-

200 يىللىق نادىر ئەسەرلەر
”ئامېرىكا ۋە ئەنگىلىيىلىك 125 يازغۇچى باھالاپ چىققان، تارىختىن بۇيانقى ئەڭ كاتتا ئەسەرلەر“ دەرىجىسىگە قارىغاندا لېۋ تولىستوينىڭ «ئاننا كارىننا»، نابوكوۋنىڭ «لولىتا» ناملىق رومانى ئايرىم-ئايرىم ھالدا 19-ئەسىر ۋە 20-ئەسىردىكى ئەڭ نادىر ئەسەر بولۇپ باھالانغان، نابوكوۋ گەرچە ئامېرىكىلىق بولسىمۇ قېنى رۇسلارغا تەۋە بولغاچقا رۇسلار ئۈستۈنلۈكنى ئىگىلىگەن. 20-ئەسىردىكى ئەڭ نادىر ئەسەرلەر: 1. «لولىتا» ۋىلادىمىر نابوكوۋ (1899−1977) ئامېرىكا 2. «… Read more
-

يازغۇچىدىكى ئىشق ۋە دەرد
يازغۇچى ئۆز بىچارىلىكىنى كۆرۈپ يەتكۈچى، گۈزەللىكنى ئۇلۇغلايدۇ، تەبىئەتنى سۆيىدۇ. بىر دەقىقە تەپەككۇرىغا ئالەمچە ئىشلار سىغىدۇ، باشقىلار ئۇنى ئۆتكۈزۈۋېتىدۇ، ئەمما ئۇ ئاسان تەسىرلىنىدۇ، ھەرىنىڭ ئۇۋىسىدەك چۇۋۇلۇپ كەتكەن پىكرىنى ئىپادىلەشنى ئويلايدۇ، قەغەز، قەلەم، كومپيۇتېر بىلەن بىر گەۋدىگە ئايلىنىپ، پۈتۈن مەۋجۇتلۇقىنى تەپەككۇرىغا جەملەيدۇ. بۇ مەۋجۇتلۇقتا ۋاقىت تەرتىپسىزلىشىدۇ، ئۆتمۈش بىلەن كەلگۈسى يوقايدۇ، ھەسرەت، تەشۋىش، ھاياجان، ۋەسۋەسە بىر-بىرىگە تۇتىشىدۇ. ئىشق-مۇھەببەت… Read more
-

سەن يەنىلا «ئىزدىنىش» تا يۈرەمسەن؟
ئۇ يېنىمغا كېلىپ ماڭا ئېچىنىپ قارىدى: _ يەنە شۇ «ئىزدىنىش»… _ قانداق قىلاي، باشقا تور بەتلىرى تېتىمايدۇ. _ 8 يىللىق كونا ئەزاكەنسەن، بالاڭمۇ 8 ياشقا كىردى، ئەمدى بولدى قىلساڭ بولمامدۇ؟ شۇ كەتكەن ۋاقىتلىرىڭغا ئىچىڭ ئاغرىمامدۇ؟ تېما يازىمەن، ئىنكاس يازىمەن دەپ زېھنىڭ كەتتى، كۆز نۇرۇڭ كەتتى، مۇشۇ ۋاققىچە تورغا يوللىغان نېمەڭگە يا بىر پۇڭلۇق ھەق كەلمىدى.… Read more
-

پۇلى يوق ئەرلەرنىڭ ھەممىسى ئەخلەت…
يېقىندا بېيجىڭدىكى مېترودا يانمۇ يان ئولتۇرغان ئىشلەمچى ئاشىق مەشۇقلار گەپ تالىشىپ ئۇرۇشۇپ قاپتۇ، ئايال ئەرنى توختىماي ئەيىبلەپتۇ، ئۇ گۆشۋاشنىڭ بىرەر ئىشتا تىلى تۇتۇق بولسا كېرەك، گۈشىيىپ قاراپ ئولتۇرىۋېرىپتۇ، غەزىۋى كەلگەن ئايال توساتتىن ئەتراپتىكىلەرنى ھەيران قالدۇرىدىغان بىر گەپنى قىلىپتۇ: پۇلى يوق ئەرلەرنىڭ ھەممىسى ئەخلەت! بۇ گەپنى كىمدۇر بىرى تورغا چىقىرىپ مۇنازىرىگە ساپتۇ، بەزىلىرى ئۇ ئايالنى نومۇسسىز،… Read more
-

ئەرتۈرك بلوگى يېڭىلاندى
كۆرۈپ تۇرۇپسىلەر، بۇ بلوگ ۋوردپرېسقا كۆچۈپ كىردى، ئەسلىدە كۆچمەي دېگەن، بۇرۇنقىسىغا كۆنۈپ قاپتىكەنمەن، ئەمما بلوگنىڭ تېخنىكىلىق ئىشلىرىغا مەسئۇل ئىلقۇت، مۇشاۋىر ئەپەندىلەرنىڭ يېڭىلىققا ۋە مۇكەممەللىككە ئىنتىلىدىغان روھى مېنى تەسىرلەندۈردى، ئۇلارنىڭ ئالدىراشلىق ئىچىدىن ۋاقىت چىقىرىپ تىرىشچانلىق كۆرسىتىشى نەتىجىسىدە بلوگىمىز تولۇق يېڭىلىنىپ، ياسىنىپ تارىنىپ، يېڭى يىلدا يېڭى چىراي بىلەن كىرەلىگۈدەك ھالغا كەلدى، بۇ يەردە بۇ ئىككى ئىنىمغا ئالاھىدە… Read more
-

نەچچە ۋاقىتتىن بېرى…
نەچچە ۋاقىتتىن بېرى قانداق ياشىدىم؟ ھاياتتا بۈيۈك غايىلىرىم، تۇرمۇشتا ئاجايىپ پىلانلىرىم بار ئىدى، ئەمما ھەر كۈنى ئۇششاق ئىشلار، كەچمىشلەر بىلەن ھەرە كېپىكىدەك ھەرىدىلىپ، ۋاقىت شامىلىدا ئۇچۇپ تۇردۇم. تۇرمۇش ھەقىقەتەن كاتتا ئىشلاردىن ئەمەس، ئۇششاق-چۈششەك كەچمىشلەردىن، ئۇنتۇلۇپ كېتىدىغان تۇيغۇ-تەسىراتلاردىن، ئۆلگەندە تۈگەيدىغان پانىي خىياللاردىن تەركىپ تاپىدىكەن. شۇڭا چوڭ ئىشلارنى قىلالماي ئاھ ئۇرۇپ يۈرگەندە تۇرمۇشنىڭ ئېقىنىغا ئۆزەمنى قويۇۋېتىپ ئارام… Read more

