-

بىر يىللىق نادامەت
بۇ بىلوگقا بىر يىل بولدى، بىر نەرسە يېزىپ خاتىرىلەپ قويۇشنى ئويلىدىم، ئەمما ئۇنىڭ نېمە ئەھمىيىتى بارلىقى ئۆزەمگىمۇ غۇۋا. بۇ خۇددى تۇغۇلغان كۈننى ئۆتكۈزگەننىڭ نېمە پايدىسى دېگەندەكلا گەپ. ئادەم بىر ئىشنى دوراپمۇ قىلىدۇ، قىلغىلى ئىش تاپالمايمۇ قىلىدۇ، بىرەر ئەھمىيەت، ئۈنۈم قوغلىشىپمۇ قىلىدۇ، بۈيۈك پىلان، غايە ئۈچۈنمۇ قىلىدۇ. مەن مۇھەببەتلىشىش ئۈچۈنلا مۇھەببەتلەشكەن ئەمەس؛ ئېھتىياج، ھەۋەسنى دەپ مۇھەببەتلەشكەن؛ Read more
-

قاغا بولۇپ قايتتى قارلىغاچ ھەققىدە
«شىنجاڭ مەدەنىيىتى» ژۇرنىلىنىڭ 2009-يىللىق 4-سانىدا ئېلان قىلىنغان بۇ ھېكايىنى ئوقۇپ چىقىپ ھەقىقەتەن زوقلاندىم. سازچى سازەندىنىڭ ماھارىتىدىن زوقلانغاندەك، ھەۋەسكارمۇ قەلىمى پىشقان يازغۇچىلارنىڭ تىلى ۋە ۋەقەلىك بايان قىلىش ماھارىتى، ئەسەرگە سىڭدۈرگەن ئىدىيە ۋە ھېسسىياتىدىن باشقىچە زوقلىنىدۇ. دېھقان دېھقاننىڭ دەردىنى، شائىر شائىرنىڭ ئىچ سىرىنى، مۇڭلىرىنى بەكرەك چۈشىنىدۇ؛ سۆزىنى ئاڭلاپ ئەمەس دىدارىغا قاراپلا بىر-بىرىنىڭ ھالىغا ۋاقىپ بولالايدىغان دىلكەشلەر ئارىمىزدا Read more
-

ئەدەبىياتىمىز ۋە ياشلار
كەلگۈسىنى كۆرەلەيدىغان پېشقەدەم ئەدىبلەر ئۈمىدنى ياشلارغا باغلىغانىدى. زوردۇن سابىر مەركىزىي مىللەتلەر ئۇنىۋېرستېتىدىكى بىر قېتىملىق لېكسىيسىدە ئۇسلۇب ھەققىدە گەپ بولغاندا: ئەختەم ئۆمەرنىڭ ئۇسلۇبى بار، دەپ كېلىپ، مېنىڭ ئۇسلۇبۇم تېخى شەكىللىنىپ بولالمىدى دېگەنىدى. بىز ھەيران قالغانىدۇق، بۇ كىشى ساختا كەمتەرلىك قىلىۋاتامدۇ قانداق دەپ گۇمانلىنىپمۇ قالغانىدۇق. كېيىن ئويلساق، بۇ ئەدىپنىڭ ياشلارغا ئىشەنگىنى ئىكەن. «تارىم»جۇرنىلىدىكى پېشقەدەملەر ئەختەم ئۆمەرنى بەك Read more
-

بەزى ئەسلىمىلەر (2)
ﻗﺎﻗﺸﺎﻳﻤﯩﺰ، ﻗﺎﻗﺸﺎﻳﻤﯩﺰ، ﻛﯚﻧﯜﭖ ﻛﯧﺘﯩﻤﯩﺰ… ﺳﻪﭘﻪﺭﻗﯩﻞ، ﺑﯩﺮ ﻛﯜﻧﻰ ﺋﯚﻟﯜﭖ ﻛﯧﺘﯩﻤﯩﺰ. ﺑﯘﻳﯩﻠﻘﻰ ﺩﻩﻡ ﺋﯧﻠﯩﺶ ﺳﻪﭘﯩﺮﯨﻤﺪﻩ ﺑﯧﻴﺠﯩﯔ ﻏﻪﺭﺑﯩﻲ ﭘﻮﻳﯩﺰ ﯞﻭﮔﺰﺍﻟﻰ ﯞﻩ ﺋﯜﺭﯛﻣﭽﯩﺪﯨﻜﻰ ﺑﯧﻠﻪﺕ ﮬﺎﻳﺎﻧﻜﻪﺷﻠﯩﺮﯨﺪﯨﻦ ﻗﯩﻤﻤﻪﺕ ﺑﺎﮬﺎﺩﺍ ﺋﺎﻟﻐﺎﻥ ﺑﯧﻠﻪﺕﺑﯩﺰ ﻳﺎﺷﺎﯞﺍﺗﻘﺎﻥ ﺑﯘ ﺟﻪﻣﺌﯩﻴﻪﺗﺘﯩﻜﻰ ﺋﯧﻐﯩﺮﻣﻪﺳﯩﻠﯩﻠﻪﺭﻧﻰ ﭼﯜﺷﻪﻧﺪﯛﺭﯛﭖ ﺑﯧﺮﯨﺪﯗ: ﻣﯩﻐﯩﻠﺪﺍﭖ ﻳﯜﺭﮔﻪﻥ ﺋﺎﺩﻩﻡ، ﺋﯧﮭﺘﯩﻴﺎﺟﻨﻰ ﻗﺎﻧﺪﯗﺭﺍﻟﻤﺎﻳﯟﺍﺗﻘﺎﻥ ﻗﺎﺗﻨﺎﺵ ، ﺗﯚﻣﯜﺭ ﻳﻮﻝ ﺳﯩﺴﺘﯧﻤﯩﺴﺪﯨﻜﻰﺗﯜﺯﻩﻟﻤﻪﺱ ﭼﯩﺮﯨﻜﻠﯩﻚ، ﻗﺎﻧﯘﻥ-ﺗﯜﺯﯛﻣﺪﯨﻦﻛﺎﯞﺍﻙ ﺋﯧﭽﯩﯟﺍﺗﻘﺎﻥ ﮬﺎﻳﺎﻧﻜﻪﺷﻠﻪﺭ، ﺗﯩﺮﯨﻜﭽﯩﻠﯩﻚ ﺋﯜﭼﯜﻥ ﺩﻩﭖ ﺋﯚﺯﯨﻨﻰ ﺋﺎﻗﻼﯞﺍﺗﻘﺎﻥ ﺋﺎﻟﺪﺍﻣﭽﯩﻠﯩﻖ، ﮔﻮﻳﺎ ﭘﯜﺗﯜﻥ ﺟﻪﻣﺌﯩﻴﻪﺕ ﻛﯚﺯﯨﻨﻰ Read more
-

بلوگ ئىشقى
جېكنىڭ تور خاتىرىسىدىن 2008-يىلى ئۇيغۇرلاردا شەخسىي بلوگ قۇرۇش مودا بولدى دېگەن گەپنى كۆرۈپ مۇشۇ ھەقتە ئويلىنىپ قالدىم، ئۆتكەن يىلى بىر زات ھېكىمنىڭ خالىس كۆڭلى، دىلكەشلىكى، غەمخورلۇقى بىلەن مېنىڭمۇ بىر بلوگىم بولغان، ئۇنى ئېچىپ گويا بويتاقلىقتا ئايرىم ئۆيۈم بولغاندەك تۇيغۇغا كېلىپ خۇشال بولغانىدىم، كىممۇ ئۆزىنىڭ ئايرىم دۇنياسى، ئايرىم پائالىيەت سورۇنى، ئايرىم كارىۋىتى، ئايرىم يوتقىنى بولۇشىدىن سۆيۈنمىسۇن؟! Read more
-

بەزى ئەسلىمىلەر (1)
ﺋﻪﺳﻠﯩﻤﯩﺪﻩ ﻧﯘﺭﻏﯘﻥ ﺋﻪﺑﺠﻪﺵ ﻧﻪﺭﺳﯩﻠﻪﺭ ﺑﺎﺭ، ﺋﯘﻧﺘﯘﭖ ﻛﯧﺘﯩﻤﯩﺰ، ﺋﯘﻧﺘﯘﻟﯩﻤﯩﺰ، ﻛﯜﻧﻠﯩﺮﯨﻤﯩﺰ ﻳﯧﯖﯩﻠﯩﻨﯩﭗ ﺑﺎﺭﯨﺪﯗ، ﺑﯩﺮ ﺟﺎﻳﺪﺍ ﺗﻪﻛﺮﺍﺭﻟﯩﻨﯩﯟﻩﺭﮔﻪﻥ ﮬﺎﻳﺎﺗﺘﺎ ﺋﻪﺳﻠﯩﮕﯜﺩﻩﻙ ﺋﺎﻻﮬﯩﺪﻩ ﺋﯩﺸﻼﺭ ﻗﺎﻟﻤﺎﻳﺪﯗ، ﺷﯘﯕﺎ ﺋﻪﺳﻠﯩﻤﻪ ﻛﯚﭖ ﮬﺎﻟﻼﺭﺩﺍ ﺋﺎﻻﮬﯩﺪﻩ ﻣﯘﮬﯩﺖ، ﺋﺎﻻﮬﯩﺪﯨﺮﻩﻙ ﯞﺍﻗﯩﺘﻼﺭﻏﺎ ﺑﺎﻏﻠﯩﻨﯩﭗ ﻛﯧﺘﯩﺪﯗ. ﺋﯚﺗﻜﻪﻥ ﻛﻪﭼﻤﯩﺸﻠﻪﺭ ﺋﯩﭽﯩﺪﻩ ﺋﯚﻳﺪﯨﻦ، ﻳﺎﺷﺎﯞﺍﺗﻘﺎﻥ ﺟﺎﻳﺪﯨﻦ ﭼﯩﻘﯩﭗ ﻛﻪﺗﻜﻪﻥ، ﮬﻪﺭ ﻛﯜﻥ، ﮬﻪﺭ ﺳﺎﺋﻪﺗﺘﻪ ﻳﯩﭙﻴﯧﯖﻰ، ﺋﺎﻻﮬﯩﺪﻩ ﺗﯘﻳﯘﻟﯘﭖ ﻛﺎﻟﻠﯩﻤﯩﺰﺩﯨﻦ ﺑﯩﺮ ﻗﻪﺩﻩﺭ ﭼﻮﯕﻘﯘﺭ ﺋﻮﺭﯗﻥ ﺋﺎﻟﻐﺎﻥ ﻣﻪﻧﺰﯨﺮﻩ، ﺧﯩﻴﺎﻝ، ﮬﺎﻳﺎﺟﺎﻥ، ﺋﯩﭻ ﭘﯘﺷﯘﻏﻰ… Read more

