• ساپىيانس: ئىنسانلارنىڭ قىسقىچە تارىخى(31)

    ساپىيانس: ئىنسانلارنىڭ قىسقىچە تارىخى(31)

    تەرەققىيات ئىدىيەسى پەن-تېخنىكا ئىنقىلابى باشلانغانغا قەدەر، كۆپىنچە ئىنسان مەدەنىيەتلىرى تەرەققىياتقا ئىشەنمەيتتى. ئۇلار ئالتۇن دەۋر ئۆتمۈشتە قالدى، دۇنيا توختاپ قالدى، ھەتتا ناچارلىشىۋاتىدۇ دەپ ئويلايتتى؛ مەلۇم دەۋرنىڭ ھېكمەتلىرىگە ئەمەل قىلىش بەلكىم شۇ دەۋرنىڭ گۈزەللىكىنى قايتۇرۇپ كېلەلىشى مۇمكىن، ئىنساننىڭ ئەقىل-پاراسىتى كۈندىلىك تۇرمۇشنىڭ مەلۇم تەرەپلىرىنى ياخشىلىيالىشى مۇمكىن. بىراق، ئىنسانلارنىڭ بىلىمى دۇنيانىڭ ئاساسىي مەسىلىلىرىنى ھەل قىلالمايدۇ. ھەتتا مۇھەممەد پەيغەمبەر، ئىسا… Read more

  • ساپىيانس: ئىنسانلارنىڭ قىسقىچە تارىخى(30)

    ساپىيانس: ئىنسانلارنىڭ قىسقىچە تارىخى(30)

    پەننىي دوگما زامانىۋى پەندە دوگما (قارىغۇلارچە ئىشىنىش) يوق. بىراق ئۇنىڭ تەتقىقات ئۇسۇللىرىنىڭ ئورتاق ئاساسى بار بولۇپ، ئۇ تەجرىبە ئارقىلىق كۆزىتىشكە – يەنى سەزگۈ ئەزالىرىمىزنىڭ ھېچ بولمىغاندا بىرى بىلەن بايقىيالايدىغان نەرسىلەرگە ئاساسلىنىپ، ئۇلارنى ماتېماتىكىلىق ئۇسۇللار ئارقىلىق بىرلەشتۈرۈشكە تايىنىدۇ. تارىخ بويىچە كىشىلەر ئەمەلىي كۆزىتىشلەرنى توپلىغان، ئەمما بۇ كۆزىتىشلەرنىڭ ئەھمىيىتى چەكلىك بولغان. بىزگە كېرەكلىك بارلىق جاۋابلار بار تۇرسا،… Read more

  • ساپىيانس: ئىنسانلارنىڭ قىسقىچە تارىخى(29)

    ساپىيانس: ئىنسانلارنىڭ قىسقىچە تارىخى(29)

    ئالاموگوردو، 1945-يىل 16-ئىيۇل، 05:29:53. تۇنجى ئاتوم بومبىسى پارتلىغاندىن كېيىنكى سەككىز سېكۇنت. يادرو فىزىكىسى ئالىمى روبېرت ئوپېنخېمېر[1] پارتلاشنى كۆرگەندە، باھاگاۋاد گىتادىن[2] نەقىل كەلتۈرۈپ: «مەن ئەمدى ئۆلۈمگە، دۇنيالارنىڭ ۋەيران قىلغۇچىسىغا ئايلاندىم» دېگەن. [1] روبېرت ئوپېنخېمېر (1904–1967)، ئامېرىكانىڭ نەزەرىيە فىزىكا ئالىمى.  ئۇ ئاتوم بومبىسىنىڭ ئاتىسى دەپ تەرىپلىنىدۇ. -ت [2]باھاگاۋاد گىتا–  سانسىكرىتچە «ئىلاھىي كۈي» دېگەن مەنىدە بولۇپ، ھىندىلارنىڭ مىلادىدىن… Read more

  • ساپىيانس: ئىنسانلارنىڭ قىسقىچە تارىخى(28)

    ساپىيانس: ئىنسانلارنىڭ قىسقىچە تارىخى(28)

    مۇۋەپپەقىيەتنىڭ سىرى سودا-تىجارەت، ئىمپېرىيەلەر ۋە ئۇنىۋېرسال دىنلار ئاخىرىدا ھەر قىتئەدىكى ساپىيانسلارنىڭ ھەممىسىنى دېگۈدەك بۈگۈن بىز ياشاۋاتقان دۇنياۋى جەمئىيەتكە بىرلەشتۈردى. بۇ كېڭىيىش ۋە بىرلىشىش جەريانى ئۇنچە ئوڭۇشلۇق ۋە ئىزچىل بولمىدى. ئەمما چوڭ مەنزىرىگە قارىغاندا، كۆپلىگەن كىچىك مەدەنىيەتلەردىن ئاز ساندىكى چوڭ مەدەنىيەتلەرگە، ئاندىن بىر پۈتۈن دۇنياۋى جەمئىيەتكە ئۆتۈش ئىنسانىيەت تارىخىنىڭ مۇقەررەر نەتىجىسى ئىدى. ئەمما  تارىخىي مۇقەررەرلىك دېگىنىمىزدە،… Read more

  • ساپىيانس: ئىنسانلارنىڭ قىسقىچە تارىخى(27)

    ساپىيانس: ئىنسانلارنىڭ قىسقىچە تارىخى(27)

    ئىنسانغا چوقۇنۇش ئاخىرقى 300 يىلدا كۆپىنچە دىنلارنىڭ رولى تۆۋەنلەپ، دىنسىزلىق دەۋرى باشلاندى دېيىلىدۇ. ئەگەر بىز خۇدالىق دىنلار ھەققىدە سۆزلەۋاتقان بولساق، بۇ ئاساسەن توغرا. ئەمما تەبىئىي قانۇن دىنلىرىنى نەزەردە تۇتساق، بۇ دەۋر كۈچلۈك دىنىي قىزغىنلىق، مىسلى كۆرۈلمىگەن تەشۋىقاتچىلىق ۋە تارىختىكى ئەڭ قانلىق دىنىي ئۇرۇشلار مەزگىلى بولۇپ چىقىدۇ. بۇ دەۋر لىبېرالىزم، كوممۇنىزم، كاپىتالىزم، مىللەتچىلىك ۋە ناتسىزمغا ئوخشاش… Read more

  • ساپىيانس: ئىنسانلارنىڭ قىسقىچە تارىخى(26)

    ساپىيانس: ئىنسانلارنىڭ قىسقىچە تارىخى(26)

    خۇدا بىردۇر ۋاقىتنىڭ ئۆتۈشى بىلەن، كۆپ خۇدالىق دىنلارنىڭ بەزى ئەگەشكۈچىلىرى ئۆزلىرىنىڭ مەلۇم بىر ئىلاھىغا شۇنچىلىك مايىل بولۇپ كەتتىكى، كۆپ تەڭرىلىك چۈشەنچىسىدىن يىراقلاشتى. ئۇلار ئۆزلىرىنىڭ ئىلاھىغا يېگانە خۇدا ۋە كائىناتنىڭ ئىگىسى دەپ ئىشىنىشكە باشلىدى. شۇنداقتىمۇ، ئۇلار ئىلاھىمىزنىڭ مەنپەئەتى ۋە تەرەپدارلىقى بار، ئۇنىڭ بىلەن كېلىشىم تۈزگىلى بولىدۇ دەپ ئىشەندى. شۇنداق قىلىپ بىر خۇدالىق دىنلار بارلىققا كەلدى. بۇ… Read more