-

ئەلكۈيى خەۋەرلىرىدىكى بەزى مەسىلىلەر
ئەلكۈيى خەۋەرلىرى ئەلكۈيى تورىنىڭ ئەڭ ئاۋات سەھىپىسى. خەۋەرلەرنىڭ يېڭىلىنىشى تېز، جەلىپكارلىقى يۇقىرى، گېزىتخۇمار ئادەم ھەر كۈنى گېزىت ئوقۇپ ئارقىدىن بىر تال تاماكا چېكىشكە خۇمار بولغاندەك، تورخۇمار ئادەممۇ خەۋەرلەر سەھىپىسىگە كۆز يۈگۈرتۈشكە خۇشتار بولۇپ قالىدىكەن. ئەلكۈيىدىكى خەۋەرلەر ئاساسەن سىياسىي خەۋەرلەر، قىززىق نۇقتىلار، قىزىقارلىق ھەم غەيرى ئىشلار، يېڭى تېخنىكىلار، ئالامەت بايقاشلار، چولپانلارغا ئائىت غەيۋەت پاراڭلىرىنى ئاساس قىلىدىغان… Read more
-

تىرىكلىك نىشانى (5)
39 ھازىردىن باشلاپ، تۈنۈگۈندىن باشلاپ، بەلكىم تۇغۇلغاندىن باشلاپ ئاللاھ دەرگاھىغا كېتىۋاتىمەن. ئەسلىمىلەر يوقالدى، ھالبۇكى ياخشى-يامان ئەمەللىرىمىزنى مالائىكىلەر خاتىرىلەپ تۇرىدۇ؛ بىھۇدە سۆز، ئوسال قىلىق، ئىتائەتسىز خىيال ۋە ئىسيانكارلىقلىرىمىزنى ھەر كۈنى داۋاملاشتۇرىدىغان بولسام گۇناھلىرىم تاغدەك دۆۋىلىنىدۇ. شۇڭا ھەر كۈنى پەخەس بولۇپ تۇرۇش، پاك-ساغلام ياشاش مۇھىم. باشقىلارغا قىلىۋاتقان مۇئامىلەم تەكەببۇرلۇق ياكى ئۆزىنى تۆۋەن كۆرۈش بىلەن خاراكتېرلىنىپ قالماسلىقى كېرەك.… Read more
-

تىرىكلىك نىشانى (4)
31 ئىشتىياق باغلىدىم خەۋەرلەرگە، ھەقىقىي ۋەقەنى بىلگۈچى ئاللاھ، نىجاتكارىمىز ئاللاھ، بەختكە بىر ۋەسىلىنى بەرگۈچىمۇ ئاللاھ، پەرۋەردىگارىمىز بۇ دەۋرنى ئىنسانلار ئارىسىدا ئايلاندۇرۇپ تۇرىدۇ. ئىنسان ھەقىقەتنى بىلىشكە شۇنچىۋالا ھېرىسمەن، ئەمما غەيبىي مەسىلىلەرگە كاللىسى يەتمىگەچكە، ھېس- تۇيغۇسى رېئاللىقتىن، ماددىدىن چەتنەپ كېتەلمەي، نەق نەرسىلەرگە باغلىنىپ، چەكلىنىپ تۇرۇپ قالىدۇ؛ ئەسلى تەبىئەت، ئاجىزلىق، بىچارىلىك مانا مەشەدە؛ ئۆزىنى ماددىنىڭ قۇللۇقىدىن، باتىللىقتىن ئازاد… Read more
-

تىرىكلىك نىشانى (3)
21 ناماز بىر زىكرى-تەسبىھتۇر، مۇئمىننىڭ مىئراجىدۇر ؛ روھنىڭ مۇجەسسىمىدۇر؛ گۇناھقا گەدەنگىچە كۆمۈلگەن بىر مەخلۇقنىڭ پاكلىنىش جەريانىدۇر؛ دۇنيانىڭ چاڭ-توزانلىرىغا كۆمۈلگەن قاساۋەتلىك ۋۇجۇدنىڭ پاكىزلىنىشىدۇر؛ جاھان غەۋغالىرىغا ئالدىنىپ خارلانغان، بوينى پۈكۈلگەن بەندىنىڭ ئەسلى ئىززەت كامالىغا، غۇرۇرىغا قايتىشىدۇر؛ روھنىڭ نۇرىدۇر ناماز؛ شۇڭا پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ئۇنى كۆزۈمنىڭ نۇرى دېگەن؛ بىلالغا ” ئەزان ئېيتىپ بىزنى راھەتلەندۈرگەن“ دېگەن. قورقۇنچ ۋە ئۈمىد بىلەن… Read more
-

بىلىك تورىدا سۆھبەت
بۈركۈت: 1-سۇئال: ئۆزىڭىز ھەققىدە، ئۆسمۈرلۈك ۋە ياشلىق ھاياتىڭىز، ئالى مەكتەپتىكى ئوقۇشىڭىز، ئوقۇشتىن كېيىنكى خىزمەت ۋە ئىجادىيەت يولىڭىز ھەققىدە قىسقىچە سۆزلەپ بەرسىڭىز؟ بۇ يىل 36 ياشقا كىردىم، بالىلىق دەۋرىمنى ئۇچتۇرپان ئاقيار يېزىسىدا لاي ئۆستەڭلەرگە چۆمۈلۈپ ئۆتكۈزدۈم، قوي-كالا باقتىم؛ قىزلارغا كۆيگىدەك تۇيغۇغا ئىگە بولغان بالاغەت دەۋرىمنى ئۇچتۇرپان ناھىيە بازىرىدا، ناھىيىلىك 1-ئوتتۇرا مەكتەپتە ئۆتكۈزدۈم. مۇھەببەت دەپ چىن مۇھەببەتنىڭ… Read more
-

يەنە جىنسىيەت ۋە فروئىد تەلىماتى ھەققىدە مۇنازىرە
يەنە جىنسىيەت ۋە فروئىد تەلىماتى ھەققىدە مۇنازىرە گۈلەن: سىز «جىنسىيەت مۇھەببەتنىڭ يىلتىزىمۇ» سەرلەۋھىلىك ماقالىڭىزدا «جىنسىيەت مۇھەببەتنىڭ يىلتىزى، ئىجادىيەتنىڭ ئىلھامچىسى دېگەن قاراشقا ئىزچىل مايىل بولۇپ كەلدىم، بۇنى فىروئىدنىڭ روھىي ئانالىزلىرىغا باغلىماي تۇرۇپ، ئۆزەم ئۆز تەجرىبەمدىن ھاسىل قىلغان دېيەلمەيمەن، دەپ يېزىپتىكەنسىز، ئارىدا سىز يەنە بىر سۆھبەتتە «جىنسىيەت روھىيەتكە تۇتىشىدۇ» دەپ قارشى تەرەپكە رەددىيە بەردىڭىز ھەم سۆزىڭىزنى كوچىدىن… Read more

