نېمىشقا ياۋروپا؟
شىمالىي ئاتلانتىك ئوكياندىكى چوڭ بىر ئارالدىن كەلگەن كىشىلەرنىڭ ئاۋسترالىيەنىڭ جەنۇبىدىكى چوڭ بىر ئارالنى بويسۇندۇرۇشى تارىخنىڭ ئەڭ غەلىتە ۋەقەلىرىدىن بىرى. جەيمىس كوكنىڭ ئېكسپېدىتسىيەسىدىن سەل ئىلگىرى، برىتانىيە ئاراللىرى ۋە غەربىي ياۋروپا ئومۇمەن ئوتتۇرا دېڭىز دۇنياسىنىڭ يىراق، چەت رايونلىرى ئىدى. ئۇ يەردە مۇھىم ئىشلار ئانچە يۈز بەرمەيتتى. يېقىنقى زاماندىن بۇرۇنقى ياۋروپادا بىردىنبىر مۇھىم ئىمپېرىيە بولغان رىم ئىمپېرىيەسىمۇ بايلىقىنىڭ كۆپ قىسمىنى شىمالىي ئافرىقا، بالقان ۋە ئوتتۇرا شەرق ئۆلكىلىرىدىن ئالاتتى. رىمنىڭ غەربىي ياۋروپا ئۆلكىلىرى كان-مەدەن ۋە قۇللاردىن باشقا ھېچنېمە تەقدىم قىلالمايدىغان نامرات، چەت جايلار ئىدى. شىمالىي ياۋروپا شۇنچىلىك چۆلدەرەپ كەتكەن ۋە ياۋايى ئىدىكى، ئۇنى بويسۇندۇرۇشنىڭمۇ ھاجىتى يوق ئىدى.
پەقەت 15-ئەسىرنىڭ ئاخىرىدا، ياۋروپا ھەربىي، سىياسىي، ئىقتىسادىي ۋە مەدەنىي تەرەققىياتلارنىڭ مۇھىم ماكانىغا ئايلاندى. 1500-يىلدىن 1750-يىلغىچە، غەربىي ياۋروپا كۈچ توپلاپ، «تاشقى دۇنيا»نىڭ – يەنى ئىككى ئامېرىكا قىتئەسى ۋە ئوكيانلارنىڭ خوجايىنىغا ئايلاندى. شۇنداقتىمۇ، ئۇ چاغدا ياۋروپا ئاسىيانىڭ چوڭ كۈچلىرىگە تەڭ كېلەلمەيتتى. ياۋروپالىقلار ئامېرىكىنى بويسۇندۇرۇپ، دېڭىزدا ئۈستۈنلۈككە ئېرىشەلىشىنىڭ ئاساسلىق سەۋەبى، ئاسىيا كۈچلىرىنىڭ ئۇلارغا ئانچە قىزىقمىغانلىقىدىن ئىدى. يېقىنقى تارىخىي دەۋر ئوتتۇرا دېڭىزدىكى ئوسمان ئىمپېرىيەسى، پارستىكى سەفەۋى ئىمپېرىيەسى، ھىندىستاندىكى موغۇل ئىمپېرىيەسى ۋە خىتايدىكى مىڭ ۋە چىڭ سۇلالىلىرى ئۈچۈن ئالتۇن دەۋر ئىدى. ئۇلار زېمىنلىرىنى كۆرۈنەرلىك كېڭەيتكەن بولۇپ، بۇرۇن كۆرۈلۈپ باقمىغان نوپۇس كۆپىيشى ۋە ئىقتىسادىي گۈللىنىشكە ئېرىشكەنىدى. 1775-يىلى ئاسىيا دۇنيا ئىقتىسادىنىڭ 80 پىرسەنتىنى ئىگىلەيتتى. پەقەت ھىندىستان بىلەن خىتاينىڭ ئىقتىسادىنى قوشقاندا، ئۇلار دۇنيا ئىشلەپچىقىرىشىنىڭ ئۈچتىن ئىككىسىنى تەشكىل قىلاتتى. بۇنىڭغا سېلىشتۇرغاندا، ياۋروپانىڭ ئىقتىسادى تۆۋەن ئىدى.
دۇنيانىڭ كۈچ مەركىزى پەقەت 1750-يىلدىن 1850-يىلغىچە، ياۋروپالىقلار بىر قاتار ئۇرۇشلاردا ئاسىيا كۈچلىرىنى يېڭىپ، ئاسىيانىڭ چوڭ قىسمىنى بويسۇندۇرغاندىن كېيىنلا ياۋروپاغا يۆتكەلدى. 1900-يىلغا كەلگەندە، ياۋروپالىقلار دۇنيا ئىقتىسادى ۋە زېمىنىنىڭ كۆپ قىسمىنى كونترول قىلدى. 1950-يىلى غەربىي ياۋروپا بىلەن ئامېرىكا قوشما شتاتلىرى بىرلىكتە دۇنيا ئىشلەپچىقىرىشىنىڭ يېرىمىدىن كۆپرەكىنى ئىگىلەيتتى، جۇڭگونىڭ ئۈلۈشى بولسا 5 پىرسەنتكە چۈشۈپ قالغان ئىدى. ياۋروپانىڭ ھۆكۈمرانلىقى ئاستىدا يېڭى بىر دۇنياۋى تەرتىپ ۋە دۇنياۋى مەدەنىيەت شەكىللەندى. بۈگۈن بارلىق ئىنسانلار، ئۆزلىرى ئېتىراپ قىلىشنى خالىغاندىن كۆپ دەرىجىدە، كىيىنىش، پىكىر ۋە زوقلىنىش جەھەتتە ياۋروپالىشىپ كەتكەن. ئۇلار سۆزىدە ياۋروپاغا قارشى تۇرۇشى مۇمكىن، ئەمما يەر شارىدىكى ھەممە ئادەم دېگۈدەك سىياسەت، مېدىتسىنا، ئۇرۇش ۋە ئىقتىسادقا ياۋروپالىقلارنىڭ نەزەرى بىلەن قارايدۇ؛ ياۋروپا تىللىرىدا يېزىلغان ناخشىلارنى، ياۋروپا ئۇسلۇبىدىكى مۇزىكىلارنى ئاڭلايدۇ. ھەتتا بۈگۈن تېز راۋاجلىنىۋاتقان ۋە يېقىندا دۇنياۋى ئۈستۈنلۈكىنى قايتا قولغا كەلتۈرۈشى مۇمكىن بولغان خىتاي ئىقتىسادىمۇ ياۋروپانىڭ ئىشلەپچىقىرىش ۋە ئىقتىساد مودېلى ئاساسىغا قۇرۇلغان.
ياۋرو-ئاسىيانىڭ چەت، سوغۇق بۇلۇڭىدىكى كىشىلەر قانداق قىلىپ ئۆزلىرىنىڭ ئۇۋىسىدىن چىقىپ پۈتۈن دۇنيانى بويسۇندۇرالىدى؟ بۇ شەرەپنىڭ كۆپ قىسمى ياۋروپا ئالىملىرىغا مەنسۇپ. 1850-يىلدىن كېيىن ياۋروپانىڭ ھۆكۈمرانلىقى ئاساسەن ئارمىيە-سانائەت-ئىلىم بىرلىكى ۋە تېخنىكىلىق كارامەتكە تايانغان. مۇۋەپپەقىيەت قازانغان كېيىنكى زامان ئىمپېرىيەلىرى تېخنىكىلىق يېڭىلىقلارنى ئۆزىگە توپلاش ئۈمىدىدە ئىلمىي تەتقىقاتنى قوللىغان؛ نۇرغۇن ئالىملار ۋاقتىنىڭ كۆپ قىسمىنى ئىمپېرىيە خوجايىنلىرى ئۈچۈن قورال-ياراغ، دورا ۋە ماشىنىلار ئۈستىدە ئىشلەش بىلەن ئۆتكۈزگەن. ئافرىقىلىق دۈشمەنلەرگە قارشى تۇرغان ياۋروپالىق ئەسكەرلەر ئارىسىدا «نېمە بولسا بولسۇن، ئۇلاردا يوق پىلىموت بىزدە بار» دېگەن سۆز كەڭ تارقالغان. ئاممىباپ تېخنىكىلارمۇ ئوخشاشلا مۇھىم ئىدى. كونسېرۋالىق يېمەكلىكلەر ئەسكەرلەرنى ئوزۇقلاندۇردى، پويىز ۋە پاراخوتلار ئەسكەرلەرنىڭ تەمىناتىنى توشۇدى، يېڭى دورىلار بولسا ئەسكەرلەر، دېڭىزچىلار ۋە پاراۋوز شوپۇرلىرىنى داۋالىدى. ئارقا سەپتىكى بۇ تەرەققىياتلار ياۋروپانىڭ ئافرىقىنى بويسۇندۇرۇشىدا پىلىموتتىنمۇ مۇھىمراق رول ئوينىدى.
ئەمما 1850-يىلدىن بۇرۇن ئەھۋال بۇنداق ئەمەس ئىدى. ئارمىيە-سانائەت-ئىلىم بىرلىكى تېخى بوۋاقلىق باسقۇچىدا ئىدى؛ ئىلمىي ئىنقىلابنىڭ تېخنىكىلىق مېۋىلىرى پىشمىغان ئىدى؛ ياۋروپا، ئاسىيا ۋە ئافرىقا كۈچلىرى ئارىسىدىكى تېخنىكىلىق پەرق كىچىك ئىدى. 1770-يىلى جەيمس كوكتا ئاۋسترالىيەنىڭ يەرلىك خەلقىدىن كۆپ ئىلغار تېخنىكا بار ئىدى، ئەمما خىتايلار ۋە ئوسمانلىلاردىمۇ تېخنىكا بار ئىدى. ئۇنداقتا نېمە ئۈچۈن ئاۋسترالىيەگە دېڭىزچى جېڭ خې ياكى ھۈسەيىن پاشا ئەمەس، جەيمس كوك ئاياغ بېسىپ مۇستەملىكە قىلدى؟ تېخىمۇ مۇھىمى، 1770-يىلى مۇسۇلمانلار، ھىندىستانلىقلار ۋە خىتايلارغا سېلىشتۇرغاندا، ياۋروپالىقلارنىڭ كۆرۈنەرلىك تېخنىكىلىق ئۈستۈنلۈكى يوق ئىدى. شۇنداق تۇرۇپ ئۇلار كېيىنكى ئەسىردە ئۆزلىرى بىلەن دۇنيانىڭ قالغان قىسمى ئارىسىدا قانداق قىلىپ بۇنداق چوڭ پەرق يارىتالىدى؟
نېمە ئۈچۈن ئارمىيە-سانائەت-ئىلىم بىرلىكى ھىندىستاندا ئەمەس، ياۋروپادا گۈللەندى؟ ئەنگىلىيە تەرەققىي قىلغاندا، نېمە ئۈچۈن فرانسىيە، گېرمانىيە ۋە ئامېرىكا قوشما شتاتلىرى تېز ئەگەشتى، خىتاي كەينىدە قالدى؟ سانائەتلەشكەن ۋە سانائەتلەشمىگەن دۆلەتلەر ئارىسىدىكى پەرق ئېنىق ئىقتىسادىي ۋە سىياسىي ئامىلغا ئايلانغاندا، نېمە ئۈچۈن رۇسىيە، ئىتالىيە ۋە ئاۋسترىيە بۇ بوشلۇقنى تولدۇرالىدى، پارس، مىسىر ۋە ئوسمان ئىمپېرىيەسى مۇۋەپپەقىيەتسىزلىككە ئۇچرىدى؟ نېمىلا دېگەن بىلەن تۇنجى سانائەت دولقۇنىنىڭ تېخنىكىسى نىسبەتەن ئاددىي ئىدى. خىتايلار ياكى ئوسمانلىلارنىڭ پار ماشىنىسى ياسىشى، پىلىموت ئىشلەپچىقىرىشى ياكى تۆمۈر يول سېلىشى شۇنچە تەسمىدى؟

دۇنيادىكى تۇنجى تىجارەت تۆمۈر يولى 1830-يىلى ئەنگىلىيەدە بارلىققا كەلدى. 1850-يىلغا كەلگەندە، غەرب دۆلەتلىرى 40,000 كىلومېتىر تۆمۈر يول بىلەن تۇتاشتۇرۇلغاندا، پۈتۈن ئاسىيا، ئافرىقا ۋە لاتىن ئامېرىكىسىدا پەقەت 4,000 كىلومېتىر رېلىس بار ئىدى. 1880-يىلى غەربتە 350,000 كىلومېتىردىن ئارتۇق تۆمۈر يول بار ئىدى، دۇنيانىڭ قالغان قىسمىدا بولسا پەقەت 35,000 كىلومېتىر پويىز لىنىيەسى بار ئىدى (بۇلارنىڭ كۆپىنچىسىنى ئەنگلىيەلىكلەر ھىندىستاندا ياسىغان). خىتايدىكى تۇنجى تۆمۈر يول پەقەت 1876-يىلى ئېچىلغان. ئۇ 25 كىلومېتىر ئۇزۇنلۇقتا بولۇپ، ئۇنىمۇ ياۋروپالىقلار ياسىغان؛ خىتاي ھۆكۈمىتى ئۇنى كېيىنكى يىلى بۇزۇۋەتكەن. 1880-يىلى چىڭ ئىمپېرىيەسى بىرمۇ تۆمۈر يول ئىشلەتمىگەن. ئىراندىكى تۇنجى تۆمۈر يول پەقەت 1888-يىلى ياسالغان بولۇپ، تېھراننى 10 كىلومېتىر جەنۇبتىكى بىر مۇقەددەس جاي بىلەن تۇتاشتۇراتتى. ئۇنى بېلگىيەدىكى بىر شىركەت قۇرۇپ پايدىلانغان. 1950-يىلى ئىراننىڭ پۈتۈن تۆمۈر يول ئۇزۇنلۇقى پەقەت 2,500 كىلومېتىر ئىدى، بۇ ئەنگىلىيەدىن يەتتە ھەسسە چوڭ بىر دۆلەت ئۈچۈن ئىنتايىن ئاز ئىدى.
خىتايلار بىلەن پارسلىقلار پار ماشىنىسىغا ئوخشاش تېخنىكىلىق ئىجادىيەتلەردىن (ئۇلارنى ئەركىن كۆچۈرۈۋالغىلى ياكى سېتىۋالغىلى بولاتتى) مەھرۇم ئەمەس ئىدى. ئۇلار غەربتە شەكىللىنىپ پىشىپ يېتىلىشكە نەچچە ئەسىر كەتكەن ۋە تېزلا كۆچۈرۈپ ئۆزلەشتۈرگىلى بولمايدىغان قىممەت قاراشلار، ئەپسان-رىۋايەتلەر، قانۇنىي ئاپپارات ۋە ئىجتىمائىي-سىياسىي قۇرۇلمىلاردىن مەھرۇم ئىدى. فرانسىيە بىلەن ئامېرىكا قوشما شتاتلىرى بولسا ئەنگىلىيەنىڭ ئىزىدىن دەرھال ماڭالىدى، چۈنكى ئۇلار ئەنگىلىيە ئەپسانىلىرى ۋە ئىجتىمائىي قۇرۇلمىلىرى بىلەن تېزلا ئورتاقلىشىپ كەتتى. خىتايلار بىلەن پارسلىقلار ئۇلارغا يېتىشەلمىدى، چۈنكى ئۇلار جەمئىيەتلىرىنى باشقىچە ئويلايتتى ۋە تەشكىللەيتتى.
بۇ خىل چۈشەندۈرۈش 1500-يىلدىن 1850-يىلغىچە بولغان دەۋرنى يورۇتۇپ بېرەلەيدۇ. بۇ دەۋردە ياۋروپانىڭ ئاسىيا كۈچلىرىگە قارىغاندا ۋاي دېگۈدەك تېخنىكىلىق، سىياسىي، ھەربىي ياكى ئىقتىسادىي ئۈستۈنلۈكى يوق ئىدى، ئەمما 1850-يىلى ئەتراپىدا ياۋروپا بىردىنلا ئۆزىگە خاس روشەن بىر پوتېنسىيال (يوشۇرۇن كۈچ) يېتىلدۈردى. 1750-يىلى ياۋروپا، خىتاي بىلەن ئىسلام دۇنياسى ئارىسىدا باراۋەر سەپتە تۇرغاندەك كۆرۈنەتتى. ئىككى بىناكارنى تەسەۋۋۇر قىلىڭ، ھەر ئىككىسى ناھايىتى ئېگىز مۇنار سېلىۋاتىدۇ. بىرسى ياغاچ بىلەن كېسەك ئىشلىتىدۇ، يەنە بىرى پولات بىلەن بېتون ئىشلىتىدۇ. دەسلەپتە ئىككى ئۇسۇل ئارىسىدا ئانچە پەرق يوقتەك كۆرۈنىدۇ، چۈنكى ئىككىلا مۇنار ئوخشاش سۈرئەتتە سېلىنىپ، تەڭ ئېگىزلىككە يېتىدۇ. ئەمما مەلۇم بىر چەككە يەتكەندە، ياغاچ بىلەن كېسەكتىن سېلىنغان مۇنار بېسىمغا بەرداشلىق بېرەلمەي ئۆرۈلۈپ چۈشىدۇ، پولات بىلەن بېتوندىن ياسالغان مۇنار بولسا قەۋەتمۇ-قەۋەت ئېگىزلەپ، كۆز يەتكۈسز بولۇپ قالىدۇ.
يېقىنقى دەۋردە ياۋروپا دۇنياغا ھۆكۈمرانلىق قىلىشقا ئىمكان بەرگەن قانداق يوشۇرۇن كۈچ يېتىلدۈردى؟ بۇ سوئالغا بىر-بىرىنى تولۇقلايدىغان ئىككى جاۋاب بار: بىرى زامانىۋى پەن، بىرى كاپىتالىزم. ياۋروپالىقلار كۆرۈنەرلىك تېخنىكىلىق ئۈستۈنلۈككە ئىگە بولۇشتىن بۇرۇنلا ئىلمىي ۋە كاپىتالىستىك ئۇسۇلدا ئويلاش ھەم ھەرىكەت قىلىشقا ئادەتلەنگەنىدى. تېخنىكىلىق بايلىق بارلىققا كەلگەندە، ياۋروپالىقلار ئۇنى باشقا ئىنسانلاردىن ياخشى پايدىلاندى. شۇڭا ئىلىم-پەن ۋە كاپىتالىزمنىڭ 21-ئەسىردىكى ياۋروپا ئىمپېرىيالىزمى دۇنياغا قالدۇرغان ئەڭ مۇھىم مىراس بولۇشى تاسادىپىيلىق ئەمەس. ياۋروپالىقلار ھازىر دۇنياغا ھۆكۈمرانلىق قىلالمايدۇ، ئەمما ئىلىم-پەن بىلەن كاپىتال (پۇل-بايلىق) بارغانسېرى زورايماقتا. كاپىتالىزمنىڭ غەلىبىلىرى كېيىنكى بابتا تەھلىل قىلىنىدۇ. بۇ بابتا ياۋروپا ئىمپېرىيالىزمى بىلەن زامانىۋى ئىلىم-پەن ئوتتۇرىسىدىكى ئۈزۈلمەس رىشتە بايان قىلىنىدۇ.
بويسۇندۇرۇش روھىي ھالىتى
زامانىۋى ئىلىم-پەن ياۋروپا ئىمپېرىيەلىرىنىڭ ياردىمىدە گۈللەندى. ئىلىم-پەن شۈبھىسىزكى قەدىمكى گرېتسىيە، خىتاي، ھىندىستان ۋە ئىسلام مەدەنىيەتلىرىگىمۇ قەرزدار. ئەمما ئۇنىڭ ئۆزگىچە ئالاھىدىلىكى پەقەت يېقىنقى تارىخىي دەۋردە ئىسپانىيە، پورتۇگالىيە، ئەنگىلىيە، فرانسىيە، رۇسىيە ۋە گوللاندىيەنىڭ ئىمپېرىيە كېڭەيمىچىلىكى بىلەن ماس قەدەمدە شەكىللىنىشكە باشلىدى. يېقىنقى تارىخىي دەۋردە خىتايلار، ھىندىستانلىقلار، مۇسۇلمانلار، يەرلىك ئامېرىكىلىقلار ۋە پولىنېزىيەلىكلەر ئىلمىي ئىنقىلابقا مۇھىم تۆھپىلەرنى قوشۇشنى داۋاملاشتۇردى. مۇسۇلمان ئىقتىسادچىلارنىڭ نەزەرىيەلىرىنى ئادام سمىس ۋە كارل ماركس تەتقىق قىلدى، يەرلىك ئامېرىكىلىق دوختۇرلار باشلامچى بولغان داۋالاش ئۇسۇللىرى ئەنگلىيە مېدىتسىنا كىتابلىرىغا كىردى؛ پولىنېزىيەلىك ئۇچۇر بەرگۈچىلەردىن يىغىلغان مەلۇماتلار غەرب ئانتروپولوگىيەسىدە ئىنقىلاب پەيدا قىلدى. ئەمما 20-ئەسىرنىڭ ئوتتۇرىلىرىغىچە، بۇ سانسىز ئىلمىي بايقاشلارنى توپلاپ، ئىلمىي پەنلەرنى ياراتقانلار ياۋروپا ئىمپېرىيەلىرىدىكى ھۆكۈمرانلار ۋە سەر خىل زىيالىيلار بولدى. يىراق شەرق ۋە ئىسلام دۇنياسىمۇ ياۋروپادىكىدەك ئەقىللىق، ئىجتىھاتلىق ئەقىل ئىگىلىرىنى يېتىشتۈردى. ئەمما 1500-يىلدىن 1950-يىلغىچە، ئۇلار نيۇتون فىزىكىسى ياكى دارۋىن بىئولوگىيەسىگە يېقىن كېلەلەيدىغان ھېچقانداق نەرسە ياراتمىدى.

بۇ، ياۋروپالىقلارنىڭ ئىلىم-پەن ئۈچۈن ئالاھىدە گېنى بار ياكى ئۇلار مەڭگۈ فىزىكا ۋە بىئولوگىيە تەتقىقاتىغا ھۆكۈمرانلىق قىلىدۇ دېگەنلىك ئەمەس. خۇددى ئىسلام دەسلەپتە ئەرەبلەرنىڭ مونوپوللۇقىدا بولۇپ، كېيىن تۈركلەر ۋە پارسلار تەرىپىدىن ئىگىلەنگەندەك، زامانىۋى ئىلىم-پەنمۇ دەسلەپتە ياۋروپانىڭ ئىختىساس ساھەسى بولغان بولسا، بۈگۈن كۆپ مىللەتنىڭ كەسپى ساھەسىگە ئايلانماقتا.
زامانىۋى ئىلىم-پەن بىلەن ياۋروپا ئىمپېرىيالىزمى ئارىسىدىكى تارىخىي باغلىنىشنى نېمە شەكىللەندۈردى؟ تېخنىكا 19- ۋە 20-ئەسىرلەردە مۇھىم ئامىل بولدى، ئەمما دەسلەپكى زامانىۋى دەۋردە ئۇنىڭ ئەھمىيىتى چەكلىك ئىدى. ھالقىلىق ئامىل شۇكى، ئۆسۈملۈك ئىزدىگەن بوتانىكا ئالىمى بىلەن مۇستەملىكە ئىزدىگەن دېڭىز ئوفىتسېرى ئوخشاش پىكىر ئۇسلۇبىغا ئىگە ئىدى. ئالىم ۋە بويسۇندۇرغۇچىنىڭ ئىككىلىسى بىلمەسلىكنى ئېتىراپ قىلىشتىن باشلىدى. ئۇلارنىڭ ھەر ئىككىلىسى «ئۇ يەردە نېمە بارلىقىنى بىلمەيمەن» دېدى، ئاندىن ئىككىلىسى چىقىپ يېڭى تەكشۈرۈشلەر ئېلىپ بېرىشقا مەجبۇر بولدى. ئۇلارنىڭ ئىككىلىسى شۇ ئارقىلىق ئېرىشكەن يېڭى بىلىمنىڭ ئۆزلىرىنى دۇنيانىڭ خوجايىنى قىلىشىنى ئۈمىد قىلدى.
ياۋروپا ئىمپېرىيالىزمى تارىختىكى باشقا بارلىق ئىمپېرىيە شەكلىدىن پۈتۈنلەي پەرقلىق ئىدى. بۇرۇنقى ئىمپېرىيەنىڭ يېڭىلىق ئىزدىگۈچىلىرى دۇنيانى ئاللىقاچان چۈشىنىمىز دەپ پەرەز قىلاتتى. قەيەرنى بويسۇندۇرغان بولسا شۇ جايدا سئۆزلىرىنىڭ دۇنيا قارىشىنى تارقىتاتتى. مەسىلەن، ئەرەبلەر مىسىر، ئىسپانىيە ياكى ھىندىستاننى ئۆزلىرى بىلمەيدىغان بىر نەرسىنى بايقاش ئۈچۈن بويسۇندۇرمىدى. رىملىقلار، موڭغۇللار ۋە ئازتېكلار يېڭى زېمىنلارنى بىلىم ئۈچۈن ئەمەس، كۈچ-قۇدرەت ۋە بايلىق ئۈچۈن بويسۇندۇردى. بۇنىڭ ئەكسىچە، ياۋروپا ئىمپېرىيالىستلىرى يېڭى بىلىم ئېلىش ئۈمىدىدە يات زېمىنلارنى بويسۇندۇردى ھەم يىراق قىرغاقلارغا يول ئالدى.
جەيمس كوك شۇ مەقسەتتىكى تۇنجى تەكشۈرگۈچى ئەمەس ئىدى. 15- ۋە 16-ئەسىرلەردىكى پورتۇگال ۋە ئىسپان دېڭىزچىلىرى ئاللىقاچان شۇنداق قىلغانىدى. دېڭىزچى شاھزادە ھېنرى بىلەن ۋاسكو دا گاما ئافرىقا قىرغاقلىرىنى قىدىرىپ تەكشۈردى، شۇ جەرياندا ئارال ۋە پورتلارنى كونترول قىلدى. كرىستوفېر كولومبو ئامېرىكىنى «بايقىدى» ۋە دەرھال يېڭى زېمىنلارنىڭ ئىگىدارچىلىق ھوقۇقىنى ئىسپانىيە پادىشاھلىرى ئۈچۈن تەلەپ قىلدى. فېردىناند ماگېللان دۇنيانى ئايلىنىپ چىقىش يولىنى تاپتى ۋە شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا فىلىپپىننى ئىسپانىيەنىڭ بويسۇندۇرۇشى ئۈچۈن ئاساس سالدى.
ۋاقىت ئۆتكەنسېرى، بىلىمگە ھاكىم بولۇش بىلەن زېمىننى بويسۇندۇرۇش تېخىمۇ زىچ بىرلىشىپ كەتتى. 18- ۋە 19-ئەسىرلەردە، ياۋروپادىن يىراق زېمىنلارغا يولغا چىققان مۇھىم ھەربىي ئېكسپېدىتسىيەلەرنىڭ ھەممىسىدە دېگۈدەك ئۇرۇش قىلىش ئۈچۈن ئەمەس، ئىلمىي بايقاشلار ئۈچۈن يولغا چىققان ئالىملار بار ئىدى. ناپولېئون 1798-يىلى مىسىرنى ئىستىلا قىلغاندا، ئۆزى بىلەن بىللە 165 ئالىمنى ئېلىپ باردى. ئۇلار باشقا ئىشلارنىڭ قاتارىدا پۈتۈنلەي يېڭى بىر پەن-مىسىرشۇناسلىقنى قۇردى؛ ئۇلار دىن، تىلشۇناسلىق ۋە بوتانىكا تەتقىقاتىغا مۇھىم تۆھپىلەر قوشتى.

1831-يىلى ئەنگىلىيە خانلىق دېڭىز ئارمىيەسى HMS Beagle كېمىسىنى جەنۇبىي ئامېرىكا، فالكلاند ئاراللىرى ۋە گالاپاگوس ئاراللىرىنىڭ قىرغاقلىرىنى خەرىتىلەش ئۈچۈن ئەۋەتتى. دېڭىز ئارمىيەسى ئۇرۇش چىقىپ قالغاندا تېخىمۇ تەييار بولۇش ئۈچۈن بۇ بىلىمگە موھتاج ئىدى. ھەۋەسكار ئالىم بولغان كېمە كاپىتانى يولدا ئۇچرايدىغان گېئولوگىيەلىك شەكىللەرنى تەتقىق قىلىش ئۈچۈن ئېكسپېدىتسىيەگە بىر گېئولوگ قوشۇشنى قارار قىلدى. بىر قانچە كەسپىي گېئولوگ ئۇنىڭ تەكلىپىنى رەت قىلغاندىن كېيىن، كاپىتان بۇ خىزمەتنى كەمبرىج ئۇنىۋېرسىتېتىنى يېڭىلا پۈتتۈرگەن 22 ياشلىق چارلز دارۋىنغا تەكلىپ قىلدى. دارۋىن ئانگلىكان چېركاۋلىرىنىڭ پوپى بولۇش ئۈچۈن ئوقۇغان بولسىمۇ، ئىنجىلغا قارىغاندا گېئولوگىيە ۋە تەبىئىي پەنلەرگە بەكرەك قىزىقاتتى. ئۇ بۇ پۇرسەتنى قولدىن بەرمىدى ۋە كەچمىشلىرى تارىخ بولۇپ قالدى. كاپىتان سەپەر جەريانىدا ھەربىي خەرىتىلەر سىزىش بىلەن ۋاقىت ئۆتكۈزدى، دارۋىن بولسا تەدرىجىي تەرەققىيات نەزەرىيەسىگە ئاساس سالىدىغان ئەمەلىي مەلۇماتلارنى توپلىدى ۋە نەزەرىيەسىنى شەكىللەندۈردى.
1969-يىلى 20-ئىيۇل، نېيل ئارمسترونگ ۋە باز ئالدرىن ئاي يۈزىگە قوندى. ئېكسپېدىتسىيەدىن بۇرۇنقى ئايلاردا، ئاپوللو 11 ئاسترونوتلىرى (ئالەم ئۇچقۇچىلىرى) ئامېرىكىنىڭ غەربىدىكى ئايغا ئوخشاش يىراق چۆل-باياۋاندا مەشىق قىلدى. بۇ رايون يەرلىك ئامېرىكا جامائەتلىرىنىڭ ماكانى ئىدى. ئالەم ئۇچقۇچىلىرى بىلەن يەرلىكلەردىن بىرىنىڭ ئۇچرىشىشىنى تەسۋىرلەيدىغان بىر ھېكايە (ياكى رىۋايەت) بار.
بىر كۈنى ئالەم ئۇچقۇچىلىرى مەشىق قىلىۋاتقاندا، ياشانغان بىر يەرلىك ئامېرىكىلىققا يولۇقتى. بۇ ئادەم ئۇلاردىن بۇ يەردە نېمە قىلىۋاتقانلىقىنى سورىدى. ئۇلار پات يېقىندا ئاينى تەكشۈرۈشكە بارىدىغان تەتقىقات ئېكسپېدىتسىيەسىنىڭ بىر قىسمى ئىكەنلىكىنى ئېيتتى. ياشانغان ئادەم بۇنى ئاڭلاپ بىر نەچچە مىنۇت جىم تۇردى، ئاندىن ئۇچقۇچىلاردىن ئۆزىگە بىر ياخشىلىق قىلىپ بېرىشىنى ئۆتۈندى.
«سىزگە نېمە قىلىپ بېرەيلى؟» دەپ سورىدى ئۇلار.
«مېنىڭ قەبىلەمدىكىلەر ئايدا مۇقەددەس روھلار ياشايدۇ دەپ ئىشىنىدۇ. سىزنى خەلقىمنىڭ سۆزىنى ئۇلارغا يەتكۈزۈپ قويامدىكىن دېۋىدىم».
«نېمە سۆز؟» دەپ سورىدى ئۇچقۇچىلار.
قېرى ئادەم ئۆز قەبىلە تىلىدا بىر نېمىلەرنى دېدى، ئاندىن ئۇچقۇچىلاردىن ئۇنى توغرا يادلىۋالغۇچە قايتا-قايتا تەكرارلاشنى سورىدى.
«بۇ سۆزنىڭ مەنىسى نېمە؟» دەپ سورىدى ئۇچقۇچىلار.
«ئۇنى سىلەرگە ئېيتالمايمەن. بۇ پەقەت بىزنىڭ قەبىلە بىلەن ئاي روھلىرىلا بىلىشكە رۇخسەت قىلىنغان بىر سىر»
ئۇچقۇچىلار بازىغا قايتقاندا، قەبىلە تىلىنى بىلىدىغان بىرەيلەننى ئىزدىدى ۋە ئۇنىڭدىن بۇ مەخپىي خەۋەرنى تەرجىمە قىلىپ بېرىشنى سورىدى. ئۇلار يادلىۋالغان سۆزلەرنى تەكرارلىغاندا، تەرجىمان قاقاقلاپ كۈلۈپ كەتتى. ئۇ تىنچلانغاندىن كېيىن، ئۇچقۇچىلار ئۇ سۆزىنىڭ مەنىسىنى سورىدى. تەرجىمان ئۇلارغا شۇنچە دىققەت بىلەن يادلىۋالغان جۈملىسىنىڭ «بۇ ئادەملەرنىڭ گېپىگە قۇلاق سالماڭلار. ئۇلار زېمىنىڭلارنى ئوغرىلىغىلى كەلدى» دېگەن مەنىدە ئىكەنلىكىنى چۈشەندۈردى.

قۇرۇق خەرىتىلەر
زامانىۋى «تەكشۈرۈش ۋە بويسۇندۇرۇش» روھىي ھالىتى دۇنيا خەرىتىلىرىنىڭ تەرەققىياتىدا ياخشى كۆرسىتىلگەن. نۇرغۇن مەدەنىيەتلەر زامانىۋى دەۋردىن بۇرۇنلا دۇنيا خەرىتىلىرىنى سىزغان. ئەلۋەتتە، ئۇلارنىڭ ھېچقايسىسى پۈتۈن دۇنيانى ھەقىقىي بىلمەيتتى. ھېچقانداق ئاسىيا-ئافرىقا مەدەنىيىتى ئامېرىكىنى بىلمەيتتى، ھېچقانداق ئامېرىكا مەدەنىيىتىمۇ ئاسىيا-ئافرىقىنى بىلمەيتتى. ناتونۇش رايونلار پەقەت چىقىرىۋېتىلگەن، ياكى خىيالىي مەخلۇقلار ۋە كارامەتلەر بىلەن تولدۇرۇلغان. بۇ خەرىتىلەردە قۇرۇق بوشلۇقلار يوق،. ئۇلار پۈتۈن دۇنيانى تونۇيدىغاندەك تەسىرات بېرەتتى.
15- ۋە 16-ئەسىرلەردە، ياۋروپالىقلار نۇرغۇن بوشلۇقلار بىلەن دۇنيا خەرىتىلىرىنى سىزىشقا باشلىدى – بۇ ئىلمىي پىكىر ئۇسلۇبىنىڭ تەرەققىياتى، شۇنداقلا ياۋروپا ئىمپېرىيە ئىنتىلىشىنىڭ بىر كۆرسەتكۈچى ئىدى. بوش خەرىتىلەر پىسخولوگىيەلىك ۋە ئىدېئولوگىيەلىك بۆسۈش بولۇپ، ياۋروپالىقلارنىڭ دۇنيانىڭ چوڭ قىسمىنى بىلمەيدىغانلىقىنى ئوچۇق ئېتىراپ قىلىشى ئىدى.
1492-يىلى كرىستوفېر كولومبو شەرقىي ئاسىياغا يېڭى يول ئىزدەپ ئىسپانىيەدىن غەربكە قاراپ يولغا چىققاندا ھالقىلىق بۇرۇلۇش نۇقتىسى يېتىپ كەلدى. ھالبۇكى كولومبو يەنىلا كونا «تولۇق» دۇنيا خەرىتىلىرىگە ئىشىنەتتى. كولومبو بۇ خەرىتىلەرنى ئىشلىتىپ، ياپونىيە ئىسپانىيەدىن تەخمىنەن 7,000 كىلومېتىر غەربتە جايلاشقان بولۇشى كېرەك دەپ ھېسابلىدى. ئەمەلىيەتتە، شەرقىي ئاسىيا بىلەن ئىسپانىيە ئارىسىدا 20,000 كىلومېتىردىن ئارتۇق مۇساپە ۋە پۈتۈنلەي نامەلۇم بىر قىتئە بار ئىدى. 1492-يىلى 12-ئۆكتەبىر، تەخمىنەن سائەت 2:00 دە، كولومبونىڭ ئېكسپېدىتسىيەسى نامەلۇم قىتئەگە سوقۇلدى. پىنتا كېمىسىنىڭ مومىسىدا كۆزەتچىلىك قىلىۋاتقان خۇئان رودرىگېز بېرمېخو ھازىر باھاما دەپ ئاتىلىدىغان جايدىكى بىر ئارالنى كۆرۈپ:
«قۇرۇقلۇق! قۇرۇقلۇق!» دەپ ۋارقىرىدى.

1459-يىلدىكى ياۋروپانىڭ دۇنيا خەرىتىسى (ياۋروپا سول تەرەپ يۇقىرى بۇلۇڭغا جايلاشقان)، بۇ ناھايىتى تەپسىلىي سىزىلغان خەرىتە بولۇپ، ياۋروپالىقلارغا يات جايلار، مەسىلەن جەنۇبتىكى ئافرىقا قىتئەسىمۇ سىزىلغان.
كولومبو ئۆزىنىڭ شەرقىي ئاسىيا قىرغىقىدىكى كىچىك بىر ئارالغا يەتكەنلىكىگە ئىشەنگەنىدى. ئۇ يەردە كۆرگەن كىشىلەرنى «ھىندىستانلىقلار» دەپ ئاتىدى، چۈنكى ئۇ ھىندىستانغا – ھازىر شەرقىي ھىندىستان ياكى ھىندونېزىيە تاقىم ئاراللىرى دەپ ئاتىلىدىغان جايغا كەلدىم دەپ ئويلىغانىدى. كولومبو بۇ خاتالىقتا ئۆمرىنىڭ ئاخىرىغىچە چىڭ تۇردى. ئۇنىڭ پۈتۈنلەي نامەلۇم بىر قىتئەنى بايقىغانلىقى ئۇنىڭ ۋە ئۇنىڭ دەۋرىدىكى كۆپ كىشىلەر ئۈچۈن تەسەۋۋۇر قىلغۇسىز ئىدى. مىڭلىغان يىللار داۋامىدا، ئەڭ ئۇلۇغ پەيلاسوپلار ۋە ئالىملارلا ئەمەس، خاتالاشمايدىغان مۇقەددەس كىتابلارمۇ پەقەت ياۋروپا، ئافرىقا ۋە ئاسىيانىلا بىلگەن. ئۇلارنىڭ ھەممىسى خاتالاشقان بولامدۇ؟ ئىنجىل دۇنيانىڭ يېرىمىنى كۆرمەي قالغان بولامدۇ؟ بۇ خۇددى 1969-يىلى ئايغا كېتىۋاتقان ئاپوللو 11 نىڭ يېرىم يولغا كەلگەندە، يەر شارىنى ئايلىنىۋاتقان نامەلۇم بىر ئايغا سوقۇلۇپ كەتكىنىگە ئوخشايتتى. بىلمەسلىكنى ئېتىراپ قىلىشنى رەت قىلىشىدا، كولومبو يەنىلا ئوتتۇرا ئەسىر ئادىمى ئىدى. ئۇ پۈتۈن دۇنيانى بىلىدىغانلىقىغا ئىشەنگەنىدى، شۇڭا بۇ مۇھىم بايقىشىغا ئۆزىنىمۇ ئىشەندۈرەلمىدى.
تۇنجى زامانىۋى ئادەم ئامېرىگو ۋېسپۇچچى بولۇپ، ئۇ 1499-1504 يىللىرى ئارىسىدا ئامېرىكىغا بارغان بىر قانچە ئېكسپېدىتسىيەگە قاتناشقان ئىتالىيەلىك دېڭىزچى ئىدى. 1502-1504 يىللىرى ئارىسىدا، بۇ ئېكسپېدىتسىيەلەرنى تەسۋىرلەيدىغان ئىككى ئەسەر ياۋروپادا نەشر قىلىندى. بۇ ئەسەرلەردە ۋېسپۇچچىغا ئالاھىدە ئورۇن بېرىلگەن بولۇپ، كولومبو بايقىغان يېڭى زېمىنلارنىڭ شەرقىي ئاسىيا قىرغىقىدىكى ئاراللار ئەمەس، بەلكى مۇقەددەس كىتابلار، كلاسسىك جۇغراپىيەشۇناسلار ۋە زامانداش ياۋروپالىقلار بىلمەيدىغان پۈتۈن بىر قىتئە ئىكەنلىكى مۇنازىرە قىلىنغانىدى. 1507-يىلى، بۇ پاكىتلارغا ئىشەنگەن مارتىن ۋالدسېمۈللېر ئىسىملىك نوپۇزلۇق بىر خەرىتىچى يېڭىلانغان دۇنيا خەرىتىسىنى نەشر قىلدى، بۇ ياۋروپانىڭ غەربكە يۈزلەنگەن ئارمىيەلىرى بارغان جاينى ئايرىم قىتئە قىلىپ كۆرسەتكەن تۇنجى خەرىتە ئىدى. خەرىتىنى سىزىپ بولغاندىن كېيىن، ۋالدسېمۈللېر ئۇنىڭغا بىر ئىسىم قويۇشى كېرەك ئىدى. ئامېرىگو ۋېسپۇچچى ئۇ قىتئەنى بايقىغان تۇنجى كىشى دەپ قارىۋالغان ۋالدسېمۈللېر، قىتئەنى ئۇنىڭ ھۆرمىتىگە «ئامېرىكا» دەپ ئاتىدى. ۋالدسېمۈللېر خەرىتىسى ناھايىتى مەشھۇر بولۇپ كەتتى ۋە باشقا خەرىتىچىلەر تەرىپىدىن كۆچۈرۈلدى، ئۇنىڭ يېڭى زېمىنغا قويغان ئىسمى كەڭ تارقالدى. دۇنيانىڭ تۆتتىن بىرى ۋە يەتتە قىتئەنىڭ كىشىگە بەك تونۇشلۇق بولمىغان بىر ئىتالىيەلىكنىڭ نامى بىلەن ئاتىلىشىدا شېئىرىي ئادالەت بار. بۇ ئىسىمنىڭ مەشھۇر بولۇشىدىكى بىردىنبىر سەۋەب ئۇنىڭ «بۇ يەرنىڭ نەلىكىنى بىز بىلمەيمىز» دېيىشكە جۈرئەت قىلغانلىقى ئىدى.
ئامېرىكانىڭ بايقىلىشى ئىلىم ئىنقىلابىنىڭ باشلىنىشىغا ئاساس سالغان ۋەقەلەرنىڭ بىرىدۇر. ئۇ ياۋروپالىقلارغا ئۆتمۈشتىكى ئەنئەنىلەردىن كۆرە ھازىرقى كۆزىتىشلەرنى ئەۋزەل كۆرۈشنى ئۆگەتتى، شۇنداقلا ئامېرىكىنى بويسۇندۇرۇش ئىستىكى ئۇلارنى تېز سۈرئەتتە يېڭى بىلىم ئىزدەشكە مەجبۇر قىلدى. ئەگەر ئۇلار راستىنلا بۇ كەڭ يېڭى زېمىنلارنى كونترول قىلماقچى بولسا، يېڭى قىتئەنىڭ جۇغراپىيەسى، ئىقلىمى، ئۆسۈملۈكلىرى، ھايۋانلىرى، تىللىرى، مەدەنىيەتلىرى ۋە تارىخى ھەققىدە زور مىقداردىكى يېڭى مەلۇماتلارنى توپلىشى كېرەك ئىدى. خرىستىئان مۇقەددەس كىتابلىرى، كونا جۇغراپىيە كىتابلىرى ۋە قەدىمكى ئېغىزاكى ئەنئەنىلەر ئۇلارغا ئانچە ياردەم قىلالمىدى.
شۇنىڭدىن كېيىن پەقەت ياۋروپا جۇغراپىيەشۇناسلىرىلا ئەمەس، باشقا بىلىم ساھەلىرىدىكى ياۋروپا ئالىملىرىنىڭ ھەممىسى دېگۈدەك تولدۇرۇشقا تېگىشلىك بوشلۇقلار قالدۇرۇلغان خەرىتىلەرنى سىزىشقا باشلىدى. ئۇلار نەزەرىيەلىرىنىڭ مۇكەممەل ئەمەسلىكىنى ۋە بىلمەيدىغان مۇھىم نەرسىلەرنىڭ بارلىقىنى ئېتىراپ قىلىشقا باشلىدى.
ياۋروپالىقلار خەرىتىدىكى ئاق داغلارغا خۇددى ماگنىتقا تارتىلغاندەك تارتىلدى ۋە دەرھال ئۇلارنى تولدۇرۇشقا باشلىدى. 15- ۋە 16-ئەسىرلەردە، ياۋروپا ئېكسپېدىتسىيەچىلىرى ئافرىقىنى ئايلىنىپ ئۆتتى، ئامېرىكىنى تەكشۈردى، تىنچ ئوكيان بىلەن ھىند ئوكياننى كېسىپ ئۆتتى؛ ئاندىن پۈتۈن دۇنيادا بازىلار ۋە مۇستەملىكىلەر تورىنى قۇردى. ئۇلار تۇنجى ھەقىقىي دۇنياۋى ئىمپېرىيەلەرنى قۇردى ۋە تۇنجى دۇنياۋى سودا تورىنى بەرپا قىلدى. ياۋروپا ئىمپېرىيە ئېكسپېدىتسىيەلىرى دۇنيا تارىخىنى ئۆزگەرتتى: ئايرىم-ئايرىم خەلقلەر ۋە مەدەنىيەتلەر تارىخى ئەمدى بىر گەۋدىلەشكەن ئىنسانلار جەمئىيىتىنىڭ تارىخىغا ئايلانغانىدى.

1525-يىلدىكى سالۋىيات دۇنيا خەرىتىسى. گەرچە 1459-يىلدىكى دۇنيا خەرىتىسىنىڭ كۆپ قىسمى قۇرۇقلۇق، ئارال بولسىمۇ، ئۇلارغا تەپسىلىي ئىزاھات بېرىلگەن. ھالبۇكى، سالۋىيات خەرىتىسى ئاساسەن بوش قالدۇرۇلغان. ئامېرىكا قىتئەسىنىڭ قىرغاقلىرىنى بويلاپ كۆزەتكەندە جەنۇبقا ماڭغانچە قۇرۇقلۇق تارىيىپ بارىدۇ ۋە بارغانچە يوقاپ كېتىدۇ. ھەر قانداق كىشى خەرىتىگە قارىسا، ئۇششاق نۇقتىلارنى كۆرۈپ: بۇ نېمە بەلگە؟ دەپ قىزىقىپ سورىشى مۇمكىن. خەرىتىدە بۇنىڭغا جاۋاب بېرىلمىگەن، بەلكى تەكشۈرگۈچىلەرنى دېڭىز ئېكىسپېدىتسىيەسىگە چىقىشقا دەۋەت قىلغان.
ياۋروپا تەكشۈرۈش-بويسۇندۇرۇش ئېكسپېدىتسىيەلىرى بىزگە بەك تونۇش بولغاچقا، ئۇلارنىڭ نەقەدەر قالتىس ئىكەنلىكىنى كۆرمەي قالىمىز. بۇنداق ئىشلار بۇرۇنقى زامانلاردا يۈز بېرىپ باققان ئەمەس. يىراق مۇساپىلىك بويسۇندۇرۇش يۈرۈشلىرى تەبىئىي يۈز بەرگەن ئەمەس. تارىختىن بېرى كۆپىنچە ئىنسان جەمئىيەتلىرى يەرلىك توقۇنۇشلار ۋە قوشنىلار بىلەن جېدەللىشىشكە كىرىشىپ قالغاچقا، يىراق زېمىنلارنى تەكشۈرۈش ۋە بويسۇندۇرۇشنى ھەرگىز ئويلىمىغان. كۆپىنچە چوڭ ئىمپېرىيەلەر پەقەت بىۋاسىتە قوشنىلىرىنىلا كونترول قىلغان؛ ئۇلار يىراق زېمىنلارغا پەقەت قوشنىلىرى داۋاملىق كېڭەيگەنلىكتىن بارغان. مەسىلەن، رىملىقلار رىمنى قوغداش ئۈچۈن ئېترۇرىيەنى بويسۇندۇردى (مىلادىدىن بۇرۇنقى 350-300). ئاندىن ئېترۇرىيەنى قوغداش ئۈچۈن پو ۋادىسىنى بويسۇندۇردى (مىلادىدىن بۇرۇنقى 200). كېيىن پو ۋادىسىنى قوغداش ئۈچۈن پروۋانسنى بويسۇندۇردى (مىلادىدىن بۇرۇنقى 120)، پروۋانسنى قوغداش ئۈچۈن گاللىيەنى بويسۇندۇردى (مىلادىدىن بۇرۇنقى 50)، ۋە گاللىيەنى قوغداش ئۈچۈن برىتانىيەنى بويسۇندۇردى (مىلادى 50). ئۇلارنىڭ رىمدىن لوندونغا بېرىشىغا 400 يىل كەتتى. مىلادىدىن بۇرۇنقى 350-يىلى، ھېچقانداق رىملىق بىۋاسىتە برىتانىيەگە يۈزلىنىپ ئۇنى بويسۇندۇرۇشنى تەسەۋۋۇر قىلمىغان.
بەزىدە تەلۋە ھۆكۈمران ياكى تەۋەككۈلچىلەر يىراق مۇساپىلىك بويسۇندۇرۇش يۈرۈشىگە ئاتلىناتتى، ئەمما بۇنداق يۈرۈشلەر ئادەتتە كونا ئىمپېرىيە ياكى سودا يوللىرىنى بويلىغان. مەسىلەن، بۈيۈك ئىسكەندەرنىڭ يۈرۈشلىرى يېڭى ئىمپېرىيە قۇرۇشقا ئەمەس، بەلكى مەۋجۇت ئىمپېرىيە – پارس ئىمپېرىيەسىنى تارتىۋېلىشقا ئېلىپ باردى. زامانىۋى ياۋروپا ئىمپېرىيەلىرىگە ئەڭ يېقىن ئۆرنەكلەر قەدىمكى ئافىنا ۋە كارتاگېننىڭ دېڭىز ئىمپېرىيەلىرى، ئاندىن 14-ئەسىردە ھىندونېزىيەنىڭ كۆپ قىسمىنى باشقۇرغان ئوتتۇرا ئەسىردىكى ماجاپاھىت دېڭىز ئىمپېرىيەسى ئىدى. شۇنداقتىمۇ، بۇ ئىمپېرىيەلەرنىڭ ھەممىسى نامەلۇم دېڭىزلارغا كەم ئاتلانغان؛ ئۇلارنىڭ دېڭىز سەپەرلىرى يەرلىك تىرىشچانلىقلار بولۇپ، زامانىۋى ياۋروپالىقلارنىڭ جاھانگىرلىك تەشەببۇسلىرىغا سېلىشتۇرغاندا ئازدۇر .
نۇرغۇن ئالىملار مىڭ سۇلالىسىنىڭ دېڭىز ئارمىيە گېنرالى جېڭ خې باشلىغان دېڭىز سەپەرلىرىنىڭ ياۋروپانىڭ يېڭى قۇرۇقلۇق ئىزدەش سەپەرلىرىدىن بېشارەت بەرگەنلىكىنى ۋە ئۇلارنى بېسىپ چۈشكەنلىكىنى مۇنازىرە قىلىدۇ. 1405-1433 يىللىرى ئارىسىدا، جېڭ خې يەتتە چوڭ كېمىسىنى خىتايدىن ھىند ئوكيانىنىڭ يىراق قىرغاقلىرىغا باشلاپ بارغان؛ بىر قېتىملىق ئەڭ چوڭ سەپىرىدە 300 گە يېقىن كېمە ۋە 30,000 غا يېقىن كىشى ئورۇن ئالغان. ئۇلار ھىندونېزىيە، سىرىلانكا، ھىندىستان، پارس قولتۇقى، قىزىل دېڭىز ۋە شەرقىي ئافرىقىغا بارغان. خىتاي كېمىلىرى ھىجازنىڭ ئاساسلىق پورتى جىددە ۋە كېنىيە قىرغىقىدىكى مالىندىغا لەڭگەر تاشلىغان. كولومبونىڭ 1492-يىلدىكى 120 دېڭىزچى بار ئۈچ كىچىك كېمە ئەترىتى جېڭ خېنىڭ ئەجدىھالار توپىغا سېلىشتۇرغاندا پاشىنىڭ قانىتىدەك كىچىك ئىدى.

جېڭ خېنىڭ كېمىسى كولۇمبۇنىڭ كېمىسىدىن ئازراقلا كېيىن تۇراتتى
ئەمما ھالقىلىق پەرق بار ئىدى. جېڭ خې ئوكيانلارنى تەكشۈردى ۋە خىتايپەرەس ھۆكۈمرانلارغا ياردەم قىلدى، ئەمما ئۇ بارغان دۆلەتلەرنى بويسۇندۇرۇش ياكى مۇستەملىكە قىلىشقا ئۇرۇنمىدى. ئۇنىڭ ئۈستىگە، جېڭ خې ئېكسپېدىتسىيەلىرى خىتاينىڭ سىياسىتى ۋە مەدەنىيىتىدە چوڭقۇر يىلتىز تارتمىغان ئىدى. 1430-يىللاردا بېيجىڭدىكى ھۆكۈمران گۇرۇھ ئۆزگەرگەندە، يېڭى ھۆكۈمرانلار بۇ ھەرىكەتنى تۇيۇقسىز توختاتتى. چوڭ كېمە بۇزۇۋېتىلدى، مۇھىم تېخنىكىلىق ۋە جۇغراپىيەلىك بىلىملەر يوقالدى، شۇنداق قىلىپ خىتاينىڭ پورتىدىن بۇنداق سالاھىيەت ۋە ۋاسىتىلەرگە ئىگە تەكشۈرگۈچى قايتا يولغا چىقمىدى. كېيىنكى ئەسىرلەردىكى خىتاي ھۆكۈمرانلىرى، بۇرۇنقى ئەسىرلەردىكى خىتاي ھۆكۈمرانلىرىغا ئوخشاش، ئۆز مەنپەئەتى بىلەن نەپسانىي ئىستەكلىرىنى پادىشاھ ئوردىسىنىڭ ئىچىدىلا چەكلەپ تۇرۇشقا مەجبۇر بولدى .
جېڭ خې ئېكسپېدىتسىيەلىرى ياۋروپانىڭ كۆرۈنەرلىك تېخنىكىلىق ئۈستۈنلۈككە ئىگە ئەمەسلىكىنى ئىسپاتلايدۇ. ياۋروپالىقلارنى ئالاھىدە قىلغىنى ئۇلارنىڭ تەڭداشسىز تەكشۈرۈش ھەرىكىتى ۋە تويماس بويسۇندۇرۇش ئىنتىلىشى ئىدى. گەرچە رىملىقلار كۈچلۈك بولسىمۇ، ھېچقاچان ھىندىستان ياكى سكاندىناۋىيەنى بويسۇندۇرۇشقا ئۇرۇنمىدى، پارسلار ھېچقاچان ماداگاسكار ياكى ئىسپانىيەنى بويسۇندۇرۇشقا ئۇرۇنمىدى، خىتايلار ھېچقاچان ھىندونېزىيە ياكى ئافرىقىنى بويسۇندۇرۇشقا ئۇرۇنمىدى. كۆپىنچە خىتاي ھۆكۈمرانلىرى ھەتتا ئۆز بېقىنىدىكى ياپونىيەنىمۇ ئۆز ئىختىيارىغا قويۇپ بەردى. بۇنىڭدا ھېچقانداق غەلىتىلىك يوق ئىدى. غەلىتە يېرى شۇكى، دەسلەپكى مەدەنىي ياۋروپالىقلار ئۆزلىرىگە يىراق ۋە پۈتۈنلەي نامەلۇم، يات مەدەنىيەتلەرگە تولغان زېمىنلارغا كېمە ھەيدەپ بېرىپ، ئۇلارنىڭ قىرغاقلىرىغا قەدەم باسقان ھامان، «مەن بۇ زېمىنلارنى پادىشاھىم ئۈچۈن تەلەپ قىلىمەن!» دەپ جاكارلايدىغان تەلۋىلىككە گىرىپتار بولغانىدى.

Leave a Reply