلىشتۇرغاندا، ئىنسانلارنىڭ لايىھەلەش ئىقتىدارى چەكلىك ئىدى. ئىنسانلار تاللاپ كۆپەيتىش ئارقىلىق توخۇلارغا تەسىر كۆرسىتىدىغان نورمال تەبىئىي تاللاش جەريانلىرىنى ئايلىنىپ ئۆتۈپ تېزلىتەلەيتتى، ئەمما ياۋا توخۇلارنىڭ گېن ئامبىرىدا بولمىغان يېڭى ئالاھىدىلىكلەرنى كىرگۈزەلمەيتتى. مەلۇم مەنىدىن ئېيتقاندا، ئىنسانلار بىلەن توخۇلار ئارىسىدىكى مۇناسىۋەت تەبىئەتتە كۆپ ئۇچرايدىغان سىمبيوتىك (بىر مۇھىتتىن تەڭ بەھىرلىنىپ ياشايدىغان) مۇناسىۋەتلەرگە ئوخشايتتى. چاڭلاشتۇرغۇچى ھەرىلەر گۈللەرنى تاللاپ، ئوچۇق رەڭلىك گۈللەرنىڭ كۆپىيىشىگە سەۋەب بولغاندەك، ئىنسانلارمۇ توخۇلارغا ئالاھىدە تاللاش بېسىمى يۈرگۈزۈپ، سېمىز ۋە قاشاڭ توخۇلارنىڭ كۆپىيىشىگە سەۋەب بولدى.
بۈگۈن، 4 مىليارد يىللىق تەبىئىي تاللاش تۈزۈمى پۈتۈنلەي باشقىچە بىر رىقابەتكە دۇچ كەلمەكتە. دۇنيانىڭ ھەر قايسى جايلىرىدىكى تەجرىبىخانىلاردا، ئالىملار جانلىق مەۋجۇداتلارنى لايىھەلەۋاتىدۇ. ئۇلار تەبىئىي تاللاش قانۇنلىرىنى خالىغانچە بۇزۇۋاتىدۇ، ھەتتا ئورگانىزملارنىڭ ئەسلى خاراكتېرلىرىمۇ ئۇلارنى چەكلىيەلمەيۋاتىدۇ. برازىلىيەلىك بىئو-سەنئەتكار ئېدۇاردو كاك 2000-يىلى يېڭى بىر سەنئەت ئەسىرى: يېشىل نۇرلۇق توشقان ياراتماقچى بولدى. كاك فرانسىيەدىكى بىر تەجرىبىخانا بىلەن ئالاقىلىشىپ، ئۆزىنىڭ تەلىپى بويىچە نۇرلۇق توشقان ياساش ئۈچۈن ھەق تۆلىدى. فرانسىيەلىك ئالىملار ئادەتتىكى بىر ئاق توشقان ئېمبرىيوسىغا يېشىل نۇرلۇق مېدۇزادىن ئېلىنغان گېننى كىرگۈزدى. شۇنىڭ بىلەن، جانابنىڭ تەلىپى بويىچە بىر يېشىل نۇرلۇق توشقان پەيدا بولدى. كاك بۇ توشقاننى ئالبا دەپ ئاتىدى.
ئالبانىڭ مەۋجۇتلۇقىنى تەبىئىي تاللاش قانۇنلىرى بىلەن چۈشەندۈرۈش مۇمكىن ئەمەس. ئۇ ئەقلىي لايىھەلەشنىڭ مەھسۇلى بولۇپلا قالماي، كەلگۈسى ئىشلارنىڭ بېشارەتچىسى. ئەگەر ئالبانىڭ بىلدۈرگەن ئىمكانىيىتى تولۇق رېئاللىققا ئايلانسا (ئەگەر ئىنسانىيەت بۇ ئارىلىقتا ئۆزىنى يوقاتمىسا) ئىلمىي ئىنقىلاب ئۆزىنىڭ تارىخىي ئىنقىلابتىنمۇ ئۇلۇغ ئىكەنلىكىنى ئىسپاتلىشى مۇمكىن. بۇ يەر يۈزىدە ھايات پەيدا بولغاندىن بۇيانقى ئەڭ مۇھىم بىئولوگىيەلىك ئىنقىلاب بولۇپ قېلىشى مۇمكىن. 4 مىليارد يىللىق تەبىئىي تاللاشتىن كېيىن، ئالبا ئەقلىي لايىھەلەش تەرىپىدىن باشقۇرۇلىدىغان يېڭى بىر دەۋرنىڭ تاڭ سەھىرىدە تۇرماقتا. ئەگەر بۇ يۈز بەرسە، مۇشۇ ۋاققىچە بولغان پۈتۈن ئىنسانىيەت تارىخىنى كېيىنچە، ھاياتلىق ئويۇنى سىناق قىلىنغان شاگىرتلىق جەريانى دەپ قايتا چۈشەندۈرۈش مۇمكىن. بۇنداق جەريان مىڭ يىللىق ئىنسانىي نۇقتىئىنەزەردىن ئەمەس، بەلكى مىليارد يىللىق كائىنات نۇقتىئىنەزىرىدىن چۈشىنىلىشى كېرەك.
دۇنيانىڭ ھەر قايسى جايلىرىدىكى بىئولوگلار مەكتەپلەردە دارۋىننىڭ تەدرىجىي تەرەققىيات نەزەرىيەسىنى ئۆگىتىشكە قارشى چىقىدىغان ۋە بارلىق جانلىق ھەممىنى ئالدىن ئويلىغان بىر ياراتقۇچىنىڭ بارلىقىنى ئىسپاتلايدۇ دەپ داۋا قىلىدىغان ئەقلىي لايىھە ھەرىكىتى بىلەن كۈرەش قىلماقتا. بىئولوگلار ئۆتمۈش ھەققىدە توغرا بولۇشى، ئەمما ئەقلىي لايىھەلەش تەرەپدارلىرى كەلگۈسى ھەققىدە توغرا بولۇشى مۇمكىن.
بۇ ماقالە يېزىلىۋاتقان ۋاقىتتا، تەبىئىي تاللاشنىڭ ئەقلىي لايىھەلەش بىلەن ئالمىشىشى ئۈچ خىل يول بىلەن يۈز بېرىشى مۇمكىن: بىئولوگىيەلىك ئىنژېنېرلىق، سايبورگ ئىنژېنېرلىقى (سايبورگلار ئورگانىك ۋە ئورگانىك بولمىغان قىسىملارنى بىرلەشتۈرگەن مەۋجۇداتلار) ياكى ئورگانىك بولمىغان ھاياتنى لايىھەلەش.

چاشقان ۋە ئىنسانلار ھەققىدە
بىئولوگىيەلىك ئىنژېنېرلىق بولسا ئورگانىزمنىڭ شەكلى، ئىقتىدارى، ئېھتىياجى ياكى ئىستەكلىرىنى ئۆزگەرتىش ئۈچۈن بىئولوگىيەلىك دەرىجىدە (مەسىلەن، گېن كىرگۈزۈش) قەستەن ئېلىپ بېرىلغان ئىنسانىي ئارىلىشىش بولۇپ، ئېدۇاردو كاكنىڭ سەنئەت مايىللىقىغا ئوخشاش ئالدىن تەسەۋۋۇر قىلىنغان مەدەنىي ئىدىيەنى ئەمەلگە ئاشۇرۇشنى مەقسەت قىلىدۇ.
بىئولوگىيەلىك ئىنژېنېرلىقنىڭ ئۆزىدە يېڭى نەرسە يوق. كىشىلەر مىڭ يىللاردىن بېرى ئۆزلىرى ۋە باشقا ئورگانىزملارنى قايتا شەكىللەندۈرۈش ئۈچۈن ئۇنى ئىشلىتىپ كەلگەن. ئاددىي بىر مىسال پىچىۋېتىشتۇر. ئىنسانلار بۇقىلارنى ئۆكۈزگە ئايلاندۇرۇش ئۈچۈن تەخمىنەن 10,000 يىلدىن بېرى ئۇلارنى پىچىۋېتىشنى داۋاملاشتۇرۇپ كەلگەن. ئۆكۈزلەر تېخىمۇ مۇلايىم بولۇپ، شۇڭا ئۇلارنى قوش تارتىشقا تەربىيەلەش ئاسانراق. ئىنسانلار يەنە ئوردا نەغمىكەشلىرى ۋە سۇلتاننىڭ ھەرەمخانىسىنى باشقۇرۇشقا ئىشەنچلىك بولغان ئاغۋاتلارنى پەيدا قىلىش ئۈچۈن ئۆز ئوغۇللىرىنىمۇ پىچىۋەتكەن.
ئەمما ئورگانىزملارنىڭ قانداق ئىشلەيدىغانلىقى ھەققىدىكى چۈشەنچىمىزدىكى يېقىنقى ئىلگىرىلەشلەر، ھۈجەيرە ۋە يادرو دەرىجىسىگىچە، ئىلگىرى تەسەۋۋۇر قىلغىلى بولمايدىغان ئىمكانىيەتلەرنى ئاچتى. مەسىلەن، بىز بۈگۈن بىر ئەرنى پەقەت پىچىۋېتىپلا قالماي، بەلكى ئوپېراتسىيە قىلىش ۋە ھورمونلۇق داۋالاش ئارقىلىق ئۇنىڭ جىنسىنىمۇ ئۆزگەرتەلەيمىز. ئەمما بۇلارلا ئەمەس. 1996-يىلى گېزىت ۋە تېلېۋىزوردا تۆۋەندىكى سۈرەت پەيدا بولغاندا كەلتۈرۈپ چىقارغان ھەيرانلىق، نەپرەت ۋە ئەندىشىنى ئويلاپ بېقىڭ:

«ئالىملار كالا كېمىرچەك ھۈجەيرىسىدىن پايدىلىنىپ دۈمبىسىدە بىر «قۇلاق» ئۆستۈرگەن چاشقان. بۇ، شتادېل ئۆڭكۈرىدىن تېپىلغان شىر-ئادەم ھەيكىلىنىڭ كىشىنى چۆچۈتىدىغان بىر ئەكس ساداسىدۇر. ئوتتۇز مىڭ يىل ئىلگىرى، ئىنسانلار ئوخشىمايدىغان تۈرلەرنى بىرىكتۈرۈش ھەققىدە ئاللىقاچان خىيال قىلىشقا باشلىغان ئىدى. بۈگۈنكى كۈندە، ئۇلار ھەقىقەتەن مۇشۇنداق خىمېرالارنى (بىرىكمە مەخلۇقلارنى) يارىتالايدۇ.»
ياق، بۇ فوتوشوپ ئەمەس. بۇ ئالىملار كالىنىڭ كۆمۈرچەك ھۈجەيرىلىرىنى كۆچۈرۈپ سالغان ھەقىقىي چاشقاننىڭ رەتلەنمىگەن سۈرىتى. ئالىملار يېڭى توقۇلمىنىڭ ئۆسۈشىنى كونترول قىلالىغان بولۇپ، بۇ ئەھۋالدا ئۇنى ئىنسان قۇلىقىغا ئوخشاش شەكىلگە كەلتۈرگەن. بۇ جەريان يېقىندا ئالىملارنىڭ سۈنئىي قۇلاق ياساپ، ئۇنى ئىنسانلارغا كۆچۈرۈپ سېلىشىغا ئىمكان بېرىشى مۇمكىن.
گېنېتىكىلىق ئىنژېنېرلىق بىلەن تېخىمۇ ھەيران قالارلىق مۆجىزىلەرنى ياراتقىلى بولىدۇ، شۇڭا ئۇ بىر قاتار ئەخلاقىي، سىياسىي ۋە ئىدېئولوگىيەلىك مەسىلىلەرنى كەلتۈرۈپ چىقارماقتا. پەقەت تەقۋادار بىر خۇدالىق دىندارلارلا ئىنسان خۇدانىڭ رولىنى تارتىۋالماسلىقى كېرەك دەپ قارشى چىقىۋاتقىنى يوق. نۇرغۇن دىنسىزلارمۇ ئالىملارنىڭ تەبىئەتنىڭ ئورنىنى ئېلىش ئىدىيەسىدىن ئوخشاشلا چۆچۈمەكتە. ھايۋانلارنى قوغداش پائالىيەتچىلىرى گېن قۇرۇلۇشى تەجرىبىلىرىدە تەجرىبىخانا ھايۋانلىرىغا، ئېھتىياجى ھەم ئىستەكلىرى پۈتۈنلەي نەزەردىن ساقىت قىلىنغان فېرما ھايۋانلىرىغا كەلتۈرۈلگەن ئازاب-ئوقۇبەتنى ئەيىبلىمەكتە. كىشىلىك ھوقۇق پائالىيەتچىلىرى گېنېتىكىلىق ئىنژېنېرلىقنىڭ بىزدىن كېيىنكىلەرنى قۇل قىلىۋالىدىغان ئۈستۈن ئىنسانلارنى يارىتىشقا ئىشلىتىلىشىدىن ئەنسىرىمەكتە. قىيامەت جاكارچىلىرى قورقماس ئەسكەرلەر ۋە ئىتائەتمەن ئىشچىلارنى كلونلايدىغان بىئو-دىكتاتورلۇقلار ھەققىدە قىيامەت كۆرۈنۈشلىرىنى تەسۋىرلىمەكتە. ھۆكۈمران تۇيغۇ شۇكى، كۆپلىگەن پۇرسەتلەر ناھايىتى تېز ئېچىلماقتا ۋە گېنلارنى ئۆزگەرتىش ئىقتىدارىمىز بۇ ماھارەتنى دانا ۋە ئۇزاقنى كۆرەر ھالدا قوللىنىش ئىقتىدارىمىزدىن ئېشىپ كەتمەكتە.
نېمىلا دېگەنبىلەن، بىز ھازىر گېنېتىكىلىق ئىنژېنېرلىقنىڭ يوشۇرۇن كۈچىنىڭ پەقەت بىر قىسمىنىلا ئىشلىتىۋاتىمىز. ھازىر ئىنژېنېرلىق قىلىنىۋاتقان ئورگانىزملارنىڭ كۆپىنچىسى ئەڭ ئاجىز سىياسىي لوببىغا ئىگە بولغانلار – ئۆسۈملۈكلەر، زەمبۇرۇغلار، باكتېرىيەلەر ۋە ھاشاراتلاردۇر. مەسىلەن، ئىنسان ئۈچەيلىرىدە ياشايدىغان (ۋە ئۈچەيدىن چىقىپ ئۆلۈمگە سەۋەب بولىدىغان يۇقۇملارنى پەيدا قىلغاندا خەۋەر تېمىسى بولىدىغان) E. coli باكتېرىيەسىنىڭ نەسىللىرى بىيوماي ئىشلەپچىقىرىش ئۈچۈن گېنېتىكىلىق ئۆزگەرتىلگەن. E. coli ۋە بىر قانچە تۈردىكى زەمبۇرۇغلار يەنە ئىنسۇلىن ئىشلەپچىقىرىش ئۈچۈن ئۆزگەرتىلگەن بولۇپ، دىيابېتنى داۋالاش چىقىمىنى تۆۋەنلەتكەن. ئاركتىكا بېلىقىدىن ئېلىنغان گېن ياڭيۇلارغا كىرگۈزۈلۈپ، ئۆسۈملۈكلەرنى قىرو-سوغۇققا تېخىمۇ چىداملىق قىلغان.
بىر قانچە سۈت ئەمگۈچىلەرمۇ گېنېتىكىلىق ئۆزگەرتىشكە ئۇچرىغان. سۈت سانائىتى ھەر يىلى سېغىن كالىلارنىڭ يېلىنىنى زەخىملەندۈرىدىغان ماستىتىس كېسىلى سەۋەبىدىن نەچچە مىليارد دوللار زىيان تارتىدۇ. ئالىملار ھازىر گېنېتىكىلىق ئۆزگەرتىلگەن، سۈتىدە بۇ كېسەلگە سەۋەبچى بولىدىغان باكتېرىيەلەرگە ھۇجۇم قىلىدىغان لىزوستافىن بىئوخىمىيەلىك ماددىسى بار كالىلار ئۈستىدە تەجرىبە ئېلىپ بارماقتا. چوشقا گۆشى ۋە سۈرلەنگەن چوشقا گۆشىدىكى ساغلام بولمىغان ماي ھەم ئىستېمالچىلارنىڭ ئەندىشىسى سەۋەبىدىن سېتىلىشى چۈشۈپ كەتكەن چوشقا گۆشى سانائىتى، قۇرۇتتىن ئېلىنغان گېنېتىك ماتېرىيال كىرگۈزۈلگەن، تېخى تەجرىبە باسقۇچىدىكى چوشقىلارغا ئۈمىد باغلىماقتا. يېڭى گېنلار چوشقىلارنىڭ ناچار ئومېگا 6 ماي كىسلاتاسىنى ساغلام بولغان ئومېگا 3 كە ئايلاندۇرۇشىغا سەۋەب بولىدۇ.
كېيىنكى ئەۋلاد گېن قۇرۇلۇشى ساغلام مايلىق چوشقىلارنى يېتىشتۈرۈپ چىقىش تېخنىكىسىنى خۇددى بالىلارنىڭ ئويۇنىدەكلا ئاددىي ئىش قىلىپ قويىدۇ. گېنېتىكا ئالىملىرى قۇرتلارنىڭ ئوتتۇرىچە ئۆمۈر كۆرۈش ۋاقتىنى ئالتە ھەسسە ئۇزارتىپلا قالماستىن، بەلكى يەنە ئەستە تۇتۇش ۋە ئۆگىنىش ئىقتىدارى زور دەرىجىدە يۇقىرى كۆتۈرۈلگەن «تالانتلىق چاشقان»لارنىمۇ يېتىشتۈرۈپ چىقتى. ئېتىز چاشقىنى چاشقانغا ئوخشايدىغان كىچىك، پاكار كېمىرگۈچىلەر بولۇپ، كۆپىنچە تۈردىكى ئېتىز چاشقانلىرى كۆپ جۈپلىشىدۇ. ئەمما بىر تۈردە ئەركەك ۋە چىشى ئېتىز چاشقىنى ئۇزۇن مۇددەتلىك ھەمراھلىق مۇناسىۋىتى شەكىللەندۈرىدۇ. گېنېتىكا مۇتەخەسسىسلىرى ئېتىز چاشقانلىرىنىڭ ھەمراھلىق مۇناسىۋىتىگە مەسئۇل گېنلارنى ئايرىپ چىققانلىقىنى ئېيتماقتا. ئەگەر بىر گېننى قوشۇش بىر ئېتىز چاشقىنىنى ساداقەتمەن، ۋاپادار ئەرگە ئايلاندۇرالايدىغان بولسا، كېمىرگۈچىلەرنىڭ (ۋە ئىنسانلارنىڭ) شەخسىي ئىقتىدارلىرىنىلا ئەمەس، ئىجتىمائىي قۇرۇلمىلىرىنىمۇ گېنېتىكىلىق لايىھەلەش ئىقتىدارىغا ئىگە بولۇشقا ئاز قالدۇقمۇ قانداق؟
نېئاندېرتاللارنىڭ قايتىپ كېلىشى
گېنېتىكا مۇتەخەسسىسلىرى پەقەت ياشاۋاتقان نەسىللەرنى ئۆزگەرتىشنىلا خالىمايدۇ. ئۇلار پەقەت «يۇراسسىك پارك»تىكىدەك دىنوزاۋرلارنىلا ئەمەس، يەنە يوقاپ كەتكەن جانلىقلارنىمۇ تىرىلدۈرمەكچى. رۇسىيە، ياپونىيە ۋە كورېيەلىك ئالىملاردىن تەشكىل تاپقان بىر گۇرۇپپا يېقىندا سىبىرىيە مۇزلۇقىدىن تېپىلغان قەدىمكى ماموتلارنىڭ گېنومىنى خەرىتىلىدى. ئۇلار ئەمدى ھازىرقى زامان پىلىنىڭ ئۇرۇقلانغان تۇخۇم ھۈجەيرىسىنى ئېلىپ، پىل DNA سىنى قايتا تىكلەنگەن مامونت DNA سى بىلەن ئالماشتۇرۇپ، تۇخۇمنى پىلنىڭ بالىياتقۇسىغا سالماقچى. تەخمىنەن 22 ئايدىن كېيىن، 5000 يىلدىن بۇيانقى تۇنجى ماموتنىڭ تۇغۇلۇشىنى كۈتمەكتە.
ئەمما نېمىشقا ماموتلاردىلا توختاپ قالىمىز؟ خارۋارد ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ پروفېسسورى گېئورگې چۇرچ يېقىندا نېئاندېرتال گېنوم لايىھەسىنىڭ تاماملىنىشى بىلەن، ھازىر قايتا تىكلەنگەن نېئاندېرتال DNA سىنى ساپىيانس تۇخۇمىغا سېلىپ، 30,000 يىلدىن بۇيانقى تۇنجى نېئاندېرتال بالىنى يارىتالايدىغانلىقىنى ئوتتۇرىغا قويدى. چۇرچ بۇ ئىشنى پەقەت 30 مىليون دوللارغىلا قىلالايدىغانلىقىنى ئېيتتى. بىر قانچە ئايال ھامىلە كۆتۈرگۈچى ئانا بولۇشقا ئاللىقاچان تەييار ئىكەنلىكىنى بىلدۈردى.

نېئاندېرتاللار بىزگە نېمىگە كېرەك؟ بەزىلەر تىرىك نېئاندېرتاللارنى تەتقىق قىلالىساق، ھومو ساپىيانسنىڭ كېلىپ چىقىشى ۋە ئۆزگىچىلىكى ھەققىدىكى ئەڭ بىئارام قىلغۇچى سوئاللارغا جاۋاب تاپالايمىز دەپ قارايدۇ. نېئاندېرتال مېڭىسى بىلەن ھومو ساپىيانس مېڭىسىنى سېلىشتۇرۇپ، ئۇلارنىڭ قۇرۇلمىسىدىكى پەرقلەرنى خەرىتىلەش ئارقىلىق، بەلكىم بىز ھازىرقىدەك ئاڭ-سەزگۈنى كەلتۈرۈپ چىقارغان بىئولوگىيەلىك ئۆزگىرىشنى ئېنىقلىيالىشىمىز مۇمكىن. يەنە بىر ئەخلاقىي سەۋەبمۇ بار – بەزىلەر ئەگەر ھومو ساپىيانس نېئاندېرتاللارنىڭ يوقىلىشىغا مەسئۇل بولسا، ئۇلارنى قايتا تىرىلدۈرۈش ئەخلاقىي مەجبۇرىيىتى بار دەپ قارايدۇ. بىر قانچە نېئاندېرتالنىڭ بولۇشى پايدىلىق بولۇشى مۇمكىن. نۇرغۇن سانائەتچىلەر ئىككى ساپىيانسنىڭ قىلىدىغان ئاددىي ئىشىنى بىر نېئاندېرتالغا قىلدۇرۇشتىن خۇشال بولىدۇ.
ئەمما نېمىشقا نېئاندېرتاللاردىمۇ توختاپ قالىمىز؟ نېمىشقا خۇدانىڭ لايىھە تاختىسىغا قايتىپ، تېخىمۇ ياخشى ساپىيانس لايىھەلىمەيمىز؟ ھومو ساپىيانسنىڭ ئىقتىدارى، ئېھتىياجى ۋە ئىستەكلىرىنىڭ گېنېتىكىلىق ئاساسى بار، شۇنداقلا ساپىيانس گېنومى ۋول ۋە چاشقانلارنىڭكىدىن مۇرەككەپ ئەمەس. (چاشقان گېنومىدا 2.5 مىليارد نۇكلېئوباز، ساپىيانس گېنومىدا 2.9 مىليارد باز بار – يەنى كېيىنكىسى پەقەت 14 پىرسەنت چوڭراق.)
ئوتتۇرا مەزگىلدە ( بەلكىم بىرنەچچە ئون يىلدىن كېيىن) گېن قۇرۇلۇشى ۋە باشقا بىيولوگىيەلىك قۇرۇلۇش تېخنىكىلىرى بىزنىڭ پەقەت فىزىئولوگىيەمىز، ئىممۇنىتېت سىستېمىمىز ۋە ئۆمرىمىزدىلا ئەمەس، بەلكى ئەقلىي ۋە ھېسسىي ئىقتىدارلىرىمىزدىمۇ غايەت زور ئۆزگىرىشلەرنى ھاسىل قىلىشىمىزغا ئىمكانىيەت يارىتىپ بېرىشى مۇمكىن. ئەگەر گېن قۇرۇلۇشى «تالانتلىق چاشقان»لارنى يېتىشتۈرۈپ چىقالايدىكەن، نېمىشقا تالانتلىق ئىنسانلارنى يېتىشتۈرۈپ چىقالمىسۇن؟ ئەگەر ئۇ بىرلا جۆرىگە سادىق بولىدىغان دالا چاشقانلىرىنى يارىتالايدىكەن، نېمىشقا ئۆز جۆرىسىگە سادىق بولۇش گېنىغا ئىگە ئىنسانلارنى يارىتالمىسۇن؟
ھومو ساپىيانسنى ئەرزىمەس مايمۇندىن دۇنيانىڭ خوجايىنىغا ئايلاندۇرغان ئەقىل ئىنقىلاۋى فىزىئولوگىيەدە ياكى ھەتتا ساپىيانس مېڭىسىنىڭ چوڭلۇقى ۋە تاشقى شەكلىدە ھېچقانداق كۆرۈنەرلىك ئۆزگىرىشنى تەلەپ قىلمىدى. بۇ پەقەت مېڭە ئىچكى قۇرۇلمىسىدىكى بىر قانچە كىچىك ئۆزگىرىشنىلا ئۆز ئىچىگە ئالغان. بەلكىم يەنە بىر كىچىك ئۆزگىرىش ئىككىنچى ئەقىل ئىنقىلابىنى قوزغاپ، پۈتۈنلەي يېڭى بىر خىل ئاڭنى يارىتىپ، ھومو ساپىيانسنى پۈتۈنلەي باشقىچە مەخلۇققا ئايلاندۇرۇۋېتەلىشى مۇمكىن.
راست، بىز تېخى بۇنىڭغا يېتەلەيدىغان ئىقتىدارغا ئىگە ئەمەس، ئەمما بىزنى ئۈستۈن ئىنسانلارنى يارىتىشتىن توسىدىغان ۋە تېخنىكىلىق جەھەتتە قىيىنچىلىق تۇغدۇرىدىغان مەسىلە يوقتەك كۆرۈنىدۇ. ئاساسلىق توسالغۇلار ئىنسانلار ئۈستىدىكى تەتقىقاتنى ئاستىلاتقان ئەخلاقىي ۋە سىياسىي قارشىلىقلاردۇر. ئەخلاقىي پاكىتلار كىشىلەرنى قانچىلىك قايىل قىلسۇن، ئۇلارنىڭ كېيىنكى قەدەمنى ئۇزاققىچە توسۇپ تۇرالىشى تەس، بولۇپمۇ ئىنسان ئۆمرىنى چەكسىز ئۇزارتىش، داۋالىغىلى بولمايدىغان كېسەللەرنى يېڭىش، ئىدراكىي ۋە ھېسسىي ئىقتىدارلىرىمىزنى يۇقىرى كۆتۈرۈش ئىمكانىيىتى بولغاندا ئۇ تېخىمۇ تەس.
مەسىلەن، ئەگەر بىز ساغلام كىشىلەرنىڭ ئەستە تۇتۇش قابىلىيىتىنى زور دەرىجىدە ياخشىلاش بىلەن بىرگە، دىۋەڭلىك كېسىلىگە داۋا تاپساق نېمە بولار؟ بىرەرسى مۇناسىۋەتلىك تەتقىقاتنى توختىتالامدۇ؟ داۋا تېپىلغاندا، قانۇن ئىجرا قىلىش ئورگانلىرى ئۇنى دىۋەڭلىك كېسەللىرىگىلا چەكلەپ، ساغلام كىشىلەرنىڭ ئۈستۈن ئەستە تۇتۇش ئىقتىدارىغا ئېرىشىشىنى توسۇپ تۇرالامدۇ؟
بىئو قۇرۇلۇشنىڭ راستتىنلا نېئاندېرتاللارنى تىرىلدۈرەلەيدىغان-تىرىلدۈرەلمەيدىغانلىقى ئېنىق ئەمەس، ئەمما ئۇنىڭ ھومو ساپىيانسنىڭ پەردىسىنى چۈشۈرۈشى مۇقەررەر. گېنلىرىمىزنى ئۆزگەرتىش بىزنى ئۆلتۈرۈۋەتمەسلىكى مۇمكىن. ئەمما بىز ھومو ساپىيانسنى شۇ دەرىجىدە ئۆزگەرتىۋېتىشىمىز مۇمكىنكى، بىز ئەمدى ھومو ساپىيانس بولماي قالىمىز.
بىئونىك ھايات
سايبورگ ئىنژېنېرلىقى ھايات قانۇنىيەتلىرىنى ئۆزگەرتەلەيدىغان يەنە بىر يېڭى تېخنولوگىيە. سايبورگلار ئورگانىك ۋە ئورگانىك بولمىغان قىسىملارنى بىرلەشتۈرگەن مەۋجۇداتلار بولۇپ، بىئونىك قوللۇق ئىنسانلار بۇنىڭ بىر مىسالى. مەلۇم مەنىدىن ئېيتقاندا، ھازىر ھەممىمىز دېگۈدەك سايبورگ، چۈنكى بىزنىڭ تەبىئىي سېزىم ۋە فۇنكسىيەلىرىمىز كۆزئەينەك، يۈرەك تېزلەتكۈچ، ئورتوپېدىك بۇيۇملار، ھەتتا كومپيۇتېر ۋە يانفونلار (مېڭىمىزنىڭ مەلۇمات ساقلاش ۋە بىر تەرەپ قىلىش يۈكىنى يېنىكلىتىدىغان) قاتارلىق ئۈسكۈنىلەر بىلەن تولۇقلانماقتا. بىز ھەقىقىي سايبورگقا ئايلىنىش گىرۋىكىدە تۇرۇۋاتىمىز، يەنى تېنىمىزدىن ئايرىغىلى بولمايدىغان، ئىقتىدارىمىز، ئىستەكلىرىمىز، خاراكتېرىمىز ۋە كىملىكىمىزنى ئۆزگەرتىدىغان ئورگانىك بولمىغان ئالاھىدىلىكلەرگە ئىگە بولۇش ئالدىدا تۇرۇۋاتىمىز.
ئامېرىكا ھەربىي تەتقىقات ئورگىنى بولغان دۆلەت مۇداپىئەسى ئىلغار تېخنىكا تەتقىقات ئورنى (DARPA) ھاشاراتلاردىن سايبورگ ياساۋاتىدۇ. ئۇلارنىڭ ئىدىيەسى چىۋىن ياكى قوڭغۇزنىڭ بەدىنىگە ئېلېكترونلۇق چىپ، دېتېكتور ۋە پروسېسسورلارنى ئورنىتىپ، ئىنسان ياكى ئاپتوماتىك باشقۇرغۇچىنىڭ ھاشاراتنىڭ ھەرىكىتىنى يىراقتىن كونترول قىلىشى، ئۇچۇر قوبۇل قىلىش ھەم يەتكۈزۈشىنى ئەمەلگە ئاشۇرۇشتۇر. بۇنداق چىۋىن دۈشمەن قارارگاھىنىڭ تېمىغا قونۇپ، ئەڭ مەخپىي سۆھبەتلەرنى تىڭشاپ، ئەگەر ئۆمۈچۈككە تۇتۇلۇپ قالمىسا، دۈشمەننىڭ نېمە پىلانلاۋاتقانلىقىنى بىزگە دەلمۇ دەل يەتكۈزەلەيدۇ.
2006-يىلى ئامېرىكا دېڭىز ئارمىيەسى سۇ ئاستى ئۇرۇش مەركىزى سايبورگ ئاكۇلا يېتىلدۈرۈش پىلانىنى ئېلان قىلىپ: «مەركىزىمىز نېرۋا سىستېمىسىغا ئورنىتىلىدىغان قۇرۇلمىلار ئارقىلىق ھايۋانلارنىڭ ھەرىكىتىنى كونترول قىلىشنى مەقسەت قىلغان بېلىق بەلگىسى يېتىلدۈرۈۋاتىدۇ» دېدى. تەتقىقاتچىلار ئاكۇلالارنىڭ ئىنسان ياسىغان دېتېكتورلاردىن ئۈستۈن بولغان تەبىئىي ماگنىت بايقاش ئىقتىدارىدىن پايدىلىنىپ، سۇ ئاستى كېمىلىرى ۋە مىنالار پەيدا قىلغان سۇ ئاستى ئېلېكتروماگنىت مەيدانلىرىنى بايقاشنى ئۈمىد قىلماقتا.
ساپىيانسلارمۇ سايبورگقا ئايلاندۇرۇلماقتا. ئەڭ يېڭى ئەۋلاد ئاڭلاش ئاپپاراتلىرى بەزىدە «بىئونىك قۇلاق» دەپ ئاتىلىدۇ. بۇ ئۈسكۈنە قۇلاقنىڭ تاشقى قىسمىغا ئورۇنلاشتۇرۇلغان مىكروفون ئارقىلىق ئاۋازنى قوبۇل قىلىدۇ؛ ئاۋازلارنى سۈزۈپ، ئىنسان ئاۋازىنى پەرقلەندۈرۈپ، ئۇلارنى بىۋاسىتە مەركىزىي ئاڭلاش نېرۋىسىغا ۋە ئۇ يەردىن مېڭىگە يوللىنىدىغان ئېلېكتر سىگناللىرىغا ئايلاندۇرىدۇ.
گېرمانىيە ھۆكۈمىتى ئىئانە قىلغان Retina Implant شىركىتى قارىغۇلارنىڭ قىسمەن كۆرۈش ئىقتىدارىغا ئېرىشىشىگە ياردەم بېرەلەيدىغان تور پەردە پروتېزى يېتىلدۈرۈۋاتىدۇ. بۇ كېسەلنىڭ كۆزىگە كىچىك مىكروچىپ سېلىشنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. فوتو ھۈجەيرىلەر كۆزگە چۈشكەن يورۇقلۇقنى سىڭدۈرۈپ، ئۇنى تور پەردىدىكى ساق نېرۋا ھۈجەيرىلىرىنى قوزغايدىغان ئېلېكتىر ئېنېرگىيەسىگە ئايلاندۇرىدۇ. بۇ ھۈجەيرىلەردىن كەلگەن نېرۋا ئىمپۇلسلىرى مېڭىنى قوزغاپ، ئۇ يەردە كۆرۈش سېزىمىگە ئايلىنىدۇ. ھازىرقى تېخنولوگىيە كېسەللەرنىڭ بوشلۇقتا يۆنىلىش تېپىشى، ھەرپلەرنى پەرقلەندۈرۈشى، ھەتتا چىرايلارنى تونۇشىغا يول قويىدۇ.
ئامېرىكىلىق ئېلېكتر تېخنىكى جېسسې سۇللىۋان 2001-يىلىدىكى بىر ۋەقەدە ئىككى قولىنى مۈرىسىگىچە يوقاتقان. بۈگۈن ئۇ چىكاگو ئەسلىگە كەلتۈرۈش ئىنستىتۇتى تەمىنلىگەن ئىككى بىئونىك قولنى ئىشلىتىۋاتىدۇ. جېسسېنىڭ يېڭى قوللىرىنىڭ ئالاھىدىلىكى شۇكى، ئۇلار پەقەت ئوي-پىكىر بىلەنلا باشقۇرۇلىدۇ. جېسسېنىڭ مېڭىسىدىن كەلگەن نېرۋا سىگناللىرى مىكرو كومپيۇتېرلار تەرىپىدىن ئېلېكتر بۇيرۇقلىرىغا ئايلاندۇرۇلىدۇ ۋە قوللار ھەرىكەتلىنىدۇ. جېسسې قولىنى كۆتۈرمەكچى بولغاندا، نورمال ئادەم ئاڭسىز قىلىدىغان ئىشنى قىلىدۇ ۋە قول كۆتۈرۈلىدۇ. بۇ قوللار ئورگانىك قوللارغا قارىغاندا ھەرىكەت ئىقتىدارىنىڭ چەكلىمىسىگە ئۇچرىسىمۇ، جېسسېنىڭ ئاددىي كۈندىلىك پائالىيەتلەرنى قىلىشىغا ئىمكان بېرىدۇ. يېقىندا موتوسىكلىت ۋەقەسىدە قولىنى يوقاتقان ئامېرىكا ئەسكىرى كلاۋدىيا مىتچېلغىمۇ ئبىئونىك قول ئورنىتىلدى. ئالىملار يەنە ئىرادە بىلەنلا ھەرىكەتلىنىدىغان ئەمەس، مېڭىگە سىگنال قايتۇرالايدىغان، ھەتتا كېسىۋېتىلگەن ئەزالارنىڭ تۇيغۇ سېزىمىنىمۇ ئەسلىگە كەلتۈرەلەيدىغان بىئونىك قوللارغا ئىگە بولىدىغانلىقىمىزغا ئىشىنىدۇ!

جېسسى سۇللىۋان ۋە كلاۋدىيا مىتچېل قول تۇتۇشۇپ تۇرماقتا. ئۇلارنىڭ بىيونىك (تەقلىدىي) قوللىرىنىڭ ئەڭ ھەيران قالارلىق يېرى شۇكى، ئۇلار ئوي-خىيال ئارقىلىق باشقۇرۇلىدۇ.
ھازىرقى بۇ بىئونىك قوللار بىزنىڭ ئەسلى ئورگانىك قوللىرىمىزنىڭ ئاجىز ئورۇنباسارى، ئەمما ئۇلارنىڭ چەكسىز تەرەققىيات ئىمكانىيىتى بار. مەسىلەن، بىئونىك قوللارنى ئورگانىك قوللاردىن كۈچلۈك قىلىپ ياسىغىلى، ھەتتا بوكس چېمپىيونىنىمۇ ئاجىزدەك ھېس قىلدۇرغىلى بولىدۇ. ئۇنىڭ ئۈستىگە، بىئونىك قوللارنى بىر نەچچە يىلدا ئالماشتۇرغىلى ياكى تەندىن ئايرىپ يىراقتىن باشقۇرغىلى بولىدۇ.
شىمالىي كارولىنادىكى دۇك ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ ئالىملىرى يېقىندا مېڭىسىگە ئېلېكترود ئورنىتىلغان رېسۇس مايمۇنلىرى بىلەن بۇنى نامايەن قىلدى. ئېلېكترودلار مېڭىدىن سىگناللارنى توپلاپ، تاشقى ئۈسكۈنىلەرگە يەتكۈزىدۇ. مايمۇنلار پەقەت ئوي-پىكىر بىلەنلا تەندىن ئايرىلغان بىئونىك قول-پۇتلارنى باشقۇرۇشقا كۆندۈرۈلگەن. ئاۋرورا ئىسىملىك بىر مايمۇن ئۆزىنىڭ ئىككى ئورگانىك قولىنى ھەرىكەتلەندۈرۈش بىلەن بىر ۋاقىتتا، ئايرىۋېتىلگەن بىئونىك قولنى ئوي-پىكىر بىلەن باشقۇرۇشنى ئۆگەندى. ھىندى ئىلاھىغا ئوخشاش، ئاۋرورانىڭ ئەمدى ئۈچ قولى بار،ۋە ئۇنىڭ قوللىرى ئوخشىمىغان ئۆيلەردە – ھەتتا شەھەرلەردە بولالايدۇ. ئۇ شىمالىي كارولىنادىكى لابوراتورىيەدە ئولتۇرۇپ، بىر قولى بىلەن دۈمبىسىنى تاتىلاپ، ئىككىنچى قولى بىلەن بېشىنى قاشلاپ، ئۈچىنچى قولى ىبىلەن نيۇيوركتا بىر باناننى ئوغرىلىيالايدۇ (گەرچە يىراقتىن تۇرۇپ ئوغرىلانغان مېۋىنى يېيىش تېخىچە چۈش بولسىمۇ). يەنە بىر رېسۇس مايمۇن ئىدويا 2008-يىلى شىمالىي كارولىنادىكى ئورۇندۇقىدا ئولتۇرۇپ، ياپونىيەنىڭ كيوتو شەھىرىدىكى بىر جۈپ بىئونىك پۇتنى ئوي-پىكىر بىلەن باشقۇرغاندا دۇنياغا تونۇلدى. بۇ پۇتلار ئىدويانىڭ ئېغىرلىقىدىن يىگىرمە ھەسسە ئېغىر ئىدى.
قۇلۇپلانغان سىندرومى شۇنداق بىر كېسەللىككى، كېسەل كىشى ئىدراكىي ئىقتىدارى ساقلانغان ھالدا، تېنىنىڭ ھەر قانداق قىسمىنى ھەرىكەتلەندۈرۈش ئىقتىدارىنى تولۇق ياكى قىسمەن يوقىتىدۇ. بۇ سىندرومدىن ئازابلانغان كېسەللەر ھازىرغىچە تاشقى دۇنيا بىلەن پەقەت كىچىك كۆز ھەرىكەتلىرى ئارقىلىقلا ئالاقە قىلالايتتى. ھالبۇكى، بەزى كېسەللەرنىڭ مېڭىسىگە مېڭە سىگناللىرىنى توپلايدىغان ئېلېكترودلار ئورنىتىلدى. بۇنداق سىگناللارنى پەقەت ھەرىكەتلەرگىلا ئەمەس، يەنە سۆزلەرگىمۇ ئايلاندۇرۇش ئۈچۈن تىرىشچانلىقلار كۆرسىتىلمەكتە. ئەگەر تەجرىبىلەر مۇۋەپپەقىيەتلىك بولسا، بىر ئۆيگە سولانغان كېسەللەر ئاخىرى تاشقى دۇنيا بىلەن بىۋاسىتە سۆزلىشەلەيدۇ، بىزمۇ ئاخىرىدا بۇ تېخنىكىنى باشقىلارنىڭ ئوي-پىكرىنى ئوقۇشقا ئىشلىتەلەيمىز.
ھازىر تەرەققىي قىلدۇرۇلۇۋاتقان بارلىق لايىھەلەر ئىچىدە، ئەڭ ئىنقىلابىي بولغىنى كومپيۇتېرلارنىڭ ئىنسان مېڭىسىنىڭ ئېلېكتر سىگناللىرىنى ئوقۇشىغا، شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا مېڭە ئوقۇيالايدىغان سىگناللارنى يوللىشىغا يول قويىدىغان بىۋاسىتە ئىككى تەرەپلىمە مېڭە-كومپيۇتېر ئۇلانمىسىنى لايىھەلەش ئۇرۇنۇشىدۇر. ئەگەر بۇنداق ئۇلانمىلار مېڭىنى بىۋاسىتە ئىنتېرنېتقا، ياكى بىر قانچە مېڭىنى بىر-بىرىگە ئۇلاشقا ئىشلىتىلسە، شۇ ئارقىلىق مېڭىلەر ئارا تور ئالاقىسى يارىتىلسا نېمە بولار؟ ئەگەر مېڭە جامائەت خاتىرە ئامبىرىغا بىۋاسىتە ئۇلانسا، ئىنسان خاتىرىسى، ئىنسان ئېڭى ۋە ئىنسان كىملىكىگە نېمە بولار؟ بۇنداق ئەھۋالدا (مەسىلەن، بىر سايبورگ باشقا بىرسىنىڭ خاتىرىلىرىنى ئېلىپ كېلەلەيدۇ) ئۇلار ھەققىدە گەپ ئاڭلاش، تەرجىمىھالىنى ئوقۇش، ياكى تەسەۋۋۇر قىلىش ئەمەس، بەلكى ئۆزىنىڭكىدەك بىۋاسىتە ئەسلەش كېرەك. مېڭىلەر جامائەتلەشكەندە، «مەن» ۋە جىنسىي كىملىك ئۇقۇملىرىغا نېمە بولىدۇ؟ ئەگەر چۈش سىزنىڭ مېڭىڭىزدە ئەمەس، بەلكى بىر جامائەتنىڭ ئارزۇ-ئامبىرىدا بولسا، ئۆزىڭىزنى قانداق بىلەلەيسىز ياكى چۈشىڭىزنىڭ كەينىدىن قانداق ماڭالايسىز؟
بۇنداق سايبورگ ئەمدى ئىنسان، ھەتتا ئورگانىك مەۋجۇداتمۇ بولمايدۇ. ئۇ پۈتۈنلەي باشقىچە بىر نەرسە بولىدۇ. ئۇ ئاساسىي جەھەتتىن باشقا خىل مەۋجۇدات بولىدۇكى، بىز ئۇنىڭ پەلسەپىۋى، پسىخولوگىيەلىك ياكى سىياسىي تەسىرلىرىنى چۈشىنىپمۇ يېتەلمەيمىز.














































