• ئىمام غەززالى كىم؟

    ئىمام غەززالى كىم؟

    ئالدى بىلەن غەززالى كىم، نېمىشقا تۈركلەر دۇنياسىدا مەشھۇر بولغان، بۇنىڭغا قاراپ باقايلى. ھۇججەتۇل ئىسلام ۋە زەينۇددىن (دىننىڭ زىننىتى) دېگەن لەقەپلىرى بىلەن خاتىرىلىنىپ كېلىۋاتقان غەززالى پەلسەپەگە ھۇجۇم قىلغان بىر پەيلاسوپتۇر. ئاجايىپ ھە، ئىشقىپ بۈيۈك ئالىم بولۇپ دۇنيادىن ئۆتكەن. غەززالىنىڭ 500 گە يېقىن كىتاب يازغانلىقى رىۋايەت قىلىنىدۇ. بۈگۈنگىچە يېتىپ كەلگەنلىرى 75 كىتاب ئەتراپىدا. ئۇ سەلچۇقلار دەۋرىدە تەلىم Read more

  • ھاياتلىق ۋە ئۆلۈم سەپىرى

    ھاياتلىق ۋە ئۆلۈم سەپىرى

    80 ياشتىن ئاشقان بىر بوۋاينى ئامېرىكا تۇپرىقىغا كۆمدۇق. مەرھۇمنىڭ ھايات ۋاقتىدىكى دىدارىنى كۆرمەي ئۆلۈم چىرايىنى كۆرگەندە بۇ ھاياتنىڭ نەقەدەر قىسقا ئىكەنلىكىنى قايتا ھېس قىلدىم.    ئىمام قەبرە بېشىدا تەبلىغ قىلدى: «ئۆلۈم بىلەن ھاياتلىق يولنىڭ ئىككى تەرىپىگە ئوخشايدۇ، ئەجەل ئۇنىڭ دەل كېسىشىش نۇقتىسىدۇر. بىز بۇ يولدا ئالدىراش مېڭىۋاتقاندا يولنىڭ ھەر ئىككى تەرىپىگە قارىشىمىز كېرەك. دۇنيا مالى ئادەمنى Read more

  • پۇل دېگەن نەرسە

    پۇل دېگەن نەرسە

    ئادەم ئۆزىگە مەھكۇم، بىمەنىلىك ئىچىدىن مەنە ئىزدەيمىز. پەيلاسوپلار ئىنساننىڭ بۇ دۇنيادىكى تىركىشىشلىرىنى  قورام تاشنى يۆلەپ تاغنىڭ چوققىسىغا ئەچىقىشقا كۈچەۋاتقان، ئەمما  پەسكە دومىلاپ كەتكەن تاشنى يەنە تاغنىڭ ئۈستىگە ئەچىقىشقا ئۇرۇنۇۋاتقان، ئۆمۈر بويى شۇنداق قىلىدىغان بىر ئادەمنىڭ ھەرىكىتىگە ئوخشاتقان. بۇ ئادەم ھارماي-تالمايدۇ، بۇ ئىشىنى ئەخمەقلىق دەپ ئويلىمايدۇ  ۋە تەرىنى سۈرتىۋېتىپ كۈلۈمسىرەيدۇ. ئىنسانلار بۇ دۇنيانى گۈللەندۈرۈپ كەشىپ قىلغان Read more

  • چۈشكۈنلۈك ھەققىدە

    چۈشكۈنلۈك ھەققىدە

      Tim Parks نېمىشقا بىز تولىمۇ چۈشكۈن يازغۇچىلارنىڭ ئەسەرلىرىنى ئوقۇيمىز؟ كۈندىلىك مەنىسىز ھاياتىمىزدا ئۇلارنىڭ قىلىۋاتقان ئىشىنى قانداق چۈشىنىمىز؟ مەن دەۋاتقان ئۈمىدسىزلىك قانداقتۇر بىرەر پرېزىدېنتنى سايلىغاندىن كېيىنكى ئۈمىدسىزلىك، ياكى دۇنيادىكى ئاچارچىلىق ۋە يەر شارىنىڭ ئسسىپ كېتىشى بىلەن ھېچكىمنىڭ كارى بولماسلىقىدىن كېيىنكى  ئۈمىدسىزلىك ۋە چۈشكۈنلۈك ئەمەس، بەلكى كېيىنكى ۋاقىتلاردا ئىتالىيەدە «ئالەمچە ئۈمىدسىزلىك» دەپ ئاتالغان چۈشكۈنلۈكتۇر.  بۇ ئىبارە Read more

  • ئىنسانلارنىڭ ھەرىكىتىگە تەسىر كۆرسىتىدىغان تۆت ئىستەك

    ئىنسانلارنىڭ ھەرىكىتىگە تەسىر كۆرسىتىدىغان تۆت ئىستەك

    Maria Popova بېرتراند رۇسسېل (1872–1970) داڭلىق مۇتەپەككۇر، يازغۇچى بولۇپ، 1950-يىل نوبېل ئەدەبىيات مۇكاپاتىغا ئېرىشكەن. ئۇ بەختلىك ھاياتنىڭ نېمىلىكىنى، مۇھەببەت، جىنسىيەت، ئەخلاقنىڭ بەختنىڭ ئاساسى ئىكەنلىكىنى ئوتتۇرىغا قويغان. «ئىنسانلارنىڭ بارلىق ھەرىكىتىنى ئۇنىڭ نەپسى باشلاپ ماڭىدۇ.  بۇ يەردە بەزى سەمىمىي ئەخلاقشۇناسلار تەرغىپ قىلىدىغان، ئەخلاققا ۋە ساۋاب قازىنىشقا پايدىلىق بولغان ، ئەمما نەپسانىيەتنى چەكلەيدىغان بىمەنە نەزەرىيەلەر بار. مەن ئۇنى Read more

  • يازغۇچى، پەيلاسوپلارنىڭ مۇزىكا ھەققىدە ئېيتقانلىرى

    يازغۇچى، پەيلاسوپلارنىڭ مۇزىكا ھەققىدە ئېيتقانلىرى

    Maria Popova مۇزىكا بىزنىڭ ۋاقىت ئۆتكۈزىدىغان ئەڭ ياخشى ۋاسىتىمىزدۇر. مۇزىكا روھىمىزدىكى تەۋرىنىشنىڭ ئاۋازىدۇر. پىسخولوگلار باشقا ھەرىكەتكە قارىغاندا مۇزىكا چېلىشنىڭ  مېڭىگە تېخىمۇ پايدىلىق ئىكەنلىكىنى، مۇزىكا ئاڭلاشنىڭ مېڭىنى ئارام ئالدۇرىدىغانلىقى ۋە كۆڭۈلنى شادلاندۇرىدىغانلىقىنى بايقىدى. ۋاھالەنكى، ئۇنىڭدىنمۇ مۇھىم بولغىنى مۇزىكا ئىنسان روھىنىڭ ماددىي دۇنيادىن ھالقىغان ساداسى ۋە ئىنسانىيلىقنىڭ يۈكسەك سەنئەت شەكلىدە ئىپادىلىنىشىدۇر. تۆۋەندە ئۇلۇغ يازغۇچىلار ۋە پەيلاسوپلار مۇزىكا Read more