ساپىيانس: ئىنسانلارنىڭ قىسقىچە تارىخى(20)

3-قىسىم

ئىنسانلارنىڭ بىرلىشىشى

9. تارىخنىڭ ئوقياسى

مەككىدىكى كەئبە ئەتراپىدا ئايلىنىۋاتقان ھاجىلار

يېزا ئىگىلىك ئىنقىلابىدىن كېيىن، ئىنسانلار جەمئىيىتى بارغانسېرى چوڭىيىپ، مۇرەككەپلىشىپ كەتتى، ئىجتىمائىي تەرتىپنى ساقلايدىغان تەسەۋۋۇر شەكلىمۇ مۇرەككەپلەشتى. ئەپسانىلەر ۋە چۆچەكلەر كىشىلەرنى تۇغۇلغان ۋاقتىدىن باشلاپلا مەلۇم ئۇسۇلدا ئويلاشقا، مەلۇم ئۆلچەملەر بويىچە ھەرىكەت قىلىشقا، مەلۇم نەرسىلەرنى خالاشقا ۋە مەلۇم قائىدىلەرگە رىئايە قىلىشقا كۆندۈردى. بۇ ئارقىلىق مىليونلىغان ناتونۇشلارنىڭ ئۈنۈملۈك ھەمكارلىشىشىغا ئىمكان بېرىدىغان سۈنئىي ئىستەكلەر يارىتىلدى. بۇ سۈنئىي ئىستەكلەر تورى «مەدەنىيەت» دەپ ئاتىلىدۇ.

20-ئەسىرنىڭ بىرىنچى يېرىمىدا، ئالىملار ھەر بىر مەدەنىيەتنى مۇكەممەل ۋە ماسلاشقان، شۇنداقلا مەڭگۈ ئۆزگەرمەس ماھىيەتكە ئىگە دەپ ئوتتۇرىغا قويۇشتى. ھەر بىر ئىنسان گۇرۇپپىسىنىڭ ئۆز دۇنيا قارىشى،  ئىجتىمائىي، قانۇنىي ۋە سىياسىي تۈزۈملىرى بار  بولۇپ، ئۇلار خۇددى پلانېتلارنىڭ قۇياش ئەتراپىدا ئايلىنىشىدەك راۋان ماڭاتتى. بۇ قاراشقا كۆرە، ئۆز مەيلىگە قويۇۋېتىلگەن مەدەنىيەتلەر ئۆزگەرمەيتتى. ئۇلار پەقەت ئوخشاش سۈرئەت ۋە يۆنىلىشتە داۋاملىشاتتى. پەقەت سىرتتىن كەلگەن كۈچلا ئۇلارنى ئۆزگەرتەلەيتتى.

ئانتروپولوگلار، تارىخچىلار ۋە سىياسەتچىلەر «ساموئا مەدەنىيىتى» ياكى «تاسمانىيە مەدەنىيىتى» دېگەندەك ئاتالغۇلارنى ئىشلەتكەندە، ساموئالىقلار ۋە تاسمانىيەلىكلەرنىڭ ئەزەلدىن ئوخشاش ئېتىقاد، ئۆلچەم ۋە قىممەت قاراشلارغا ئىگە ئىكەنلىكىنى كۆزدە تۇتاتتى.  

بۈگۈن، كۆپىنچە مەدەنىيەت تەتقىقاتچىلىرى بۇنىڭ ئەكسىچە ئىكەنلىكىگە ھۆكۈم قىلدى. ھەر بىر مەدەنىيەتنىڭ ئۆزىگە خاس ئېتىقادلىرى، ئۆلچەملىرى ۋە قىممەت قاراشلىرى بار، ئەمما بۇلار داۋاملىق ئۆزگىرىپ تۇرىدۇ. مەدەنىيەت مۇھىتىدىكى ئۆزگىرىشلەرگە ياكى قوشنا مەدەنىيەتلەر بىلەن بولغان ئۆزئارا تەسىرگە جاۋابەن ئۆزىنى ئۆزگەرتەلەيدۇ. ئەمما مەدەنىيەتلەر ئۆزىنىڭ ئىچكى دىنامىكىسى تۈپەيلىدىنمۇ ئۆزگىرىشكە ئۇچرايدۇ. ھەتتا ئېكولوگىيەلىك جەھەتتىن مۇقىم مۇھىتتا مەۋجۇت بولۇۋاتقان ئايرىم مەدەنىيەتمۇ ئۆزگىرىشتىن ساقلىنالمايدۇ. فىزىكا قانۇنلىرى زىددىيەتسىز بولىدۇ، ئەمما ئىنسانلار قۇرغان تەرتىپ ئىچكى زىددىيەتلەر بىلەن تولغان. مەدەنىيەتلەر داۋاملىق بۇ زىددىيەتلەرنى ئەپلەشتۈرۈشكە تىرىشىدۇ، بۇ جەرياندا ئۇلار ئۆزگىرىپ بارىدۇ.  

مەسىلەن، ئوتتۇرا ئەسىردىكى ياۋروپادا ئاقسۆڭەكلەر خرىستىيان دىنىغا ھەم رىتسارلىق (قەھرىمانلىق، پالۋانلىق) روھىغا ئىشىنەتتى. بىر ئاقسۆڭەك ئەتىگەندە چېركاۋغا بېرىپ، پوپلارنىڭ ئەۋلىيا-ئەنبىيالارنىڭ ھاياتى ھەققىدىكى ۋەز-تەبلىغىنى ئاڭلايتتى. « شان-شۆھرەت دېگەنلەر پۈچەك نەرسىلەر!» دەيتتى پوپلار، «بايلىق، شەھۋەت ۋە شۆھرەت خەتەرلىك ئازدۇرۇشلاردۇر. سىز بۇلاردىن ئۈستۈن تۇرۇپ، ئەيسانىڭ ئىزىدىن مېڭىشىڭىز كېرەك. ئۇنىڭغا ئوخشاش كەمتەر بولۇڭ، زوراۋانلىق ۋە ئىسراپچىلىقتىن ساقلىنىڭ، بىرسى ئوڭ يۈزىڭىزگە تەستەك ئۇرسا، سول يۈزىڭىزنى تۇتۇپ بېرىڭ». كەمتەر ۋە ئويچان ھالدا ئۆيىگە قايتقان ئاقسۆڭەك ئەڭ ياخشى يىپەك كىيىملىرىنى كىيىپ، خوجايىنىنىڭ قەسرىدىكى زىياپەتكە باراتتى. ئۇ يەردە شاراب سۇدەك ئاقاتتى، ناخشىچى لانسېلوت ۋە گۇئىنېۋېر[1] ھەققىدە ناخشا ئېيتاتتى، مېھمانلار بىر دەم سەت چاقچاقلارنى قىلسا، بىر دەم قانلىق ئۇرۇش ھېكايىلىرىنى سۆزلەيتتى. «نومۇس بىلەن ياشىغاندىن ئۆلگەن ياخشى» دەيتتى بارونلار، «بىراۋ ئىززىتىڭىزگە تەگسە، پەقەت قان بىلەنلا بۇ ھاقارەتنى يۇغىلى بولىدۇ. ھاياتتا دۈشمەنلىرىڭىزنىڭ سىزنىڭ ئالدىڭىزدىن قاچقىنىنى ۋە ئۇلارنىڭ چىرايلىق قىزلىرىنىڭ ئايىغىڭىزدا تىترەپ تۇرغىنىنى كۆرۈشتىنمۇ ياخشى نېمە بار؟»

بۇ زىددىيەت ھېچقاچان تولۇق ھەل قىلىنمىدى. ئەمما ياۋروپا ئاقسۆڭەكلىرى، روھانىيلىرى ۋە پۇقرالىرى بۇنىڭ بىلەن كۈرەش قىلغانسېرى، ئۇلارنىڭ مەدەنىيىتى ئۆزگەردى. بۇنى ھەل قىلىش ئۇرۇنۇشلىرى ئەھلى سەلىب ھەربىي يۈرۈشلىرىنى كەلتۈرۈپ چىقاردى. بۇ ئۇرۇشتا رىتسارلار بىرلا ۋاقىتتا ھەربىي ماھارىتىنى ۋە دىنىي سادىقلىقىنى نامايان قىلالايتتى. ئۇ زىددىيەت يەنە «چېركاۋ چەۋەندازلىرى» ۋە «قىزىل كرېسىت چەۋەندازلىرى»غا ئوخشاش ھەربىي تەشكىلاتلارنى مەيدانغا كەلتۈردى، ئۇلار خرىستىيان دىنى بىلەن رىتسارلىق غايىلىرىنى تېخىمۇ زىچ بىرلەشتۈرۈشكە تىرىشتى. بۇلار ئۆز نۆۋىتىدە پادىشاھ ئارتۇر ۋە مۇقەددەس جام ھېكايىلىرىگە ئوخشاش ئوتتۇرا ئەسىر سەنئىتى ۋە ئەدەبىياتىنىڭ شەكىللىنىشىگە تۈرتكە بولدى. كامېلوت ئوبرازى ياخشى رىتسار ياخشى خرىستىيان بولالايدۇ ۋە بولۇشى كېرەك، ياخشى خرىستىيانلار ئەڭ ياخشى رىتسارلار بولىدۇ دەپ ئىسپاتلاشقا ئۇرۇنۇشتىن باشقا نېمە ئىدى؟

يەنە بىر مىسال زامانىۋى سىياسىي تەرتىپتۇر. فرانسىيە ئىنقىلابىدىن بۇيان، دۇنيانىڭ ھەر قايسى جايلىرىدىكى كىشىلەر تەدرىجىي ھالدا باراۋەرلىك ۋە شەخسىي ئەركىنلىكنى ئاساسىي قىممەت قاراشلار دەپ قاراشقا باشلىدى. ئەمما بۇ ئىككى قىممەت قاراش بىر-بىرىگە زىت كېلىدۇ. باراۋەرلىكنى پەقەت ياخشىراق ئەھۋالدىكىلەرنىڭ ئەركىنلىكىنى چەكلەش ئارقىلىقلا كاپالەتكە ئىگە قىلغىلى بولىدۇ. ھەر بىر ئادەمنىڭ خالىغىنىنى قىلىش ئەركىنلىكىگە كاپالەتلىك قىلىش مۇقەررەر ھالدا باراۋەرلىككە زىيان يەتكۈزىدۇ. 1789-يىلدىن كېيىنكى دۇنيانىڭ پۈتكۈل سىياسىي تارىخىنى بۇ زىددىيەتنى ئەپلەشتۈرۈش ئۇرۇنۇشلىرى دەپ قاراشقا بولىدۇ.

چارلز دىككېنسنىڭ رومانلىرىنى ئوقۇغان كىشى 19-ئەسىردىكى ياۋروپا لىبېرال ھاكىمىيەتلىرىنىڭ شەخسىي ئەركىنلىكنى ئالدىن ئويلاشقانلىقىنى، ئەمما قەرزىنى تۆلىيەلمىگەن نامرات ئائىلىلەرنى تۈرمىگە تاشلىغانلىقىنى، يېتىملەرگە يانچۇقچىلىقنى ئۆگىنىشتىن باشقا تاللاش يولى قالدۇرمىغانلىقىنى بىلىدۇ. ئالېكساندىر سولجېنىتسىننىڭ رومانلىرىنى ئوقۇغان كىشى كوممۇنىزمنىڭ باراۋەرلىك ئىدىيىسىنىڭ كۈندىلىك تۇرمۇشتىكى ئۇششاق ئىشلارنىمۇ كونترول قىلىشقا ئۇرۇنۇشتەك رەھىمسىز زۇلۇملارنى كەلتۈرۈپ چىقارغانلىقىنى بىلىدۇ.

ھازىرقى ئامېرىكا سىياسىتىمۇ بۇ زىددىيەت ئەتراپىدا ئايلىنىدۇ. دېموكراتلار تېخىمۇ ئادىل جەمئىيەت قۇرۇشنى خالايدۇ، ھالبۇكى بۇ نامرات، ياشانغان ۋە ئاجىز كىشىلەرگە ياردەم قىلىش پروگراممىلىرىنى مەبلەغ بىلەن تەمىنلەش ئۈچۈن باجنى ئۆستۈرۈشتىن دېرەك بېرىدۇ، ئەمما بۇ كىشىلەرنىڭ خالىغانچە پۇل خەجلەش ئەركىنلىكىگە دەخلى قىلىدۇ. ئۇلار «مەن پۇلۇمنى بالىلىرىمنى ئۇنىۋېرسىتېتتا ئوقۇتۇشقا ئىشلىتەي دەۋاتسام، ھۆكۈمەت نېمىشقا مېنى ساغلاملىق سۇغۇرتىسى ئېلىشقا مەجبۇرلايدۇ؟» دەيدۇ، يەنە بىر تەرەپتىن، جۇمھۇرىيەتچىلەر شەخسىي ئەركىنلىكنى ئەڭ يۇقىرى چەككە يەتكۈزۈشنى خالايدۇ  ھالبۇكى بۇ باي-كەمبەغەللىك ئوتتۇرىسىدىكى پەرقنىڭ تېخىمۇ چوڭىيىپ كېتىشىدىن ۋە نۇرغۇن ئامېرىكىلىقلارنىڭ ساغلاملىق سۇغۇرتىسىغا ئېرىشەلمەسلىكىدىن دېرەك بېرىدۇ.  

خۇددى ئوتتۇرا ئەسىر مەدەنىيىتى رىتسارلىق روھى بىلەن خرىستىيان دىنىنى بىرلەشتۈرەلمىگەندەك، زامانىۋى دۇنيامۇ ئەركىنلىك بىلەن باراۋەرلىكنى بىرلەشتۈرەلمەيۋاتىدۇ. ئەمما بۇ كەمچىلىك ئەمەس. بۇنداق زىددىيەتلەر ھەر بىر ئىنسان مەدەنىيىتىنىڭ ئايرىلماس قىسمىدۇر. ئەمەلىيەتتە، ئۇلار مەدەنىيەتنىڭ ماڭدۇرغۇچىسى بولۇپ، ئىنسانلىق تۈرىمىزنىڭ ئىجادكارلىقى ۋە ھاياتىي كۈچىگە تۈرتكە بولىدۇ. خۇددى ئىككى زىت مۇزىكا نوتىسى بىرلىكتە چېلىنغاندا مۇزىكىنى ئالغا ئىلگىرىلەتكەندەك، بىزنىڭ پىكىر، ئىدىيە ۋە قىممەت قاراشلىرىمىزدىكى ئىختىلاپلار بىزنى ئويلاشقا، قايتا باھالاشقا ۋە تەنقىد قىلىشقا مەجبۇرلايدۇ. تەرەققىياتتىكى بىرخىللىق دېۋەڭلىكنىڭ ئويۇن مەيدانىدۇر.

ئەگەر جىددىيلىك، توقۇنۇش ۋە ھەل قىلغىلى بولمايدىغان قىيىنچىلىقلار ھەر بىر مەدەنىيەتنىڭ تەم تەڭشىگۈچىسى بولسا، ئۇ ھالدا مەلۇم بىر مەدەنىيەتكە تەۋە ئىنسانلار ئوخشىمىغان ئېتىقادلاردا بولۇشى ۋە بىر-بىرىگە ماس كەلمەيدىغان قىممەت قاراشلار بىلەن بۆلۈنۈشى كېرەك. بۇ ھەر قانداق مەدەنىيەتنىڭ تۈپ ئالاھىدىلىكى بولۇپ، ئۇنىڭ «قايمۇقۇش» دەيدىغان مەخسۇس ئاتالغۇسى بار. قايمۇقۇش كۆپىنچە ئىنسان پىسخىكىسىنىڭ مەغلۇبىيىتى دەپ قارىلىدۇ. ئەمەلىيەتتە، ئۇ مۇھىم مەنبەدۇر. ئەگەر ئىنسانلار زىت ئېتىقاد ۋە قىممەت قاراشلارغا ئىگە بولمىغان بولسا، ھەر قانداق ئىنسان مەدەنىيىتىنى قۇرۇش ۋە ساقلاپ قېلىش مۇمكىن بولمىغان بولاتتى.

مەسىلەن، ئەگەر خىرىستىيانلاردىن بىرى كوچىنىڭ ئۇ تەرىپىدىكى مەسچىتكە بارىدىغان مۇسۇلمانلارنى ھەقىقىي چۈشەنمەكچى بولسا، ھەر بىر مۇسۇلمان قەدىرلەيدىغان ئەنئەنىۋى قىممەت قاراشلىرىنى ئىزدىمەسلىكى كېرەك. بەلكى ئۇ مۇسۇلمانلار مەدەنىيىتىدىكى بىر-بىرىگە زىت تەرەپلەرنى، يەنى قائىدىلەر ئۇرۇش قىلىۋاتقان، ئۆلچەملەر جېدەللىشىۋاتقان جايلارنى سۈرۈشتۈرۈشى كېرەك. مۇسۇلمانلار ئىككى  پەرزنىڭ قايسى بىرىنى ئادا قىلىشنى بىلەلمەي قالغاندا نۇقتىدا، سىز ئۇلارنى ئەڭ ياخشى چۈشىنەلەيسىز.

جاسۇسلۇق سۈنئىي ھەمراھى

ئىنسانلار مەدەنىيىتى داۋاملىق ئۆزگىرىدۇ. بۇ ئۆزگىرىش پۈتۈنلەي تەرتىپسىزمۇ، ياكى ئۇنىڭ مەلۇم ئومۇمىي نۇسخىسى بارمۇ؟ باشقىچە قىلىپ ئېيتقاندا، تارىخنىڭ بىر يۆنىلىشى بارمۇ؟

جاۋاب شۇكى، بار. مىڭ يىللار داۋامىدا، كىچىك، ئاددىي مەدەنىيەتلەر تەدرىجىي ھالدا چوڭراق ۋە مۇرەككەپرەك مەدەنىيەتلەرگە قوشۇلۇپ كەتتى. بۇنىڭ بىلەن دۇنيا پەقەت بىر نەچچە چوڭ مەدەنىيەتنى ئۆز ئىچىگە ئالغان ۋە ئۇلارنىڭ ھەر بىرى تېخىمۇ چوڭ ھەم مۇرەككەپ بولغان ھالەتكە كەلدى. ئەلۋەتتە، بۇ ناھايىتى ئاددىيلا ئومۇملاشتۇرۇش بولۇپ، چوڭ جەھەتتە توغرا. كىچىك جەھەتتە، ھەر بىر چوڭ مەدەنىيەتكە قوشۇلىدىغان مەدەنىيەتلەر گۇرۇپپىسى ئۈچۈن، پارچىلىنىپ كەتكەن چوڭ مەدەنىيەت مەۋجۇت بولغاندەك كۆرۈنىدۇ. موڭغۇل ئىمپېرىيىسى ئاسىيانىڭ كۆپ قىسمىنى، ھەتتا ياۋروپانىڭ بىر قىسىمىنى ئىگىلىگۈدەك دەرىجىدە كېڭەيدى، ئەمما كېيىن پارچىلىنىپ كەتتى. خرىستىيان دىنى يۈز مىليونلىغان كىشىلەرنى ئۆزىگە جەلپ قىلغان ۋاقىتتا، سانسىز مەزھەپلەرگە بۆلۈندى. لاتىن تىلى غەربىي ۋە مەركىزىي ياۋروپاغا تارقالدى، ئاندىن يەرلىك دىئالېكتلارغا بۆلۈنۈپ، بۇ دىئالېكتلار ئاخىرىدا دۆلەت تىللىرىغا ئايلاندى. ئەمما بۇ پارچىلىنىشلار بىرلىككە قاراپ مېڭىۋاتقان مۇقەررەر يۆنىلىشتىكى ۋاقىتلىق چېكىنىشلەردۇر.

تارىخنىڭ يۆنىلىشىنى چۈشىنىش ھەقىقەتەن كۆزىتىش نۇقتىسىغا باغلىق. بىز تارىخقا يۈكسەك نۇقتىدىن نەزەر سالغاندا، يەنى تەرەققىياتلارنى ئون يىل ياكى يۈز يىللىق مۇددەت ئىچىدە كۆزەتكەندە، تارىخنىڭ بىرلىك ياكى خىلمۇخىللىق يۆنىلىشىدە ھەرىكەت قىلىۋاتقانلىقىنى ئېيتالىشىمىز تەس. ھالبۇكى، ئۇزۇن مۇددەتلىك جەريانلارنى چۈشىنىش ئۈچۈن يۈكسەك نۇقتىدىن قاراشمۇ يېتەرسىز. ئۇنىڭغا يۈز يىللارنى ئەمەس، مىڭ يىللارنى كۆزىتىپ تەكشۈرەلەيدىغان «كائىنات جاسۇسلۇق ھەمراھى» كېرەك، بىز ئۇنىڭ كۆز قارىشىنى قوللانساق ياخشىراق بولىدۇ. بۇنداق كۆزىتىش نۇقتىسىدىن قارىغاندا، تارىخنىڭ بىرلىككە قاراپ توختىماي ئىلگىرىلەۋاتقانلىقى ئايان بولىدۇ. خرىستىيان دىنىنىڭ مەزھەپلەرگە بۆلۈنۈشى ۋە موڭغۇل ئىمپېرىيىسىنىڭ يىمىرىلىشى تارىخ يولىدىكى دوقاللاردۇر، خالاس.

تارىخنىڭ ئومۇمىي يۆنىلىشىنى چۈشىنىشنىڭ ئەڭ ياخشى ئۇسۇلى يەر شارىدا مەلۇم دەۋردە تەڭ مەۋجۇت بولغان ئايرىم ئىنسان دۇنيالىرىنىڭ سانىنى ھېسابلاشتۇر. بۈگۈن، بىز يەر شارىنى بىر پۈتۈن گەۋدە دەپ ئويلاشقا كۆنۈپ قالدۇق، ئەمما تارىخنىڭ كۆپ قىسمىدا، يەر شارى ئەمەلىيەتتە ئىنسانلارنىڭ بىر-بىرىدىن ئايرىلغان دۇنيالىرىنىڭ بىر پۈتۈن يۇلتۇز سىستېمىسى ئىدى.

تاسمانىيەنى ئالايلى، ئۇ ئاۋسترالىيەنىڭ جەنۇبىدىكى ئوتتۇراھال چوڭلۇقتىكى بىر ئارال بولۇپ، مىلادىدىن بۇرۇنقى 10,000-يىللىرى ئەتراپىدا مۇز دەۋرى ئاخىرلىشىپ دېڭىز سۈيى كۆتۈرۈلگەندە، ئاۋسترالىيە قۇرۇقلۇقىدىن ئايرىلىپ قالغان. نەچچە مىڭ ئوۋچى-غەنىمەتچى ئارالدا قېلىپ قالغان ۋە 19-ئەسىردە ياۋروپالىقلار كەلگۈچە باشقا ئىنسانلار بىلەن ئالاقە قىلالمىغان. 12,000 يىل داۋامىدا، ھېچكىم تاسمانىيەلىكلەرنىڭ بارلىقىنى بىلمىگەن، ئۇلارمۇ دۇنيادا باشقا بىرسىنىڭ بارلىقىنى بىلمىگەن. ئۇلارنىڭ ئۆز ئۇرۇشلىرى، سىياسىي كۈرەشلىرى، ئىجتىمائىي ئۆزگىرىشلىرى ۋە مەدەنىيەت تەرەققىياتلىرى بولغان. ئەمما خىتاي ئىمپېراتورلىرى ياكى مېسوپوتامىيە ھۆكۈمرانلىرى نەزىرىدە، تاسمانىيە يۇپىتېرنىڭ ھەمراھلىرىدىن بىرىدە بولسىمۇ بولۇۋېرەتتى. تاسمانىيەلىكلەر ئۆزلىرىنىڭ ئايرىم دۇنياسىدا ياشىغان.

ئامېرىكا بىلەن ياۋروپامۇ ئۆز تارىخىنىڭ كۆپ قىسمىدا ئايرىم دۇنيالار ئىدى. مىلادى 378-يىلى، رىم ئىمپېراتورى ۋالېنس ئادرىئانوپول جېڭىدە گوتلار تەرىپىدىن مەغلۇپ قىلىنىپ ئۆلتۈرۈلگەن. شۇ يىلى، تىكالنىڭ پادىشاھى چاكتوك ئىچاك تىيوتىخوكان قوشۇنى تەرىپىدىن مەغلۇپ قىلىنىپ ئۆلتۈرۈلگەن. (تىكال مايالارنىڭ مۇھىم شەھەر دۆلىتى بولۇپ، تىيوتىخوكان شۇ چاغدا ئامېرىكىدىكى ئەڭ چوڭ شەھەر ئىدى، تەخمىنەن 250,000 ئاھالىسى بار بولۇپ، زامانداش رىم بىلەن ئوخشاش دەرىجىدە ئىدى.) رىمنىڭ مەغلۇبىيىتى بىلەن تىيوتىخوكاننىڭ يۈكسىلىشى ئوتتۇرىسىدا ھېچقانداق باغلىنىش يوق ئىدى. رىم مارىستا، تىيوتىخوكان ۋېنېرادا بولسىمۇ بولۇۋېرەتتى.

يەر شارىدا ئىنسانلارنىڭ قانچە ئايرىم دۇنياسى تەڭ مەۋجۇت بولغان؟ مىلادىدىن بۇرۇنقى 10,000-يىللىرى ئەتراپىدا يەر شارىمىزدا مىڭلىغان ئايرىم دۇنيالار بار ئىدى. مىلادىدىن بۇرۇنقى 2000-يىلىغا كەلگەندە، ئۇلارنىڭ سانى يۈزلەرگە، ياكى ئەڭ كۆپ بولغاندا بىر قانچە مىڭغا چۈشۈپ قالغان. مىلادى 1450-يىلىغا كەلگەندە، ئۇلارنىڭ سانى بىراقلا ئازايغان. بۇ ۋاقىتتا، ياۋروپانىڭ جاھان كېزىپ يېڭى زېمىن ئىزدەش دەۋرىنىڭ دەل ئالدىدا، يەر شارىدا تاسمانىيەگە ئوخشاش ئاراللاردا يەنىلا خېلى كۆپ پاكار ئىنسانلار بار ئىدى. ئەمما 90 پىرسەنتكە يېقىن ئىنسان بىرلا چوڭ-دۇنيادا—ئاسىيا-ئافرىقا قۇرۇقلۇقىدا ياشايتتى. ئاسىيا، ياۋروپا ۋە ئافرىقىنىڭ كۆپ قىسمى (سەھرايى كەبىرنىڭ جەنۇبىدىكى  كۆپ قىسىم جايلارنى ئۆز ئىچىگە ئالغان ھالدا) ئاللىقاچان مۇھىم مەدەنىيەت، سىياسەت ۋە ئىقتىساد مۇناسىۋەتلىرى بىلەن باغلانغان ئىدى.

دۇنيا نوپۇسىنىڭ قالغان ئوندىن بىر قىسمى خېلى چوڭ ۋە مۇرەككەپ تۆت دۇنياغا بۆلۈنگەن:

1. ئوتتۇرا ئامېرىكا دۇنياسى، ئۇ ئوتتۇرا ئامېرىكىنىڭ كۆپ قىسمى ۋە شىمالىي ئامېرىكىنىڭ بىر قىسمىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان.

2. ئاندېس دۇنياسى، ئۇ جەنۇبىي ئامېرىكىنىڭ غەربىي قىسمىنىڭ كۆپىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان.

3. ئاۋسترالىيە دۇنياسى، ئۇ ئاۋسترالىيە قۇرۇقلۇقىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان.

4. ئوكيانىيە دۇنياسى، ئۇ تىنچ ئوكياننىڭ غەربىي جەنۇبىدىكى ھاۋاي ئاراللىرىدىن يېڭى زېلاندىيەگىچە بولغان كۆپ قىسىم ئاراللارنى ئۆز ئىچىگە ئالغان.

كېيىنكى 300 يىل ئىچىدە، ئاسىيا-ئافرىقا باشقا بارلىق دۇنيالارنى يۇتۇۋالدى. 1521-يىلى ئىسپانلار ئازتېك ئىمپېرىيەسىنى بويسۇندۇرغاندا ئوتتۇرا ئامېرىكا دۇنياسىنى يۇتتى. شۇ ۋاقىتتا فېردىناند ماگېللان دۇنيانى ئايلىنىپ سەپەر قىلىش جەريانىدا ئوكيانىيە دۇنياسىدىن تۇنجى پارچىنى ئالدى ۋە كۆپ ئۆتمەيلا ئۇنى تولۇق بويسۇندۇردى. 1532-يىلى ئىسپانلار ئىنكا ئىمپېرىيەسىنى يوقاتقاندا ئاندېس دۇنياسى غۇلىدى. تۇنجى ياۋروپالىق 1606-يىلى ئاۋسترالىيە قۇرۇقلۇقىغا قەدەم باسقاندا، بۇ ئايرىم دۇنيا 1788-يىلى ئەنگلىيەنىڭ مۇستەملىكىچىلىكى رەسمىي باشلانغاندا ئاخىرلاشتى. 15 يىلدىن كېيىن ئەنگلىيەلىكلەر تاسمانىيەدە تۇنجى مۇستەملىكىنى قۇردى، شۇنىڭ بىلەن ئەڭ ئاخىرقى مۇستەقىل ئىنسان دۇنياسى ئاسىيا-ئافرىقانىڭ تەسىر دائىرىسىگە كىردى.

ئاسىيا-ئافرىقانىڭ يۇتقانلىرىنى ھەزىم قىلىشىغا بىر قانچە ئەسىر كەتتى، بۇ جەرياننى ئارقىغا قايتۇرغىلى بولمايتتى. بۈگۈن بارلىق ئىنسانلار دېگۈدەك ئوخشاش گېئوپولىتىك سىستېمىنى (پۈتۈن دۇنيا خەلقئارا ئېتىراپ قىلىنغان دۆلەتلەرگە بۆلۈنگەن)؛ ئوخشاش ئىقتىسادىي سىستېمىنى (كاپىتالىستىك بازار ئىگىلىكى دۇنيانىڭ ئەڭ چەت بۇلۇڭ-پۇچقاقلىرىغىچە تەسىر كۆرسەتمەكتە)؛ ئوخشاش قانۇنىي سىستېمىنى (كىشىلىك ھوقۇق ۋە خەلقئارا قانۇن ھەممە يەردە، ھېچ بولمىغاندا نەزەرىيەدە كۈچكە ئىگە)؛ ۋە ئوخشاش ئىلمىي سىستېمىنى (ئىران، ئىسرائىلىيە، ئاۋسترالىيە ۋە ئارگېنتىنادىكى مۇتەخەسسىسلەرنىڭ ئاتوم قۇرۇلمىسى ياكى سىل كېسىلىنى داۋالاش ھەققىدىكى قاراشلىرى بىردەك) ئورتاقلاشماقتا.

بۇ يەككە دۇنياۋى مەدەنىيەتنىڭ تەركىۋى ئوخشىمايدۇ. خۇددى بىر ئورگانىك تەن ھەر خىل ئورگان ۋە ھۈجەيرىلەرنى ئۆز ئىچىگە ئالغاندەك، بىزنىڭ يەر شارى مەدەنىيىتىمىزمۇ ھەر خىل تۇرمۇش ئۇسۇللىرى ۋە ئادەملەرنى— نيۇيورك پاي چېكى دەللالىرىدىن تارتىپ ئافغان پادىچىلىرىغىچە ھەممىنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ.  شۇنداقتىمۇ، ئۇلار زىچ باغلانغان ۋە بىر-بىرىگە نۇرغۇن ئۇسۇللاردا تەسىر كۆرسىتىدۇ. ئۇلار يەنىلا تالاش-تارتىش قىلىدۇ ۋە جەڭ قىلىدۇ، ئەمما ئۇلار ئوخشاش چۈشەنچىلەرنى ئىشلىتىپ تالىشىدۇ ۋە ئوخشاش قوراللارنى ئىشلىتىپ جەڭ قىلىدۇ. ھەقىقىي «مەدەنىيەتلەر توقۇنۇشى» گاسلارنىڭ دىئالوگىغا ئوخشايدۇ. ھېچكىم باشقىلارنىڭ نېمە دەۋاتقانلىقىنى چۈشىنەلمەيدۇ. بۈگۈن ئىران بىلەن ئامېرىكا بىر-بىرىگە قىلىچ تەڭلىگەندە، ئۇلارنىڭ ئىككىلىسى دۆلەت، كاپىتالىستىك ئىقتىساد، خەلقئارا ھوقۇق ۋە يادرو فىزىكىسى تىلىدا سۆزلىشىدۇ.

مىلادى 1450-يىلىدىكى يەر شارى. ئاسىيا-ئافرىقا دۇنياسىدىكى نامى ئاتالغان جايلار 14-ئەسىردىكى مۇسۇلمان ساياھەتچى ئىبن بەتتۇتا زىيارەت قىلغان جايلاردۇر. مەراكەشنىڭ تانجىر شەھىرىدىن كەلگەن ئىبن بەتتۇتا تىمبۇكتۇ، زانزىبار، جەنۇبىي رۇسىيە، ئوتتۇرا ئاسىيا، ھىندىستان، خىتاي ۋە ھىندۇنېرزىيەنى زىيارەت قىلغان. ئۇنىڭ بۇ ساياھىتى يېقىنقى ئاسىيا-ئافرىقا ئىنسانلىرىنىڭ  بىرلىك ئىچىدە ياشىغانلىقىنى ئىپادىلەيدۇ.   

بىز يەنىلا «ئەسلى» مەدەنىيەتلەر ھەققىدە كۆپ توختىلىمىز، ئەمما «ئەسلى» دېگەندە بىز، مۇستەقىل تەرەققىي قىلغان ۋە تاشقى تەسىرلەردىن خالىي قەدىمكى يەرلىك ئەنئەنىلەردىن تەركىب تاپقان مەدەنىيەتنى كۆزدە تۇتساق، يەر يۈزىدە ھېچقانداق ئەسلى مەدەنىيەت قالمىدى. ئۆتكەن بىر قانچە ئەسىر ئىچىدە، بارلىق مەدەنىيەتلەر دۇنياۋى تەسىرلەرنىڭ كەلكۈنى ئاستىدا تونۇغىلى بولمىغۇدەك دەرىجىدە ئۆزگىرىپ كەتتى.

دۇنياۋىلىشىشنىڭ ئەڭ قىزىقارلىق مىساللىرىدىن بىرى «مىللىي» تائاملاردۇر. بىز ئىتالىيە رېستورانىدا پەمىدور تېتىتقۇسى ۋە قۇرۇتۇلغان چۆپ؛ پولشا ۋە ئىرلاندىيە رېستورانلىرىدا ياڭيۇ بولۇشىنى ئۈمىد قىلىمىز؛ ئارگېنتىنا رېستورانىدا بىز نەچچە ئون خىل كالا گۆشى كاۋىپىدىن بىرىنى تاللايمىز؛ ھىندىستان رېستورانىدا ھەممە تائامغا دېگۈدەك ئاچچىق قەلەمپۇر قوشۇلىدۇ؛ شىۋېتسارىيە كافېلىرىنىڭ ئالاھىدىلىكى بولسا قايماق كۆپۈكى بىلەن يېپىلغان قويۇق ئىسسىق شاكىلات. ئەمما بۇ يېمەكلىكلەرنىڭ ھېچقايسىسى ئەسلىدە بۇ دۆلەتلەرگە تەۋە ئەمەس. پەمىدور، قىزىلمۇچ ۋە كاكائونىڭ ھەممىسى مېكسىكىدىن كەلگەن؛ ئۇلار ياۋروپا بىلەن ئاسىياغا پەقەت ئىسپانلار مېكسىكىنى بويسۇندۇرغاندىن كېيىنلا يەتكەن. يۇلىئۇس سېزار ۋە دانتې ئالىگىيېرى ھەرگىزمۇ ۋىلكىسىغا پومىدور تېتىتقۇسىغا مىلەنگەن چۆپنى ئورىمىغان (ۋىلكىمۇ تېخى ئىجاد قىلىنمىغانىدى)، ۋىليام تېل ھەرگىز شاكىلات تېتىپ باقمىغان، بۇددا راھىپىمۇ تامىقىغا ھەرگىز قىزىلمۇچ قوشمىغان. ياڭيۇ پولشا ۋە ئىرلاندىيەگە پەقەت 400 يىل ئىلگىرىلا يەتكەن. 1492-يىلى ئارگېنتىنادا تاپقىلى بولىدىغان گۆش پەقەت ئامېرىكا تۆگىسى گۆشى ئىدى.

 ھوللىۋۇد فىلىملىرى تۈزلەڭلىك ئىندىئانلىرىنى ئەجدادلىرىنىڭ ئەنئەنىلىرىنى قوغداش ئۈچۈن ياۋروپالىق مۇستەملىكىچىلەرنىڭ ھارۋىلىرىغا باتۇرلارچە ھۇجۇم قىلىدىغان جەسۇر ئاتلىق ئەسكەرلەر سۈپىتىدە تەسۋىرلەپ كەلدى. ھالبۇكى، بۇ يەرلىك ئامېرىكىلىق ئەسكەرلەر ئەسلى مەدەنىيەتنىڭ قوغدىغۇچىلىرى ئەمەس ئىدى. ئەكسىچە، ئۇلار ياۋروپا ئاتلىرىنىڭ كېلىشى نەتىجىسىدە، 17- ۋە 18-ئەسىرلەردە شىمالىي ئامېرىكىنىڭ غەربىي تۈزلەڭلىكلىرىنى قاپلىغان چوڭ ھەربىي ۋە سىياسىي ئۆزگىرىشنىڭ مەھسۇلى ئىدى. 1492-يىلى ئامېرىكىدا ئات يوق ئىدى. 19-ئەسىردىكى سىئۇكس ۋە ئاپاچى مەدەنىيىتىنىڭ جەلپ قىلارلىق تەرەپلىرى كۆپ بولسىمۇ، ئۇ «ئەسلى» مەدەنىيەتتىن كۆرە، دۇنياۋى كۈچلەرنىڭ نەتىجىسى بولغان زامانىۋى مەدەنىيەت ئىدى.


[1] لانسېلوت 12-ئەسىردە ئۆتكەن ئەنگىلىيە پادىشاھى ئارتۇرنىڭ يېقىن ئادىمى بولۇپ، ئۇ ئارتۇرنىڭ خوتۇنى گۇئىنىۋېر بىلەن ئاشنىدارچىلىق قىلغان، بۇ ئىش قانلىق ئۇرۇشقا سەۋەب بولغان ھەمدە ئارتۇرنىڭ پادىشاھلىقىنى ئاخىرلاشتۇرغان.  

جاۋاب يېزىش