-

ھاقارەت (ھېكايە)
[color=Black]قىزنى ئەيمىنىپراق تانسىغا تارتتىم، چۈنكى ئۇ ھەقىقەتەن ئەيمىنگۈدەك قىز ئىدى، بۇ مېنىڭ قارىشىم، چىرايلىق قىزلارغا ھەر كىمنىڭ قارىشى ئوخشىمايدۇ، يەنە كېلىپ مەن سەل تارتىنچاق ئىدىم، مەن ياشاۋاتقان بۇ شۇنچە چوڭ شەھەرمۇ مېنىڭ كىچىكىمدىن قالغان ئۆزەمنى كەمسىتىش ئادىتىمنى(بۇ ناچار ئادەتنى) يېڭەلىشىمگە مەدەت بېرەلمەيتتى. قىز ئىككىلەنمەيلا ئالدىمغا كېلىپ كۆزۈمگە تىكىلدى، مەن بۇ سېھىرلىك كۆز نۇرلىرىدا ئېرىپ يۇمشاپ Read more
-

چىرىك ئىدىيىنىڭ ئىجادىيەتتىكى تەسىرى (مۇنازىرە)
ئىجادىيەتنىڭ يەنە بىر يۈزى يازغۇچىنىڭ چىرىك خۇي-مىجەزى. ئەنگىلىيە يازغۇچىسى لاۋرېنس: ھەر قانداق تالانتلىق يازغۇچىدا رەزىللىك ئىدىيىسى، كۈچلۈك قارا نىيەت، ئاياللارنى ئېزىدىغان روھ بولمايدىكەن نادىر ئەسەرلەرنى يېزىپ چىقالمايدۇ “ دېگەن. روس يازغۇچىسى لېۋ تېلىستوي ياش چېغىدا ناھايىتى ئەسەبىي، لۈكچەك بىر نېمە بولۇپ، كۈنبويى ھاراق ئىچىپ، قىمار ئويناپ، پاھىشىۋازلىق قىلىپ يۈرگەن. كېيىن 17 ياشلىق سوفىيە دېگەن بىر Read more
-

«يېڭى ھايات»نىڭ مۇشەققىتى ۋە خۇرسەنلىكى
[color=Blue]“يېڭى ھايات“ ئاخىر نەشردىن چىقتى، ھاردۇقۇم چىقتى، دوستلاردىن تېلېفون كەلدى، بۈگۈن چەرچەندىن بىر بۇرادەر تېلېفون قىلىپتۇ، ”مەن ئوقۇپ يېرىمىغا كەلدىم، ھېچنېمىنى چۈشەنمىدىم، سىز قانداق تەرجىمە قىلغان؟“ دەيدۇ، ”مەنمۇ بېشىمنى قوچۇپ ئولتۇرۇپ تەرجىمە قىلغان، ئالدىرىماي قايتا-قايتا ئوقۇسىڭىز چۈشىنىسىز، بۇنىڭ ھۇزۇرىنى ھامان ھېس قىلىسىز“ دېدىم. بۇ كىتابنىڭ گېپى چىققىلى خېلى بولدى، نەشرگە سۇنغىلى ئىككى يىلدىن ئاشتى، بۇنداق Read more
-

ئورخان پامۇك ئالدىراشلا كەتتى
ئىككى مىڭ ئالتىنچى ﻳﯩﻠﻰ ﻧﻮﺑﯧﻞ ﺋﻪﺩﻩﺑﯩﻴﺎﺗﻰ ﻣﯘﻛﺎﭘﺎﺗﯩﻐﺎ ﺋﯧﺮﯨﺸﯩﭗ، ﺋﯘﻳﻐﯘﺭ ﺋﻪﺩﻩﺑﯩﻴﺎﺗﻰ ﺳﺎﮬﻪﺳﯩﺪﻩ ﺑﯩﺮ ﻣﻪﮬﻪﻝ ”ﺋﻮﺭﺧﺎﻥ ﭘﺎﻣﯘﻙ ﻗﯩﺰﻏﯩﻨﻠﯩﻘﻰ“ ﭘﻪﻳﺪﺍ ﻗﯩﻠﻐﺎﻥ ﺑﯘ ﻛﺎﺗﺘﺎ ﻳﺎﺯﻏﯘﭼﯩﻨﯩﯔ ﺑﯧﻴﺠﯩﯖﺪﺍ ﺋﯘﺷﺘﯘﻣﺘﯘﺕ ﭘﻪﻳﺪﺍ ﺑﻮﻟﯘﭖ ﻗﯧﻠﯩﺸﯩﻨﻰ ﺋﻮﻳﻠﯩﻤﺎﭘﺘﯩﻜﻪﻧﻤﯩﺰ، ﻣﻪﺭﻛﯩﺰﯨﻲ ﻣﯩﻠﻠﻪﺗﻠﻪﺭ ﺋﯘﻧﯩﯟﯦﺮﺳﯩﺘﯧﺘﻰ ﺗﯩﻞ-ﺋﻪﺩﻩﺑﯩﻴﺎﺕ ﻓﺎﻛﯘﻟﺘﯧﺘﯩﺪﺍ ﺋﻮﻗﯘﻳﺪﯨﻐﺎﻥ ﺋﺎﻗﻜﯚﯕﯜﻝ ﺳﯩﯖﯩﻠﭽﺎﻗﻼﺭ ﺧﻪﯞﻩﺭ ﻗﯩﻠﺪﻯ، ﺋﻮﺭﺧﺎﻥ ﺋﻪﭘﻪﻧﺪﻯ ﺑﯧﻴﺠﯩﯔ ﺩﺍﺷﯚﺩﻩ ”ﻣﻪﻥ ﻛﯩﻢ ﺋﯜﭼﯜﻥ ﻳﯧﺰﯨﻘﭽﯩﻠﯩﻖ ﻗﯩﻠﯩﻤﻪﻥ“ ﺩﯦﮕﻪﻥ ﺗﯧﻤﯩﺪﺍ ﻟﯧﻜﺴﯩﻴﻪ ﺳﯚﺯﻟﻪﻳﺪﯨﻜﻪﻥ ﺩﻩﭖ ﺋﯘﭼﯘﺭ ﻗﯩﻠﺪﻯ. ﺋﻪﻣﻤﺎ ﻛﯩﺮﯨﺶ Read more
-

ئاينىش (ھېكايە)
[color=Black]ياتاقتا ئېرگوتو ئىچىپ ئولتۇراتتۇق، كۆزلىرىمىز كەيىپلىكتە پۈرۈلۈپ، قىسىلىپ، كىچىكلەپ كەتكەنىدى، قېرى بېيجىڭلىقلارغا ئوخشاش تولا سۆزلەيتتۇق، نەچچە مىليون ئادەم خەنزۇچە سۆزلىشىدىغان بۇ شەھەرنىڭ كىچىككىنە كاتىكىگە قىستىلىپ، بىر بۇلۇڭدا جاھاننىڭ، قىزلارنىڭ پارىڭىنى قىلاتتۇق. قىزلار بىز ئۈچۈن پۈتۈن جاھان ئىدى. گېپى چىقمىغان شىرىنگۇل، ئازاتگۈل، ئارزىگۇللەر… قالمىدى، چىرايلىقلار مەڭگۈ بىزنىڭ پاراڭ تېمىمىز ئىدى. سەتلەرگە پەقەت ئېچىنىپلا قوياتتۇق، ھەتتا مازاق Read more
-

مۇنچىدىكى ئەر
ﻗﻮﻳﯘﻕ ﺗﯘﻣﺎﻥ ﺗﻪﻟﯟﻩ ﺷﺎﻗﯩﺮﺍﺗﻤﺎ ﻗﺎﯕﺴﯩﻖ ﭘﯘﺭﺍﻗﺘﺎ ﺑﯩﺮ ﺗﻮﭖ ﺑﯘﻗﺎ ﻳﺎﻛﻰ ﺑﯩﺮ ﺗﻮﭖ ﺗﻪﺧﻪﻱ ئارﯨﺴﯩﺪﺍ، ﺑﯩﺮ ﻣﻮﭼﻪﻧﻠﯩﻚ ﻣﯘﻧﭽﻪ ﺑﯧﻠﯩﺘﻰ ﺑﯩﻠﻪﻥ ﻛﯩﺮﮔﻪﻥ ﺋﯩﺪﯨﻢ ﻗﻮﺗﺎﻥ ﻣﯘﻧﭽﯩﻐﺎ. ﺑﯩﺮ ﺗﻮﭖ ﭘﺎﺩﯨﻼﺭ. ﺑﯩﺮ ﺋﯩﺸﯩﻜﺘﯩﻦ ﻛﯩﺮﻩﺗﺘﻰ . ﭼﯩﺸﯩﺴﻰ ﺟﻪﻧﯘﺑﻘﺎ، ئەركىكى شىمالغا ئارمان بىلەن كېتەتتى. ﻳﺎﺷﺎﺵ ﺋﯧﺰﯨﭗ ﺑﺎﺭﯨﺪﯗ ﻣﯜﺷﻜﯜﻟﻠﻪﺭﻧﻰ، ﻫﺎﺯﯨﺮ ﻫﯧﺲ ﻗﯩﻠﯩﻤﻪﻥ ﻣﯘﻧﭽﯩﺪﺍ، 14 ﻳﯩﻠﻠﯩﻖ ﺗﻪﺭﻩﻗﻘﯩﻴﺎﺗﻨﻰ. ﻣﯘﻧﭽﯩﺪﯨﻦ ﭼﯩﻘﻘﺎﻧﺪﺍ، ﺭﻭﻫﯩﻢ ﻗﻮﺑﯘﻝ ﻗﯩﻠﻤﯩﺪﻯ ﺗﯧﺮﻩﻣﺪﯨﻜﻰ ﭘﺎﻛﻠﯩﻘﻨﻰ. Read more

