
تەرەققىيات ئىدىيەسى
پەن-تېخنىكا ئىنقىلابى باشلانغانغا قەدەر، كۆپىنچە ئىنسان مەدەنىيەتلىرى تەرەققىياتقا ئىشەنمەيتتى. ئۇلار ئالتۇن دەۋر ئۆتمۈشتە قالدى، دۇنيا توختاپ قالدى، ھەتتا ناچارلىشىۋاتىدۇ دەپ ئويلايتتى؛ مەلۇم دەۋرنىڭ ھېكمەتلىرىگە ئەمەل قىلىش بەلكىم شۇ دەۋرنىڭ گۈزەللىكىنى قايتۇرۇپ كېلەلىشى مۇمكىن، ئىنساننىڭ ئەقىل-پاراسىتى كۈندىلىك تۇرمۇشنىڭ مەلۇم تەرەپلىرىنى ياخشىلىيالىشى مۇمكىن. بىراق، ئىنسانلارنىڭ بىلىمى دۇنيانىڭ ئاساسىي مەسىلىلىرىنى ھەل قىلالمايدۇ. ھەتتا مۇھەممەد پەيغەمبەر، ئىسا پەيغەمبەر، بۇددا ۋە كوڭزىلاردەك ھەممىنى بىلىدىغان زاتلار دۇنيادىن ئاچارچىلىق، كېسەللىك، نامراتلىق ۋە ئۇرۇشنى يوق قىلالمىغان يەردە، بىز قانداقمۇ ئۇنى ھەل قىلالايمىز؟ دەپ قارايتتى.
نۇرغۇن دىنلار بىر كۈنى بىر قۇتقۇزغۇچى كېلىپ بارلىق ئۇرۇشلارنى، ئاچارچىلىقنى، ھەتتا ئۆلۈمنىڭ ئۆزىنىمۇ يوق قىلىدۇ دەپ قارايتتى. ئەمما ئىنسانىيەتنىڭ يېڭى بىلىملەرنى بايقاش ۋە يېڭى قوراللارنى ئىجاد قىلىش ئارقىلىق بۇنى قىلالايدىغانلىقى ھەققىدىكى چۈشەنچە كۈلكىلىك بولۇپلا قالماي، تەكەببۇرلۇق دەپ قارالغان. بابىل مۇنارى[1]، ئىكارۇس[2]، گولېم[3] ۋە باشقا سانسىزلىغان ئەپسانىلەر كىشىلەرگە ئىنسان چەكلىمىسىدىن ھالقىپ كېتىشكە ئۇرۇنۇشنىڭ چوقۇم مەغلۇبىيەت ۋە پاجىئەگە ئېلىپ بارىدىغانلىقىنى ئۆگەتكەن.
زامانىۋى مەدەنىيەت نۇرغۇن مۇھىم نەرسىلەرنى تېخى بىلمەيدىغانلىقىنى ئېتىراپ قىلغاندا، نادانلىقنى ئېتىراپ قىلىش بىلەن ئىلمىي بايقاشلار بىزگە يېڭى كۈچ بېرەلەيدۇ دېگەن ئىدىيە ئۆزئارا بىرلەشكەندە، كىشىلەر ھەقىقىي ئىلگىرىلەشنىڭ مۇمكىنلىكىدىن گۇمانلىنىشقا باشلىدى. پەن-تېخنىكا ھەل قىلغىلى بولمايدىغان مەسىلىلەرنى بىر-بىرلەپ ھەل قىلغانسېرى، كۆپلىگەن كىشىلەر ئىنسانىيەتنىڭ يېڭى بىلىملەرنى ئىگىلەش ۋە قوللىنىش ئارقىلىق ھەرقانداق مەسىلىنى ھەل قىلالايدىغانلىقىغا ئىشەندى. نامراتلىق، كېسەللىك، ئۇرۇش، ئاچارچىلىق، قېرىلىق ۋە ئۆلۈمنىڭ ئۆزى ئىنسانىيەتنىڭ مۇقەررەر تەقدىرى ئەمەس ئىدى. ئۇلار پەقەت بىزنىڭ نادانلىقىمىزنىڭ ئاقىۋىتى ئىدى.

بېنجامىن فرانكلىن تەڭرىلەرنى قورالسىزلاندۇردى
چاقماق بۇنىڭغا مەشھۇر مىسال. نۇرغۇن مەدەنىيەتلەر چاقماقنى غەزەپلەنگەن تەڭرىنىڭ گۇناھكارلارنى جازالاش ئۈچۈن ئىشلىتىدىغان بولقىسى دەپ ئىشىنەتتى. 18-ئەسىرنىڭ ئوتتۇرىلىرىدا، پەن تارىخىدىكى ئەڭ داڭلىق تەجرىبىلەرنىڭ بىرىدە، بېنجامىن فرانكلىن چاقماقنىڭ پەقەت بىر خىل توك ئېقىمى ئىكەنلىكى ھەققىدىكى پەرىزىنى سىناش ئۈچۈن چاقماق بورىنىدا لەگلەك ئۇچۇردى. فرانكلىننىڭ تەجرىبە كۆزىتىشلىرى ۋە ئېلېكتر ئېنېرگىيەسىنىڭ خۇسۇسىيەتلىرى ھەققىدىكى بىلىمى ئۇنىڭ چاقماق توسقۇچنى ئىجاد قىلىشىغا ۋە تەڭرىلەرنى قورالسىزلاندۇرۇشىغا ئىمكان بەردى.
نامراتلىق يەنە بىر مىسال. نۇرغۇن مەدەنىيەتلەر نامراتلىقنى بۇ مۇكەممەل بولمىغان دۇنيانىڭ قۇتۇلغىلى بولمايدىغان بىر قىسمى دەپ قارىغان. ئىنجىلنىڭ «يېڭى ئەھدە» قىسمىدا ئېيتىلىشىچە، ئىسا كرېستكە مىخلىنىشتىن سەل بۇرۇن، بىر ئايال ئىسانى 300 دىنار قىممىتىدىكى قىممەتلىك ماي بىلەن مەسىھ قىلغان. ئىسانىڭ ھاۋارىيلىرى ئايالنى شۇنچە كۆپ پۇلنى نامراتلارغا بەرمەي ئىسراپ قىلغانلىقى ئۈچۈن ئەيىبلىگەن، ئەمما ئېسا ئۇنى قوغداپ: «نامراتلار ھەمىشە سىلەر بىلەن بىللە، خالىغان ۋاقتىڭلاردا ئۇلارغا ياردەم قىلالايسىلەر. ئەمما مەن ھەمىشە سىلەر بىلەن بىللە بولمايمەن» دېگەن (ماركۇس 14:7).
بۈگۈنكى كۈندە، بارغانسېرى ئاز ساندىكى كىشىلەر، جۈملىدىن بارغانسېرى ئاز ساندىكى خرىستىيانلار بۇ مەسىلىدە ئەيسا بىلەن ھەمپىكىر بولۇۋاتىدۇ. نامراتلىق بارغانسېرى مۇداخىلە قىلغىلى بولىدىغان تېخنىكىلىق مەسىلە دەپ قارالماقتا. يېزا ئىگىلىك، ئىقتىساد، مېدىتسىنا ۋە سوتسىئولوگىيەدىكى ئەڭ يېڭى بايقاشلارغا ئاساسلانغان سىياسەتلەرنىڭ نامراتلىقنى تۈگىتەلەيدىغانلىقى ئومۇميۈزلۈك قوبۇل قىلىنغان ھەقىقەتكە ئايلاندى.
دەرۋەقە، دۇنيانىڭ نۇرغۇن جايلىرى ئەڭ ئېغىر مەھرۇملۇقتىن ئاللىقاچان قۇتۇلدى. تارىختىن بېرى، جەمئىيەتلەر ئىككى خىل نامراتلىقتىن ئازاب چەككەن. بۇنىڭ بىرى، ئىجتىمائىي نامراتلىق، ئۇ بەزى كىشىلەرنى ھەممە ئادەم ئېرىشەلەيدىغان پۇرسەتلەردىن مەھرۇم قىلىدۇ؛ يەنە بىرى، بىئولوگىيەلىك نامراتلىق، ئۇ يېمەك-ئىچمەك ۋە تۇرالغۇنىڭ يېتەرسىزلىكى سەۋەبىدىن شەخسلەرنىڭ ھاياتىنى خەۋپكە ئۇچرىتىدۇ. ئىجتىمائىي نامراتلىقنى پۈتۈنلەي تۈگەتكىلى بولماسلىقى مۇمكىن، ئەمما دۇنيانىڭ نۇرغۇن دۆلەتلىرىدە بىئولوگىيەلىك نامراتلىق ئۆتمۈشتە قالدى.

يېقىنقى ۋاقىتلارغىچە، كۆپىنچە كىشىلەر بىئولوگىيەلىك نامراتلىق سىزىقىغا يېقىن ياشىغان، بۇ سىزىقنىڭ تۆۋىنىدە كىشىلەر ھاياتىنى ئۇزۇن مۇددەت ساقلاپ قالالايدىغان يېتەرلىك كالورىيەگە (ئېنىرگىيەگە) ئىگە بولالمايتتى. كىچىككىنە خاتا مۆلچەرلەش ياكى بەختسىزلىكلەرمۇ كىشىلەرنى بۇ سىزىقتىن تۆۋەنگە، ئاچارچىلىققا ئىتتىرىۋېتەلەيتتى. تەبىئىي ئاپەتلەر ۋە ئىنسان كەلتۈرۈپ چىقارغان پاجىئەلەر كۆپىنچە پۈتۈن نوپۇسنى ھاڭغا ئىتتىرىۋېتىپ، مىليونلىغان كىشىلەرنىڭ ئۆلۈمىگە سەۋەب بولاتتى. بۈگۈنكى كۈندە دۇنيادىكى كۆپىنچە كىشىلەرنىڭ ئاستىغا بىخەتەرلىك تورى تارتىلغان. شەخسلەر سۇغۇرتا، دۆلەت تەمىنلىگەن ئىجتىمائىي كاپالەت، يەرلىك ۋە خەلقئارالىق ھۆكۈمەتسىز تەشكىلاتلار تەرىپىدىن ھەر تۈرلۈك بەختسىزلىكلەردىن قوغدىلىدۇ. پاجىئە پۈتۈن بىر رايوننى ۋەيران قىلغاندا، دۇنيا مىقياسىدىكى ياردەم تىرىشچانلىقلىرى ئادەتتە ئەڭ ناچار ئاقىۋەتنىڭ ئالدىنى ئېلىشتا مۇۋەپپەقىيەت قازىنىدۇ. كىشىلەر يەنىلا خورلۇق، ھاقارەت ۋە نامراتلىققا مۇناسىۋەتلىك كېسەللىكلەردىن ئازاب چەكسىمۇ، كۆپىنچە دۆلەتلەردە ھېچكىم ئاچلىقتىن ئۆلمەيدۇ. ئەمەلىيەتتە، نۇرغۇن جەمئىيەتلەردە ئاچلىقتىن ئۆلۈشتىن كۆرە سېمىزلىكتىن ئۆلۈش خەۋپى كۆپرەك كىشىلەرگە تەھدىت سالماقتا.
گىلگامېش لايىھەسى
ئىنسانىيەتنىڭ ھەل قىلغىلى بولمايدىغان بارلىق مەسىلىلىرى ئىچىدە، ئۆلۈم ئەڭ بىئارام قىلغۇچى، قىزىقارلىق ۋە مۇھىم مەسىلە بولۇپ كەلدى. يېقىنقى دەۋرگىچە، كۆپىنچە دىنلار ۋە ئىدىئولوگىيەلەر ئۆلۈمنى بىزنىڭ مۇقەررەر تەقدىرىمىز دەپ قارايتتى. ئۇنىڭ ئۈستىگە، كۆپىنچە ئېتىقادلار ئۆلۈمنى ھاياتتىكى مەنانىڭ ئاساسىي مەنبەسىگە ئايلاندۇردى. ئۆلۈم بولمىغان دۇنيادىكى ئىسلام، خرىستىيان ياكى قەدىمكى مىسىر دىنىنى تەسەۋۋۇر قىلىپ بېقىڭ. بۇ ئېتىقادلار كىشىلەرگە ئۆلۈمنى يېڭىش ۋە بۇ دۇنيادا مەڭگۈ ياشاشقا ئىنتىلىشنىڭ ئورنىغا، ئۆلۈمنى قوبۇل قىلىش ۋە ئۆلۈمدىن كېيىنكى ھاياتقا ئۈمىد باغلاشنى ئۆگەتتى. ئەڭ ئەقىللىق كىشىلەر ئۆلۈمدىن قېچىشنىڭ ئورنىغا، ئۆلۈمگە مەنە بېرىش بىلەن مەشغۇل ئىدى.

بۇ بىزگىچە يېتىپ كەلگەن ئەڭ قەدىمكى ئەپسانە – قەدىمكى سۇمېردىكى گىلگامېش ئەپسانىسىنىڭ تېمىسىدۇر. ئۇنىڭ قەھرىمانى دۇنيادىكى ئەڭ كۈچلۈك ۋە ئەڭ قابىل ئادەم، ئۇرۇك[4] پادىشاھى گىلگامېش بولۇپ، ئۇ جەڭدە ھەر قانداق ئادەمنى يېڭەلەيتتى. بىر كۈنى، گىلگامېشنىڭ ئەڭ يېقىن دوستى ئەنكىدۇ ئۆلۈپ كېتىدۇ. گىلگامېش تالاي كۈنلەر جەسەتنىڭ يېنىدا ئولتۇرۇپ، تاكى ئۇنىڭ بۇرنىدىن قۇرت چۈشكەنگە قەدەر ئۇنى كۆزىتىدۇ. قۇرتنى كۆرگەن گىلگامېشنى قورقۇنچلۇق ۋەھىمە باسىدۇ ۋە ھەرگىز ئۆلمەسلىكنى قارار قىلىدۇ. ئۇ قانداقتۇر بىر يول بىلەن ئۆلۈمنى يېڭىشى كېرەك ئىدى. گىلگامېش دۇنيانىڭ چېتىگە يەتكىچە سەپەر قىلىدۇ، شىرلارنى ئۆلتۈرۈپ، چايان ئادەملەر بىلەن جەڭ قىلىپ، ئاخىر يەر ئاستى دۇنياسىغا كىرىش يولىنى تاپىدۇ. ئۇ يەردە ئۇ ئۇرشانابىنىڭ[5] گىگانت تاشلىرىنى ۋە ئۆلۈكلەر دەرياسىنىڭ كېمىچىسىنى پارچىلاپ، دەسلەپكى توپاننىڭ ئاخىرقى ھايات قالغۇچىسى ئۇتناپىشتىمنى[6] تاپىدۇ. بىراق گىلگامېش ئۆز تىلىكىگە يېتەلمەيدۇ. ئۇ بۇرۇنقىدەكلا ئۆلۈملۈك ھالدا قۇرۇق قول، ئەمما يېڭى بىر دانالىق بىلەن ئۆيىگە قايتىدۇ. گىلگامېش بىلگەندەك، تەڭرىلەر ئىنساننى ياراتقاندا، ئۆلۈمنى ئىنساننىڭ مۇقەررەر تەقدىرى قىلىپ بەلگىلىگەن، ئىنسان ئۇنىڭ بىلەن ياشاشنى ئۆگىنىشى كېرەك ئىدى.
تەرەققىيات تەرەپدارلىرى بۇ مەغلۇبىيەتچى پوزىتسىيەنى قوبۇل قىلالمايدۇ. ئالىملار ئۈچۈن، ئۆلۈم مۇقەررەر تەقدىر ئەمەس، بەلكى پەقەت تېخنىكىلىق مەسىلە. كىشىلەر تەڭرىلەر بۇيرۇغانلىقى ئۈچۈن ئەمەس، بەلكى ھەر خىل تېخنىكىلىق كاشىلىلار – يۈرەك كېسىلى، راك كېسىلى، يۇقۇملىنىش قاتارلىقلار تۈپەيلىدىن ئۆلىدۇ. ھەر بىر تېخنىكىلىق مەسىلىنىڭ تېخنىكىلىق ھەل قىلىش چارىسى بار. ئەگەر يۈرەك توختاپ قالسا، ئۇنى يۈرەك رىتىمىنى تەڭشىگۈچ بىلەن قوزغىتىش ياكى يېڭى يۈرەك بىلەن ئالماشتۇرۇش مۇمكىن. ئەگەر راك ھۈجەيرىسى يامراپ كەتسە، ئۇنى دورا ياكى رادىئاتسىيە بىلەن ئۆلتۈرگىلى بولىدۇ. ئەگەر باكتېرىيەلەر كۆپەيسە، ئۇلارنى ئانتىبىئوتىكلار بىلەن باستۇرغىلى بولىدۇ. دەرۋەقە، بىز ھازىرچە بارلىق تېخنىكىلىق مەسىلىلەرنى ھەل قىلالمايمىز. ئەمما بىز ئۇلارنى ھەل قىلىش ئۈستىدە ئىزدىنىۋاتىمىز. بىزنىڭ ئەڭ ئەقىللىق كىشىلىرىمىز ئۆلۈمگە مەنە بېرىشكە ۋاقىت ئىسراپ قىلمايۋاتىدۇ. ئەكسىچە، ئۇلار كېسەللىك ۋە قېرىلىقنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدىغان فىزىئولوگىيەلىك، ھورمونلۇق ۋە گېنېتىكىلىق سىستېمىلارنى تەكشۈرۈۋاتىدۇ؛ يېڭى دورىلارنى، ئىنقىلاب خاراكتېرلىق داۋالاش ئۇسۇللىرى ۋە سۈنئىي ئەزالارنى بارلىققا كەلتۈرۈشكە تىرىشىۋاتىدۇ. بۇ تەتقىقاتلار ئۆمرىمىزنى ئۇزارتىشى، ھەتتا بىر كۈنلەردە ئەزرائىلنى يېڭىشى مۇمكىن.

يېقىنقى ۋاقىتلارغىچە، سىز ئالىملارنىڭ ياكى باشقا ھەر قانداق كىشىنىڭ ھاياتىمىزنى ئۇزارتىدىغانلىقى ۋە بىر كۈنى ئۆلۈمدىن غالىب كېلىدىغانلىقى توغرۇلۇق بۇنداق ئوچۇق سۆزلىگەنلىكىنى ئاڭلىمىغان بولغىيدىڭىز. «ئۆلۈمنى يېڭىش؟»، بۇ نېمە دېگەن بىمەنىلىك! ئەمما ئۇلار بىز پەقەت راك، ۋابا ۋە دىۋەڭلىك كېسىلىنى داۋالاشقا تىرىشىۋاتىمىز» دەپ تۇرۇۋالىدۇ. كىشىلەر ئۆلۈم مەسىلىسىدىن ئۆزىنى قاچۇرىدۇ، چۈنكى ئۆلۈم بەك يىراقتەك كۆرۈنىدۇ. نېمىشقا بىكاردىن بىكار ئۈمىدلىنىپ يۈرىمىز؟ بىراق بىز ھازىر بۇ ھەقتە ئوچۇق سۆزلىيەلەيدىغان يەرگە كەلدۇق. پەن-تېخنىكا ئىنقىلابىنىڭ باش نىشانى ئىنسانىيەتكە مەڭگۈلۈك ھايات بېرىشتۇر. گەرچە ئۆلۈمنى يوقىتىش يىراق نىشان بولسىمۇ، بىز ئاللىقاچان بىر نەچچە ئەسىر ئىلگىرى تەسەۋۋۇر قىلغىلى بولمايدىغان نەرسىلەرگە ئېرىشتۇق. 1199-يىلى، شىر يۈرەك پادىشاھ رىچاردنىڭ سول مۈرىسىگە ئوق تەگكەن. بۈگۈن بىز بۇنى كىچىك يارىلىنىش دەيمىز. ئەمما 1199-يىلى، ئانتىبىئوتىك ۋە ئۈنۈملۈك پاكىزلاش ئۇسۇللىرى بولمىغاچقا، بۇ كىچىك يارا يۇقۇملىنىپ، سېسىشقا باشلىغان. 12-ئەسىردىكى ياۋروپادا تەن ئەزالىرىنىڭ سېسىپ كېتىشىنى توختىتىشنىڭ بىردىنبىر يولى يۇقۇملانغان ئەزانى كېسىۋېتىش ئىدى، ئەمما يۇقۇم مۈرىدە بولغاندا بۇ مۇمكىن ئەمەس ئىدى. يارا يۇقۇملىنىپ پادىشاھنىڭ پۈتۈن بەدىنىگە تارقالغان ۋە ھېچكىم پادىشاھقا ياردەم قىلالمىغان. ئۇ ئىككى ھەپتىدىن كېيىن قاتتىق قىينىلىپ ئۆلگەن.
19-ئەسىرگىچە، ئەڭ ياخشى دوختۇرلارمۇ يۇقۇمنىڭ ئالدىنى قانداق ئېلىش ۋە توقۇلمىلارنىڭ چىرىشىنى قانداق توختىتىشنى بىلمەيتتى. جەڭ مەيدانىدىكى دوختۇرخانىلاردا دوختۇرلار چىرىشتىن قورقۇپ، كىچىككىنە يارىلانغان ئەسكەرلەرنىڭمۇ قول-پۇتلىرىنى كېسىۋېتەتتى. بۇ كېسىش ئوپېراتسىيەلىرى، شۇنداقلا باشقا بارلىق مېدىتسىنا مۇلازىمەتلىرى (چىش تارتقۇزۇش قاتارلىقلار) ناركوزسىز قىلىناتتى. تۇنجى ناركوزلار—ئېفىر، خلوروفورم ۋە مورفىن قاتارلىقلار 19-ئەسىرنىڭ ئوتتۇرىلىرىدىلا غەرب مېدىتسىناسىدا مۇنتىزىم قوللىنىلىشقا باشلىدى. خلوروفورم كېلىشتىن بۇرۇن، دوختۇر يارىلانغان پۇتنى كېسىۋاتقاندا، تۆت ئەسكەر يارىلانغان ئەسكەرنى تۇتۇپ تۇرۇشى كېرەك ئىدى. ۋاتېرلو جېڭى (1815) دىن كېيىنكى ئەتىگەندە، جەڭ مەيدانى دوختۇرخانىلىرىنىڭ يېنىدا كېسىۋېتىلگەن قول-پۇتلارنىڭ دۆۋىلىرىنى كۆرگىلى بولاتتى. ئۇ كۈنلەردە، ياغاچچىلار ۋە قاسساپلار ئارمىيەگە تىزىملاتقاندا كۆپىنچە داۋالاش ئەترىتىگە ئەۋەتىلەتتى، چۈنكى تاشقى كېسەللەر ئوپېراتسىيىسىدە پىچاق ۋە ھەرە ئىشلىتىشنى بىلىش تەلەپ قىلىناتتى.
ۋاتېرلودىن كېيىنكى ئىككى ئەسىردە، ئەھۋال تونۇغىلى بولمايدىغان دەرىجىدە ئۆزگەردى. دورىلار، ئۇكۇللار ۋە مۇرەككەپ ئوپېراتسىيەلەر بىزنى ئىلگىرى ئۆلۈمگە مەھكۇم قىلغان نۇرغۇن كېسەللىك ۋە يارىلاردىن قۇتقۇزدى. ئۇلار يەنە قەدىمكى كىشىلەر ھاياتنىڭ بىر قىسمى دەپ قوبۇل قىلغان سانسىزلىغان كۈندىلىك ئاغرىق-سىلاقلاردىن قوغدىدى. ئىنسانلارنىڭ ئوتتۇرىچە ئۆمرى 25-40 ياشتىن 67 ياشقا، تەرەققىي قىلغان دۆلەتلەردە 80 ياشقا يەتتى.
بالىلارنىڭ ئۆلۈپ كېتىش نىسبىتى جەھەتتە ئۆلۈم ئەڭ ئېغىر مەغلۇبىيەتكە ئۇچرىدى. 20-ئەسىرگىچە، يېزا ئىگىلىك جەمئىيەتلىرىدىكى بالىلارنىڭ تۆتتىن بىرى ياكى ئۈچتىن بىرى چوڭ بولالماي ئۆلۈپ كېتەتتى. كۆپىنچىسى بوغما، قىزىلچە ۋە چېچەك كېسىلى قاتارلىق بالىلار كېسەللىكلىرىدىن قازا قىلاتتى. 17-ئەسىردىكى ئەنگلىيەدە، يېڭى تۇغۇلغان ھەر 1000 بوۋاقتىن 150 بوۋاق تۇنجى يىلىدا ئۆلۈپ كېتەتتى، بارلىق بالىلارنىڭ ئۈچتىن بىرى 15 ياشقا يەتمەي ئۆلەتتى. بۈگۈن، ئەنگلىيەلىك ھەر 1000 بوۋاقتىن پەقەت بەشىلا تۇنجى يىلىدا ئۆلۈپ كېتىدۇ، يەتتىسىلا 15 ياشقا يەتمەي ئۆلۈپ كېتىدۇ.

بۇ رەقەملەرنى بىر چەتكە قويۇپ، بەزى ھېكايىلەرنى سۆزلەش ئارقىلىق ئۇنى ياخشىراق چۈشىنەلەيمىز. ئەنگلىيە پادىشاھى بىرىنچى ئېدۋارد (1237-1307) ۋە ئۇنىڭ ئايالى خانىش ئېلىيانور (1241-1290) ئائىلىسى ياخشى مىسال. ئۇلارنىڭ بالىلىرى ئوتتۇرا ئەسىردىكى ياۋروپادا تەمىنلىگىلى بولىدىغان ئەڭ ياخشى شارائىت ۋە ئەڭ چوڭ غەمخورلۇقتىن بەھرىمەن بولغان. ئۇلار خان سارىيىدا ياشايتتى، قانچىلىك يەيمەن دېسە شۇنچىلىك يەيتتى، بەدىنىنى ئىسسىق تۇتىدىغان كىيىملىرى ۋە ئالماشتۇرىدىغان كىيىملىرى زاپاس تۇراتتى، ئەڭ پاكىز سۇلارنى ئىچەتتى، مەخسۇس خىزمەتچىلىرى ۋە دوختۇرلىرى بار ئىدى. تارىخىي ماتېرىياللاردا قەيت قىلىنىشىچە، ئېلىيانور خانىش 1255-يىلدىن 1284-يىلغىچە جەمئىي 16 بالا تۇغقان.
- 1255-يىلى تۇغۇلغان قىزى تۇغۇلۇپلا ئۆلۈپ كەتكەن.
- كاتىرىن ئىسىملىك قىزى 1 ياكى 3 يېشىدا ئۆلۈپ كەتكەن.
- جوئان ئىسىملىك قىزى 6 ئايلىق بولغاندا ئۆلۈپ كەتكەن.
- جون ئىسىملىك ئوغلى 5 يېشىدا ئۆلۈپ كەتكەن.
- ھېنرى ئىسىملىك ئوغلى 6 يېشىدا ئۆلۈپ كەتكەن.
- ئېلىيانور ئىسىملىك قىزى 29 يېشىدا ئۆلۈپ كەتكەن.
- يەنە بىر نامسىز قىزى 5 ئايلىق بولغاندا ئۆلۈپ كەتكەن.
- جوئان ئىسىملىك قىزى 35 يېشىدا ئۆلۈپ كەتكەن.
- ئالفونسو ئىسىملىك ئوغلى 10 يېشىدا ئۆلۈپ كەتكەن.
- مارگارېت ئىسىملىك قىزى 58 يېشىدا ئۆلۈپ كەتكەن.
- بېرېنگېرىيا ئىسىملىك قىزى 2 يېشىدا ئۆلۈپ كەتكەن.
- يەنە بىر نامسىز قىزى تۇغۇلۇپ ئۇزۇن ئۆتمەي ئۆلۈپ كەتكەن.
- مارى ئىسىملىك قىزى 53 يېشىدا ئۆلۈپ كەتكەن.
- يەنە بىر نامسىز ئوغلى تۇغۇلۇپ كۆپ ئۆتمەي ئۆلۈپ كەتكەن.
- ئېلىزابىت ئىسىملىك قىزى 34 يېشىدا ئۆلۈپ كەتكەن.
- ئېدۋارد ئىسىملىك ئوغلى تۇغۇلغان.
بالىنىڭ ئەڭ كىچىكى بولغان ئېدۋارد ئوغۇللار ئىچىدە تۇنجى بولۇپ ئەڭ خەتەرلىك بالىلىق دەۋرىنى ئۆتكۈزگەن، ئاتىسى ئۆلگەندىن كېيىن ئۇنىڭ تەختىگە ۋارىسلىق قىلىپ، «ئېدۋارد II» دەپ ئاتالغان. مۇنداقچە ئېيتقاندا، خانىش ئېلىيانور ئارقا-ئارقىدىن 16 بالا تۇغۇپ، ئەنگىلىيە خانىشىنىڭ ئەنگىلىيە ئۈچۈن ئوغۇل تەخت ۋارىسى تۇغۇپ بېرىشتەك تۈپ ۋەزىپىسىنى ئورۇنلىغان. ئېدۋارد II نىڭ ئانىسى چوقۇم ناھايىتى سەۋرچان ھەم قەيسەر ئايال. بىراق ئېدۋارد II ئۆزىگە خانىش قىلىپ تاللىغان فرانسىيەلىك ئېسابىللا ئۇنداق چىقمىغان، ئۇ ئېدۋاردنى 41 يېشىدا قەستلەپ ئۆلتۈرگەن.
بىلىشىمىزچە، بىرىنچى ئېدۋارد بىلەن خانىشى ئېلىيانور ناھايىتى ساغلام ياشىغان ئەر-خوتۇن بولۇپ، بالىلىرىغا ھېچقانداق ئىرسىي كېسەللىك قالدۇرمىغان. ئەمما 16 بالا ئىچىدىن 10 بالا (62 پىرسەنت) بالىلىق دەۋرىدىلا قازا قىلغان. ئۇنىڭ ئىچىدە پەقەت ئالتىسى 11 ياشتىن ھالقىغان، پەقەت ئۈچىلا (18 پىرسەنت) 40 ياشتىن ھالقىغان. ئۇ بالىلاردىن باشقا يەنە ئېلىيانور كۆپ قېتىم ھامىلدار بولغان ۋە بالىسى چۈشۈپ كەتكەن بولۇشى مۇمكىن. ئوتتۇرا ھېساب بىلەن، ئېدۋارد بىلەن ئېلىيانور ھەر ئۈچ يىلدا بىر بالىسىدىن، ئارقا-ئارقىدىن ئون بالىسىدىن ئايرىلغان. بۈگۈنكى ئاتا-ئانىلار بۇنداق يوقىتىشىنى تەسەۋۋۇر قىلالمايدۇ.
گىلگامېش لايىھىسى – مەڭگۈلۈك ھاياتقا ئېرىشىش تىرىشچانلىقى -نىڭ تاماملىنىشىغا قانچىلىك ۋاقىت كېتەر؟ يۈز يىلمۇ؟ بەش يۈز يىلمۇ؟ مىڭ يىلمۇ؟ 1900-يىلى ئىنسان بەدىنى ھەققىدە بىلىمىمىزنىڭ قانچىلىك ئازلىقىنى ۋە بىر ئەسىردىلا قانچىلىك كۆپ بىلىم ئىگىلىگەنلىكىمىزنى ئەسلىسەك، ئۈمىدلىنىشكە سەۋەب بار. گېن ئىنژېنېرلىرى يېقىندا Caenorhabditis elegans قۇرتلىرىنىڭ ئوتتۇرىچە ئۆمرىنى ئىككى ھەسسە ئۇزارتىشقا مۇۋەپپەق بولدى. ئۇلار ھومو ساپىيانىسلار ئۈچۈنمۇ شۇنداق قىلالامدۇ؟ نانوتېخنىكا مۇتەخەسسىسلىرى مىليونلىغان نانو-روبوتلاردىن تەركىب تاپقان بىئونىك ئىممۇنىتېت سىستېمىسىنى تەرەققىي قىلدۇرۇۋاتىدۇ. بۇ روبوتلار (ماشىنا ئادەملەر) بەدىنىمىزدە ياشاپ، توسۇلۇپ قالغان قان تومۇرلىرىنى ئېچىش، ۋىرۇس ۋە باكتېرىيەلەر بىلەن كۈرەش قىلىش، راك ھۈجەيرىلىرىنى يوقىتىش ۋە ھەتتا قېرىش جەريانلىرىنى تەتۈر يۆنىلىشكە بۇراش ئىقتىدارىغا ئىگە بولىدۇ. بۇ ساھەدە ھەقىقىي ئەمگەك قىلىۋاتقان ئالىملار 2050-يىلىغا بارغاندا، بەزى ئىنسانلار ئۆلمەس (مەڭگۈ ئۆلمەيدىغان ئەمەس، چۈنكى ئۇلار يەنىلا بىرەر ۋەقەدە ئۆلۈپ كېتىشى مۇمكىن، ئەمما ئۆلۈمگە سەۋەب بولىدىغان جاراھەت بولمىسا چەكسىز ياشىيالايدىغان) بولۇپ قالىدۇ دەپ قارىماقتا.

گىلگامېش لايىھەسى مۇۋەپپەقىيەتلىك بولسۇن-بولمىسۇن، تارىخىي نۇقتىدىن قارىغاندا، كېيىنكى زامان دىنلىرى ۋە ئىدىيەلىرىنىڭ كۆپىنچىسىنىڭ ئۆلۈم ۋە ئۆلۈمدىن كېيىنكى ھاياتنى چەتكە قاققانلىقى قىزىقارلىقتۇر. 18-ئەسىرگىچە، دىنلار ئۆلۈم ۋە ئۇنىڭدىن كېيىنكى ھاياتنى ھەقىقىي ھايات دەپ قارايتتى. 18-ئەسىردىن باشلاپ، لىبېرالىزم، سوتسىيالىزم ۋە فېمىنىزم قاتارلىق دىن ۋە ئىدىيەلەر ئۆلۈمدىن كېيىنكى ھاياتقا بولغان قىزىقىشنى يوقاتتى. بىر كوممۇنىست ئۆلگەندىن كېيىن نېمە بولىدۇ؟ بىر كاپىتالىستقا نېمە بولىدۇ؟ بىر فېمىنىستقا نېمە بولىدۇ؟ ماركس، ئادام سمىت[7] ياكى سىمون دې بوۋارنىڭ[8] ئەسەرلىرىدىن بۇ سوئاللارغا جاۋاب ئىزدەش بىھۇدە. ئۆلۈمگە يەنىلا مەركىزىي رول بېرىدىغان بىردىنبىر زامانىۋى ئىدىيە مىللەتچىلىكتۇر. ئۇنىڭ ئەڭ شېئىرىي ۋە ئۈمىدسىز پەيتلىرىدە، مىللەتچىلىك مىللەت ئۈچۈن ئۆلگەنلەرنىڭ مەڭگۈ كوللېكتىپ خاتىرىدە ياشايدىغانلىقىغا ۋەدە بېرىدۇ. ئەمما بۇ ۋەدە شۇنچىلىك مۈجمەلكى، ھەتتا كۆپىنچە مىللەتچىلەرمۇ بۇنىڭدىن نېمە چۈشىنىشنى بىلمەيدۇ.
[1] «ئىنجىل» دىكى يارىتىلىش قىسسەسىدە بايان قىلىنىشىچە، قەدىمكى بابىل خەلقى بىر كاتتا شەھەر ۋە كۆكتىكى جەننەتكە بارىدىغان ئىگىز مۇنار ياسىماقچى بولىدۇ. تەڭرى ئۇلارنىڭ بۇ ھاكاۋۇرلۇقى ۋە يامان ئىستەكلىرى كۆرۈپ، ئۇلارنى مەقسەتلىرىگە يەتكۈزمەسلىك ئۈچۈن تىللىرىنى ئايرىۋېتىدۇ ھەمدە يەر شارىغا چېچىۋېتىدۇ. شۇنىڭ بىلەن بابىل مۇنارى قۇرۇلۇشى توختاپ قالىدۇ. بۇ قىسسە تەڭرىنىڭ ئىنسانلاردىكى مەغرۇرلۇق ۋە ھاكاۋۇرلۇقنى ياقتۇرمايدىغانلىقىنى كۆرسىتىش ئۈچۈن مىسال قىلىنىدۇ. -ت
[2] ئىكارۇس- قەدىمكى گرېك ئەپسانىلىرىدىكى بىر قەھرىمان. ئۇ كرېت سىرلىق سارىيىنى ياسىغۇچى ئۇستا مىمار دىدالۇسنىڭ ئوغلى. پادىشاھ مىنوسنىڭ دۈشمىنى بولغان ئافىنا پادىشاھى تېسۇس سىرلىق سارايدىن قاچقاندىن كېيىن، مىنوس دېدالۇس بىلەن ئوغلى ئىكارۇسنى ئۇ سىرلىق ساراينىڭ مەخپىيەتلىكىنى ئاشكارىلاپ قويغان دەپ گۇمانلىنىدۇ. شۇنىڭ بىلەن دېدالۇس بىلەن ئىكارۇس قانات ياساپ ئۇچۇپ قېچىپ كەتمەكچى بولىدۇ. بۇ قانات قۇشلارنىڭ تۈكى، كىگىزنىڭ يۇڭى، كەشنىڭ خۇرۇمى ۋە شامدىن ياسىلىدۇ. ئۇچۇش ئالدىدا دېدارۇس ئىكارۇسقا بەك پەس ئۇچماسلىقنى، بولمىسا تۈكنىڭ سۇغا چىلىشىپ قالىدىغانلىقىنى، بەك ئىگىزمۇ ئۇچماسلىقنى، كۈنگە يېقىنلىشىپ قالسا شامنىڭ ئېرىپ كېتىدىغانلىقىنى ئېيتىدۇ. ئىكارۇس بۇ نەسىھەتنى ئۇنتۇپ قۇياشقا يېقىن ئۇچىدۇ-دە، قاناتلىرى ئېرىپ كېتىدۇ. ئارقىدىن موللاق ئېتىپ دېڭىزغا چۈشۈپ، سۇغا غەرق بولۇپ ئۆلىدۇ.
[3] يەھۇدىي ئەپسانىلىرىدىكى بىر ئوبراز. ئۇنىڭدا دېيىلىشىچە، تەڭرى ئادەمنى لايدىن يارىتىشتىن ئاۋۋال سىناق قىلىپ بىر ئادەم ياسىغان، ئۇنىڭ ئىسمى گولېم (غۇلام دېگەن ئىسمغا ئوخشاپ كېتىدۇ)، شۇڭا تەڭرىنىڭ نەزەرىدە ئۇ پىشمىغان، تاماملانمىغان بىر ئادەم. يەھۇدىيلارنىڭ مىشنا ناملىق كىتابلىرىدا گولېم دائىم دۆت، گالۋاڭ، بىچارە ئادەملەرنىڭ مىسالى قىلىپ كۆرسىتىلىدۇ. -ت
[4] ئۇرۇك—بۈگۈن ۋاركا دەپ ئاتىلىدىغان قەدىمكى شەھەر خارابىلىكى، ئىراقتىكى فىرات دەرياسى ۋادىسىغا توغرا كېلىدۇ.
[5] ئۇرشانابى—سۇرسۇنابۇ دەپمۇ ئاتىلىدۇ، مىسسوپاتامىيە ئەپسانە-رىۋايەتلىرىدىكى بىر ئوبراز.
[6] ئۇتناپىشتىم—جەنۇبى ئىراقتىكى قەدىمكى شەھەر شۇرۇپاكنىڭ ئەپسانىۋى پادىشاھى، گىلگامېش ئەپسانىسىدە ئېيتىلىشىچە، ئۇ ئۆزى كېمە ياساپ، توپان بالاسىدىن ئامان قالغان.
[7] ئادام سىمىت (1723—1790) شوتلاندىيەلىك ئىقتىسادشۇناس ۋە پەيلاسوپ. ئۇ سىياسىي ئىقتىسادشۇناسلىقنىڭ پېشىۋاسى، ئۇنىڭ «دۆلەت بايلىقى» دېگەن كىتابى ناھايىتى مەشھۇر بولۇپ، كاپىتالىزم بىلەن ئەركىن بازار ئۇقۇمىنى تۇنجى بولۇپ سىستېمىلىق شەرھلىگەن. -ت
[8] سىمون دى بوۋار (1908—1986 ) فرانسىيەلىك مەۋجۇدىيەتچى پەيلاسوپ، «ئىككىنچى جىنس» ناملىق ئەسىرىدە ئاياللار ھوقۇقىنى شەرھلىگەن. ئۇ فېمىنىزم ھەرىكىتىگە، يەنى ئاياللار ھوقۇقىنى قوغداشقا ئاكتىپ قاتناشقان. -ت

















































