پروزا ئىجادىيىتى ھەققىدە قىسقىچە ساۋات

يامغۇرلۇق شەھەر كۆرۈنۈشى يېنىدىكى ئوچۇق خاتىرە دەپتىرى ۋە قەھۋە

(10-نويابىر ئەدەبىيات ھەۋەسكارلىرىغا سۆزلەنگەن لېكسىيە)

چەت ئەلگە چىققان ھەر بىر ئۇيغۇرنىڭ رومان قىلىپ يازغۇدەك ھايات كەچمىشلىرى بار دەپ ئويلايمەن. بەزىلەرنىڭ بۇ ئەگرى-توقاي، ھەتتا ئېچىنىشلىق كەچمىشلەرنى باشقىلارغا سۆزلەپ بەرگۈسى كېلىدۇ، ئاڭلىغۇچىلارمۇ ئۇنىڭغا ھېسداشلىق قىلپ، ئارىدا گەپ قىستۇرۇپ، ھېكايىنىڭ داۋامىنى ئاڭلاشقا قىزىقىدۇ. ئاڭلاپ بولۇپ، «مېنىڭ بېشىمدىن ئۆتكەن ئىشلارمۇ ئاز ئەمەس، بۇلارنى ئويلىسام ئۆزەمنى بىر يۈز يىل ياشىغاندەك ھېس قىلىمەن» دەيدۇ، بەزى ۋەقەلىرىنى (كەچمىشلىرىنى) دەپ بېرىدۇ، بەزىلىرىنى دېمەيدۇ. نېمىنى دەپ نېمىنى دېمەسلىكنى ئۆزى بەلگىلەيدۇ. بەك ھاياجانلىنىپ كەتسە ھەممىنى دەۋېتىشى مۇمكىن. ئىككى ئادەم ھېكايىسىنى سۆزلەپ بولۇپ، ئارقىدىن ئۇنتۇپ كېتىدۇ ياكى باشقا ئىشلار بىلەن بولۇپ كېتىدۇ. ئەگەر مېنىڭ ھېكايەمنى تېخىمۇ كۆپ ئادەم بىلسۇن دېسە، بۇنىڭ ئىككى يولى بار، بىرى كىتاب قىلىپ يېزىش (ھېكايە، رومان، ئەسلىمە، بىئوگرافىيە يېزىش ئەنە شۇنداق بارلىققا كېلىدۇ)، يەنە بىرى ئېكرانغا چىقىپ سۆزلەش، بۇنىڭغا مەدداھلىق ماھارىتى كېتىدۇ. كۆپىنچىلەر ئالدىنقى ئۇسۇلنى تاللايدۇ، چۈنكى كىتاب ساقلىنىپ قالىدۇ، ۋىدىيو، پودكەستلەرنى ئالاھىدە ساقلاپ قويۇش كېرەك بولىدۇ، بولمىسا يوقاپ كېتىشى مۇمكىن. ھازىر كۆپىنچە ئادەملەرنىڭ دىققىتى زامانىۋى تېخنىكىنىڭ سېھىرلىك ئەينىكى بولغان ئېكرانغا مەركەزلىشىپ قالدى، كىتاب يېزىش، كىتاب ئوقۇش قىزغىنلىقى بۇرۇنقىغا يەتمەيدۇ، شۇنداقتىمۇ يۈرىكىگە ئەدەبىيات ئىشقى تۇتاشقان ھەر قانداق ئىنسان بىر نەرسە يېزىش ئىستىكىدە بولىدۇ، كىتاب ئوقۇيدىغان ئادەم ھامان كىتاب ئوقۇيدۇ ۋە بۇنىڭ ھۇرۇزىنى ھېچنېمىگە تەڭ قىلمايدۇ.

مەن بۇ لېكسىيەنى سۆزلەشتىن ئاۋۋال: ھازىر بىز نېمىشقا ھېكايە يازىمىز، بۇنىڭ ئەھمىيىتى نېمە دەپ ئۆزەمدىن سوراپ باقتىم. جاۋابىم شۇ بولدى: چۈنكى بىرىنچىدىن، بۇ مىللەتنىڭ سۆزلەپ تۈگەتكۈسىز ھېكايىلىرى بار. ئۇنى باشقىلارغا ئاڭلىتىش، دۇنياغا ئاڭلىتىش ناھايىتى مۇھىم. ئىككىنچىدىن، ئۇيغۇر تىلى خۇددى ئۇنى سۆزلىشىۋاتقان ئادەملەر خەتەر ئاستىدا قالغاندەك، خەتەر ئىچىدە. بۇ تىلنى تەرەققىي قىلدۇرۇشنىڭ ئەڭ قالتىس يولى بۇ مىللەتنىڭ ئەدەبىياتىنى، شۇ ئارقىلىق ئۇنىڭ ئەدەبىي تىلىنى داۋاملىق قوغداپ مېڭىش، گۈللەندۈرۈش، ۋەتەندە قالغان يازغۇچى-شائىرلىرىمىزنىڭ قەلىمى تارتىۋېلىندى. مۇھاجىرەتتىكى يازغۇچى- شائىرلىرىمىز سۈرگۈن ھاياتنىڭ ھەلەكچىلىكىدە، يېزىۋاتقانلار يېزىۋاتىدۇ، يازمايۋاتقانلار بەلكىم چەت ئەلدىكى تۇرمۇش بېسىمى، چۈشكۈنلۈك ياكى ھورۇنلۇق ئىچىدە. بىز ئەسلىدە تايلاندقا قېچىپ چىققان ئۇيغۇرلارنى، سۈرىيەدە كۈرەش قىلىپ مۇستەقىل ماكان تۇتقان ئۇيغۇرلارنى رومان قىلىپ يېزىشىمىز كېرەك ئىدى، يازالمايۋاتىمىز، ئارمانغا چۇشلۇق دەرمان بولمايۋاتىدۇ. ۋەقەگە شاھىد بولغانلار ئۇنى قانداق يېزىشنى بىلگەن بولسا، قەلەم تۇتۇشنى بىلىدىغانلار قەتئىي ئىرادىگە كېلىپ، ئۇنىڭ ئۈچۈن ئىزدەنگەن بولسا، بىزدىنمۇ ئاجايىپ ھېكايە، رومانلار مەيدانغا كەلگەن بولاتتى.

بۇ لېكسىيە ئارقىلىق سىلەر پروزا دېگەن نېمە، ھېكايە، رومان ياكى ئەسلىمە قانداق يېزىلىدۇ، قانداق ھۈنەر، ماھارەتلەر كېتىدۇ، قانداق تەلەپلەرنى ئورۇنلاش لازىم، قىسقىچە چۈشەنچە بېرىپ ئۆتىمەن، شۇنداقلا ياخشى يازغۇچى بولۇشۇڭلار ئۈچۈن بەزى تەۋسىيەلەرنى بېرىمەن.

1.پروزا دېگەن نېمە؟

ھەر قانداق بىر پروزا ئەسىرى — مەيلى كىچىك بىر ھېكايە بولسۇن ياكى چوڭ ھەجىملىك رومان بولسۇن — ئىنسان روھىنىڭ چوڭقۇر قاتلاملىرىغا سوزۇلغان بىر يول، مەنىۋى دۇنياغا ئېچىلغان بىر دېرىزەدۇر. بىز نېمە ئۈچۈن ھېكايە يازىمىز؟ چۈنكى رېئال ھاياتنىڭ قالايمىقانچىلىقى، سۆزلەپ تۈگەتكىلى بولمايدىغان ئازاب-ئوقۇبەتلەر ۋە خۇشاللىقلارنى ئادەتتىكى ئېغىز تىلى (مەدداھلىق) بىلەن تولۇق ئىپادىلەپ بەرگىلى بولمايدۇ. پروزا بىزگە دۇنيانى قايتا ئەكس ئەتتۈرۈش، ئۇنى چۈشىنىش ۋە باشقىلارغا يەتكۈزۈش ئىمكانىيىتىنى بېرىدۇ.

پروزا — شېئىر (نەزمە) بولمىغان، رىتىم ۋە قاپىيە قېلىپلىرىغا بويسۇنمايدىغان، كۈندىلىك سۆزلەش ۋە ئەدەبىي تىلنىڭ ئۆلچەملىرىگە ئاساسەن ئەركىن بايان قىلىنىدىغان ئەسەرلەر. بۇنداق ئەسەرلەرنى ئادەتتە نەسرىي ئەسەرلەر، شېئىرلارنى بولسا نەزمىي ئەسەرلەر دەيمىز.

پروزا لاتىن تىلىدىكى «prosa» ، يەنى oratio prosa (بىر لىنىيە بويىچە داۋاملىشىدىغان نۇتۇق) دېگەن سۆزدىن كەلگەن بولۇپ، كېيىنچە غەرب ۋە دۇنيا ئەدەبىياتىدا ئومۇملاشقان.

ئىنسانىيەت تارىخىدىكى ئەڭ بۇرۇنقى ئەدەبىيات ئاساسلىقى ئېغىزدىن-ئېغىزغا تارقىلىشقا ئەپلىك، يادلاشقا قولايلىق بولغان شېئىر- قوشاق، داستان شەكلىدە بارلىققا كەلگەن. كېيىنچە جەمئىيەتنىڭ تەرەققىي قىلىشى، ئوي- پىكىرنىڭ مۇۇرەككەپلىشىشى ۋە ۋەقەلەرنى تېخىمۇ تەپسىلىي، جەلپ قىلارلىق بايان قىلىش ئېھتىياجىنىڭ تۇغۇلۇشى بىلەن نەزمىدىن مۇستەقىل بولغان «پروزا» (نەسر) شەكلى مەيدانغا كەلگەن ۋە تەرەققىي قىلغان.

پروزا بىر مىللەتنىڭ يېزىق تىلى، جۈملىدىن ئەدەبىي تىلىنىڭ يۈكسەك سەۋىيەسىنى نامايەن قىلىدۇ، ئۇنى چوڭ جەھەتتىن توقۇلما پروزا (Fiction) ۋە توقۇلمىغان پروزا (Nonfiction) دەپ ئىككى چوڭ تۈرگە بۆلۈشكە بولىدۇ:

توقۇلما پروزا يازغۇچىنىڭ خىيال، تەسەۋۋۇر ۋە بايان قىلىش كۈچىگە تايىنىپ يازغان ئەسەرلىرى بولۇپ، بىز ئادەتتە كۆپ ئوقۇيدىغان رومانلار، پوۋېستلار ، ھېكايىلەر دەل شۇنىڭغا كىرىدۇ.

فانتازىيەلىك ئەسەرلەر، ئەپسانە-رىۋايەتلەر، چۆچەك-مەسەللەر ۋە قىسسەلەرنى توقۇلما پروزىنىڭ دەسلەپكى شەكىللىرى دەپ قاراشقا بولىدۇ. قىسسەلەر ئۆز نۆۋىتىدە راست ئىشلارنىڭ تارىخى ياكى توقۇلما ۋەقەلىكلەر بولۇشىمۇ مۇمكىن.

توقۇلمىغان پروزا يازغۇچىنىڭ خىيال-تەسەۋۋۇرنى قايرىپ قويۇپ، رېئاللىقنى، ھەقىقىي يۈز بەرگەن ئىشلارنى، پاكىتنى ئاساس قىلىپ يازغان ئەسەرلىرى بولۇپ، تەرجىمىھال ۋە خاتىرىلەر (Biographies & Memoirs)، تارىخىي، ئىلمىي ۋە ژۇرنالىستىك ماقالىلەر، كۈندىلىك گېزىت-ژۇرنال خەۋەرلىرى ۋە تەتقىقات يازمىلىرى بۇنىڭغا تەۋە.

پروزا ئۆز نۆۋىتىدە ناھايىتى ئەركىن ئىپادىلەش سەنئىتىدۇر. ئەگەر ئۆتمۈشكە ئائىت پروزا ئەسەر يازسىڭىز ئۇ ھېكايە رومان، ئەسلىمە، ئاخبارات ئەدەبىياتى بولىدۇ. كەلگۈسىگە ئائىت ئەسەر يازسىڭىز فانتازىيەلىك ئەسەر بولىدۇ. ئۆتمۈش، بۈگۈن، ئەتە دېگەنلەرنى دېگەنلەرنى قايرىپ قويۇپ، ھازىرقى پەيتتىكى روھىي ھالىتىڭىزنى، پىسخىك توقۇنۇشلىرىڭىزنى تۇتىۋېلىپ ئەسەر يازسىڭىز ئاڭ ئېقىمىغا تەۋە ئەسەر بولىدۇ. رېئاللىقنى ياكى تەسەۋۋۇرىڭىزدىكى رىئاللىقنى ئەكس ئەتتۈرۈشكە ئەھمىيەت بەرسىڭىز، باش قەھرىمان ياكى تىپىك ئوبراز ياراتسىڭىز رېئالىزىملىق ئەسەر يازغان بولىسىز؛ ئەگەر پىرسۇناژنى مۇھىم ئورۇنغا قويماي، ئۇنى بىر رولچى، بىر ۋاسىتە سۈپىتىدە يازسىڭىز، ئادەم بىلەن بىللە ماددىي جىسىم، نەرسە-كېرەكلەرنى مۇھىم ئورۇنغا قويسىڭىز يېڭى پروزىچىلىققا تەۋە ئەسەر يازغان بولىسىز. بۈگۈن بىز ئاساسلىقى توقۇلما پروزا ھەققىدە توختىلىمىز.

بۈگۈنكى پروزىچىلىقنىڭ ئالاھىدىلىكى

بۈگۈنكى زامانىۋى ئەدەبىياتتا پروزا پەقەتلا «ئاددىي بىر ۋەقە سۆزلەپ بېرىش ۋاسىتىسى» بولۇشتىن چىقىپ، پۈتۈنلەي يېڭى باسقۇچقا كۆتۈرۈلدى:

شەكىل ۋە ئاڭ ئېقىمى: مودېرنىزم ۋە كېيىنكى مودېرنىزم ئېقىملىرىنىڭ تەسىرىدە پروزا پەقەت تۈز سىزىقلىق ۋاقىت (ئۆتمۈشتىن كەلگۈسىگە قاراپ) بايان قىلىنىشتىن توختاپ، ئاڭ ئېقىمى (Stream of consciousness)، پارچە-پارچە خاتىرىلەر ۋە پىسخىكىلىق چوڭقۇرلۇقلارنى ئىپادىلەيدىغان سەنئەتكە ئايلاندى.

تىلنىڭ سەمىمىيىتى ۋە ئېنىقلىقى: جورج ئورۋېل قاتارلىق يازغۇچىلار تەكىتلىگەندەك، بۈگۈنكى پروزا تىلى مەنىسىز، دەبدەبىلىك ئىبارىلەردىن، سۈنئىي ۋە ياسالما گەپلەردىن خالىي بولۇپ، بايان ۋە تەسۋىردە تېخىمۇ ئېنىق بولۇشقا، ھەممە نەرسىنى ئۆزگىچە كۆزىتىش ئىقتىدارى بىلەن سۈرەتلەشكە قاراپ ماڭدى. يەنى بۈگۈنكى پروزىچىلىقتا تىلنى تەقلىدىي ئىبارىلەردىن، قېلىپلىشىپ قالغان ئوخشىتىشلاردىن، كېرەكسىز سۆزلەردىن تازىلاش مۇھىم ئورۇنغا ئۆتتى، يازغۇچىلار ئۆزلىرى ئويلىغان ھەقىقەتنى، ئۆزلىرىگە خاس ئوي-پىكرىنى ئەڭ سەمىمىي ھالەتتە، ئۆزىگە خاس ئۇسلۇب بىلەن ئوتتۇرىغا قويىدىغان بولدى. دەرۋەقە بىر ئەسەردە يازغۇچىنىڭ ئۆزىگە خاس ئاۋازى بولۇش كېرەك.

ئىچكى دۇنيا ۋە پىسخىكىلىق چوڭقۇرلۇق: زامانىۋى پروزا پەقەت تاشقى ۋەقەلەرگىلا ئەمەس، بەلكى ئىنساننىڭ روھى دۇنياسىدىكى زىددىيەتلىرى، تېڭىرقاشلىرى ۋە ئازابلىرىغا ئورۇن بېرىدۇ.

جەمئىيەت بىلەن شەخسنىڭ مۇناسىۋىتى: بۈگۈنكى پروزىچىلىقتا يازغۇچىلار ئەتراپىدىكى دۇنيانى، سىياسىي ۋە ئىجتىمائىي رېئاللىقنى كۆزىتىدىغان، ئۆزىنىڭ شەخسىي دەردى بىلەن بۇنىڭغا مەلۇم جەھەتتىن سەۋەب بولغان سىياسىي، ئىجتىمائىي كىرزىسلارنى، ئاپەتلەرنى تىلغا ئېلىشتىن چېكىنمەيدىغان، ئىنسانىيەتكە ئورتاق بولغان تراگېدىيە، مەسىلەن، ئۇرۇش، ۋابا، مۇستەملىكىچىلىك، بايلىق تالىشىش، ئەخلاق، دىن مەسىلىلىرى ۋە بۇلاردىن چىقىش يولى ئىزدەش ھەققىدىكى ئىدىيەسى بىلەن بەدئىي تەپەككۇرىنى بىرلەشتۈرىدىغان بولدى. ئەدەبىيات بىلەن سىياسىي ئايرىلىپ كېتەلمىدى، سەنئەت ئۈچۈن سەنئەت دەيدىغان قاراش بارا-بارا پەسكويغا چۈشتى.

2. پروزا ئىجادىيىتىنىڭ ئاساسلىق تۈرلىرى

ھېكايە (Short Story): كۆلىمى كىچىك، ئادەتتە بىرلا مەركىزى ۋەقەنى، بىر ياكى ئىككى پېرسوناژنى ۋە قىسقا ۋاقىت ئىچىدىكى روھىي ھالەتنى ئۆز ئىچىگە ئالىدىغان ژانىر. پروزىچىلىقتا ئۇ «بىرلا ئولتۇرۇشتا ئوقۇپ تۈگەتكىلى بولىدىغان» ئىخچاملىقى بىلەن ناھايىتى مۇھىم ئورۇن تۇتىدۇ. زۇنۇن قادىرىنىڭ «ماغدۇر كەتكەندە»، زوردون سابىرنىڭ «قوشنىلار»، تۇردى سامساقنىڭ «بەش تال ئوق» دېگەن ھىكايىلىرى بۇنىڭغا مىسال بولالايدۇ.

پوۋېست (Novella): ھېكايىدىن چوڭ، لېكىن روماندىن كىچىك بولغان بۇ ژانىردا ۋەقەلەر سەل كەڭرەك يۆنىلىشكە ئىگە بولۇپ، پېرسوناژنىڭ مەلۇم بىر بۇرۇلۇش نۇقتىسى ياكى ھاياتىدىكى ئالاھىدە بىر مەزگىلى چوڭقۇر يورۇتۇلىدۇ. يازغۇچىلىرىمىزدىن ئەختەم ئۆمەرنىڭ «قۇرتلاپ كەتكەن كۆل»، پەرھات تۇرسۇننىڭ «ھالاكەت»، خالىدە ئىسرائىلنىڭ «قۇملۇقنىڭ چۈشى» ناملىق پوۋېستلىرى بۇنىڭغا مىسالدۇر.

رومان (Novel): پروزا ئىجادىيىتىدىكى ئەڭ چوڭ ھەجىملىك ئەسەر، شۇنداقلا پروزا يازغۇچىلىرىنىڭ ئەڭ مۇشەققەتلىك پەللىسى ھېسابلىنىدۇ. ئۇ كۆپ قاتلاملىق ۋەقەلەر تۈگۈنى، نۇرغۇن پېرسوناژلار، كەڭ زامان ۋە ماكان دائىرىسىنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ، شۇنداقلا جەمئىيەتنىڭ چوڭقۇر قاتلاملىرىنى ئەكس ئەتتۈرىدۇ. زوردون سابىرنىڭ «ئىزدىنىش»، ئەخەت تۇردىنىڭ «سەرسان روھ»، خالىدە ئىسرائىلنىڭ «ئالتۇن كەش» ناملىق رومانلىرى بۇنىڭغا مىسال بولالايدۇ. بىزدە يەنە نۇرغۇن تارىخى رومانلار يېزىلدى، ئابدۇرەھىم ئۆتكۈرنىڭ «ئىز»، «ئويغانغان زېمىن»، زوردون سابىرنىڭ «ئانا يۇرت» قاتارلىق رومانلىرى راست بولۇپ ئۆتكەن ۋەقەلىكلەرگە، يەنى تارىخىي چىنلىققا ئاساسلىنىپ يېزىلغان بولسىمۇ، بايان، تەسۋىر ۋە دىئالوگلىرىنىڭ كۆپ قىسمى توقۇلما بولغانلىقتىن، يەنىلا توقۇلما پروزىغا تەۋە ھېسابلىنىدۇ. ئەگەر ئۇ رومان بولماي، دوكتور نەبىجان تۇرسۇن يازغان «ئۇيغۇر ئومۇمىي تارىخى» بولغان بولسا، توقۇلمىغان پروزىغا تەۋە بولاتتى.

بىراق، بۇ تۈرلەرنىڭ يېزىلىش ئۇسۇلى، دۇنيا قارىشى ۋە سەنئەت پەلسەپەسى تارىخىي جەھەتتىن رېئالىزىم ، مودېرنىزم ۋە كېيىنكى مودېرنىزم ئېقىملىرىنىڭ تەسىرىدە بىر-بىرىدىن پەرقلىق نەزەرىيەۋى چۈشەنچىلەرگە ئىگە بولغان. ئوخشاش بىر پروزا ئەسىرى ( ھېكايە ياكى رومان) ھەر خىل ئەدەبىي ئېقىملارنىڭ تەسىرىدە ئوخشىمىغان شەكىل ۋە ئۇسۇلدا يېزىلىدۇ:

رېئالىزىم ئەدەبىياتى: «دۇنيانى ئەكس ئەتتۈرۈش»

ئاساسىي پرىنسىپى: دۇنيا سىرتتا ئوبيېكتىپ مەۋجۇت، ئەدەبىياتنىڭ ۋەزىپىسى شۇ رېئاللىقنى، جەمئىيەتتىكى سىنىپىي توقۇنۇش ۋە ئادەملەرنىڭ تۇرمۇش شارائىتىنى ئەينەن، ئىشەنچلىك ھالدا يورۇتۇپ بېرىشتىن ئىبارەت.

قۇرۇلمىسى: ۋەقەلەر تەبىئىي تەرتىپ بىلەن، يەنى باشلىنىش، راۋاجلىنىش، يۇقىرى پەللىگە چىقىش ۋە ئاخىرلىشىشتەك بىر لىنىيە بويىچە بايان قىلىنىدۇ. ئاپتور ھەمىشە ھەممىنى كۆرۈپ، بىلىپ تۇرىدىغان ئەۋلىيا» سالاھىيىتىدە بولىدۇ. پىرسۇناژلار بولسا جەمئىيەتنىڭ، مۇھىتنىڭ ۋە ۋاقىتنىڭ مەھسۇلى، بالزاك، لېۋ تولستوي، چارلىس دىككىنىس قاتارلىق مەشھۇر يازغۇچىلارنىڭ رومانلىرى ئەنە شۇنداق يېزىلغان.

مودېرنىزم ئەدەبىياتى: «ئىچكى دۇنيا ۋە ئاڭ ئېقىمى». 20-ئەسىردىكى دۇنيا ئۇرۇشلىرى، سانائەتلىشىش چۈشكۈنلۈكى ۋە روھىي قالايمىقانچىلىقلار رېئالىزملىق تەسۋىرلەرنى يېتەرسىز قىلىپ قويدى. مودېرنىزم دۇنيانىڭ سىرتقى كۆرۈنۈشىگە ئەمەس، بەلكى ئىنساننىڭ ئىچكى دۇنياسىدىكى كۈرەشلىرى، يالغۇزلۇقى ۋە ئاڭ ئېقىمىغا مەركەزلەشتى.

قۇرۇلمىسى: تۈز لىنىيەلىك ۋەقە قۇرۇلمىسى پارچىلىنىپ كېتىدۇ. زامان ۋە ماكان ئۆزگىرىپ تۇرىدۇ (ئۆتمۈش بىلەن كەلگۈسى بىر نۇقتىدا قوشۇلىدۇ).

پېرسوناژ: جەمئىيەتتىن ئايرىلىپ قالغان، ياتلىشىپ كەتكەن، ئۆزىنى تاپالمايۋاتقان، ئۆزگىچە روھىي زىددىيەت ئىچىدىكى ئادەم (مەسىلەن، ۋىرجىنيە ۋولف ياكى فىرانز كافكانىڭ ئەسەرلىرىدەك).

كېيىنكى مودېرنىزم ئەدەبىياتى: «ئويۇن، ئاڭ ۋە ئىككىلىنىش»

ئاساسىي پرىنسىپى: يازغۇچىلار «بىرلا مۇتلەق ھەقىقەت يوق» دەپ قارايدۇ. رېئالىزم ھەم مودېرنىزم ئېقىمىدىكى ئەسەرلەرنىڭ تېكىستىنى يەنىلا سۈنئىي دەپ قاراپ، يېڭىچە سىناقلارنى ئېلىپ بارىدۇ. مېتا-تەپەككۇر (Metafiction) ، يەنى يازغۇچىنىڭ ئەسەر ئىچىدە شۇ ئەسەر ياكى ئۇنى يېزىش جەريانى توغرىسىدا ئۆزى سۆزلىشى كەڭ قوللىنىلىدۇ.

قۇرۇلمىسى پارچە-پارچە بولىدۇ، ئەسەر ئاخىرلاشمىغاندەكلا ئاخىرلىشىدۇ ياكى كۆپ خىل ئاخىرلىشىدۇ، ئەسەردە ئاپتور ئۆز-ئۆزىنى ئىنكار قىلىدىغان يەرلەر ئۇچراپ تۇرىدۇ.

پېرسوناژ: پېرسوناژ ئۇقۇمىنىڭ ئۆزى ئاجىزلىشىپ، ئۇ تېكىست ئىچىدىكى بىر بەلگە ياكى رولچىغا ئايلىنىپ قالىدۇ.

بۇ ئۇسۇللار پروزا ئىجادىيىتىنى پەقەت «ھېكايە سۆزلەش قورالى» بولۇشتىن چىقىرىپ، ئۇنى ئىنسان تەپەككۇرى ۋە تىلنىڭ چەك-چېگراسىنى سىنايدىغان سەنئەتكە ئايلاندۇردى.

ئۇنىڭدىن باشقا، رېئالىزىم بىلەن مودېرنىزمدە «يالغۇزلۇق» بىلەن «ۋاقىت» تېمىلىرىنىڭ بىر تەرەپ قىلىنىشى ۋە ئىپادىلىنىش ئۇسۇلى پۈتۈنلەي ئوخشىمايدۇ.

1. «يالغۇزلۇق» تېمىسىنىڭ بىر تەرەپ قىلىنىشى

رېئالىزىمدا يالغۇزلۇق (سەۋەب ۋە جەمئىيەت مۇناسىۋىتى):

رېئالىستىك ئەسەرلەردە يالغۇزلۇق ھەمىشە ئىجتىمائىي مۇھىت، سىنىپىي توقۇنۇش ياكى ئىقتىسادىي شارائىتلار تۈپەيلىدىن كېلىپ چىقىدۇ.

يالغۇزلۇق دائىم بىر مەسىلە، بىر ئادەمنىڭ جەمئىيەتتىكى ئادالەتسىز تۈزۈم تەرىپىدىن چەتكە قېقىلىشى ياكى نامراتلىق سەۋەبىدىن كېلىپ چىققان تاشقى رېئالىقتۇر.

مىسال: ئادەم جەمئىيەتتە يالغۇز قالىدۇ، چۈنكى ئەتراپىدىكى كىشىلەر بىلەن مەنپەئەت توقۇنۇشى بار ياكى ئۇ نامراتلىق ئىچىدە ياشايدۇ.

مودېرنىزمدا يالغۇزلۇق (ئىچكى دۇنيا ۋە ئۆزىنى تاپالماسلىق):

مودېرنىزملىق ئەسەرلەردە يالغۇزلۇق سىرتقى دۇنيانىڭ ئەمەس، بەلكى ئىنسان روھىنىڭ، ئاڭنىڭ ۋە زامانىۋى جەمئىيەتتىكى ياتلىشىشنىڭ تەبىئىي ھالىتىدۇر.

بۇ يەردە ئادەم ھەتتا كۆپچىلىكنىڭ ئارىسىدا ياكى ئائىلىسىنىڭ ئىچىدىمۇ يالغۇز بولىدۇ؛ بۇ، مەۋجۇدىيەتچىلىك خاراكتېرىدىكى ئىچكى ئازاب ۋە ھاياتنىڭ مەنىسىزلىكىدىن كېلىپ چىققان يالغۇزلۇقتۇر.

مەسىلەن، فرانز كافكانىڭ قەھرىمانلىرى كۆپچىلىك ئارىسىدا تۇرسىمۇ، روھىي جەھەتتىن دۇنيادىن پۈتۈنلەي ئايرىلىپ قالغان .

«ۋاقىت» تېمىسىنىڭ بىر تەرەپ قىلىنىشى

رېئالىزىمدىكى ۋاقىت (بىر يۆنىلىشتىكى ۋاقىت):

رېئالىزمدا ۋاقىت ئۆتۈۋاتقان سائەتكە، كۈنگە ۋە تارىخقا ئوخشاش سىزىقلىق (بىر يۆنىلىشلىك) ھەرىكەت قىلىدۇ: ئۆتمۈش →ھازىر →كەلگۈسى.

ۋەقەلەر ۋاقىت تەرتىپى بويىچە بىر-بىرلەپ، تەبىئىي كۆپىيىش ياكى ئۆزگىرىش جەريانىدا بايان قىلىنىدۇ. ۋاقىت ئوبيېكتىپ بىر رېئاللىق سۈپىتىدە كۆرسىتىلىدۇ.

مودېرنىزمدىكى ۋاقىت (پىسخىكىلىق ۋاقىت):

مودېرنىزمدا ۋاقىت سائەت تەرتىپى بويىچە ئۆتىدىغان نەرسە ئەمەس، بەلكى ئىنساننىڭ ئېڭى ۋە ئەسلىمىلىرى ئىچىدىكى ئېقىمىدۇر.

بىر مىنۇتلۇق ۋاقىت ئىچىدە قەھرىماننىڭ كاللىسىدا بىر ئۆمۈرلۈك خاتىرىلەر، ئۆتمۈش ۋە كەلگۈسىدىكى قورقۇنچلار ئارىلاشتۇرۇلۇپ كۆرسىتىلىدۇ (بۇ نەزەرىيە فىلاسوپ ھېنرى بېرگسوننىڭ «داۋاملىشىش ۋاقتى» ئۇقۇمىغا تايىنىدۇ).

مىسال: پېرسوناژ كوچىدا مېڭىپ كېتىپ بىر قەھۋە پۇرىقىنى پۇراپلا، ئۆزىنىڭ بالىلىق دەۋرىگە ياكى 20 يىل بۇرۇنقى بىر ۋەقەگە كىرىپ كېتىدۇ. ۋاقىت بۇ يەردە پارچە-پارچە ۋە ئېقىشچان بولىدۇ.

خۇلاسە قىلغاندا: رېئالىزىم دۇنيانى «سىرتقى كۆز» بىلەن، ۋاقىتنى سائەت بىلەن ۋە يالغۇزلۇقنى جەمئىيەت بىلەن ئۆلچىسە؛ مودېرنىزم بولسا دۇنيانى «ئىچكى ئاڭ» بىلەن، ۋاقىتنى ئەسلىمە بىلەن، يالغۇزلۇقنى بولسا ئىنسان مەۋجۇدىيىتىنىڭ تۈپكى رېئاللىقى سۈپىتىدە تەھلىل قىلىدۇ.

3. مۇۋەپپەقىيەتلىك بىر پروزا ئەسىرىنىڭ ئۇل تېشى

پروزا يېزىش – مەيلى ئۇ قىسقا ھېكايە بولسۇن ياكى كۆپ قەۋەتلىك رومان بولسۇن – ئۇ ھەرگىز بىر نەرسىنى ئاددىيلا بايان قىلىپ قويۇش ئەمەس، بەلكى ئۆزگىچە بىر دۇنيا بەرپا قىلىشتۇر. بىر ئەسەرنىڭ ئوقۇرمەننى ئۆزىگە جەلپ قىلىشى، زېرىكتۈرۈپ قويماسلىقى ۋە ئۇنتۇلماس تەسىرات قالدۇرۇشى ئۈچۈن تۆۋەندىكى شەرتلەر كېرەك:

1. تېما ۋە مەركىزىي ئىدىيە

تېما دېگىنىمىز ئەسەرنىڭ يادروسى، يەنى ئاپتورنىڭ ئوقۇرمەنگە يەتكۈزمەكچى بولغان پىكرى ياكى پەلسەپىۋى چۈشەنچىسى. «بۇ ئەسەردە ئاپتور نېمە دېمەكچى؟» دېگەن سوئالغا بېرىلىدىغان جاۋاب. ياخشى تېما تۇرمۇشتىن ئېلىنىدۇ، لېكىن ئۇ قۇرۇق تەربىيە ياكى نەسىھەتكە ئايلىنىپ قالماسلىقى كېرەك. ھەر قانداق تېما ئەسەردىكى ۋەقە ۋە پېرسوناژلارنىڭ تەبىئىي ھەرىكىتى ئارقىلىق ئوتتۇرىغا چىقىشى لازىم.

2. خاراكتېر يارىتىش

مەنىسى: ئەسەرگە جان بېرىدىغان نەرسە پېرسوناژلار، ئۇلار ئوتتۇرىسىدىكى توقۇنۇشلار. ئوقۇرمەن قەھرىماننىڭ تاشقى قىياپىتىگە ئەمەس، ئۇنىڭ ئىچكى دۇنياسىغا، ئازابىغا ۋە خۇشاللىقىغا بەكرەك ئىشىنىدۇ. ھەقىقىي، جانلىق پېرسوناژلارنىڭ كەمچىلىكى، قورقۇنچى ۋە ئاجىز تەرەپلىرى بولىدۇ .

3. تۈرتكىلىك كۈچ (Motivation): پېرسوناژ نېمە ئۈچۈن بۇ قەدەمنى باستى؟ ئۇنىڭ نىشانى نېمە؟ بۇ مەقسەت ئېنىق بولمىسا، ۋەقەلەر سۈنئىي كۆرۈنىدۇ.

4. ۋەقەلىك تەرتىپى ۋە قۇرۇلمىسى (Plot Structure)

مەنىسى: ۋەقەلەرنىڭ بىر-بىرىگە باغلىنىش تەرتىپى ۋە راۋاجلىنىشى.

پروزا قۇرۇلمىسى ئادەتتە تۆۋەندىكى باسقۇچلاردىن ئۆتىدۇ:

تونۇشتۇرۇش (Exposition): ماكان، زامان ۋە ئاساسلىق پېرسوناژلارنىڭ ئورۇنلاشتۇرۇلۇشى. بۇنىڭدا «ناتونۇشلاشتۇرۇش» ئۇسۇلى قوللىنىلىدۇ. يەنى ھەر قانداق ھېكايە باشقا بىر ھايات، باشقا بىر ئادەمنى ئوتتۇرىغا چىقىرىش ئارقىلىق ئوقۇرمەننىڭ دىققىتىنى تارتىدۇ. ئەسەرنىڭ بېشىدىلا ئوقۇرمەننىڭ دىققىتىنى سۆرەپ كىرىش مۇھىم، بەزى يازغۇچىلار بۇنى «بېلىقنى قارماققا ئىلىش» دەپ ئوخشاتقان. بۇ جەھەتتىن ئېيتقاندا، ئەسەرنى قانداق باشلاشمۇ مۇھىم. بىر ئەسەر چوقۇم ئوقۇرمەننى جەلپ قىلالايدىغان شەكىلدە باشلىنىشى كېرەك. مەسىلەن، پەرھات تۇرسۇننىڭ «ھالاكەت» دېگەن پوۋېستى « مەن ئۇنى ئۆلتۈرۈۋەتتىم… شۇلارنى ئويلىغىنىمدا پۈتۈن بەدىنىم سىرلىق بىر قورقۇنچ بىلەن جۇغۇلداپ كېتىدۇ» دېگەن جۈملىلەر بىلەن باشلىنىدۇ. فرانز كافكانىڭ «شەكىل ئۆزگىرىش خاتىرىسى» دېگەن پوۋېستى «گىئورگى سامۇشا بىر ئەتىگىنى ئويغىنىپلا ئۆزىنىڭ كىچىككىنە بىر قوڭغۇزغا ئايلىنىپ قالغانلىقىنى كۆردى» دېگەن جۈملە بىلەن باشلىنىدۇ. بىر ماقالىدە ئوقۇشۇمچە، كولومبىيە يازغۇچىسى گارسىيە ماركوز بۇ جۈملىنى ئوقۇپ ھەيران قېلىپ: «ئەسەرنى مۇنداق باشلىسىمۇ بولىدىكەنغۇ» دېگەن ۋە بۇنىڭدىن ئىلھام ئالغان.

توقۇنۇش (Conflict): ۋەقەنى قوزغايدىغان مەسىلە ياكى جىددىيلىكنىڭ باشلىنىشى . توقۇنۇش ئادەمنىڭ ئۆزى بىلەن ئۆزى ئېتىشىشى (ئىچكى روھىي كۈرەش)، باشقىلار بىلەن زىددىيەتلىشىشى (ئادەم بىلەن ئادەم ئوتتۇرىسىدىكى كۈرەش)، جەمئىيەت بىلەن قارشىلىشىشى (ئادەم بىلەن جەمئىيەتنىڭ كۈرىشى)، ھەق بىلەن ناھەق، ئادالەت بىلەن زۇلۇمنىڭ كۈرىشى قاتارلىق نۇرغۇن تەرەپلەرنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ.

يۇقىرى پەللە (Climax): زىددىيەتنىڭ ئەڭ يۇقىرى چەككە يېتىشى ۋە قەھرىمان ئالدىدىكى ھەل قىلغۇچ تاللاش نۇقتىسى.

يېشىلىش ۋە ئاخىرلىشىش (Resolution): ۋەقەلەرنىڭ ئاقىۋىتى ۋە ئەسەرنىڭ تاماملىنىشى.

تىل، ئۇسلۇب ۋە «تەپسىلات»نىڭ كۈچى

پروزا ئەسەرلىرى يېزىشتا ئەڭ كۆپ تىلغا ئېلىنىدىغان، يازغۇچىنىڭ ماھارىتىنى بەلگىلەيدىغان ئەڭ مۇھىم پرىنسىپلارنىڭ بىرى – «سۆزلەپ بەرمەي، ئۇنى كۆرسەت» پرىنسىپىدۇر.

بىز بىر پېرسوناژنىڭ روھىي ھالىتىنى ياكى ھېسسىياتىنى بىۋاسىتە دېمەي، ئۇنى ھەرىكەت، سۈرەت، ئاۋاز ۋە تۇيغۇلار ئارقىلىق ئوقۇرمەننىڭ ئۆزىگە ھېس قىلدۇرساق ياخشى. يازغۇچى ئوقۇرمەنگە پېرسوناژنىڭ خاراكتېرىنى تەييار بىر ھالەتتە سۇنمايدۇ، بەلكى ئۇنىڭ قىلمىشلىرىنى كۆرسىتىش ئارقىلىق ئوقۇرمەننىڭ ئۆزىنىڭ يەكۈن چىقىرىشىغا يول ئاچىدۇ.

1. سۆزلەپ بېرىش بىلەن كۆرسىتىشنىڭ پەرقى

بۇنى تېخىمۇ ئېنىق چۈشىنىش ئۈچۈن تۆۋەندىكى مىساللارغا قاراپ باقايلى:

بىرىنچى مىسال: غەزەبلىنىش

سۆزلەپ بېرىش (ناچار ئۇسۇل): «ئەھەد توساتتىن غەزەبلەندى.» (بۇ يەردە ئاپتور ئوقۇرمەنگە ھەممىنى تەييار دەپ بەردى، ئوقۇرمەن ھېچقانداق تۇيغۇنى ھېس قىلمايدۇ).

كۆرسىتىش (ياخشى ئۇسۇل): «ئەھەدنىڭ كۆزلىرى چەكچىيىپ، چاچلىرى تىك تۇرۇپ كەتتى.» (بۇ يەردە ئوقۇرمەن ئەھەدنىڭ ئاچچىقلانغانلىقىنى ئۇنىڭ ھەرىكىتى ۋە جىسمانىي ئىنكاسى ئارقىلىق ئۆزى كۆرۈۋالىدۇ).

ئىككىنچى مىسال: قورقۇش

سۆزلەپ بېرىش: «زەينەب قاراڭغۇ كارىدوردا تولىمۇ قورقتى.»

كۆرسىتىش: «زەينەپ قاراڭغۇ كارىدوردا مېڭىۋېتىپ توختاپ قالدى، ئۇ تامغا تايىنىپ ، ئېغىر-ئېغىر نەپەس ئېلىپ، تىترەۋاتقان بارماقلىرى بىلەن كۇنۇپكىنى ئىزدەشكە باشلىدى.»

ئۈچىنچى مىسال: نامراتلىق

سۆزلەپ بېرىش: «ئۇلار ناھايىتى نامرات ئىدى.»

كۆرسىتىش: «ئۆينىڭ ھەممە يېرىدىن بوران ئۇچۇپ تۇراتتى. ئۈستەلدە پەقەت بىر پارچە قۇرۇق نان بىلەن پۇچۇق چىنە تۇراتتى.»

تۆتىنچى مىسال: ھارغىنلىق

«ئۆمەر كۆچىدە ناھايىتى ھارغىن ھالدا كېتىۋاتاتتى.»

بۇ جۈملە پەقەت ئۆمەرنىڭ ھارغىن ئىكەنلىكىنى بىزگە «سۆزلەپ»لا بېرىدۇ. ئەمدى بۇنى «كۆرسەت، سۆزلەپ بەرمە» پرىنسىپى بويىچە، ئۇنىڭ تاشقى قىياپىتى ۋە ھەرىكەتلىرى ئارقىلىق ئوقۇرمەنگە كۆرسىتىپ باقايلى، ئوقۇرمەن ئۇنى كۆز ئالدىغا كەلتۈرگەندىلا ئاندىن تېخىمۇ ئېنىق ھېس قىلالايدۇ:

«ئۆمەرنىڭ قەدەملىرى ئېغىرلىشىپ كەتكەنىدى؛ ئۇ ھەر بىر قەدىمىنى باسقاندا توپا-چاڭ باسقان پۇتلىرىنى ئاران سۆرەيتتى. ئۇ چاپىنىنىڭ ياقىسىنى كۆتۈرۈپ، ماڭلىيىدىكى تەر تامچىلىرىنى ئاستاغىنە سۈرتۈپ قويدى.»

بۇ يەردە بىز «ھارغىن» دېگەن سۆزنى ئىشلەتمىدۇق، لېكىن ئۆمەرنىڭ ئېغىر قەدەملىرىنى، ماڭغۇدەك ماجالىنىڭ قالمىغانلىقىنى ئوقۇرمەننىڭ كۆز ئالدىدا جانلاندۇردۇق.

2. نېمە ئۈچۈن «كۆرسەت، سۆزلەپ بەرمە» بۇنچە مۇھىم؟

جانلىقلىق ۋە تەسۋىر كۈچى: ئوقۇرمەن ئۆزى كۆز ئالدىغا كەلتۈرەلەيدىغان سەھنىلەردىن ھۇزۇرلىنىدۇ.

شەخسىي تەسىرات: ئوقۇرمەن پەقەت بىر كىتابنى ئوقۇپلا قالماي، ئەسەرنىڭ ئىچىگە كىرىپ، پېرسوناژ بىلەن بىرگە ياشىغاندەك تۇيغۇغا ئىگە بولىدۇ.

سەمىمىيەت: جورج ئورۋېل تەكىتلىگەندەك، ھېكايە، رومان يازغاندا قۇرۇق، مەنىسىز ۋە ئابستراكت سۆزلەرنى ئىشلەتمەي، كىشىنىڭ كۆز ئالدىغا كېلىدىغان دەرىجىدە جانلىق، ئوبرازلىق تەسۋىرلەرنى قوللىنىش ئەسەرنى تېخىمۇ جەلپكار قىلىدۇ.

ئەسكەرتىش: بۇ دېگەنلىك «سۆزلەپ بېرىش» نى قەتئىي ئىشلەتمەسلىك كېرەك دېگەنلىك ئەمەس. ۋەقەلەرنى تېزلىتىش ياكى زۆرۈر مەلۇماتلارنى بېرىش ئۈچۈن سۆزلەپ بېرىشمۇ كېرەك، لېكىن ئەسەرنىڭ يادرولۇق ھېسسىيات ۋە جىددىي نۇقتىلىرىدا ھەمىشە كۆرسىتىش ئۇسۇلى قوللىنىلىشى لازىم.

4. پروزىدىكى تىل، ئۇسلۇب ۋە ئاساسلىق ئىپادىلەش شەكىللىرى

1. پروزا تىلى ۋە ئۇسلۇبى

پروزا ئىجادىيىتىدە يازغۇچىنىڭ تىل ئىشلىتىش ماھارىتى ۋە ئۇسلۇبى ئىنتايىن مۇھىم. نۇرغۇن داڭلىق يازغۇچىلار بۇنى تەكىتلىگەن. بىر يازغۇچىنىڭ ئۆزىگە خاس ئۇسلۇبىنىڭ بار-يوقلۇقىنى كۆرسىتىدىغان ئەڭ روشەن ئامىل ئۇنىڭ تىلىدۇر.

جورج ئورۋېل ۋە باشقا كلاسسىك يازغۇچىلار تەكىتلىگەندەك، پروزا تىلى ئاددىي، ئېنىق، قۇرۇق تەنتەنىلەردىن خالىي ۋە مەنىگە ئىگە بولۇشى كېرەك. ئۇسلۇب — يازغۇچىنىڭ دۇنياغا بولغان قارىشىنىڭ تىلدىكى ئىپادىسىدۇر.

داڭلىق يازغۇچىلارنىڭ ئورتاق ئالاھىدىلىكى شۇكى، ئۇلار ئەسەردە ئارتۇقچە سۆز ۋە قېلىپلىشىپ قالغان كونا ئىبارىلەردىن، يېڭىلىقى يوق تەسۋىر، بايانلاردىن، ھەممە ئادەم بىلىدىغان ئوخشىتىشلاردىن قاچىدۇ، ھەر بىر سۆزنىڭ ھەققىنى بېرىدۇ، تىلدىكى يوشۇرۇن ئىمكانىيەتلەردىن ئەڭ زور دەرىجىدە پايدىلىنىدۇ.

پروزا ئەسەرلىرىدە كۆرۈلىدىغان ئۈچ ئاساسلىق ئىپادە شەكلى: بايان ، تەسۋىر ۋە دىيالوگدۇر.

بايان (Narration — ھېكايە قىلىش ۋە ۋەقەلىكنى راۋاجلاندۇرۇش)

ۋەقەلەرنىڭ قانداق يۈز بەرگەنلىكىنى، ۋاقىتنىڭ ئۆتۈشىنى ۋە ھەرىكەتنىڭ بىر نۇقتىدىن يەنە بىر نۇقتىغا قاراپ قانداق تەرەققىي قىلغانلىقىنى خەۋەر قىلىدىغان قىسىم بايان بولىدۇ. .بايان ئەسەرنىڭ تۈۋرۈكى بولۇپ، ئۇ ۋەقەلەرنى راۋاجلاندۇرىدۇ.

ئەمەلىي مىسال:

«ئىككى كۈندىن كېيىن ئەھەد پويىزغا چىقىپ پايتەختكە قاراپ يولغا چىقتى. يولداھاۋا تەدرىجىي سوۋۇپ، يامغۇر قارغا ئايلاندى. ئۇ مەنزىلگە يېتىپ بارغىنىدا ئاللىقاچان كېچە بولغانىدى.»

تەسۋىر (Description — جانلاندۇرۇش ۋە كۆز ئالدىغا كەلتۈرۈش)

ماكاننى، زاماننى، پېرسوناژنىڭ تاشقى قىياپىتىنى ياكى ئۇنىڭ روھىي ھالىتىنى سۆزلەر ئارقىلىق بىر «رەسىم» شەكلىدە ئوقۇرمەننىڭ كۆز ئالدىدا جانلاندۇرۇش. تەسۋىر ئەسەرگە رەڭ، پۇراق ۋە «جان» بېغىشلايدۇ.

ئەمەلىي مىسال:

«ئۆينىڭ چاك كەتكەن تاملىرىدىن سوغۇق شامال ئۆتۈپ تۇراتتى. ئۈستەلدە قات-قات بولۇپ كەتكەن كونا گېزىتلەر، ئازراق يېنىپ ئۆچۈپ قالغان شام تۇراتتى.»

دىيالوگ (Dialogue — سۆھبەت ۋە بۇ ئارقىلىق پىرسوناژ خاراكتېرىنى نامايەن قىلىش)

دىيالوگ دېگىنىمىز ئىككى ياكى ئۇنىڭدىن ئارتۇق پېرسوناژنىڭ ئۆزئارا سۆزلىشىشى. ياخشى دىيالوگ پەقەت پىكىر ئالماشتۇرۇشلا ئەمەس، بەلكى پېرسوناژلارنىڭ ئارىسىدىكى يوشۇرۇن توقۇنۇشنى، ئۇلارنىڭ خاراكتېرى ۋە ئىچكى دۇنياسىنى ئاشكارىلايدىغان قورالدۇر.

ئەمەلىي مىسال:

— بۇ يول بىزنى شۇ يەرگە ئاپىرىدۇ دەپ ئويلامسەن؟ — دەپ سورىدى سەمەت، تىترىگەن قوللىرى بىلەن خەرىتىنى قاتلاپ تۇرۇپ.

— باشقا تاللىشىمىز يوق، — دېدى ئۆمەر كۆزىنى يىراقتىكى قاراڭغۇ ئورمانلىقتىن ئۈزمەستىن. — ئۇنىڭ ئۈستىگە، ئارقىغا قايتىش يولىمىزمۇ ئۈزۈلدى.

بايان، تەسۋىر ۋە دىيالوگنىڭ قانداق بىرلەشكەنلىكىگە بىر مىسال:

بايان : ئۆمەر بىلەن سەمەت ئىككى كۈنلۈك مۈشكۈل سەپەردىن كېيىن، ئاخىرى دېگەن ۋاقىتتا كونا ئۆيگە يېتىپ كېلىشتى. ئۇلار ئىشىكنى ئاستا ئېچىپ ئىچكىرىگە كىردى.

تەسۋىر : ئۆينىڭ ئىچى غۇۋا قاراڭغۇ بولۇپ، گۈپپىدە زەي پۇرىقى كېلەتتى. پەنجىرىدىن چۈشكەن ئاي نۇرى پەگاغا تۆكۈلگەن ناننىڭ ئۇۋاقلىرىنى ۋە بۇلۇڭدا تۇرغان كونا ساندۇقنى يورىتىپ تۇراتتى.

دىيالوگ: — بۇ ساندۇق بىز ئىزدەۋاتقان ساندۇقتەك قىلىدۇ — دېدى سەمەت تىترىگەن ئاۋازدا،

— چوقۇم شۇ، — دېدى ئۆمەر چىرىغىنى ياندۇرۇپ، — بىراق بۇ يەردىن قانداق چىقىمىز، بۇنى ئويلىشايلى.

بۇ يەردىكى بايان ۋەقەنى ئالغا سۈرىدۇ (ئۇلارنىڭ ئۆيگە كىرگەنلىكىنى خەۋەر قىلىدۇ).

تەسۋىر بولسا ماكان ۋە كەيپىياتنى يارىتىدۇ (زەي پۇرىقى، ئاي نۇرى، ناننىڭ ئۇۋىقى ۋە ساندۇق ئوقۇرمەننىڭ كۆز ئالدىدا جانلىنىدۇ).

دىيالوگ بولسا پېرسوناژلارنىڭ نېمە ئويلاۋاتقانلىقى، ھېسسىياتى ۋە مەقسىتىنى ئاشكارىلايدۇ.

ياخشى بىر پروزا ئەسىرى دەل مۇشۇ ئۈچ ئىپادە شەكلىنىڭ بىر-بىرى بىلەن زىچ ۋە تەبىئىي باغلانغان جەريانىدىن مەيدانغا كېلىدۇ.

5. پروزا ئىجادىيىتىدە بېرىلىدىغان تەۋسىيە

پروزا يېزىش خۇددى تۈركىيە يازغۇچىسى ئورخان پامۇك ئېيتقاندەك، باشقىلارنىڭ ھېكايىسىنى ئۆزىنىڭ ھېكايىسىدەك، ئۆزىنىڭ ھېكايىسىنى باشقىلارنىڭ ھېكايىسىدەك قىلىپ يېزىش سەنئىتىدۇر. ئورخان پامۇك يەنە رومان يېزىشنى يىڭنە بىلەن قۇدۇق قېزىشقا ئوخشاتقان. بىر روماننى تۆت-بەش يىلدا ئاران يېزىپ بولغان، ئەمما يازغانلىرى بىر-بىرىدىن ئېسىل چىققان. پروزا ئىجادىيىتى يۈكسەك دەرىجىدە سەۋرچانلىق، چىدام-غەيرەت تەلەپ قىلىدىغان، يازالماسلىق بېسىمى قىستاپ تۇرىدىغان، ھورۇنلۇق ئەسلا ياراشمايدىغان ، ھەر ۋاقىت ئويلىنىپ، ئىزدىنىپ، تەپەككۇر قىلىدىغان بىر جەريان. شۇڭا نۇرغۇن يازغۇچىلار تۆۋەندىكىدەك تەۋسىيەلەرنى بېرىدۇ:

1.«ھېچنېمە يازالماسلىق» قورقۇنچىنى يېڭىپ، نېمىلا بولسا بىر نەرسە يېزىش ئادىتىنى يېتىلدۈرۈش

مەسىلە: يازغۇچىلار ئەڭ كۆپ يولۇقىدىغان توسالغۇ – ئاق قەغەز ياكى كومپيۇتېر ئېكرانىنىڭ ئالدىدا نېمە يېزىشىنى بىلەلمەي تۇرۇپ قېلىش. بۇ قورقۇنچ كۆپىنچە «تۇنجى جۈملەم مۇكەممەل بولۇشى كېرەك» دېگەن خاتا چۈشەنچىدىن كېلىپ چىقىدۇ.

ئەمەلىي تەۋسىيە: «قاملاشمىغان بىرىنچى نۇسخا» پرىنسىپىنى قوللىنىڭ. دەسلەپتە يازغاندا گرامماتىكا، ئۇسلۇب ياكى مۇكەممەللىككە كۆڭۈل بۆلمەستىن، پەقەت پىكىرنى قەغەزگە (ياكى كومپيۇتېر ئېكرانىغا) تۆكۈڭ. ھەر كۈنى مەلۇم ۋاقىت (مەسلەن، 20 مىنۇت) ئاجرىتىپ، نېمە ئويلىغان بولسىڭىز شۇنى يېزىش ئادىتىنى يېتىلدۈرۈڭ.

2. كۆزىتىش ۋە ئوقۇش (ئىچكى خەزىنە توپلاش)

يازغۇچى ئاۋۋال ئەڭ ئەستايدىل «ئوقۇرمەن» ۋە «كۆزەتكۈچى» بولۇشى كېرەك. ئەتراپىڭىزدىكى كىشىلەرنىڭ سۆزلەش ئادىتىنى، پۇت-قول ھەرىكەتلىرىنى، ھەتتا بىر قەھۋەخانىدىكى كىشىلەرنىڭ ئۆزئارا مۇئامىلىسىنى ئىنچىكە كۆزىتىڭ. مەسىلەن، بىر ئادەمنىڭ ئاچچىقلانغان ۋاقتىدىكى مىجەزىنى يېزىش ئۈچۈن، بۇرۇن بىر يەردە كۆرگەن ئادەمنىڭ ئاچچىقلانغان ھالىتى ( رەڭگى رويىنىڭ ئۆزگىرىشى، كۆزىنىڭ چەكچىيىشى، قولىنىڭ تىترىشى…)نى ئەسلەش، تېكىستنى جانلىق قىلىدۇ.

3. تەھرىرلەش — يازغۇچىنىڭ ھەقىقىي سىنىقى

مەسىلە: «مەن يازغان ھەر بىر جۈملە ئېسىل» دەپ قاراپ، بىرىنچى قېتىمدا چىققان تېكىستنى ئۆزگەرتەلمەسلىك. جورج ئورۋېل ئېيتقاندەك، «ئارتۇقچە سۆزلەرنى چىقىرىۋېتىش» ئەڭ قىيىن، لېكىن ئەڭ زۆرۈر ئىش.

ئەمەلىي تەۋسىيە: يېزىپ بولغاندىن كېيىن، ئەسەرنى دەرھال نەشر قىلماڭ ياكى باشقىلارغا كۆرسەتمەڭ. ئۇنى بىر نەچچە كۈن قويۇپ قويۇپ، ئاندىن ئۇنى ئوقۇرمەنلەر نۇقتىسىدىن قايتا ئوقۇپ چىقىڭ. مەنىسىز، قۇرۇق ۋە تەكرارلانغان جۈملىلەرنى (مەيلى ئۇلار قانچىلىك قالتىس، گۈزەل كۆرۈنسۇن) چىقىرىپ تاشلاڭ.

مىسال:

دەسلەپكى نۇسخا: «ئۇ ئىنتايىن ئالدىراش، غەمكىن ۋە خاپا ھالدا ئۆيگە كىردى، چۈنكى ئۇنىڭ ئىشلىرىنىڭ ھەممىسى مەغلۇبىيەتكە ئۇچرىغانىدى.» تەھرىرلەنگەن نۇسخا: «ئۇ بېشىنى ساڭگىلاتقان ھالدا ئىشىكتىن كىردى؛ بۈگۈنكى يەنە بىر مەغلۇبىيەت ئۇنىڭ پۈتۈن كۈچىنى خورىتىۋەتكەنىدى.» (ئارتۇقچە سۆزلەر چىقىرىۋېتىلدى، ئادەتتىكىچە دەپ بېرىش ئۇسۇلى ئوبرازلىق كۆرسىتىش ئۇسۇلىغا ئۆزگەرتىلدى).

خۇلاسە قىلىپ ئېيتقاندا، ياخشى پروزا ئەسىرى ئاساسەن يېزىشتىن ئەمەس، بەلكى تەھرىرلەشتىن تۇغۇلىدۇ. تېكىستنى قىسقارتىش، ئارتۇقچە گەپلەرنى چىقىرىۋېتىش يازغۇچىنىڭ ئەڭ مۇھىم ماھارىتىدۇر.

4. كۈندىلىك خاتىرە يېزىش

كۈندىلىك خاتىرە يېزىش ئارقىلىق تۆۋەندىكى ئۈچ ئىشنى قىلغىلى بولىدۇ:

بىر نەرسە يېزىشنى مەشىق قىلىسىز، تىل ئىشلىتىش ۋە ئوي-پىكرىڭىزنى ئىپادىلەش ماھارىتىڭىزنى ئۆستۈرىسىز.

ئۆزىڭىز بىلەن داۋاملىق مۇڭدىشىشنى، ئىچكى دۇنيايىڭىزغا دىققەت قىلىشنى ئۆگىنىسىز، روھىي ھالىتىڭىزنىڭ نەقەدەر ئۆزگىرىشچان ئىكەنلىكىنى ھېس قىلىسىز، ئۇنى خاتىرىلەش ئارقىلىق ئىچكى دۇنيايىڭىزدا يۈز بەرگەن زىددىيەتلەرنى ۋاقتىدا تونۇپ، ھەل قىلىپ ماڭىسىز. كېيىنچە ھەتتا ئۆزىڭىزنى مەلۇم بىر ھېكايىنىڭ پىرسوناژى قىلىشىڭىز مۇمكىن.

ئەتراپىڭىزدا يۈز بەرگەن، سىزگە تەسىر قىلغان مۇھىم ئىشلارنى خاتىرىلەپ ماڭىسىز ۋە كېيىنچە تەبىئىي ھالدا ئۇلارغا دىققەت قىلىدىغان بولىسىز ، ئەمەلىيەتتە بۇ ئىجادىيەتنىڭ مۇھىم بىر تەييارلىقى بولغان كۆزىتىش، يەنى تەبىئەت ۋە جەمئىيەتنى كۆزىتىش، ئادەملەرنى، ۋەقە-ھادىسىلەرنى كۆزىتىش ھېسابلىنىدۇ.

6. ھېكايە يېزىش (ياكى ھېكايە سۆزلەش) نېمىشقا مۇھىم؟

ھېكايە-رومان يېزىش پەقەت ھېكايە سۆزلەشلا ئەمەس، بەلكى ئىنسان روھى ۋە جەمئىيەتكە بولغان مەسئۇلىيەتنى ھېس قىلىشتۇر. ھەر بىر يازغۇچى ئۆزىنىڭ ئۆزگىچە ئاۋازىنى تېپىشى كېرەك.

بۈگۈنكى كۈندە ھېكايە، رومان ئوقۇيدىغان ئادەم قالدىمۇ، ئۇنى يېزىشنىڭ ئەھمىيىتى نېمە؟ دېگەن سوئال تۇغۇلۇشى مۇمكىن، ئەگەر ئۇ ئەھمىيەتسىز ئىش بولىدىغان بولسا، بۈگۈن دۇنيا مىقياسىدا ھېچقانداق ھېكايە-رومان، ئەدەبىي خاتىرە، ئەسلىمىلەر نەشىر قىلىنمىغان ۋە ئامازون تورىدا سېتىلمىغان بولاتتى. داڭلىق كىنو-فىلىملەر شۇ ھېكايە-رومانلارغا ئاساسەن ئىشلەنمىگەن بولاتتى. بىزدەك خەتەر ئاستىدا قالغان مىللەت ئۈچۈن ئۆز ھېكايىمىزنى سۆزلەش، ھېكايە-رومان، ئەدەبىي خاتىرە، ئەسلىمىلەرنى يېزىپ نەشىر قىلىش تېخىمۇ مۇھىم. بەلكىم سىلەر ناتسىستلارنىڭ جازا لاگېرىدا ئۆلگەن يەھۇدىي قىزنىڭ كۈندىلىك خاتىرىسىنى ئوقۇغان بولۇشۇڭلار مۇمكىن، «ئاننا فرانكنىڭ كۈندىلىك خاتىرىسى» دېگەن بۇ كىتابنىڭ ئۇيغۇرچە پ د ف نۇسخىلىرىنى تورلاردا تاپقىلى بولىدۇ. گېرمانىيەدە تۇغۇلغان بۇ قىز 13 ياشقا كىرگەندە، ئائىلىسىدىكىلەر بىلەن بىللە ناتسىستلاردىن قېچىپ ئامېستىردامدىكى بىر ئۆيدە پاناھلىنىدۇ. ئىككى يىل شۇ ئۆيدە مۆكۈنۈپ ياشايدۇ، بۇ جەرياندا كۆرگەن كۈنلىرىنى، قورقۇنچلىرىنى ۋە ئارزۇلىرىنى كۈندىلىك خاتىرىسىگە يازىدۇ. 1944-يىل ئاننا فرانك ۋە ئائىلىسىدىكىلەر يوشۇرۇنغان ئۆي ناتسىستلار تەرىپىدىن بايقىلىپ قېلىپ، ئائىلىسى بىلەن بىللە جازا لاگېرىغا يوللىنىدۇ. ئاننا فرانك 1945-يىلنىڭ بېشىدا تەخمىنەن 15 يېشىدا جازا لاگېرىدا ئۆلۈپ كېتىدۇ. دادىسى جازا لاگېرىدىن ئامان قالىدۇ، ئۇرۇشتىن كېيىن ئۇ قىزىنىڭ كۈندىلىك خاتىرىسىنى تېپىپ چىقىپ 1947-يىل نەشىر قىلىدۇ. بۇ كۈندىلىك خاتىرە ناتسىستلارنىڭ يەھۇدىيلارغا قاراتقان قىرغىنچىلىقىنىڭ ئېچىنىشلىق تارىخى گۇۋاھچىسى سۈپىتىدە دۇنياغا تونۇلىدۇ.

ئۇيغۇر تىلىدا بىر ھېكايە ياكى رومان يېزىش دېمەك ئۆزىمىزنىڭ مەۋجۇتلۇقىنى بىلدۈرۈش، ئۆز ھېكايىمىزنى باشقىلارغا، دۇنياغا ئاڭلىتىش دېمەكتۇر. شۇ ئارقىلىق بىزنىڭ بۇ دۇنيادا قانداق ياشاپ ئۆتكەنلىكىمىزنى، نېمە كۈن كۆرگەنلىكىمىزنى، نېمىلەرنى ھېس قىلغانلىقىمىزنى، قانداق غەزەبلەنگەنلىكىمىزنى، قانداق كۈرەش قىلغانلىقىمىزنى، قانداق ئاجىزلىق كۆرسەتكەنلىكىمىزنى، ئەمما كۈرەشنى قولدىن بەرمىگەنلىكىمىزنى، ئۈمىدىمىزنى يوقاتمىغانلىقىمىزنى كېيىنكى ئەۋلادلارغا بىلدۈرۈپ قويۇش دېمەكتۇر. بۇ نۇقتىدا ئەدەبىيات سىياسىيغا ئارىلىشىدۇ، چۈنكى بىز بۇ دەۋرنىڭ ئادەملىرى، دەۋر دېمەك پەلەكنىڭ چاقى، جاھانىڭ قانداق ئايلىنىۋاتقانلىقى دېمەكتۇر، سىياسىي ۋەزىيەت دەل بىزنى ئېقىتىۋاتقان ئېقىن، بىزنى تارتىپ ئەكىرىۋاتقان گىرداپ. بۇنىڭدىن قۇتۇلۇش مۇمكىن ئەمەس. شۇ ۋەجىدىن بىزدە يېقىنقى يىللاردىن بېرى «زۇلۇم ئەدەبىياتى» ھادىسىسى شەكىللەندى، ئۇنىڭغا تەۋە ئەسەرلەر، مەيلى ھېكايە، رومان، ئەسلىمە بولسۇن، بەلگىلىك سان ۋە سۈپەتكە ئىگە بولالىدى. شائىر ۋە يازغۇچى تاھىر ھامۇتنىڭ «كېچىدە تۇتقۇن قىلىنىشنى كۈتۈش» دېگەن ئەسىرى خەلقئارا تەسىر قوزغىدى ۋە 20 نەچچە خىلغا تەرجىمە قىلىندى. بۇ مۇۋەپپەقىيەت بىزگە پروزا ئىجادىيىتىدە، مەيلى ئۇنىڭ ۋەقەلىكى توقۇلما (fiction) ياكى راست (non-fiction)بولسۇن، ھېكايە سۆزلەش ماھارىتىنىڭ نەقەدەر مۇھىملىقىنى، بۇ جەھەتتە خەلقئارا ئۆلچەم ۋە سەۋىيەگە يېقىنلىشىشنىڭ زۆرۈرلۈكىنى كۆرسىتىپ بەردى.

ئىككىنچىدىن، ئۇيغۇر تىلىدا ھېكايە-رومان يېزىش ئۆز تىلىمىزنى، جۈملىدىن ئەدەبىي تىلىمىزنى ساقلاپ قېلىش، پەرۋىش قىلىش، گۈللەندۈرۈش جەھەتتىن ناھايىتى مۇھىم. بىر مىللەتنىڭ تىلىنىڭ قانچىلىك گۈزەل، قانچىلىك پاساھەتلىك ئىكەنلىكى ئۇنىڭ ئەدەبىياتى ئارقىلىق بىلىنىدۇ. يازغۇچى شائىرلار بۇ جەھەتتە باشلامچىلىق رول ئوينايدۇ. ئەگەر بىر مىللەتنىڭ بۇنداق ئادەملىرى بولمىسا، ئۇ مىللەتنىڭ تىلى بارا-بارا ئادەتتىكى ئالاقە تىلىغا، بىر-بىرىنى تىللايدىغان غەيۋەت تىلىغا، سۆز تاپالمىغاندا باشقا مىللەتنىڭكىنى ئىشلىتىدىغان نامرات تىلغا، سۆز بايلىقى بارا-بارا ئۇنتۇلۇپ ئاخىر ئۆتمۈشكە تاشلىنىدىغان كېرەكسىز تىلغا ئايلىنىپ قالىدۇ. ئانا تىلىمىزنىڭ گۈزەللىكىنى قوغداش، ئۇنى بۇرۇنقىلاردىن قانداق مىراس ئالغان بولسا كېيىنكىلەرگە شۇنداق يەتكۈزۈش بۇ دەۋردىكى ئۇيغۇر ئەدىبلىرىنىڭ مۇقەددەس بۇرچى. ئۇيغۇر ئەدىبلىرىدىن زۇنۇن قادىرى، ئابدۇرەھىم ئۆتكۈر، زوردون سابىر قاتارلىق تىل ئۇستىلىرى ؛ توختى باقى، غۇلام غوپۇرى، ئەخمەت پاسار قاتارلىق تەرجىمانلىرىمىز بۈيۈك ئەسەرلەرنى قالدۇرۇپ كەتتى. ھېكايە، رومان يازغۇچى چوقۇم تىل ئۇستىسى بولۇشى، توختىماي يېزىپ مەشىق قىلىشى، تەقلىدتىن قۇتۇلۇپ ئۆز ئۇسلۇبىنى يارىتىشقا تىرىشىشى كېرەك.

ھەۋەسكار ياشلارغا دەيدىغىنىم، ئانا تىل ئاشىقى بولۇڭلار، داڭلىق يازغۇچىلىرىمىزنىڭ ئەسەرلىرىنى ئوقۇڭلار، كۈندىلىك خاتىرە يېزىڭلار، بۇ بەك مۇھىم، ھەر كۈنى يازمىساڭلارمۇ، ئارىلاپ-ئارىلاپ يېزىپ ئۆزەڭلارنى كۆندۈرۈڭلار، ئۆزەڭلارنىڭ روھىي دۇنياسىغا دىققەت قىلىڭلار. ھەر ئىش ئۆزىمىزدىن باشلىنىدۇ. مېنىڭچە، ئۆزىنى ھەقىقىي سۆيگەن ئادەم ئۆز مىللىتىگە ۋە ئەدەبىياتىغا ئاشىق بولىدۇ، ئەدەبىيات ئارقىلىق ئادىمىي گۈزەللىكىنى تاپىدۇ، شۇنداقلا ئۆزىنىڭ ئادىمىيلىكىنى، سەمىمىيىتىنى، مەۋجۇتلۇق قىممىتىنى ئەدەبىيات ئارقىلىق نامايەن قىلىدۇ. ئەدەبىيات ئىشقى دەسلەپتە مۇھەببەت بىلەن باشلىنىدۇ، مۇھەببەت بىلەن داۋاملىشىپ، ئاخىرىدا يەنە مۇھەببەت بىلەن ئاياغلىشىدۇ. بىر نەرسە يېزىشقا ئىشتىياق باغلاپ ئارقىدىن ۋاز كەچكەنلەر پەقەت ئۆتكۈنچى ھەۋەسنىڭ كويىغا كىرگەنلەردۇر. بۇ مۇھەببەت ۋە ئىشتىياقنى ئۆز ھاياتىنىڭ مەنىسى، ياشاش قىممىتى دەپ بىلگەنلەرلا بۇ ئىشنى بىر باشقا ئېلىپ چىقالايدۇ.

جاۋاب يېزىش