ساپىيانس: ئىنسانلارنىڭ قىسقىچە تارىخى(38)

Steam train moving along tracks in foggy rural landscape at sunrise

سانائەت چاقلىرى

زامانىۋى ئىقتىساد كەلگۈسىگە بولغان ئىشەنچىمىز ۋە كاپىتالىستلارنىڭ ئۆز پايدىسىنى ئىشلەپچىقىرىشقا قايتا مەبلەغ سېلىشى ئارقىلىق ئۆسىدۇ. ئەمما بۇ يېتەرلىك ئەمەس. ئىقتىسادىي ئۆسۈش يەنە ئېنېرگىيە ۋە خام ئەشيا تەلەپ قىلىدۇ، بۇلار چەكلىك. ئۇلار تۈگىگەندە، پۈتۈن سىستېما ۋەيران بولىدۇ.

ئەمما ئۆتمۈشتىكى دەلىللەر شۇنى كۆرسىتىدۇكى، ئۇلار پەقەت نەزەرىيەدىلا چەكلىك. قىزىقارلىقى شۇكى، ئىنسانىيەتنىڭ ئېنېرگىيە ۋە خام ئەشيا ئىشلىتىشى كېيىنكى بىر قانچە ئەسىردە شىددەت بىلەن ئاشقان بولسىمۇ، بىزنىڭ پايدىلىنىشىمىزغا بولىدىغان مىقدار ئەمەلىيەتتە كۆپەيگەن. بۇلارنىڭ قايسىبىرى ئىقتىسادىي ئۆسۈشنى ئاستىلىتىش خەۋپىنى كەلتۈرۈپ چىقارغاندا، پەن-تېخنىكا تەتقىقاتىغا مەبلەغ سېلىنغان. بۇلار ھەر دائىم مەۋجۇت مەنبەلەرنى پايدىلىنىشنىڭ تېخىمۇ ئۈنۈملۈك يوللىرىنىلا ئەمەس، يەنە پۈتۈنلەي يېڭى خىلدىكى ئېنېرگىيە ۋە ماتېرىياللارنىمۇ بارلىققا كەلتۈرگەن.

قاتناش ۋاستىلىرى سانائىتىنى ئويلاپ باقايلى. كېيىنكى 300 يىلدا، ئىنسانىيەت ھارۋا ۋە غالتەكتىن تارتىپ پويىز، ئاپتوموبىل، ئاۋاز تېزلىكىدىن تېز ئايروپىلان ۋە ئالەم كېمىسىگىچە كۆپلىگەن قاتناش ۋاستىلىرىنى ياساپ چىقتى. بۇنداق زور تىرىشچانلىق قاتناش ۋاستىلىرى ئىشلەپچىقىرىشقا كېرەكلىك ئېنېرگىيە مەنبەلىرى ۋە خام ئەشيالارنى تۈگىتىۋەتسە، ئاندىن بىزگە ئۇلارنىڭ ئازغىنە قالدۇقى قالسا بولاتتى، ئەمما ئەھۋال دەل بۇنىڭ ئەكسىچە. 1700-يىلى دۇنيا قاتناش ۋاستىلىرى سانائىتى ئاساسەن ياغاچ ۋە تۆمۈرگە تايانغان بولسا، بۈگۈن ئۇنىڭ ئىلكىدە ئەجدادلىرىمىز بىلمەيدىغان پىلاستىك (سۇلياۋ)، رېزىنكە، ئاليۇمىن ۋە تىتان قاتارلىق يېڭى ماتېرىياللار يېتىپ ئاشقىچە بار. 1700-يىلى ھارۋىلار ئاساسەن ياغاچچى ۋە تۆمۈرچىلەرنىڭ مۇسكۇل كۈچى بىلەن ياسالغان بولسا، بۈگۈن تويوتا ۋە بوئىڭ زاۋۇتلىرىدىكى ماشىنىلار ئىچىدىن يانىدىغان دىۋىگاتىل ۋە يادرو ئېلېكتىر ئستانسىلىرىنىڭ كۈچى بىلەن ھەرىكەتلىنىدۇ. بۇ خىل ئىنقىلاب سانائەتنىڭ باشقا ھەممە ساھەلىرىنى دېگۈدەك قاپلىدى. بىز بۇنى سانائەت ئىنقىلابى دەپ ئاتايمىز.

سانائەت ئىنقىلابىدىن بۇرۇنقى مىڭ يىللار جەريانىدا، ئىنسانلار كۆپ خىل ئېنېرگىيە مەنبەلىرىنى ئىشلىتىشنى بىلەتتى. ئۇلار ئوتۇن قالاپ تۆمۈر ئېرىتەتتى، ئۆيلىرىنى ئىسسىتاتتى، پېچىنە-پىرەنىك پىشۇراتتى. ئۇلار يەنە شامال كۈچىدىن پايدىلىنىپ يەلكەنلىك كېمىلەرنى ھەرىكەتلەندۈرۈشنى، دەريا-ئۆستەڭ ئېقىنىدىن پايدىلىنىپ تۈگمەن چۆرۈپ ئۇن تارتىپ يېيىشنى بىلەتتى. ئەمما بۇلارنىڭ ھەممىسىنىڭ مەلۇم چەكلىمىلىرى ۋە كەمچىلىكلىرى بار ئىدى. دەرەخلەر ھەممە يەردە يوق ئىدى، شامال ھەر ۋاقىت چىقمايتتى، سۇ كۈچىدىن پەقەت دەريا بويىدا ياشىغانلارلا پايدىلىنالايتتى.

تېخىمۇ چوڭ مەسىلە شۇكى، كىشىلەر بىر خىل ئېنېرگىيەنى يەنە بىر خىل ئېنىرگىيەگە ئايلاندۇرۇشنى بىلمەيتتى. ئۇلار شامال ۋە سۇنىڭ ھەرىكىتىنى كېمە ھەيدەش بىلەن تۈگمەن تېشىنى ئىتتىرىشكە ئىشلىتەلەيتتى، ئەمما سۇ ئىسسىتىش ياكى تۆمۈر ئېرىتىشكە ئىشلىتەلمەيتتى؛ ياكى ئۇلار ئوتۇن كۆيدۈرۈشتىن ھاسىل بولغان ئىسسىقلىق ئېنېرگىيەسىنى تۈگمەن تېشىنى ھەرىكەتلەندۈرۈشكە ئىشلىتەلمەيتتى. ئىنسانلارنىڭ بۇنداق ئېنېرگىيە ئايلاندۇرۇش ئىقتىدارىغا ئىگە پەقەت بىرلا ماشىنىسى بار بولۇپ، ئۇ بولسىمۇ ئۇلارنىڭ بەدىنى ئىدى. مېتابولىزم جەريانىدا، ئىنسان ۋە باشقا ھايۋانلارنىڭ بەدىنى ئوزۇق دەپ ئاتىلىدىغان ئورگانىك يېقىلغۇلارنى كۆيدۈرۈپ، ئۇنىڭدىن قويۇپ بېرىلگەن ئېنېرگىيەنى مۇسكۇللارنىڭ ھەرىكىتىگە ئايلاندۇرىدۇ. ئۇ زاماندىمۇ ئەرلەر، ئاياللار ۋە ھايۋانلار ئاشلىق بىلەن گۆش يەپ، بەدىنىدىكى كاربونھىدرات ۋە مايلارنى كۆيدۈرۈپ، ئۇنىڭدىن ھاسىل بولغان ئېنېرگىيەسىنى ھارۋا تارتىش ياكى قوش ھەيدەشكە ئىشلىتەلەيتتى.

ئىنسان بىلەن ھايۋان بەدىنى بىردىنبىر ئېنېرگىيە ئايلاندۇرغۇچ ئۈسكۈنە بولغاچقا، مۇسكۇل كۈچى بارلىق جىسمانىي ھەرىكەتلەرنىڭ ئاچقۇچى ئىدى. ئىنسانلار ئۆز مۇسكۇلىغا تايىنىپ ھارۋا ۋە ئۆيلەرنى ياسىدى، كالىلار ساپان سۆرىدى، ئاتلار مال توشۇدى. بۇ ئورگانىك مۇسكۇل-ماشىنىلارنى ھەرىكەتلەندۈرگەن ئېنېرگىيەنىڭ بىردىنبىر مەنبەسى ئۆسۈملۈكلەر (زىرائەتلەر) ئىدى. ئۆسۈملۈكلەر ئۆز نۆۋىتىدە ئېنېرگىيەسىنى قۇياشتىن ئالدى. فوتوسىنتېز جەريانىدا، ئۇلار قۇياش ئېنېرگىيەسىنى قوبۇل قىلىپ، ئۇنى ئورگانىك بىرىكمىلەرگە سىڭدۈردى. ئىنسانلار تارىختىن بېرى قىلغان بارلىق ئەمگەكلەر قۇياش ئېنېرگىيەسىدىن كەلگەن بولۇپ، قۇياش ئېنىرگىيەسى ئۆسۈملۈكلەر ئارقىلىق مۇسكۇل ئېنىرگىيەسىگە ئايلاندۇرۇلدى.

شۇڭا ئىنسانىيەت تارىخى ئىككى ئاساسىي دەۋر بىلەن بەلگىلەندى: ئۆسۈملۈكلەرنىڭ ئۆسۈش دەۋرى ۋە قۇياش ئېنېرگىيەسىنىڭ ئۆزگىرىش دەۋرى (كۈندۈز-كېچە، ياز-قىش). قۇياش نۇرى ئاز، بۇغداي ئېتىزلىرى تېخى يېشىل ۋاقىتتا، كىشىلەرنىڭ ئېنېرگىيەسى ئاز بولدى. ئامبارلار قۇرۇق، باج يىغقۇچىلار بىكار، ئەسكەرلەر ھەرىكەتلىنىش ۋە جەڭ قىلىشتا قىينالدى، پادىشاھلار تىنچلىقنى ساقلاشقا مايىل بولدى. قۇياش نۇر چاچقان ۋە بۇغداي پىشقاندا، دېھقانلار ھوسۇل ئېلىپ ئامبارلارنى تولدۇردى. باج يىغقۇچىلار ئۆز ئۈلۈشىنى ئېلىشقا ئالدىرىدى. ئەسكەرلەر مۇسكۇللىرىنى كۈچەيتىپ قىلىچلىرىنى بىلىدى. پادىشاھلار كېڭەش چاقىرىپ كېيىنكى ھەربىي يۈرۈشلىرىنى پىلانلىدى. ھەممەيلەن قۇياش ئېنېرگىيەسى بىلەن ھەرىكەتلەندى – بۇ ئېنېرگىيەنى بۇغداي، گۈرۈچ ۋە ياڭيۇلار  قوبۇل قىلىپ ئۆزىگە قاچىلىۋالغانىدى.

ئاشخانىدىكى سىر

بۇ ئۇزۇن مىڭ يىللار جەريانىدا، كىشىلەر كۈندىن-كۈنگە ئېنېرگىيە ئىشلەپچىقىرىش تارىخىدىكى ئەڭ مۇھىم ئىختىرا بىلەن يۈزمۇ-يۈز تۇرۇپ، ئۇنى بايقىيالمىدى. ھەر قېتىم ئۆي خانىمى ياكى خىزمەتچى چاي ئۈچۈن سۇ قاينىتىش ياكى قازانغا ياڭيۇ سېلىش ئۈچۈن سۇنى ئوچاققا قويغاندا، بۇ ئىختىرا ئۇلارغا كۆز تىكىپ تۇراتتى. سۇ قاينىغان ھامان، چەينەك ياكى قازاننىڭ قاپقىقى سەكرەيتتى. ئىسسىقلىق ھەرىكەتكە ئايلىنىۋاتاتتى. ئەمما سەكرەيدىغان قازان قاپقاقلىرى بىر ئاۋارىچىلىك ئىدى، بولۇپمۇ قازاننى ئوچاقتا ئۇنتۇپ قېلىپ سۇ تېشىپ كەتسە. ھېچكىم ئۇنىڭ ھەقىقىي ئىمكانىيىتىنى كۆرەلمەيتتى.

Wooden wheel, early steam engine, and modern V8 engine displayed in museum

ئىسسىقلىقنى ھەرىكەتكە ئايلاندۇرۇشتىكى قىسمەن ئىلگىرىلەش 9-ئەسىردە خىتايدا دورا ئىختىرا قىلىنغاندىن كېيىن بولدى. دەسلەپتە، دورىنى ئوق ئېتىشقا ئىشلىتىش پىكرى شۇنچىلىك غەيرىي ئىدىكى، ئەسىرلەر داۋامىدا ئوق دورا ئاساسەن پوجاڭزا ياساشقا ئىشلىتىلدى. ئەمما ئاخىرىدا – بەلكىم بىرەر بومبا مۇتەخەسسىسى دورىنى ھاۋانچىدا ئېزىۋاتقاندا سوقىنىڭ كۈچ بىلەن ئېتىلىپ چىقىشىدىن كېيىن – مىلتىقلار پەيدا بولدى. دورا ئىختىرا قىلىنغاندىن كۈچلۈك زەمبىرەكلەر ياسالغانغا قەدەر تەخمىنەن 600 يىل ئۆتتى.

شۇ چاغدىمۇ، ئىسسىقلىقنى ھەرىكەتكە ئايلاندۇرۇش پىكرى شۇنچىلىك غەيرىي ئىدىكى، كىشىلەر نەرسىلەرنى ھەرىكەتلەندۈرۈش ئۈچۈن ئىسسىقلىقنى قوللىنىدىغان زامانىۋى ماشىنىنى ئىختىرا قىلغۇچە يەنە ئۈچ ئەسىر ئۆتتى. يېڭى تېخنولوگىيە ئەنگلىيە كۆمۈر كانلىرىدا تۇغۇلدى. ئەنگلىيە نوپۇسى كۆپەيگەنسېرى، ئورمانلار ئۆسۈۋاتقان ئىقتىسادنى جانلاندۇرۇش، ئۆي ۋە ئېتىزلارغا يول ئېچىش ئۈچۈن كېسىلدى. ئەنگلىيە بارغانسېرى ئېغىرلاشقان ئوتۇن قىسچىلىقىغا دۇچ كەلدى. ئوتۇننىڭ ئورنىغا كۆمۈر كۆيدۈرۈشكە باشلىدى. نۇرغۇن كۆمۈر قاتلاملىرى سازلىق رايونلاردا جايلاشقان بولۇپ، سۇ بېسىمى كانچىلارنىڭ كاننىڭ تۆۋەن قاتلاملىرىغا كىرىشىگە توسقۇنلۇق قىلدى. بۇ ھەل قىلىش يولى ئىزدىلىۋاتقان بىر مەسىلە ئىدى. 1700-يىللار ئەتراپىدا، ئەنگلىيە كانلىرىدا غەلىتە بىر ئاۋاز ياڭراشقا باشلىدى. بۇ ئاۋاز  سانائەت ئىنقىلابىنىڭ بېشارەتچىسى بولۇپ، دەسلەپتە ئاجىز ئىدى، ئەمما ھەر ئون يىلدا كۈچىيىپ، ئاخىرى پۈتۈن دۇنيانى گاس قىلغۇدەك شاۋقۇنغا ئايلاندى. بۇ پار ماشىنىسىدىن چىققان ئاۋاز ئىدى.

پار ماشىنىسىنىڭ كۆپ خىللىرى بار، ئەمما ئۇلارنىڭ ھەممىسى بىر ئورتاق پىرىنسىپنى قوللىنىدۇ. كۆمۈردەك بىرەر يېقىلغۇنى كۆيدۈرۈپ، ھاسىل بولغان ئىسسىقلىق بىلەن سۇنى قاينىتىپ پار چىقىرىسىز. پارنىڭ بېسىمى كۈچەيگەندە پورشېننى ئىتتىرىدۇ. پورشېن ھەرىكەتلىنىدۇ ۋە پورشېنغا تۇتاشقان ھەر قانداق نەرسە بىللە ھەرىكەتلىنىدۇ. بۇنىڭ بىلەن سىز ئىسسىقلىقنى ھەرىكەتكە ئايلاندۇرغان بولىسىز! 18-ئەسىردىكى ئەنگلىيە كۆمۈر كانلىرىدا، پورشېن كاننىڭ تېگىدىن سۇ شورايدىغان ناسوسقا تۇتاشتۇرۇلغان ئىدى. دەسلەپكى ماشىنىلار ئىنتايىن ئۈنۈمسىز ئىدى. ئازراق سۇنى شوراش ئۈچۈنمۇ كۆپ مىقداردا كۆمۈر كۆيدۈرۈش كېرەك ئىدى. ئەمما كانلاردا كۆمۈر مول ۋە يېقىن بولغاچقا، ھېچكىم پەرۋا قىلمىدى.

كېيىنكى ئون يىللاردا، ئەنگلىيەلىك تىجارەتچىلەر پار ماشىنىسىنىڭ ئۈنۈمىنى ياخشىلاپ، ئۇنى كان مەيدانىدىن چىقىرىپ، توقۇمىچىلىق دەستىگاھلىرى ۋە پاختا ئادالاش ماشىنىلىرىغا تۇتاشتۇردى. بۇ توقۇمىچىلىق ئىشلەپچىقىرىشىنى تۈپتىن ئۆزگەرتىپ، تېخىمۇ كۆپ مىقداردا ئەرزان رەختلەرنى ئىشلەپچىقىرىشنى مۇمكىن قىلدى. كۆزنى يۇمۇپ ئاچقۇچە، ئەنگلىيە دۇنيانىڭ زاۋۇتىغا ئايلاندى. ئەمما تېخىمۇ مۇھىمى، پار ماشىنىسىنى كانلاردىن چىقىرىش مۇھىم بىر پىسخولوگىيەلىك توسالغۇنى بۆسۈپ ئۆتتى. ئەگەر توقۇمىچىلىق دەستىگاھلىرىنى ھەرىكەتلەندۈرۈش ئۈچۈن كۆمۈر كۆيدۈرەلىسىڭىز، نېمىشقا ئوخشاش ئۇسۇلنى باشقا نەرسىلەرگە، مەسىلەن قاتناش ۋاستىلىرىنى ھەرىكەتلەندۈرۈشكە ئىشلەتمەيسىز؟

1825-يىلى، بىر ئەنگلىيەلىك ئىنژېنېر پار ماشىنىسىنى كۆمۈرگە تولغان كان ۋاگونلىرىغا تۇتاشتۇردى. ماشىنا ۋاگونلارنى تۆمۈر يول بويلاپ كاندىن ئەڭ يېقىن پورتقىچە بولغان يىگىرمە كىلومېتىرلىق مۇساپىگىچە سۆرەپ ماڭدى. بۇ تارىختىكى تۇنجى پار كۈچى بىلەن ماڭىدىغان پاراۋوز ئىدى. ئېنىقكى، ئەگەر پار كۆمۈر توشۇشقا ئىشلىتىلسە، نېمىشقا باشقا ماللارنى توشۇشقا بولمىسۇن؟ ھەتتا كىشىلەرنىچۇ؟ 1830-يىلى 15-سېنتەبىر، تۇنجى تىجارەت تۆمۈر يول لىنىيەسى ئېچىلىپ، لىۋېرپول بىلەن مانچېستېرنى تۇتاشتۇردى. پويىزلار ئوخشاشلا سۇ تەلەپ قىلىدىغان ۋە توقۇمىچىلىق دەستىگاھلىرىنى ھەرىكەتلەندۈرگەن پار كۈچى بىلەن ماڭدى. ئارىدىن يىگىرمە يىل ئۆتمەيلا، ئەنگلىيەدە نەچچە ئون مىڭ كىلومېتىر ئۇزۇنلۇقتىكى تۆمۈر يول لىنىيەسى بارلىققا كەلدى.

شۇنىڭدىن كېيىن، كىشىلەر ماشىنا ۋە ماتورلارنى بىر خىل ئېنېرگىيەنى يەنە بىر خىلغا ئايلاندۇرۇشقا ئىشلىتىش پىكرىگە مەپتۇن بولدى. ئەگەر توغرا ماشىنىنى ئىختىرا قىلالىساق، دۇنيانىڭ ھەر قانداق يېرىدىكى ھەر قانداق خىل ئېنېرگىيەنى بىزنىڭ ھەر قانداق ئېھتىياجىمىزغا ئىشلىتەلەيتتۇق. مەسىلەن، فىزىكلار ئاتوملارنىڭ ئىچىدە زور مىقداردا ئېنېرگىيە ساقلانغانلىقىنى بايقىغاندا، دەرھال بۇ ئېنېرگىيەنى قانداق ئازاد قىلىپ ئېلېكتىر ئىشلەپچىقىرىش، سۇ ئاستى كېمىلىرىنى ھەرىكەتلەندۈرۈش ۋە شەھەرلەرنى ۋەيران قىلىشقا ئىشلىتىشنى ئويلاشقا باشلىدى. خىتاي سىمياگەرلەر ئوق دورىنى بايقىغاندىن تۈرك زەمبىرەكلىرى كونستانتىنوپول سېپىللىرىنى كۇكۇم-تالقان قىلغانغا قەدەر 600 يىل ئۆتتى. ئەمما ئېينىشتېين ھەر قانداق ماددىنى ئېنېرگىيەگە ئايلاندۇرغىلى بولىدىغانلىقىنى (E = mc² نىڭ مەنىسى مانا شۇ) ئېنىقلىغاندىن ئاتوم بومبىلىرى خىروشىما ۋە ناگاسارىنى ۋەيران قىلغان ۋە يادرو ئېلېكتىر ستانسىلىرى پۈتۈن دۇنياغا تارقالغانغا قەدەر پەقەت 40 يىل ئۆتتى.

Albert Einstein standing in a laboratory interacting with glowing atomic and nuclear energy visuals

يەنە بىر مۇھىم بايقاش ئىچكى كۆيۈش ماتورى بولۇپ، ئۇ بىر ئەۋلادتىنمۇ ئاز ۋاقىتتا ئىنسانلارنىڭ قاتناش ئۇسۇلىنى ئىنقىلابىي ئۆزگەرتىپ، نېفىتنى سۇيۇق سىياسىي كۈچكە ئايلاندۇردى. نېفىت مىڭلىغان يىللاردىن بېرى مەلۇم بولۇپ، ئۆگزىنى سۇ ئۆتكۈزمەس قىلىش ۋە ئوقنى مايلاشقا ئىشلىتىلەتتى. ئەمما پەقەت بىر ئەسىر ئىلگىرىگىچە، ھېچكىم ئۇنى بۇنىڭدىن كۆپ ئىشقا يارايدۇ دەپ ئويلىمايتتى. نېفىت ئۈچۈن قان تۆكۈش پىكرى كۈلكىلىك تۇيۇلاتتى. يەر، ئالتۇن، مۇرچ ياكى قۇللار ئۈچۈن ئۇرۇش قىلىشىڭىز مۇمكىن، ئەمما نېفىت ئۈچۈن ئەمەس.

ئېلېكتىر ساھەسى تېخىمۇ ھەيران قالارلىق ئىدى. ئىككى ئەسىر ئىلگىرى ئېلېكتىر ئىقتىسادتا ھېچقانداق رول ئوينىمايتتى ۋە ئەڭ كۆپ بولغاندا سىرلىق ئىلمىي تەجرىبىلەر ۋە ئەرزان سېھىرگەرلىك ئويۇنلىرىغا ئىشلىتىلەتتى. بىر قاتار ئىختىرالار ئۇنى بىزنىڭ سېھىر كالتىكىمىزگە ئايلاندۇردى. بارماقلىرىمىزنى تەگكۈزۈپلا كىتاب بېسىپ، كىيىم تىكىمىز، كۆكتاتلىرىمىزنى يېڭى، مۇزقايماقلىرىمىزنى توڭلىتىپ ساقلايمىز، تاماقلىرىمىزنى پىشۇرىمىز ياكى ئىسسىتىمىز، جىنايەتچىلىرىمىزنى ئۆلۈم جازاسىغا ھۆكۈم قىلىمىز، خىياللىرىمىزنى خاتىرىلەپ، كۈلكىلىرىمىزنى ساقلايمىز، كېچىلىرىمىزنى يورۇتۇپ، سانسىز تېلېۋىزىيە پىروگراممىلىرى بىلەن كۆڭۈل ئاچىمىز. ئارىمىزدا ئېلېكتىرنىڭ بۇ ئىشلارنىڭ ھەممىسىنى قانداق قىلىدىغانلىقىنى چۈشىنىدىغانلار ئاز، ئەمما ئۇنىڭسىز تۇرمۇشنى تەسەۋۋۇر قىلالايدىغانلار تېخىمۇ ئاز.

جاۋاب يېزىش