ئەركىن بازار مەزھىپى
كاپىتال بىلەن سىياسەت بىر-بىرىگە شۇنچىلىك دەرىجىدە تەسىر كۆرسىتىدۇكى، ئۇلارنىڭ مۇناسىۋىتى ئىقتىسادشۇناسلار، سىياسەتچىلەر ۋە ئامما ئارىسىدا قىزغىن مۇنازىرە قىلىنماقتا. تەلۋە كاپىتالىستلار كاپىتالنىڭ سىياسەتكە تەسىر كۆرسىتىشى ئەركىن بولۇشى كېرەك، ئەمما سىياسەتنىڭ كاپىتالغا تەسىر كۆرسىتىشىگە يول قويۇلماسلىقى كېرەك دەپ قارايدۇ. ئۇلارنىڭ دېيىشىچە، ھۆكۈمەتلەر بازارغا ئارىلاشقاندا، سىياسىي مەنپەئەتلەر ئۇلارنى ئەقىلسىز مەبلەغ سېلىشقا ئېلىپ بارىدۇ-دە، نەتىجىدە ئىقتىسادىي ئۆسۈش ئاستىلايدۇ. مەسىلەن، ھۆكۈمەت سانائەتچىلەرگە ئېغىر باج قويۇپ، بۇ پۇلنى سايلىغۇچىلارغا ياقىدىغان ئىشسىزلىق ياردىمى بېرىشكە ئىشلىتىشى مۇمكىن. نۇرغۇن تىجارەتچىلەرنىڭ قارىشىچە، ھۆكۈمەت بۇ پۇلنى كارخانىچىلارغا قالدۇرسا تېخىمۇ ياخشى بولىدۇ. چۈنكى ئۇلار بۇ پۇلنى يېڭى زاۋۇتلارنى قۇرۇش ۋە ئىشسىزلارنى ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇشقا ئىشلىتىمىز دەيدۇ.
بۇ قاراشقا ئاساسلانغاندا، ئەڭ دانا ئىقتىسادىي سىياسەت سىياسەتنى ئىقتىسادتىن يىراق تۇتۇش، باج ۋە ھۆكۈمەت تەرتىپىنى ئەڭ تۆۋەن چەككە چۈشۈرۈش ۋە بازار كۈچلىرىنىڭ ئۆز يولىدا مېڭىشىغا ئەركىنلىك بېرىشتۇر. سىياسىي ئەندىشىسى بولمىغان خۇسۇسىي مەبلەغچىلەر پۇللىرىنى ئەڭ كۆپ پايدا ئالالايدىغان جايغا سالىدۇ، شۇڭا ئەڭ كۆپ ئىقتىسادىي ئۆسۈشنى كاپالەتلەندۈرۈشنىڭ ( بۇ سانائەتچىلەر ۋە ئىشچىلارنىڭ ھەممىسىگە پايدىلىق) يولى ھۆكۈمەتنىڭ مۇمكىنقەدەر ئاز ئىش قىلىشىدۇر. بۇ خىل ئەركىن بازار دىئالېكتىكىسى بۈگۈن كاپىتالىزم ئېتىقادىنىڭ ئەڭ ئومۇملاشقان ۋە تەسىرى ئەڭ زور بولغان ۋارىيانتىدۇر. ئەركىن بازارنىڭ ئەڭ ئاكتىپ تەرغىباتچىلىرى چەتئەلدىكى ھەربىي ماجىرالارنى ئىچكى قىسىمدىكى پاراۋانلىق پروگراممىلىرىغا ئوخشاش قىزغىنلىق بىلەن تەنقىد قىلىدۇ. ئۇلار ھۆكۈمەتلەرگە بۇددا ئۇستازلىرىنىڭ تەلىم بەرگىنىگە ئوخشاش مەسلىھەت بېرىدۇ: سىلەر جىم ئولتۇرۇپ بەرسەڭلارلا بولدى.
ئەمما ئەركىن بازارغا بولغان ئىشەنچ چەكتىن ئاشقاندا، ئۇ خۇددى قار بوۋايغا ئىشەنگەندەك ساددىلىققا ئايلىنىدۇ. دۇنيادا سىياسىي تەرەپبازلىقلاردىن خالىي بازار مەۋجۇت ئەمەس. ئەڭ مۇھىم ئىقتىسادىي مەنبە كەلگۈسىگە بولغان ئىشەنچ بولۇپ، بۇ مەنبە داۋاملىق ئوغرى ۋە ئالدامچىلارنىڭ تەھدىتىگە ئۇچراپ تۇرىدۇ. بازارلارنىڭ ئۆزى ئالدامچىلىق، ئوغرىلىق ۋە زوراۋانلىققا قارشى ھېچنېمە قىلالمايدۇ. ھۆكۈمەتنىڭ ۋەزىپىسى ئالدامچىلارغا جازا بېكىتىش، قانۇننى ئىجرا قىلىدىغان ساقچىلار، سوتچىلار ۋە تۈرمىلەر ئارقىلىق ئىشەنچنى كاپالەتكە ئىگە قىلىشتۇر. پادىشاھلار ئۆز ۋەزىپىسىنى ئادا قىلالمىغاندا، بازارلارنى توغرا تەرتىپكە سالمىغاندا ئىشەنچ يوقىلىدۇ، قەرز بېرىش ئازىيىدۇ ۋە ئىقتىسادىي چېكىنىش مەيدانغا كېلىدۇ. بۇ 1719-يىلدىكى مىسسىسسىپى كۆپۈكى ئۆگەتكەن ساۋاق بولۇپ، بۇنى ئۇنتۇغانلارغا 2007-يىلدىكى ئامېرىكا ئۆي-مۈلۈك كۆپۈكى، قەرز كىرىزىسى ۋە ئىقتىسادىي كاساتلىق ئىبرەت بولالايدۇ.

كاپىتالىستلارنىڭ جەھەننەمى
بازارلارغا تولۇق ئەركىنلىك بېرىشنىڭ خەتەرلىك بولۇشىنىڭ يەنە بىر ئاساسلىق سەۋەبى بار. ئادام سمىس موزدوزلارغا ئۆزىنىڭ ئارتۇق پۇلىنى تېخىمۇ كۆپ ياردەمچى ئېلىشقا ئىشلىتىشنى ئۆگەتكەن. بۇ شەخسىيەتچىلىك ۋە نەپسانىيەتنىڭ ھەممە ئادەمگە پايدىلىق ئىكەنلىكىنى كۆرسىتىدۇ، چۈنكى پايدا ئىشلەپچىقىرىشنى كېڭەيتىش ۋە تېخىمۇ كۆپ خىزمەتچى ئېلىشقا ئىشلىتىلىدۇ.
ئەمما نەپسانىيەتچى موزدوز ئىشلەمچىلىرىنىڭ مائاشىنى تۆۋەنلىتىپ، ئىش ۋاقتىنى ئۇزارتىپ، پايدىسىنى ئاشۇرسىچۇ؟ ئومۇمىي جاۋاب شۇكى، ئەركىن بازار ئىشلەمچىلەرنى قوغدايدۇ. ئەگەر موزدوز ئاز چىقىم قىلىپ، كۆپ پايدا تەلەپ قىلسا، ئەڭ ياخشى ئىشلەمچىلەر تەبىئىي ھالدا ئۇنى تاشلاپ ئۇنىڭ رىقابەتچىلىرىگە ئىشلەشكە كېتىدۇ. زالىم موزدوز ئەڭ ناچار ئىشلەمچىلەر بىلەن قالىدۇ ياكى پۈتۈنلەي ئىشچىسىز قالىدۇ. ئۇ يا ئىش-ئوقەت يولىنى توغرىلىشى، ياكى تىجارەتتىن چىقىپ كېتىشى كېرەك. ئۇنىڭ ئۆز نەپسانىيىتى ئۇنى ئىشلەمچىلىرىگە ياخشى مۇئامىلە قىلىشقا مەجبۇر قىلىدۇ.
بۇ، نەزەرىيىدە مۇكەممەل ئاڭلىنىدۇ، ئەمما ئەمەلىيەتتە بۇنداق ئەمەس. پادىشاھلار ۋە روھانىيلار نازارەت قىلمايدىغان تولۇق ئەركىن بازاردا، نەپسانىيەتچى كاپىتالىستلار مونوپوللۇق ئورنىتالايدۇ ياكى ئەمگەك كۈچىگە قارشى تىل بىرىكتۈرەلەيدۇ. ئەگەر بىر دۆلەتتىكى بارلىق ئاياغ زاۋۇتلىرىنى بىرلا شىركەت كونترول قىلىۋالسا، ياكى بارلىق زاۋۇت ئىگىلىرى مائاشنى تۆۋەنلىتىشتە بىرلىشىۋالسا، ئىشچىلار خىزمەت ئالماشتۇرۇش ئارقىلىقمۇ ئۆزىنى قوغدىيالمايدۇ.
تېخىمۇ يامىنى، نەپسانىيەتچى خوجايىنلار ئىشچىلارنى قەرزدار قىلىش ياكى قۇللۇققا سېلىش ئارقىلىق ئۇلارنىڭ ھەرىكەت قىلىش ئەركىنلىكىنى چەكلىيەلەيدۇ. ئوتتۇرا ئەسىرلەرنىڭ ئاخىرىدا، خرىستىيان ياۋروپادا قۇللۇق ئاساسەن يوق ئىدى. يېقىنقى تارىخىي دەۋردە، ياۋروپا كاپىتالىزمىنىڭ گۈللىنىشى بىلەن تەڭ ئاتلانتىك ئوكيان قۇل سودىسىمۇ ئەۋج ئالدى. بۇ پاجىئەنى زالىم پادىشاھلار ياكى ئىرقچى تەرەپدارلار ئەمەس، بەلكى تىزگىنى قويۇۋېتىلگەن بازار كۈچلىرى كەلتۈرۈپ چىقاردى.
ياۋروپالىقلار ئامېرىكانى بويسۇندۇرغاندا، ئۇلار ئالتۇن-كۈمۈش كانلىرىنى ئېچىپ، شېكەر، تاماكا ۋە پاختا ئېكىنزارلىقلىرىنى قۇردى. بۇ كانلار ۋە ئېكىنزارلىقلار ئامېرىكانىڭ ئىشلەپچىقىرىش ھەم ئېكسپورت قىلىشىنىڭ ئاساسىي تۈۋرۈكىگە ئايلاندى. شېكەر قۇمۇش ئېكىنزارلىقلىرى ئالاھىدە مۇھىم ئىدى. ئوتتۇرا ئەسىرلەردە، شېكەر ياۋروپادا ناھايىتى ئاز تېپىلىدىغان نەرسە بولۇپ، ئوتتۇرا شەرقتىن قىممەت باھادا ئىمپورت قىلىنىپ، نازۇ-نېمەتلەر ۋە ساختا دورىلارغا مەخپىي ماتېرىيال سۈپىتىدە ئاز مىقداردا ئىشلىتىلەتتى. ئامېرىكىدا چوڭ كۆلەمدە شېكەر قومۇشى ئېكىنزارلىقلىرى قۇرۇلغاندىن كېيىن، بارغانسېرى كۆپ مىقداردىكى شېكەر ياۋروپاغا يېتىپ كەلدى. شېكەرنىڭ باھاسى چۈشتى ۋە ياۋروپا شېكەرگە—تاتلىق تەمگە خۇمار بولۇپ قالدى. تىجارەتچىلەر بۇ ئېھتىياجنى زور مىقداردىكى تاتلىقلارنى: پېچىنە-پىرەنىك، شاكىلات، كەمپۈت، كوكائو، قەھۋە ۋە چاي قاتارلىق تاتلىق ئىچىملىكلەرنى ئىشلەپچىقىرىش ئارقىلىق قاندۇردى. بىر ئەنگلىيەلىكنىڭ يىللىق شېكەر ئىستېمالى ئوتتۇرا ھېساب بىلەن 17-ئەسىرنىڭ باشلىرىدىكى نۆلگە يېقىن مىقداردىن 19-ئەسىرنىڭ باشلىرىدا سەككىز كىلوگرامغا كۆتۈرۈلدى.
ھالبۇكى، قومۇش ئۆستۈرۈش ۋە ئۇنىڭدىن شېكەر چىقىرىش كۆپ ئەمگەك كۈچى تەلەپ قىلىدىغان ئىش ئىدى. بەزگەك كېسىلى ئاسان تارقىلىدىغان شېكەر قومۇشى ئېتىزلىرىدا تروپىك بەلۋاغنىڭ ئىسسىقىدا سائەت-سائەتلەپ ئىشلەشنى خالايدىغانلار ئاز ئىدى. توختاملىق ئىشچىلار كەڭ خەلق ئىستېمال قىلالمىغۇدەك قىممەت مەھسۇلات ئىشلەپچىقىراتتى. بازارنىڭ كۈچىگە سەزگۈر، پايدا-مەنپەئەت ھەم ئىقتىسادىي گۈللىنىشكە ھېرىسمەن ياۋروپالىق ئېكىنزار ئىگىلىرى ئەمدى قۇللارغا يۈزلەندى.

16-ئەسىردىن 19-ئەسىرگىچە، تەخمىنەن 10 مىليون ئافرىقىلىق قۇل ئامېرىكىغا ئېلىپ كېلىندى. ئۇلارنىڭ 70 پىرسەنتى شېكەر قومۇشى ئېكىنزارلىقلىرىدا ئىشلىدى. ئەمگەك شارائىتى ئىنتايىن ناچار ئىدى. كۆپىنچە قۇللار قىسقا ۋە ئېچىنىشلىق ھايات كەچۈردى، يەنە مىليونلىغان ئىنسان قۇل تۇتۇش ئۇرۇشلىرىدا ياكى ئافرىقىنىڭ ئىچكى قىسمىدىن ئامېرىكا قىرغاقلىرىغىچە بولغان ئۇزۇن سەپەردە ئۆلدى. بۇلارنىڭ ھەممىسى ياۋروپالىقلارنىڭ تاتلىق چاي ۋە كەمپۈتلەردىن ھۇزۇرلىنىشى ۋە شېكەر سودىگەرلىرىنىڭ زور پايدىغا ئېرىشىشى ئۈچۈن ئىدى.
قۇل سودىسىنى ھېچقانداق دۆلەت ياكى ھۆكۈمەت كونترول قىلمىدى. ئۇ تەلەپ-تەمىنلەش قانۇنىيىتى بويىچە ئەركىن بازار تەرىپىدىن تەشكىللەنگەن ۋە مەبلەغ بىلەن تەمىنلەنگەن ساپ ئىقتىسادىي كارخانا ئىدى. خۇسۇسىي قۇل سودىسى شىركەتلىرى ئامستېردام، لوندون ۋە پارىژ پاي بازارلىرىدا ھەسسە ساتتى. ياخشى مەبلەغ سېلىش پۇرسىتى ئىزدەۋاتقان ياۋروپا ئوتتۇرا قاتلام بايلىرى بۇ ھەسسىلەرنى سېتىۋالدى. بۇ پۇلغا تايىنىپ، شىركەتلەر كېمە سېتىۋالدى، دېڭىزچى ۋە ئەسكەرلەرنى ياللىدى، ئافرىقىدىن قۇل سېتىۋالدى ۋە ئۇلارنى ئامېرىكىغا توشۇدى. ئۇ يەردە قۇللارنى شېكەر قومۇشى ئىگىلىرىگە سېتىپ، كىرىمنى شېكەر، كاكائو، قەھۋە، تاماكا، پاختا ۋە ھاراق قاتارلىق مەھسۇلاتلارنى سېتىۋېلىشقا ئىشلەتتى. ئۇلار ياۋروپاغا قايتىپ، شېكەر ۋە پاختىنى ياخشى باھادا ساتتى، ئاندىن يەنە كىرىمىنى بىر قاتلاش ئۈچۈن ئافرىقىغا يول ئالدى. ھەسسىدارلار بۇ تۈزۈلمىدىن ناھايىتى مەمنۇن ئىدى. 18-ئەسىردە قۇل سودىسىغا سېلىنغان مەبلەغنىڭ يىللىق كىرىمى 6 پىرسەنت ئەتراپىدا ئىدى، بۈگۈنكى ھەرقانداق ئىقتىسادىي مەسلىھەتچى دەرھال ئېتىراپ قىلغىنىدەك، بۇ ئىنتايىن پايدىلىق سودا ئىدى.
مانا بۇ ئەركىن بازار كاپىتالىزمىنىڭ ئاجىز نۇقتىسى. ئۇ پايدىنىڭ ئادىل يول بىلەن ئېلىنىشىنى ياكى ئادىل تەقسىملىنىشىنى كاپالەتكە ئىگە قىلالمايدۇ. ئەكسىچە، پايدا ۋە ئىشلەپچىقىرىشنى ئاشۇرۇش ئىستىكى كىشىلەرنى ھەرقانداق توسالغۇغا كۆز يۇمۇشقا مەجبۇرلايدۇ. ئىقتىسادىي گۈللىنىش ھەرقانداق ئەخلاقىي ئەندىشىلەرنى بىر چەتكە قايرىپ قويىدىغان ئەۋزەللىككە ئايلانغاندا، ئۇ ئاسانلا پاجىئەگە ئېلىپ بارالايدۇ. خرىستىيان دىنى ۋە ناتسىزمغا ئوخشاش بەزى دىنلار كۈچلۈك نەپرەتتىن مىليونلىغان كىشىنى ئۆلتۈرگەن. كاپىتالىزم بولسا نەپسانىيەت بىلەن بىرلەشكەن رەھىمسىزلىكى تۈپەيلىدىن مىليونلىغان كىشىنى ئۆلتۈرگەن. ئاتلانتىك ئوكيان قۇل سودىسى ئافرىقىلىقلارغا بولغان ئىرقىي نەپرەتتىن كېلىپ چىقمىغان. پاي چېكى سېتىۋالغان شەخسلەر، ئۇلارنى ساتقان دەللاللار ۋە قۇل سودا شىركەتلىرىنىڭ باشقۇرغۇچىلىرى ئافرىقىلىقلار ھەققىدە ئانچە ئويلانمىغان. شېكەر قومۇشى ئېكىنزارلىقى ئىگىلىرىمۇ شۇنداق. نۇرغۇن خوجايىنلار شېكەر قومۇشى ئېكىنزارلىقلىرىدىن يىراقتا ياشىغان ۋە ئۇلار پەقەت پايدا-زىيان دەپتىرىنىڭلا رەتلىك بولۇشىنى تەلەپ قىلغان.
ئاتلانتىك ئوكيان قۇل سودىسىنىڭ تارىختىكى يەككە-يېگانە خاتالىق ئەمەسلىكىنى ئەستە تۇتۇش مۇھىم. ئالدىنقى بابتا مۇھاكىمە قىلىنغان بۈيۈك بېنگال ئاچارچىلىقىمۇ ئاشۇنداق نەپسانىي سودا تۈپەيلىدىن كېلىپ چىققان – ئەنگىلىيە شەرقىي ھىندىستان شىركىتى 10 مىليون بېنگاللىقنىڭ ھاياتىغا قارىغاندا ئۆز پايدىسىنى مۇھىم بىلگەن. VOC نىڭ ھىندونېزىيەدىكى ھەربىي يۈرۈشلىرى بالىلىرىنى ياخشى كۆرىدىغان، خەير-ساخاۋەت قىلىدىغان، ياخشى مۇزىكا ۋە گۈزەل سەنئەتتىن ھۇزۇرلىنىدىغان، ئەمما جاۋا، سۇماترا ۋە مالاككا ئاھالىسىنىڭ ئازابىغا پەرۋا قىلمايدىغان گوللاندىيەلىك ئاقسۆڭەكلەر تەرىپىدىن مەبلەغ بىلەن تەمىنلەنگەن. دۇنيانىڭ باشقا جايلىرىدا زامانىۋى ئىقتىسادنىڭ ئۆسۈشىگە باشقا سانسىز جىنايەتلەر ۋە جىنايى قىلمىشلار ھەمراھ بولغان.
19-ئەسىر كاپىتالىزمنىڭ ئەخلاقىي جەھەتتىكى ئەھۋالىنى ياخشىلىيالمىدى. ياۋروپانى قاپلىغان سانائەت ئىنقىلابى بانكىرلار ۋە كاپىتال ئىگىلىرىنى بېيىتتى، ئەمما مىليونلىغان ئىشچىنى ئېغىر نامراتلىققا مەھكۇم قىلدى. ياۋروپا مۇستەملىكىلىرىدە ئەھۋال تېخىمۇ ناچار ئىدى. 1876-يىلى، بېلگىيە پادىشاھى ئىككىنچى لېئوپولد ھۆكۈمەتسىز بىر ئىنسانپەرۋەر تەشكىلات قۇردى. مەزكۇر تەشكىلات ئوتتۇرا ئافرىقىنى تەكشۈرىدىغانلىقى ۋە كونگو دەرياسى ۋادىسىدا قۇل سودىسىغا قارشى كۈرەش قىلىدىغانلىقىنى جاكارلىدى؛ بۇ تەشكىلات يەنە يول، مەكتەپ ۋە دوختۇرخانىلارنى سېلىش ئارقىلىق رايون ئاھالىسىنىڭ تۇرمۇش شارائىتىنى ياخشىلاشقا مەسئۇل ئىدى. 1885-يىلى ياۋروپا كۈچلىرى بۇ تەشكىلاتقا كونگو ۋادىسىدىكى 2.3 مىليون كۋادرات كىلومېتىر يەرنى باشقۇرۇش ھوقۇقىنى بېرىشكە ماقۇل بولدى. بېلگىيەدىن 75 ھەسسە چوڭ بۇ تېررىتورىيە شۇندىن كېيىن كونگو ئەركىن دۆلىتى دەپ ئاتالدى. ھېچكىم بۇ تېررىتورىيەدىكى 20-30 مىليون ئاھالىنىڭ پىكرىنى سورىمىدى.

قىسقا ۋاقىت ئىچىدە بۇ ئىنسانپەرۋەر تەشكىلات ئەمەلىي نىشانى ئۆسۈش ۋە پايدا بولغان بىر تىجارەت كارخانىسىغا ئايلاندى. مەكتەپ ۋە دوختۇرخانىلار ئۇنتۇلدى، ئۇنىڭ ئورنىنى كونگو ۋادىسى خەلقىنى رەھىمسىزلەرچە ئېكسپلاتاتسىيە قىلىدىغان، كۆپىنچىسى بېلگىيەلىك ئەمەلدارلار باشقۇرىدىغان كانلار ۋە ئېكىنزارلىقلار ئىگىلىدى. بۇ يەرنىڭ رېزىنكە سانائىتى داڭ قازىنىپ كەتكەنىدى. رېزىنكە تېز سۈرئەتتە سانائەت ئاساسىي ماتېرىيالىغا ئايلىنىۋاتاتتى ۋە رېزىنكە ئېكسپورتى كونگونىڭ ئەڭ مۇھىم كىرىم مەنبەسى ئىدى. رېزىنكە يىغىدىغان ئافرىقىلىق يېزىلىقلار بارغانسېرى يۇقىرى نورمىنى تاپشۇرۇشقا مەجبۇرلاندى. نورمىسىنى تاپشۇرالمىغانلار «ھۇرۇنلۇقى» ئۈچۈن ۋەھشىيلەرچە جازالاندى. ئۇلارنىڭ قوللىرى كېسىۋېتىلدى ۋە بەزىدە پۈتۈن يېزىلار قىرغىن قىلىندى. ئادەتتىكى مۆلچەرگە ئاساسلانغاندا، 1885-يىلدىن 1908-يىلغىچە ئۇ يەردىكى ئىقتىسادىي ئۆسۈش ۋە پايدا قوغلىشىش 6 مىليون كىشىنىڭ (كونگو نوپۇسىنىڭ ئەڭ ئاز دېگەندە 20 پىرسەنتى) ھاياتىغا زامىن بولغان. چوڭراق مۆلچەرلىگەندە، ئۆلگەن ئادەم 10 مىليونغا يەتكەن.
1908-يىلدىن كېيىن، بولۇپمۇ 1945-يىلدىن كېيىن، كاپىتالىزمنىڭ نەپسى بىر قەدەر تىزگىنلەندى، بۇ ئاساسەن كوممۇنىزمدىن قورقۇش تۈپەيلىدىن ئىدى. ئەمما تەڭسىزلىكلەر يەنىلا كەڭ كۆلەمدە مەۋجۇت بولدى. 2014-يىلدىكى ئىقتىساد بولكىسى 1500-يىلدىكىدىن كۆپ چوڭ بولسىمۇ، ئۇ شۇنچىلىك ناھەق تەقسىملەنگەنكى، نۇرغۇن ئافرىقىلىق دېھقانلار ۋە ھىندونېزىيەلىك ئىشچىلار قاتتىق بىر كۈن ئىشلىگەندىن كېيىن ئۆيىگە 500 يىل بۇرۇنقى ئەجدادلىرىدىنمۇ ئاز ئوزۇق-تۈلۈك بىلەن قايتىشتى. يېزا ئىگىلىك ئىنقىلابىغا ئوخشاش، زامانىۋى ئىقتىسادنىڭ ئۆسۈشىمۇ غايەت زور ئالدامچىلىق بولۇپ چىقىشى مۇمكىن. ئىنسان تۈرى ۋە دۇنيا ئىقتىسادى داۋاملىق ئۆسۈۋاتقان بولسىمۇ، تېخىمۇ كۆپ كىشىلەر ئاچلىق ۋە نامراتلىقتا ياشىشى مۇمكىن.
كاپىتالىزمنىڭ بۇ تەنقىدكە ئىككى جاۋابى بار. بىرىنچىسى، كاپىتالىزم كاپىتالىستتىن باشقا ھېچكىم باشقۇرالمايدىغان بىر دۇنيا ياراتتى. دۇنيانى باشقىچە باشقۇرۇشنىڭ بىردىنبىر چارىسىنى كوممۇنىزم سىناپ باقتى، ئەمما بۇ ھەر تەرەپتىن شۇنچىلىك ناچار بولدىكى، ھېچكىمنىڭ قايتا سىناپ بېقىشقا جۈرئىتى قالمىدى. مىلادىدىن بۇرۇنقى 8500-يىلى يېزا ئىگىلىك ئىنقىلابىدىن قاتتىق پۇشايمان قىلىشقا بولاتتى، ئەمما يېزا ئىگىلىكتىن ۋاز كېچىش ئۈچۈن ئىنسانلار بەك كېچىككەن ئىدى. شۇنىڭغا ئوخشاش، بىز كاپىتالىزمنى ياقتۇرماسلىقىمىز مۇمكىن، ئەمما ئۇنىڭسىز ياشىيالمايمىز.
ئىككىنچى جاۋاب شۇكى، بىزگە تېخىمۇ كۆپ سەۋر-تاقەت كېرەك. كاپىتالىستلار ۋەدە قىلغاندەك، جەننەت يېقىنلا يەردە. دەرۋەقە، ئاتلانتىك ئوكيان قۇل سودىسى ۋە ئىشچىلار سىنىپىنى ئېكسپلاتاتسىيە قىلىشتەك خاتالىقلار ئۆتكۈزۈلدى. ئەمما بىز ساۋاق ئالدۇق، ئەگەر يەنە بىرئاز كۈتۈپ، بولكىنى بىرئاز چوڭايتساق، ھەممەيلەن چوڭراق بىر پارچىغا ئېرىشىدۇ. ئولجىنىڭ تەقسىماتى ھېچقاچان ئادىل بولمايدۇ، ئەمما كونگودىكى ھەربىر ئەر، ئايال ۋە بالىنىڭمۇ ئېھتىياجىنى قامدىغۇدەك يېتەرلىك بولىدۇ.
دەرۋەقە، بەزى ئىجابىي كۆرسەتكۈچلەر بار. پەقەت ماددىي ئۆلچەملەرنى، مەسىلەن، ئۆمۈر ئۇزۇنلۇقى، بالىلارنىڭ ئۆلۈش نىسبىتى ۋە كالورىيە ئېلىش مىقدارى دېگەنلەرنى قوللانساق، 2014-يىلدىكى ئىنسانلارنىڭ ئوتتۇرىچە تۇرمۇش سەۋىيەسى، ئىنسانلار نوپۇسىنىڭ ھەسسىلەپ ئېشىشىغا قارىماي، 1914-يىلدىكىدىن كۆرۈنەرلىك يۇقىرى.
ئەمما ئىقتىسادىي بولكا چەكسىز چوڭىيالامدۇ؟ ھەر بىر بولكا خام ئەشيا ۋە ئېنېرگىيە تەلەپ قىلىدۇ. قىيامەت پەيغەمبەرلىرى ئاگاھلاندۇرۇپ كېلىۋاتىدۇكى، ئىنسانلار ھامان يەر شارىنىڭ خام ئەشيا ۋە ئېنېرگىيەسىنى تۈگىتىدۇ. ئۇ چاغدا نېمە بولىدۇ؟

Leave a Reply