بەدئىيلىك بىلەن سىياسىيلىقنىڭ مۇناسىۋىتى

[color=Black] بەدئىيلىك ئەدەبىياتنىڭ، جۈملىدىن ئەدەبىي ئىجادىيەتنىڭ سەنئەت قانۇنىيىتىدۇر. سىياسىيلىق دېگىنىمىز ھاكىمىيەت ئىشىدۇر، مۇنداقچە ئېيتقاندا”سىياسەت كۆپچىلىكنىڭ ئىشىدۇر“(دېڭ شياۋپىڭ). دۆلەت سىياسىتى كۆپچىلىكنىڭ ئىشى، ھەم كۆپچىلىك ئىنتايىن كۆڭۈل بۆلىدىغان ئىش بولغانىكەن، كۆپچىلىكنىڭ تۇرمۇشىنى يازىدىغان ۋە شۇ تۇرمۇشنى ھەر خىل ئىجتىمائىي نۇقتىدىن ئەكس ئەتتۈرىدىغان ئەدەبىي ئىجادىيەت ئۇسۇلىمۇ سىياسىيلىقتىن ئايرىلىپ كېتەلمەيدۇ، ئاپتور مەيلى مودېرنىزىملىق ياكى رېئالىزىملىق ئىجادىيەت ئۇسۇلىدا ئەسەر يازسۇن، ياكى ھەر قانداق ئىجادىيەت ئۇسۇلى ۋە ئۇ ئېقىم، بۇ ئېقىم بىلەن ھېسابلاشماي ئەسەر يازسۇن، ئۇنىڭ يازغانلىرى ئۇنىڭغا تونۇشلۇق تۇرمۇشقا، شۇ تۇرمۇشنىڭ تەپسىلاتىغا (شۇ ھاياتنىڭ مەنزىرىسىگە)، شۇ تۇرمۇشنىڭ نېگىزلىك تەرەپلىرىگە ئازدۇر-كۆپتۈر باغلانغان بولىدۇ. بىزنىڭ بۇ دەۋردىكى تۇرمۇشىمىزنى گويا بىر ئادەمنىڭ بىر پۈتۈن ئۇستىخىنى دېسەك، سىياسىيلىقنى شۇ ئۇستىخاننىڭ تەركىۋىدىكى كالتىسىي ماددىسى دېيىشكە بولىدۇ.
ئەدەبىي ئىجادىيەتنى سىياسىيلىقدىن چەتلەشتۈرۈش ياكى ئايرىۋېتىش خاھىشى تارىختا ئۆتكەن ئەدىبلەردە بولغان، مودېرنىزىمچىلاردىن بەزىلەر ئۇ خاھىشنى ئەۋجىگە كۆتۈرۈپ”سەنئەت ئۈچۈن سەنئەت“ دەپ جار سالغان. غەرب ئەللىرىدە ھازىرمۇ شۇ خاھىشنىڭ مەۋجۇتلۇقى مەلۇم، ئەمما ئومۇميۈزلۈك دەۋر سۈرەلمەيۋاتقانلىقى ئېنىق. ئەدەبىياتنى سىياسىيلىقتىن ئايرىۋېتىمەن دېيىش لۈشۈننىڭ سۆزى بويىچە ئېيتقاندا،”ئاسمانغا چىقىمەن دەپ ئۆزىنىڭ چېچىنى ئۆزى تارتقانغا ئوخشاش “تۇر. ئەمما بىز بۇ يەردە دەۋاتقان سىياسىيلىق ۋە ئۇنىڭ تەسىرى ئاستىدىكى تۇرمۇشنى نوقۇل سىياسەت، يەنى پارتىيە ھۆكۈمەتنىڭ فاڭجېن-سىياسەتلىرى ۋە سىياسىي تۇرمۇش دەپ يۈزەكى چۈشىنىۋالىدىغانلارمۇ يوق ئەمەس. سىياسىيلىق بىر ئىدىئولوگىيە ۋە بىر ئىجتىمائىي ھادىسە بولۇپ، ئۇقۇم دائىرىسى كەڭ، ئادەملەرنىڭ تۇرمۇشىغا مۇناسىۋەتلىك تەرەپلىرى كۆپ بولىدۇ. شۇڭا ئۇ ئاڭ، ھېسسىيات پائالىيىتى بولغان ئەدەبىي ئىجادىيەتكىمۇ مۇئەييەن تەسىر كۆرسىتىدۇ. ئەمدى سىياسەت دېگىنىمىز دۆلەتنىڭ ۋە شۇ دۆلەت پۇقرالىرىنىڭ ھوقۇق-مەنپەئەتىگە مۇناسىۋەتلىك كونكرېت، سىياسەت بەلگىلىمىلەر، قانۇن-تۈزۈملەر بولۇپ، يەرلىك خاراكتېرى كۈچلۈك، كۆپ خىل بولىدۇ؛ ئۇنىڭ ئەدەبىياتنى(ئەدەبىيات-سەنئەتنى) جۈملىدىن ئەدەبىي ئىجادىيەتنى كونكرېت سىياسەت تۈزۈم بىلەن باشقۇرۇش خاراكتېرى ۋە ۋەزىپىسى كۈچلۈكرەك، ئەمما ھەقىقىي بەدئىيلىك ۋە سەنئەت چىنلىقى نۇقتىسىدىن ئالغاندا ئەدەبىي ئىجادىيەتكە بىۋاسىتە سىڭىپ كىرىش خاراكتېرى ئاجىزراق ياكى ئاساسەن يوق بولىدۇ. سىياسىي تۇرمۇش دېگەندە سىياسىئونلارنىڭ سىياسىي پائالىيىتى بەكرەك كۆزدە تۇتۇلىدۇ، پۇقرالارنىڭ تۇرمۇشى بولسا سىياسىيلىقتىن باشقا يەنە نۇرغۇن ئىجتىمائىي ھادىسىلەر، مەسىلەن، دىن، ئەخلاق، قانۇن، ئۆرپ-ئادەت…قاتارلىقلارغا چېتىلىدۇ.
ئەدەبىي ئىجادىيەتنى بۇ دەۋرىمىزدە سىياسىيلىق ئۈچۈن خىزمەت قىلدۇرۇش خاھىشى مەدەنىيەت زور ئىنقىلاۋى دەۋرىدىكىكدەك زىيادە كۈچلۈك بولمىسىمۇ ھېلىھەم مەۋجۇت،”ھەممە گۈللەر تەكشى ئېچىلىش، ھەممە ئېقىملار بەس-بەستە سايراش“ سىياسىتى ئەدەبىي ئىجادىيەتكە زور ئەركىنلىك ئېلىپ كەلگەن بولسىمۇ، ئەدەبىي ئىجادىيەتنى يەنىلا شۇ يىللاردىكى سولچىل سىياسەتنىڭ ئاسارىتىدىن قۇتۇلدۇرالمايۋاتقان بەزى قەلەمكەشلىرىمىز تېخىچە ئىدىيىسىنى ئازاد قىلالماي، يېزىقچىلىق ساپاسىنى ئۆستۈرمەي، بەدئىيلىكى تۆۋەن، تەشۋىقاتى كۈچلۈك ئەسەرلەرنى يېزىپ يۈرمەكتە. بۇنداق ئەسەرلەردىن كۆرە تىلى جانلىق، قىزىقارلىق سىياسىي ماقالىلەرنىڭ ئۈنۈمى ياخشىراق. ئەدەبىي ئىجادىيەتنى سىياسىيلىقدىن چەتلەشتۈرۈش ياكى سىياسەتكە زىيادە بېقىندۇرۇشنىڭ ھەر ئىككىسى بىر تەرەپلىمىلىك.
ئېيتىپ ئۆتكىنىمىزدەك، سىياسىيلىق بىلەن سىياسەت بىر بىرىنى ئۆز ئىچىگە ئالىدىغان، ئەمما پەرقى بولغان ئۇقۇم، ھەر قانداق تىلدا ئۇلار پەرقلەندۈرۈلىدۇ. مەسىلەن خەنزۇ تىلىدا سىياسىيلىق 政治، سىياسەت بولسا 政策 دېيىلىدۇ؛ ئەدەبىي ئىجادىيەت ۋە باشقا بارلىق ئەدەبىيات سەنئەت پائالىيىتىگىمۇ ئۇلار پەرقلىق تەسىر كۆرسىتىدۇ، يەنى سىياسىيلىق بىۋاسىتە تەسىر كۆرسەتسە، سىياسەت كۆپ ھاللاردا ۋاسىتىلىق، ئاجىز تەسىر كۆرسىتىدۇ، ئىنسان روھىغا سەنئەت چىنلىقى بىلەن تەسىر كۆرسىتەلەيدىغان ئەسەرلەردە بولسا ئۇنىڭ تەسىرىنى ئاساسەن كۆرگىلىمۇ بولمايدۇ. ئەدەبىي ئىجادىيەت جەريانىدا بەدئىيلىكنى مۇرەككەپ ئىنسان تەبىئىتىدىن ئىزدەش كېرەككى، بەلگىلەنگەن سىياسەت، قانۇن، پرىنسىپ بويىچە ئىزدەپ خالتا كوچىغا كىرىپ قالماسلىق كېرەك. ھەر ئىشنىڭ بىر قانۇنىيىتى ۋە ئىگىسى بار؛ ئەدەبىي ئىجادىيەتتە سەنئەت قانۇنىيىتىگە چوقۇم ھۆرمەت قىلىش كېرەك. سىياسىۋىلىكى كۈچلۈك، ئەمما بەدئىيلىك تۆۋەن ئەسەر سىياسەتكە چوڭ تەسىر كۆرسىتەلمىگەننىڭ ئۈستىگە ئوقۇرمەننىڭ دىلىغىمۇ تەسىر قىلالمايدۇ ياكى ئىستېتىك زوقىغا ماس كەلمەيدۇ.
تارىخىي مەشھۇر ئەسەرلەرنىڭ كۆپىنچىسىدىن شۇ دەۋرنىڭ سىياسىي تۈزۈمى ۋە ئۆزگىچە ھالىتىنى كۆرگىلى بولىدۇ، ئۇ ئەسەرلەردە سىياسىيلىق بىر تارىخىي ھادىسە سۈپىتىدە شۇ دەۋردىكى مۇھىت، كەيىپيات ۋە ئادەملەرگە سىڭىپ كەتكەن. ئۇ ئەسەرلەردە سىياسىي پۇراق بىلەن بەدئىي خۇشپۇراقلار شۇنداق گۈزەل مۇجەسسەم بولغاچقا، كىشىلەرنى جەلپ قىلالىغان. بۇنداق ئەسەرلەر يەنە شۇ دەۋرنى چۈشىنىش ۋە تەتقىق قىلىشتىمۇ مۇئەييەن ئەھمىيەتكە ئىگە.
دېمەك سىياسىيلىق، ئەدەبىيات قاتارلىقلارنىڭ ھەممىسى كۆپچىيلىكنىڭ تۇرمۇشىغا مۇناسىۋەتلىك ئىشلار. ئەدەبىي ئىجادىيەت شەخسنىڭ ئىشى، بىراق شەخس كوللېكتىپتىن ئايرىلالمايدۇ. يازغۇچى ئۆز ئىشىغا شاھىد ئىنسان بولغانىكەن، ئىنسان تەبىئىتىنى يازسا بولىدۇ. ئەمما ئىنسان مەلۇم كوللېكتېپ ئىچىدە بولغاچقا، ئىجتىمائىي مۇناسىۋەتتىن قۇتۇلالمايدۇ. شۇڭا ئىنسان تەبىئىتىنى يېزىش ئەركىنلىكىمۇ ئىجتىمائىي ھادىسە بولغان سىياسىيلىقتىن، جۈملىدىن دىن، ئەخلاق، جامائەت پىكرى، مىللىي خاسلىق، ئۆرپ-ئادەت قاتارلىقلانىڭ تەسىرىدىن ھالقىيالمايدۇ.
شۇنى تەكتلەش كېرەككى، ئەدەبىي ئىجادىيەتتە بەدئىيلىكنىڭ سۈپىتىگە كاپالەتلىك قىلىش ئۈچۈن يەنىلا ئىنسان روھىنى قېزىش، ئىنسان روھىغا ئۆچمەس ئىز سالغان، سېلىۋاتقان سىياسىي، ئىجتىمائىي ھادىسىلەرنى سەنئەت چىنلىقىغا ئۇيغۇن ھالدا ماھارەتلىك يېزىش كېرەك. يازغاندا كۆپچىلىكنىڭ ئىشىغا كۆڭۈل بۆلۈش، كۆپچىلىكنىڭ مەنپەئەتىگە، ئىرادىسىگە ۋەكىللىك قىلىدىغان سىياسەت، قانۇن، تۈزۈملەرگە رىئايە قىلىش كېرەك. شۇنداق قىلغاندا يازغۇچىلار ئۆز مەنپەئەتىنىمۇ قوغدىيالايدۇ.
بەدئىيلىك بىلەن سىياسىيلىقنىڭ مۇناسىۋىتىنى زادى قانداق بىر تەرەپ قىلىش كېرەك؟ جاۋاب شۇكى، بەدئىي دىت بىلەن سىياسىي سەزگۈرلۈك ئوتتۇرىسىدىكى باغلىنىشنى ياخشى بىر تەرەپ قىلىش كېرەك. بۇ دەۋردە ياشاۋاتقان يازغۇچىلار كىشىلەر ئەڭ كۆڭۈل بۆلىدىغان ۋەزىيەتنى قانداق بايقاش ۋە قانداق ئەكس ئەتتۈرۈش دېگەن مەسىلىدىن ئۆزىنى قاچۇرالمايدۇ. ئەدەبىي ئىجادىيەتنىڭ مەنبەسى تۇرمۇش، ھالبۇكى تۇرمۇش سىياسىي ۋەزىيەت بىلەن زىچ باغلانغان بولىدۇ. ئىجتىمائىي مۇناسىۋەت تورى ئىچىدىكى ئادەم سىياسىيلىقتىن مۇستەسنا بولمىغاچقا، ئۇنىڭ تەبىئىتى، تۇرمۇشى ۋە تەقدىرى جەزمەن سىياسىي مۇھىتقا زىچ باغلىنىپ كەتكەن بولىدۇ. ئەنە شۇ مۇھىتتىكى تىپىك ئەھمىيەتكە ئىگە ئادەملەرنىڭ تۇرمۇشىنى ئەكس ئەتتۈرۈش بىلەن بىر ۋاقىتتا شۇ ئادەملەرنىڭ روھىي دۇنياسىنى قېزىش ئۈچۈن سىياسىي سەزگۈرلۈك ۋە بەدئىي دىت كەم بولسا بولمايدۇ.
«ئاقسۇ ئەدەبىياتى»ژۇرنىلىنىڭ 1998-يىللىق 2-سانىدا ئېلان قىلىنغان«گۇناھ»ناملىق پوۋېستىمدا مەن مىللىتىمىز كۆڭۈل بۆلۈۋاتقان سىياسىي مەسىلىلەرنى دادىللىق بىلەن ئوتتۇرىغا قويۇپ باققانىدىم، يەنى يېزىلاردا يەرلىك خاقان بولۇۋالغان بەزى ساپاسىز ئەمەلدارلارنىڭ ئۆز دىنىنىمۇ، پارتىيىنىڭ دىنىي ئېتىقاد ئەركىنلىكى سىياسىتىنىمۇ چۈشەنمەي، بۇرمىلاپ، كىچىك ئىشنى يوغانتىپ، ئاۋام خەلقنىڭ دىنىي ئېتىقاد ئەركىنلىكىنى بوغۇپ، ئايرىم مەسىلىلەرگە قارىتىلغان سىياسەتنى ھەممىگە قارا-قۇيۇق تېڭىۋاتقانلىقىنى، دىنىي ئېتىقاد ئەركىنلىكى توسقۇنلۇققا ئۇچراش بىلەن بىر ۋاقىتتا باشقا بەزى ھوقۇق-ئەركىنلىكىمۇ چۈشەپ قويۇلغان دېھقانلىرىمىزنىڭ نامراتلىق، چىرىكلىك ۋە بارغانچە چىڭىپ كېتىۋاتقان جاھان ئالدىدا تېڭىرقاپ، بۇ روھىي ئازابتىن قۇتۇلۇش ئۈچۈن ئۆزىدىكى ئىزگۈ ئېتىقادنى تېخىمۇ كۈچەيتىپ ئۆزىگە چوڭ تەسەللىي ئىزدەۋاتقانلىقىنى، ئەمەلدارلار بىلەن ئاۋام خەلقنىڭ ئۆزئارا زىددىيىتى ۋە ئۇ زىددىيەت كەلتۈرۈپ چىقارغان پاجىئەلىك ئاقىۋەتلەرنى تىپىك مۇھىت ۋە تىپىك پىرسۇناژلار ئوبرازى ئارقىلىق ئەكس ئەتتۈرگەنىدىم. بۇ ئەسەر ئېلان قىلىنغاندىن كېيىن ئاقسۇ ۋىلايىتى ۋە باشقا جايلاردا ئوخشىمىغان دەرىجىدە غولغۇلا قوزغالدى؛ بولۇپمۇ ئاقسۇ ۋىلايىتى تەۋەسىدىكى يازغۇچى-قەلەمكەشلەر ئارىسىدا بۇ پوۋېست پاراڭ تېمىسىغا ئايلىنىپ، كېيىن مەخسۇس مۇھاكىمە يىغىنىمۇ ئېچىلدى. يىغىندا مەن يوق، يىغىن ئەھلىنىڭ كۆپى ئەسەرنىڭ مۇۋاپپەقىيىتىنى، ئۇنىڭ يېڭىلىقى، چىنلىقى ۋە ئاپتورنىڭ دادىللىقىغا باغلاپ چۈشەندۈرۈپتۇ. ئاز ساندىكىلەر ئەسەرنىڭ يېتەرسىزلىكىنىمۇ ئوتتۇرىغا قويۇپتۇ. بۇ ئەسەردە سىياسىي مەسىلە بار، مۇھەررىر ئويلاشمايلا ئېلان قىلىۋېتىپتۇ، بۇ بىر مەسئۇلىيەتسىزلىك دېگۈچىلەرمۇ بوپتۇ (تۇخۇمدىن تۈك ئۈندۈرىدىغان مۇشۇنداق پىتنىخورلار دېموكراتىك قانۇن-تۈزۈم مۇكەمملىشىۋاتقان جەمئىيىتىمىزنىڭ، جۈملىدىن ئەدەبىياتىمىزنىڭ باكتېرىيىلىرى). ئەمەلىيەتتە مېنىڭ ئوتتۇرىغا قويغان تېمام بىلەن ساپاسى يۇقىرى، ھۆكۈمەتنىڭ سىياسىىتىنى ھەم ئاۋامنىڭ ئارزۇسىنى ياخشى چۈشىنىدىغان باشلىقلارنىڭ يىغىنلاردا سۆزلىگەن سۆزلىرى ئارىسىدا ھېچ پەرق يوق. مەيلى ئەدەبىي ئەسەر، ماقالە ياكى يىغىن نۇتقى بولسۇن، ئاشۇنداق تىپىك، توغرا، دادىل پىكىرلەر سوتسىيالىستىك جەمئىيىتىمىزنىڭ ساغلام تەرەققىي قىلىشىغا توسقۇنلۇق قىلىدىغان، ئۆزى پارتىيىلىك تۇرۇپ پارتىيىنىڭ ئىناۋىتىنى تۆكىدىغان ھېلىقىدەك ساپاسىز، بېيرۇكرات، سىياسىي نەيرەڭۋازلارغا ئەجەللىك زەربە بېرەلەيدۇ.
يازغۇچىدا بەدئىي دىت بولمىسا ئوقۇرمەنلەرنىڭ كۆڭلىدىكى سىياسىي پىكىر، سىياسىي مەسىلىلەرنى، جۈملىدىن سىياسىيغا چېتىلىدىغان تۇرمۇش ھادىسلىرىنى بايقىيالىشى ۋە بەدئىيلىك قانۇنىيىتى بويىچە ماھارەتلىك ئىپادىلىيەلىشى تەسكە توختايدۇ. بەدئىي دىتنى يېتىلدۈرۈش ۋە ئۆستۈرۈش يالغۇز جەمئىيەتتە قىززىق نۇقتىغا ئايلىنىپ قالغان سالماقلىق سىياسىي مەسىلىلەرنى سەزگۈرلۈك بىلەن بايقاشنىلا ئەمەس، بەلكى شۇ مەسىلىنى بەدئىي يۈكسەكلىكتە تۇرۇپ ئەكس ئەتتۈرۈش، سەنئەت قانۇنىيىتىگە جەزمەن ئەمەل قىلىش دېگەنلەرنىمۇ ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. نوقۇل سىياسىي قىزغىنلىقنى ھەم كىشىلەرنىڭ دىققىنى قوزغاشنى كۆزلەپ ئەسەرگە ھەددىدىن ئارتۇق سىياسىي مەزمۇن بېرىۋەتكەندە ئۇنىڭ ھەقىقىي مەنىدىكى بەدئىي ئەسەرلىك خۇسۇسىيىتى ئۆزگىرىپ، ئىستېتىك زوق بېرىش ئالاھىدىلىكىدىن ئايرىلىدۇ. بۇنداق ئەدەبىي ئەسەرلەردىن كۆرە بەدئىي تىل بويىچە ئۆتكۈر، جانلىق يېزىلغان سىياسىي ماقالىلەرنىڭ ئۈنۈمى بىۋاسىتە ھەم كۈچلۈك بولىدۇ.
شۇنىمۇ ئېيتىپ ئۆتۈش كېرەككى، ئاساسىي مەيدانى توغرا، بەدئىيلىكى يۇقىرى ئەسەرلەرنى ئوقۇرمەنلەر بىلەن يۈز كۆرۈشتۈرۈش ئۈچۈن مەتبۇئات مەسئۇللىرى، جۈملىدىن مۇھەررىرلەردىمۇ بەلگىلىك سىياسىي ساپا، ئەدەبىيات ساپاسى ۋە مەدەنىيەت ساپاسى بولۇشى [/color]كېرەك؛ شۇنداق بولغاندىلا ئۇلاردا ياخشى ئەسەرلەرنى بايقاش ئىقتىدارى، ئۇنى دادىل ئېلان قىلىش شىجائىتى بولىدۇ.

«بەدئىيلىك بىلەن سىياسىيلىقنىڭ مۇناسىۋىتى» دا 1 ئىنكاس بار

  1. ئۇزدىل  سىما
    ئۇزدىل

    ناھايىتى ياخشى پىكىرلەرنى ئوتتۇرىغا قويۇپسىز. كۆپ رەھمەت.

Leave a Reply

Discover more from ئەرتۈرك ئەسەرلىرى

Subscribe now to keep reading and get access to the full archive.

Continue reading