-

ئىدىيىۋى مەسىلە
تۈنۈگۈن بىر خەۋەر كۆرۈپ قالدىم، نەنجىڭ شەھەرلىك سوت مەھكىمىسى دوتسېنت ما شاۋخەي قاتارلىق 22 ئادەمنى «توپلىشىپ بۇزۇقچىلىق قىلىش جىنايىتى» بىلەن سوتلاپ، 3 يىل ئەتراپىدا قاماق جازاسىغا مەھكۇم قىلىپتۇ. 53 كە كىرىپ قالغان ما شاۋخەي نەنجىڭ شەھىرىدىكى مەلۇم سانائەت ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ دوتسېنتى بولۇپ، باشقىلىرى شۇ شەھەردىكى «خوتۇن ئالماشتۇرۇش كۇلۇبى»نىڭ ئەزالىرى ئىكەن. ئۇلار 2007-يىلى 7-ئايدىن 2009-يىلى 8-ئايغىچە توردا… Read more
-

بىر يىللىق نادامەت
بۇ بىلوگقا بىر يىل بولدى، بىر نەرسە يېزىپ خاتىرىلەپ قويۇشنى ئويلىدىم، ئەمما ئۇنىڭ نېمە ئەھمىيىتى بارلىقى ئۆزەمگىمۇ غۇۋا. بۇ خۇددى تۇغۇلغان كۈننى ئۆتكۈزگەننىڭ نېمە پايدىسى دېگەندەكلا گەپ. ئادەم بىر ئىشنى دوراپمۇ قىلىدۇ، قىلغىلى ئىش تاپالمايمۇ قىلىدۇ، بىرەر ئەھمىيەت، ئۈنۈم قوغلىشىپمۇ قىلىدۇ، بۈيۈك پىلان، غايە ئۈچۈنمۇ قىلىدۇ. مەن مۇھەببەتلىشىش ئۈچۈنلا مۇھەببەتلەشكەن ئەمەس؛ ئېھتىياج، ھەۋەسنى دەپ مۇھەببەتلەشكەن؛… Read more
-

قاغا بولۇپ قايتتى قارلىغاچ ھەققىدە
«شىنجاڭ مەدەنىيىتى» ژۇرنىلىنىڭ 2009-يىللىق 4-سانىدا ئېلان قىلىنغان بۇ ھېكايىنى ئوقۇپ چىقىپ ھەقىقەتەن زوقلاندىم. سازچى سازەندىنىڭ ماھارىتىدىن زوقلانغاندەك، ھەۋەسكارمۇ قەلىمى پىشقان يازغۇچىلارنىڭ تىلى ۋە ۋەقەلىك بايان قىلىش ماھارىتى، ئەسەرگە سىڭدۈرگەن ئىدىيە ۋە ھېسسىياتىدىن باشقىچە زوقلىنىدۇ. دېھقان دېھقاننىڭ دەردىنى، شائىر شائىرنىڭ ئىچ سىرىنى، مۇڭلىرىنى بەكرەك چۈشىنىدۇ؛ سۆزىنى ئاڭلاپ ئەمەس دىدارىغا قاراپلا بىر-بىرىنىڭ ھالىغا ۋاقىپ بولالايدىغان دىلكەشلەر ئارىمىزدا… Read more
-

ئەدەبىياتىمىز ۋە ياشلار
كەلگۈسىنى كۆرەلەيدىغان پېشقەدەم ئەدىبلەر ئۈمىدنى ياشلارغا باغلىغانىدى. زوردۇن سابىر مەركىزىي مىللەتلەر ئۇنىۋېرستېتىدىكى بىر قېتىملىق لېكسىيسىدە ئۇسلۇب ھەققىدە گەپ بولغاندا: ئەختەم ئۆمەرنىڭ ئۇسلۇبى بار، دەپ كېلىپ، مېنىڭ ئۇسلۇبۇم تېخى شەكىللىنىپ بولالمىدى دېگەنىدى. بىز ھەيران قالغانىدۇق، بۇ كىشى ساختا كەمتەرلىك قىلىۋاتامدۇ قانداق دەپ گۇمانلىنىپمۇ قالغانىدۇق. كېيىن ئويلساق، بۇ ئەدىپنىڭ ياشلارغا ئىشەنگىنى ئىكەن. «تارىم»جۇرنىلىدىكى پېشقەدەملەر ئەختەم ئۆمەرنى بەك… Read more
-

بەزى ئەسلىمىلەر (2)
ﺧﯩﻴﺎﻝ ﺳﻪﭘﯩﺮﻯ ﺧﻮﺗﻪﻧﮕﻪ ﻣﺎﯕﺪﯨﻢ. ﺑﯩﺮ ﺟﺎﻳﺪﯨﻦ ﻳﻪﻧﻪ ﺑﯩﺮ ﺟﺎﻳﻐﺎ ﻳﯚﺗﻜﯩﻠﯩﯟﺍﺗﻘﺎﻥ ﯞﯗﺟﯘﺩﯗﻡ ﮬﺎﻳﺎﺗﻠﯩﻘﻨﯩﯔ ﺷﺎﮬﻤﺎﺕ ﺗﺎﺧﺘﯩﺴﯩﺪﯨﻜﻰ ﭘﯧﭽﻜﯩﻐﺎ ﺋﻮﺧﺸﺎﻳﺘﺘﻰ. ﺭﻭﮬﯩﻢ ﻣﺎﮬﯩﻴﻪﺗﺘﻪ ﺑﯩﺮ ﺋﯩﺰﯨﺪﺍ ﺗﯘﺭﻣﺎﻳﺘﺘﻰ، ﭼﯜﻧﻜﻰ ﺋﯘﻧﯩﯔ ﺳﻪﻳﺮ ﻗﯩﻠﯩﺪﯨﻐﺎﻥ ﺩﺍﺋﯩﺮﯨﺴﻰ ﻣﺎﻛﺎﻥ، ﺯﺍﻣﺎﻥ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﭼﻪﻛﻠﻪﻧﻤﻪﻳﺪﯗ-ﺩﻩ، ﺭﻭﮬﯩﻤﯩﺰ ﺋﯚﺗﻤﯜﺷﻜﻪ ﻗﺎﻳﺘﯩﭗ ﺑﺎﺭﺍﻻﻳﺪﯗ، ﺋﻪﺳﻠﯩﻤﻪ ﻗﯧﺘﯩﻐﺎ ﺷﯘﯕﻐﯘﭖ ﺑﯩﺮ ﮬﺎﺯﺍ ﺋﺎﻳﻠﯩﻨﯩﯟﻩﺗﻜﻪﻧﺪﯨﻦ ﻛﯧﻴﯩﻦ ﮬﺎﺯﯨﺮﻏﺎ ﻗﺎﻳﺘﯩﭗ ﻛﯧﻠﯩﺪﯗ، ﺋﺎﻧﺪﯨﻦ ﻛﻪﻟﮕﯜﺳﯩﻨﻰ ﻣﯚﻟﭽﻪﺭﻟﻪﻳﺪﯗ ﯞﻩ ﺗﻪﺳﻪﯞﯞﯗﺭ ﻣﻪﻧﺰﯨﻠﻠﯩﺮﯨﮕﻪ ﻳﯚﺗﻜﯩﻠﯩﺪﯗ. ﻛﻪﻟﮕﯜﺳﯩﺪﯨﻦ ﻳﻪﻧﻪ ﺑﯩﺮﺍﻗﻼ ﺋﯚﺗﻤﯜﺷﻜﻪ… Read more
-

بلوگ ئىشقى
جېكنىڭ تور خاتىرىسىدىن 2008-يىلى ئۇيغۇرلاردا شەخسىي بلوگ قۇرۇش مودا بولدى دېگەن گەپنى كۆرۈپ مۇشۇ ھەقتە ئويلىنىپ قالدىم، ئۆتكەن يىلى بىر زات ھېكىمنىڭ خالىس كۆڭلى، دىلكەشلىكى، غەمخورلۇقى بىلەن مېنىڭمۇ بىر بلوگىم بولغان، ئۇنى ئېچىپ گويا بويتاقلىقتا ئايرىم ئۆيۈم بولغاندەك تۇيغۇغا كېلىپ خۇشال بولغانىدىم، كىممۇ ئۆزىنىڭ ئايرىم دۇنياسى، ئايرىم پائالىيەت سورۇنى، ئايرىم كارىۋىتى، ئايرىم يوتقىنى بولۇشىدىن سۆيۈنمىسۇن؟!… Read more

