-

دىل كۈيى
تەمبۇرغا بولغان ئىشقىم 16 ياش چېغىمدا باشلاندى، ئۇ دەل بېيجىڭ مىللەتلەر ئۇنىۋېرسىتېتىغا يېڭى ئوقۇشقا بارغان ۋاقىتلىرىم ئىدى، بىزنى كونا ئوقۇغۇچىلار كۈتۈۋالىدىغان بولدى، كۈتىۋېلىش كېچىلىكىدە بىزنىڭ سىنىپتىن نومۇر ئورۇنلايدىغان بىر قىز، بىر ئوغۇل چىقتى. ئۇ ئوغۇل مەن ئىدىم. نېمە چالىسەن دېدى مۇئەللىم، دۇتار چالىمەن دېدىم. دۇتار يوق، تەمبۇر بار دېدى. تەمبۇر بولسىمۇ چالىمەن دېدىم. فاكۇلتېتتا بىر Read more
-

قورققان يەردە جىن بارمۇ؟
شىۋېتسارىيەلىك روھىي كېسەللەر دوختۇرى، پىسخولوگ كارىل يۇڭنىڭ «قورققان يېرىڭدە سەن قىلىدىغان بىر ئىش بار» دېگەن مەشھۇر سۆزى بىر ئادەمنىڭ ئۆسۈپ يېتىلىشى ۋە ئۆزىنى بايقىشى ھەققىدە مۇھىم بىر ئۇچۇرنى يەتكۈزىدۇ. كارىل يۇڭنىڭ قارىشىچە، قورقۇنچ بىز قاچىدىغان نەرسە ئەمەس، بەلكى ھاياتىمىزدا نېمىگە بەكرەك دىققەت قىلىشىمىز كېرەكلىكى ھەققىدە سىگنال بېرىدىغان نەرسە. قورققان ۋاقتىمىزدا خەتەرگە يۈزلىنىشتىن، يارىلىنىشتىن ياكى گۇمان-ۋەھىمىدىن Read more
-

كىتاب ۋە تېلېفون
ھەر كۈنى ئىشقا ماڭغان چېغىمدا ئاپتوبۇستا بىر ئايالنى كۆرىمەن، چاچلىرى ئاپئاق ئاق تەنلىك ئايال، تىپىك ئامېرىكالىق، چىرايىدىن 60 ياشلارغا يېقىنلاپ قالغانلىقى كۆرۈنىدۇ، باشقىلارنى كۆرسە كۈلۈمسىرەپ سالام بېرىدۇ، قاچانلا قارىسا روھلۇق ۋە تەمكىن. مەن بىلەن بىر بېكەتتە چىقىدۇ، بىر بېكەتتە چۈشىدۇ، ئاپتوبۇستا چىققاندا ھامان بىر سومكىسى بار، سومكىسىدا كىتابى بار، ئورۇندۇقتا ئولتۇرۇپ كىتابىنى قولىغا ئالىدۇ، قاتلاپ Read more
-

ئاۋازسىزلار ماڭا كۈچ بېرىدۇ
تۈركىيە يازغۇچىسى ئەلىف شەفەقنىڭ «يات دۇنيادىكى 10 مىنۇت 38 سېكونت» ناملىق رومانى 2022-يىل «بوك مۇكاپاتى»غا ئېرىشكەن بولۇپ، بۇ يىل 7-ئايدا مۇخبىر ئۇنىڭ بىلەن سۆھبەت ئېلىپ بارغان. ئەلىف شەفەق بۇ سۆھبەتتە ئۆزىگە ئىلھام بەرگەن يازغۇچىلار، يوشۇرۇن نەرسىلەرنى ئاشكارىلاپ يېزىش ھەمدە ئۆزىنىڭ «ئەسەبىي» يېزىقچىلىق ئادەتلىرى ھەققىدە ئۇچۇر بەرگەن. مۇخبىر: كىچىك ۋاقتىڭىزدا ياخشى كۆرۈپ ئوقۇغان بىرەر كىتاب ھەققىدە Read more
-

تەرجىمە رومانلار، خەير-خوش قۇياش ۋە باشقىلار
ئانا تىلىمىزدىكى كىتابلار ئىچىدە ئوقۇشقا ئەرزىيدىغان كىتابلار ئاز ئەمەس، بۇنىڭ ئىچىدە چەت ئەلنىڭ داڭلىق رومانلىرى ۋە پەلسەپە ئەسەرلىرىگە بەكرەك قىزىقىمەن. ئەگەر دۇنيادىكى داڭلىق يازغۇچىلارنىڭ ئەسەرلىرى داڭلىق تەرجىمانلىرىمىزنىڭ قولىدىن چىققان بولسا، ئالتۇن ئۈزۈككە ياقۇت كۆز ياراشقاندەك ئىش بولىدۇ، دە، ئالتۇن تېپىۋالغاندەك تەشنالىق بىلەن ئۇنىڭدىن زوقلىنىشقا باشلايمەن. چەت ئەل رومانلىرىنى ئەسلى تىلىدىن ئوقۇغانغا يەتمەيدۇ دەيمىز، ئەمما ئۇ Read more
-

تۇنجى كىتابىم
تۇنجى كىتابىم 1999-يىل مىللەتلەر نەشرىياتى تەرىپىدىن نەشىر قىلىنغان «جان ئوتى» ناملىق پوۋېستلار توپلىمى بولدى. بۇ كىتاب نەشىر قىلىنىش ئالدىدا «تەڭرىتاغ»، «تارىم» قاتارلىق ژۇرناللاردا «چاقىرىش»، «لاي سۇ ئىچكەن جانلار» دېگەن ھېكايە-پوۋېستلىرىم ئېلان قىلىنغانىدى. بۇ كىتابتا ئۇلارنىڭ ھېچقايسىسى يوق، بەلكىم ئېلان قىلىنىپ بولغان ئەسەرلەرنى قايتا كىتاب قىلىپ يۈرمەي دەپ ئويلىغان بولسام كېرەك، ھالبۇكى بۇ كىتابتىكى پوۋېستلارنىڭ ئىككىسىنى Read more

