• ئەرتۈرك بلوگى يېڭىلاندى

    ئەرتۈرك بلوگى يېڭىلاندى

    كۆرۈپ تۇرۇپسىلەر، بۇ بلوگ ۋوردپرېسقا كۆچۈپ كىردى، ئەسلىدە كۆچمەي دېگەن، بۇرۇنقىسىغا كۆنۈپ قاپتىكەنمەن، ئەمما بلوگنىڭ تېخنىكىلىق ئىشلىرىغا مەسئۇل ئىلقۇت، مۇشاۋىر ئەپەندىلەرنىڭ يېڭىلىققا ۋە مۇكەممەللىككە ئىنتىلىدىغان روھى مېنى تەسىرلەندۈردى، ئۇلارنىڭ ئالدىراشلىق ئىچىدىن ۋاقىت چىقىرىپ تىرىشچانلىق كۆرسىتىشى نەتىجىسىدە بلوگىمىز تولۇق يېڭىلىنىپ، ياسىنىپ تارىنىپ، يېڭى يىلدا يېڭى چىراي بىلەن كىرەلىگۈدەك  ھالغا كەلدى، بۇ يەردە بۇ ئىككى ئىنىمغا ئالاھىدە Read more

  • نەچچە ۋاقىتتىن بېرى…

    نەچچە ۋاقىتتىن بېرى…

    نەچچە ۋاقىتتىن بېرى قانداق ياشىدىم؟  ھاياتتا بۈيۈك غايىلىرىم، تۇرمۇشتا ئاجايىپ پىلانلىرىم بار ئىدى، ئەمما ھەر كۈنى ئۇششاق ئىشلار، كەچمىشلەر بىلەن ھەرە كېپىكىدەك ھەرىدىلىپ، ۋاقىت شامىلىدا ئۇچۇپ تۇردۇم. تۇرمۇش ھەقىقەتەن كاتتا ئىشلاردىن ئەمەس، ئۇششاق-چۈششەك كەچمىشلەردىن، ئۇنتۇلۇپ كېتىدىغان تۇيغۇ-تەسىراتلاردىن، ئۆلگەندە تۈگەيدىغان پانىي خىياللاردىن تەركىپ تاپىدىكەن. شۇڭا چوڭ ئىشلارنى قىلالماي ئاھ ئۇرۇپ يۈرگەندە تۇرمۇشنىڭ ئېقىنىغا ئۆزەمنى قويۇۋېتىپ ئارام Read more

  • ئەلكۈيى خەۋەرلىرىدىكى بەزى مەسىلىلەر

    ئەلكۈيى خەۋەرلىرىدىكى بەزى مەسىلىلەر

    ئەلكۈيى خەۋەرلىرى ئەلكۈيى تورىنىڭ ئەڭ ئاۋات سەھىپىسى. خەۋەرلەرنىڭ يېڭىلىنىشى تېز، جەلىپكارلىقى يۇقىرى، گېزىتخۇمار ئادەم ھەر كۈنى گېزىت ئوقۇپ ئارقىدىن بىر تال تاماكا چېكىشكە خۇمار بولغاندەك، تورخۇمار ئادەممۇ خەۋەرلەر سەھىپىسىگە كۆز يۈگۈرتۈشكە خۇشتار بولۇپ قالىدىكەن. ئەلكۈيىدىكى خەۋەرلەر ئاساسەن سىياسىي خەۋەرلەر، قىززىق نۇقتىلار، قىزىقارلىق ھەم غەيرى ئىشلار، يېڭى تېخنىكىلار، ئالامەت بايقاشلار، چولپانلارغا ئائىت غەيۋەت پاراڭلىرىنى ئاساس قىلىدىغان Read more

  • تىرىكلىك نىشانى (5)

    تىرىكلىك نىشانى (5)

    39 ھازىردىن باشلاپ، تۈنۈگۈندىن باشلاپ، بەلكىم تۇغۇلغاندىن باشلاپ ئاللاھ دەرگاھىغا كېتىۋاتىمەن. ئەسلىمىلەر يوقالدى، ھالبۇكى ياخشى-يامان ئەمەللىرىمىزنى مالائىكىلەر خاتىرىلەپ تۇرىدۇ؛ بىھۇدە سۆز، ئوسال قىلىق، ئىتائەتسىز خىيال ۋە ئىسيانكارلىقلىرىمىزنى ھەر كۈنى داۋاملاشتۇرىدىغان بولسام گۇناھلىرىم تاغدەك دۆۋىلىنىدۇ. شۇڭا ھەر كۈنى پەخەس بولۇپ تۇرۇش، پاك-ساغلام ياشاش مۇھىم. باشقىلارغا قىلىۋاتقان مۇئامىلەم تەكەببۇرلۇق ياكى ئۆزىنى تۆۋەن كۆرۈش بىلەن خاراكتېرلىنىپ قالماسلىقى كېرەك. Read more

  • تىرىكلىك نىشانى (4)

    تىرىكلىك نىشانى (4)

    31 ئىشتىياق باغلىدىم خەۋەرلەرگە، ھەقىقىي ۋەقەنى بىلگۈچى ئاللاھ، نىجاتكارىمىز ئاللاھ، بەختكە بىر ۋەسىلىنى بەرگۈچىمۇ ئاللاھ، پەرۋەردىگارىمىز بۇ دەۋرنى ئىنسانلار ئارىسىدا ئايلاندۇرۇپ تۇرىدۇ. ئىنسان ھەقىقەتنى بىلىشكە شۇنچىۋالا ھېرىسمەن، ئەمما غەيبىي مەسىلىلەرگە كاللىسى يەتمىگەچكە، ھېس- تۇيغۇسى رېئاللىقتىن، ماددىدىن چەتنەپ كېتەلمەي، نەق نەرسىلەرگە باغلىنىپ، چەكلىنىپ تۇرۇپ قالىدۇ؛ ئەسلى تەبىئەت، ئاجىزلىق، بىچارىلىك مانا مەشەدە؛ ئۆزىنى ماددىنىڭ قۇللۇقىدىن، باتىللىقتىن ئازاد Read more

  • تىرىكلىك نىشانى (3)

    تىرىكلىك نىشانى (3)

    21 ناماز بىر زىكرى-تەسبىھتۇر، مۇئمىننىڭ مىئراجىدۇر ؛ روھنىڭ مۇجەسسىمىدۇر؛ گۇناھقا گەدەنگىچە كۆمۈلگەن بىر مەخلۇقنىڭ پاكلىنىش جەريانىدۇر؛ دۇنيانىڭ چاڭ-توزانلىرىغا كۆمۈلگەن قاساۋەتلىك ۋۇجۇدنىڭ پاكىزلىنىشىدۇر؛ جاھان غەۋغالىرىغا ئالدىنىپ خارلانغان، بوينى پۈكۈلگەن بەندىنىڭ ئەسلى ئىززەت كامالىغا، غۇرۇرىغا قايتىشىدۇر؛ روھنىڭ نۇرىدۇر ناماز؛ شۇڭا پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ئۇنى كۆزۈمنىڭ نۇرى دېگەن؛ بىلالغا ” ئەزان ئېيتىپ بىزنى راھەتلەندۈرگەن“ دېگەن. قورقۇنچ ۋە ئۈمىد بىلەن Read more