ئەيسا ئالىپتېكىننىڭ بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى باش كاتىپىغا يازغان مەكتۇپلىرى

ئىلاۋە: «تارىخنى بىلمىگەنلەر ئۆزىنىڭ كەلگۈسىنى يارىتالمايدۇ» دېگەن ھېكمەت بويىچە، ئۆتمۈشنى ئەينەك قىلىش، تارىخىي ئىزلارغا قاراپ يولىمىزنىڭ نەگە كېتىۋاتقانلىقىنى پەملەش بۈگۈنكىلەر ئۈچۈن ئەلۋەتتە مۇھىم. شۇ نۇقتىدىن، مۇھەممەد ئىمىن بۇغرا، ئەيسا ئالىپتېكىننىڭ يازمىلىرىنى تېپىپ، كۆپچىلىكنىڭ دىققىتىگە سۇندۇم. قانچىلىك رىغبەت كۆردى، بىلمەيمەن؛ ئەمما ھېچ بولمىغاندا، بۇرۇنقىلارنىڭ بېسىپ ئۆتكەن ئىنقىلاپ يولى، سىياسىي پىكرى ۋە نىشانىنىڭ بۈگۈنكىلەر ئۈچۈن پايدىلىنىش قىممىتى بولۇپ قېلىشىنى ئۈمىد قىلىمەن. مەزكۇر زاتلار تەيۋەن گومىنداڭ ھۆكۈمىتى رەئىسى جاڭ جېشىغا مەكتۇپ يېزىپ (بۇ مەكتۇبلار ئۆتكەندە ئېلان قىلندى) كۈتكەن نەتىجىگە ئېرىشەلمىگەن، بەلكى ئەكسىچە ئۈنۈملەرگە ئېرىشىپ ئىچى ئاچچىق بولغان، ئۈمىدسىزلەنگەن. ئۇلار يەنە ب د ت گە ئىككى قېتىم مەكتۇپ يوللىغان، بىرىنچى قېتىملىق مەكتۇبقا ياخشى جاۋاب كەلمىگەن. ئىككىنچى قېتىملىق مەكتۇب خېلى ئۇزۇن ھەم كۈچلۈك يېزىلغان، بۇنىڭغا قانداق جاۋاب بېرىلگەنلىكى نامەلۇم. ئىككىنچى مەكتۇبتا، ئۇيغۇر رايونىنىڭ مۇھىم ئىستراتېگىيەلىك ئورۇنغا ئىگە ئىكەنلىكى ۋە خىتاينىڭ كەلگۈسىدە بۇ رايوننى ھەربىي، ئىقتىسادىي بازا قىلىپ، دۇنياغا كېڭەيمىچىلىك قىلىدىغانلىقى ئاگاھلاندۇرۇلغان. بۇ مەزمۇنلار بۈگۈن خىتاي ئىجرا قىلىۋاتقان «بىر بەلۋاغ بىر يول» پىلانى ۋە ئۇنىڭ ئۈچۈن يۈرگۈزۈۋاتقان ئىرقىي قىرغىنچىلىقلارنى ئېسىمىزگە سالىدۇ. بۇ مەكتۇبلارنىڭ تولۇق تېكىستى تۆۋەندىكىچە:

1-مەكتۇب

ھۆرمەتلىك ھاممەر سىكولد ئەپەندى،

يوقىتىلىش خەۋپىگە بېرىپ قالغان، جىددىي ياردەمگە مۇھتاج بولۇۋاتقان ساھىبسىز بىر مىللەتنىڭ سەۋرسىزلىك بىلەن كۈتۈۋاتقان ياردەم تەلىپىنى بۈگۈن زاتى ئالىيلىرىدەك دۇنيا تىنچلىقىنى قوغداش مەسئۇلىيىتىنى ئۈستىگە ئالغان ۋە ئىنسانپەرۋەرلىكنىڭ سىمۋولى بولغان بۈيۈك بىر ئىنساننىڭ مەدەت بېرىشى بىلەن بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىغا سۇنۇش پۇرسىتىگە ئېرىشكەنلىكىمدىن تولىمۇ مەمنۇنمەن.

خىتايلار تەرىپىدىن «شىنجاڭ»دەپ ئاتالغان شەرقىي تۈركىستاننىڭ 1949-يىل 7-ئاينىڭ 26-كۈنى قىزىل خىتاي تەرىپىدىن ئىشغال قىلىنغىنىغا بۇ يىل ساق 10 يىل بولدى. 8 مىليوندىن كۆپ شەرقىي تۈركىستانلىق مۇسۇلمان يەنىلا قىزىل خىتاينىڭ ئاسارىتىدە تۇرماقتا. شەرقىي تۈركىستاندا تارىختا كۆرۈلمىگەن جىنايەتلەر ئىشلەنمەكتە ۋە ئىنسان قېلىپىدىن چىققان زۇلۇملار داۋام قىلماقتا. بۇلار تۆۋەندىكىچە:

1) شەرقىي تۈركىستانلىقلار ئەرزىمەس باھانە ۋە بەتناملار بىلەن تۈرمىگە قامالماقتا، قەتلى قىلىنماقتا؛

2) شەرقىي تۈركىستانلىقلار كوممۇنا دەپ ئاتالغان ھايۋانىي تۈزۈمدە ئاچ، يالىڭاچ ياشىماقتا ۋە ئەڭ ئېغىر شارائىتتا كۈندە 18 سائەت ئىشقا سېلىنماقتا؛

3) شەرقىي تۈركىستانغا مىليونلارچە خىتاي كۆچۈرۈلۈپ، يەرلىك خەلقنىڭ قولىدىن تارتىۋېلىنغان ئۆي-زېمىنلارغا ماكانلاشتۇرۇلماقتا؛

4) شەرقىي تۈركىستانلىق مۇسۇلمانلار خىتايلار بىلەن توي قىلىشقا مەجبۇرلانماقتا؛

5) شەرقىي تۈركىستانلىقلارنىڭ دىنى، تىلى ۋە ئۆرپ-ئادەتلىرى ئۇنتۇلدۇرۇلۇپ، ئۇنىڭ ئورنىغا خىتاي تىلى ۋە خىتاينىڭ ئۆرپ-ئادەتلىرى سىڭدۈرۈلمەكتە، كوممۇناچە ياشاش ئۇسۇلى بەرپا قىلىنماقتا.

6) شەرقىي تۈركىستانلىقلار سوۋېتقا قېچىشقا مەجبۇرلانماقتا ۋە تارىختا ھېچقانداق مىللەت دۇچار بولمىغان زۇلۇم ۋە قىيىن-قىستاقلار ئىچىدە يوق قىلىنىش گىردابىدا تۇرماقتا.

شەرقىي تۈركىستانلىقلارنىڭ شان-شەرىپى ۋە تارىخىي مەۋجۇتلۇقىنى يوقىتىش ئۈچۈن ئېلىپ بېرىلغان بۇ ھەرىكەتلەرگە، جۈملىدىن كوممۇنىستىك تۈزۈمنىڭ زۇلۇم-سىتەملىرىگە چىداپ تۇرالمىغان خەلق 1949-يىلدىن بېرى 13 قېتىم قوراللىق ئىنقىلاپ قىلدى. كۈچ تەڭپۇڭلۇقىدىكى پەرق، قوشنا ئەللەر ۋە خەلقئارادىن ياردەم ئالالماسلىق سەۋەبىدىن بۇ ئىنقىلاپلار شۇنچە كۆپ بەدەللەرنى تۆلىگەنگە قارىماي مەغلۇب بولدى.

قىزىل خىتاي ھۆكۈمىتى شەرقىي تۈركىستاننىڭ جۇغراپىيەلىك ئەۋزەللىكىدىن پايدىلانماقتا: بىر ياقتىن يەر ئاستى ۋە يەر ئۈستى بايلىقلارنى قېزىش ئۈچۈن غايەت چوڭ تەشكىلىي ئورگان ۋە تەسىسلەرنى ۋۇجۇتقا كەلتۈرسە، بىر ياقتىن بۇ مەملىكەتنى كېڭەيمىچىلىك ئىستراتېگىيەسىگە ئۇيغۇن ھەربىي بازا قىلىشقا ئۇرۇنۇپ كەلدى. كوممۇنىست خىتاي ھېلىتىن تاجاۋۇزچىلىق ھەرىكىتىنى كۈچەيتتى، قوشنىسى ھىندىستان، پاكىستان ۋە ئافغانىستانغا تەھدىت پەيدا قىلىشقا باشلىدى.

يېقىنقى يىللاردا چامىمىزنىڭ يېتىشىچە ئوتتۇرا ئاسىيا، شەرقىي جەنۇبى ئاسىيا ئەللىرىنى زىيارەت قىلىپ، بۇ دۆلەتلەرنىڭ دۆلەت ۋە ھۆكۈمەت ئەربابلىرىنى كوممۇنىزم تەھدىتىدىن ئاگاھ بولۇشقا ئۈندەپ، شەرقىي تۈركىستاننىڭ ئازادلىقى ئۈچۈن ياردەم قىلىشىنى تەلەپ قىلدۇق. ئەپسۇسكى، ھېچقانداق دۆلەت ۋە تەشكىلاتتىن ماددىي ياكى مەنىۋى ياردەم كۆرمىدۇق.

ھۆر دۇنيا تۇنىس، ماراكەش، پەلەستىن ۋە ئالجىرىيە قاتارلىق ئىسلام ئەللىرىنىڭ مىللىي دەۋاسىنى ب د ت غا سۇنۇشنى قوللاۋاتقان بۇ كۈنلەردە تىبەتنىڭ قوشنىسى بولغان ۋە تىبەتتىن ئىككى يىل ئاۋۋال قىزىل خىتاينىڭ ئىستېلاسىغا ئۇچرىغان، شۇنداقلا تىبەتتە يۈز بېرىپ خەلقئاراغا ئاشكارىلانغان ۋەقەلەردىن نەچچە ھەسسە ئېغىر پاجىئەلەرگە دۇچار بولغان مەزلۇم شەرقىي تۈركىستانلىقلارنىڭ ئەھۋالىنىڭ دۇنياغا ئاڭلىتىلماسلىقى ۋە ھىمايە قىلىنىشتىن مەھرۇم قالدۇرۇشى بىز شەرقىي تۈركىستانلىقلارنى ئېغىر ئازاب ۋە ئۈمىدسىزلىككە سالدى.

تىبەت مەسىلىسى مۇزاكىرە قىلىنغان ئىكەن، شەرقىي تۈركىستان دەۋاسىنىڭمۇ بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنىڭ كۈنتەرتىپىگە كىرىشىنى، تىبەت دەۋاسى بىلەن بىرلىكتە مۇزاكىرە قىلىنىشى ۋە قارار چىقىرىلىشىنى مەھكۇملۇقتا تۇرۇۋاتقان 8 مىليون مۇسۇلمان تۈرك خەلقىگە ۋاكالىتەن ئالىيلىرىدىن ئىلتىجا قىلىمەن.

1959-يىل 10-ئاينىڭ 13-كۈنى

(بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىغا سۇنۇلغان بۇ مەكتۇبقا ب د ت نىڭ سىياسىي ۋە بىخەتەرلىك ئىشلىرى بۆلۈمى خادىمى جاۋاب خەت يازغان، بۇ خەتنىڭ تەرجىمىسى تۆۋەندە بېرىلدى)

ئەيسا ئالىپ تېكىن ئەپەندى،

1959-يىل 10-ئاينىڭ 13-كۈنى بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى باش كاتىپىغا شەرقىي تۈركىستانغا مۇناسىۋەتلىك يازغان مەكتۇبىڭىزنى تاپشۇرۇپ ئالغانلىقىمىزنى سىزگە بىلدۈرۈپ قويۇشقا مەسئۇل قىلىندىم.

ب د ت نىڭ ئومۇمىي ھەيئىتىگە بىرەر مەسىلىنى سۇنۇشتا بۇ ھەيئەتكە ئەزا دۆلەتلەرنىڭلا ئىمتىياز ساھىبى بولىدىغانلىقىنى ئەپسۇسلۇق ئىچىدە بىلدۈرۈپ قويماقچىمەن.

سەمىمىيەت بىلەن

ب د ت سىياسىي ۋە بىخەتەرلىك ئىشلىرى بۆلۈمى

2-مەكتۇب

ھۆرمەتلىك ئۇتانت ئەپەندى،

بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنىڭ مەدەنىي مىللەتلەر تەرىپىدىن قوبۇل قىلىنغان خەلقئارا قانۇنلىرى ياۋۇزلارچە دەپسەندە قىلىنىۋاتقان، دۇنيادىكى تىنچلىق ئېغىر تەھدىتكە ئۇچراۋاتقان ناھايىتى جىددىي بىر ۋەزىيەت تۈپەيلىدىن سىزنى بىئارام قىلىدىغان بولدۇم. شۇ ئان ئىنسانلىققا چوڭ بىر سۈيىقەستنىڭ ھازىرلىنىۋاتقانلىقىدىن خەۋەر بېرىش بىلەن بىرگە، شەرقىي تۈركىستان خەلقىگە ۋاكالىتەن تەلەپلىرىمىزنىڭ دىققەت-ئېتىۋارغا ئېلىنىشىنى ئۈمىد قىلىمىز.

قىزىل خىتاي جاھانگىرلىكى مۇستەقىللىق ھەققىنى نومۇسسىزلارچە تارتىۋېلىپ خەلقىنى قۇل قىلغان، ئۇلارنى قەتلىئام، تېررورلۇق، ئاچلىق ۋە ھۆررىيەتسىزلىك بىلەن خىتايلاشتۇرۇشقا ئۇرۇنۇۋاتقان شەرقىي تۈركىستاندىكى زۇلۇمنى رەسمىي تەكشۈرۈپ بېكىتىش، شەرقىي تۈركىستاننى خىتايلاشتۇرۇش قەستىدە كۆچۈرۈلگەن خىتايلارنى ئۆز ماكانىغا قايتۇرۇش، خىتايلار خەلققە يۈرگۈزۈۋاتقان قىيىن-قىستاق ۋە تېررورلۇقنى توختىتىش ۋە جاھانگىر خىتايلار تەرىپىدىن مۇستەقىللىقى تارتىۋېلىنغان شەرقىي تۈركىستاننىڭ مۇستەقىللىقىنى ئېتىراپ قىلدۇرۇش مەقسىتى بىلەن شەرقىي تۈركىستان مەسىلىسىنىڭ ب د ت غا سۇنۇلۇشىنى، يوقىلىش گىردابىغا بېرىپ قالغان مەزلۇم شەرقىي تۈركىستان خەلقى نامىدا تەلەپ قىلىمەن.

ئا) شەرقىي تۈركىستان ئىستراتېگىيە ۋە ئىقتىساد جەھەتتىن ئوتتۇرا ئاسىيانىڭ ئەمنىيەت (بىخەتەرلىك) رايونىدۇر ۋە بۈگۈن يەنىلا خىتاي جاھانگىرلىرىنىڭ ئاسارىتىدە جان تالاشماقتا. تۈركىستان غەربتە رۇس، شەرقتە خىتاي جاھانگىرلىكىنىڭ دەپسەندە قىلىشىغا ئۇچراۋاتقان، يەنە كېلىپ بۇ جاھانگىر دۆلەتلەرنىڭ ھەربىي ۋە ئىقتىسادىي بازىسىنى تەشكىل قىلغان مۇنبەت، قىممەتلىك تەبىئىي بايلىقلارغا ئىگە بولغان، ئاسىيانىڭ تەقدىرى باغلانغان چوڭ مەملىكەتتۇر.

تارىختىن مەلۇمكى، خىتاي دائىم جاھانگىر ۋە فاشىست سىياسەت قوللىنىپ كەلگەن بولۇپ، بىر قېتىم بېسىۋالغان زېمىننى ئۆزىنىڭ دەپ قارايدىغان، ئۆزىگە تارتۇق قىلىپ بېرىلگەن دۆلەتلەرنىمۇ ئۆزىگە تەۋە ھېسابلايدىغان ئاچكۆز، تويماس، دوستلۇققا يارىماس، ھىيلىگەر، سەۋرچان، ھەر تۈرلۈك بېسىمغا چىداملىق بىر مىللەتتۇر. بۇ خاراكتېرىگە مۇناسىپ ھالدا ئاسسىمىلاتسىيە قىلىش ئىقتىدارى، قورقۇنچلۇق نوپۇسى، ماركىسىزمچى سىياقىدىكى مۇستەبىت مىللەتچىلىكى ۋە ئېرىشكەن ھەربىي، تېخنىكا سەۋىيەسى بىلەن دۇنيانى مالىمان قىلىپ، ھۆر مىللەتلەرگە زۇلۇم سېلىشقا تەييار تۇرىدىغان رەزىل بىر كۈچتۇر.

شەرقىي تۈركىستان خىتاي ئېھتىياجلىق بولغان يەر ئاستى ۋە يەر ئۈستى بايلىقلىرىغا تولۇپ تاشقان زېمىن بولۇپ، ئەگەر بۇنىڭغا شەرقىي تۈركىستاننىڭ ئىستراتېگىيەلىك ئەۋزەللىكى قوشۇلسا، خىتاي جاھانگىرلىكى ئۈچۈن ئۇنىڭ نەقەدەر مۇھىم غەنىمەت ئىكەنلىكى ۋە ئاسىيا ھەم ياۋروپانى ئىستېلا قىلىشى ئۈچۈن قانداق مۇھىم بازا بولىدىغانلىقىنى ئاسانلا ئاڭقىرىۋالغىلى بولىدۇ.

ئۇزۇن زاماندىن بېرى ئۇنتۇلغان بۇ مەسىلىنى ھۆر دۇنيانىڭ ۋە ب د ت نىڭ دەرھال كۈنتەرتىپكە قويۇشى بۈگۈن ناھايىتى زۆرۈر ھالغا كەلدى. چۈنكى:

تارىختا خىتاي ئىشغالچىلىرى شەرقىي تۈركىستاننى قولغا كىرگۈزۈۋالغاندا ئوتتۇرا شەرققە قەدەر كەلگەن. مىلادىيەدىن ئاۋۋال ئىككى قېتىم، مىلادىيە 7-ئەسىردە 6 قېتىم ھازار دېڭىزىغىچە قەدەم باسقان. بۇ ئەسىرىمىزدىكى قاتناش ئىمكانلىرىنى نەزەرگە ئالساق، تەھدىت ۋە خەتەرنىڭ بۇ قېتىم ئوتتۇرا شەرقنىلا ئەمەس، پۈتۈن دۇنيانى قاپلايدىغانلىقىنى كۆرەلەيمىز.

شەرقىي تۈركىستان ئېگىز تاغلار بىلەن قاپلانغان دۆلەت بولغاچقا راكېتالارنىڭ ھۇجۇمىدىن ساقلىنالايدۇ. خىتاينىڭ ئاتوم سىناق بازىلىرى ۋە ھەربىي گازارمىلىرىنى شەرقىي تۈركىستاندا تەسىس قىلىشىنىڭ ئۆزىلا ئۇنىڭ دۇنيانىڭ تىنچلىقى ئۈچۈن نەقەدەر خەتەرلىك ئىكەنلىكىنى كۆرسىتىپ بېرەلەيدۇ.

شەرقىي تۈركىستاننىڭ ئىستراتېگىيەلىك ئورنى مۇھىم بولغاچقا، ماركىسىزىمچى بولۇۋالغان رۇس ۋە خىتاي جاھانگىرلىكى شەرقىي تۈركىستان مەسىلىسىدە بىر-بىرىگە خىرىس قىلىشىپ كەلدى. رۇسلار بىلەن خىتايلار سوقۇشۇپ قالسا، غەربىي ۋە شەرقىي تۈركىستان بۈيۈك پالاكەتكە ئۇچراپلا قالماي، دۇنيانىڭ تەڭپۇڭلۇقىنىمۇ بۇزىدىغان چوڭ ئۇرۇشلار مەيدانغا كېلىشى مۇمكىن. ئەگەر بۇ ئۇرۇشتا رۇسلار غالىب كەلسە، شەرقىي تۈركىستان ئارقىلىق ھىندىستانغا كىرىدۇ؛ ئەگەر خىتايلار غالىب كەلسە، غەربىي تۈركىستان خىتاينىڭ قولىغا ئۆتىدۇ. نېمە بولۇشىتىن قەتئىينەزەر، ئاسىيادا تەپسە تەۋرىمەس، يەڭگىلى بولماس بىر ۋەھشىي ھاكىمىيەت ۋە دىكتاتورلۇق قۇرۇلىدۇ.

ئىنسانىيەتنىڭ 20-ئەسىردە يوقىلىشىنى بەلگىلەپ قويىدىغان جاھانگىرلىك ئۇرۇشى ۋە تەدبىر ئالمىسا ھەر مىنۇت ئۆزىنى كۈچلەندۈرىدىغان خىتاي جاھانگىرلىكىنىڭ يولىنى توسۇشنىڭ چارىسى خىتاينىڭ ئاسارىتىدىكى تۈرك، تىبەت، موڭغۇل، مانجۇ، يى، مېي، جۇاڭ قاتارلىق مىللەتلەرنىڭ مۇستەقىللىقىنى ئېتىراپ قىلىش، خىتاينىڭ ھۆكۈمرانلىقىدىكى مىللەتلەرنى ئەركىنلىككە ئېرىشتۈرۈش ۋە خىتايلارنى ئۆز ماكانىغا قايتۇرۇشتىن ئىبارەتتۇر.

دۇنيانىڭ تىنچلىقىنى بۇزىدىغان بۇ قورقۇنچلۇق ۋەزىيەتكە قارشى، دۇنيا تىنچلىقىنى قوغداشقا مەسئۇل ب د ت نىڭ بۇنىڭ ئۈچۈن زۆرۈر چارە قوللىنىشقا ئاتلىنىشىنى ئۈمىد قىلىمىز ۋە بۇ يىل شەرقىي تۈركىستان مەسىلىسىنى كۈنتەرتىپكە قويۇشىنى تەلەپ قىلىمىز.

ب) شەرقىي تۈركىستان مەسىلىسىنىڭ بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىغا سۇنۇلۇشىنى زۆرۈر قىلغان يەنە بىر سەۋەب، ئەسىرلەردىن بېرى ھۆر ياشاپ كەلگەن بىر مىللەتنىڭ نەچچە مىڭ يىللىق مەدەنىيەتى ۋە مىڭ يىللىق دىنىنى يوقىتىش خەۋپىگە دۇچ كېلىشىدۇر. بۇ ئەھۋالنى قىسقىچە بىلدۈرۈشنىڭ پايدىسى كۆپ دەپ ئويلايمىز.

قىزىل خىتاي شەرقىي تۈركىستاندا تۈركلەرنى پۈتۈنلەي يوقىتىشنى نىشان قىلغان سىياسەت يۈرگۈزمەكتە. يىگىرمە يىلدىن بۇيان يۈز مىڭلارچە مۇسۇلمان تۈرك ۋەھشىي ئۇسۇللار بىلەن شەھىد قىلىندى. قىزىل خىتاي ئۈچ باسقۇچلۇق سىياسىي ھەرىكەت قوزغاپ، شەرقىي تۈركىستان تۈركلىرىنىڭ زېمىنى، مال-چارۋىلىرى، قورال-سايمانلىرى ۋە ئۆي-سەرەمجانلىرىنى مۇسادىرە قىلدى.

ھەق ۋە ھۆررىيەت دۈشمىنى بولغان، ھەر قايسى مىللەتلەرنىڭ دىنىي ۋە مىللىي ئارزۇسىغا قەست قىلىشتا ئۇچىغا چىققان قىزىل خىتاي ھېچقانداق ئەركىنلىككە يول قويمىدى، خەلقنىڭ نەپسىنى بوغىدىغان تەقىپ ۋە باسقۇن سىياسىتى بىلەن شۇنچە چوڭ مەملىكەتنى ئەسىرلەر لاگىرىغا ئايلاندۇردى.

شەرقىي تۈركىستان خەلقى مىڭ يىللاردىن بېرى ئېتىقاد قىلىپ كېلىۋاتقان ئىسلام دىنى قانۇنسىز دىن دەپ ئېلان قىلىندى؛ جامە ۋە مەدرىسلەر چېقىۋېتىلدى ياكى ئېغىل، ئامبار، كۇلۇب، كىنوخانا، تىياتىرخانا، مېھمانخانىلارغا ئايلاندۇرۇلدى؛ ئىبادەت، دىنىي ئوقۇتۇش ۋە دىنىي مۇراسىملار چەكلەندى؛ دىنىي ئەسەرلەر ئۆيلەردىن يىغىۋېلىندى، دىنىي كىتاب يازغانلار مەيدانلاردا ئۆز ئەسەرلىرىنى كۆيدۈرۈشكە مەجبۇرلاندى. دىنىي ئالىملارغا ئاللاھ تائالانىڭ مەۋجۇت ئەمەسلىكى (نەئۇزىبىللاھ)، ماۋ زېدۇڭنىڭ «تىرىك ئىلاھ» ئىكەنلىكى توغرۇلۇق ۋەز ئېيتىش بۇيرۇقى بېرىلدى. دىندىكى ئەمىر ۋە ئەنئەنىۋى ئادەتلەرگە ھاقارەت كەلتۈرىدىغان چوشقا بېقىش، ئۆلۈكلەرنى كۆيدۈرۈش دېگەندەك ئىشلار خەلققە زورلاپ تېڭىلدى.

قىزىل خىتاي شەرقىي تۈركىستاندىكى نوپۇس سىياسىتىنىڭ تەلىۋى بويىچە مۇسۇلمان تۈرك قىزلىرىنى خىتاي ئەرلىرىگە تېگىشكە مەجبۇرلىدى. قىزىل قوغدىغۇچىلار ئارقىلىق ئىجرا قىلىنغان بۇ زوراۋانلىق ھەرىكىتى مۇۋەپپەقىيەتلىك بولمىغاندىكىن 8-10 ياشلاردىكى تۈرك قىزلىرى ئائىلىلىرىدىن مەجبۇرىي ئېلىنىپ، خىتايغا توشۇلدى. قىزىل خىتاي بىر ياقتىن بوز يەر ئېچىش باھانىسى بىلەن شەرقىي تۈركىستان زېمىنىغا خىتاي ئاققۇنلىرىنى كۆچۈردى، 17مىليون كۇۋادرات مېتىردىن كۆپ زېمىنغا 4 مىليون قىزىل خىتاي ماكانلاشتۇرۇلدى. تۈركلەر ھەر تۈرلۈك تەھدىتلەر بىلەن ئىشقا سېلىنغان بۇ مۇنبەت ۋە ئىستراتېگىيەلىك ئورنى مۇھىم بولغان زېمىنلار بىر-بىرلەپ خىتاي رايونىغا ئايلاندۇرۇلدى.

1958-يىل خەلقنى كوممۇنىغا كىرگۈزۈش ئۈچۈن باشلانغان زۇلۇم ۋە قىيىن-قىستاقلار تارىختا مىسلى كۆرۈلمىگەن دەرىجىدە ۋەھشىيلەرچە ئېلىپ بېرىلدى. ئۆيلەر ئۆي ئىگىلىرىنىڭ كۆز ئالدىدا كۆيدۈرۈلدى، قۇللار لاگېرى ھېسابىدىكى كوممۇنىلاردا مۇسۇلمان تۈركلەرگە بەئەينى ئىپتىدائىي جەمئىيەتنىڭ قۇللۇق ھاياتى كۆرسىتىلدى.

بۈگۈنكى كۈندە كوممۇنا ئەزالىرى 18 سائەت ئېشەكتەك ئىشلىتىلىدۇ، بۇنىڭ بەدىلىگە ئۇلارغا ئادەمدەك ياشاش ئىمكانى بېرىلمەيدۇ. شەرقىي تۈركىستاننىڭ مول يەر ئاستى ۋە يەر ئۈستى بايلىقلىرى بۇ زېمىننىڭ ئىگىلىرىگە تەگمەيدۇ، بەلكى خىتاي بۇ بايلىق بىلەن 38 مىڭ 500 كارخانا ۋە زاۋۇت قۇرغان بولۇپ، تۈركلەرنىڭ ھەققىنى يەپ ئاندىن ئۆزىنىڭ سانائىتىنى تەرەققىي قىلدۇردى. 1800 دىن كۆپ چوڭ كارخانا-زاۋۇت ئارقىلىق تۈركىستاننىڭ بايلىقلىرى خىتايغا يۆتكەلمەكتە.

شەرقىي تۈركىستان خەلقىنىڭ تىلى ۋە مەدەنىيىتىمۇ قىزىل خىتاينىڭ يوقىتىش نىشانىغا ئايلانغان بولۇپ، تۈركىي تىلدا دەرس ئېلىش چەكلەندى، تۈركىي تىللارغا خىتايچىدىن سىستېمىلىق ھالدا سۆز قوبۇل قىلىش باشلاندى، مىللىي مەدەنىيەت ۋە مۇستەقىللىق كۈرىشىدە يېتەكچى بولۇش ئېھتىمالى بار دەپ قارالغان مىللەتچىلەرگە قارشى قورقىتىش ۋە ۋاز كەچتۈرۈش تاكتىكىسى قوللىنىلدى. 1 مىليون 200 مىڭ كىشى «پان تۈركىست، پان ئىسلامچى، كونىلىقنى ياقلىغۇچى، خەلق دۈشمىنى، ئەكسىئىنقىلاپچى، ئامېرىكا ۋە رۇس ئىشپيونى» دېگەندەك بەتناملار بىلەن تۈرمىگە تاشلاندى، 300 مىڭ شەرقىي تۈركىستانلىق خەلقنىڭ كۆز ئالدىدا قىيىن-قىستاققا ئېلىنىپ ئۆلتۈرۈلدى.

خىتايلار شەرقىي تۈركىستاننى تارىختىكىگە ئوخشاش ھىندىستان، پاكىستان، ئافغانىستان، غەربىي تۈركىستان، ئوتتۇرا ئاسىيا ۋە ياۋروپاغا كېڭەيمىچىلىك قىلىش ئۈچۈن پايدىلىنىدىغان بىر كۆۋرۈك دەپ قارايدۇ. قىزىل خىتاينىڭ شەرقىي تۈركىستاندا 350 مىڭ مۇنتىزىم ئارمىيەسى، 1 مىليون زاپاس قوشۇنى بولۇپ، بىر يېرىم مىليونغا يېقىن ئىشغالچى ئەسكىرى مەۋجۇت.

يۇقىرىدا بىز ناھايىتى قىسقا بولسىمۇ مەلۇمات بەرگەن بۇ قانلىق ئىرقىي قىرغىنچىلىق ھەرىكىتىنى توختىتىش ئۈچۈن شەرقىي تۈركىستان مەسىلىسىنىڭ بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىدا ئوتتۇرىغا قويۇلۇشىنى تەلەپ قىلىمىز.

س) شەرقىي تۈركىستان خەلقى ئەسىرلەردىن بېرى ھۆر ياشاپ كەلگەن خەلقتۇر؛ ئۇلار قەدىمكى دەۋرلەردىن بېرى قۇرۇلغان تۈرك ئىمپېرىيەلىرىدە غوللۇق رول ئوينىغان بولۇپ، ياتلارغا ئىستېلا بولۇشنى ھېچقاچان راۋا كۆرمىگەن ھەمدە خىتاينىڭ ئىشغالچى قوشۇنلىرىنى قىسقا مۇددەتتە يوق قىلغان. شەرقىي تۈركىستان خەلقى 1760-يىلغا قەدەر ئىستېلا قىلىشقا ئۇچرىمىغان، ئاسارەت كۆرمىگەن. بۇ تارىختىن بۈگۈنگىچە بولغان 4 قېتىملىق خىتاي ئىستېلاسىنى قىسقا ۋاقىتتا يوق قىلغان ھەم چېكىندۈرگەن. ھالبۇكى، قىزىل خىتايلار 20 يىلدىن بېرى خەلقىمىزنى ئەركىنلىكتىن مەھرۇم قىلىپ، دۆلىتىنى ۋەيران قىلدى.

بۇ ھال ب د ت ئەھدىنامىسى ۋە خەلقئارا قانۇننىڭ نومۇسسىزلارچە دەپسەندە قىلىنىشى دېمەكتۇر. شۇ سەۋەبتىن، تۈركىستاننىڭ مۇستەقىللىقىنى ئەمەلگە ئاشۇرۇش غايىسىنى كۆزلەپ، شەرقىي تۈركىستان مەسىلىسىنىڭ ب د ت مەجلىسىگە سۇنۇلۇشىنى تەلەپ قىلىمىز. شەرقىي تۈركىستان خەلقى خىتاي بىلەن ئىرق، قان، تىل، مەدەنىيەت ۋە دىن جەھەتتىن قىلچە ئوخشىمايدىغان بىر مىللەتتۇر، يەنى تۈركتۇر. ھەر قايسى مىللەتلەرنىڭ ئۆز تەقدىرىنى ئۆزى بەلگىلەش ھوقۇقى ۋاز كېچىلمەس پرىنسىپ بولغان تەقدىردە، روشەنكى شەرقىي تۈركىستان خەلقىنىڭ، يەنى شەرقىي تۈركىستان تۈركلىرىنىڭ ئۆز دۆلىتىنىڭ بولۇشى زۆرۈردۇر. تارىخ جەھەتتىن مەۋجۇدىيەت، قانۇن جەھەتتىن زۆرۈرىيەت، دۇنيا تىنچلىقى ئۈچۈن مەجبۇرىيەت بولغان شەرقىي تۈركىستان مۇستەقىللىقى دەۋاسىنىڭ بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىغا سۇنۇلۇشىغا ۋەسىلە بولۇشىڭىزنى ئۈمىد قىلىمىز.

خىتاي جاھانگىرلىكىنىڭ زۇلۇمىغا ئۇچرىغان تەقدىرداش تىبەت خەلقىنىڭ دەۋاسى ب د ت غا ئۈچ قېتىم سۇنۇلغان بولسىمۇ، شەرقىي تۈركىستان مەسىلىسى بىر چەتكە قايرىپ قويۇلغان. بۇ مەسىلە ئەمىلىيەتتە جىددىي مەسىلە، شۇڭا ھۆر دۇنيانىڭ ئۇنىڭغا ئەھمىيەت بېرىشىنى ئۈمىد قىلىمىز.

شۇنى ئەسكەرتىپ قويۇش كېرەككى، خىتاي جاھانگىرلىكى شەرقىي تۈركىستاننى ئۆز زېمىنى، شەرقىي تۈركىستان خەلقىنى جۇڭخۇا مىللىتى دەپ ئېلان قىلىپ، شەرقىي تۈركىستان مەسىلىسىنى خىتاينىڭ ئىچكى ئىشى دەپ بىلجىرلايدۇ. ئەمەلىيەتتە شەرقىي تۈركىستان مۇستەقىل بىر مىللەتنىڭ، خىتايغا ئەسلا تەۋە بولمىغان بىر مىللەتنىڭ ۋەتىنىدۇر. شۇڭا بۇ مەسىلە ھەرگىز خىتاينىڭ ئىچكى ئىشى ئەمەس، بەلكى خەلقئارا مەسىلىدۇر.

بىز يۇقىرىدا بىلدۈرگەن سەۋەبلەرگە كۆرە، شەرقىي تۈركىستان مەسىلىسى ھەققىدە، شەرقىي تۈركىستان خەلقىگە ۋاكالىتەن تۆۋەندىكى تەلەپلەرنى ئوتتۇرىغا قويىمىز:

1. شەرقىي تۈركىستاندا داۋام قىلىۋاتقان زۇلۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش، خىتاي ئىشغالچىلىرىنى ئۆز ماكانىغا قايتۇرۇش ۋە شەرقىي تۈركىستاننىڭ مۇستەقىللىقىنى ئېتىراپ قىلىش ئۈچۈن شەرقىي تۈركىستان دەۋاسى بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىغا سۇنۇلسا؛

2. شەرقىي تۈركىستاندىكى قىزىل خىتاي زۇلۇمىنى ۋە شەرقىي تۈركىستاننى تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىش ئۈچۈن بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىدىن بىر تەكشۈرۈش ھەيئىتى قۇرۇلسا؛

3. گومىنداڭ ھۆكۈمىتىنىڭ خىتاي چوڭ قۇرۇقلۇقىغا چىشى پاتمىسىمۇ، بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنىڭ نەزەرىدە ئۇلار خىتاي چوڭ قۇرۇقلۇقىغا ۋەكىللىك قىلىدۇ. گومىنداڭ ھۆكۈمىتى چوڭ مىللەتچىلىك قىلىپ، شەرقىي تۈركىستاننىڭ مۇستەقىللىقىنى ئېتىراپ قىلمايۋاتىدۇ. بۇ ئارقىلىق قىزىل خىتاينىڭ شەرقىي تۈركىستاننى يوق قىلىپ، ھۆر دۇنياغا تەھدىت شەكىللەندۈرۈش قەستى بىلەن ئۇ جاينى بىر ھۇجۇم بازىسى قىلىشىغا مەدەت بەرمەكتە ۋە ئىمكان ھازىرلىماقتا.

ب د ت غا ئەزا دۆلەتلەر گومىنداڭ ھۆكۈمىتىنى بۇ زىيانلىق سىياسىتىدىن ۋاز كەچتۈرسە، شەرقىي تۈركىستاننىڭ مۇستەقىللىقىنى ئېتىراپ قىلىشى ئۈچۈن ئۇلارغا خىزمەت ئىشلىسە؛

4. خىتاي جاھانگىرلىكى مۇستەقىل بىر مىللەتنى پۈتۈن دۇنيادىن يوشۇرۇش ئۈچۈن قويۇۋالغان «شىنجاڭ» دېگەن نام رەسمىي نەشىر ۋە ئاخبارات ئورگانلىرىدىن چىقىرىپ تاشلىنىپ، تارىختىن بېرى مۇقىملاشقان «شەرقىي تۈركىستان» دېگەن نام قوللىنىلسا؛

5. مەزكۇر تەلەپلىرىمىزنىڭ بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىغا ئەزا دۆلەتلەرگە يەتكۈزۈلۈشىنى شەرقىي تۈركىستان خەلقىگە ۋاكالىتەن ئالىيلىرىدىن تەلەپ قىلىمىز.

1970-يىل 2-ئاي

ئەيسا ئالىپتېكىن

شەرقىي تۈركىستان ھۆكۈمىتىنىڭ سابىق باش كاتىپى

ئەيسا يۈسۈپ ئالىپتېكىننىڭ قىسقىچە تەرجىمىھالى

يىللار ئاۋۋال مەن تۈركىيەدە «ئەسىر شەرقىي تۈركىستان»ناملىق تۈركچە بىر كىتابنى ئوقۇغانىدىم. شۇ چاغدا بىزدىن ئەيسا يۈسۈپ ئالىپتېكىن دەيدىغان بىر سىياسەتچى ۋە دەۋا ئادىمىنىڭ ئۆتكەنلىكىنى بىلدىم، ئۇنىڭ ھاياتى بىلەن تونۇشتۇم. بۇ كىتابنى رومان ئوقۇغاندەك قىزىقىش ئىچىدە ئوقۇغىنىم ئېسىمدە، ئەيسا ئەپەندى يېڭىسار ھاكىمىغا ۋاكالىتەن ئەرز-شىكايەت سورايدۇ، نۇرغۇن دېلونى بىر كۈندە بىر تەرەپ قىلىپ، خىتاي ھاكىمنى ھەيران قالدۇرىدۇ. سىياسەتچىگە خاس تالانتى ۋە ناتىقلىقىنى بايقىغان ھاكىم ئۇنى خېلى ئۇزۇن ئىشلىتىدۇ. شۇنىڭدىن كېيىن ئۇنىڭ سىياسىي ھاياتى باشلىنىدۇ. گومىنداڭ پارلامېنتىغا كىرىپ، جاڭ جېشىنىڭ يېنىدا ئىشلەيدۇ، خىتايلارنىڭ مىجەزى ۋە خىتايچىنى قۇشقاچ تىللىرىغىچە بىلىدىغان بۇ ئادەم مۇناسىۋەت ۋە دىپلوماتىيەگە ماھىرلىقى بىلەن ئۇيغۇرلارنىڭ ۋەكىلى بولۇپ، 10نەچچە يىل مەزمۇت ياشايدۇ، ئۆزىنىڭ قورساق دەردىدىن ھالقىپ مىللەتنىڭ دەردى بىلەن ھەپىلىشىدۇ. بۇ قىسمەت ئۇنىڭ ھاياتىغا تامغا بولۇپ ئۇرۇلىدۇ… ساۋابلىرى ۋە گۇناھلىرى بىلەن بىر ئىنسان ئەنە شۇنداق ياشاپ دۇنيادىن كېتىدۇ. ئەمدى ئۇنىڭ ھاياتىدىكى مۇھىم ۋەقەلەرگە قىسقىچە نەزەر سالايلى.

1901-يىل شەرقىي تۈركىستاننىڭ يېڭىسار ناھىيەسىدە تۇغۇلغان.

ئوقۇش يېشىغا يەتكەندە خىتايچە ئۆگەنگەن ۋە 1923-يىل يېڭىسار ھاكىمى چىن دېلىنىڭ تەرجىمانى بولغان ھەمدە ئۇنىڭ دەۋا-دەستۇر ئىشلىرىغا ياردەملىشىپ، ئۆزىنىڭ چىچەنلىكى بىلەن تېزلا كۆزگە كۆرۈنگەن ۋە ئەتىۋارلاپ ئىشلىتىلگەن.

1926-يىل ئەندجان شەھرىگە كونسول بولۇپ تەيىنلەنگەن چىن دېلى ئۇنى ياردەمچى قىلىپ ئېلىۋالغان. ئەيسا ئەپەندى ئەندجاندا ئۈچ يىل، تاشكەنتتە ئۈچ يىل چىن دېلىنىڭ تەرجىمانى بولۇپ ئىشلىگەن ۋە غەربىي تۈركىستاندىكى خەلقنىڭ قىزىل رۇسلاردىن كۆرۈۋاتقان زۇلۇمىغا شاھىت بولغان، ئىلغار پىكىرلىك شەخسلەر بىلەن ئۇچراشقان، كوممۇنىستلاردىن قاتتىق نەپرەتلەنگەن.

1932-يىل چىن دېلى ۋەزىپىسىدىن ئايرىلغاندىن كېيىن، ئەيسا ئەپەندىمۇ غەربىي تۈركىستاندىن ئايرىلىپ، بېيجىڭغا كەلگەن. نەنجىڭ ۋە تيەنجىن شەھەرلىرىدىكى تۇڭگانلار ۋە شەرقىي تۈركىستانلىقلار بىلەن يېقىن مۇناسىۋەت ئورناتقان، 1933-يىل «چىن تۇركىستانىنىڭ ئاۋازى» ناملىق مەجمۇئە چىقارغان.

1936-يىل 18-ئىيۇل، ئەيسا ئەپەندى گومىنداڭ پارلامېنت ئەزاسى بولۇپ سايلانغان ۋە سەئۇدىي ئەرەبىستان قاتارلىق ئىسلام ئەللىرىدە زىيارەتتە بولغان.

1943-يىل 4-ئاپرېل، ئەيسا ئەپەندىنىڭ تەكلىپى بىلەن مۇھەممەد ئىمىن بۇغرا ئائىلىسى بىلەن بىرلىكتە خىتايغا قايتىدۇ، ئىككەيلەن بىرلىكتە گومىنداڭ پارلامېنتىدا شەرقىي تۈركىستانغا پايدىلىق تەكلىپلەرنى سۇنىدۇ ۋە گومىنداڭ پىرقىسىنىڭ نارازىلىقىنى قوزغايدۇ. 2-دۇنيا ئۇرۇشىدىن كېيىن، جاڭ جېشى ئەيسا ئەپەندى ۋە مۇھەممەدئىمىن بۇغرا بىلەن كۆرۈشۈشنى قوبۇل قىلىدۇ، ئەمما سۆھبەتتىن نەتىجە چىقمايدۇ.

1945-يىل ستالىن ھۆكۈمىتى شەرقىي تۈركىستان ھۆكۈمىتىگە بېسىم ئىشلىتىپ، ئۇرۇش توختىتىدۇ. ئۈچ ۋىلايەت رەھبەلىرى بىلەن گومىنداڭ ئەمەلدارلىرى ئارىسىدا 8 ئاي داۋاملاشقان سۆھبەتتىن كېيىن تۈزۈلگەن ئاتالمىش «تىنچلىق بېتىمى» ئىمزالانغاندىن كېيىن، گومىنداڭ ھۆكۈمىتى مەسئۇت سەبرى، مۇھەممەتئىمىن بۇغرا، ئەيسا يۈسۈپ قاتارلىق ئۈچ ئەپەندىنى شەرقىي تۈركىستانغا ئەۋەتىدۇ.

1946-يىل ئەيسا ئەپەندى «ئۈچ مەسلەك ياشلار تەشكىلاتى شەرقىي تۈركىستان شۆبىسى»نى ئاچىدۇ، «ئالتاي نەشرىياتى» نى قۇرۇپ، «ئەرك» گېزىتىنى چىقىرىشقا باشلايدۇ.

1947-يىل 29-ماي كۈنى، گومىنداڭ ھۆكۈمىتى مەسئۇت سەبرىنى ئاتالمىش شىنجاڭ ئۆلكىلىك ھۆكۈمەتنىڭ رەئىسلىكىگە، ئەيسا يۈسۈپ ئەپەندىنى ئۆلكىلىك ھۆكۈمەتنىڭ باش كاتىپلىقىغا تەيىنلەيدۇ.

1948-يىل 17-ئىيۇل، مەسئۇت سەبرى ۋە ئەيسا ئەپەندىلەر «رۇسلارغا قارشى پان تۇركىزملىق سىياسەت يۈرگۈزگەنلىكى» ئۈچۈن ۋەزىپىسىدىن ئېلىپ تاشلىنىدۇ. جاڭ جېشى ئۇلارنى نەنجىڭغا قايتىشقا دەۋەت قىلىدۇ، ئەمما ئۇلار رەت قىلىدۇ.

1949-يىل كۈزدە ئەيسا ئەپەندىلەر خىتاي قىزىل ئارمىيەسىنىڭ شەرقىي تۈركىستانغا كىرىشىنى توسۇپ قېلىش ئۈچۈن قىزىللارغا قارشى تۇرۇشنى ياقلايدىغان گومىنداڭ گېنراللىرى بىلەن كۆرۈشىدۇ، ئەمما ئاقمايدۇ. چۈنكى بۇ چاغدا ئۆلكە رەئىسى بۇرھان شەھىدى بىلەن باش قوماندان تاۋ سىيۆ ئاللىقاچان قىزىللار تەرەپكە ئۆتۈپ كەتكەنىدى.

1949-يىل 20-سىنتەبىر يېرىم كېچىدە، ئەيسا ئەپەندى ۋە ھەمراھلىرى ئۈرۈمچىدىن ئايرىلىدۇ، 22-سىنتەبىر كۇچاغا كېلىپ مۇھەممەد ئىمىن بۇغرا بىلەن كۆرۈشىدۇ، 27-سىنتەبىر قەشقەرگە كېلىدۇ، 1-ئۆكتەبىر خىتايدىن چىقىپ كېتىدۇ.

ئەيسا ئەپەندى قاتارلىقلار مۇشەققەتلىك تاغ يولى سەپىرىدىن كېيىن 1949-يىل 12-ئاينىڭ 11-كۈنى كەشمىردىكى لاداخ بازىرىغا كېلىدۇ. ئەيسا ئەپەندى بىلەن تەڭ يولغا چىققان 852 كىشىدىن 54 كىشى يولدا قازا قىلىدۇ، 49 كىشىنىڭ قول، پۇت بارماقلىرى توڭلاپ كەتكەچكە، كېيىن كېسىۋېتىشكە مەجبۇر بولىدۇ.

ئەيسا ئەپەندى ۋە سەپداشلىرى كەشمىردە تۇرۇۋاتقان مەزگىلدە تىبەت يولى بىلەن ھىندىستانغا ئۆتمەكچى بولغان قازاقلارغا ياردەم قىلىش ئۈچۈن تىرىشىدۇ؛ ئۆزلىرىنىڭ پاناھلىق مەسىلىسىنى ھەل قىلىش ئۈچۈن ھىندىستان، سەئۇدى ئەرەبىستان، مىسىر قاتارلىق دۆلەتلەردىكى دىپلوماتلار بىلەن كۆرۈشىدۇ، نەتىجىسى چىقمايدۇ. 1952-يىل 6-يانۋار تۈركىيەگە كېلىپ، ھۆكۈمەت ئەربابلىرى بىلەن كۆرۈشىدۇ. 1952-يىل 13-مارت كۈنى تۈركىيە ھۆكۈمىتى 1850 نەپەر شەرقىي تۈركىستانلىقنى تۈركىيەدە ماكانلاشتۇرۇش قارارى چىقىرىدۇ.

ئەيسا ئەپەندى تۈركىيەگە كەلگەندىن كېيىن سەپدىشى مۇھەممەد ئىمىن بۇغرا بىلەن بىرلىكتە شەرقىي تۈركىستان دەۋاسىنى داۋاملاشتۇرىدۇ، كۆپلىگەن مۇسۇلمان دۆلەتلەرنى زىيارەت قىلىپ، دىپلوماتلار، سىياسىي ئەربابلار بىلەن كۆرۈشۈپ ۋەتەندىكى زۇلۇمنى ئاڭلىتىدۇ. گومىنداڭ ھۆكۈمىتى رەئىسى جاڭ جېشىغا، بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىغا، ئامېرىكا پرېزىدېنتى ئېزىنخاۋىر، كېننىدى، جونسون، نىكسون قاتارلىقلارغا خەت يازىدۇ. ئەيسا ئەپەندى كىشىلىك ھوقۇق ۋە مۇسۇلمان مىللەتلەرنىڭ مەنپئەتىگە مۇناسىۋەتلىك خەلقئارا يىغىنلارغا كۆپ قېتىم قاتنىشىدۇ، تۈركىيەدە شەرقىي تۈركىستان مەسىلىسى توغرۇلۇق لېكسىيەلەر بېرىدۇ ھەمدە كوممۇنىزمنىڭ فاشىزمغا ئوخشاشلا دۇنياغا ئاپەت ئىكەنلىكىنى تۈركلەرگە ئاڭلىتىپ، تۈركىيەدە خېلىلا يامراپ كەتكەن بۇ زەھەرلىك ئېقىمنى تىزگىنلەشتە مۇھىم رول ئوينايدۇ.

1960-يىلى ئەيسا ئەپەندى تۈركىيەدە «شەرقىي تۈركىستان مۇھاجىرلار جەمئىيىتى»نى، يەنە شۇ يىلى «شەرقىي تۈركىستان مىللىي ئازادلىق تەشكىلاتى»نى قۇرۇپ چىقىدۇ. چەت ئەللەرگە يېزىلغان مۇراجىئەتنامىلەر بۇ تەشكىلات نامىدىن يېزىلىدۇ. 1965-يىل 14-ئىيۇن مۇھەممەد ئىمىن بۇغرا ۋاپات بولغاندىن كېيىن، ئەيسا ئەپەندى مەزكۇر جەمئىيەتنىڭ رەئىسلىك ۋەزىپىسىنى ئۆتەيدۇ. 1970-يىل 1-ئايدا ئامېرىكانى زىيارەت قىلىپ، دۆلەت مەجلىسى ئەزالىرى بىلەن كۆرۈشىدۇ. ئاۋستىرىيە، گېرمانىيە، شېۋىتسارىيە، بېلگىيە، ئەنگىلىيە قاتارلىق دۆلەتلەرنىمۇ زىيارەت قىلىپ، شەرقىي تۈركىستان دەۋاسىنى تۇنجى قېتىم غەرب ئەللىرىگە ئاڭلىتىدۇ.

1975-يىل ئەيسا ئەپەندىنىڭ «شەرقىي تۈركىستان داۋاسى» ناملىق كىتابى نەشر قىلىنىدۇ. 1978-يىل ئۇ قاتناش ۋەقەسىگە ئۇچرايدۇ، شۇنىڭدىن كېيىن سالامەتلىكى ناچارلىشىپ، كۆزى ئاجىزلاپ كېتىدۇ؛ 1986-يىل «شەرقىي تۈركىستان ۋەقفى»نى قۇرىدۇ، «ئەسىر شەرقىي تۈركىستان» ناملىق ئەسلىمىسىنى يېزىپ نەشرگە سۇنىدۇ.

ئۇنىڭدىن باشقا، تۈركىيەدە مىللەتچى ئېقىمغا تەۋە ئاپتورلار قەلەمگە ئالغان، ئەيسا ئەپەندىنىڭ ھاياتى تونۇشتۇرۇلغان ۋە ماقالىلىرى، مەكتۇبلىرى توپلانغان «تۈركلىك مۇجاھىدى ئەيسا يۈسۈپ» (1991)، «ئۇنتۇلغان ۋەتەن شەرقىي تۈركىستان»(1992) ناملىق كىتابلار نەشر قىلىنىدۇ.

ئەيسا يۈسۈپ ئالىپتېكىن 1995-يىل 12-ئايدا ئىستانبۇلدا ۋاپات بولىدۇ. ئەنقەرەدىكى خىتاي ئەلچىخانىسى خادىملىرى بۇ خەۋەرنى ئاڭلاپ، كېچىچە ھاراق ئىچىپ تەنتەنە قىلىدۇ.

Leave a Reply

Discover more from ئەرتۈرك ئەسەرلىرى

Subscribe now to keep reading and get access to the full archive.

Continue reading