جىنس ۋە جىنسىيەت
شۇنداق بولغاندا، ئاياللارنىڭ تەبىئىي رولى بالا تۇغۇش، ياكى ئوخشاش جىنسلىقلار مۇناسىۋىتى تەبىئىي ئەمەس دەپ دەلىللەشنىڭ ئانچە ئەھمىيىتى يوق. ئەرلىك ۋە ئاياللىقنى بەلگىلەيدىغان قانۇن، ئۆلچەم، ھوقۇق ۋە مەجبۇرىيەتلەرنىڭ كۆپىنچىسى بىئولوگىيەلىك رېئاللىقتىن بەكرەك ئىنسان تەسەۋۋۇرىنى ئەكس ئەتتۈرىدۇ.
بىئولوگىيەلىك جەھەتتىن، ئىنسانلار ئەر ۋە ئايال دەپ ئايرىلىدۇ. ئەر ھومو ساپىيانس بىر X ۋە بىر Y خروموسومى بولغان، ئايال بولسا ئىككى X خروموسومى بولغان ئىنسان. ئەمما «ئەر» ۋە «ئايال» بىئولوگىيەلىك پەرقنى ئەمەس، ئىجتىمائىي كاتېگورىيەنى كۆرسىتىدۇ. كۆپىنچە جەمئىيەتلەردە ئەرلەر ئەركەك، ئاياللار چىشى بولسىمۇ، ئىجتىمائىي ئاتالغۇلارنىڭ ۋەزنى ئېغىر بولۇپ، بىئولوگىيەلىك ئاتالغۇلار بىلەن بولغان مۇناسىۋىتى ناھايىتى ئاز. ئەرلەر XY خروموسومى، ئۇرۇقدان ۋە كۆپ مىقداردا تېستوستېرونغا ئوخشاش ئالاھىدە بىئولوگىيەلىك سۈپەتلەرگە ئىگە ساپىيانس ئەمەس. بەلكى ئۇ ئىنسانلار تەسەۋۋۇر قىلغان ئىجتىمائىي تەرتىپتىكى ئالاھىدە ئورۇنغا ماس كېلىدۇ. ئۇنىڭ مەدەنىيىتىنىڭ ئەپسانىلىرى ئۇنىڭغا مەلۇم ئەرلىك رولى (سىياسەتكە ئارىلىشىش)، ھوقۇقلار (سايلام) ۋە مەجبۇرىيەتلەر (ھەربىي خىزمەت) بېكىتىدۇ. شۇنىڭغا ئوخشاش، ئاياللار ئىككى X خروموسومى، بالىياتقۇ ۋە كۆپ مىقداردا ئېستروگېنى (ئىچكى ئاجراتمىسى) بار ساپىيانس ئەمەس. بەلكى ئۇ تەسەۋۋۇر قىلىنغان ئىجتىمائىي تەرتىپنىڭ ئايال ئەزاسى. ئىنسانلار جەمئىيىتىنىڭ ئەپسانىلىرى ئۇنىڭغا ئۆزىگە خاس ئاياللىق رولى (بالا تەربىيىلەش)، ھوقۇقلار (زوراۋانلىقتىن قوغدىلىش) ۋە مەجبۇرىيەتلەر (ئېرىگە بويسۇنۇش) بېكىتىدۇ. ئەرلەر بىلەن ئاياللارنىڭ رولى، ھوقۇقى ۋە مەجبۇرىيەتلىرىنى بىئولوگىيە ئەمەس، ئەپسانىلەر بەلگىلىگەچكە، «ئەرلىك» ۋە «ئاياللىق»نىڭ مەنىسى ھەر بىر جەمئىيەتتە زور پەرقلەرگە ئىگە.
بىئولوگىيەلىك كاتېگورىيە بولغان «جىنسىيەت» بىلەن مەدەنىيەت كاتېگورىيەسى بولغان «جىنس» ئوتتۇرىسىدا پەرق بار. جىنسىيەت ئەركەك ۋە چىشى دەپ ئايرىلىدۇ، بۇ ئىككىسىنىڭ خۇسۇسىيەتلىرى ئوبيېكتىپ بولۇپ، تارىخ بويى ئۆزگەرمىگەن. جىنسىيەت ئەر ۋە ئايال دەپ ئايرىلىدۇ (بەزى مەدەنىيەتلەر باشقا كاتېگورىيەلەرنىمۇ ئېتىراپ قىلىدۇ). «ئەرلىك» ۋە «ئاياللىق» دېيىلگەن خۇسۇسىيەتلەر سۇبيېكتىپلار ئارا بولىدۇ ھەم داۋاملىق ئۆزگىرىپ تۇرىدۇ. مەسىلەن، قەدىمكى ئافېنا بىلەن بۈگۈنكى ئافېنادىكى ئاياللاردىن تەلەپ قىلىنغان ھەرىكەت-ئادەتلەر، ئىستەكلەر، كىيىنىشلەر ۋە ھەتتا بەدەن قىياپەتلىرىدە چوڭ پەرقلەر بار.
| ئايال= مەدەنىيەت كاتېگورىيەسى | ئايال= بىئولوگىيەلىك كاتېگورىيە | |||
| بۈگۈنكى ئافېنا | قەدىمكى ئافېنا | بۈگۈنكى ئافېنا | قەدىمكى ئافىنا | |
| سايلامغا قاتنىشالايدۇ | سايلامغا قاتنىشالمايدۇ | XX خروموسوم | XX خروموسوم | |
| ھۆكۈمەتتە ئىشلىيەلەيدۇ | ھۆكۈمەتتە ئىشلىيەلمەيدۇ | بالىياتقۇ | بالىياتقۇ | |
| كىم بىلەن توي قىلىشنى ئۆزى قارار قىلالايدۇ | كىم بىلەن توي قىلىشنى ئۆزى قارار قىلالمايدۇ | تۇخۇمدان | تۇخۇمدان | |
| ساۋاتلىق | ساۋاتسىز | ئاز تېستوستېرون | ئاز تېستوستېرون | |
| قانۇنىي جەھەتتە مۇستەقىل | قانۇنىي جەھەتتە ئاتىسى ياكى ئېرىنىڭ قولىدا بولىدۇ | كۆپ ئىچكى ئاجراتما (خۇن) | كۆپ ئىچكى ئاجراتما (خۇن) | |
| سۈت ئىشلەپچىقىرالايدۇ | سۈت ئىشلەپچىقىرالايدۇ | |||
| ھەممىسى پەرقلىق | ھەممىسى ئوخشاش | |||
جىنس بالىلار ئويۇنى؛ ئەمما جىنسىيەت جىددىي ئىش. ئەركەك جىنسلىق بولۇش دۇنيادىكى ئەڭ ئاددىي ئىش. سىز پەقەت X ۋە Y خروموسومى بىلەن تۇغۇلسىڭىزلا بولىدۇ. چىشى بولۇشمۇ شۇنچىلىك ئاددىي. بىر جۈپ X خروموسومى يېتەرلىك. ئەكسىچە، ئەر ياكى ئايال بولۇش ناھايىتى مۇرەككەپ ئىش بولۇپ، تىرىشچانلىق تەلەپ قىلىدۇ. كۆپىنچە ئەرلىك ۋە ئاياللىق خۇسۇسىيەتلەر بىئولوگىيەلىك ئەمەس، مەدەنىيلىككە ئائىت بولغاچقا، ھېچقانداق جەمئىيەت بىر ئەركەكنى تەبىئىي ھالدا ئەر، ياكى ھەر بىر چىشىنى ئايال دەپ كۆككە كۆتۈرمەيدۇ. بۇ ئۇنۋانلار بىر قېتىم ئېرىشكەندىن كېيىن ئۆمۈر بويى يۆلىنىدىغان شەرەپ-شانمۇ ئەمەس. ئەركەكلەر بۆشۈكتىن تۆشۈككە كىرگىچە، تۈگىمەس مۇراسىم ۋە ئىجرائاتلار سەھنىسىدە ئۆزلىرىنىڭ ئەرلىكىنى داۋاملىق ئىسپاتلاش كېرەك. ئايالنىڭ ئىشىمۇ ھەرگىز تۈگىمەيدۇ – ئۇ ئۆزىنىڭ يېتەرلىك دەرىجىدە ئايال ئىكەنلىكىگە ئۆزىنى ۋە باشقىلارنى داۋاملىق ئىشەندۈرۈشى كېرەك.

18-ئەسىردىكى ئەركەكلىك؛ فرانسىيە پادشاھى لۇئى XIV نىڭ پورترېتى. ئۇنىڭ يالغان چېچىغا، ئۇزۇن پايپىقىغا، ئېگىز پاشنىلىق ئايىغىغا ۋە چوڭ خەنجىرىگە دىققەت قىلىڭ. ئۆز ۋاقتىدىكى ياۋروپادا بۇ ئالاھىدىلىكلەر (خەنجەردىن باشقا) خېنىم مىجەزلىكنىڭ ئىپادىسى دەپ قارىلاتتى. ئەمما لۇئىنىڭ دەۋرىدە ئۇ ياۋروپا ئەركەكلىرىنىڭ تىپىك ۋەكىلى ئىدى.

21-ئەسىردىكى ئەركەكلىك؛ باراك ئوبامانىڭ پورترېتى. يالغاچ چاچ، ئۇزۇن پايپاق، ئېگىز پاشنىلىق ئاياغ ۋە خەنجەرگە نېمە بولدى؟ ئۈستۈنلۈكنى ئىگىلىگەن ئەرلەر ھېچقاچان بۇنداق چۈشكۈن ھالەتتە كۆرۈنگەن ئەمەس. تارىختا ئاساسەن يېتەكچى ئورۇندا تۇرۇپ كەلگەن ئەرلەر ئەسلىدە كۆركەم ۋە رەڭلىك قىياپەتلەردە ياشاپ ئۆتكەن. مەسىلەن، ئىندىئانلارنىڭ ئاقساقىلى بېشىغا پەي تاجىلىق بۆك كىيگەن بولسا، ھىندى راھىبلىرى يىپەك تون كىيىپ، ئالماس ئۈزۈك تاقىغان. ھايۋاناتلار دۇنياسىدىمۇ ئەركەكلەر چىشىلىرىغا قارىغاندا كۆركەم، رەڭدار بولۇپ، ناھايىتى ياسانچۇق كېلىدۇ. توزنىڭ قۇيرۇقى بىلەن شىرنىڭ قۇيرۇقىنى ئويلاپ بېقىڭ.
مۇۋەپپەقىيەت كاپالەتكە ئىگە ئەمەس. بولۇپمۇ ئەركەكلەر ئۆزلىرىنىڭ ئەرلىك ساپاسىنى يوقىتىپ قويۇشتىن داۋاملىق ئەنسىرەيدۇ. تارىخ بويى، ئەركەكلەر پەقەت كىشىلەر «ئۇ ھەقىقىي ئەر ئىكەن!» دېسۇن دەپ، ھاياتىنى تەۋەككۈل قىلىشقا ۋە ھەتتا قۇربان قىلىشقا رازى بولغان.
ئەرلەرنىڭ نېمىسى شۇنچە ياخشى؟
يېزا ئىگىلىك ئىنقىلابىدىن بۇيان، كۆپىنچە ئىنسان جەمئىيەتلىرى ئەرلەرنى ئاياللاردىن يۇقىرى قويىدىغان ئاتىلىق ھوقۇق جەمئىيەتلىرى بولۇپ كەلگەن. جەمئىيەت «ئەر» ۋە «ئايال»نى قانداق بەلگىلىشىدىن قەتئىينەزەر، ئەر بولۇش ھەمىشە ياخشىراق ئىدى. ئاتىلىق ھوقۇق جەمئىيەتلىرى ئەرلەرنى ئەرلەرچە، ئاياللارنى ئاياللارچە ئويلاش ۋە ھەرىكەت قىلىشقا تەربىيىلەيدۇ، بۇ چېگرالاردىن ھالقىشقا پېتىنغان ھەركىمنى جازالايدۇ. ئەمما ئۇلار بويسۇنغانلارنىمۇ مۇكاپاتلىمايدۇ. ئەرلىك دەپ قارالغان سۈپەتلەر ئاياللىق دەپ قارالغان سۈپەتلەردىن يۇقىرى باھالىنىدۇ، ئاياللىق غايىنى گەۋدىلەندۈرگەن جەمئىيەت ئەزالىرى ئەرلىك غايىنى نامايان قىلغانلاردىن ئازراق نەرسىگە ئېرىشىدۇ. ئاياللارنىڭ ساغلاملىقى ۋە مائارىپىغا ئازراق مەبلەغ سېلىنىدۇ؛ ئۇلارنىڭ ئىقتىسادىي پۇرسەتلىرى، سىياسىي ھوقۇقى ۋە ھەرىكەت ئەركىنلىكى تېخىمۇ ئاز. جىنس شۇنداق بىر مۇسابىقىكى، بەزى يۈگۈرگۈچىلەر پەقەت مىس مېدال ئۈچۈنلا بەسلىشەلەيدۇ.
راست، مىسىر پادىشاھى كليوپاترا، خىتاي پادىشاھى ۋۇ زېتيەن (تەخمىنەن مىلادى 700-يىل) ۋە ئەنگلىيە پادىشاھى ئېلىزابېت I گە ئوخشاش بىر قانچە ئايال، ئالىي ئورۇنغا چىققان. ئەمما ئۇلار يۇقىرىقى قائىدىدىن مۇستەسنا. ئېلىزابېتنىڭ 45 يىللىق ھۆكۈمرانلىقى جەريانىدا، پارلامېنت ئەزالىرىنىڭ ھەممىسى ئەر، دېڭىز ئارمىيەسى ۋە قۇرۇقلۇق ئارمىيەسىنىڭ بارلىق ئوفىتسېرلىرى ئەر، بارلىق سوتچى ۋە ئادۋوكاتلار ئەر، بارلىق ئېپىسكوپ ۋە باش ئېپىسكوپلار ئەر، بارلىق دىنىي ئالىملار ۋە روھانىيلار ئەر، بارلىق دوختۇرلار، جۈملىدىن تاشقى كېسەل دوختۇرلىرى ئەر، بارلىق ئۇنىۋېرسىتېت ۋە ئىنستىتۇتلاردىكى ئوقۇغۇچى-پروفېسسورلار ئەر، بارلىق شەھەر باشلىقلىرى ۋە تەپتىشلەر ئەر، شۇنداقلا بارلىق يازغۇچى، مېمارلار، شائىرلار، پەيلاسوپلار، رەسساملار، مۇزىكانتلار ۋە ئالىملار ئەر ئىدى.
ئاتىلىق ھوقۇق تۈزۈمى (پاتر بارلىق يېزا ئىگىلىك ۋە سانائەت جەمئىيەتلىرىدە ئۆلچەم بولۇپ كەلگەن. ئۇ سىياسىي ئۆزگىرىشلەر، ئىجتىمائىي ئىنقىلابلار ۋە ئىقتىسادىي ئۆزگىرىشلەرنىڭ تەسىرىگە ئۇچرىمىغان. مەسىلەن، مىسىر ئەسىرلەر داۋامىدا كۆپ قېتىم بېسىۋېلىندى. ئاسسۇرىيەلىكلەر، پارسلار، ماكېدونىيەلىكلەر، رىملىقلار، ئەرەبلەر، مەملۇكلار، تۈركلەر ۋە ئەنگلىيەلىكلەر ئۇنى ئىگىلىگەن بولسىمۇ، ئۇنىڭ جەمئىيىتى ھەر دائىم ئاتىلىق ھوقۇق تۈزۈمىدە قالدى. مىسىر پىرئەۋن قانۇنى، گرېك قانۇنى، رىم قانۇنى، ئىسلام قانۇنى، ئوسمان قانۇنى ۋە ئەنگلىيە قانۇنى بىلەن ئىدارە قىلىندى؛ ئۇلارنىڭ ھەممىسى «ھەقىقىي ئەر» ئەمەسلەرنى كەمسىتىپ كەلدى.
ئاتىلىق ھوقۇقى تۈزۈمى شۇنچە ئۇنىۋېرسال بولغاچقا، ئۇنى بىرەر تاسادىپىي ۋەقەدىن باشلانغان ناچار دەۋرىيلىكنىڭ مەھسۇلى دېگىلى بولمايدۇ. شۇنىسى دىققەتكە سازاۋەركى، 1492-يىلدىن بۇرۇنمۇ، ئامېرىكا ۋە ئاسىيا-ئافرىقادىكى كۆپىنچە جەمئىيەتلەر نەچچە مىڭ يىل بىر-بىرى بىلەن ئالاقە قىلالمىغان بولسىمۇ، ئاتىلىق ھوقۇقى تۈزۈمىدە ئىدى. ئەگەر ئاسىيا-ئافرىقادىكى ئاتىلىق ھوقۇق جەمئىيەتلىرى مەلۇم بىر تاسادىپىي ۋەقەدىن كېلىپ چىققان بولسا، نېمىشقا ئازتېك ۋە ئىنكالارمۇ ئاتىلىق ھوقۇق تۈزۈمىدە ئىدى؟ گەرچە «ئەر» ۋە «ئايال»نىڭ روشەن ئېنىقلىمىسى مەدەنىيەتلەر ئارىسىدا پەرقلەنسىمۇ، بارلىق مەدەنىيەتلەرنىڭ ئەرلەرنى ئاياللاردىن ئۈستۈن ئورۇنغا قويۇشىنىڭ ئۇنىۋېرسال بىئولوگىيەلىك سەۋەبى بولۇشى مۇمكىن. بىز بۇ سەۋەبنىڭ نېمە ئىكەنلىكىنى بىلمەيمىز. نۇرغۇن نەزەرىيەلەر بار، ئەمما ھېچقايسىسى ئىشەنچلىك ئەمەس.

Leave a Reply