-

چىرىكلىك ۋە ھايانكەشلىك
كۇلىغا پويىزدا مېڭىپ باققانلار بىلىدۇ، ھايانكەشلىك ئىزچىل ھۆكۈم سۈرۈپ كەلدى، پويىزنىڭ بېلەتچىلىك مۇلازىمىتى بىلەن ھايانكەشلىك ئوتتۇرىسىدىكى زىچ مۇناسىۋەت يىللاردىن بېرى كۈچىيىپ، مۇستەھكەملىنىپ كەلدىكى، كىملىك بويىچە بېلەت ئېلىش ۋە پويىزغا چىقىش تۈزۈمى يولغا قويۇلغاندىن كېيىنمۇ بۇ مۇناسىۋەت، بۇ خىيانەت، بۇ چىرىكلىك داۋاملىشىۋەردى. بېيجىڭ-ئۈرۈمچى لىنىيىسى ھەر تەتىل، چاغان، يازلىق ساياھەت ۋاقىتلىرىدا شۇنچىلىك باس-باس بولۇپ كېتىدۇكى، ھايانكەشلەرمۇ بۇ Read more
-

بىر قىزغا مىڭ كۆز
مېترودا چىرايلىق قىزلارنى پات-پات كۆرگىلى بولىدۇ، بولۇپمۇ ياز كۈنلىرى ”گۈللەر“ چىرايلىق ئېچىلىپ كېتىدۇ. ئەرلەر ئۇلارغا ھەۋەس قىلسا، سەترەك ئاياللار ھەسەد قىلىدۇ. چىراينىڭ فوكۇس نۇقتىسى ئاساسەن كۆزگە مەركەزلىشىدۇ، چۈنكى كۆز كۆڭۈلنىڭ ئەينىكى، گۈزەللىكنىڭ نۇر تاجى. شۇڭا كۆزى قىسماق ياكى يالاڭ قاپاق قىزلار كۆزى چوڭ، قوشقاپاقلارغا ھەۋەس قىلىدۇ. چۈنكى بۇنداق كۆزلەر خەنلەر ئىچىدە تولىمۇ كەم كۆرۈلىدۇ ھەم Read more
-

يۈسۈپ خاس ھاجىپ ۋە جاھىت سىتكى تارانجى ئەسەرلىرىدىكى ياشلىق، قېرىلىق، ئۆلۈم تېمىلىرى
تالات تېكىن[①] ئۆتۈپ كەتكەن ياشلىققا ئېچىنىش، قېرىشتىن ئەنسىرەش، شۇنداقلا ئۆلۈم قورقۇنچى ۋە ياشاش مۇھەببىتى دېگەندەك تېمىلار تۈرك شېئىرلىرىغا جاھىت سىتكى تارانچىنىڭ شېئىرلىرى ئارقىلىق كىرگەن دېيىلىدۇ. دەرۋەقە، كۆپىنچىلەر ئۇنىڭ «ياشلىق مانا مۇشۇنداق»، «دەم ئېلىش»، مەن قورققان ئىشلار»، « ئىنسان»، «يالغان دۇنيا»، «ئاقىۋەت»، «ئۆلدۇق» ۋە «ئوتتۇز بەش ياش» ناملىق ئەسەرلىرىنى شېئىرلىرىمىزدىكى شۇ خىل تېمىلارغا تەسىر كۆرسەتكەن تۇنجى Read more
-

ئۆلۈك دەيمىزمۇ ئەمدى ئۇلارنى
ئۆلۈك دەيمىزمۇ ئەمدى ئۇلارنى يۈرەكلىرى سوقۇشتىن خېلى بۇرۇن توختىغان ئۆلۈك دەيمىزمۇ ئەمدى ئۇلارنى كۆز قارىچۇقلىرى ھېچ مىدىرلىمايدۇ ئۆلۈك دەيمىزمۇ ئەمدى پرىستانلارغا بەنت قىلىنغان چوڭ كېمىلەردەك مىدىرلىمايدۇ كۆز قارىچۇقلىرى ئۆلۈك دەيمىزمۇ ئەمدى ئۇلارنى. چىرايلىرىدا خاپىلىق چىرايلىرىدا قەتئىيلىك قارىغاندا بەك ئۇزاق كۈتكەن پوستىدىن چىقىدىغان ئاپېلسىندەك تاڭ ۋاقتىنى چىرايلىرىدا خاپىلىق جەڭ مەيدانىغا ئوخشايدۇ ئۇ چىرايلىرى كالپۇكلىرى نەم ئاخىرقى Read more
-

«ھېچنېمىزم»
ئەلكۈيى تورى بىر ئايدىن بېرى ھېچنېمىزم ھەققىدىكى كەسكىن مۇنازىرىلەر، جەڭگى-جېدەللەر قاينىمىغا غەرق بولدى، دىققەت بۆلۈندى، زېھىنلەر چېچىلدى، پىكىرلەر غىدىقلاندى، ئىمان ئۆلچىمى گويا ھەر كىمگە توغرىلاندى، كۆزلەر جامدەك ئېچىلدى، ئۇنتۇلۇپ قالاي دېگەن ئايەت، ھەدىسلەر توپا بېسىپ قالغان مۇبارەك كىتابلارنىڭ سەھىپىسىدىن كومپيۇتېر ئېكرانىغا يۆتكەلدى، دىن، ئىمان، مىللەت، ئىللەت ھەققىدىكى مۇلاھىزىلەر، ئىختىلاپلار ئەۋجىگە چىقتى، غۇرۇر دېگەن نەرسە ئەقىللەرگە Read more
-

ھېچكىم مۇنداق دەيدۇ
1. ئاق چەككۈچى ئۆتكەن يىلى رامىزان ئېيىدا ساقچىلار بېيجىڭنىڭ داشىڭ تەرەققىيات رايونىدىكى ئۈرۈمچى ئۇيغۇر ئاشخانىسىنى قورشاپ، ئاق ساتقۇچىلارنى تۇتۇۋاتقاندا ئەرتۈرك دېگەن مۇنۇ ئادەممۇ خوتۇن بالىلىرى بىلەن شۇ ئاشخانىغا سولىنىپ قالدى. ئەرتۈرك ”لەغمەن بارمۇ“ دېدى، ”يوق“ دېدى، ”كاۋاپ بارمۇ“ دېدى، ”يوق“ دېدى ئەتراپىغا ئەلەڭ-سەلەڭ قاراپ چاي قۇيۇۋاتقان، بىگۇناھ قارىلىنىپ تۈرمىدە نەچچە ئاي يېتىپ كەتكەن بىچارە كۈتكۈچى. Read more

