ساپىيانس: ئىنسانلارنىڭ قىسقىچە تارىخى(19)

مۇسكۇل كۈچى

ئەرلەرنىڭ ئاياللاردىن كۈچلۈك ئىكەنلىكى ۋە ئۇلارنىڭ بۇ كۈچنى ئاياللارنى بويسۇندۇرۇشقا ئىشلەتكەنلىكى ئەڭ كەڭ تارقالغان نەزەرىيەدۇر. بۇنىڭغا ئازراق ئوخشىمايدىغان بىر قاراشقا كۆرە، ئەرلەرنىڭ كۈچى ئۇلارغا يەر ھەيدەش ۋە ھوسۇل ئېلىشتەك ئېغىر جىسمانىي ئەمگەك تەلەپ قىلىدىغان ئىشلارنى مونوپول قىلىش ئىمكانىيىتى بەرگەنلىكىنى ئوتتۇرىغا قويىدۇ. بۇ ئۇلارغا ئوزۇق-تۈلۈك ئىشلەپچىقىرىشنى كونترول قىلىش، شۇ ئارقىلىق سىياسىي تەسىر كۈچىگە ئېرىشىش ئىمكانىيىتى يارىتىدۇ.

مۇسكۇل كۈچىگە بۇنداق ئەھمىيەت بېرىشنىڭ ئىككى مەسىلىسى بار. بىرىنچىسى، «ئەرلەر ئاياللاردىن كۈچلۈك» دېگەن بايان پەقەت ئوتتۇرىچە ئەھۋالدا ۋە پەقەت مەلۇم كۈچ تۈرلىرىگە نىسبەتەن توغرا. ئاياللار ئادەتتە ئاچلىق، كېسەللىك ۋە چارچاشقا ئەرلەردىن بەكرەك چىداملىق. ئەرلەردىن تېز يۈگۈرەلەيدىغان ۋە ئېغىرراق يۈك كۆتۈرەلەيدىغان نۇرغۇن ئاياللارمۇ بار. ئۇنىڭ ئۈستىگە، بۇ نەزەرىيە ئۈچۈن ئەڭ مەسىلىلىك يېرى شۇكى، ئاياللار تارىخ بويى ئاساسەن ئاز جىسمانىي كۈچ تەلەپ قىلىدىغان خىزمەتلەردىن (روھانىيلىق، قانۇن ۋە سىياسەتتەك) چەتلەشتۈرۈلگەن، ئەمما ئېتىزدا، ھۈنەرۋەنچىلىكتە ۋە ئۆي ئىشلىرىدا ئېغىر جىسمانىي ئەمگەك قىلغان. ئەگەر ئىجتىمائىي ھوقۇق جىسمانىي كۈچ ياكى چىداملىققا بىۋاسىتە مۇناسىۋەتلىك ھالدا تەقسىم قىلىنغان بولسا، ئاياللار تېخىمۇ كۆپ ھوقۇققا ئېرىشىشى كېرەك ئىدى.

تېخىمۇ مۇھىمى، ئىنسانلار ئارىسىدا جىسمانىي كۈچ بىلەن ئىجتىمائىي ھوقۇق ئوتتۇرىسىدا ھېچقانداق بىۋاسىتە مۇناسىۋەت يوق. 60 ياشلىقلار ئادەتتە 20 ياشلىقلار ئۈستىدىن ھوقۇق يۈرگۈزىدۇ، گەرچە يىگىرمە ياشلىقلار ياشانغانلاردىن كۆپ كۈچلۈك بولسىمۇ. 19-ئەسىرنىڭ ئوتتۇرىلىرىدا ئالابامادىكى بىر قورۇق ئىگىسىنى ئۇنىڭ پاختا ئېتىزلىرىدا ئىشلەۋاتقان قۇللارنىڭ ھەرقايسىسى بىر نەچچە سېكۇنتتا يەرگە يىقىتالايتتى. بوكس مۇسابىقىلىرى مىسىر پىرئەۋنلىرى ياكى كاتولىك پاپالىرىنى تاللاشقا ئىشلىتىلمىگەن. ئوۋچى-غەنىمەتچى جەمئىيەتلىرىدە، سىياسىي ھۆكۈمرانلىق ئادەتتە مۇسكۇللۇق ئادەمدە ئەمەس، ئىجتىمائىي ئالاقىدە ئەڭ ماھارەتلىك ئادەمدە بولىدۇ. تەشكىللىك جىنايەتتە، گۇرۇھ كاتىۋېشىنىڭ چوقۇم ئەڭ كۈچلۈك ئادەم بولۇشى شەرت ئەمەس. ئۇ كۆپ ھاللاردا ئۆز مۇشتىنى ناھايىتى ئاز ئىشلىتىدىغان ياشانغان ئادەم بولۇپ، جىنايەتلەرنى ياش ۋە ساغلام ئەرلەرگە قىلدۇرىدۇ. بىرسىنى ئۇرۇپ تەشكىلاتنى ئىگىلەشنى ئويلايدىغان ئادەم خاتالىقىدىن ساۋاق ئېلىشقا يېتەرلىك ئۇزۇن ياشىيالمايدۇ. ھەتتا شىمپانزىلار ئارىسىدىمۇ، باش ئەركەك ئۆز ئورنىنى كالۋا زوراۋانلىق بىلەن ئەمەس، باشقا ئەركەك ۋە چىشى مايمۇنلار بىلەن مۇقىم ئىتتىپاقداشلىق قۇرۇش ئارقىلىق ئىگىلەيدۇ.

ئەمەلىيەتتە، ئىنسانىيەت تارىخى كۆپىنچە جىسمانىي كۈچ بىلەن ئىجتىمائىي ھوقۇق ئوتتۇرىسىدا تەتۈر مۇناسىۋەت بارلىقىنى كۆرسىتىدۇ. كۆپىنچە جەمئىيەتلەردە، تۆۋەن تەبىقىلەر جىسمانىي ئەمگەك قىلىدۇ. بۇ ھومو ساپىيانسنىڭ ئوزۇق زەنجىرىدىكى ئورنىنى ئەكس ئەتتۈرۈشى مۇمكىن. ئەگەر بۇلار ئەڭ بۇرۇنقى جىسمانىي قابىلىيەت ھېسابلانغان بولسا، ساپىيانسلار تەرەققىيات پەللىسىنىڭ ئوتتۇرىسىدىلا قالغان بولاتتى. ئەمما ئۇلارنىڭ ئەقلىي ۋە ئىجتىمائىي ماھارەتلىرى ئۇلارنى ئەڭ يۇقىرى ئورۇنغا قويدى. شۇڭا تۈر ئىچىدىكى ھوقۇق زەنجىرىنىڭمۇ قوپال كۈچتىن كۆرە ئەقلىي ۋە ئىجتىمائىي قابىلىيەتلەر بىلەن بەلگىلىنىشى تەبىئىي. شۇڭا تارىختىكى ئەڭ ھەقىقىي، ئەڭ مۇقىم دەرىجە تۈزۈمى ئەرلەرنىڭ ئاياللاردىن ئۈستۈن جىسمانىي كۈچى ئۈستىگە قۇرۇلغان دېگەنگە ئىشىنىش تەس.

جەمئىيەتنىڭ ئەڭ تۆۋەن قاتلىمى

 يەنە بىر نەزەرىيە ئەرلەرنىڭ ئۈستۈنلۈكىنىڭ كۈچتىن ئەمەس، تاجاۋۇزچىلىقتىن كېلىپ چىققانلىقىنى چۈشەندۈرىدۇ. نەچچە مىليون يىللىق تەدرىجىي تەرەققىيات ئەرلەرنى ئاياللارغا قارىغاندا كۆپ زوراۋان قىلىپ قويغان. ئاياللار نەپرەت، تەمەخورلۇق ۋە زۇلۇم جەھەتتە ئەرلەر بىلەن تەڭلىشەلەيدۇ، ئەمما بۇ نەزەرىيە بويىچە، ئىش جىسمانىي زوراۋانلىققا كەلگەندە، ئەرلەر بۇنىڭغا تېخىمۇ تەييار. شۇڭا تارىخ بويى ئۇرۇش ئەرلەرنىڭ ئىمتىيازى بولۇپ كەلگەن.

 ئۇرۇش ۋاقتىدا، ئەرلەرنىڭ قوراللىق كۈچلەرنى كونترول قىلىشى ئۇلارنى پۇقرالار جەمئىيىتىنىڭمۇ خوجايىنى قىلىپ قويغان. ئاندىن ئۇلار پۇقرالار جەمئىيىتى ئۈستىدىكى كونتروللۇقىنى تېخىمۇ كۆپ ئۇرۇش قىلىشقا ئىشلەتكەن. ئۇرۇشلار قانچە كۆپ بولسا، ئەرلەرنىڭ جەمئىيەت ئۈستىدىكى كونتروللۇقى شۇنچە كۈچەيگەن. بۇنداق قايتىلىنىش ھەم ئۇرۇشنىڭ، ھەم ئاتىلىق ھوقۇق تۈزۈمىنىڭ قانداق ئومۇملاشقانلىقىنى چۈشەندۈرىدۇ.

 ئەر-ئاياللارنىڭ ھورمون ۋە ئەقىل-ئىدراك سىستېمىلىرى ھەققىدىكى يېقىنقى تەتقىقاتلار ئەرلەرنىڭ ھەقىقەتەن تېخىمۇ تاجاۋۇزچى ۋە زوراۋان خاراكتېرى بارلىقىنى، شۇڭا ئۇلارنىڭ ئومۇميۈزلۈك ھالدا ئەسكەر بولۇشقا تېخىمۇ ماس كېلىدىغانلىقى ھەققىدىكى پەرەزنى كۈچەيتتى. ئەمما ئادەتتىكى ئەسكەرلەرنىڭ ھەممىسى ئەر بولغان تەقدىردىمۇ، ئۇرۇشنى باشقۇرىدىغان ۋە ئۇنىڭ مېۋىسىدىن بەھرىمەن بولىدىغانلارنىڭمۇ چوقۇم ئەر بولۇشى كېرەكمۇ؟ بۇ ئاقمايدىغان گەپ. بۇ خۇددى پاختا ئېتىزلىرىدا ئىشلەيدىغان قۇللارنىڭ ھەممىسى قارا تەنلىك بولغاچقا، قورۇق ئىگىلىرىمۇ قارا تەنلىك بولۇشى كېرەك دەپ پەرەز قىلغانغا ئوخشايدۇ. قارا تەنلىك ئىشچىلارنى پۈتۈنلەي ئاق تەنلىك باشقۇرغۇچىلار باشقۇرالىغاندەك، نېمىشقا ئەر ئەسكەرلەرنىمۇ پۈتۈنلەي ئايال ياكى ھېچ بولمىغاندا ئاياللار باشلىق بولغان بەزى ھۆكۈمەتلەر باشقۇرالمايدۇ؟

 تارىختىكى نۇرغۇن جەمئىيەتلەردە، يۇقىرى دەرىجىلىك ئوفىتسېرلار ئادەتتىكى ئەسكەرلىكتىن باشلاپ ئۆسمىگەن. ئاقسۆڭەكلەر، بايلار ۋە ئوقۇمۇشلۇقلار ئاپتوماتىك ھالدا ئوفىتسېر بولۇپ تەيىنلەنگەن ۋە ھەرگىز ئادەتتىكى ئەسكەر بولۇپ خىزمەت قىلمىغان.

 ناپولېئوننىڭ رەقىبى دۇك ۋېللىنگتون 18 يېشىدا ئەنگلىيە ئارمىيەسىگە يېزىلغاندا، دەرھال ئوفىتسېر قىلىپ تەيىنلەنگەن. ئۇ قول ئاستىدىكى ئاۋام خەلقنى ئانچە يۇقىرى باھالىمايتتى. ئۇ فرانسىيەگە قارشى ئۇرۇشلار جەريانىدا باشقا بىر ئاقسۆڭەككە: «بىزنىڭ قوشۇندا ئادەتتىكى ئەسكەر سۈپىتىدە جەمئىيەتنىڭ ئەڭ پەس قاتلىمى بار» دەپ يازغان. بۇ ئادەتتىكى ئەسكەرلەر ئادەتتە ئەڭ نامراتلار ياكى ئاز سانلىق مىللەتلەر (مەسىلەن ئىرلاندىيەلىك كاتولىكلار)دىن توپلانغان. ئۇلارنىڭ ھەربىي ئۇنۋاندا ئۆسۈش ئىمكانىيىتى يوق دېيەرلىك ئىدى. يۇقىرى ئۇنۋانلار كېنەزلەر، شاھزادىلەر ۋە پادىشاھلارغا ساقلانغان. ئەمما ئۇ ئۇنۋانلار نېمىشقا كېنەزنىڭ خانىملىرىغا ئەمەس، كېنەزگىلا بېرىلىدۇ؟

 فرانسىيەنىڭ ئافرىقىدىكى ئىمپېرىيەسى سېنېگاللىقلار، ئالجىرىيەلىكلەر ۋە فرانسىيە ئىشچىلار سىنىپىنىڭ قان-تەرى بىلەن قۇرۇلغان ھەم قوغدالغان. ئەسكەرلەر ئارىسىدا ئېسىلزادە فرانسۇزلارنىڭ نىسبىتى يوق دېيەرلىك ئىدى. ئەمما فرانسىيە ئارمىيەسىنى باشقۇرغان، ئىمپېرىيەنى ئىدارە قىلغان ۋە ئۇنىڭ مېۋىسىدىن بەھرىمەن بولغان ئاز ساندىكى يۇقىرى قاتلام ئارىسىدا ئېسىلزادە فرانسۇزلارنىڭ نىسبىتى ناھايىتى يۇقىرى ئىدى. نېمىشقا فرانسۇز ئاياللار ئەمەس، فرانسۇز ئەرلەرلا شۇنداق ئىمتىيازغا ئېرىشتى؟

 خىتايدا ئەسكەرلەرنى مەمۇرىي ئەمەلدارغا بويسۇندۇرۇش ئەنئەنىسى بولۇپ، ئۆمرىدە قىلىچ تۇتۇپ باقمىغان ئەمەلدارلار دائىم ئۇرۇشلارغا قوماندانلىق قىلاتتى. خىتايدا «ياخشى تۆمۈرنى مىخ قىلىپ ئىسراپ قىلما» دەيدىغان ماقال بار، بۇ گەپ ھەقىقىي تالانتلىقلار ئەسكەر ئەمەس، ئەمەلدار بولىدۇ دېگەن مەنىدە. ئۇنداقتا، نېمىشقا بۇ مەمۇرىي ئەمەلدارلارنىڭ ھەممىسى ئەر ئىدى؟

 ئاياللارنىڭ جىسمانىي ئاجىزلىقى ياكى تېستوستېرون (ئەرلىك ھورمون) دەرىجىسىنىڭ تۆۋەنلىكى ئۇلارنىڭ مۇۋەپپەقىيەتلىك مەمۇرىي ئەمەلدار، گېنېرال ۋە سىياسەتچى بولۇشىنى توسقان دېگىلى بولمايدۇ. ئۇرۇشنى باشقۇرۇش ئۈچۈن قارا كۈچ ياكى ھۇجۇمكارلىق كېرەك ئەمەس، بەلكى چىداملىق بولۇشىڭىز كېرەك، ئۇرۇش دېگەن مەيخانىدىكى جېدەل ئەمەس، بەلكى غايەت زور دەرىجىدىكى تەشكىللەش، ھەمكارلىشىش ۋە تىنچلاندۇرۇشنى تەلەپ قىلىدىغان مۇرەككەپ ئىشتۇر. دۆلەت ئىچىدە تىنچلىقنى ساقلاش، چەت ئەلدە ئىتتىپاقداشلارنى قولغا كەلتۈرۈش ۋە باشقىلارنىڭ (بولۇپمۇ دۈشمەنلىرىڭىزنىڭ) كاللىسىدىكىنى چۈشىنىش قابىلىيىتى ئادەتتە غەلىبىنىڭ ئاچقۇچىدۇر. ئۇرۇش قوزغىغۇچىلار دائىم  ئەسكەرنىڭ بېشىغا چىقىۋالغان ئۇرۇشقاق تەلۋىلەردۇر. تىنچلاندۇرۇشنى، كونترول قىلىشنى ۋە مەسىلىلەرنى ھەرخىل نۇقتىدىن كۆرۈشنى بىلىدىغان ھەمكارلاشقۇچىلار تېخىمۇ ياخشىدۇر. ئىمپېرىيە قۇرغۇچىلار ئەنە شۇنداق ئادەملەردۇر. ھەربىي جەھەتتە ئىقتىدارسىز ئاۋگۇستۇس مۇنتىزىم ئىمپېرىيە تۈزۈمى قۇرۇشتا مۇۋەپپەقىيەت قازانغان بولۇپ، بۇ ئۇنىڭدىن كۆپ ياخشى گېنېراللار بولغان يۇلىئۇس سېزار ۋە بۈيۈك ئىسكەندەرنىڭ قولىدىن كەلمىگەن ئىش ئىدى. ئۇنىڭ زامانداشلىرى ۋە بۈگۈنكى تارىخچىلار بۇ نەتىجىنى تولىراق ئۇنىڭ مۇلايىملىقى ۋە ئەپۇچانلىق پەزىلىتىگە باغلايدۇ.

 ئاياللار دائىم ئەرلەردىن ياخشىراق كونترول قىلغۇچى ۋە تىنچلاندۇرغۇچى دەپ قارىلىدۇ، شۇنداقلا باشقىلارنىڭ نۇقتىسىدىن مەسىلىنى كۆرۈش قابىلىيىتى يۇقىرى دەپ داڭلىنىدۇ. ئەگەر بۇ قاتمال پىكىرلەر ھەقىقەت بولسا، ئاياللار ناھايىتى ياخشى سىياسەتچى ۋە ئىمپېرىيە قۇرغۇچىلار بولۇشى، جەڭ مەيدانىدىكى پەس ئىشلارنى ئەرلىك ھورمونى ئېشىپ كەتكەن، ئەمما كاللىسى ئىشلىمەيدىغان نوچىلارغا قالدۇرۇشى كېرەك ئىدى. ئاشۇنداق ئېقىپ يۈرگەن گەپلەرگە قارىماي، رېئال دۇنيادا بۇ ئەھۋال ئاز ئۇچرايدۇ. نېمىشقا ئۇنداق بولمىغانلىقى ئېنىق ئەمەس.

ئاتىلىق گېنلار

ئۈچىنچى خىل بىئولوگىيەلىك چۈشەندۈرۈش قوپال كۈچ ۋە زوراۋانلىققا ئازراق ئەھمىيەت بېرىپ، مىليونلىغان يىللىق تەدرىجىي تەرەققىيات جەريانىدا ئەر-ئاياللارنىڭ ھەر تۈرلۈك جان بېقىش ۋە كۆپىيىش ئۇسۇللىرىنى يېتىلدۈرگەنلىكىنى ئوتتۇرىغا قويىدۇ. ئەرلەر تۇغۇمچان ئاياللارنى ھامىلدار قىلىش پۇرسىتى ئۈچۈن رىقابەتلەشكەندە، بىر ئەرنىڭ نەسىل قالدۇرۇش ئېھتىماللىقى ئاساسەن ئۇنىڭ باشقا ئەرلەردىن ئۈستۈن كېلىش ۋە ئۇلارنى مەغلۇپ قىلىش قابىلىيىتىگە باغلىق ئىدى. ۋاقىتنىڭ ئۆتۈشى بىلەن، كېيىنكى ئەۋلادقا ئۇلاشقان ئەرلىك گېنلار ئەڭ قارام، تاجاۋۇزچى ۋە رىقابەتچى ئەرلەرگە تەۋە گېنلار بولدى.

يەنە بىر تەرەپتىن، بىر ئايال ئۆزىنى ھامىلدار قىلىشقا تەييار ئەرنى تېپىشتا قىينالمايتتى. ئەگەر ئۇ بالىلىرىنىڭ ئۆزىگە نەۋرە بېرىشىنى ئۈمىد قىلسا، ئۇلارنى توققۇز ئاي قورسىقىدا كۆتۈرۈپ يۈرۈشى، ئاندىن يىللاپ پەرۋىش قىلىشى كېرەك ئىدى. بۇ جەرياندا ئۇنىڭ ئوزۇق-تۈلۈك تېپىش پۇرسىتى ئاز بولۇپ، كۆپ ياردەمگە موھتاج ئىدى. ئۇنىڭغا بىر ئەر كېرەك ئىدى. ئۇ ئۆزىنىڭ ۋە بالىلىرىنىڭ جېنىنى بېقىش ئۈچۈن، ئەرنىڭ يېنىدا قېلىپ، ئېغىرچىلىقنىڭ بىر قىسمىنى كۆتۈرۈشى ئۈچۈن قويغان ھەرقانداق شەرتىگە ماقۇل بولۇشتىن باشقا تاللىشى يوق ئىدى. ۋاقىتنىڭ ئۆتۈشى بىلەن، كېيىنكى ئەۋلادقا ئۇلاشقان ئاياللىق گېنلار بويسۇنغۇچى ھەم پەرۋىشكار ئاياللارغا تەۋە گېنلار بولدى. ھوقۇق ئۈچۈن كۆپ كۈرەش قىلغان ئاياللار كېيىنكى ئەۋلادلارغا ئۇ كۈچلۈك گېنلاردىن ھېچقايسىسىنى قالدۇرالمىدى.

بۇ نەزەرىيە بويىچە، بۇ پەرقلىق ھايات قېلىش ئۇسۇللىرىنىڭ نەتىجىسى شۇ بولدىكى، ئەرلەرنىڭ تەقدىرى قارام ۋە رىقابەتچى بولۇشقا، سىياسەت ۋە تىجارەتتە ئۈستۈنلۈككە ئېرىشىشكە پۈتۈلۈپ كەتتى؛ ئاياللار بولسا يول بوشىتىپ بېرىپ، ھاياتىنى بالا چوڭ قىلىشقا بېغىشلاشقا مايىل بولدى.

ئەمما بۇ قاراشمۇ ئەمەلىي پاكىتلار تەرىپىدىن يالغانغا چىقىرىلغاندەك كۆرۈنىدۇ. بولۇپمۇ ئاياللارنىڭ تاشقى ياردەمگە تايىنىشى ئۇلارنى باشقا ئاياللارغا ئەمەس، ئەرلەرگە تايىنىشقا مەجبۇر قىلدى؛ ئەرلەرنىڭ رىقابەتچانلىقى ئۇلارنى ئىجتىمائىي جەھەتتە ئۈستۈن قىلدى دېگەن پەرەزلەردە مەسىلە بار. پىل ۋە پاكار شىمپەنزىلەرگە ئوخشاش نۇرغۇن ھايۋان تۈرلىرىدە، تايىنىشچان چىشىلىرى بىلەن رىقابەتچى ئەركەكلىرى ئوتتۇرىسىدىكى ئۆزگىرىشچان مۇناسىۋەتلەر ئانىلىق  ھوقۇق تۈزۈمىدىكى جەمئىيەت بىلەن نەتىجىلەنگەن. ئۇلارنىڭ چىشىلىرى تاشقى ياردەمگە موھتاج بولغاچقا، ئىجتىمائىي ماھارەتلىرىنى يېتىلدۈرۈشكە،  ھەمكارلىشىش ھەم تىنچلاندۇرۇشنى ئۆگىنىشكە مەجبۇر. ئۇلار ئۆز ئالدىغا چىشى جىنسلار تورى قۇرۇش ئارقىلىق، ھەر بىرىنىڭ ئۆز بالىلىرىنى چوڭ قىلىشىغا ياردەم بېرىدۇ. بۇ جەرياندا ئەركەكلىرى كۆپ ۋاقتىنى ئۇرۇش-تالاش بىلەن ئۆتكۈزىدۇ. ئۇلارنىڭ ئىجتىمائىي ماھارەتلىرى ۋە مۇناسىۋەت باغلىرى يېتىلمىگەن پېتى قالىدۇ.  شۇڭا پاكار شىمپەنزە ۋە پىل جەمئىيەتلىرى كۈچلۈك ھەمكارلاشقۇچى چىشى جىنسلار تورى تەرىپىدىن كونترول قىلىنىدۇ، ئۆزىنىلا ئويلايدىغان ۋە ھەمكارلاشمايدىغان ئەركەكلىرى بولسا چەتكە قېقىلىدۇ. چىشى پاكار شىمپەنزىلەر ئادەتتە ئەركەكلىرىدىن ئاجىز بولىدۇ، ئەمما ئۇلار بىرلىكتە توپلىشىپ،  ھەددىدىن ئاشقان ئەركەك شىمپەنزىلەرنى ئۇرىدۇ.

ئەگەر بۇ، پاكار شىمپەنزىلەر ۋە پىللار ئارىسىدا مۇمكىن بولسا، نېمىشقا ھومو ساپىيانسلار ئارىسىدا مۇمكىن بولمايدۇ؟ ساپىيانسلار نىسبەتەن ئاجىز ھايۋانلار بولۇپ، ئۇلارنىڭ ئۈستۈنلۈكى كۆپ سانلىق كىشىلەر بىلەن ھەمكارلىشىش قابىلىيىتىدە. ئۇنداق بولغاندا، بىز تايىنىشچان ئاياللارنىڭ، گەرچە ئەرلەرگە تايانسىمۇ، ئۆزلىرىنىڭ ئۈستۈن ئىجتىمائىي ماھارەتلىرىنى ئىشلىتىپ،  ھەمكارلىشىش ئارقىلىق تاجاۋۇزچى، باشباشتاق ۋە ئۆزىنىلا ئويلايدىغان ئەرلەرنى ئۇستىلىق بىلەن يېڭىپ چىقىشىنى كۈتۈشىمىز كېرەك.

مۇۋەپپەقىيىتى ئەڭ مۇھىم دەرىجىدە ھەمكارلىققا باغلىق بولغان بۇ ئىشتا، قانداقسىگە گويا ئاز ھەمكارلىشىدىغان شەخسلەر (ئەرلەر) گويا كۆپ ھەمكارلىشىدىغان شەخسلەرنى (ئاياللارنى) كونترول قىلىدىغان بولۇپ قالدى؟ ھازىرچە بىزدە بۇنىڭغا ياخشى جاۋاب يوق. بەلكىم ئورتاق پەرەزلەر خاتادۇر. بەلكىم ھومو ساپىيانس تۈرىدىكى ئەركەكلەر جىسمانىي كۈچ، تاجاۋۇزچىلىق ۋە رىقابەتچانلىقتا ئەمەس، يۇقىرى ئىجتىمائىي ماھارەتلەردە ۋە ھەمكارلىققا كۆپرەك مايىل بولۇشىدا ئالاھىدىلكى بولۇشى مۇمكىن. بىز بۇنى بىلمەيمىز.

بىراق بىلىدىغىنىمىز شۇكى، ئۆتكەن ئەسىردە جىنسىي رول زور ئۆزگىرىشكە دۇچ كەلدى. بۈگۈنكى كۈندە تېخىمۇ كۆپ جەمئىيەتلەر ئەر-ئاياللارغا باراۋەر قانۇنىي ئورۇن، سىياسىي ھوقۇق ۋە ئىقتىسادىي پۇرسەتلەرنى بېرىپلا قالماي، ئۇلارنىڭ جىنس ۋە جىنسىيەت ھەققىدىكى ئەڭ ئاساسىي چۈشەنچىلىرىنى قايتا ئويلاشماقتا. جىنسىي پەرق يەنىلا كۆرۈنەرلىك بولسىمۇ، ئىشلار ھەيران قالارلىق تېزلىكتە يۈز بەرمەكتە. 20-ئەسىرنىڭ باشلىرىدا ئامېرىكىدا ئاياللارغا سايلام ھوقۇقى بېرىشكە بولمايدۇ دەپ قارالغان؛ ئايال مىنىستىر ياكى ئالىي سوتنىڭ سوتچىسى بولۇش خىيالى پۈتۈنلەي كۈلكىلىك ئىدى؛ بەچچىۋازلىق بولسا شۇنچىلىك پەرھىز تېما ئىدىكى، ئۇنى ئوچۇق مۇھاكىمە قىلغىلىمۇ بولمايتتى. 21- ئەسىرنىڭ باشلىرىدا ئاياللارنىڭ ئاۋاز بېرىش ھوقۇقى نورمال ئەھۋال دەپ قارالدى؛ ئايال مىنىستىرلار ئانچە دىققەت تارتمايدىغان بولۇپ قالدى؛ 2013-يىلى ئامېرىكا ئالىي سوتىنىڭ بەش سوتچىسى (ئۇلارنىڭ ئۈچى ئايال) تۆت ئەر سوتچىنىڭ قارشىلىقىنى يېڭىپ، ئوخشاش جىنسلىقلار نىكاھىنى قانۇنلاشتۇرۇش ھەققىدە قارار چىقاردى.

بۇ جىددىي ئۆزگىرىشلەر دەل جىنسىي پەرق تارىخىنى مۈشكۈل ۋەزىيەتكە دۇچار قىلدى. ئەگەر، بۈگۈن شۇنچە ئېنىق كۆرسىتىلىۋاتقاندەك، ئاتىلىق ھوقۇق تۈزۈمى بىئولوگىيەلىك پاكىتلارغا ئەمەس، ئاساسسىز ئەپسانىلەرگە ئاساسلانغان بولسا، بۇ تۈزۈمنىڭ ئومۇميۈزلۈك مەۋجۇت بولۇشى ۋە مۇقىملىقى نېمىنى چۈشەندۈرىدۇ؟

جاۋاب يېزىش