• بۇ مېڭە گويا 18مىڭ ئالەمدۇر

    بۇ مېڭە گويا 18مىڭ ئالەمدۇر

    ۋەھدەت دېگىنىمىز تەشبىھ بىلەن تەنزىھنىڭ بىرلىكىدۇر روھنىڭ ئىگىسى بولغان پەرۋەردىگار بەندىلىرىگە ئاجايىپ تەسۋىرلەرنى كۆرسىتىپ تۇرىدۇ، بېشارەتلەر ۋە ئىشارەتلەر بېرىدۇ. چۈنكى ئۇ يەككە-يىگانە ۋە چەكسىز بارلىقتۇر. مېڭە تەتقىقاتچىلىرىنىڭ قارىشىچە، ئادەمنىڭ مېڭىسى يۈكسەك دەرىجىدە تەرەققىي قىلغان ئورگان بولۇپ، مېڭىمىزنىڭ ئەڭ ئاستى قىسمى، يەنى بوينىمىزغا تۇتاشقان قىسمى يىلان ياكى شۇ تىپتىكى جانلىقلارنىڭ مېڭىسىگە ئوخشايدىكەن، يۈرەك سوقۇشىمىز بىلەن نەپەس Read more

  • ئۈمىدۋارلىق توغرىسىدا

    ئۈمىدۋارلىق توغرىسىدا

    ئاجىزلار ئۆزىگە تەسەللىي بېرىش ئۈچۈن قەھرىمانلىق خىيالى ئىچىدە ياشايدۇ. ئەمما ئەمەلىيەت رەھىمسىز، رېئاللىق ئۆزىنىڭ مۇزدەك چىرايى بىلەن بىزنى ئۈمىدسىزلەندۈرىدۇ، روھسىزلاندۇرىدۇ؛ ئەمما ئۈمىدسىزلىك تەسلىمىيەتچىلىكتۇر، ئۆلمىگەن جانغا قىلىنغان ھاقارەتتۇر، خىيانەتتۇر. بېسىمنىڭ بارلىق مەنبەسى قورقۇنچ؛ ئۆلۈمدىن قورقۇش، كېسەللىكتىن قورقۇش، دۈشمەنلەرنىڭ قەستىدىن قورقۇش، مەسخىرىدىن قورقۇش، نامراتلىقتىن قورقۇش، خارلىق ۋە مۇھتاجلىقتىن قورقۇش ۋاھاكازالار… ئەمەلىيەتتە ئىنسان يۇقىرىقى قورقۇنچ، ۋەھىمىلەردىن قۇتۇلالمايدۇ؛ قۇتۇلالمىغانلىقى Read more

  • دىلنۇر (پوۋېست)

    دىلنۇر (پوۋېست)

    1 ئەسلىمىدىن ئەسلىمە تۇغۇلىدۇ، ئەپسۇس-نادامەتتىن ئىچىم ئاچچىق بولىدۇ، شۈكۈر-قانائەتتىن خۇرسەنلىك تاپىمەن. ئۇنى تۇنجى كۆرگىنىمدە ئۇنىڭ ئانچە چوڭمۇ ئەمەس، كىچىكمۇ ئەمەس كۆز جۇلاسىدىن ئەندىككەنىدىم، ئۇ مېنى تونۇمايتتى، دەل شۇ سەۋەپتىن ئۇنىڭغا قاراپ سالغانىدىم، ئۇنىڭ نەزىرى ئالدى تەرەپتە بولسىمۇ يەنىلا كۆزىنىڭ قۇيرۇقىدا ماڭا قاراۋاتقانلىقىنى پەملىدىم، ھېچ بولمىسا شۇنداق قىلىۋاتىدۇ دەپ ئويلىدىم. ئۇنىڭدىن ئۆتۈشۈپ كەتكەندىن كبيىن ئىختىيارسىز كەينىمگە Read more

  • يېڭى ھايات(8)

    يېڭى ھايات(8)

    15 بىر كېچە بۇ تىۋىشنى ئاڭلاش ئارزۇسىغا شۇنچىلىك بېرىلدىمكى، تېلېۋىزورنى ئۆچۈردۈم، بۇرۇنلا ئۇخلىغان ئايالىمنى ئويغاتماستىن كىتابنى كارىۋىتىمنىڭ بېشىدىن ئاستا ئالدىم ۋە ھەر ئاخشىمى تېلېۋىزور كۆرگەچ تاماق يەيدىغان شىرەگە كېلىپ، يېڭى بىر ئىشتىياق بىلەن ئوقۇشقا باشلىدىم. قىزىم ھازىر ئۇخلاۋاتقان ھۇجرىدا نەچچە يىللارنىڭ ئالدىدا بۇ كىتابنى ئوقۇغانلىقىمنى مۇشۇنداق خاتىرىلىدىم. ئاشۇ نۇرنىڭ كىتابتىن بالقىپ يۈزۈمگە چۈشۈشىگە شۇنچىلىك تەشنا Read more

  • يېڭى ھايات(7)

    يېڭى ھايات(7)

    13 تالاغا چىقار چىقماي يېنىك بىر شامال گەجگەمدىن كىرىپ، پۈتۈن بەدىنىمنى كېزىپ، تۈكلىرىمنى تىكەنلەشتۈردى. كېلەچەكتىكى يۇرتداشلىرىم گۇمانلىق دۈشمەنلەرگە ئايلاندى. يۈرىكىم دۈپۈلدەپ سوقۇۋاتقاندا تاپانچامنىڭ يانپىشىمدا ئىكەنلىكىنى ھېس قىلغاچ، تاماكام بىلەن پۈتۈن دۇنيانى ئىسلاۋاتاتتىم. قوڭغۇراق چېلىندى، ئىچكىرىگە قارىدىم، ئۇ گېزىتىنى تېخىچە ئوقۇۋاتاتتى. تاماشىبىنلار بىلەن بىرلىكتە چېدىرغا قايتىپ ئۈچ رەت ئارقىدا ئولتۇردۇم، ”پروگرامما“ باشلاندى، بېشىم ئايلاندى. نېمە كۆرگىنىمنى، Read more

  • يېڭى ھايات(6)

    يېڭى ھايات(6)

    11 جەمئىيىتىمىزدە مۆتىۋەر ئادەملەر، مەدەنىيىتىمىزدە كىتاب ئوقۇشتىن ھۇزۇرلىنىش دېگەن نەرسە يوق دەپ ئاغرىنىشىدۇ. ماڭا نىسبەتەن بۇ چاغدىكى ھۇزۇر دوكتور نارىننىڭ ئەسەبىي ۋە تەرتىپلىك ئارخىپىنىڭ ئىسپاتلىرى ۋە جىنايەت خەۋەرلىرى ئارىسىدا ئاڭلىغان مۇزىكا بولسا كېرەك. قوللىرىمدا كېچىنىڭ سالقىنلىقىنى ھېس قىلاتتىم، قۇلىقىمدا مەۋجۇت بولمىغان بىر كېچە مۇزىكىسىنى ئاڭلايتتىم، يەنە بىر تەرەپتىن، ياش تۇرۇپ ئۇچرىغان ھايات ئاجايىباتلىرى ئالدىدا ئىرادىلىك Read more