-

قىيامەتلىك كېسەل (پوۋېست)
غوجامنىياز ئاخۇن: مۇشۇ كۈنلەردە ماڭا مەسچىت بىلەن مازارلىقتىن بۆلەك ھېچنەرسە قەدىناس كۆرۈنمەيدۇ، ئۆلۈمنىلا ياد ئېتىمەن. تېنىم ئاجىز، ئۇزۇن يول ماڭالمايمەن، كۆزۈم بىر نەرسىلەرنى غۇۋا كۆرىدۇ. كىيىملىرىم كونا، يۇيۇقسىز. ھاشىيخان باقىغا كەتكەندىن كېيىن ئۇنىڭ قەدرى يامان ئۆتۈلۈشكە باشلىدى. ئۇنى ئاز دەپ ئوغلۇم خوتۇنىنى قويۇۋېتىپ، ئوتتۇز كەپتەر ئېلىپ، شۇنى بېقىپ، ئۆگزىدە ئۇنىڭ تاماشاسىنى كۆرۈپ ھاڭۋېقىپ يۈرۈيدۇ. بىر… Read more
-

بەدئىيلىك بىلەن سىياسىيلىقنىڭ مۇناسىۋىتى
[color=Black] بەدئىيلىك ئەدەبىياتنىڭ، جۈملىدىن ئەدەبىي ئىجادىيەتنىڭ سەنئەت قانۇنىيىتىدۇر. سىياسىيلىق دېگىنىمىز ھاكىمىيەت ئىشىدۇر، مۇنداقچە ئېيتقاندا”سىياسەت كۆپچىلىكنىڭ ئىشىدۇر“(دېڭ شياۋپىڭ). دۆلەت سىياسىتى كۆپچىلىكنىڭ ئىشى، ھەم كۆپچىلىك ئىنتايىن كۆڭۈل بۆلىدىغان ئىش بولغانىكەن، كۆپچىلىكنىڭ تۇرمۇشىنى يازىدىغان ۋە شۇ تۇرمۇشنى ھەر خىل ئىجتىمائىي نۇقتىدىن ئەكس ئەتتۈرىدىغان ئەدەبىي ئىجادىيەت ئۇسۇلىمۇ سىياسىيلىقتىن ئايرىلىپ كېتەلمەيدۇ، ئاپتور مەيلى مودېرنىزىملىق ياكى رېئالىزىملىق ئىجادىيەت ئۇسۇلىدا ئەسەر يازسۇن،… Read more
-

باش مۇھەررىر بىلەن تاكاللىشىش (ھېكايە)
ئىزدىگەندىكىن چوڭىنى ئىزدەي دەپ, باش مۇھەررىرنىڭ ئىشىكىنى چەكتىم. __ ھە كىرىڭ… ئىشىك ئوچۇق. قارىغاندا سۈرى يوق، مۇلايىم ئادەم بولسا كېرەك دەپ ئويلىدىم. مەن كىرىپ تۇرۇشۇمغا بىر قىزسىرتقا ماڭدى، مەن بايا بۇ قىزنىڭ «تۇرپان ئۈزۈملىرىنى تېتىپ باقامدىكىن, دەپ ئالغاچ كەلگەن…» دېگەن گەپلىرىنى ئىشىكنىڭ كەينىدە تۇرۇپ ئاڭلاپ قالغانىدىم، بۇ قىز مېنى ئاڭلىمىدى دەپ ئويلىدى، چىرايىمغا قاراپمۇ باقمىدى،… Read more
-

ئۆز ھالىم، ئەدەبىي ھاياتىم، دەردىم
مەتبۇئاتلاردا ئانچە-مۇنچە چېلىقىپ قالىدىغان ئىسمىم ئەنۋەر مۇھەممەد، كېيىن ھەج قىلغاندىن كېيىن ئۆزەمنى ئەنۋەر ھاجى مۇھەممەد دەپ ئاتاشقا باشلىدىم، بۇنىڭدا ئاتا-بالىنىڭ ھەر ئىككىسىنىڭ ھاجى ئىكەنلىكى ئىپادىلىنىدىكەن، شۇنداقلا باشقا ئەنۋەر مۇھەممەد ئىسىملىك ئاپتورلاردىن پەرقلىنىدىكەنمەن. تەخەللۇس قوللانمىغاندىكىن، بۇمۇ بولغىدەك دەپ ئويلىدىم، ئەمما مەتبۇئاتلار بەزىدە ئەنۋەر مۇھەممەد، بەزىدە ئەنۋەر ھاجى مۇھەممەد دەپ كەلمەكتە. بۇنىڭغىمۇ مەيلى دېدىم. تورلاردا ئىزچىل،… Read more
-

ئۆلىۋېلىش ئويۇنى (ھېكايە)
[color=Black]نۇرەك ئۆگزىگە چىقىۋېلىپ كۆكتە ئۇچۇۋاتقان كەپتەرلەرگە مەپتۇن بولۇپ قاراپ قالغانىدى. موللاقچى كەپتەرلەرنىڭ ئويۇنى ئۇنى شۇنچىلىك جەلپ قىلىۋالغان ئىدىكى، ئاپىسىنىڭ پەستە تۇرۇپ توۋلىغىنىنى پەقەت ئاڭلمىدى. − ھەي… ھاڭۋاقتى…ھېلى ئۆگزىدىن يىقىلىپ چۈشەرسەن! نۇرەك ئاپىسىنى ئۇنتۇپ كەتتى. بەلكى ئۇنىڭ چىقىراق ئاۋازىنى ئاڭلاشنى خالىمىدى. ئۇ بەرىبىر ئۈستىدە، ئاپىسى پەستە ئىدى. − ھېلى كەپتەرگە تويىسەن… چۈشۈپ كالىغا ھەلەپ ئەت دەيمەن!… Read more
-

تالىپ بىلەن راھىپ (ھېكايە)
ﺑﯧﻴﺠﯩﯖﺪﺍ ﻓﺎﻳﯜەﻧﺴﻰ ﺩﻩﻳﺪﯨﻐﺎﻥ ﺑﯩﺮ ﻳﻪﺭﻟﻪﺭ ﺑﺎﺭ. ﻧﻴﯘﺟﯥ ﻛﻮﭼﯩﺴﯩﻐﺎ ﻳﯧﻘﯩﻦ ﺑﯘ ﻳﻪﺭﺩﻩ ﺑﯩﺮ ﺑﯘﺩﺩﺍ ﻣﻪﻛﺘﯩﭙﻰ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺋﯩﺴﻼﻡ ﺋﯩﻨﺴﺘﯩﺘﯘﺗﻰ ﻗﻮﺷﻨﺎ ﺋﯩﺪﻯ. ﺭﺍﻫﯩﺒﻼﺭ ﻫﻪﺭ ﻛﯜﻧﻰ ﻛﯧﺘﯩﯟﯦﺘﯩﭗ ﺋﯩﺴﻼﻡ ﺋﯩﻨﺴﺘﯩﺘﯘﺗﻰ ﻗﻮﺭﯗﺳﯩﺪﯨﻜﻰ ﺧﯘﻳﺰﯗ ﺗﺎﻟﯩﭙﻼﺭﻧﯩﯔ ﺋﯜﻧﻠﯜﻙ ﻗﯘﺭﺍﻥ ﺋﻮﻗﯘﺷﻠﯩﺮﻯ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﺋﻪﺯﺍﻥ ﺗﻮﯞﻻﺷﻠﯩﺮﯨﻨﻰ ﺋﺎﯕﻼﭖ ﻗﺎﻻﺗﺘﻰ، ﻫﯧﭽﻨﯧﻤﯩﻨﻰ ﺋﺎﯕﻠﯩﻤﯩﻐﺎﻧﺪﻩﻙ ﺑﯩﺨﺎﺭﺍﻣﺎﻥ ﻫﺎﻟﺪﺍ ﺷﻴﺎﯞﻟﯩﻨﺪﻩﻙ ﭼﺎﻗﻘﺎﻥ ﭘﯘﺗﻠﯩﺮﯨﻨﻰ ﻳﯚﺗﻜﻪﭖ، ﻳﻮﻟﺪﺍ ﻳﯜﮔﯜﺭﮔﻪﻧﺪﻩﻙ ﻣﺎﯕﺎﺗﺘﻰ، ﻗﻮﻟﻠﯩﺮﯨﺪﺍ ﺋﺎﺩﻩﺗﺘﻪ ﻳﺎﻧﻔﻮﻥ ﺗﯘﺗﯘﯞﺍﻻﺗﺘﻰ، ﻗﯘﻻﻗﻠﯩﺮﯨﻐﺎ ﻳﺎﻗﺎﺗﺘﻰ، ﺑﻪﺯﯨﻠﯩﺮﻯ ﻣﻮﺩﺍ… Read more

