كولومبۇ مەبلەغچى ئىزدەيدۇ
كاپىتالىزم پەقەت زامانىۋى ئىلىم-پەننىڭ گۈللىنىشىدىلا ئەمەس، ياۋروپا ئىمپېرىيالىزمىنىڭ مەيدانغا كېلىشىدىمۇ ھەل قىلغۇچ رول ئوينىدى. ئەمەلىيەتتە، ياۋروپا ئىمپېرىيالىزمى كاپىتالىستىك قەرز سىستېمىسىنى دەسلەپتە ياراتقان. ئەلۋەتتە، قەرز زامانىۋى ياۋروپادا ئىجاد قىلىنغان ئەمەس. ئۇ بارلىق يېزا ئىگىلىك جەمئىيەتلىرىنىڭ ھەممىسىدە دېگۈدەك مەۋجۇت ئىدى. يېقىنقى تارىخىي دەۋردە ياۋروپا كاپىتالىزمىنىڭ مەيدانغا كېلىشى ئاسىيادىكى ئىقتىسادىي تەرەققىياتلار بىلەن زىچ باغلانغان. شۇنىمۇ ئەستە تۇتۇش كېرەككى، 18-ئەسىرنىڭ ئاخىرىغىچە، ئاسىيا دۇنيانىڭ ئىقتىسادىي كۈچ مەركىزى ئىدى، يەنى خىتايلار، مۇسۇلمانلار ياكى ھىندىستانلىقلارنىڭ بايلىقى (كاپىتالى) ياۋروپالىقلارغا قارىغاندا خېلىلا كۆپ ئىدى.
بىراق، خىتاي، ھىندىستان ۋە ئىسلام دۇنياسىنىڭ ئىجتىمائىي-سىياسىي سىستېمىلىرىدا، قەرز پەقەت ئىككىنچى دەرىجىلىك رول ئوينىدى. ئىستانبۇل، ئىسفاھان، دېھلى ۋە بېيجىڭ بازارلىرىدىكى سودىگەرلەر ۋە بانكىرلار كاپىتالىستىك تەرىقىدە ئويلىشى مۇمكىن ئىدى، ئەمما ئوردا ۋە قەلئەلەردىكى پادىشاھلار بىلەن گېنېراللار سودىگەرلەر ۋە سودىگەرچە پىكىر قىلىدىغانلارنى كەمسىتەتتى. ئاسىيانىڭ يېقىنقى تارىخىي دەۋرىدىكى ئىمپېرىيەلەر نۇرخاچ ۋە نادىر شاھ قاتارلىق ئۇلۇغ جاھانگىرلار، ياكى چىڭ سۇلالىسى ۋە ئوسمانلى دەۋرىدە ياشىغان مەمۇرىي ۋە ھەربىي ئەمەلدارلار تەرىپىدىن بارلىققا كەلگەن. ئۇلار قەرز سىستېمىسىغا بەك تايىنىپ كەتمىگەن بولۇپ، ئۇرۇشلارنى باج-سېلىق ۋە بۇلاڭ-تالاڭ ئارقىلىق (بۇ ئىككىسىنى پەرقلەندۈرمەستىن) مەبلەغ بىلەن تەمىنلىگەن؛ بانكىرلار ۋە مەبلەغچىلەرنىڭ مەنپەئەتىگە ئاساسەن كۆڭۈل بۆلمىگەن.
يەنە بىر تەرەپتىن، ياۋروپادا پادىشاھلار ۋە گېنېراللار ئاستا-ئاستا سودىگەرچە پىكىر قىلىشنى قوبۇل قىلدى، ھەتتا سودىگەرلەر ۋە بانكىرلار ھۆكۈمران كۈچلەرگە ئايلاندى. ياۋروپانىڭ دۇنيانى بويسۇندۇرۇشى بارا-بارا باج-سېلىقتىن كۆرە، قەرز ئارقىلىق مەبلەغ تەمىنلەش يولى بىلەن بولدى؛ ياۋروپانىڭ ئاساسلىق نىشانىمۇ تەدرىجىي ھالدا مەبلىغىدىن ھەسسىلەپ پايدا ئېلىش كويىدا يۈرگەن كاپىتالىستلار تەرىپىدىن يېتەكلەندى. قارا چاپان ۋە سىلىندىر قالپاق كىيگەن بانكىرلار بىلەن سودىگەرلەر قۇرغان ئىمپېرىيەلەر ئالتۇن كىيىم ۋە پارقىراق ساۋۇت كىيگەن پادىشاھلار بىلەن ئاقسۆڭەكلەر قۇرغان ئىمپېرىيەلەرنى مەغلۇپ قىلدى. سودا ئىمپېرىيەلىرى مۇستەملىكە ھەرىكىتىنى مەبلەغ بىلەن تەمىنلەشتە تولىمۇ ئەقىللىق ئىدى. چۈنكى ھېچكىم باج تۆلەشنى خالىمايتتى، بەلكى مەبلەغ سېلىشتىن خۇشال ئىدى.
1484-يىلى كرىستوفېر كولومبۇ پورتۇگالىيە پادىشاھىغا شەرقىي ئاسىياغا بارىدىغان يېڭى سودا يولىنى تېپىش ئۈچۈن غەربكە قاراپ ماڭىدىغان كېمە ئەترىتىگە مەبلەغ سېلىشنى تەكلىپ قىلدى. بۇنداق تەكشۈرۈش سەپەرلىرى ناھايىتى خەتەرلىك ۋە قىممەت ئىدى. كېمە ياساش، تەمىنات سېتىۋېلىش، دېڭىزچىلار ۋە ئەسكەرلەرگە مائاش تۆلەش ئۈچۈن نۇرغۇن پۇل كېرەك ئىدى، ئەمما بۇ مەبلەغدىن پايدا چىقىشقا كاپالەت يوق ئىدى. پورتۇگالىيە پادىشاھى ئۇنى رەت قىلدى.
بۈگۈنكى يېڭى كارخانا قۇرغۇچىلارغا ئوخشاش، كولومبۇ ۋاز كەچمىدى. ئۇ ئۆز ئىدىيەسىنى ئىتالىيە، فرانسىيە، ئەنگلىيە ۋە يەنە پورتۇگالىيەدىكى باشقا مەبلەغچىلەرگە تەشۋىق قىلدى. ئەمما ھەر قېتىمدا رەت قىلىندى. ئاندىن ئۇ يېڭىدىن بىرلىككە كەلگەن ئىسپانىيەنىڭ ھۆكۈمدارلىرى فېردىناند بىلەن ئىزابېللادىن تەلىيىنى سىناپ باقتى. ئۇ بەزى تەجرىبىلىك ۋاسىتىچىلارنى ئىشقا سالدى ۋە ئۇلارنىڭ ياردىمى بىلەن خانىش ئىزابېللانى مەبلەغ سېلىشقا قايىل قىلالىدى. ھازىر ھەر بىر مەكتەپ ئوقۇغۇچىسى بىلگەندەك، ئىزابېللا چوڭ ئۇتۇق قازاندى. كولومبۇنىڭ بايقاشلىرى ئىسپانلارنىڭ ئامېرىكا قىتئەسىنى بويسۇندۇرۇشىغا يول ئاچتى، ئۇ يەردە ئۇلار ئالتۇن-كۈمۈش كانلىرى، تاماكا ۋە شېكەر ئىشلەپچىقىرىش مەيدانلىرىنى قۇردى. ئۇ بايلىقلار ئىسپان پادىشاھلىرى، بانكىرلار ۋە سودىگەرلەرنىڭ ئۇخلىسا چۈشىگىمۇ كىرمەيتتى.

يۈز يىل كېيىن، شاھزادىلەر ۋە بانكىرلار كولومبۇنىڭ ئىزباسارلىرىغا تېخىمۇ كۆپ قەرز بېرىشكە تەييار تۇرىدىغان بولۇشتى، چۈنكى ئامېرىكا قىتئەسدىن ئېلىنغان بايلىقلار ئۇلارنىڭ ئىلكىدىكى كاپىتالنى ھەسسىلەپ كۆپەيتكەنىدى. شۇنىڭ بىلەن بىرگە، شاھزادىلەر ۋە بانكىرلار تەكشۈرۈش سەپىرىنىڭ مۇۋەپپقىيەتلىك بولۇشىغا ئەمدى تېخىمۇ ئىشەنچ قىلىدىغان ھەمدە پۇللىرىنى ئۇنىڭغا بەس-بەستە ئاتايدىغان بولۇپ كېتىشتى. بۇ ئىمپېرىيە كاپىتالىزمىنىڭ سېھرىي چەمبىرى ئىدى: قەرز يېڭى بايقاشلارنى مەبلەغ بىلەن تەمىنلىدى؛ بايقاشلار مۇستەملىكىلەرگە ئېلىپ باردى؛ مۇستەملىكىلەر پايدا كەلتۈردى؛ پايدا ئىشەنچ قۇردى ۋە ئىشەنچ تېخىمۇ كۆپ قەرزگە ئايلاندى. نۇرخاچ بىلەن نادىر شاھ نەچچە مىڭ كىلومېتىردىن كېيىن مالىيە كۈچىنى، ئېنىرگىيەسىنى يوقىتىپ تۇرۇپ قالدى. كاپىتالىست تەشەببۇسكارلار بولسا بىر بويسۇندۇرۇشتىن يەنە بىر بويسۇندۇرۇشقا ئۆتكەنسېرى مالىيە كۈچىنى ئاشۇردى.
لېكىن بۇ سەپەرلەر يەنىلا خەتەرلىك ئىش بولۇپ قالدى، شۇڭا قەرز بازارلىرى يەنىلا خېلى ئېھتىياتچان ئىدى. نۇرغۇن ئېكسپىدىتسىيە ئەترىتى ياۋروپاغا قۇرۇق قول قايتتى، ھېچقانداق قىممەتلىك نەرسە بايقىيالمىدى. مەسىلەن، ئەنگلىيە شىمالىي قۇتۇپ ئارقىلىق ئاسىياغا بارىدىغان يولنى بايقاش ئۈچۈن نۇرغۇن كاپىتالنى بىكارغا ئىسراپ قىلدى. كۆپلىگەن ئېكسپېدىتسىيە ئەترەتلىرى قايتىپ كېلەلمىدى. كېمىلەر مۇز تاغلىرىغا سوقۇلدى، تروپىك ئىقلىم بورانلىرىدا غەرق بولدى ياكى قاراقچىلارنىڭ قۇربانى بولدى. تەۋەككۇلچى مەبلەغچىلەرنىڭ سانىنى كۆپەيتىش ۋە ئۇلار دۇچ كېلىدىغان خەتەرنى ئازايتىش ئۈچۈن، ياۋروپالىقلار چەكلىك مەسئۇلىيەت پاي چېكى شىركەتلىرىگە يۈزلەندى. بۇنىڭدا بىر مەبلەغچى بارلىق پۇلىنى بىرلا كېمىگە دو تىكمەيتتى، پاي شىركىتى نۇرغۇن مەبلەغچىلەردىن پۇل توپلىدى، ھەر بىرى پەقەت كاپىتالىنىڭ ئاز بىر قىسمىنى چىقىرىدىغان بولدى. شۇنداق قىلىپ خەتەر چەكلەندى، ئەمما پايدىغا چەك قويۇلمىدى. ئامەتلىك كېمىگە سالغان كىچىككىنە مەبلىغىڭىزمۇ سىزنى مىليونېرغا ئايلاندۇرالايتتى.
نەچچە ئون يىل ئۆتتى، غەربىي ياۋروپا قىسقا ۋاقىت ئىچىدە كۆپ مىقداردا قەرز يىغالايدىغان ۋە ئۇنى خۇسۇسىي كارخانىچىلار ۋە ھۆكۈمەتلەرنىڭ ئىختىيارىغا قويالايدىغان مۇرەككەپ مالىيە سىستېمىسىنىڭ تەرەققىياتىغا گۇۋاھ بولدى. بۇ سىستېما بايلىق ئىزدەش سەپەرلىرى ۋە بويسۇندۇرۇشلارنى ھەرقانداق پادىشاھلىق ياكى ئىمپېرىيەگە قارىغاندا كۆپ ھەم ئۈنۈملۈك مەبلەغ بىلەن تەمىنلىيەلەيتتى. قەرزنىڭ يېڭىدىن بايقالغان كۈچىنى ئىسپانىيە بىلەن گوللاندىيە ئوتتۇرىسىدىكى قاتتىق كۈرەشتىن كۆرۈۋالغىلى بولىدۇ. 16-ئەسىردە، ئىسپانىيە ياۋروپادىكى ئەڭ كۈچلۈك دۆلەت بولۇپ، كەڭ دۇنياۋى ئىمپېرىيەگە ھۆكۈمرانلىق قىلاتتى. ئۇ ياۋروپانىڭ كۆپ قىسمىنى، شىمالىي ۋە جەنۇبىي ئامېرىكىنىڭ چوڭ بۆلىكىنى، فىلىپپىن تاقىم ئاراللىرىنى، ئافرىقا ۋە ئاسىيا قىرغاقلىرىدىكى بىر قاتار بازىلارنى باشقۇراتتى. ھەر يىلى ئامېرىكا ۋە ئاسىيا قۇرۇقلۇقىنىڭ بايلىقلىرى بىلەن تولغان كېمە ئەترەتلىرى سېۋىلىيە ۋە كادىز پورتلىرىغا قايتىپ كېلەتتى. گوللاندىيە بولسا تەبىئىي بايلىقلىرى يوق، كىچىك ۋە شاماللىق جاي بولۇپ، ئىسپانىيە پادىشاھى تەۋەسىدىكى چەت بىر ماكان ئىدى.
1568-يىلى، ئاساسەن پروتېستانتلاردىن تەركىب تاپقان گوللاندىيەلىكلەر كاتولىك ئىسپان ھۆكۈمرانلىرىغا قارشى قوزغىلاڭ كۆتۈردى. دەسلەپتە قوزغىلاڭچىلار خۇددى دون كىخوتقا ئوخشاش، يېڭىلمەس شامال تۈگمەنلىرىگە قارشى باتۇرلارچە جەڭ قىلىۋاتقاندەك كۆرۈنەتتى. بىراق 80 يىل ئىچىدە گوللاندىيەلىكلەر ئىسپانىيەدىن مۇستەقىللىقنى ئېلىپلا قالماستىن، ئىسپانلار ۋە ئۇلارنىڭ پورتۇگالىيەلىك ئىتتىپاقداشلىرىنىڭ ئورنىنى ئېلىپ، دېڭىز-ئوكيان يوللىرىنىڭ خوجايىنى بولدى؛ دۇنياۋى گوللاندىيە ئىمپېرىيەسىنى قۇرۇپ، ياۋروپادىكى ئەڭ باي دۆلەتكە ئايلاندى.
گوللاندىيەنىڭ مۇۋەپپەقىيىتىنىڭ سىرى قەرز ئىدى. قۇرۇقلۇقتا جەڭ قىلىشقا ئانچە قىزىقمايدىغان گوللاندىيە شەھەرلىكلىرى ئىسپانلارغا قارشى جەڭ قىلىش ئۈچۈن ئىجارە ئەسكەرلەرنى ياللىدى. گوللاندىيەلىكلەر ئۆزلىرى بولسا بارغانسېرى چوڭ كېمە ئەترەتلىرى بىلەن دېڭىزغا چىقتى. ئىجارە قوشۇنلار ۋە زەمبىرەكلىك كېمە ئەترەتلىرى نۇرغۇن پۇل تەلەپ قىلسىمۇ، گوللاندىيەلىكلەر كۈچلۈك ئىسپان ئىمپېرىيەسىگە قارىغاندا ھەربىي يۈرۈشلىرىنى قولاي مەبلەغ بىلەن تەمىنلىيەلىدى؛ ئىسپانىيە پادىشاھى ئۆزىگە بولغان ئىشەنچنى يوقىتىۋاتقان مەزگىلدە، ئۇلار گۈللىنىۋاتقان ياۋروپا مالىيە سىستېمىسىنىڭ ئىشەنچىسىنى قازاندى.
مالىيەچىلەر گوللاندىيەلىكلەرگە قوشۇن ۋە كېمە ئەترەتلىرى قۇرۇش ئۈچۈن يېتەرلىك قەرز بەردى. بۇ قوشۇنلار ۋە كېمە ئەترەتلىرى گوللاندىيەگە دۇنيا سودا يوللىرىنىڭ كونتروللۇقىنى بەردى، بۇ ئۆز نۆۋىتىدە يۇقىرى پايدا ئېلىپ كەلدى. بۇ پايدىلار گوللاندىيەلىكلەرنىڭ قەرزلەرنى قايتۇرۇشىغا ئىمكان بەردى، بۇ ھال مالىيەچىلەرنىڭ ئىشەنچىسىنى تېخىمۇ كۈچەيتتى. ئامستېردام تېزلا ياۋروپانىڭ ئەڭ مۇھىم پورتلىرىدىن بىرىگىلا ئەمەس، بۇ قىتئەنىڭ مالىيە مەركىزىگىمۇ ئايلىنىۋاتاتتى.
گوللاندىيەلىكلەر مالىيە سىستېمىسىنىڭ ئىشەنچىسىگە قانداق ئېرىشتى؟ بىرىنچىدىن، ئۇلار قەرزلىرىنى ۋاقتىدا ۋە تولۇق قايتۇرۇشتا چىڭ تۇردى، بۇ قەرز بەرگۈچىلەر ئۈچۈن خەتەرنى ئازايتتى. ئىككىنچىدىن، ئۇلارنىڭ دۆلىتىنىڭ سوت سىستېمىسى مۇستەقىل بولۇپ، شەخسىي ھوقۇقلارنى، بولۇپمۇ خۇسۇسىي مۈلۈك ھوقۇقىنى قوغدىدى. شەخسلەرنى ۋە ئۇلارنىڭ مۈلكىنى قوغدىيالمايدىغان دىكتاتور دۆلەتلەردىن كاپىتال يىراقلىشىدۇ؛ بەلكى قانۇن ئۈستۈنلۈكى ۋە خۇسۇسىي مۈلۈكنى قوغدايدىغان دۆلەتلەرگە كاپتال ئاقىدۇ.
تەسەۋۋۇر قىلىڭكى، سىز گېرمانىيەدىكى نوپۇزلۇق كاپىتالىست ئائىلىنىڭ ئوغلى. دادىڭىز ياۋروپانىڭ چوڭ شەھەرلىرىدە شۆبە ئېچىش ئارقىلىق سودىنى كېڭەيتىش پۇرسىتىنى بايقايدۇ. ئۇ سىزنى ئامستېردامغا ۋە ئىنىڭىزنى مادرىدقا ئەۋەتىپ، ھەر بىرىڭلارغا مەبلەغ سېلىش ئۈچۈن ئون مىڭ تىللا بېرىدۇ. ئىنىڭىز ئۆزىنىڭ دەسلەپكى كاپىتالىنى فرانسىيە پادىشاھى بىلەن جەڭ قىلىش ئۈچۈن قوشۇن تەشكىللەشكە موھتاج بولغان ئىسپانىيە پادىشاھىغا ئۆسۈمگە بېرىدۇ. سىز بولسىڭىز پۇلىڭىزنى خۇدسون دەرياسى مۇھىم سودا يولىغا ئايلىنىدۇ دەپ، مانخاتتان دېگەن خىلۋەت ئارالنىڭ جەنۇبىي قىسمىدىكى بوز يەرگە مەبلەغ سالماقچى بولغان گوللاندىيەلىك سودىگەرگە قەرز بېرىشنى قارار قىلىسىز. ھەر ئىككى قەرز بىر يىل ئىچىدە قايتۇرۇلۇشى كېرەك .بىر يىل ئۆتتى. گوللاندىيەلىك سودىگەر سېتىۋالغان يەرنى ياخشى باھادا سېتىپ، پۇلىڭىزنى ۋەدە قىلغان ئۆسۈمى بىلەن قايتۇردى، دادىڭىز خۇشال بولدى. بىراق مادرىدتىكى ئىنىڭىز ئەنسىرەشكە باشلىدى. ئىسپانىيە پادىشاھىنىڭ فرانسىيە بىلەن بولغان ئۇرۇشى ياخشى ئاخىرلاشقان بولسىمۇ، ئۇ ئەمدى تۈركلەر بىلەن توقۇنۇشقا چۈشۈپ قالغانىدى. ئۇ يېڭى ئۇرۇشنى مەبلەغ بىلەن تەمىنلەش ئۈچۈن پۇلغا موھتاج ئىدى ھەمدە بۇنى كونا قەرزلەرنى قايتۇرۇشتىن مۇھىم دەپ قارايتتى. ئىنىڭىز ئوردىغا خەت يازدى ۋە ئوردىدا ئالاقىسى بار دوستلىرىدىن ۋاسىتىچىلىك قىلىشنى سورىدى، ئەمما پايدىسى بولمىدى. ئىنىڭىز ۋەدە قىلىنغان ئۆسۈمنىلا ئەمەس، دەسمىيسىنىمۇ يوقاتقانىدى. دادىڭىز بۇنىڭدىن خاپا بولدى. ئەمدى، ئەھۋال تېخىمۇ ناچارلاشتى، پادىشاھ خەزىنە ئەمەلدارىنى ئىنىڭىزغا ئەۋەتىپ، ئېنىق قىلىپ دەرھال يەنە شۇ مىقداردا قەرز بېرىشنى كۈتىدىغانلىقىنى ئېيتتى. ئىنىڭىزنىڭ قەرز بەرگۈدەك پۇلى يوق. ئۇ دادىسىغا خەت يېزىپ، بۇ قېتىم پادىشاھنىڭ قەرزنى چوقۇم قايتۇرىدىغانلىقىغا قايىل قىلماقچى بولدى. دادىسى كىچىك ئوغلىغا ئامراق بولغاچقا، ئۇنىڭغا ئاخىر ماقۇل بولدى. شۇنداق قىلىپ ئون مىڭ تىللا ئىسپانىيە خەزىنىسىگە كىرىپ كەتتى. بۇ ئارىدا ئامستېردامدا ئىشلار ياخشى كېتىۋاتاتتى. سىز تېخىمۇ كۆپ قەرزنى تىرىشچان گوللاندىيەلىك سودىگەرلەرگە بەردىڭىز، ئۇلار ۋاقتىدا ۋە تولۇق قايتۇردى. بىراق تەلىيىڭىز داۋاملىق كەلمىدى. دائىملىق خېرىدارلىرىڭىزدىن بىرى پارىژدا ياغاچ ئاياغ كېيىش مودىغا ئايلىنىدۇ دەپ پەرەز قىلىپ، فرانسىيە پايتەختىدە ئاياغ دۇكىنى قۇرۇش ئۈچۈن قەرز سورىدى. سىز پۇل بەردىڭىز، بىراق بەختكە قارشى ياغاچ ئاياغلار فرانسۇز خانىملىرىغا ياقمىدى ۋە ئۇنىڭدىن نارازى بولغان سودىگەر قەرزنى قايتۇرۇشنى رەت قىلدى. دادىڭىز قاتتىق غەزەپلىنىپ، ھەر ئىككىڭلارغا ئادۋوكاتلارنى ئىشقا سېلىش ۋاقتى كەلدى دېدى. ئىنىڭىز مادرىدتا ئىسپان پادىشاھىغا قارشى دەۋا قىلسا، سىز ئامستېردامدا سابىق ياغاچ ئاياغ ئۇستىسىغا قارشى دەۋا قىلدىڭىز. ئىسپانىيەدە سوت مەھكىمىلىرى پادىشاھقا بېقىندى، سوتچىلار ئۇنىڭ رازىلىقى بىلەن خىزمەت قىلىدۇ ۋە ئۇنىڭ دېگىنىدەك ئىش قىلمىسا جازالىنىشتىن قورقىدۇ. گوللاندىيەدە بولسا، سوتلار ھۆكۈمەتنىڭ ئايرىم تارمىقى بولۇپ، دۆلەتنىڭ شەھەرلىكلىرى ۋە شاھزادىلىرىگە بېقىندى ئەمەس. مادرىد سوتى ئىنىڭىزنىڭ دەۋاسىنى رەت قىلدى، ئامستېردام سوتى بولسا سىزنىڭ پايدىڭىزغا ھۆكۈم چىقىرىپ، ئاياغچىنى تۆلەشكە مەجبۇرلاش ئۈچۈن ئۇنىڭ مال-مۈلكىنى گۆرۈگە ئالدى. دادىڭىز ساۋاق ئالدى: پادىشاھلار بىلەن ئەمەس، سودىگەرلەر بىلەن سودا قىلغان ياخشى؛ يەنە كېلىپ مادرىدتا ئەمەس، گوللاندىيەدە سودا قىلغان ياخشى.
ئىنىڭىزنىڭ قىيىنچىلىقلىرى تېخى تۈگىمىدى. ئىسپانىيە پادىشاھى قوشۇنىغا مائاش تۆلەش ئۈچۈن تېخىمۇ كۆپ پۇلغا موھتاج. ئۇ دادىڭىزنىڭ ئارتۇق پۇلى بارلىقىغا ئىشىنىدۇ، شۇڭا ئىنىڭىزغا جاسۇسلۇق تۆھمىتى ئارتىپ ئۇنى جازالىدى؛ ئەگەر دەرھال 20 مىڭ تىللا تاپشۇرمىسا، ئۇنىڭ زىندانغا يېتىپ چىرىپ كېتىدىغانلىقىنى ئېيتتى. دادىڭىزنىڭ تاقىتى تاق بولدى. ئۇ سۆيۈملۈك ئوغلى ئۈچۈن تۆلەمنى تۆلىدى، ئەمما ئىسپانىيەدە قايتا سودا قىلماسلىققا قەسەم قىلدى ۋە مادرىد شۆبىسىنى تاقاپ، ئىنىڭىزنى روتتېردامغا كۆچۈرۈپ كەلدى. گوللاندىيەدە ئىككى شۆبە قۇرۇش ھەقىقەتەن ياخشى پىكىر ئىدى. ئۇ ھەتتا ئىسپانىيەلىك كاپىتالىستلارنىڭمۇ بايلىقلىرىنى ئۆز دۆلىتىدىن قاچۇرۇۋاتقانلىقىنى ئاڭلىدى. ئۇلارمۇ پۇللىرىنى ساقلاپ قېلىش ۋە تېخىمۇ كۆپ بايلىق توپلاش ئۈچۈن، قانۇن ئۈستۈنلۈكى ۋە شەخسىي مۈلۈك ھۆرمەتلىنىدىغان يەرگە، مەسىلەن گوللاندىيەگە مەبلەغ سالغان ياخشى ئىكەنلىكىنى چۈشىنىپ يەتكەنىدى.

ئىسپانىيە پادىشاھى ئاشۇنداق ھەرىكەتلىرى بىلەن مەبلەغچىلەرنىڭ ئىشەنچىسىنى يوقاتقان ۋاقىتتا، گوللاندىيە سودىگەرلىرى ئۇلارنىڭ ئىشەنچىسىنى قازاندى. گوللاندىيە ئىمپېرىيەسىنى گوللاندىيە دۆلىتى ئەمەس، گوللاندىيە سودىگەرلىرى قۇردى. ئىسپانىيە پادىشاھى ھەربىي بويسۇندۇرۇشلىرىنى خەلقتىن زورلاپ ئالغان باجلار بىلەن قامداشنى داۋاملاشتۇردى. گوللاندىيە سودىگەرلىرى بولسا قەرز ئېلىش ۋە شىركەتلىرىنىڭ پايدىسىدىن ئۈلۈش ئالىدىغان ھەسسىدارلىق ھوقۇقىنى سېتىش ئارقىلىق ھۆكۈمەتنىڭ ھەربىي يۈرۈشلىرىنى مەبلەغ بىلەن تەمىنلىدى. ئىسپانىيە پادىشاھىغا ھەرگىز پۇل بەرمەيدىغان ۋە گوللاندىيە ھۆكۈمىتىگە قەرز بېرىشتە ئىككى قېتىم ئويلىنىدىغان ئېھتىياتچان مەبلەغچىلەر، يېڭى ئىمپېرىيەنىڭ ئاساسى بولغان گوللاندىيە ھەسسىدارلىق شىركەتلىرىگە خۇشاللىق بىلەن نۇرغۇن مەبلەغ سالدى.
ئەگەر سىز بىرەر شىركەتنى چوڭ پايدا ئالىدۇ دەپ قارىسىڭىز، ئەمما ئۇ شىركەت بارلىق پايلىرىنى سېتىپ بولغان بولسا، سىز باشقىلاردىن ئۇلارنىڭ پايلىرىنى بەلكىم ئەسلىدىكى باھادىن يۇقىرى باھادا سېتىۋالالايسىز. ئەگەر سىز ئۇ شىركەتنىڭ پايلىرىنى سېتىۋېلىپ، كېيىن شىركەتنىڭ قىيىن ئەھۋالدا قالغانلىقىنى بايقىسىڭىز، پايلىرىڭىزنى تۆۋەن باھادا سېتىۋېتەلەيسىز. شىركەتلەرنىڭ بۇنداق پاي سودىسى ياۋروپانىڭ كۆپ قىسىم چوڭ شەھەرلىرىدە پاي چېكى بازارلىرىنىڭ قۇرۇلۇشىغا تۈرتكە بولدى.
گوللاندىيەنىڭ ئەڭ داڭلىق ھەسسىدارلىق شىركىتى، قىسقارتىلىپ VOC دەپ ئاتالغان « شەرقىي ھىندىستان بىرلەشمە شىركىتى» 1602-يىلى، يەنى گوللاندىيەلىكلەر ئىسپانلارنىڭ ھۆكۈمرانلىقىدىن قۇتۇلۇۋاتقان ۋە ئىسپانىيە زەمبىرەكلىرىنىڭ توپ ساداسى تېخى ئامستېردام سېپىللىرىدىن ئانچە يىراق بولمىغان يەردىن ئاڭلىنىپ تۇرغان مەزگىلدە قۇرۇلدى. بۇ شىركەت پاي سېتىشتىن يىغقان پۇلنى كېمە ياساش، ئۇلارنى ئاسىياغا ئەۋەتىش ۋە خىتاي، ھىندىستان، ھىندونېزىيە ماللىرىنى ئېلىپ كېلىشكە ئىشلەتتى. شىركەت يەنە ئۆز كېمىلىرىنىڭ رەقىبلەر ۋە قاراقچىلارغا قارشى ھەربىي ھەرىكەتلىرىنىمۇ مەبلەغ بىلەن تەمىنلىدى. ئاخىرىدا بۇ شىركەت ھىندونېزىيەنى بويسۇندۇرۇشنى مەبلەغ بىلەن تەمىنلىدى.
ھىندونېزىيە دۇنيادىكى ئەڭ چوڭ تاقىم ئاراللار دۆلىتى. ئۇنىڭ مىڭلىغان ئاراللىرى 17-ئەسىرنىڭ باشلىرىدا يۈزلىگەن پادىشاھلىق، شاھزادىلىك، سۇلتانلىق ۋە قەبىلىلەر تەرىپىدىن ئىدارە قىلىناتتى VOC .سودىگەرلىرى 1603-يىلى تۇنجى قېتىم ھىندونېزىيەگە كەلگەندە، ئۇلارنىڭ مەقسىتى پەقەت سودا قىلىش ئىدى. بىراق، سودا مەنپەئەتلىرىنى قوغداش ۋە ھەسسىدارلارنىڭ پايدىسىنى ئەڭ يۇقىرى چەككە يەتكۈزۈش ئۈچۈن، VOC سودىگەرلىرى يۇقىرى باج ئالىدىغان يەرلىك ھۆكۈمرانلارغا ۋە ياۋروپالىق رەقىبلەرگە قارشى جەڭ قىلىشقا باشلىدى VOC . ئۆزىنىڭ سودا كېمىلىرىنى زەمبىرەكلەر بىلەن قوراللاندۇردى؛ ياۋروپالىق، ياپونىيەلىك، ھىندىستانلىق ۋە ھىندونېزىيەلىك ئىجارە ئەسكەرلەرنى ياللىدى؛ قورغانلار سالدى ۋە تولۇق كۆلەملىك جەڭ ۋە قورشاۋلارنى ئېلىپ باردى. بۇ كارخانا بىزگە بىرئاز غەلىتە تۇيۇلۇشى مۇمكىن، ئەمما دەسلەپكى زامانىۋى دەۋردە خۇسۇسىي شىركەتلەرنىڭ ئەسكەرلەرنىلا ئەمەس، گېنېراللار ۋە ئادمىراللار، زەمبىرەكلەر ۋە كېمىلەر، ھەتتا پۈتۈن بىر تەييار قوشۇننى ياللىشى ئادەتتىكى ئىش ئىدى. خەلقئارا جەمئىيەت بۇنى نورمال دەپ قاراپ، خۇسۇسىي شىركەتنىڭ بىر ئىمپېرىيە قۇرۇشىغا نارازىلىق بىلدۈرمىدى.
VOC نىڭ ئىجارە ئەسكەرلىرى ھىندۇنېزىيە ئاراللىرىنى بىر-بىرلەپ ئىگىلىدى، شۇنىڭ بىلەن ھىندونېزىيەنىڭ كۆپ قىسمى VOC نىڭ مۇستەملىكىسىگە ئايلاندىVOC . ھىندونېزىيەنى 200 يىلغا يېقىن باشقۇردى. 1800-يىلىغا كەلگەندىلا گوللاندىيە دۆلىتى ھىندونېزىيەنى كونترول قىلىشنى باشلىدى ۋە كېيىنكى 150 يىلدا ئۇنى گوللاندىيەنىڭ مۇستەملىكىسىگە ئايلاندۇردى. بۈگۈن بەزى كىشىلەر 21-ئەسىردىكى بىرلەشمە شىركەتلەرنىڭ ھەددىدىن زىيادە كۈچ توپلاۋاتقانلىقى توغرىسىدا ئاگاھلاندۇرۇۋاتىدۇ. دەسلەپكى زامانىۋى تارىخ، ئەگەر كارخانىلارنىڭ ئۆز مەنپەئەتىنى چەكلىمىسىز قوغلىشىشىغا يول قويۇلسا، تەرەققىياتىنىڭ قانچىلىك يىراققا كېتىدىغانلىقىنى كۆرسىتىپ بېرىدۇ.
VOC ھىند ئوكيانىدا پائالىيەت قىلغان ۋاقىتتا، گوللاندىيە غەربىي ھىندىستان شىركىتى (WIC) ئاتلانتىك ئوكياندا سودا قىلاتتى. WIC خۇدسون دەرياسىدىكى مۇھىم سودىنى كونترول قىلىش ئۈچۈن، دەريا ئېغىزىدىكى بىر ئارالدا يېڭى ئامستېردام دەپ ئاتالغان مۇستەملىكە قۇردى. بۇ مۇستەملىكە ھىندىئانلارنىڭ تەھدىتىگە ئۇچرىدى، ئارقىدىن ئەنگلىيەلىكلەرنىڭ قايتا-قايتا ھۇجۇمىغا ئۇچراپ، ئاخىرى 1664-يىلى ئەنگلىيەلىكلەر تەرىپىدىن ئىگىلەندى. ئەنگلىيەلىكلەر ئۇنىڭ ئىسمىنى نيۇيوركقا ئۆزگەرتتى. WIC نىڭ ھىندىئانلار ۋە ئەنگلىيەلىكلەردىن قوغدىنىش ئۈچۈن سالغان سېپىلىنىڭ قالدۇقلىرى بۈگۈن دۇنيادىكى ئەڭ داڭلىق كوچا – ۋال كوچىسى (Wall Street) دا ھازىرغىچە مەۋجۇت.
17-ئەسىرنىڭ ئاخىرلىشىشى بىلەن، گوللاندىيەلىكلەر ئۆزىگە بەك ئىشىنىپ كەتكەنلىكى، قىتئەلەر ئارا توختىماي ئۇرۇشقانلىقى تۈپەيلىدىن نيۇيوركنىلا ئەمەس، ياۋروپادىكى پۇل-مۇئامىلە ۋە ئىمپېرىيە كۈچىنىمۇ يوقاتتى. بۇ بوشلۇقنى ئىگىلەش ئۈچۈن فرانسىيە ۋە ئەنگىلىيە گوللاندىيە بىلەن قاتتىق رىقابەتلەشتى. دەسلەپتە فرانسىيە تېخىمۇ كۈچلۈك ئورۇندا تۇرغاندەك كۆرۈنەتتى. ئۇ ئەنگىلىيەدىن چوڭراق، بايراق، نوپۇسى كۆپرەك، شۇنداقلا نىسبەتەن چوڭ ھەم تەجرىبىلىك قوشۇنغا ئىگە ئىدى. شۇنداقتىمۇ، ئەنگىلىيە بىر ئامال قىلىپ مالىيە سىستېمىسىنىڭ ئىشەنچىسىنى قازىنالىدى، فرانسىيە بولسا ئۆزىنىڭ ئىشەنچسىز ئىكەنلىكىنى ئىسپاتلىدى. فرانسىيە پادىشاھىنىڭ قىلمىشى 18-ئەسىردە ياۋروپادىكى ئەڭ چوڭ مالىيە كرىزىسى دەپ ئاتالغان «مىسسىسسىپى كۆپۈكى» جەريانىدا ئالاھىدە ئەيىبلىك بولدى. بۇ ھېكايىمۇ يەنە بىر ئىمپېرىيە قۇرغۇچى ھەسسىدارلىق شىركىتى بىلەن باشلىنىدۇ.

39. 1660-يىلدىكى يېڭى ئامېستىردام، مانخاتتان ئارىلىنىڭ ئۇچىغا جايلاشقان. بۇ مۇستەملىكە رايونىنىڭ قورشاۋ تاملىرىنى بۈگۈن ۋال سترېت كوچىسى ئورىغان.
1717-يىلى فرانسىيەدە قۇرۇلغان مىسسىسسىپى شىركىتى تۆۋەنكى مىسسىسسىپى ۋادىسىنى مۇستەملىكە قىلىشقا كىرىشتى ۋە بۇ جەرياندا نيۇ ئورلېئان شەھىرىنى قۇردى. شىركەت ئۆزىنىڭ كاتتا پىلانلىرىنى مەبلەغ بىلەن تەمىنلەش ئۈچۈن، پادىشاھ 15-لۇئىس بىلەن ياخشى مۇناسىۋەت ئورناتتى، ئۇلار پارىژ پاي بازىرىدا ھەسسە ساتتى. شىركەتنىڭ دىرېكتورى جون لاۋ فرانسىيە مەركىزىي بانكىسىنىڭ باشقۇرغۇچىسىمۇ ئىدى .ئۇنىڭ ئۈستىگە، پادىشاھ ئۇنى ھازىرقى مالىيە مىنىستىرىغا ئوخشاش ۋەزىپىسى بار مالىيە باش نازارەتچىسى قىلىپ تەيىنلىگەنىدى. 1717-يىلى تۆۋەنكى مىسسىسسىپى ۋادىسىدا سازلىق ۋە تىمساھلاردىن باشقا ھېچقانداق جەلپ قىلارلىق نەرسە بولمىسىمۇ، مىسسىسسىپى شىركىتى ئەپسانىۋى بايلىقلار ۋە چەكسىز پۇرسەتلەر ھەققىدىكى ھېكايىلەرنى تارقاتتى. فرانسىيە ئاقسۆڭەكلىرى، تىجارەتچىلەر ۋە شەھەر بۇرژۇئازىيەسىنىڭ ئەزالىرى بۇ خىيالىي نەرسىلەرگە ئىشىنىپ كەتتى ۋە مىسسىسسىپى پاي چېكىنىڭ باھاسى ئۆرلەپ كەتتى. دەسلەپتە ھەر بىر ھەسسە 500 لىۋرىغا سېتىلدى. 1719-يىلى 1-ئاۋغۇست، ھەسسىلەر 2,750 لىۋرىغا سېتىلدى. 30-ئاۋغۇستقا كەلگەندە، پاي چەكلىرىنىڭ قىممىتى 4,100 لىۋرىغا يەتتى، 4-سېنتەبىردە 5,000 لىۋرىغا يەتتى. 2-دېكابىردا بىر مىسسىسسىپى پاي چېكىنىڭ باھاسى 10,000 لىۋرى سەۋىيەسىدىن ئاشتى. خۇشاللىق پارىژ كوچىلىرىنى قاپلىدى. كىشىلەر بارلىق نەرسىلىرىنى سېتىۋېتىپ، مىسسىسسىپى پايلىرىنى سېتىۋېلىش ئۈچۈن كۆپ مىقداردا قەرز ئالدى. ھەممەيلەن بايلىققا ئېرىشىشنىڭ ئاسان يولىنى تاپتۇق دەپ ئىشەندى.
بىر نەچچە كۈندىن كېيىن، ۋەھىمە باشلاندى. بەزى سودىگەرلەر پاي چېكى باھاسىنىڭ ئەمەلىي قىممىتى يوقلۇقىنى ۋە ئەمدى ئۆسمەيدىغانلىقىنى بايقىدى. ئۇلار باھا ئەڭ يۇقىرى چەككە چىققاندا سېتىۋېتىش ياخشى دەپ ئويلىدى. سېتىشقا سۇنۇلغان پاي چېكى كۆپەيگەنسېرى، باھا چۈشۈشكە باشلىدى. باشقا مەبلەغچىلەر باھانىڭ چۈشۈۋاتقانلىقىنى كۆرۈپ، ئۇلارمۇ تېز چىقىپ كېتىشنى خالىدى. پاي چېكىنىڭ باھاسى تېخىمۇ چۈشۈپ، غايەت چوڭ قار دۆۋىسى يىمىرىلگەندەك ۋەزىيەت شەكىللەندى. باھانى مۇقىملاشتۇرۇش ئۈچۈن، فرانسىيە مەركىزىي بانكىسى – باشقۇرغۇچىسى جون لاۋنىڭ يوليورۇقى بويىچە – مىسسىسسىپى ھەسسىلىرىنى سېتىۋالدى، ئەمما بۇنى مەڭگۈ داۋاملاشتۇرالمايتتى. ئاخىرى پۇلى تۈگىدى. بۇ ئەھۋال يۈز بەرگەندە، مالىيە باش نازارەتچىسى، يەنە شۇ جون لاۋ، قوشۇمچە ھەسسىلەرنى سېتىۋېلىش ئۈچۈن تېخىمۇ كۆپ پۇل بېسىشنى تەستىقلىدى. بۇ پۈتۈن فرانسىيە مالىيە سىستېمىسىنى كۆپۈككە ئايلاندۇرۇپ قويدى. بۇ مالىيە سېھىرگەرلىكىمۇ ۋەزىيەتنى قۇتقۇزالمىدى. مىسسىسسىپى پايلىرىنىڭ باھاسى 10,000 لىۋرىدىن 1,000 لىۋرىغا چۈشتى؛ ئاندىن پۈتۈنلەي چۈشۈپ، قىممىتىنى تامامەن يوقاتتى. بۇ چاغدا، مەركىزىي بانكا ۋە پادىشاھلىق خەزىنىسى زور مىقداردىكى قىممەتسىز پايغا ئىگە بولۇپ قالغان ۋە پۇلسىز قالغانىدى. چوڭ سودىگەرلەر زىيانسىز قۇتۇلدى، ئۇلار پايلىرىنى ۋاقتىدا سېتىۋەتكەنىدى. كىچىك مەبلەغچىلەر ھەممىنى يوقاتتى، نۇرغۇنلىرى ئۆزىنى ئۆلتۈرۈۋالدى.
«مىسسىسسىپى كۆپۈكى» تارىختىكى ئەڭ چوڭ پۇل-مۇئامىلە كىرزىسلىرىدىن بىرى ئىدى. فرانسىيە پادىشاھلىق مالىيە سىستېمىسى بۇ زەربىدىن پۈتۈنلەي ئەسلىگە كېلەلمىدى. مىسسىسسىپى شىركىتىنىڭ سىياسىي تەسىردىن پايدىلىنىپ، پاي چېكى باھاسىنى خالىغانچە مونوپۇل قىلىشى ۋە سېتىۋېلىش قىزغىنلىقىنى قوزغىشى خەلقنىڭ فرانسىيە بانكا سىستېمىسى ۋە فرانسىيە پادىشاھىنىڭ ئىقتىسادىي ئەقلىگە بولغان ئىشەنچىسىنى يوقاتتى. 15-لۇئىس قەرز ئېلىشتا بارغانسېرى قىيىنچىلىققا دۇچ كەلدى. بۇ دېڭىز ئارقىلىق كېڭەيگەن فرانسىيە ئىمپېرىيەسىنىڭ ئاخىر ئەنگلىيەنىڭ قولىغا چۈشۈپ كېتىشىنىڭ ئاساسلىق سەۋەبلىرىدىن بىرى بولۇپ قالدى. ئەنگلىيە ئاسانلا ۋە تۆۋەن ئۆسۈم بىلەن قەرز ئالالىغان بولسا، فرانسىيە قەرز ئېلىشتا قىيىنچىلىققا دۇچ كەلدى، شۇنداقلا يۇقىرى ئۆسۈم تۆلەشكە مەجبۇر بولدى. ئېشىپ كېتىۋاتقان قەرزلىرىنى تۆلەش ئۈچۈن، فرانسىيە پادىشاھى تېخىمۇ كۆپ پۇلنى تېخىمۇ يۇقىرى ئۆسۈمدە ئۆتنە ئالدى. ئاخىرى 1780-يىللاردا، بوۋىسىنىڭ ۋاپاتىدىن كېيىن تەختكە چىققان 16-لۇئىس يىللىق خامچوتىنىڭ يېرىمىنىڭ قەرز ئۆسۈمىنى تۆلەشكە كېتىدىغانلىقىنى ۋە ئىقتىسادىي ۋەيرانچىلىققا قاراپ كېتىۋاتقانلىقىنى بايقىدى. 1789-يىلى، 16-لۇئىس كرىزىسقا چارە تېپىش ئۈچۈن بىر يېرىم ئەسىردىن بېرى يىغىلمىغان فرانسىيە پارلامېنتى – دۆلەت مەجلىسىنى ئامالسىز چاقىردى. شۇنداق قىلىپ فرانسىيە ئىنقىلابى باشلاندى.
ھىندىستان يېرىم ئارىلىمۇ ئەنگىلىيە دۆلىتى تەرىپىدىن ئەمەس، بەلكى ئەنگىلىيە شەرقىي ھىندىستان شىركىتىنىڭ ئىجارە قوشۇنى تەرىپىدىن بويسۇندۇرۇلغانىدى. بۇ شىركەت VOC دىنمۇ ئۈستۈن كەلدى. ئۇ لوندوننىڭ لېدېنھال كوچىسىدىكى باش شىتابىدا تۇرۇپ، كۈچلۈك ھىندىستان ئىمپېرىيەسىنى تەخمىنەن بىر ئەسىر باشقۇردى؛ 350 مىڭ كىشىلىك چوڭ ھەربىي كۈچنى ساقلاپ، ئەنگىلىيە پادىشاھلىقىنىڭ قوراللىق كۈچلىرىدىن خېلىلا ئېشىپ كەتتى. پەقەت 1858-يىلىغا كەلگەندە، ئەنگىلىيە پادىشاھى ھىندىستاننى شىركەتنىڭ خۇسۇسىي قوشۇنى بىلەن قوشۇپ دۆلەتلەشتۈردى. ناپولېئون ئەنگىلىيەلىكلەرنى مەسخىرە قىلىپ، دۇكاندارلار مىللىتى دەپ ئاتىغان. ئەمما بۇ دۇكاندارلار ناپولېئوننىڭ ئۆزىنى مەغلۇپ قىلدى ۋە ئۇلارنىڭ ئىمپېرىيەسى دۇنيا تارىخىدىكى ئەڭ چوڭ ئىمپېرىيە بولۇپ قالدى.
كاپىتال نامىدا
گوللاندىيە پادىشاھلىقىنىڭ ھىندونېزىيەنى (1800)، ئەنگىلىيە پادىشاھلىقىنىڭ ھىندىستاننى (1858) دۆلەتلەشتۈرۈشى كاپىتالىزم بىلەن ئىمپېرىيەنىڭ بىرلىشىشىنى ئاخىرلاشتۇرمىدى. ئەكسىچە، 19-ئەسىردە بۇ مۇناسىۋەت تېخىمۇ كۈچەيدى. ھەسسىدارلىق شىركەتلىرىنىڭ خۇسۇسىي مۇستەملىكىلەرنى قۇرۇش ۋە باشقۇرۇش زۆرۈرىيىتى قالمىدى؛ ئۇلارنىڭ باشقۇرغۇچىلىرى ۋە چوڭ ھەسسىدارلىرى لوندون، ئامستېردام ۋە پارىژدا ھوقۇقنى ئۆز قولىدا ئوينىتىپ تۇراتتى ھەمدە دۆلەتنىڭ ئۇلارنىڭ مەنپەئەتىنى قوغدىشىغا ئىشىنەتتى. ماركس ۋە باشقا ئىجتىمائىي تەنقىدچىلەر كىنايە قىلغاندەك، غەرب ھۆكۈمەتلىرى كاپىتالىستلارنىڭ چۆپقەتداشلىرىغا ئايلىنىپ قالغانىدى.
ھۆكۈمەتلەرنىڭ چوڭ كاپىتالنى قانداق دوغا تىككەنلىكىنىڭ ئەڭ داڭلىق مىسالى ئەنگىلىيە بىلەن خىتاي ئوتتۇرىسىدىكى بىرىنچى ئەپيۇن ئۇرۇشى (1840-1842) ئىدى. 19-ئەسىرنىڭ بىرىنچى يېرىمىدا، ئەنگىلىيە شەرقىي ھىندىستان شىركىتى ۋە نۇرغۇن ئەنگىلىيەلىك تىجارەتچىلەر خىتايغا زەھەرلىك چېكىملىك، بولۇپمۇ ئەپيۇن ئېكسپورت قىلىپ بايلىق توپلىدى. مىليونلىغان خىتايلار چېكىملىككە خۇمار بولدى، چىڭ سۇلالىسى ئىقتىسادىي ۋە ئىجتىمائىي جەھەتتىن ئاجىزلاشتى. 1830-يىللارنىڭ ئاخىرىدا چىڭ سۇلالىسى زەھەرلىك چېكىملىك سودىسىغا چەكلىمە قويدى، ئەمما ئەنگىلىيەلىك زەھەرلىك چېكىملىك سودىگەرلىرى قانۇنغا پىسەنت قىلمىدى. چىڭ سۇلالىسى زەھەرلىك چېكىملىك يۈكلىرىنى مۇسادىرە قىلىپ يوق قىلىشقا باشلىدى. زەھەرلىك چېكىملىك ئەتكەسچىلىرىنىڭ ۋېستمىنستېر ۋە دوۋنىڭ كوچىسى بىلەن يېقىن مۇناسىۋىتى بار ئىدى، نۇرغۇن پارلامېنت ئەزالىرى ۋە كابىنېت مىنىستىرلىرىدا زەھەرلىك چېكىملىك شىركەتلىرىنىڭ پاي چېكى بار ئىدى، شۇڭا ئۇلار ھۆكۈمەتكە بېسىم ئىشلەتتى.
فرانسىيەنىڭ دېڭىز ئارقىلىق قۇرغان ئىمپېرىيەسى يىمىرىلىۋاتقاندا، ئەنگىلىيە ئىمپېرىيەسى تېز سۈرئەتتە كېڭەيدى. گوللاندىيە ئىمپېرىيەسىگە ئوخشاش، ئەنگىلىيە ئىمپېرىيەسىمۇ لوندون پاي بازىرىغا ئاساسلانغان خۇسۇسىي ھەسسىدارلىق شىركەتلىرى تەرىپىدىن قۇرۇلغان ۋە باشقۇرۇلۇپ كەلگەنىدى. شىمالىي ئامېرىكىدىكى تۇنجى ئەنگلىيە مۇستەملىكىلىرى 17-ئەسىرنىڭ باشلىرىدا لوندون شىركىتى، پلىموس شىركىتى، دورچېستېر شىركىتى ۋە ماسساچۇسېتس شىركىتى قاتارلىق ھەسسىدارلىق شىركەتلىرى تەرىپىدىن قۇرۇلغانىدى.

1840-يىلى ئەنگىلىيە «ئەركىن سودا» نامىدا چىڭ سۇلالىسىغا ئۇرۇش ئېلان قىلدى. بۇ ئاسان غەلىبە بولدى. ھەددىدىن زىيادە ئىشەنچكە تولغان خىتايلار ئەنگىلىيەنىڭ پاراخوت، ئېغىر زەمبىرەك، راكېتا ۋە تېز ئوق چىقىرىدىغان قوراللىرىغا تەڭ كېلەلمىدى. كېيىنكى تىنچلىق شەرتنامىسىدە، چىڭ سۇلالىسى ئەنگىلىيەلىك زەھەرلىك چېكىملىك سودىگەرلىرىنىڭ پائالىيەتلىرىنى چەكلىمەسلىككە ۋە خىتاي چېرىكلىرى كەلتۈرگەن زىيانلارنى تۆلەپ بېرىشكە ماقۇل بولدى. ئەنگىلىيە يەنە شياڭگاڭنىڭ كونتروللۇقىنى تەلەپ قىلىپ قولغا كىرگۈزۈۋالدى ۋە ئۇنى زەھەرلىك چېكىملىك سودىسىنىڭ بىخەتەر بازىسى قىلدى (شياڭگاڭ 1997-يىلغىچە ئەنگىلىيەنىڭ قولىدا قالدى). 19-ئەسىرنىڭ ئاخىرىدا، خىتاي نوپۇسىنىڭ ئوندىن بىرى، يەنى 40 مىليون كىشى ئەپيۇنغا خۇمار بولۇپ قالغانىدى.
مىسىرمۇ ئەنگىلىيە كاپىتالىزمىنىڭ كۈچىگە ھۆرمەت قىلىشنى ئۆگەندى. 19-ئەسىردە، فرانسىيە ۋە ئەنگىلىيە مەبلەغچىلىرى سۇۋەيش قانىلى قۇرۇلۇشىنى، كېيىن ئانچە مۇۋەپپەقىيەتلىك بولمىغان تۈرلەرنى مەبلەغ بىلەن تەمىنلەش ئۈچۈن مىسىر ھۆكۈمرانلىرىغا زور مىقداردا قەرز بەردى. مىسىرنىڭ قەرزى كۆپىيىپ، ياۋروپالىق قەرز بەرگۈچىلەر مىسىرنىڭ ئىشلىرىغا بارغانسېرى كۆپ ئارىلاشتى. 1881-يىلى مىسىر مىللەتچىلىرى بۇنىڭغا چىدىيالماي قوزغىلاڭ كۆتۈردى. ئۇلار بارلىق چەتئەل قەرزلىرىنى ئۆز ئالدىغا بىكار قىلغانلىقىنى جاكارلىدى. ئەنگىلىيە ئايال پادىشاھى ۋىكتورىيە بۇنىڭدىن خاپا بولدى. بىر يىلدىن كېيىن ئۇ ئارمىيە ۋە دېڭىز ئارمىيەسىنى نىل دەرياسىغا ئەۋەتتى. شۇنىڭ بىلەن مىسىر ئىككىنچى دۇنيا ئۇرۇشى ئاخىرلاشقىچە ئەنگىلىيەنىڭ ھىمايىسىدە قالدى.
مەبلەغچىلەرنىڭ مەنپەئەتى ئۈچۈن قىلىنغان ئۇرۇشلار پەقەت يۇقىرىقىلار بىلەن چەكلەنگەن ئەمەس. ئەمەلىيەتتە، ئۇرۇشنىڭ ئۆزىمۇ خۇددى ئەپيۇنغا ئوخشاش بىر تىجارەت مېلىغا ئايلىنىپ قالغانىدى. 1821-يىلى گرېكلار ئوسمان ئىمپېرىيەسىگە قارشى قوزغىلاڭ كۆتۈردى. بۇ قوزغىلاڭ ئەنگىلىيەدىكى لىبېرال ۋە خىيالپەرەس ئىنسانلاردا چوڭ ھېسداشلىق قوزغىدى – شائىر لورد بايرون ھەتتا قوزغىلاڭچىلار بىلەن بىللە جەڭ قىلىش ئۈچۈن گرېتسىيەگە باردى. ئەمما لوندون زەردارلىرى بۇنىڭدىن بىر پۇرسەت كۆردى. ئۇلار قوزغىلاڭ رەھبەرلىرىگە لوندون پاي بازىرىدا سودىلىشىشقا بولىدىغان گرېك قوزغىلىڭى زايوملىرىنى چىقىرىش تەكلىپى بەردى. گرېكلار مۇستەقىللىق قازانغاندا قەرزنى ئۆسۈمى بىلەن قايتۇرۇشقا ۋەدە بەردى. خۇسۇسىي مەبلەغچىلەر پايدا ئېلىش ئۈچۈن، گرېك دەۋاسىغا ھېسداشلىق قىلىش ئۈچۈن، ياكى ھەر ئىككىلىسى ئۈچۈن زايوم سېتىۋالدى. گرېك قوزغىلىڭى زايوملىرىنىڭ قىممىتى لوندون پاي بازىرىدا گرېك جەڭ مەيدانلىرىدىكى غەلىبە ۋە مەغلۇبىيەتلەرگە ئەگىشىپ ئۆرلەپ-چۈشۈپ تۇردى. تۈركلەر ئاستا-ئاستا ئۈستۈنلۈكنى ئىگىلىدى. قوزغىلاڭچىلارنىڭ مەغلۇبىيىتى مۇقەررەر بولغاندا، زايوم ئىگىلىرى زور زىيان تارتىش خەۋپىگە دۇچ كەلدى. زايوم ئىگىلىرىنىڭ مەنپەئەتى دۆلەت مەنپەئەتى بولغاچقا، ئەنگىلىيە 1827-يىلى ناۋارىنو جېڭىدە ئوسمانلى دېڭىز ئارمىيەسىنىڭ ئاساسىي قىسمىنى غەرق قىلغان خەلقئارالىق دېڭىز ئارمىيەسىنى تەشكىللىدى. نەچچە ئەسىرلىك بويسۇندۇرۇلۇشتىن كېيىن، گرېتسىيە ئاخىرى ئەركىنلىككە ئېرىشتى. ئەمما ئەركىنلىك يېڭى دۆلەتنىڭ قايتۇرۇش ئىمكانىيىتى بولمىغان زور قەرزى بىلەن بىللە كەلدى. گرېتسىيە ئىقتىسادى كېيىنكى ئون يىللار جەريانىدا ئەنگىلىيەلىك قەرز بەرگۈچىلەرگە گۆرۈگە قويۇلدى.

Leave a Reply