
2.ئىلىم دەرىخى
ئالدىنقى بۆلۈمدە، 150 مىڭ يىل بۇرۇن شەرقىي ئافرىقىدا ياشايدىغان ھومو ساپىيانسنىڭ كېيىن دۇنيانىڭ ھەر قايسى جايلىرىغا تاراپ، تەخمىنەن 70 مىڭ يىل بۇرۇن باشقا ئىنسان تۈرلىرىنى يوقىتىشقا باشلىغانلىقىنى كۆردۇق. ئارىدىكى مىڭ يىللار بويىچە بۇ ئىپتىدائىي ساپىيانسلارنىڭ تاشقى كۆرۈنۈشى بىزگە ئوخشىسىمۇ، مېڭىسى تەرەققىي قىلغان بولسىمۇ، باشقا ئىنسان تۈرلىرىگە باققاندا ئالاھىدە ئۈستۈنلۈكى يوق ئىدى. يەنە كېلىپ، ئىلغار قورال-سايمان ياساش مۇۋەپپەقىيەتلىرىنىمۇ كۆرسىتەلمىگەنىدى.
ئەسلىدە، ساپىيانسلار بىلەن نىياندېرتاللار تۇنجى ئۇچراشقاندا، نىياندېرتاللار ئۈستۈنلۈك قازانغانىدى. 100 مىڭ يىل بۇرۇن، بەزى ساپىيانسلار شىمالغا، ئوتتۇرا دېڭىزنىڭ شەرقىگە كۆچتى. بۇ جايلار نىياندېرتاللارنىڭ ماكانى ئىدى، ساپىيانسلار بۇ جايلارغا تامامەن ماكانلىشالمىدى. بۇنىڭ سەۋەبى، دۈشمەنچە مۇئامىلە قىلغان يەرلىكلەر، مۇۋاپىق كەلمىگەن ئىقلىم ياكى ساپىيانسلارنى يەكلەيدىغان پارازىتلار ۋە كېسەللىكلەر بولۇشى مۇمكىن. نېمە سەۋەب بولۇشىدىن قەتئىينەزەر، ساپىيانسلار بۇ جايلاردىن ئايرىلدى ۋە نىياندېرتاللار ئوتتۇرا شەرقنىڭ ئىگىلىرى بولۇپ قېلىپ قالدى.
بۇ مەغلۇبىيەتكە ئاساسەن، ئالىملار بۇ ساپىيانسلارنىڭ مېڭە تۈزۈلۈشىنىڭ بىزنىڭكىگە ئوخشىمايدىغانلىقىنى ئوتتۇرىغا قويۇشتى: قارىماققا بىزنىڭكىدەك كۆرۈنەتتى، ئەمما ئىدراك قابىلىيىتى—ئۆگىنىش، ئەسلەش، ئالاقىلىشىش ئىقتىدارى بىزگە قارىغاندا تولىمۇ چەكلىك ئىدى. بۇ ساپىيانسلارغا تۈركچە ئۆگىتىش، ئىسلامنىڭ ئاساسىي بىلىملىرىنى بايان قىلىش ياكى تەدرىجىي تەرەققىيات نەزەرىيىسىنى چۈشەندۈرۈش بىھۇدە ئاۋارىچىلىق ئىدى. شۇنداقلا، بىزمۇ ئۇلارنىڭ زۇۋانىنى چۈشىنىش ياكى تەپەككۇر ئۇسۇلىنى چۈشىنىشتە قىينىلاتتۇق.
شۇنداق بولسىمۇ، ھومو ساپىيانس 70 مىڭ بۇرۇنقى دەۋردىن باشلاپ ئۆزگىچە ئىشلارنى قىلىشقا باشلىدى. بۇ ۋاقىتتا ساپىيانس قەبىلىلىرى ئافرىقىدىن ئىككىنچى قېتىم چىقتى ۋە بۇ قېتىم باشقا تۈرلەرنى ئوتتۇرا شەرقتىنلا ئەمەس، دۇنيانىڭ ھەممە جايىدىن يوقاتتى. قىسقا ۋاقىت ئىچىدە، ساپىيانسلار ياۋروپا ۋە شەرقىي ئاسىياغا يېتىپ باردى. تەخمىنەن 45 مىڭ يىل بۇرۇن، ئۇلار دېڭىزدىن ئۆتۈپ، شۇ ۋاقىتقا قەدەر ئىنسان ئايىغى تېگىپ باقمىغان ئاۋسترالىيەگە باردى. 70 مىڭ يىلدىن 30 مىڭ بۇرۇنقى ۋاقىتقا قەدەر، قولۋاق، كىرسىن چىراغ، ئوقيا ۋە يىڭنە (بەدەننى ئىسسىق تۇتىدىغان كىيىملەرنى تىكىشتە ناھايىتى مۇھىم) قاتارلىق نەرسىلەر كەشىپ قىلىندى. سەنئەت دەپ قارالغان تۇنجى زىبۇ-زىننەتلەر ۋە دىنلارنىڭ پەيدا بولغانلىقىنى كۆرسىتىدىغان تۇنجى يادىكارلىقلار، تىجارەت ۋە جەمئىيەت قاتلىمى شۇ دەۋردە ئوتتۇرىغا چىقتى.
كۆپلىگەن تەتقىقاتچىلار، ئىلگىرى كۆرۈلۈپ باقمىغان بۇ مۇۋەپپەقىيەتلەرنى ساپىيانسلارنىڭ ئەقلىي جەھەتتىن تەرەققىي قىلىشى بىلەن مۇناسىۋەتلىك دەپ قارايدۇ. نىياندېرتاللارنى يوق قىلغان، ئاۋسترالىيەگە قەدەر بېرىپ ماكانلاشقان، ستادېل[1] شىر باشلىق ئادەم ھەيكىلىنى ياسىغان ئىنسانلار ھېچ بولمىغاندا بىزدەك ئەقىللىق، ئىجادكار ۋە ھېسسىياتچان دەپ قارىلىدۇ. ئەگەر ستادېل غارى سەنئەتچىلىرى بىلەن ئۇچرىشىپ قالساق، بىز ئۇلارنىڭ، ئۇلار بولسا بىزنىڭ تىلىمىزنى ئۆگىنەلىگەن بولاتتى. ئۇلارغا بىز بىلىدىغان ھەممە نەرسىنى («ئەلىس ئاجايىباتلار دۇنياسىدا» دېگەن كىتابتىن تارتىپ كۋانتوم فىزىكىسىنىڭ سىرلىرىغىچە) چۈشەندۈرەلىگەن، ئۇلارمۇ بىزگە ئۆزلىرىنىڭ دۇنياغا بولغان چۈشەنچىسىنى ئۇقتۇرالىغان بولاتتى.
ئىلىم ئىنقىلاۋى 70 مىڭ يىل بىلەن 30 مىڭ يىل بۇرۇن ئوتتۇرىغا چىققان يېڭى پىكىر ۋە ئالاقە ئۇسۇللىرىنى كۆرسىتىدۇ. بۇنىڭ سەۋەبىنى تولۇق بىلگىلى بولمايدۇ، شۇنداقتىمۇ ئەڭ نوپۇزلۇق نەزەرىيەگە كۆرە، گېنېتىك مۇتاسيونلار (تۇيۇقسىز ئۆزگىرىشلەر) ساپىيانىسنىڭ مېڭە تۈزۈلۈشىنى ئۆزگەرتىپ، ئىلگىرى مۇمكىن بولمىغان يېڭى ئۇسۇلدا پىكىر قىلىشى ۋە يېڭى تىلدا ئالاقە باغلىشىنى ساقلىدى. بىز «ئىلىم دەرىخى» دەپ ئاتىغان بۇ مۇتاسيون نېمىشقا نىياندېرتاللارنىڭ ئەمەس، ساپىيانسلارنىڭ DNA سىدا ئەمەلگە ئاشتى؟ ھازىرچە بىلىدىغىنىمىز شۇكى، بۇنىڭ سەۋەبى تامامەن تەساددىپىيلىق. ئىلىم دەرىخى مۇتاسيونىنىڭ سەۋەبلىرىنى بىلىشتىن كۆرە، نەتىجىلىرىنى بىلىش بەكرەك مۇھىم. يېڭى ساپىيانسنىڭ تىلىنى پۈتۈن دۇنيانى ئىگىلىگىدەك كۈچلۈك قىلغان ئالاھىدىلىك نېمە ئىدى؟
يەنە كېلىپ بۇ تىل ئەڭ ئىپتىدائىي تىل ئەمەس ئىدى، ھەر قانداق ھايۋان تۈرىنىڭ بىر تىلى بار. مەسىلەن، چۈمۈلىلەر بىلەن ھەرىلەردەك جانلىقلارنىڭمۇ مۇرەككەپ بىر تىلدا ئالاقىلىشىدىغانلىقى، بۇ تىلنىڭ ئاساسەن ئوزۇقلۇقنىڭ نەدە ئىكەنلىكىنى بىلدۈرۈش ئۈچۈن قوللىنىلىدىغانلىقى مەلۇم. ساپىيانسلارنىڭ تىلى ئەڭ بۇرۇنقى ئاۋازلىق تىلمۇ ئەمەس ئىدى؛ بارلىق مايمۇنلارنى ئۆز ئىچىگە ئالغان كۆپلىگەن ھايۋانلارنىڭ ئاۋازلىق تىلى بار؛ مەسىلەن، يېشىل مايمۇنلار ئۆزئارا ئالاقىلىشىش ئۈچۈن ھەر خىل ئاۋازلارنى چىقىرىدۇ. ھايۋانشۇناسلار بۈگۈنگىچە مايمۇنلارنىڭ «دىققەت قىل! بۈركۈت كېلىۋاتىدۇ!» دېگەن مەنىدىكى تىل تاۋۇشىنى ئېنىقلىيالىدى. بۇنىڭغا بىر ئاز ئوخشىمايدىغان يەنە بىر ئاۋاز «دىققەت قىل، شىر!» دېگەن مەنىدە كېلىدۇ. تەتقىقاتچىلار بىرىنچى ئاۋازنى مايمۇنلارغا قويۇپ بەرگەندە، ئۇلار ئاسمانغا ئەنسىزلىك بىلەن قارىغان. ئىككىنچى ئاۋازنى قويۇپ بەرگەندە، ئۇلار دەرھال دەرەخكە ياماشقان. ساپىيانسلار يېشىل مايمۇنلاردىنمۇ كۆپ ھەر خىل ئاۋازلارنى چىقىرالايتتى، ئەمما كىتلار بىلەن پىللارنىڭمۇ شۇ دەرىجىدە كۈچلۈك ماھارەتلىرى بار. بىر شاتۇتى ئالبېرت ئېينىشتېيىننىڭ سۆزلىرىنى دورىيالىغىنىدەك، سايرىغان تېلېفون، قاتتىق يېپىلغان ئىشىك ۋە پويىزنىڭ گۈدۈك ئاۋازلىرىنىمۇ دورىيالايدۇ. ئېينىشتېيىن بىر شاتۇتىغا باققاندا يۈكسەك ئىقتىدارلىق، ئەمما ئاۋاز جەھەتتە ئەمەس، ئەلۋەتتە. ئۇنداقتا تىلىمىزنى بۇنچىلىك ئالاھىدە قىلىۋەتكەن نەرسە نېمە؟
بۇنىڭغا بېرىلىدىغان ئەڭ ئومۇمىي جاۋاب تىلىمىزنىڭ پەۋقۇلئاددە ئەۋرىشىم بولۇشىدۇر. چەكلىك تاۋۇشلار بىلەن ئىشارەتلەرنى بىرلەشتۈرگەن ئاساستا ھەر بىرى باشقا مەنىدە كېلىدىغان چەكسىز جۈملىلەرنى ياساپ چىقالايمىز. بۇنىڭ سايىسىدە، ئەتراپىمىزدىكى دۇنيا ھەققىدە غايەت كۆپ ئۇچۇرلارنى ئالالايمىز، توپلىيالايمىز ۋە يەتكۈزەلەيمىز. بىر يېشىل مايمۇن ئۆز دوستلىرىغا «دىققەت قىل! شىر!» دەپ ئاگاھلاندۇرۇش بەرگەن بولسا، بۈگۈنكى ئىنسانلار ئۆز دوستلىرىغا ئەتىگىنى دەريانىڭ دوناي قىرغىقىدا بىر توپ ياۋا كالىنى قوغلاپ كېتىۋاتقان شىرنى كۆرگەنلىكىنى ئېيتىپ بېرىشى مۇمكىن؛ ۋەقە يۈز بەرگەن جاينىلا ئەمەس، ئۇ يەرگە بارىدىغان ھەر خىل يوللارنى دەپ بېرەلىشى مۇمكىن. بۇ خەۋەرنى ئاڭلىغان كىشىلەر باش قوشۇپ، دەريا بويىغا بېرىپ شىرنى قاچۇرۇپ ياۋا كالىنى ئوۋلاش پىلانى تۈزۈشى مۇمكىن.
ئىككىنچى نەزەرىيە بولسا، تىلىمىزنىڭ دۇنياغا مۇناسىۋەتلىك ئۇچۇرلارنى ھەمبەھىرلەش جەريانىدا تەرەققىي قىلغانلىقىنى ئىلگىرى سۈرىدۇ. ئەلۋەتتە بۇ مۇھىم ئۇچۇرلار شىر بىلەن ياۋا كالىلارغا ئەمەس، ئىنسانلارغا مۇناسىۋەتلىك ئۇچۇرلاردۇر. بۇ نەزەرىيەگە كۆرە، تىلىمىز غەيۋەت قىلىش ۋاسىتىسى سۈپىتىدە تەرەققىي قىلغان، ھومو ساپىيانس ئالدى بىلەن بىر ئىجتىمائىي ھايۋاندۇر، ئىجتىمائىي ھەمكارلىق جان ساقلاش ۋە كۆپىيىش ئۈچۈن ھالقىلىق رولغا ئىگە. ئەرلەر ۋە ئاياللار ئۈچۈن شىرلار بىلەن ياۋا كالىلارنىڭ ئورنىنى بىلىشنىڭ بەك ئەھمىيىتى يوق؛ ئۇلارغا مۇھىم بولغىنى، قەبىلىدە كىمنىڭ كىمگە ئۆچ ئىكەنلىكى، كىمنىڭ كىم بىلەن جىنسىي مۇناسىۋەت قىلغانلىقى، كىمنىڭ دۇرۇس، كىمنىڭ ساختىپەز ئىكەنلىكىنى بىلىشتۇر.

4. گېرمانىيەدىكى 32 مىڭ يىل بۇرۇنقى تارىخقا ئائىت ستادىل غارىدىن بايقالغان «شىر ئادەم» (ياكى چىشى شىر ئايال) ، بەدىنى ئادەمگە، بېشى شىرغا ئوخشايدۇ. بۇ بىر سەنئەت بۇيۇمى ھەم دىنىي سمۋول بولۇشى مۇمكىن. شۇنداقلا ئۇ، ئىنسانلارنىڭ ئەمەلىيەتتە يوق نەرسىلەرنى تەسەۋۋۇر قىلالايدىغانلىقىنىڭ ئەڭ بۇرۇنقى كۈچلۈك ئىسپاتلىرىدىن بىرى ھېسابلىنىدۇ.
نەچچە ئونلىغان بىر گۇرۇپتا داۋاملىق ئۆزگىرىپ تۇرغان كىشىلىك مۇناسىۋەتلەرنى كۆزىتىش ئۈچۈن ئىگىلەش ۋە توپلاش كېرەك بولغان ئۇچۇر مىقدارى ھەيران قالارلىق دەرىجىدە كۆپتۇر (50 كىشىلىك بىر گۇرۇپپىدا كىشى بېشىغا 1.225 نىسبەتتە توغرا كېلىدىغان ھەر خىل مۇناسىۋەت ھەمدە بۇنىڭدىن تېخىمۇ كۆپ ۋە مۇرەككەپ بولغان بىرلەشمە مۇناسىۋەت مەۋجۇت). بارلىق مايمۇنلار بىر-بىرى بىلەن بولغان مۇناسىۋەتكە كۆڭۈل بۆلسىمۇ، ئۇنچىلىك غەيۋەتچى ئەمەس. نىياندېرتاللار بىلەن ئىپتىدائىي ھومو ساپىيانسلارمۇ بەلكىم بىر-بىرىنىڭ ئارقىسىدىن گەپ قىلىپ يۈرمەيتتى. غەيۋەت-شىكايەت دائىم ئەيبلىنىدىغان، ئەمما ئىنسانلارنىڭ كوللېكتىپ ھەرىكەت قىلىشىغا ئاساس تىكلىگەن بىر ئىقتىداردۇر. يېڭى دەۋر ساپىيانسلىرى تەخمىنەن 70 مىڭ يىل بۇرۇن ئىگە بولغان يېڭى تىل ئىقتىدارى، ئۇلارغا سائەت-سائەتلەپ غەيۋەت قىلىش ئىمكانىيىتى بەردى.كىمگە ئىشىنىش كېرەكلىكى ھەققىدىكى ئۇچۇرلار كىچىك گۇرۇپپىلارنىڭ چوڭ گۇرۇپپىلارغا ئايلىنىشىغا، بۇ ئارقىلىق ساپىيانسلارنىڭ تېخىمۇ زىچ ۋە مۇرەككەپ ھەمكارلىق ئۇسۇلىنى تەرەققىي قىلدۇرۇشىغا تۈرتكە بولدى.
غەيۋەت نەزەرىيىسى دەسلەپتە چاقچاقتەك تۇيۇلۇشى مۇمكىن، ئەمما كۆپلىگەن تەتقىقاتلار بۇ قاراشنى قوللايدۇ. بۈگۈنكى كۈندىمۇ ئىنسانلار ئارىسىدىكى ئالاقىنىڭ كۆپ قىسمى، مەيلى ئۇ تېلېفوندا پاراڭلىشىش بولسۇن ياكى گېزىت سەھىپىلىرىگە ماقالە يېزىش بولسۇن، كۆپ قىسمى غەيۋەتتىن ئىبارەت. بۇ ئەھۋال بىزگە شۇ قەدەر تەبىئىي تۇيۇلىدۇكى، تىلىمىز گويا مەخسۇس غەيۋەت قىلىش ئۈچۈن تەرەققىي قىلغاندەك بىلىنىدۇ. بولمىسا، سىز تارىخ پروفېسسورلىرىنى چۈشلۈك تاماقتا بىرىنچى دۇنيا ئۇرۇشىنىڭ سەۋەبلىرى ھەققىدە تالاش-تارتىش قىلىۋاتىدۇ، ئاتوم فىزىكىچىلىرىنى بولسا ئىلمىي مۇھاكىمە يىغىنلىرىنىڭ دەم ئېلىش مىنۇتلىرىدا قەھۋە ئىچكەچ ئاتوم زەررىچىلىرى ھەققىدە سۆزلەۋاتىدۇ دەپ ئويلامسىز؟ بەزىدە شۇنداقتۇ، ئەمما ئۇلار كۆپ ھالدا ئېرى ئالدىغاندا ئۇنى تۇتۇۋالغان ئايال پروفېسسور، بۆلۈم باشلىقى بىلەن فاكۇلتېت مۇدىرى ئوتتۇرىسىدىكى تالاش-تارتىش ياكى كەسپداشلىرىنىڭ بىرەر تەتقىقات فوندى بىلەن ئۆزلىرىگە ئېسىل ماشىنا ئالغانلىقى ھەققىدە غەيۋەت قىلىشىدۇ. غەيۋەت-شىكايەتلەر كۆپ ھالدا خاتا قىلمىشلارغا مەركەزلىشىدۇ. ئەڭ بۇرۇنقى مەتبۇئاتلىرىمىزدا، سەتچىلىكلەرنى ئاشكارىلاش كىشىلەرنى ئالدامچى، ساختىپەزلەرنىڭ ھىيلە-مىكرىدىن قوغدايدىغان مۇخبىرلىق پائالىيەتلىرىگە ئوخشايتتى.
غەيۋەت-شىكايەت ۋە «دەريا بويىدا شىر بار» نەزەرىيىسى بەلكىم توغرا. ئىنسانلار ۋە شىرلار ھەققىدىكى ئۇچۇرلارنى ھەمبەھىرلەشكە ئىمكان بېرىشتىن زىيادە، ئەمەلىيەتتە يوق نەرسىلەر ھەققىدىكى ئۇچۇرلارنى يەتكۈزۈشمۇ تىلىمىزنىڭ ئۆزىگە خاس ئالاھىدىلىكىدىن بىرىدۇر. بىلىشىمىزچە، پەقەت ساپىيانسلارلا ئۆزلىرى ھېچ كۆرمىگەن، تۇتۇپ باقمىغان ياكى پۇراپ باقمىغان نەرسىلەر ھەققىدە پاراڭلىشالىغان.
ئەپسانە-رىۋايەتلەر، تەڭرىلەر ۋە دىنلار تۇنجى بولۇپ ئىلىم ئىنقىلاۋى نەتىجىسىدە ئوتتۇرىغا چىقتى. ئۇنىڭدىن ئىلگىرى كۆپلىگەن ھايۋان ۋە ئىنسان تۈرلىرى «دىققەت قىل! بىر شىر بار!» دەپ ئاگاھلاندۇرۇش بېرەلەيتتى. ئەمما بىلىم ئىنقىلاۋى سايىسىدە ھومو ساپىيانسلار «شىرلار قەبىلىمىزنى قوغدىغۇچى رۇھتۇر» دېيىش ئىقتىدارىغا ئېرىشتى. تەسەۋۋۇرلار ھەققىدە گەپ قىلىش ساپىيانسلار تىلىنىڭ ئۆزىگە خاس ئالاھىدىلىكدۇر.
پەقەت ھومو ساپىيانىسلارلا رېئاللىقتا يوق نەرسىلەر ھەققىدە پاراڭلىشالىغان دېگەن قاراش كۆپلىگەن كىشىلەر قوبۇل قىلىدىغان بىر قىياستۇر. بىر مايمۇننى ئۇ ئۆلگەندىن كېيىن بارىدىغان مايمۇنلار جەننىتىدىكى ھەددى-ھېسابسىز بانانلار ئارقىلىق ئالداپ، قولىدىكى باناننى بېرىۋېتىشىگە دەپ قايىل قىلالمايسىز. ئەمىسە بۇ نېمىشقا بۇنچە مۇھىم؟ تەسەۋۋۇر ئاخىرقى ھېسابتا باشقىلارنى خاتا يولغا باشلايدىغان ياكى دىققىتىنى بۇرىۋېتىدىغان بىر نەرسە بولۇشى مۇمكىن. پەرىشتىلەر ۋە بىر مۈڭگۈزلۈك ھايۋانلارنى كۆرىمەن دەپ ئورمانلىققا بارغان ئىنسانلارنىڭ ھايات قېلىش پۇرسىتى ئۇ يەردىن يەر مەدىكى ۋە كىيىك تاپىمەن دەپ بارغان ئىنسانلارنىڭكىدىن ئاز بولىدۇ. يەنە كېلىپ، ئەگەر ۋاقتىڭىزنى ئەمەلىيەتتە مەۋجۇت بولمىغان قوغدىغۇچى رۇھلارغا دۇئا قىلىش بىلەن ئۆتكۈزسىڭىز، ئوزۇقلۇق توپلاش، ئۇرۇش قىلىش، ئەۋلاد كۆپەيتىش ئىشلىرى ئۈچۈن سەرپ قىلىدىغان ۋاقتىڭىزنى ئىسراپ قىلغان بولمامسىز؟
يەنە بىر جەھەتتىن، تەسەۋۋۇر بىر نەرسىلەرنى خىيال قىلىشىمىزنىلا ئەمەس، ئۇنى كوللېكتىپ ھالدا ئىشقا ئاشۇرۇشىمىزنى ساقلىدى. بۇ سايىدە، ئىنجىلدىكى يارىتىلىش ھېكايىسى، ئاۋسترالىيە يەرلىك قەبىلىلىرىنىڭ ئالتۇن دەۋر ئەپسانىلىرى ۋە زامانىۋى دۆلەتلەرنىڭ مىللەتچىلىك ئەپسانىلىرىگە ئوخشاش ئەپسانە-رىۋايەتلەرنى بارلىققا كەلتۈرەلىدۇق. بۇ ئەپسانە-رىۋايەتلەر ساپىيانسلارنىڭ كوللېكتىپ ھالدا جانلىق ھەمكارلىق ئورنىتىشىغا تۈرتكە بولدى. چۈمۈلىلەر بىلەن ھەرىلەر كوللېكتىپ ھەمكارلىشىدۇ، ئەمما بۇنى قاتتىق ئىنتىزام ۋە ئۇرۇغ-تۇغقانلىرى بىلەن بىرلىشىش ئارقىلىق قىلىدۇ. بۆرىلەر بىلەن شىمپانزىلار چۈمۈلىلەردىن بەكرەك ھەرىكەتچان ئۇسۇلدا ھەمكارلىشىدۇ، ئەمما ئۇلارمۇ ئۆز يېقىنلىرى ۋە ئاز ساندىكى شېرىكلىرى بىلەن ھەمكارلىشىدۇ. ساپىيانسلار بولسا سان-ساناقسىز ساپىيانسلار بىلەن، ھەرىكەتچان شەكىلدە ھەمكارلىشالايدۇ. دەل شۇ سەۋەبتىن ساپىيانسلار دۇنيانى ئىدارە قىلغاندا، چۈمۈلىلەر ئۇلار تاشلىۋەتكەن نەرسىلەر بىلەن ئوزۇقلىنىدۇ، شىمپانزىلارمۇ ھازىر تەجرىبىخانىلاردا ۋە ھايۋاناتلار باغچىسىدىكى قەپەزلەردە تۇتۇلماقتا.
پيۇگوت (Peugeot) ئەپسانىسى
شىمپانزا تاغىلىرىمىز ئاساسەن بىر قانچە ئون مايمۇندىن تەشكىل تاپقان كىچىك گۇرۇپپىلار شەكىلدە ياشايدۇ؛ بىر-بىرى بىلەن يېقىن دوستلۇق ئورنىتىدۇ، بىرلىكتە ئوۋغا چىقىدۇ، چوڭ پىللارغا، يىلپىزلارغا ۋە دۈشمەن شىمپانزىلارغا قارشى بىرلىكتە كۈرەش قىلىدۇ. تەشكىلىي قۇرۇلمىسى ھوقۇق-مەرتىۋە دەرىجىسى بويىچە تۈزۈلۈشكە مايىل. تەشكىلنىڭ ئەڭ يامان ئەزاسى (ئۇ ھەر زامان بىر ئەر شىمپانزىدۇر) «پالۋان ئەركەك» دەپ ئاتىلىدۇ. باشقا ئەركەك ۋە چىشى مايمۇنلار «پالۋان ئەركەك»كە باش ئېگىش ۋە ئاۋاز چىقىرىش ئارقىلىق ئۇنىڭغا بويسۇنىدىغانلىقىنى ئىپادىلەيدۇ، بۇ خۇددى ئاۋام پۇقرالارنىڭ پادىشاھ ئالدىدا ئېگىلىپ تۇرغىنىغا ئوخشايدۇ. پالۋان ئەركەك ئۆز گۇرۇپپىسىدىكى مايمۇنلارنىڭ ئىناق ئۆتۈشىنى ساقلايدۇ؛ ئىككىسى سوقۇشۇپ قالسا ئوتتۇرىغا كىرىپ ئۇلارنى بېسىقۇرىدۇ؛ ئۇ ھەر قاچان بىۋاسىتە قول سېلىپ، ئەڭ ئېسىل ئوزۇقلۇقنى تارتىۋالىدۇ ۋە تۆۋەن دەرىجىدىكى ئەركەك مايمۇنلارنىڭ چىشى مايمۇنلار بىلەن جۈپلىشىشىگە يول قويمايدۇ.
ئىككى ئەركەك مايمۇن «پالۋان ئەركەك» ئورنىنى تالىشىش ئۈچۈن كۈرەش قىلغاندا، ئومۇمەن ئەركەك ۋە چىشى مايمۇنلاردىن تەشكىل تاپقان قوللىغۇچىلارغا تايىنىدۇ. گۇرۇپپا ئەزالىرى ئارىسىدىكى مۇناسىۋەتلەر قۇچاقلىشىش، تېگىشىش، سۆيۈشۈش، تۈكلىرنى تاراش ۋە بىر-بىرىگە ياخشىلق قىلىش قاتارلىق يېقىن مۇناسىۋەتلەر ئارقىلىق شەكىللىنىدۇ. خۇددى سىياسەتچىلەر بۈگۈن سايلام پائالىيەتلىرى داۋامىدا جايلارنى ئايلىنىپ، كىشىلەر بىلەن قول ئېلىشىپ كۆرۈشۈپ، بوۋاقلارنى سۆيۈپ قويغاندەك، بىر شىمپانزا گۇرۇپپىسىدا يۇقىرى مەرتىۋە ئۈچۈن كۈرەش قىلغۇچىلارمۇ باشقا مايمۇنلار بىلەن قۇچاقلىشىش، دۈمبىسىنى سىلاش ۋە بوۋاق مايمۇنلارنى سۆيۈپ قويۇش بىلەن ۋاقىت ئۆتكۈزىدۇ. پالۋان ئەركەك پەقەت كۈچتۈڭگۈر بولغىنى ئۈچۈن ئەمەس، كۆپ ساندا كۈچلۈك قوللىغۇچىلىرى بولغىنى ئۈچۈن ئۇ ئورۇنغا ئېرىشىدۇ. بۇ جەرياندا مايمۇنلار ئارىسىدا ئېلىپ بېرىلغان كۈرەشلەردىن باشقا يەنە، ئۇلارنىڭ كۈندىلىك تىرىكچىلىك پائالىيەتلىرىمۇ مۇھىم رول ئوينايدۇ. بىر گۇرۇپپىنىڭ ئەزالىرى بىر-بىرى بىلەن كۆپ ۋاقىت بىللە ياشايدۇ، تاپقانلىرىنى تەڭ يەيدۇ، بىرسى پالاكەتكە ئۇچرىسا قالغانلىرى ياردەمگە كېلىدۇ.
بۇ شەكىلدە قۇرۇلغان ۋە داۋام قىلغان گۇرۇپپىلارنىڭ كۆلىمى چەكلىك. گۇرۇپپىنىڭ نورمال ئىشلىشى ئۈچۈن ئەزالىرى بىر-بىرىنى يېقىندىن تونۇشى كېرەك؛ بىر-بىرى بىلەن تونۇشمايدىغان، سوقۇشۇپ باقمىغان، بىر-بىرىنى دەڭسەپ باقمىغان ئىككى شىمپانزا بىر-بىرىگە قانداق ئىشىنىدىغانلىقىنى، ياردەم قىلىشقا ئەرزىيدىغان-ئەرزىمەيدىغانلىقىنى ۋە كىمنىڭ ھەممىدىن نوچى ئىكەنلىكىنى بىلەلمەيدۇ. ئادەتتە بىر شىمپانزا گۇرۇپپىسى 20 دىن 50 كىچە ئەزادىن تەشكىل تاپىدۇ. بىر گۇرۇپپىدىكى شىمپانزىلارنىڭ سانى ئېشىپ كەتسە، ئىجتىمائىي مۇقىملىق بۇزۇلىدۇ ۋە ئوتتۇرىدا بۆلۈنۈش پەيدا بولۇپ يېڭى گۇرۇپپا ئوتتۇرىغا چىقىدۇ. ھايۋانشۇناسلار پەقەت بىر نەچچە قېتىملا 100دىن ئارتۇق ئەزاسى بار گۇرۇپپىلارنى كۆزەتكەن. ئاندا-ساندا ھەمكارلىشىپ قالىدىغان ھەر خىل گۇرۇپپىلار ئاساسەن زېمىن ۋە ئوزۇقلۇق ئۈچۈن كۈرەش قىلىۋاتقان بولىدۇ. تەتقىقاتچىلار شىمپانزا گۇرۇپپىلىرى ئارىسىدا ئۇزۇن داۋاملاشقان ئۇرۇشلارغا، ھەتتا بىر قېتىم ئىرقىي قىرغىنچىلىق دەرىجىسىگە بارغۇدەك قەتلىئام ۋەقەسىگە شاھىد بولغان.
بۇنىڭغا ئوخشاش جەمئىيەت شەكلى ئەڭ بۇرۇنقى ھومو ساپىيانسلارنى ئۆز ئىچىگە ئالغان ئىپتىدائىي ئىنسانلارنىڭ ھاياتىغىمۇ ھۆكۈمران ئىدى. شىمپانزىلارغا ئوخشاش، ئىنسانلارنىڭمۇ ئۆز ۋاقتىدا ئاتا-بوۋىلىرىنىڭ دوستلۇق ئورنىتىشىغا، ھوقۇق-دەرىجە پەرقى شەكىللەندۈرۈشىگە، بىللە ئوۋغا چىقىپ ئۇرۇش-جېدەل قىلىشىغا سەۋەب بولغان تەبىئىي ئىستەكلىرى بار ئىدى. شۇنداقتىمۇ ئىنسانلارنىڭ ئىجتىمائىي تەلەپلىرى شىمپانزىلارغا ئوخشاش كىچىك ۋە بىر-بىرىگە سەمىمىي بولغان گۇرۇپپىلار شەكلىدە ياشاشقا ئۇيغۇن ئىدى. گۇرۇپپا بەك چوڭىيىپ كەتسە، ئىجتىمائىي تەڭپۇڭلۇق بۇزۇلۇپ، گۇرۇپپا تارقىلىپ كېتەتتى. مۇنبەت بىر بوستانلىق 500 ئىپتىدائىي ساپىيانسنى باقالىسىمۇ، بىر-بىرىگە يات بۇنچە كۆپ ساپىيانسنىڭ بىر جايدا ياشىشى مۇمكىن ئەمەس ئىدى. بۇنچە جىق ساپىيانس ئارىسىدا كىمنىڭ رەھبەر بولىدىغانلىقى، كىمنىڭ قەيەردە ئوۋچىلىق قىلىدىغانلىقى ۋە كىمنىڭ كىم بىلەن جۈپلىشىدىغانلىقىنى قانداق بەلگىلىگىلى بولسۇن؟
بىلىم ئىنقىلاۋى ئېراسىدا غەيۋەت-شىكايەتلەر ھومو ساپىيانىسنىڭ تېخىمۇ چوڭ ۋە مۇقىم گۇرۇپپىلارنى قۇرۇشىغا ئىمكان ياراتتى. ئەمما غەيۋەت-شىكايەتنىڭمۇ بىر چېكى بار. جەمئىيەتشۇناسلىق تەتقىقاتى، غەيۋەت-شىكايەت سايىسىدە مۇقىملىق ساقلىغان «تەبىئىي» بىر گۇرۇپپىنىڭ 150 كىشى بىلەن چەكلەنگەنلىكىنى كۆرسىتىپ بەردى. ئەگەر گۇرۇپپا بۇنىڭدىن چوڭ بولۇپ كەتسە، ھېچكىم باشقا بىرىنى يېتەرلىك تونۇيالمايتتى ۋە باشقىلارغا پۇر كەتكۈدەك غەيۋەت-شىكايەت قىلالمايتتى.
بۈگۈن ئىنسانلار تەشكىللىگەن جامائەت ئورۇنلىرىنىڭ كۆپىنچىسىدىمۇ بۇ سېھىرلىك سان بىر بوسۇغا، يەنى باشلىنىش ئۆلچىمىدۇر. بۇ ئۆلچەم ئاستىدا جامائەتلەر، ئىش ئورۇنلىرى، ئىجتىمائىي مۇناسىۋەتلەر ۋە ھەربىي قوشۇنلار ئۆزلىرىنىڭ مەۋجۇتلۇقىنى شەخسلەرنىڭ بىر-بىرىنى يېقىندىن تونۇشى ۋە غەيۋەت-شىكايەت قىلىشى بىلەن داۋام قىلىدۇ. شۇ سەۋەبتىن، بۇ تەشكىلنى قوغداش ئۈچۈن رەسمىي ئۇنۋان-مەنسەپلەر، سۈپەتلەر ۋە قائىدىلەرنى قوللىنىشنىڭ ھاجىتى يوق. 30 ئەسكەردىن تەشكىل تاپقان بىر باتالىيون، ھەتتا 100 ئەسكەرلىك بىر قوشۇنمۇ يېقىن مۇناسىۋەتلەر سايىسىدە ۋەزىپىسىنى ئوڭۇشلۇق ئادا قىلالايدۇ، ئىنتىزامغا ئانچە ھاجىتى چۈشمەيدۇ. ھۆرمەتكە سازاۋەر بىر قوماندان قوشۇننىڭ باشلىقىدۇر، ئۇ ۋەزىپىگە تەيىنلەنگەن بىر ئوفىتسېردىنمۇ كۈچلۈك ئېتىبارغا ئىگە بولالايدۇ. كىچىك بىر ئائىلە شىركىتى ئىجرائىيە كېڭىشى، مۇدىرلار، باش مۇدىر ۋە مالىيە بۆلۈمى بولماي تۇرۇپمۇ ئىشىنى داۋام قىلالىشى ۋە چوڭ مۇۋەپپەقىيەت قازىنالىشى مۇمكىن.
ئەمما ئادەم سانى 150 تىن ئېشىپ كەتكەندە ئىشلار ئۆزگىرىدۇ. مىڭلارچە ئەسكەردىن تەشكىل تاپقان بىر قوشۇننى بىر باتالىيوننى باشقۇرغاندەك باشقۇرالمايسىز. ئائىلە شىركەتلىرى تەرەققىي قىلىپ چوڭىيىپ، تېخىمۇ كۆپ خىزمەتچىلەرنى ئىشلەتكەندە كۆپ ھاللاردا قىيىنچىلىققا دۇچ كېلىدۇ ۋە ئۆزلىرىنى ئوڭشىمىسا ۋەيران بولىدۇ.
ھومو ساپىيانسلار قانداق بولۇپ بۇ مۇھىم بوسۇغىدىن ئاتلاپ ئۆتۈپ، ئون مىڭلارچە كىشىدىن تەشكىل تاپقان شەھەرلەرنى قۇرۇشتا ۋە مىليونلارچە ئىنسانغا ھۆكۈمرانلىق قىلىدىغان ئىمپېراتورلۇقنى بارلىققا كەلتۈرۈشتە مۇۋەپپەقيەت قازاندى؟ بۇنىڭ سىرى بەلكىم تەسەۋۋۇرنىڭ پەيدا بولۇشى بىلەن مۇناسىۋەتلىك. ئورتاق بىر ئەپسانە-رىۋايەتكە ئىشىنىدىغان كۆپ ساندىكى ئادەم بىرلىكتە ئىش قىلالايدۇ.
كۆپ ئىنساننى ئۆز ئىچىگە ئالغان ھەمكارلىق—زامانىۋى بىر دۆلەت، ئوتتۇرا ئەسىردىكى بىر چېركاۋ، بىر قەدىمىي شەھەر ياكى ئىپتىدائىي بىر قەبىلە—ئىنسانلارنىڭ كوللېكتىپ تەسەۋۋۇرى ياراتقان ئورتاق ئەپسانە-رىۋايەتلەرنى مەركەز قىلىپ شەكىللەندى. چېركاۋلار ئورتاق دىنىي رىۋايەتلەرنى مەركەز قىلىپ قۇرۇلدى. بىر-بىرىنى تونۇمايدىغان ئىككى كاتولىك مۇرىتى بىرلىكتە ئەھلى سەلىپ ئۇرۇشىغا قاتنىشىشى ياكى بىر دوختۇرخانىنىڭ قۇرۇلۇشىغا پۇل ئىئانە قىلىشى مۇمكىن. چۈنكى ھەر ئىككىسى تەڭرىنىڭ ئىنسان ۋۇجۇدىدا جانلاندۇرۇلغىنىغا ۋە گۇناھلارنىڭ ئەپۇ قىلىنىشى ئۈچۈن ئۆزىنىڭ كىرىستقا مىقلىنىشىغا رازى بولغانلىقىغا ئىشىنىدۇ. دۆلەتلەر بولسا مىللىي ئەپسانىلەرنى ئاساس قىلىپ شەكىللىنىدۇ، بىر-بىرىنى ھېچ تونۇمايدىغان ئىككى سىلاۋىيان بىر-بىرىنى قۇتۇلدۇرۇش ئۈچۈن جېنىدىن كېچىشكە رازى بولۇشى مۇمكىن، چۈنكى ھەر ئىككىسى سىلاۋىيان مىللىتىنىڭ بارلىقىغا، ئانا ۋەتىنىگە ۋە سېربىيە بايرىقىغا ئىشىنىدۇ. قانۇن سىستېمىلىرى قانۇنغا دائىر ئورتاق رىۋايەتلەنى ئاساس قىلىپ شەكىللىنىدۇ. بىر-بىرىنى پەقەت تۇنۇمايدىغان ئىككى ئادۋوكات ھەر ئىككىسى تونۇمايدىغان بىرسىنى ئاقلاش ئۈچۈن بىر يەرگە كېلىپ ھەمكارلىشىدۇ، چۈنكى ھەر ئىككىسى قانۇن ۋە ئادالەتنىڭ، ئىنسان ھەقلىرى ۋە ئۆزىنىڭ ئادۋوكاتلىق ھەققىنىڭ بارلىقىغا ئىشىنىدۇ.
شۇنداقتىمۇ بۇلارنىڭ ھېچقايسىسى ئىككى ئىنساننىڭ بىر-بىرىگە دەپ يۈرگەن ھېكايىلىرىنىڭ سىرتىدا ئەمەلگە ئاشمايدۇ. ئالەمدە ھېچقانداق تەڭرى، مىللەت، پۇل، كىشىلىك ھوقۇق، قانۇن ۋە ئادالەت ئىنسانلارنىڭ ئورتاق خىيال كۈچىدىن سىرت مەۋجۇت بولالمايدۇ.
ئىنسانلار ئىپتىدائىي جەمئىيەت تەرتىپىنى شۇ ئىنسانلارنىڭ خىيالەتلەر ۋە ئەرۋاھلارغا ئىشىنىش يولى بىلەن شەكىللەندۈرگەنلىكىگە، ئايدا بىر قېتىم باش قوشۇپ، چېدىر ئەتراپىدا ياققان ئوتنىڭ ئەتراپىنى چۆرىدەپ ئۇسسۇل ئوينىغانلىقىغا ئىشىنىدۇ. بىزنى گاڭگىرىتىپ قويغان مەسىلە شۇكى، بۈگۈنكى جەمئىيەت تەرتىپىمۇ خۇددى ئاشۇ پرىنسىپ ئۈستىگە قۇرۇلغان. خۇسۇسىي شىركەتلەرنى مىسال ئالساق، ئىشچى-خىزمەتچىلەر ۋە ئادۋوكاتلار ئەسلىدە يامان سېھىرگەرلەردۇر. ئۇلار بىلەن قەبىلە شامانلىرى ئارىسىدىكى پەرق شۇكى، زامانىۋى ئادۋوكاتلار تېخىمۇ كۆپ غەلىتە ھېكايىلەرنى بايان قىلىدۇ، بۇنىڭ ئەڭ ياخشى ئۆرنىكى پيۇگوت ئەپسانىسىدۇر.
بۈگۈن ستادېل شىرىغا ئوخشايدىغان بىر سمۋولنى پارىژدىن سىدنېيغىچە، پۈتۈن دۇنيادىكى ماشىنىلار، يۈك ئاپتوموبىللىرى ۋە موتوسكىلىتتا كۆرگىلى بولىدۇ. بۇ، ياۋروپانىڭ ئەڭ كونا ۋە ئەڭ چوڭ ئاپتوموبىل شىركەتلىرىدىن بىرى بولغان «Peugeot» ماركىسىدىكى ماشىنىلارنى زىننەتلىگەن بىر بەلگەدۇر. پيۇگوت شىركىتى ستادېل غارىغا 300 كىلومېتىر كېلىدىغان ۋالىنتىگنېي (Valentigney) يېزىسىدا كىچىك بىر ئائىلە شىركىتى سۈپىتىدە ئىش باشلىدى. بۈگۈن بۇ شىركەت دۇنيا مىقياسىدا 200 مىڭ كىشىگە ئىش ئورنى تەمىنلىدى ۋە بۇ كىشىلەرنىڭ كۆپىنچىسى بىر-بىرىنى تونۇمايدۇ. بۇ كىشىلەر بىر-بىرى بىلەن شۇ قەدەر ھەمكارلىشىپ ئىشلەيدۇكى، 2008-يىلى پيۇگوت شىركىتى 1 مىليون 500 مىڭدىن كۆپ ماشىنا ئىشلەپچىقاردى ۋە 55 مىليارد ياۋرۇ كىرىم قىلدى.

پيۇگوت شىرى ئەپسانىسى
پيۇگونى بىز قايسى جەھەتتىن مەۋجۇت دېيەلەيمىز؟ پيۇگوت ماركىلىق نۇرغۇن ماشىنا بار، ئەمما بۇلار ئەلۋەتتە شىركەتنىڭ ئۆزى ئەمەس. دۇنيادىكى بارلىق پيۇگوت ماشىنىلىرى بىرلا ۋاقىتتا تۆمۈر-تەسەككە ئايلاندۇرۇلغان تەقدىردىمۇ، پيۇگوت يوقالمىغان، يېڭى ماشىنىلار ئىشلەپچىقىرىلىپ، يىللىق دوكلاتلار داۋاملىق ئېلان قىلىنىپ تۇرغان بولاتتى. شىركەت زاۋۇتلارغا، سېخلارغا، كۆرگەزمە دۇكانلىرىغا، رېمونتخانىلارغا، مالىيە ئىشلىرى ۋە كاتىبات بۆلۈمىگە ئادەم ئالىدۇ، ئەمما بۇلار پيۇگوتنى تەشكىل قىلمايدۇ. بىر بالايى قازا پيۇگوت شىركىتىدە ئىشلەيدىغان بارلىق ئادەملەرنى ئۆلتۈرۈشى ھەمدە زاۋۇتنىڭ مەمۇرى ئورۇنلىرى ۋە ئىشلەپچىقىرىش سېخلىرىنى يوق قىلىشى مۇمكىن. شۇنداقتىمۇ بۇ شىركەت يەنە قەرز ئېلىپ، يېڭى خىزمەتچىلەرنى ئىشقا ئېلىشى، يېڭى زاۋۇتلارنى قۇرۇشى، يېڭى ئۈسكۈنىلەرنى سېتىۋېلىشى مۇمكىن. پيۇگوتنىڭ دىرېكتورلىرى ۋە پايچىكلىرىغا كەلسەك، ئۇلارمۇ شىركەتنى شەكىللەندۈرەلمەيدۇ. بارلىق دىرېكتورلار ئىشتىن ھەيدىلىشى، پايچىكلار بارلىق پايلىرىنى سېتىۋېتىشى مۇمكىن، ئەمما شۇ ھالدىمۇ بۇ شىركەت مەۋجۇتلۇقىنى داۋام قىلالايدۇ.
بۇلارنىڭ ھەممىسى پيۇگوتنىڭ يېڭىلمەس ۋە ئۆلۈمسىز ئىكەنلىكىدىن دېرەك بەرمەيدۇ، ئەلۋەتتە. سوت ئەگەر بۇ شىركەتنىڭ تاقىلىشىغا ھۆكۈم قىلسا، شىركەتنىڭ زاۋۇتلىرى، ئىشچىلىرى، بوغالتىرلىرى، دىرېكتورلىرى ۋە پايچىكلىرى ئۆز ئورنىدا قالىدۇ، ئەمما پيۇگوت مەۋجۇت بولمايدۇ. قىسقىسى، پيۇگوتنىڭ ماددىي دۇنيا بىلەن چېتىشلىقى يوق، ئەمما بۇ شىركەت ھەقىقەتەن بارمۇ؟
پيۇگوت بىزنىڭ كوللېكتىپ خىيال كۈچىمىزنىڭ مەھسۇلىدۇر. ئادۋۇكاتلار بۇنى «قانۇنلۇق تەسەۋۋۇر» دەپ ئاتايدۇ. ئۇ قول بىلەن تۇتقىلى بولىدىغان ماددىي نەرسە ئەمەس، پەقەت قانۇنىي بىر بارلىق. ئۇمۇ سىز بىلەن ماڭا ئوخشاش، ئۆزلىرى ياشاۋاتقان دۆلەتنىڭ قانۇنلىرىغا باغلىنىدۇ؛ بانكىدا ھېساب ئاچالايدۇ، مال-دۇنيا تاپالايدۇ، باج تۆلەيدۇ، ئىشچى-خىزمەتلىرى ياكى خوجايىنلىرى تەرىپىدىن ئەرز قىلىنالايدۇ.
پيۇگوت «قانۇنلۇق تەسەۋۋۇر» بولغان چەكلىك مەسئۇلىيەت شىركەتلىرىدىن بىرى بولۇپ، بۇنداق شىركەتلەرنىڭ ئارقىسىدىكى پىكىر ئىنسانلارنىڭ ئەڭ كاتتا كەشپىياتلىرىدىن بىرىدۇر. ھومو ساپىيانسلار 1000 يىللارچە بۇ شىركەتلەر بولمىسىمۇ ياشىدى. مال-مۈلۈككە پەقەت گۆش بىلەن سۆڭەكتىن پۈتۈلگەن، ئىككى پۇتلاپ ئۆرە ماڭىدىغان، مېڭىسى يوغان ئىنسانلار ئىگە بولالايتتى. ئەگەر 13-ئەسىردە فرانسىيەدە جېن ئىسىملىك بىر ئادەم يۈك ئاپتوموبىلى كارخانىسىنى قۇرغان بولسا، ئۆزىنىڭ ئىش مەيدانىدا قۇرغان بولاتتى؛ ياسىغان بىر يۈك ئاپتوموبىلى سېتىلىپ بىر ھەپتىدىن كېيىن بۇزۇلۇپ قالسا، ئۇنى سېتىۋالغان كىشى جېن ئۈستىدىن ئەرز قىلغان بولاتتى. جېن ئەگەر قايتا ئىش باشلاش ئۈچۈن مىڭ سەر ئالتۇن قەرز ئېلىپ، ئاندىن ۋەيران بولسا، قەرز تۆلەش ئۈچۈن ئۆز ماللىرىنى—ئۆيىنى، ئات-كالىسىنى ياكى يېرىنى سېتىشقا مەجبۇر بولاتتى؛ ھەتتا بالىلىرىنى قۇل ئورنىدا ئىشلىتىشكە بېرىشى كېرەك ئىدى. ئەگەر قەرزىنى ئۈزەلمىسە دۆلەت تەرىپىدىن تۈرمىگە تاشلىناتتى ۋە قەرز ئىگىلىرى تەرىپىدىن قۇل قىلىناتتى. جېن ئۆز كارخانىسىدا چىققان چاتاقلارغا تامامەن ئۆزى جاۋابكار ئىدى.
ئەگەر ئۇ زاماندا ياشىغان بولسىڭىز، كارخانا ئېچىشتىن ئاۋۋال يەتتە ئۆلچەپ بىر كېسەتتىڭىز. ئۇنداق قانۇنىي ۋەزىيەت ئەلۋەتتە ئىگىلىك تىكلەش ئىشلىرىغا زىيان يەتكۈزەتتى. ئىنسانلار خەتەرگە تەۋەككۇل قىلىپ، يېڭى كارخانا قۇرۇشقا پېتىنالمايتتى. يېڭى كارخانا قۇرۇش كىشىلەرنىڭ ئۆز ئائىلىسىنى تامامەن مۇھتاج ئەھۋالدا قويۇش خەتىرىگە تەۋەككۇل قىلىشىغا ئانچە ئەرزىمەيتتى.
شۇ سەۋەبتىن ئىنسانلار كوللېكتىپ ھالدا چەكلىك مەسئۇلىيەت شىركەتلىرىنى خىيال قىلىشقا باشلىدى. بۇ خىل شىركەتلەر قانۇنلۇق ھالدا بۇ شىركەتنى قۇرغان، شىركەتكە مەبلەغ سالغان ياكى باشقۇرغان ئىنسانلارغا چوڭ جەھەتتە بېقىنىپ قالمايدىغان ئورۇنلار ئىدى. ئۆتكەن بىر قانچە ئەسىردە بۇ خىل شىركەتلەر ئىقتىسادىي دۇنيانىڭ باش رولچىلىرى ھالىغا كەلدى. بىز ھازىر ئۇلارغا شۇنچىلىك كۆنۈپ كەتتۇقكى، ئۇلارنىڭ ئەسلىدە تەسەۋۋۇرىمىزدا مەۋجۇت ئىكەنلىكىنى ئۇنتۇپ كەتتۇق. ئۇلار پەقەت كاللىمىزدا مەۋجۇت بولغىنىغا قارىماي، قانۇن سىستېمىلىرىمىز ئۇلارنى قانۇنلۇق ئورۇن، يەنى كۆز بىلەن كۆرگىلى، قول بىلەن تۇتقىلى بولىدىغان مەۋجۇتلۇق قاتارىدا كۆرىدۇ.
1896-يىلىدا، ھەرە، ۋەلىسپىت ۋە ھالقا ئىشلەيدىغان كارخانىنى ئائىلىسىدىن مىراس ئالغان ئارماند پيۇگوت (Armand Peugeot) ئاپتوموبىل ئىشلەپچىقىرىش ئىشىغا كىرىشكەندە، فرانسىيە قانۇن سىستېمىسىدىكى ئورنى ئەنە شۇ ھالەتتە ئىدى. شۇنىڭ بىلەن ئۇلار ئەنە شۇ مەقسەت بىلەن چەكلىك مەسئۇلىيەت شىركىتى قۇردى. ئۆز نامىنى بەرگەن بۇ شىركەت ئەمدى ئۇلارغا بېقىنمايدىغان بىر ئورۇن ئىدى، ئاپتوموبىللاردىن بىرى بۇزۇلغىنىدا ئۇنى سېتىۋالغان كىشى ئارماند پيۇگوت ئۈستىدىن ئەمەس، پيۇگوت ئۈستىدىن ئەرز قىلالايتتى. ئەگەر بۇ شىركەت 1 مىليون فرانك قەرز ئېلىپ ئارقىدىن ۋەيران بولسا، ئارماند پيۇگوت بۇ شىركەتكە مەبلەغ سالغۇچىلارغا 1 فرانكمۇ قەرز بولمايتتى. چۈنكى قەرز ھومو ساپىيناس ئارماند پيۇگوتقا ئەمەس، شىركەت پيۇگوتقا بېرىلگەنىدى. ئارماند پيۇگوت 1915-يىلى ئۆلدى، ئەمما ئۇنىڭ شىركىتى پيۇگوت بولسا ھازىرغىچە مەۋجۇت ھەم سودىسى ناھايىتى ياخشى.
ئىنسان بولغان ئارماند پيۇگوت شىركەت بولغان پيۇگوتنى قانداق قۇردى؟ سېھرىگەرلەر تارىختىن بۇيان تەڭرىلەر بىلەن شەيتانلارنى ياراتقاندەك، فرانسىيەلىك كاتولىك پوپلىرى ھەر يەكشەنبە كۈنى چېركاۋدا ئىسا پەيغەمبەرنىڭ ۋۇجۇدىنى يېڭىدىن ياراتقاندەك، بارلىق ئىشلار ھېكايە بايان قىلىش ھەمدە ئىنسانلارنىڭ ئۇنىڭغا ئىشىنىشى نەتىجىسىدە زورايدى. فرانسىيەلىك پوپلارغا كۆرە مۇھىم بولغان ھېكايىلەر ئىسا پەيغەمبەرنىڭ كاتولىك چېركاۋلىرى بايان قىلغان شەكىلدىكى ھاياتى ۋە ئۆلۈمى ئىدى. بۇ ھېكايىلەرگە كۆرە، مۇقەددەس كىيىملىرىنى كىيگەن بىر كاتولىك پوپ توغرا سۆزلەرنى توغرا زاماندا سالماقلىق بىلەن سۆزلىگىنىدە، نان بىلەن شاراپ تەڭرىنىڭ بەدىنى بىلەن قېنىغا ئايلىنىدۇ. پوپ ھاياجان بىلەن: «بۇ مېنىڭ بەدىنىم» دەيدۇ، نان شۇ ھامان ئىسا پەيغەمبەرنىڭ بەدىنىگە ئايلىنىدۇ. پوپنىڭ بۇ ئەستايىدىل، جانلىق ھەرىكەتلىرىنى كۆرگەن مىليونلارچە كاتولىك مۇرىتلىرى تەڭرىنىڭ ھەقىقەتەن مۇقەددەس نان ۋە شاراپتا ياشايدىغانلىقىغا ئىشىنىدۇ.
پيۇگوت بىلەن مۇناسىۋەتلىك ئەسلى ھېكايە بولسا فرانسىيە پارلامېنتى تەرىپىدىن يېزىلغان فرانسىيە قانۇنلىرى ئىدى. فرانسوز قانۇن تۈزگۈچىلىرىگە كۆرە، لاياقەت گۇۋاھنامىسى بار بىر ئادۋوكات زۆرۈر بولغان بارلىق قائىدە-رەسمىيەتلەرنى ئىجرا قىلغىنىدا، كېرەكلىك قەسەم ۋە كاپالەت سۆزلىرىنى چىرايلىق بىر قەغەزگە يازغىنىدا، كېلىشىم ئاستىغا ئىمزاسىنى ھەيۋەت بىلەن قويغىنىدا، بىر شىركەت دەرھال قۇرۇلغان بولىدۇ. ئارماند پيۇگوت 1896-يىل شىركىتىنى قۇرىدىغان چاغدا بىر ئادۋوكاتقا پۇل تۆلەپ، يۇقىرىقىلارنى تاماملىدى. ئادۋوكات بارلىق قائىدە-رەسمىيەتلەرنى پۈتتۈرۈپ، قەسەم ۋە كېلىشىم سۆزلىرىنى قەغەزگە تۆكتى، شۇنىڭ بىلەن مىليونلارچە فرانسىيەلىكلەر پيۇگوت شىركىتى ھەقىقەتەن مەۋجۇتتەك مۇئامىلە قىلىشقا باشلىدى.
تەسىرلىك ھېكايىلەرنى بايان قىلىش ئاسان ئەمەس، بۇ يەردىكى قىيىنلىق ھېكايىنى قانداق بايان قىلىش ئەمەس، بەلكى كىشىلەرنى ئۇ ھېكايىگە قانداق ئىشەندۈرۈش. تارىخنىڭ كۆپ قىسمى شۇ سوئاللار بىلەن تولغان: كىملەر قانداق قىلىپ مىليونلارچە ئىنساننى تەڭرىلەرگە، مىللەتلەرگە ياكى چەكلىك مەسئۇلىيەت شىركەتلىرىگە ئىشىنىشكە قايىل قىلالىدى؟ بۇنىڭغا مۇۋەپپەق بولغان ساپىيانسلار بۈيۈك كۈچ قازاندى، چۈنكى بۇ، مىليونلارچە ناتونۇش ئىنساننىڭ ئورتاق نىشان ئۈچۈن ھەمكارلىشىشىغا تۈرتكە بولدى. ئۆز ئارىمىزدا پەقەت بۇ دۇنيادا ماددىي شەكىلدە مەۋجۇت بولغان نەرسىلەر، مەسىلەن دەريالار، دەرەخلەر ۋە شىرلار ھەققىدە گەپلىشىپلا ئولتۇردۇق دەيلى، ئۇ ھالدا دۆلەتلەر، چېركاۋلار ۋە قانۇن سىستېمىسى قۇرۇلۇشىنىڭ نە قەدەر مۈشكۈل بولىدىغانلىقىنى ئويلاپ بېقىڭ.
***
يىللار بويىچە ئىنسانلار ئاجايىپ-غارايىپ ھېكايىلەرنى توقۇدى، بۇ توقۇلما ئىچىدە پيۇگوتقا ئوخشاش تىپلار مەۋجۇتلۇقۇقىنى داۋام قىلىپلا قالماي، زور مىقداردا كۈچ-ھوقۇق توپلىدى. ئىنسانلار توقۇپ چىققان ھېكايىلەر ئىلمىي ئاتالغۇدا «توقۇلما ۋەقەلەر»، «كوللېكتىپ ئىجادىيەت» ياكى «خىيالدىكى رېئاللىق» دەپ قارالماقتا. خىيالىي ھەقىقەت يالغانچىلىق ئەمەس. مەن بىر دەريانىڭ بويىدا شىر تۇرىدۇ دېگەن بولسام، ئۇ يەردە شىرنىڭ يوقلۇقىنى بىلگەن بولسام يالغان سۆزلىگەن بولىمەن. يالغانچىلىق تولىمۇ ئاددىي بولىدۇ؛ يېشىل مايمۇنلار بىلەن شىمپانزىلار يالغان سۆزلىيەلەيدۇ. مەسىلەن، بىر يېشىل مايمۇننىڭ ھېچنەدە شىر بولمىسىمۇ «دىققەت قىل! شىر!» دېگەنلىكى كۆزىتىلگەن. بۇنداق ئاگاھلاندۇرۇش بانان تاپقان باشقا مايمۇننى تەبىئىي ھالدا قورقۇتۇپ قاچۇرۇپ، يالغانچى مايمۇننىڭ ئۇ باناننى ئۆزى يالغۇز يېيىشىنى ساقلايدۇ.
يالغاندىن پەرقلىق بولغان «خىيالدىكى رېئاللىق» ھەر كىم ئىشىنىدىغان بىر نەرسىدۇر ھەمدە ئورتاق ئېتىقاد ھۆكۈم سۈرگەن مۇددەتچە، خىيالدىكى رېئاللىق دۇنيادا مۇئەييەن بىر كۈچكە ساھىب بولىدۇ. ستادېل غارىدىكى ھەيكەلتاراش، شىر-ئىنسان شەكلىدىكى قوغدىغۇچى رۇھقا ھەقىقەتەن ئىشەنگەن بولۇشى مۇمكىن. بەزى سېھرىگەرلەر ئالدامچىدۇر، ئەمما ئۇلارنىڭ كۆپيىنچىسى تەڭرىلەر بىلەن شەيتانلارنىڭ بارلىقىغا ئىشىنىدۇ؛ مىليونېرلار پۇل ۋە چەكلىك مەسئۇلىيەت شىركەتلىرىنىڭ بارلىقىغا ئىشىنىدۇ؛ كىشىلىك ھوقۇق پائالىيەتچىلىرى بولسا كىشىلىك ھوقۇقنىڭ بارلىقىغا ئىشىنىدۇ. بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى 2011-يىلى لىۋىيە ھۆكۈمىتىدىن ئۆز پۇقرالىرىنىڭ كىشىلىك ھوقۇقىغا ھۆرمەت قىلىشىنى تەلەپ قىلغىنىدا ھېچكىم يالغان سۆزلىمىگەنىدى؛ ھالبۇكى، بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى، كىشىلىك ھوقۇق قاتارلىقلارنىڭ ھەممىسى تامامەن بىزنىڭ بەرىكەتلىك خىيال كۈچىمىزنىڭ مەھسۇلى ئىدى.
[1] گېرمانىيەدىكى ستادېل غارى، 124 مىڭ يىللىق تارىخقا ئىگە دەپ قارىلىدۇ.
















































