-

«ئەپەندى لەتىپىلىرى»
1 ئەپەندىنى جۇڭگودىكى ھەممە ئادەم دېگۈدەك بىلىدۇ. شىنجاڭدىن چىققان بۇ مەشھۇر نام خەنزۇ تىللىقلار دۇنياسىغا كىرىپلا كەڭ تارالدى.ئەمما دۇنيادا، ياۋروپالىق ياكى لاتىن ئامېرىكىلىق بولسۇن ئۇنى كۆپىنچە ”خوجا نەسىردىن“ دەپ ئاتايدۇ. ئۇ ھەقتىكى خەنزۇچە تەرجىمە ئەسەرلەرمۇ ناھايىتى كۆپ. مەسىلەن، گې باۋچۈەن ئەپەندى رۇسچىدىن تەرجىمە قىلغان «نەسىردىن لەتىپىلىرى» (جۇڭگو ئاممىۋى سەنئەت نەشرىياتى، 1983-يىل نەشرى)، بۇ كىتابتىكى لەتىپىلەر Read more
-

مەلىكە بىلەن يەتتە پالۋان
ئۈچىنچى ئاي كىرىپ قالغان بولسىمۇ، ئاسماندىن ئاق پەيلەر تۆكۈلگەندەك لەپىلدەپ ياققان قارلار دالىنى ئاق لىباسقا پۈركەپتۇ، يەر-جاھان تولىمۇ گۈزەللىشىپ كېتىپتۇ. بىر خانىش ياغاچ رامكىلىق دېرىزىنىڭ قېشىدا ئولتۇرۇپ، جەڭگە ئاتلىنىش ئالدىدا تۇرغان پادىشاھقا كىيىم تىكىۋاتقانىكەن. توساتتىن بىر سوغۇق شامال چىقىپ، خانىش ئىختىيارسىز تىترەپ كېتىپتۇ-دە، يىڭنىسى قولىغا سانچىلىپ كېتىپ قان چىقىپتۇ، ئۈچ تامچە قان قېلىن قارغا ساقىپ Read more
-

بېلىقچى بوۋاي بىلەن ئالتۇن بېلىق
بۇرۇنقى زاماندا بىر بېلىقچى بوۋاي بوۋاي ئۆتكەن بولۇپ، دېڭىز بويىدا كەمپىرى بىلەن بىللە تۇرمۇش كەچۈرىدىكەن، 33 يىل شۇنداق ياشاپتۇ. 33 يىلدىن بېرى تۇرمۇشى گەرچە نامرات ئۆتسىمۇ ناھايىتى خاتىرجەم، قانائەتچانلىق بىلەن ياشاپ كەپتۇ. بوۋاي ھەر كۈنى بېلىق تورىنى ئېلىپ دېڭىز بويىغا بېلىق تۇتقىلى چىقىدىكەن، كەمپىرى بولسا كونا كەپىسىدە يىپ ئېگىرىدىكەن. 33 يىل ۋاقىت ئېقىن سۇدەك شۇنداق Read more
-

ئالتۇن خورازنىڭ ھېكايىسى
بۇرۇننىڭ بۇرۇنىسىدا كۆچمەن چارۋىچىلىق دەۋرىدە، بىپايان ياۋروپا-ئاسىيا تۈزلەڭلىكىدە توپ-توپ قوي-كالىلار ئوتلايدىكەن، سېپىل-قورغانلار قەد كۆتۈرۈپ تۇرىدىكەن. بۇ زېمىندا ياش بىر ھۆكۈمران غەيرەتكە كېلىپ قۇدرەتلىك بىر دۆلەت قۇرماقچى بوپتۇ، ھە دېگەندە سىرتقا كېڭەيمىچىلىك قىلىپ، بىپايان ئوتتۇرا ئاسىيا تۈزلەڭلىكىنى بويسۇندۇرۇپ، دارتون چار پادىشاھلىقىنى قۇرۇپتۇ. دارتون ئۆزىنىڭ بارغانچە قۇدرەت تېپىۋاتقانلىقىنى كۆرۈپ، قوشنا ئەللەرنى پەقەت كۆزىگە ئىلماپتۇ، دائىم ئەسكەر باشلاپ Read more
-

قانداق يېزىش مەسىلىسى
رومان بىر مىللەتنىڭ مەخپىي تارىخىدۇر. –بالزاك رومان- قۇرۇلما سەنئىتىدۇر. تۇرمۇشتىن قالسا، يازغۇچى ئۈچۈن مۇھىم بولغان نەرسە كىتاب ئوقۇش. كىتاب ئوقۇش ئەسلىمە ۋە تەسەۋۋۇرنى قوزغىتىدۇ، ئىلھام پەيدا قىلىدۇ. ئەدەبىيات رەھىمسىز نەرسە. تالانت بولمىسا ئاقمايدۇ. تۇخۇنىڭ پوكىنىدا تۇخۇم بولمىسا ئۇ ھەر قانچە ئىنجىقلىغان، قەقەسلىگەن بىلەن تۇغالمايدۇ. ئەگەر پوكىنىدا تۇخۇمى بولسا كاتەكتە تۇغمىسىمۇ، نەدىلا بولسا تۇغىۋېرىدۇ. –چېن جۇڭشى Read more
-

دۇنياغا داڭلىق پىسخولوگلار ھاياتلىققا قانداق قارايدۇ؟
سىگموند فروئىد (Sigmund Freud): 1. چاقچاق پەقەت چاقچاقلا ئەمەس، ئۇنىڭ راست تەرەپلىرى بولىدۇ. 2. روھى ساغلام ئادەم تىرىشىپ ئىشلەيدۇ ۋە باشقىلارنى ياخشى كۆرىدۇ. مۇشۇ ئىككى ئىشنى ئورۇنلىيالىغانلارغا قالغان ئىشلار ئېغىر كەلمەيدۇ. 3. ئېغىزدىن كېتىپ قېلىش دەيدىغان ئىش يوق، خاتا كېتىپ قالغان ھەر قانداق گەپ يوشۇرۇن ئاڭنىڭ ھەقىقىي ئىپادىسىدۇر. 4. ھاياتلىقتا ئىككى چوڭ كېلىشمەسلىك بار: بىرى، Read more

