ئېنېرگىيە دېڭىزى
ماھىيەتتە، سانائەت ئىنقىلابى ئېنېرگىيە ئايلاندۇرۇش ئىنقىلابى بولغان. ئۇ بىزنىڭ ئىختىيارىمىزدىكى ئېنېرگىيە مىقدارىنىڭ چەكسىز ئىكەنلىكىنى قايتا-قايتا ئىسپاتلىدى. ياكى تېخىمۇ ئېنىق قىلىپ ئېيتقاندا، بىردىنبىر چەك بىزنىڭ نادانلىقىمىز تەرىپىدىن بېكىتىلگەن. بىز ھەر ئون يىلدا بىر يېڭى ئېنېرگىيە مەنبەسىنى بايقاۋاتىمىز، شۇڭا بىزنىڭ ئىختىيارىمىزدىكى ئېنېرگىيەنىڭ ئومۇمىي يىغىندىسى توختىماي ئۆسۈپ بارماقتا.
نېمىشقا شۇنچە كۆپ كىشىلەر ئېنېرگىيەنىڭ تۈگەپ كېتىشىدىن قورقىدۇ؟ نېمىشقا ئۇلار بارلىق قېزىلما يېقىلغۇلارنى تۈگىتىۋەتسەك ئاپەت يۈز بېرىدۇ دەپ ئاگاھلاندۇرىدۇ؟ ئېنىقكى، دۇنيادا ئېنېرگىيە كەمچىل ئەمەس. بىزگە كەمچىل بولغىنى پەقەت ئۇنى تۇتۇش ۋە ئېھتىياجىمىزغا ئايلاندۇرۇشقا زۆرۈر بولغان بىلىم. يەر شارىدىكى بارلىق قېزىلما يېقىلغۇلاردا ساقلانغان ئېنېرگىيە مىقدارى قۇياشنىڭ ھەر كۈنى ھەقسىز تارقىتىدىغان ئېنېرگىيەسىگە سېلىشتۇرغاندا ھېچنېمىگە ئەرزىمەيدۇ. قۇياش ئېنېرگىيەسىنىڭ پەقەت كىچىككىنە بىر قىسمىلا بىزگە يېتىپ كېلىدۇ، شۇنداقتىمۇ ئۇ يىلىغا 3,766,800 ئېكساجوئۇلغا يېتىدۇ (جوئۇل مېتىر سىستېمىسىدىكى ئېنېرگىيە بىرلىكى بولۇپ، كىچىك بىر ئالمىنى بىر يارد ئۈستىگە كۆتۈرۈشكە كېتىدىغان ئېنېرگىيەگە تەڭ؛ ئېكساجوئۇل بولسا بىر مىليارد جوئۇل – بۇ نۇرغۇن ئالما دېگەن سۆز). دۇنيادىكى بارلىق ئۆسۈملۈكلەر فوتوسىنتېز ئارقىلىق بۇ قۇياش ئېكساجوئۇللىرىنىڭ پەقەت 3,000 نىلا تۇتالايدۇ. بارلىق ئىنسانىي پائالىيەتلەر ۋە سانائەتلەر بىرلىكتە يىلىغا 500 ئېكساجوئۇل ئېنېرگىيە ئىستېمال قىلىدۇ، بۇ يەر شارىنىڭ قۇياشتىن پەقەت توقسان مىنۇتتا قوبۇل قىلىدىغان ئېنېرگىيەسىگە تەڭ. بۇ پەقەت قۇياش ئېنېرگىيەسى. ئۇنىڭدىن باشقا، بىز يەنە يادرو ئېنېرگىيەسى ۋە گراۋىتاتسىيە (تارتىش كۈچى) ئېنېرگىيەسى قاتارلىق باشقا زور ئېنېرگىيە مەنبەلىرى بىلەن قورشالغان، كېيىنكىسى ئاينىڭ يەر شارىنى تارتىشىدىن كېلىپ چىققان دېڭىز-ئوكيان سۈيىنىڭ ئۆرلەپ-پەسىيىش كۈچىدە ئەڭ روشەن كۆرۈلىدۇ.
سانائەت ئىنقىلابىدىن بۇرۇن، ئىنسانلارنىڭ ئېنېرگىيە بازىرى ئاساسەن دېگۈدەك ئۆسۈملۈكلەرگە تايانغان. كىشىلەر يىلىغا 3,000 ئېكساجوئۇل كۆتۈرىدىغان يېشىل ئېنېرگىيە ئامبىرى يېنىدا ياشاپ، ئۇنىڭدىن مۇمكىن قەدەر كۆپ ئېنېرگىيە سۈمۈرۈشكە تىرىشقان. ئەمما ئۇلارنىڭ قانچىلىك ئېنېرگىيە ئالالايدىغانلىقىنىڭ ئېنىق چېكى بار ئىدى. سانائەت ئىنقىلابى جەريانىدا، بىز ئەمەلىيەتتە مىليارد-مىليارد ئېكساجوئۇل پوتېنسىيال كۈچنى تۇتۇپ تۇرغان زور بىر ئېنېرگىيە ئوكيانى يېنىدا ياشاۋاتقانلىقىمىزنى چۈشىنىپ يەتتۇق. بىزگە پەقەت تېخىمۇ ياخشى ناسوسلارنى ئىختىرا قىلىشلا كېرەك.
ئېنېرگىيەنى ئۈنۈملۈك تۇتۇش ۋە ئايلاندۇرۇشنى ئۆگىنىش ئىقتىسادىي ئۆسۈشنى ئاستىلىتىدىغان يەنە بىر مەسىلىنى – خام ئەشيا يېتىشمەسلىكىنى ھەل قىلدى. ئىنسانلار كۆپ مىقداردىكى ئەرزان ئېنېرگىيەنى قانداق تۇتۇشنى بىلگەندە، ئۇلار بۇرۇن پايدىلىنىش مۇمكىن بولمىغان خام ئەشيا مەنبەلىرىنى (مەسىلەن، سىبىرىيە چۆللۈكىدىن تۆمۈر قېزىش) ياكى تېخىمۇ يىراق جايلاردىن خام ئەشيا توشۇشنى (مەسىلەن، ئەنگلىيە توقۇما زاۋۇتىغا ئاۋسترالىيە يۇڭى يەتكۈزۈش) باشلىيالىدى. شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، ئىلمىي بۆسۈشلەر ئىنسانىيەتنىڭ پىلاستىك (سۇلياۋ) قاتارلىق يېڭى خام ئەشيالارنى ئىختىرا قىلىشىغا ۋە كرېمنىي، ئاليۇمىن قاتارلىق بۇرۇن نامەلۇم بولغان تەبىئىي ماتېرىياللارنى بايقىشىغا ئىمكان ياراتتى.
خېمىكلار (كىمياگەرلەر) ئاليۇمىننى 1820-يىللاردىلا بايقىغان بولۇپ، مېتالنى رۇدىسىدىن ئايرىش ئىنتايىن قىيىن ۋە قىممەت ئىدى. ئون يىللار داۋامىدا، ئاليۇمىن ئالتۇندىنمۇ قىممەت ئىدى. 1860-يىللاردا، فرانسىيە ئىمپېراتورى ناپولېئون III ئەڭ مۆتىۋەر مېھمانلىرى ئۈچۈن ئاليۇمىن قاچا-قۇچا تەييارلاشنى بۇيرىغان. ئۇنچە مۇھىم بولمىغان مېھمانلار ئالتۇن پىچاق-ۋىلكىلار بىلەنلا كۇپايىلىنىشكە مەجبۇر بولغان. ئەمما 19-ئەسىرنىڭ ئاخىرىدا خېمىكلار ر زور مىقداردا ئەرزان ئاليۇمىن ئىشلەپچىقىرىش يولىنى بايقىدى ۋە ھازىرقى دۇنيا بويىچە يىللىق ئىشلەپچىقىرىش 30 مىليون توننىغا يەتتى. ناپولېئون III ئۆز پۇقرالىرىنىڭ كېيىنكى ئەۋلادلىرىنىڭ ساندۋىچلىرىنى ئوراش ۋە ئېشىپ قالغان تاماقلىرىنى ساقلاش ئۈچۈن ئاليۇمىن قەغىزىنى ئىشلىتىدىغانلىقىنى ۋە ئارقىدىن تاشلىۋېتىدىغانلىقىنى ئاڭلىسا ھەيران قالغان بولاتتى.
ئىككى مىڭ يىل ئىلگىرى، ئوتتۇرا دېڭىز رايونىدىكى كىشىلەرنىڭ تېرىسى قۇرۇپ كەتسە، قوللىرىغا زەيتۇن يېغى سۈركەيتتى. بۈگۈن، ئۇلار قول مەلھىمى قۇتىسىنى ئاچىدۇ. تۆۋەندە مەن يەرلىك دۇكاندىن سېتىۋالغان ئاددىي، زامانىۋى قول مەلھىمىنىڭ تەركىبلىرى:
ئىئونسىزلاندۇرۇلغان سۇ، ستېئارىك كىسلاتاسى، گلىسېرىن، كاپرىلىك/كاپرىك گلىسېرىد، پروپىلېن گلىكول، ئىزوپروپىل مىرىستات، پاناكس جىنسېڭ يىلتىز ئۇلى، خۇشپۇراق، سېتىل سپىرتى، ترىئېتانولامىن، دىمېتىكون، ئاركتوستافىلوس ئۇۋا-ئۇرسى يوپۇرماق ئۇلى، ماگنىي ئاسكوربىل فوسفات، ئىمىدازولىدىنىل مۆچەر، مېتىل پارابېن، كافۇر، پروپىل پارابېن، ھىدروكسىئىزوھېكسىل 3-سىكلوھېكسېن كاربوكسالدېھىد، ھىدروكسىل-سىترونېللال، لىنالوئول، بۇتىلفېنىل مېتىلپروپىئونال، سىترونېللول، لىمونېن، گېرانىئول.
بۇ تەركىبلەرنىڭ ھەممىسى دېگۈدەك كېيىنكى ئىككى ئەسىردە ئىختىرا قىلىنغان ياكى بايقالغان.
بىرىنچى دۇنيا ئۇرۇشى مەزگىلىدە، گېرمانىيە قورشاۋغا ئېلىنىپ، خام ئەشيا، بولۇپمۇ دورا ۋە باشقا پارتلاتقۇچ ماددىلارنىڭ مۇھىم تەركىبى بولغان سېلىترانىڭ قىسچىلىقىغا دۇچ كەلدى. ئەڭ مۇھىم سېلىترا كانلىرى چىلى ۋە ھىندىستاندا بولۇپ، گېرمانىيەدە يوق ئىدى. راست، سېلىترانى ئاممىياك بىلەن ئالماشتۇرغىلى بولاتتى، ئەمما ئۇنىمۇ ئىشلەپچىقىرىش قىممەت ئىدى. گېرمانلارنىڭ بەختىگە، ئۇلارنىڭ يۇرتدىشى، فرىتز خابېر ئىسىملىك بىر يەھۇدىي خېمىك 1908-يىلى ھاۋادىن بىۋاستە ئاممىياك ئىشلەپچىقىرىش ئۇسۇلىنى بايقىغان ئىدى. ئۇرۇش پارتلىغاندا، گېرمانلار خابېرنىڭ بايقىشىنى قوللىنىپ ھاۋانى خام ئەشيا قىلىپ پارتلاتقۇچ ماددىلارنى سانائەت بويىچە ئىشلەپچىقىرىشنى باشلىدى. بەزى ئالىملارنىڭ قارىشىچە، ئەگەر خابېرنىڭ بۇ بايقىشى بولمىغان بولسا، گېرمانىيە 1918-يىل 11-ئايدىن خېلى بۇرۇن تەسلىم بولۇشقا مەجبۇر بولغان بولاتتى. بۇ بايقاش خابېرغا (ئۇ ئۇرۇش مەزگىلىدە يەنە جەڭدە زەھەرلىك گاز ئىشلىتىشكە يول ئاچقان ئىدى) 1918-يىلى نوبېل تىنچلىق مۇكاپاتى ئەمەس، نوبېل خىمىيە مۇكاپاتى ئېلىپ كەلدى.
ئىشلەپچىقىرىش لىنىيەسى
سانائەت ئىنقىلابى ئەرزان ۋە مول ئېنېرگىيە بىلەن ئەرزان ۋە مول خام ئەشيانىڭ مىسلىسىز بىرلىشىشىنى كەلتۈرۈپ چىقاردى. نەتىجىدە ئىنسانلارنىڭ ئىشلەپچىقىرىش كۈچى پارتلاش خاراكتېرلىك تەرەققىي قىلدى. بۇ تەرەققىيات ئەڭ ئاۋۋال يېزا ئىگىلىك ساھەسىدە ھېس قىلىندى. ئادەتتە، بىز سانائەت ئىنقىلابىنى ئويلىغىنىمىزدا، تۈتەك ئىسلارغا تولغان شەھەر مەنزىرىسىنى ياكى كانلاردا قارا تەرگە چۆمۈپ ئىشلەۋاتقان كۆمۈرچىلەرنىڭ ئېچىنىشلىق ھالىتىنى تەسەۋۋۇر قىلىمىز. ئەمما سانائەت ئىنقىلابى ھەممىدىن بەك ئىككىنچى يېزا ئىگىلىك ئىنقىلابى ئىدى.
كېيىنكى 200 يىل ئىچىدە، سانائەت ئىشلەپچىقىرىش ئۇسۇللىرى يېزا ئىگىلىكنىڭ ئاساسىي تۈۋرۈكىگە ئايلاندى. تىراكتور قاتارلىق ماشىنىلار ئىلگىرى مۇسكۇل كۈچى بىلەن قىلىنىدىغان، ياكى پۈتۈنلەي قىلىنمايدىغان ئىشلارنى قىلىشقا باشلىدى. سۈنئىي ئوغۇتلار، خىمىيەلىك دورىلار، ئۆستۈرگۈچ ھورمون ۋە باشقا ماددىلار زىرائەتلەر بىلەن ھايۋانلارنىڭ ئىشلەپچىقىرىلىش ئۈنۈمىنى زور دەرىجىدە ئاشۇردى. توڭلاتقۇلار كېمىلەر بىلەن ئايروپىلانلاردىكى مەھسۇلاتلارنى ئايلارچە ساقلاش، ۋە ئۇلارنى دۇنيانىڭ ئۇ چېتىگە تېز ھەم ئەرزان يەتكۈزۈشنى مۇمكىن قىلدى. ياۋروپالىقلار يېڭى ئارگېنتىنا كالا گۆشى ۋە ياپونىيە سۇشىسىنى يېيىشكە باشلىدى.

ھەتتا ئۆسۈملۈكلەر ۋە ھايۋانلارمۇ ماشىنىلاشتۇرۇلدى. ھومو ساپىيانس ئادىمىيەت دىنلىرى تەرىپىدىن ئىلاھىي ئورۇنغا كۆتۈرۈلگەن مەزگىللەردە، يېزا ئىگىلىك ھايۋانلىرى ئاغرىق ۋە ئازاب ھېس قىلالايدىغان جانلىق مەخلۇقلار دەپ قارالماي، ماشىنىلار سۈپىتىدە مۇئامىلە قىلىنىشقا باشلىدى. بۈگۈن بۇ ھايۋانلار كۆپىنچە زاۋۇتقا ئوخشاش ئورۇنلاردا توپ-توپ ئىشلەپچىقىرىلىپ، تەنلىرى سانائەت ئېھتىياجلىرىغا ماس كەلگۈدەك شەكىللەندۈرۈلمەكتە. ئۇلار پۈتۈن ھاياتىنى گىگانت ئىشلەپچىقىرىش لىنىيەسىدىكى تەرتىپ بويىچە ئۆتكۈزىدۇ، ئۇلارنىڭ ئۆمرىنىڭ ئۇزۇنلۇقى ۋە سۈپىتى تىجارەت شىركەتلىرىنىڭ پايدا-زىيىنى بويىچە بەلگىلىنىدۇ. ھەتتا سانائەت ئۇلارنى ھايات ساقلاپ، نىسبەتەن ساغلام ۋە ياخشى ئوزۇقلاندۇرۇشقا كۆڭۈل بۆلسىمۇ، ئۇلارنىڭ ئىجتىمائىي ۋە پىسخولوگىيەلىك ئېھتىياجلىرىغا (ئىشلەپچىقىرىشقا بىۋاستە تەسىر كۆرسىتىدىغان ئەھۋاللاردىن باشقا) ھېچقانداق قىزىقمايدۇ.
مەسىلەن، تۇخۇم تۇغىدىغان توخۇلارنىڭ مۇرەككەپ ھەرىكەت ئېھتىياجلىرى ۋە ئىچكى تۈرتكىلىرى بار. ئۇلار ئەتراپنى چارلاشقا، ئوزۇق ئىزدەش ۋە چوقۇلاشقا، ئۆز ئىچىدە دەرىجە بەلگىلەشكە، ئۇۋا ياساش ۋە ئۆزىنى تازىلاشقا مۇھتاج. ئەمما توخۇ فېرمىلىرى ئادەتتە توخۇلارنى كىچىككىنە قەپەزلەرگە سولاپ قويىدۇ، ھەر بىر قەپەزگە تۆت توخۇنى قىستاپ، ھەر بىرىگە 25×22 سانتىمېتىر يەر بېرىدۇ. توخۇلار يېتەرلىك ئوزۇق ئالىدۇ، ئەمما تېررىتورىيە ئىگىلەش، ئۇۋا ياساش ياكى باشقا تەبىئىي پائالىيەتلەردىن مەھرۇم قالىدۇ. دەرۋەقە، قەپەز شۇنچىلىك كىچىككى، توخۇلارنىڭ قاناتلىرىنى يېيىشى ياكى تولۇق تىك تۇرۇشىمۇ مۇمكىن ئەمەس.
چوشقىلار سۈت ئەمگۈچى ھايۋانلار ئىچىدە مايمۇنلاردىن قالسىلا ئەقىللىقراق ھايۋان بولسىمۇ، سانائەتلەشكەن چوشقا فېرمىلىرى چوشقىلارنىڭ مېڭىشى ياكى ئوزۇق ئىزدىشىگە يول قويۇش ئۇياقتا قويۇپ، ئېمىتىۋاتقان چىشى چوشقىلارنى بۇرۇلۇپمۇ ئايلىنالمايدىغان كىچىك قەپەزلەرگە سولاپ قويىدۇ. چىشى چوشقىلار تۇغقاندىن كېيىن تۆت ھەپتە كېچە-كۈندۈز مۇشۇنداق قەپەزلەردە تۇتۇپ تۇرۇلىدۇ. ئاندىن بالىلىرى سەمرىتىش ئۈچۈن ئېلىپ كېتىلىدۇ ۋە چىشى چوشقىلار كېيىنكى چوشقا بالىلىرى ئۈچۈن بوغاز قىلىنىدۇ.
نۇرغۇن سۈت كالىلىرى پۈتۈن ئۆمرىنى كىچىك قوتانلاردا ئۆتكۈزىدۇ؛ ئۆز سۈيدۈكى ۋە تېزەكلىرىنىڭ ئىچىدە تۇرىدۇ، ياتىدۇ ۋە ئۇخلايدۇ. ئۇلار بىر توپ ماشىنىلاردىن يەم-خەشەك، ھورمون ۋە دورا-دەرمەكلەرنى ئالىدۇ، بىر توپ ماشىنىلار تەرىپىدىن بىر نەچچە سائەتتە سېغىلىدۇ. ئوتتۇرىدىكى كالا خام ئەشيا قوبۇل قىلىدىغان بىر ئېغىز ۋە مەھسۇلات ئىشلەپچىقىرىدىغان بىر يېلىندىن ئارتۇق نەرسە ئەمەستەك مۇئامىلە قىلىنىدۇ. مۇرەككەپ ھېسسىيات دۇنياسىغا ئىگە جانلىق مەخلۇقلارغا ماشىنىلاردەك مۇئامىلە قىلىش ئۇلارغا جىسمانىي ئازابلا ئەمەس، كۆپلىگەن ئىجتىمائىي بېسىم ۋە پىسخولوگىيەلىك ئازابلار ئېلىپ كېلىدۇ.

چۆجە چىقىرىش فېرمىسنىڭ يەتكۈزۈش تاسمىسىدىكى چۆجىلەر. بۇلارنىڭ ئىچىدىن ئەركەك چۆجىلەر ۋە ئەيىبناق چىشى چۆجىلەر ئايرىپ ئېلىنىپ، گاز كامېرىلىرىدا بوغۇلىدۇ، ئاپتوماتىك پارچىلىغۇچلارغا تاشلىنىدۇ، ياكى ئەخلەتكە تاشلىنىپ ئېزىلىپ ئۆلىدۇ. ھەر يىلى يۈز مىليونلىغان چۆجە مۇشۇنداق چۆجە زاۋۇتلىرىدا ئۆلىدۇ.
خۇددى ئاتلانتىك قۇل سودىسى ئافرىقىلىقلارغا بولغان نەپرەتتىن كېلىپ چىقمىغاندەك، زامانىۋى ھايۋان سانائىتىمۇ دۈشمەنلىكتىن كېلىپ چىقمىغان. يەنە كېلىپ، ئۇ پەرۋاسىزلىقتىن كېلىپ چىققان. تۇخۇم، سۈت ۋە گۆش ئىشلەپچىقارغۇچى ھەم ئىستېمال قىلغۇچىلارنىڭ كۆپىنچىسى توخۇ، كالا ياكى چوشقىلارنىڭ تەقدىرى ھەققىدە ئويلىنىپمۇ قويمايدۇ. ئويلانغانلارمۇ كۆپ ھالدا «بۇنداق ھايۋانلارنىڭ ماشىنىلاردىن پەرقى يوق، ھېس-تۇيغۇ ۋە ھېسسىياتتىن خالىي، ئازاب چېكەلمەيدۇ» دەپ مۇنازىرىلىشىدۇ. كۈلكىلىك يېرى شۇكى، سۈت ۋە تۇخۇم سانائىتىنى شەكىللەندۈرگەن شۇ ئىلمىي ساھەلەر يېقىندا سۈت ئەمگۈچىلەر ۋە قۇشلارنىڭ مۇرەككەپ سېزىم ۋە ھېسسىيات سىستېمىسىقا ئىگە ئىكەنلىكىنى ئىسپاتلىدى. ئۇلار جىسمانىي ئاغرىقنىلا ئەمەس، يەنە ھېسسىي ئازابمۇ چېكەلەيدىكەن.
تەكامۇل پىسخولوگىيەسى يېزا ئىگىلىك ھايۋانلىرىنىڭ ھېسسىي ۋە ئىجتىمائىي ئېھتىياجلىرىنىڭ ياۋايى ھالەتتە تەرەققىي قىلغانلىقىنى، بۇنىڭ ئۆز نۆۋىتىدە ئۇلارنىڭ ھايات قېلىشى ۋە كۆپىيىشى ئۈچۈن مۇھىم بولغانلىقىنى ئوتتۇرىغا قويىدۇ. مەسىلەن، ياۋا كالا باشقا كالا ۋە بۇقىلار بىلەن يېقىن مۇناسىۋەت قۇرۇشنى بىلمىسە، ھايات قالالمايدۇ ھەم كۆپىيەلمەيدۇ. زۆرۈر ماھارەتلەرنى ئۆگىنىش ئۈچۈن، يېتىلگەن موزايلارغا (باشقا بارلىق سۈت ئەمگۈچىلەرنىڭ بالىلىرىغا ئوخشاش) ئويناقلاپ يۈرۈشتەك كۈچلۈك ئىستەك سىڭدۈرۈلگەن (ئويناش سۈت ئەمگۈچىلەرنىڭ ئىجتىمائىي ھەرىكەتنى ئۆگىنىش ئۇسۇلى). شۇنداقلا ئۇلارغا ئانىسى بىلەن باغلىنىشقا ئوخشاش كۈچلۈك ئىستەك سىڭدۈرگەن، چۈنكى ئانىسىنىڭ سۈتى ۋە غەمخورلۇقى ھايات قېلىش ئۈچۈن زۆرۈر ئىدى.
دېھقانلار ئەمدى كىچىككىنە موزاينى ئېلىپ، ئانىسىدىن ئايرىپ، قوتانغا سولاپ، ئۇنىڭغا ئوزۇق، سۇ ۋە كېسەللىككە قارشى ۋاكسىنا ئۇرۇپ، ئاندىن يېتىلگەندە بۇقا ئۇرۇقى بىلەن سۈنئىي بوغاز قىلسا نېمە بولىدۇ؟ ئوبيېكتىپ نۇقتىدىن قارىغاندا، بۇ موزاينىڭ ئەمدى ھايات قېلىش ۋە كۆپىيىش ئۈچۈن ئانىسى بىلەن باغلىنىشقا ياكى ھەمراھلىرى بىلەن ئويناشقا ئېھتىياجى يوق. ئەمما سۇبيېكتىپ نۇقتىدىن قارىغاندا، موزاي يەنىلا ئانىسى بىلەن باغلىنىشقا ۋە باشقا موزايلار بىلەن ئويناشقا ئىنتىلىدۇ. ئەگەر بۇ ئېھتىياجلار قاندۇرۇلمىسا، موزاي قاتتىق ئازاب چېكىدۇ. بۇ تەكامۇل پىسخولوگىيەسىنىڭ ئاساسىي دەرسى: ياۋايى ھالەتتە شەكىللەنگەن ئېھتىياج گەرچە ھايات قېلىش ۋە كۆپىيىش ئۈچۈن ئەمەلىيەتتە زۆرۈر بولمىسىمۇ، سۇبيېكتىپ جەھەتتىن داۋاملىق ھېس قىلىنىۋېرىدۇ. سانائەتلەشكەن يېزا ئىگىلىكنىڭ تىراگېدىيەسى شۇكى، ئۇ ھايۋانلارنىڭ ئوبيېكتىپ ئېھتىياجلىرىغا كۆڭۈل بۆلسىمۇ، سۇبيېكتىپ ئېھتىياجلىرىغا پەرۋا قىلمايدۇ.
بۇ نەزەرىيەنىڭ ھەقىقەتلىكى 1950-يىللاردىن بېرى مەلۇم بولۇپ كەلگەن، بۇ چاغدا ئامېرىكىلىق پىسخولوگ خاررى خارلوۋ مايمۇنلارنىڭ تەرەققىياتىنى تەتقىق قىلغان. خارلوۋ كىچىك مايمۇنلارنى تۇغۇلغاندىن بىر نەچچە سائەت كېيىن ئانىلىرىدىن ئايرىغان. مايمۇنلار قەپەزلەرگە سولىنىپ، ئاندىن ياسالما ئانىلار تەرىپىدىن چوڭ قىلىنغان. ھەر بىر قەپەزگە خارلوۋ ئىككى ياسالما ئانا قويغان. بىرى سىمدىن ياسالغان بولۇپ، كىچىك مايمۇن ئېمەلەيدىغان سۈت شېشىسى بېكىتىلگەن. يەنە بىرى ياغاچتىن ياسىلىپ رەخت بىلەن قاپلانغان بولۇپ، ھەقىقىي مايمۇن ئانىغا ئوخشايتتى، ئەمما كىچىك مايمۇنغا ھېچقانداق ماددىي ئوزۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا ئۇنىڭ سىمدىن ياسالغان ئانىغا يېپىشىدىغانلىقى پەرەز قىلىنغان.
خارلوۋنى ھەيران قالدۇرغىنى، كىچىك مايمۇنلار رەخت ئانىنى بەكرەك ياقتۇرۇپ، ۋاقتىنىڭ كۆپ قىسمىنى ئۇنىڭ بىلەن ئۆتكۈزگەن. ئىككى ئانا يېقىن قويۇلغاندا، كىچىك مايمۇنلار سىمدىن ياسالغان ئانىدىن سۈت ئېمىپ تۇرۇپمۇ، رەخت ئانىغا چىڭ يېپىشقان. خارلوۋ كىچىك مايمۇنلارنىڭ بەلكىم سوغۇقتىن شۇنداق قىلىۋاتقىنى ئويلاپ، سىمدىن ياسالغان ئانىنىڭ ئىچىگە ئىسسىقلىق چىقىرىدىغان ئېلېكتىر لامپۇچكىسى ئورناتقان. ئەڭ كىچىكلىرىدىن باشقا كۆپىنچە مايمۇنلار يەنىلا رەخت ئانىنى ياقتۇرۇشنى داۋاملاشتۇرغان.

خارلوۋنىڭ يېتىم قالغان مايمۇنلىرىدىن بىرى مېتال ئانىدىن سۈت ئېمىۋاتقان ۋاقتىدىمۇ، رەخت ئانىغا مەھكەم ئېسىلىۋالغان. بۇ تەجرىبە مېھىر-مۇھەببەتنىڭ پەقەت ئوزۇقلۇقتىن كېلىپ چىقمايدىغانلىقىنى جانلىق ئىسپاتلاپ بەرگەن.
كېيىنكى تەتقىقاتلار شۇنى كۆرسەتتىكى، خارلوۋنىڭ يېتىم مايمۇنلىرى گەرچە بارلىق زۆرۈر ئوزۇقلۇقلارنى ئالغان بولسىمۇ، ھېسسىي جەھەتتىن بىنورمال ھالدا چوڭ بولغان. ئۇلار مايمۇن جەمئىيىتىگە ماسلىشالمىغان، باشقا مايمۇنلار بىلەن ئالاقە قىلىشتا قىينالغان، ئاندىن يۇقىرى دەرىجىدە تەشۋىش ۋە سەپرالىققا دۇچار بولغان. خۇلاسە ئېنىق ئىدى: مايمۇنلارنىڭ ماددىي ئېھتىياجلىرىدىن ھالقىغان پىسخولوگىيەلىك ئېھتىياج ۋە ئارزۇلىرى بار، ئەگەر بۇلار قاندۇرۇلمىسا، ئۇلار قاتتىق ئازاب چېكىدۇ. خارلوۋنىڭ كىچىك مايمۇنلىرى رەخت قاپلانغان ياغاچ ئانىنىڭ قۇچىقىدا ۋاقىت ئۆتكۈزۈشنى ياقتۇرغان، چۈنكى ئۇلار پەقەت سۈتلا ئەمەس، ھېسسىي باغلىنىش ئىزدەۋاتاتتى. كېيىنكى ئون يىللاردا، نۇرغۇن تەتقىقاتلار بۇ خۇلاسىنىڭ پەقەت مايمۇنلارغىلا ئەمەس، باشقا سۈت ئەمگۈچىلەر ۋە قۇشلارغىمۇ ماس كېلىدىغانلىقىنى كۆرسەتتى. ھازىر مىليونلىغان يېزا ئىگىلىك ھايۋانلىرى خارلوۋنىڭ مايمۇنلىرىغا ئوخشاش شارائىتلارغا دۇچ كەلمەكتە، چۈنكى دېھقانلار موزاي، ئوغلاق ۋە باشقا ياش ھايۋانلارنى ئانىلىرىدىن ئايرىپ، يالغۇز چوڭ قىلىشنى ئادەتكە ئايلاندۇرغان.
ئومۇمەن، نەچچە ئون مىليارد يېزا ئىگىلىك ھايۋانلىرى بۈگۈن ماشىنىلاشقان ئىشلەپچىقىرىش لىنىيەسىنىڭ بىر قىسمى سۈپىتىدە ياشاۋاتىدۇ، ھەر يىلى تەخمىنەن 50 مىليارد ھايۋان بوغۇزلىنىدۇ. بۇ سانائەتلەشكەن چارۋىچىلىق ئۇسۇلى يېزا ئىگىلىك ئىشلەپچىقىرىشى بىلەن ئىنسانلارنىڭ ئوزۇق-تۈلۈك زاپىسىنى زور دەرىجىدە ئاشۇرۇۋەتتى. تېرىقچىلىقنىڭ ماشىنىلىشىشى بىلەن بىرگە، سانائەتلەشكەن باقمىچىلىق پۈتۈن زامانىۋى ئىجتىمائىي-ئىقتىسادىي ئىشلەپچىقىرىشنىڭ ئاساسىغا ئايلاندى. يېزا ئىگىلىكنىڭ سانائەتلىشىشىدىن بۇرۇن، ئېتىز ۋە فېرمىلاردا ئىشلەپچىقىرىلغان ئوزۇق-تۈلۈكنىڭ كۆپ قىسمى دېھقانلار ۋە ھويلا ھايۋانلىرىنى «بېقىش»قا كېتەتتى. پەقەت كىچىككىنە بىر پىرسەنتلا ھۈنەرۋەنلەر، ئوقۇتقۇچىلار، روھانىيلار ۋە ئەمەلدارلارنى بېقىشقا يېتەتتى. نەتىجىدە، بارلىق جەمئىيەتلەردە دېھقانلار ئاساسەن نوپۇسنىڭ 90 پىرسەنتىدىن كۆپىنى تەشكىل قىلاتتى. يېزا ئىگىلىكنىڭ سانائەتلىشىشىدىن كېيىن، سانى ئازايغان دېھقانلار سانى كۆپەيگەن ئاق ياقىلىقلار ۋە زاۋۇت ئىشچىلىرىنى بېقىشقا يېتەرلىك بولدى. بۈگۈن ئامېرىكا قوشما شتاتلىرىدا، نوپۇسنىڭ پەقەت 2 پىرسەنتىلا يېزا ئىگىلىكتىن تۇرمۇش كەچۈرىدۇ، ئەمما بۇ 2 پىرسەنت پۈتۈن ئامېرىكا نوپۇسىنى بېقىشقىلا ئەمەس، يەنە دۇنيانىڭ قالغان قىسمىغا ئارتۇق مەھسۇلاتلارنى ئېكسپورت قىلىشقا يېتەرلىك مەھسۇلات ئىشلەپچىقىرالايدۇ. يېزا ئىگىلىكنىڭ سانائەتلىشىشى بولمىغان بولسا، شەھەر سانائەت ئىنقىلابى مەيدانغا كېلەلمىگەن، زاۋۇت ۋە ئىشخانىلارنى تولدۇرۇشقا يېتەرلىك ئادەملەرمۇ بولمىغان بولاتتى.

بۇ زاۋۇت ۋە ئىشخانىلار ئېتىزلىقتىن بوشىغان نەچچە مىليارد ئادەمنى تولدۇرغاندىن كېيىن، مىسلىسىز كۆپ مەھسۇلاتلارنى ئىشلەپچىقىرىشقا باشلىدى. ئىنسانلار ھازىر بۇرۇنقىدىن كۆپ پولات ئىشلەپچىقىرىدۇ، كۆپ كىيىم-كېچەك تىكىدۇ، ۋە كۆپ قۇرۇلۇش سالىدۇ. بۇنىڭدىن تاشقىرى، ئۇلار بۇرۇن تەسەۋۋۇر قىلغىلى بولمايدىغان ئېلېكتىر لامپۇچكىسى، يانفون، كامېرا ۋە قاچا-قۇچا يۇيۇش ماشىنىسى قاتارلىق مەھسۇلاتلارنى ئاجايىپ كۆپ ئىشلەپچىقارماقتا. ئىنسانىيەت تارىخىدا تۇنجى قېتىم، تەمىنات تەلەپتىن ھالقىپ كەتتى. ۋە پۈتۈنلەي يېڭى بىر مەسىلە تۇغۇلدى: بۇ نەرسىلەرنىڭ ھەممىسىنى كىم سېتىۋالىدۇ؟
سودا دەۋرى
زامانىۋى كاپىتالىستىك ئىقتىساد خۇددى ئۈزۈپ تۇرمىسا بوغۇلۇپ قالىدىغان ئاكۇلادەك، ھايات قېلىش ئۈچۈن ئىشلەپچىقىرىشنى داۋاملىق ئاشۇرۇشى كېرەك. ئەمما پەقەت ئىشلەپچىقىرىشلا يېتەرلىك ئەمەس. بىرەيلەن چوقۇم مەھسۇلاتلارنى سېتىۋېلىشى كېرەك، بولمىسا سانائەتچىلەر ۋە مەبلەغ سالغۇچىلارنىڭ ئىشى ئاقمايدۇ. بۇ پالاكەتنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە كىشىلەرنىڭ چوقۇم يېڭى مەھسۇلات سېتىۋېلىشىنى كاپالەتلەندۈرۈش ئۈچۈن، يېڭى بىر خىل ئادەت پەيدا بولدى: ئىستېمالچىلىق.
تارىختا كۆپىنچە كىشىلەر ماددىي قىسچىلىقتا ياشىغان. شۇڭا تېجەشچانلىق ئۇلارنىڭ شوئارى ئىدى. پيۇرىتانلار بىلەن سپارتانلارنىڭ چىڭ ئەخلاقى بۇنىڭ داڭلىق ئىككى مىسالىدۇر. ياخشى ئادەم ھەشەمەتچىلىكتىن ساقلىناتتى، ئوزۇق-تۈلۈكنى ھەرگىز تاشلىمايتتى، يېڭى بىر تال ئىشتان سېتىۋېلىشنىڭ ئورنىغا يىرتىق ئىشتاننى ياماپ كىيەتتى. پەقەت پادىشاھلار ۋە ئاقسۆڭەكلەرلا بۇنداق ئەخلاقىي قىممەتلەرنى ئاشكارا رەت قىلىپ، بايلىقلىرىنى كۆز-كۆز قىلالايتتى.
ئىستېمالچىلىق تېخىمۇ كۆپ مەھسۇلات ۋە مۇلازىمەتلەرنى ئىستېمال قىلىشنى ئىجابىي ئىش دەپ قارايدۇ. ئۇ كىشىلەرنى ئۆزىگە ياخشى مۇئامىلە قىلىشقا، ئۆزىنى ئەركىلىتىشكە، ھەتتا ھەددىدىن زىيادە ئىستېمال قىلىش ئارقىلىق ئۆزىنى ئاستا-ئاستا ئۆلتۈرۈشكە رىغبەتلەندۈرىدۇ. تېجەشچانلىق داۋالىنىشى كېرەك بولغان كېسەل. ئىستېمال ئەخلاقىنىڭ ھەرىكەتتە ئىكەنلىكىنى كۆرۈش ئۈچۈن يىراققا قاراشنىڭ ھاجىتى يوق – پەقەت دان پىرەنىك قۇتىسىنىڭ كەينىنى ئوقۇسىڭىزلا بولىدۇ. مانا ئىسرائىلنىڭ تېلما شىركىتى ئىشلەپچىقارغان، مەن ناشتىلىقتا ياقتۇرۇپ يەيدىغان دان پىرەنىك تامىقىنىڭ قۇتىسىدىن بىر نەقىل:
«بەزىدە سىزگە بىر ئاز مۇكاپات كېرەك. بەزىدە سىزگە بىر ئاز قوشۇمچە ئېنېرگىيە كېرەك. بەدەن ئېغىرلىقىڭىزغا دىققەت قىلىدىغان ۋاقىتلار بار ۋە بىر نەرسىنى… ھازىرلا يېيىشىڭىز كېرەك بولغان ۋاقىتلار بار! تېلما سىزگە خاس ھەرخىل تەملىك دان پىرەنكىلەرنى تەقدىم قىلىدۇ. قالتىس مۇكاپاتلار بار»
ئوخشاش قۇتىدا ساغلاملىق مۇكاپاتلىرى دەپ ئاتالغان يەنە بىر ماركىدىكى دان پىرەنىكنىڭ ئېلانى بار:
«ساغلاملىق مۇكاپاتلىرى تەم، ھۇزۇر ۋە ساغلاملىقنى بىرلەشتۈرگەن تەجرىبە ئۈچۈن نۇرغۇن دان پىرەنىكلەرر، مېۋىلەر ۋە ياڭاقلارنى تەقدىم قىلىدۇ. ساغلام تۇرمۇش ئۇسۇلىغا ماس كېلىدىغان، چۈشلۈكى ھۇزۇرلىنىدىغان مۇكاپات. ئاجايىپ تەمى بىلەن تېخىمۇ كۆپ ھەقىقىي مۇكاپات [ئەسلىدىكى تېكىستتە تەكىتلەنگەن].»
تارىختا كۆپىنچە كىشىلەر بۇنداق ئېلانغا قىزىقىشتىن كۆرە بىزار بولۇشى مۇمكىن ئىدى. ئۇلار بۇ شىركەتنى شەخسىيەتچى، بۇزۇق ۋە ئەخلاقىي جەھەتتىن چىرىك دەپ ئەيىبلىگەن بولاتتى. ئىستېمالچىلىق ئاممىۋى پىسخولوگىيەنىڭ ياردىمى بىلەن كىشىلەرنى ئۆزىنى قويۇۋېتىشنىڭ ياخشى ئىش، تېجەشچانلىقنىڭ بولسا ئۆزىنى چۈشەپ قويۇش ئىكەنلىكىگە قايىل قىلىش ئۈچۈن ناھايىتى تىرىشتى.
شىركەتلەر مۇۋەپپەقىيەت قازاندى. بىز ھەممىمىز ياخشى ئىستېمالچىلار. بىز راستىنلا ئېھتىياجىمىز بولمىغان، تۈنۈگۈنگىچە مەۋجۇت ئىكەنلىكىنى بىلمەيدىغان سانسىز مەھسۇلاتلارنى سېتىۋالىمىز. ئىشلەپچىقارغۇچىلار قەستەن قىسقا مۇددەتلىك مەھسۇلاتلارنى لايىھىلەيدۇ ۋە تامامەن قانائەتلىنەرلىك مەھسۇلاتلارنىڭ يېڭى ۋە كېرەكسىز مودېللىرىنى ئىجاد قىلىدۇ، بىز «زامانىۋى» بولۇش ئۈچۈن بۇلارنى سېتىۋېلىشىمىز كېرەك. سودا قىلىش بىز ياقتۇرىدىغان ۋاقىت ئۆتكۈزۈش پائالىيىتىگە ئايلاندى، شۇنداقلا ئىستېمال ماللىرى ئائىلە ئەزالىرى، ئەر-ئايال ۋە دوستلار ئارىسىدىكى مۇناسىۋەتلەرنىڭ مۇھىم ۋاسىتىچىلىرى بولۇپ قالدى. روژدېستۋو قاتارلىق دىنىي بايراملار سودا بايراملىرىغا ئايلاندى. ئامېرىكىدا، ھەتتا ئەسلىدە قۇربان بولغان ئەسكەرلەرنى خاتىرىلەش ئۈچۈن بېغىشلانغان خاتىرىلەش كۈنىمۇ ئالاھىدە سودا پۇرسىتىگە ئايلاندى. كۆپىنچە كىشىلەر بۇ كۈننى سودا قىلىش بىلەن خاتىرىلەيدۇ، بەلكىم ئەركىنلىكنى قوغدىغۇچىلارنىڭ بىكارغا ئۆلمىگەنلىكىنى ئىسپاتلاش ئۈچۈندۇر.
ئىستېمالچىلىق ئەخلاقىنىڭ گۈللىنىشى ئوزۇق-تۈلۈك بازىرىدا ئەڭ روشەن نامايان بولىدۇ. ئەنئەنىۋى يېزا ئىگىلىك جەمئىيەتلىرى ئاچارچىلىقنىڭ قورقۇنچلۇق سايىسى ئاستىدا ياشىغان. بۈگۈنكى باياشات دۇنيادا ئاساسلىق ساغلاملىق مەسىلىلىرىدىن بىرى سېمىزلىك بولۇپ، ئۇ كەمبەغەللەرگە (ھامبۇرگېر ۋە پىسسا بىلەن قورساق تويغۇزىدىغانلار) بايلاردىن (ئورگانىك سالات ۋە مېۋە شەربىتى ئىچىدىغانلار) بەكرەك ئېغىر زەربە بېرىدۇ. ئامېرىكالىقلارنىڭ ئورۇقلاش ئۈچۈن (پەرھىز تۇتۇش ئۈچۈن) ھەر يىلى خەجلەيدىغان پۇلى دۇنيانىڭ قالغان قىسمىدىكى بارلىق ئاچ كىشىلەرنى بېقىشقا كېتىدىغان پۇلدىن كۆپ. سېمىزلىك ئىستېمالچىلىقنىڭ قوش غەلىبىسى. ئاز يېيىشنىڭ ئورنىغا (بۇ ئىقتىسادىي كاساتلىققا ئېلىپ بارىدۇ)، كىشىلەر بەك كۆپ يەيدۇ ۋە ئاندىن پەرھىز مەھسۇلاتلىرىنى سېتىۋالىدۇ، شۇ ئارقىلىق ئىقتىسادىي ئۆسۈشكە ئىككى ھەسسە تۆھپە قوشىدۇ.

بىز ئىستېمالچىلىق ئەخلاقىنى تىجارەتچىنىڭ كاپىتالىستىك ئەخلاقى بىلەن قانداق بىرلەشتۈرەلەيمىز، ئۇنىڭغا كۆرە پايدىنى ئىسراپ قىلماسلىق ۋە ئۇنى ئىشلەپچىقىرىشقا قايتا مەبلەغ سېلىشقا ئىشلىتىش كېرەكمۇ؟ بۇ ناھايىتى ئاددىي. خۇددى ئىلگىرىكى دەۋرلەردىكىدەك، بۈگۈنكى سەر خىللار بىلەن ئاممىنىڭ ئارىسىدا ئەمگەك تەقسىماتى بار. ئوتتۇرا ئەسىر ياۋروپاسىدا، ئاقسۆڭەكلەر پۇللىرىنى بۇزۇپ-چېچىپ خەجلىگەن بولسا، دېھقانلار تېجەشلىك ياشاپ، ھەر بىر تىيىنغا دىققەت قىلغان. بۈگۈن، ئەھۋال تەتۈر بولۇپ كەتتى. بايلار مال-مۈلكى ۋە مەبلەغلىرىنى باشقۇرۇشقا ناھايىتى دىققەت قىلىدۇ، قولى قىسقاراقلار بولسا ئەسلىدە ئانچە كېرەك بولمىغان ماشىنا ۋە تېلېۋىزورلارنى سېتىۋېلىش ئۈچۈن قەرزگە پېتىپ كېتىدۇ.
كاپىتالىزم بىلەن ئىستېمالچىلىق ئەخلاقى بىر تەڭگىنىڭ ئىككى يۈزى، ئىككى چاقىرىقنىڭ بىرلىشىشى. بايلارنىڭ ئەڭ ئالىي چاقىرىقى «مەبلەغ سېلىڭ!»، قالغانلىرىمىزنىڭ ئەڭ ئالىي چاقىرىقى بولسا، «سېتىۋېلىڭ!»
كاپىتالىستىك ئىستېمالچىلىق ئەخلاقى يەنە بىر جەھەتتىن ئىنقىلابىي تۈسكە ئىگە. ئىلگىرىكى كۆپىنچە ئەخلاق سىستېمىلىرى كىشىلەرگە ناھايىتى قىيىن بىر كېلىشىمنى سۇنغان بولۇپ. ئۇلارغا جەننەت ۋەدە قىلىنغان، ئەمما ئۇنىڭ ئالدىنقى شەرتى شەپقەتلىك ۋە كەڭ قورساق بولۇش ، نەپسانىيەت ۋە غەزەپنى يېڭىش، شۇنداقلا شەخسىي مەنپەئەتلىرىنى چەكلەش. بۇ كۆپىنچە كىشىلەر ئۈچۈن بەك قىيىن ئىدى. ئەخلاق تارىخى ھېچكىم ئەمەل قىلالمايدىغان ئاجايىپ ئىدىيەلەرنىڭ قايغۇلۇق قىسسىسى. كۆپىنچە خرىستىيانلار خرىستوسقا ئەگەشمىدى، كۆپىنچە بۇددىستلار بۇددانىڭ يولىدىن ماڭالمىدى، كۆپىنچە كۇڭزىچىلارمۇ كۇڭزىنىڭ غەزىپىنى كەلتۈرىدىغان ئىشلارنى قىلدى.
بۇنىڭ ئەكسىچە، بۈگۈن كۆپىنچە كىشىلەر كاپىتالىستىك-ئىستېمالچىلىق غايىسىگە ياخشى ئەمەل قىلىدۇ. يېڭى ئەخلاق ۋەدە قىلغان جەننەت بايلارنىڭ ئاچكۆز بولۇپ، ۋاقتىنى تېخىمۇ كۆپ پۇل تېپىشقا سەرپ قىلىشى؛ ئاۋام خەلقنىڭ بولسا نەپسىنى بولۇشىغا قويۇۋېتىپ، تېخىمۇ كۆپ مال سېتىۋېلىشىدۇر. بۇ تارىختىكى تۇنجى دىن بولۇپ، ئەگەشكۈچىلىرى راستىنلا ئۆزلىرىدىن تەلەپ قىلىنغان ئىشنى قىلىدۇ. ئەمما، بىز بۇنىڭ بەدىلىگە راستىنلا جەننەتكە ئېرىشىدىغانلىقىمىزنى قانداق بىلىمىز؟ بىز ئۇنى تېلېۋىزوردا كۆردۇق.

Leave a Reply