• ئەدەبىيات ئادەمنىڭ قەدىر-قىممىتى دېمەكتۇر

    ئەدەبىيات ئادەمنىڭ قەدىر-قىممىتى دېمەكتۇر

    بىر نەچچە يىل ئىلگىرى مەن كارخانىچىلارغا لېكسىيە سۆزلىگەن. كارخانىچىلارنىڭ كۆپىنچىسى ئۆز تىرىشچانلىقى بىلەن مۇۋەپپەقىيەت قازانغان، بىر قىسىملىرى ئەمەلدارلارغا تايىنىپ بېيىغان، ئولتۇرغانلار بۇنى مەندىن ئوبدان بىلىدۇ. ئۇلار قانداق ئۇتۇق قازاندى، بۇنىڭ مەندەك ئەدەبىياتچى بىلەن ئانچە ئالاقىسى يوق. ھەر قايسىلىرى مېنى ئەدەبىيات ھەققىدە ئىككى ئېغىز پاراڭ قىلىپ بېرىشكە تەكلىپ قىلغاچقا مەن ھەممىمىزگە ئورتاق بولغان نەق گەپنىلا قىلاي. … Read more

  • دارۋازلىق ۋە قەھرىمانلىق

    دارۋازلىق ۋە قەھرىمانلىق

    پەلەك شاھىنىڭ قەھرىمانلىقى دارۋازلىق ماھارىتىنى كىچىكىمدە يېزا بازىرىدىكى كىنوخانىدا كۆرۈپ تاڭ قالغانىدىم. ئۇ قايسى دارۋازچى بولغىيدى ئېسىمدە يوق. يىللار ئۆتۈپ، 1997-يىل 6-ئاينىڭ 22-كۈنى ئادىل ھوشۇر چاڭجياڭ دەرياسى سەنشىيا بوغۇزىدىن 13مىنۇت 48 سىكونتتا ئۆتۈپ، كانادالىق كوكران 95-يىل 10-ئاينىڭ 28-كۈنى ياراتقان 53مىنۇت 10 سىكونتلۇق رېكورتنى بۇزۇپ تاشلىغاندا، ئادىل ھوشۇرنى جۇڭگولۇقلار تونۇغاندا، ئۇ ئۈرۈمچىگە قايتقاندا جامائەت ئۇنى قەھرىمان… Read more

  • ئەنۋەر ھاجى جىنسىيەتنى يازامدۇ؟ (سۆھبەت)

    ئەنۋەر ھاجى جىنسىيەتنى يازامدۇ؟ (سۆھبەت)

    PengiYar: ئەسسالاممۇ ئەلەيكۇم Erturk: ۋەئەلەيكۇم ئەسسالام PengiYar: ياخشى تۇردىڭىزمۇ؟ سىز مەن قالدۇرغان ئادرېس بويىچە «داڭلىق» تور بېكىتى مۇنازىرىسىدىكى «ئەنۋەر ھاجى جىنسىيەتنى يازامدۇ؟» دېگەن تېمىنى كۆردىڭىزمۇ؟ ئەمدى بىر پىكىرلىشىپ باقايلىچۇ.سىز ئاۋۇ مۇنازىرىگە چۈشكەن تېمىلارغا نىسبەتەن قانداق قاراشتا؟ مېنىڭ بۇرۇندىنلا سىز بىلەن شۇنداق بىر سۆھبەت ئۆتكۈزگۈم بار ئىدى. Erturk: مەن ئۇ تېمىنى باشتىن ئاياغ كۆرۈۋاتىمەن، ئەمما مۇنازىرە نورمال داۋاملاشسىكەن دەپ… Read more

  • ئىدىيىۋى مەسىلە

    ئىدىيىۋى مەسىلە

    تۈنۈگۈن بىر خەۋەر كۆرۈپ قالدىم، نەنجىڭ شەھەرلىك سوت مەھكىمىسى دوتسېنت ما شاۋخەي قاتارلىق 22 ئادەمنى «توپلىشىپ بۇزۇقچىلىق قىلىش جىنايىتى» بىلەن سوتلاپ، 3 يىل ئەتراپىدا قاماق جازاسىغا مەھكۇم قىلىپتۇ. 53 كە كىرىپ قالغان ما شاۋخەي نەنجىڭ شەھىرىدىكى مەلۇم سانائەت ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ دوتسېنتى بولۇپ، باشقىلىرى شۇ شەھەردىكى «خوتۇن ئالماشتۇرۇش كۇلۇبى»نىڭ ئەزالىرى ئىكەن.  ئۇلار 2007-يىلى 7-ئايدىن  2009-يىلى 8-ئايغىچە توردا… Read more

  • بىر يىللىق نادامەت

    بىر يىللىق نادامەت

    بۇ بىلوگقا بىر يىل بولدى، بىر نەرسە يېزىپ خاتىرىلەپ قويۇشنى ئويلىدىم، ئەمما ئۇنىڭ نېمە ئەھمىيىتى بارلىقى ئۆزەمگىمۇ غۇۋا. بۇ خۇددى تۇغۇلغان كۈننى ئۆتكۈزگەننىڭ نېمە پايدىسى دېگەندەكلا گەپ. ئادەم بىر ئىشنى دوراپمۇ قىلىدۇ، قىلغىلى ئىش تاپالمايمۇ قىلىدۇ، بىرەر ئەھمىيەت، ئۈنۈم قوغلىشىپمۇ قىلىدۇ، بۈيۈك پىلان، غايە ئۈچۈنمۇ قىلىدۇ. مەن مۇھەببەتلىشىش ئۈچۈنلا مۇھەببەتلەشكەن ئەمەس؛ ئېھتىياج، ھەۋەسنى دەپ مۇھەببەتلەشكەن؛… Read more

  • قاغا بولۇپ قايتتى قارلىغاچ ھەققىدە

    قاغا بولۇپ قايتتى قارلىغاچ ھەققىدە

    «شىنجاڭ مەدەنىيىتى» ژۇرنىلىنىڭ 2009-يىللىق 4-سانىدا ئېلان قىلىنغان بۇ ھېكايىنى ئوقۇپ چىقىپ ھەقىقەتەن زوقلاندىم. سازچى سازەندىنىڭ ماھارىتىدىن زوقلانغاندەك، ھەۋەسكارمۇ قەلىمى پىشقان يازغۇچىلارنىڭ تىلى ۋە ۋەقەلىك بايان قىلىش ماھارىتى، ئەسەرگە سىڭدۈرگەن ئىدىيە ۋە ھېسسىياتىدىن باشقىچە زوقلىنىدۇ. دېھقان دېھقاننىڭ دەردىنى، شائىر شائىرنىڭ ئىچ سىرىنى، مۇڭلىرىنى بەكرەك چۈشىنىدۇ؛ سۆزىنى ئاڭلاپ ئەمەس دىدارىغا قاراپلا بىر-بىرىنىڭ ھالىغا ۋاقىپ بولالايدىغان دىلكەشلەر ئارىمىزدا… Read more