-

سەنئەتكە بولغان ئۆچمەنلىك ۋە ئۆزىگە بولغان دۈشمەنلىك
بىر يىلى ياۋروپا ئۇيغۇر ئانسامبىلى قۇرۇلغانلىقى مۇناسىۋىتى بىلەن ئۆتكۈزۈلگەن خەير-ساخاۋەت پائالىيىتىدىن ئاۋۋال بىر مۇنچە جەڭگى جېدەللەر بولدى . بۇ پائالىيەتنى ئۆتكۈزۈشكە تۇيۇقسىز قارشى چىقىپ، نەپرەت ۋە ئۆچمەنلىك ئوتىنى ئۇلغايتقانلار «قەلبى ئىمان نۇرى بىلەن نۇرلانغان، كۆزى ھەقىقەتتىن باشقىنى كۆرمەيدىغانلار» بولۇپ، ئۇلار ئۈچۈن ھەقىقەتنى ئاڭلىتىشنىڭ بىرلا ئۇسۇلى نامايىشتا شوئار توۋلاشمىش، «ئۇيغۇرغا ھۆرلۈك، زالىملار ئۈچۈن ياشىسۇن جەھەننەم!» دېگەندەك Read more
-

زاماننىڭ ئېقىشى، ئاپەتنىڭ كېلىشى
ھەممە نېمە، ھەتتا غەملەرمۇ كونىرايدىكەن؛ ھېلى بولغان ئىش ھېلى يوقايدىكەن، بايا بولغان ئىش قايتا تەكرارلانمايدىكەن، كەچمىشنىڭ ئەينەن قايتىلىنىشى مۇمكىن ئەمەسكەن ، شۇڭا ”بۇمۇ ئۆتۈپ كېتىدۇ“ دەپ ياشايدىكەنمىز ۋە ھامان ئالغا قاراپ ماڭىدىكەنمىز، ئۆلۈم ئالدىمىزدا،ئۆلۈم پۈتۈن سۈرۈك بىر ئادەمنى ۋە ئۇنىڭ پۈتۈن ھاياتىنى بۇ دۇنيادىن تارتىپ چىقىرىدىكەن، سوغۇق ھاۋا ئۆيدىكى ئىسسىق ھاۋانى قوغلاپ چىقىرىدىكەن، كۈندۈز كېچىنى Read more
-

ھاياتنىڭ دەردى ۋە ئىشقنىڭ قەدرى
ئون ئۈچ يىل بۇرۇن، بېيجىڭدىكى مىللەتلەر نەشرىياتىدىن بىر تۈركچە كىتاب تاپشۇرۇۋالدىم. ئاپتورى ئەلىف شەفەق، كىتابنىڭ ئىسمى «ئىشق». كىتاب ماۋزۇسىغا قاراپلا بۇ ئىشق-مۇھەببەت ھەققىدىكى رومان بولسا كېرەك دەپ ئويلىدىم. نەشرىياتتىكىلەرنىڭ ئېيتىشىچە، بۇ رومان 2010-يىل تۈركىيەدە داڭ چىقىرىۋەتكەن ئەسەر بولۇپ، تۈركىيەنىڭ شۇ ۋاقىتتىكى جۇمھۇر رەئىسى ئابدۇللاھ گۈلنىڭ تەقدىرلىشىگە ئېرىشكەنىكەن. تۈركىيەدىكى زىيالىيلىرىمىزدىن بىرسى بۇنى ئۇيغۇرچىغا تەرجىمە قىلىپ نەشىر Read more
-

مۇھەببەتنى قانداق يېزىش كېرەك؟
(ئوبزور)غالىپ مۇھەممەد قارلۇق مۇھەببەت ئۇلۇغ ۋە ئۆلمەس تېما. ئۇ دۇنيا ئەدەبىياتىنىڭ مەڭگۈلۈك ئۈچ چوڭ تېمىسىنىڭ بىرى، دەپ قارىلىدۇ. بىز مۇھەببەتتىن تۆرەلدۇق، مۇھەببەت ئارقىلىق ئاۋۇپ بۈگۈنگىچە كەلدۇق، مۇھەببەت ئارقىلىق يەنە «ئەسلىمىز»گە قايتىمىز. قەدىمدىن ھازىرغىچە، جۇڭگودىن چەتئەللەرگىچە مۇھەببەت تېمىسىدا قەلەم تەۋرىتىپ باقمىغان يازغۇچى، شائىر بولمىسا كېرەك. مۇھەببەت ھەم كونا تېما، ھەم يېڭى تېما. «چىڭگىزخان» فىلىمىدە تۆمۈرچىننىڭ بۆرتەگە Read more
-

ۋالتېرنىڭ سۆزلىرى
پۇلغا كەلگەندە، ھەممە ئادەم دىنىي قېرىنداش ياۋروپا ئاقارتىش ھەرىكىتىنىڭ ۋەكىللىرىدىن بىرى، فرانسىيەلىك يازغۇچى، تارىخچى ۋە پەيلاسوپ ۋالتېر (1694-1778) ئۇنتۇلغۇسىز پىكىرلىرى ۋە بۇلارنى ئىپادىلەش قابىلىيىتى بىلەن داڭ قازانغان شەخستۇر. ئۇ ئۆمۈر بويى مۇتئەسسىپلىك ۋە زوراۋانلىق بىلەن ئېلىشقان. ئۇنىڭ زامانداشلىرىدىن ئېشىپ چۈشكەن ئەقلى ۋە ئۆتكۈر تەنقىدىي پىكىرلىرى ياۋروپانىڭ تەرەققىياتىغا تەسىر كۆرسەتكەن. تۆۋەندە ئۇنىڭ تۈنۈگۈن ۋە بۈگۈن ئۈچۈن Read more
-

دۇنيا جەھەننىمىدە جەننەت بەرپا قىلىش
مال-دۇنياغا باغلىنىپ، مەنىۋىيەت باغچىسىنى قۇرۇتۇپ قويغان ئەخمەقلەرنىڭ سېپىگە قېتىلدىم. ئەمما بۇ جەمئىيەت مەنىۋىيەنى پۇلغا باغلاپ قويدى. روھىمىزدىكى جەننەت باغچىسىنى ياۋا ئوت-چۆپلەر قاپلاپ كەتتى. ئاچكۆز «چوشقىلار» ئەتراپتا خىرىس قىلىۋاتقاندا ئۆزىمىزنى قوغداش، باغچىمىزنى قوغداش ئۈچۈن ئادەمدەك كۈرەش قىلايلى دېدۇق. ئەمما نەپسىمىز بىزنى چوشقىلارغا ھەۋەس قىلىش، ھەتتا ئۇلارنى دوراشقا ئۈندىمەكتە. قىستاپ كەلگەن ماددىي ئېھتىياج بىزنى «چوشقا» قىلالماي Read more

