• يېڭى ھايات(5)

    يېڭى ھايات(5)

    9 شۇنىڭدىن كېيىن بىز ئىككىمىز دوكتور نارىننىڭ قورۇقىدا ئۇزۇن بىر سەيلىگە چىققىنىمىزدا، بۇ ئىككى ئىستەك دوكتور نارىن تەرىپىدىن ماڭا بىرەر ھاياتلىق تاللىشى سۈپىتىدە مەردلەرچە سۇنۇلدى. چەكسىز ئەستە ساقلاش ئىقتىدارى ۋە خاتىرە دەپتەرلىرى بولغان تەڭرىدەك، ئاتىلارنىڭ ئوغۇللىرىنىڭ كاللىسىدىن كەچكەن ھەر قانداق ئىشنى بىلىشى بىر تاسادىپىيلىقتۇر. ئۇلار كۆپ ھاللاردا ئوغۇللىرىغا ۋە ئوغۇللىرىغا ئوخشىتىپ قالغان ياتلارغا ئۆزىنىڭ ئەمەلگە Read more

  • يېڭى ھايات(4)

    يېڭى ھايات(4)

    7 تۈگىمەس ياز يامغۇرىدىن ۋە ئۈچ ئاپتوبۇس ئالمىشىپ، ئىككى شەھەردىن ئۆتكەندىن كېيىن گۈدۈل ناھىيىسىگە باردۇق. پاتقاقلىق گاراژلاردىن ناھىيە بازىرىنىڭ تار پىيادىلەر يولىغا چىققاندا باش ئۈستۈمدە غەلىتە بىر ئاسماننى كۆردۈم؛ ئوتتۇرىغا تارتىلغان ئاق لوزۇنكىدا بالىلار يازلىق قۇرئان كۇرسىغا چاقىرىلىۋاتاتتى. مونوپول قىلىنغان سودا-سېتىق ۋە تەنتەربىيە لاتارىيىسى دۇكىنىنىڭ ئالدىدا قارنى كۆپۈپ كەتكەن ئۈچ چاشقان ئۆلۈكى رەڭلىك ئىچىملىك قۇتىلىرى Read more

  • يېڭى ھايات(3)

    يېڭى ھايات(3)

    5 ”ئىجتىمائىي سۇغۇرتا دوختۇرخانىسى“دا جاناننىڭ پېشانىسى تۆت يىپلىق تىكىلگەندىن كېيىن، شەھەرنىڭ پاكار تاملىرى، قاراڭغۇ بىنالىرى، دەرەخسىز كوچىلىرىنى بويلاپ ماڭغاندا پۇتلىرىمىزنىڭ مېخانىك ھەرىكەتلەر بىلەن بىر چۈشۈپ بىر كۆتۈرۈلۈشىنى سەزگەندىن كېيىن مەۋلانىنىڭ تاشلاندۇق شەھىرىنى تۇنجى ئاپتوبۇستىلا تەرك ئەتتۇق. ئۇنىڭدىن كېيىنكى تۇنجى ئۈچ شەھەرنى ئەسلىيەلەيمەن: مورا-تۇرخۇنلار شەھىرى، پۇرچاق شورپىسىغا ئامراق شەھەر ۋە تېتىقسىزلار شەھىرى. ئاندىن كېيىن ئاپتوبۇسلاردا يېتىپ-قوپۇپ، Read more

  • يېڭى ھايات(2)

    يېڭى ھايات(2)

    3 كېيىنكى كۈنلەرنى جاناننى ئىزدەش بىلەن ئۆتكۈزدۈم. ئەتىسى ئۇ تاشقىشلادا كۆرۈنمىدى، ئۇنىڭدىن كېيىنكى كۈنلەردىمۇ شۇنداق بولدى. ئۇنىڭ يوقلىقىنى دەسلەپتە توغرا چۈشەندىم، كېلىدۇ دەپ ئويلايتتىم، ئەمما قەدىمىم ئاستىدىكى كونا دۇنيا ئاستا-ئاستا يوقىلىۋاتاتتى. ئىزدەشتىن، ئۇياق-بۇياققا قاراشتىن، ئۈمىدلىنىشتىن ھارغانىدىم؛ ھالى خاراب ئاشىق ئىدىم، يەنە كېلىپ ھەر كۈنى ئاخشامدىن تاڭ ئاتقىچە ئوقۇغان كىتابنىڭ تەسىرىدىن ئۆزۈمنى تەنھا ھېس قىلاتتىم. بۇ Read more

  • يېڭى ھايات(1)

    يېڭى ھايات(1)

    1 بىر كۈنى بىر كىتاب ئوقۇدۇم، شۇنىڭدىن باشلاپ پۈتۈن ھاياتىم ئۆزگەردى. تېخى كىتابنىڭ باشتىكى سەھىپىلىرىنى ئوقۇۋېتىپلا ئۇنىڭ شۇنداق بىر سېھرىي كۈچىنى ھېس قىلدىمكى، جىسمىم مەن ئولتۇرغان بۇ ئۈستەل-ئورۇندۇقتىن يىراقلىشىپ كېتىۋاتقاندەك بولدى، شۇنداقتىمۇ پۈتۈن ۋۇجۇدۇم ۋە جىمى مەۋجۇتلۇقۇم ھەر ۋاقىتتىكىدىنمۇ بەك ئۈستەلنىڭ ئالدىدا ۋە ئورۇندۇقنىڭ ئۈستىدە ئىدى، كىتاب جىمى تەسىرىنى يالغۇز روھىمدىلا ئەمەس، مېنى مەن قىلىپ Read more

  • مەڭگۈلۈك غېرىبلىق يوق

    مەڭگۈلۈك غېرىبلىق يوق

    ئەمدى مەن بۇ قېتىملىق ئۇزۇن سەپىرىمنى سۆزلەپ بېرەي. مەن يىراق دۆلەتتىن كەلدىم، ئۇ يەر دۇنيانىڭ يەنە بىر چېتىدە شېۋىتسىيە بىلەن قارىشىپ تۇرىدۇ، ئۇ يەردىكى مەنزىرە ۋە جۇغراپىيەلىك بېكىنمە مۇھىت شېۋىتسىيە بىلەن ئوخشىشىپ كېتىدۇ. ئۇ مېنىڭ دۆلىتىم چىلى، ئۇ شىمالدىن جەنۇبقا، يەر شارىنىڭ جەنۇب چېگرىسىغا سوزۇلىدۇ، ھەتتا جەنۇبىي قۇتۇپقا تۇتىشىپ كەتكىلى تاس قالىدۇ.بۇنداق يەر شەكلى شېۋىتسىيە Read more