• بېيجىڭدا نەۋرۇز

    بېيجىڭدا نەۋرۇز

    تۈنۈگۈن مەركىزىي مىللەتلەر ئۇنىۋېرسىتېتى زالىدا ئوقۇغۇچىلار تەييارلىغان ”نەۋرۇز شادلىقى“ سەنئەت نومۇرلىرىنى  كۆرۈپ، تۈمەن مىڭ ھىسلارغا چۆمۈلدۈم، باھار گۈزەل، قىزلار گۈزەل، ناخشىمىز گۈزەل، چولپانلىرىمىز پارلاق، ئاۋازىمىز ياڭراق… سەھنىگە قاراپ ئولتۇرۇپ 10 نەچچە يىل ئاۋۋال ھاياجانلىنىپ، تەمتىرەپ ئولتۇرۇپ تەمبۇر چېلىپ، ناخشا ئېيتىۋاتقان ھالىتىمنى ئەسلىدىم. قېرىپتۇق، شۇ يىللاردا تۇغۇلغان بالىلار مانا ھازىر سەھنىدە  ناخشا ئېيتىپ، ئۇسسۇل ئويناپ يۈرمەكتە. تەمبۇرنى مەندىن ياخشى چالماقتا، ئاۋازى مەندىن يۇقىرى Read more

  • سوغۇق شامال (پوۋېست)

    سوغۇق شامال (پوۋېست)

    ئۇ چۈشىدە ئۆزىنى مۇخبىرلار زىيارەت قىلىۋاتقان ھالەتتە كۆردى. مۇخبىرلار سوئال سورىغاندا ئۇ كۆزەينىكىنى سۈرتكەچ جاۋاب بېرەتتى، يېنىدا گەپكە قوشۇق سېلىۋاتقان خوتۇنىغا پات-پات ئالىيىپ قاراپ قوياتتى، ناۋادا بۇ خوتۇنى بولمىغان بولسا تېخىمۇ ئەركىن گەپ قىلالايتتى-دە. − مەن،−دەپ گەپ باشلىدى ئۇ ياشلىقىنى ھاياجان بىلەن ئەسلىگەچ،− 55-يىلى بېيجىڭغا كەلگەن، ئاز سانلىق مىللەتلەر ئىچىدە ئەڭ بۇرۇن بېيجىڭغا كەلگەنلەردىن ھېسابلىنىمەن. Read more

  • 200 يىللىق نادىر ئەسەرلەر

    200 يىللىق نادىر ئەسەرلەر

    ”ئامېرىكا ۋە ئەنگىلىيىلىك 125 يازغۇچى باھالاپ چىققان،  تارىختىن بۇيانقى ئەڭ كاتتا ئەسەرلەر“ دەرىجىسىگە قارىغاندا لېۋ تولىستوينىڭ «ئاننا كارىننا»، نابوكوۋنىڭ «لولىتا» ناملىق رومانى ئايرىم-ئايرىم ھالدا 19-ئەسىر ۋە 20-ئەسىردىكى ئەڭ نادىر ئەسەر بولۇپ باھالانغان، نابوكوۋ گەرچە ئامېرىكىلىق بولسىمۇ قېنى رۇسلارغا تەۋە بولغاچقا  رۇسلار ئۈستۈنلۈكنى ئىگىلىگەن. 20-ئەسىردىكى ئەڭ نادىر ئەسەرلەر: 1. «لولىتا»                       ۋىلادىمىر نابوكوۋ (1899−1977)   ئامېرىكا 2. « Read more

  • يازغۇچىدىكى ئىشق ۋە دەرد

    يازغۇچىدىكى ئىشق ۋە دەرد

    يازغۇچى ئۆز بىچارىلىكىنى كۆرۈپ يەتكۈچى، گۈزەللىكنى ئۇلۇغلايدۇ، تەبىئەتنى سۆيىدۇ. بىر دەقىقە تەپەككۇرىغا ئالەمچە ئىشلار سىغىدۇ، باشقىلار ئۇنى ئۆتكۈزۈۋېتىدۇ، ئەمما ئۇ ئاسان تەسىرلىنىدۇ، ھەرىنىڭ ئۇۋىسىدەك چۇۋۇلۇپ كەتكەن پىكرىنى ئىپادىلەشنى ئويلايدۇ،  قەغەز، قەلەم، كومپيۇتېر بىلەن بىر گەۋدىگە ئايلىنىپ، پۈتۈن مەۋجۇتلۇقىنى تەپەككۇرىغا جەملەيدۇ. بۇ مەۋجۇتلۇقتا ۋاقىت تەرتىپسىزلىشىدۇ،  ئۆتمۈش بىلەن كەلگۈسى يوقايدۇ، ھەسرەت، تەشۋىش، ھاياجان، ۋەسۋەسە بىر-بىرىگە تۇتىشىدۇ. ئىشق-مۇھەببەت Read more

  • سەن يەنىلا «ئىزدىنىش» تا يۈرەمسەن؟

    سەن يەنىلا «ئىزدىنىش» تا يۈرەمسەن؟

    ئۇ يېنىمغا كېلىپ ماڭا ئېچىنىپ قارىدى: _ يەنە شۇ ”ئىزدىنىش“… _ قانداق قىلاي، باشقا تور بەتلىرى تېتىمايدۇ. _ 8 يىللىق كونا ئەزاكەنسەن، بالاڭمۇ 8 ياشقا كىردى، ئەمدى بولدى قىلساڭ بولمامدۇ؟ شۇ كەتكەن ۋاقىتلىرىڭغا ئىچىڭ ئاغرىمامدۇ؟ تېما يازىمەن، ئىنكاس يازىمەن دەپ زېھنىڭ كەتتى، كۆز نۇرۇڭ كەتتى، مۇشۇ ۋاققىچە تورغا يوللىغان نېمەڭگە يا بىر پۇڭلۇق ھەق كەلمىدى. Read more

  • پۇلى يوق ئەرلەرنىڭ ھەممىسى ئەخلەت…

    پۇلى يوق ئەرلەرنىڭ ھەممىسى ئەخلەت…

    يېقىندا بېيجىڭدىكى مېترودا يانمۇ يان ئولتۇرغان ئىشلەمچى ئاشىق مەشۇقلار گەپ تالىشىپ ئۇرۇشۇپ قاپتۇ، ئايال ئەرنى توختىماي ئەيىبلەپتۇ، ئۇ گۆشۋاشنىڭ بىرەر ئىشتا تىلى تۇتۇق بولسا كېرەك، گۈشىيىپ قاراپ ئولتۇرىۋېرىپتۇ، غەزىۋى كەلگەن ئايال توساتتىن ئەتراپتىكىلەرنى ھەيران قالدۇرىدىغان بىر گەپنى قىلىپتۇ: پۇلى يوق ئەرلەرنىڭ ھەممىسى ئەخلەت! بۇ گەپنى كىمدۇر بىرى تورغا چىقىرىپ مۇنازىرىگە ساپتۇ، بەزىلىرى ئۇ ئايالنى نومۇسسىز، Read more