ساپىيانس: ئىنسانلارنىڭ قىسقىچە تارىخى(32)

Pirate ship sailing at sunset near castles with compass, map, telescope, and sextant on wooden deck.

ئىلىم-پەننىڭ تەمىناتچىسى

بىز تېخنىكىلىق دەۋردە ياشاۋاتىمىز. نۇرغۇن كىشىلەر پەن-تېخنىكىنىڭ بارلىق مەسىلىلىرىمىزگە جاۋاب بېرەلەيدىغانلىقىغا ئىشىنىدۇ. بىز پەقەت ئالىملار ۋە تېخنىكلارنىڭ ئۆز ئىشىنى داۋاملاشتۇرۇشىغا يول قويساقلا، ئۇلار يەر يۈزىدە جەننەت يارىتىدۇ. ئەمما پەن-تېخنىكا باشقا ئىنسانىي پائالىيەتلەردىن يۇقىرى تۇرىدىغان ئەخلاقىي ياكى روھىي سەۋىيەدە يۈز بېرىدىغان بىر ئىش ئەمەس. مەدەنىيىتىمىزنىڭ باشقا قىسىملىرىغا ئوخشاش، ئۇمۇ ئىقتىسادىي، سىياسىي ۋە دىنىي مەنپەئەتلەر تەرىپىدىن شەكىللەندۈرۈلىدۇ.

پەن-تېخنىكا ناھايىتى قىممەتكە توختايدىغان بىر ئىش. ئىنسانلارنىڭ ئىممۇنىتېت سىستېمىسىنى چۈشەنمەكچى بولغان بىر بىئولوگىيە ئالىمى لابوراتورىيە، پروبېركىلار، خىمىيەۋى ماددىلار، ئېلېكترونلۇق مىكروسكوپلار، شۇنداقلا لابوراتورىيە ياردەمچىلىرى، توكچىلار، سۇ تۇرۇبا ياساش ئۇستىلىرى ۋە تازىلىق قىلغۇچىلارغا موھتاج بولىدۇ. قەرز بازىرىنى مودېللاشتۇرماقچى بولغان ئىقتىسادشۇناس بولسا كومپيۇتېرلارنى سېتىۋېلىشى، چوڭ سانلىق مەلۇمات ئامبارلىرىنى قۇرۇشى ۋە مۇرەككەپ سانلىق مەلۇمات بىر تەرەپ قىلىش پروگراممىلىرىنى تەرەققىي قىلدۇرۇشى كېرەك. قەدىمكى ئوۋچى-غەنىمەتچىلەرنىڭ ھەرىكىتىنى چۈشەنمەكچى بولغان ئارخېئولوگ يىراق جايلارغا سەپەر قىلىشى، قەدىمكى خارابىلەرنى قېزىشى، قېزىلغان سۆڭەك ھەم بۇيۇملارنىڭ يېشىنى بەلگىلىشى كېرەك. بۇلارنىڭ ھەممىسى پۇل تەلەپ قىلىدۇ.

ئۆتكەن 500 يىلدا زامانىۋى پەن-تېخنىكا مۆجىزىلەر ياراتتى، بۇ مۆجىزىلەر ئاساسەن ھۆكۈمەتلەر، كارخانىلار، فوندلار ۋە شەخسىي ئىئانە قىلغۇچىلارنىڭ ئىلمىي تەتقىقاتقا مىليارد دوللار مەبلەغ سېلىشى بىلەن ئەمەلگە ئاشتى. بۇ مىليارد دوللار پۇللار ئالەم بوشلۇقىنى تەسۋىرلەش، پلانېتىمىزنىڭ خەرىتىسىنى سىزىش ۋە ھايۋاناتلار تۈرىنى خاتىرىلەشتە گالىلېي، كولومبۇ ۋە دارۋىندىن كۆپ تۆھپە قوشتى. بۇ ئالاھىدە داھىيلار تۇغۇلمىغان تەقدىردىمۇ، ئۇلارنىڭ بايقاشلىرى باشقىلار تەرىپىدىن بايقىلىشى مۇمكىن ئىدى. بىراق يېتەرلىك مەبلەغ بولمىغان بولسا، ھېچقانداق زېھنىي پاراسەت ئۇنىڭ ئورنىنى تولدۇرالمايتتى. مەسىلەن، ئەگەر دارۋىن تۇغۇلمىغان بولسا، بىز بۈگۈن تەدرىجىي تەرەققىيات نەزەرىيەسىگە ئاساس سالغۇچىنى ئالفرېد رۇسسېل ۋاللىس دەپ قارىغان بولاتتۇق. ئۇ دارۋىندىن بىخەۋەر ھالدا ئايرىم تەتقىقات ئېلىپ بارغان بولۇپ، دارۋىننىڭ نەزەرىيەسىدىن بىر قانچە يىل كېيىنلا تەدرىجىي تەرەققىيات قارىشىنى ئوتتۇرىغا قويغان. ئەگەر ئۆز ۋاقتىدا ياۋروپا جۇغراپىيە، زوئولوگىيە، بوتانىكا تەتقىقاتىغا كۆپلەپ مەبلەغ چىقارمىغان بولسا، دارۋىن بىلەن ۋاللىسمۇ زۆرۈر بولغان سانلىق پاكىتلارنى توپلاپ، تەدرىجىي تەرەققىيات نەزەرىيىسىنى تەرەققىي قىلدۇرالمىغان، ھەتتا ئۇنى سىناپ باقالمىغان بولاتتى.

نېمە ئۈچۈن مىليارد دوللار پۇللار ھۆكۈمەت ۋە كارخانىلارنىڭ خەزىنىسىدىن لابوراتورىيە ۋە ئۇنىۋېرسىتېتلارغا ئېقىشقا باشلىدى؟ ئاكادېمىك ساھەدىكى كۆپلىگەن كىشىلەر نوقۇل ئىلىم-پەنگە ئىشىنىدىغان دەرىجىدە ساددا. ئۇلار ھۆكۈمەت ۋە كارخانىلارنىڭ ئۆزلىرىگە خالىغان تەتقىقات لايىھەلىرىنى ئېلىپ بېرىش ئۈچۈن خالىس پۇل بېرىدىغانلىقىغا ئىشىنىدۇ. ئەمما بۇ، پەن-تېخنىكا مەبلىغىنىڭ رېئاللىقىنى ھەقىقىي كۆرسىتىپ بېرەلمەيدۇ.

كۆپىنچە ئىلمىي تەتقىقاتلارنىڭ مەبلەغ بىلەن تەمىنلىنىشىدىكى سەۋەب،  كىمدۇر بەزىلىرى بۇ ئارقىلىق مەلۇم سىياسىي، ئىقتىسادىي ياكى دىنىي نىشانغا يېتىمىز دەپ ئىشەنگەن. مەسىلەن، 16-ئەسىردە، پادىشاھلار ۋە بانكىرلار دۇنيا بويىچە جۇغراپىيەلىك ئېكسپېدىتسىيەلەرگە زور مىقداردا مەنبە ئاجراتقان، ئەمما بالىلار پسىخولوگىيەسىنى تەتقىق قىلىشقا بىر تىيىنمۇ ئاجراتمىغان. چۈنكى پادىشاھلار ۋە بانكىرلار يېڭى جۇغراپىيەلىك بىلىملەرنىڭ ئۆزلىرىگە يېڭى زېمىنلارنى بويسۇندۇرۇش ۋە سودا ئىمپېرىيەسى قۇرۇش ئىمكانىيىتى بېرىدىغانلىقىنى پەرەز قىلغان، ئەمما بالىلار پسىخولوگىيەسىنى چۈشىنىشتىن ھېچقانداق پايدا كۆرمىگەن.

1940-يىللاردا، ئامېرىكا ۋە سوۋېت ئىتتىپاقى ھۆكۈمەتلىرى سۇ ئاستى ئارخېئولوگىيەسىگە ئەمەس، يادرو فىزىكىسىنى تەتقىق قىلىشقا زور مىقداردا مەنبە ئاجراتقان. ئۇلار يادرو فىزىكىسىنى تەتقىق قىلىشنىڭ يادرو قوراللىرىنى تەرەققىي قىلدۇرۇشقا ئىمكانىيەت يارىتىدىغانلىقىنى، سۇ ئاستى ئارخېئولوگىيەسىنىڭ بولسا ئۇرۇشتا غەلىبە قىلىشقا ياردەم بېرەلمەيدىغانلىقىنى پەرەز قىلغان. ئالىملارنىڭ ئۆزىمۇ مەبلەغنى كونترول قىلىدىغان سىياسىي، ئىقتىسادىي ۋە دىنىي كۈچلەردىن ھەمىشە خەۋەردار بولمايدۇ؛ نۇرغۇن ئالىملار دەرۋەقە ساپ زېھنىي قىزىقىش تۈرتكىسىدە ھەرىكەت قىلىدۇ. ئەمما ئۇلارنىڭ ئىلمىي كۈنتەرتىپنى بەلگىلەشتىكى ھوقۇقى ناھايىتى ئاز بولىدۇ.

بىز ھەتتا سىياسىي، ئىقتىسادىي ياكى دىنىي مەنپەئەتلەرنىڭ تەسىرىگە ئۇچرىمايدىغان ئىلىم-پەننى قوللىماقچى بولغان تەقدىردىمۇ، بۇ مۇمكىن بولمايدۇ. چۈنكى بىزنىڭ ئىقتىسادىي مەنبەيىمىز بەرىبىر چەكلىك. پارلامېنت ئەزاسىدىن دۆلەتلىك ئىلىم-پەن فوندىغا ئاساسىي تەتقىقات ئۈچۈن يەنە بىر مىليون دوللار ئاجرىتىشنى تەلەپ قىلسىڭىز، ئۇ ھەقلىق رەۋىشتە بۇ پۇلنى ئوقۇتقۇچىلارنى تەربىيەلەشكە ياكى ئۆز رايونىدىكى قىيىنچىلىقتا قالغان زاۋۇتقا بېرىلىدىغان باج يېنىكلىتىشكە ئىشلىتىش ياخشىراق ئەمەسمۇ؟ دەيدۇ. چەكلىك مەبلەغنى نەگە ئىشلىتىش ئۈچۈن بىز دائىم «قايسىسى تېخىمۇ مۇھىم؟» ۋە «قايسىسى ئەڭ ياخشى؟» دېگەندەك سوئاللارغا جاۋاب بېرىشىمىز كېرەك. بۇلار ئىلمىي سوئاللار ئەمەس. ئىلىم-پەن بۇ دۇنيادا نېمىنىڭ مەۋجۇت ئىكەنلىكىنى، نەرسىلەرنىڭ قانداق ھەرىكەت قىلىدىغانلىقىنى ۋە كەلگۈسىدە نېمە بولۇشى مۇمكىنلىكىنى چۈشەندۈرەلەيدۇ. ئەمما ئۇ كەلگۈسىدە نېمە بولۇشى كېرەكلىكىنى بىلىش دەۋاسىدا بولمايدۇ. پەقەت دىنلار ۋە ئىدىيەلەرلا بۇنداق سوئاللارغا جاۋاب بېرىشكە ئۇرۇنىدۇ.

مۇنداق بىر قىيىن مەسىلىنى ئويلاپ باقايلى: ئوخشاش فاكۇلتېتتىن كەلگەن، ئوخشاش كەسپىي ماھارەتكە ئىگە ئىككى بىئولوگ ھازىرقى تەتقىقات لايىھەلىرىنى مەبلەغ بىلەن تەمىنلەش ئۈچۈن بىر مىليون دوللارلىق ياردەم پۇلىغا ئىلتىماس قىلدى. پروفېسسور سلۇگخورن كالىلارنىڭ يېلىنىغا يۇقىدىغان، سۈت ئىشلەپچىقىرىشىنى 10 پىرسەنت تۆۋەنلىتىۋېتىدىغان بىر كېسەلنى تەتقىق قىلماقچى. پروفېسسور سپروۋت كالىلارنىڭ موزايلىرىدىن ئايرىلغاندا روھىي جەھەتتىن ئازاب چېكىدىغان-چەكمەيدىغانلىقىنى تەتقىق قىلماقچى. پۇل مىقدارى چەكلىك ۋە ئىككى تەتقىقات لايىھەسىنىڭ ئىككىلىسىنى تەڭ مەبلەغ بىلەن تەمىنلەش مۇمكىن بولمىغان ئەھۋالدا، قايسىسىغا مەبلەغ بېرىلىشى كېرەك؟

بۇ سوئالغا ئىلمىي جاۋاب يوق. پەقەت سىياسىي، ئىقتىسادىي ۋە دىنىي جاۋابلارلا بار. بۈگۈنكى دۇنيادا، سلۇگخورننىڭ پۇلغا ئېرىشىش ئېھتىماللىقى يۇقىرى ئىكەنلىكى ئېنىق. بۇنىڭدىكى سەۋەب، كالىدىكى يېلىن كېسەللىكلىرىنىڭ كالا پىسخىكىسىدىن ئىلمىي جەھەتتە قىزىقارلىقراق بولغانلىقى ئۈچۈن ئەمەس، بەلكى بۇ تەتقىقاتتىن پايدىلىنىدىغان سۈت سانائىتىنىڭ ھايۋانلارنىڭ ھوقۇقىنى قوغداش تەرەپدارلىرىغا قارىغاندا تېخىمۇ كۆپ سىياسىي ۋە ئىقتىسادىي كۈچكە ئىگە بولغانلىقىدىندۇر.

بەلكىم كالىلارنى مۇقەددەس دەپ قارايدىغان ھىندىلاردا ياكى ھايۋانلارنىڭ ھوقۇقىنى قوغدايدىغان بىر جەمئىيەتتە، پروفېسسور سپروۋتنىڭ مۇۋەپپەقىيەت قازىنىش پۇرسىتى يۇقىرىراق بولۇشى مۇمكىن. ئەمما ئۇ سۈتنىڭ تىجارىي قىممىتى ۋە پۇقرالارنىڭ ساغلاملىقىنى كالىلارنىڭ ھېس-تۇيغۇلىرىدىن ئۈستۈن كۆرىدىغان بىر جەمئىيەتتە ياشىغان ئىكەن، تەتقىقات تەكلىپىنى شۇ كۆز قاراشلارغا ماس كېلىدىغان قىلىپ يازغىنى ياخشى. مەسىلەن، ئۇ مۇنداق يازسا بولىدۇ: «كالىلاردىكى چۈشكۈنلۈك سۈت ئىشلەپچىقىرىشىنىڭ تۆۋەنلىشىگە سەۋەب بولىدۇ. سۈت كالىلىرىنىڭ روھىي دۇنياسىنى چۈشەنسەك، ئۇلارنىڭ كەيپىياتىنى ياخشىلايدىغان پىسخىكىلىق دورىلارنى تەرەققىي قىلدۇرالايمىز، شۇ ئارقىلىق سۈت ئىشلەپچىقىرىشىنى 10 پىرسەنتكىچە ئاشۇرالايمىز. مېنىڭ مۆلچەرلىشىمچە، كالىلارغا ئىشلىتىلىدىغان پىسخىكىلىق دورىلارنىڭ دۇنيادىكى يىللىق سېتىلىش سوممىسى 250 مىليون دوللارغا يېتىدۇ».

Elven astronomer in starry robes looking through an ornate telescope focused on a glowing sun with surrounding symbols

پەن-تېخنىكا ئۆز نىشانلىرىنى بەلگىلىيەلمەيدۇ. ئۇ يەنە بايقاشلىرىنى قانداق قوللىنىشنى بەلگىلەشكىمۇ ئاجىز. مەسىلەن، ساپ ئىلمىي نۇقتىدىن قارىغاندا، گېنېتىكا ھەققىدىكى ئېشىپ بېرىۋاتقان چۈشەنچىمىزنى نېمە قىلىشىمىز كېرەكلىكى ئېنىق ئەمەس. بۇ بىلىمنى راكنى داۋالاشقا ئىشلىتىشىمىز كېرەكمۇ، گېنېتىكىلىق ئىنژېنېرلىق ئارقىلىق ئالىي ئىنسانلار ئىرقىنى يارىتىشقا ئىشلىتىشىمىز كېرەكمۇ، ياكى چوڭ يېلىنلىق سۈت كالىلىرىنى يارىتىشقا ئىشلىتىشىمىز كېرەكمۇ؟ لىبېرال ھۆكۈمەت، كوممۇنىستىك ھۆكۈمەت، ناتسىست ھۆكۈمەت ۋە كاپىتالىستىك كارخانىلارنىڭ ئوخشاش ئىلمىي بايقاشنى پۈتۈنلەي ئوخشىمىغان مەقسەتلەردە ئىشلىتىدىغانلىقى ئېنىق، شۇنداقلا ئۇنى ئالدى بىلەن نەگە ئىشلىتىشنى بەلگىلەشنىڭ ھېچقانداق ئىلمىي سەۋەبى يوق.

قىسقىسى، ئىلمىي تەتقىقات پەقەت مەلۇم دىن ياكى ئىدىيە بىلەن ئىتتىپاقلاشقاندىلا گۈللىنەلەيدۇ. ئىدىيە تەتقىقات چىقىملىرىنى ئاقلايدۇ. بۇنىڭ بەدىلىگە، ئىدىيە ئىلمىي كۈنتەرتىپكە تەسىر كۆرسىتىدۇ ۋە بايقاشلارنى قانداق قوللىنىشنى بەلگىلەيدۇ. شۇڭا ئىنسانىيەتنىڭ قانداق قىلىپ ئالاموگوردو ۋە ئايغا – مۇمكىن بولغان باشقا نۇرغۇن مەنزىللەرنىڭ ئورنىغا – يېتىپ بارغانلىقىنى چۈشىنىش ئۈچۈن، فىزىكا، بىئولوگىيە ۋە سوتسىيولوگىيە ئالىملىرىنىڭ نەتىجىلىرىنى تەكشۈرۈپ چىقىشنىڭ ئۆزىلا يېتەرلىك ئەمەس. فىزىكا، بىئولوگىيە ۋە سوتسىيولوگىيەنى شەكىللەندۈرگەن، ئۇلارنى مەلۇم يۆنىلىشلەرگە ئىتتىرىپ، باشقا يۆنىلىشلەرنى ئېتىبارسىز قالدۇرغان ئىدىيەۋى، سىياسىي ۋە ئىقتىسادىي كۈچلەرنى ئېتىبارغا ئېلىشىمىز كېرەك.

ئىككى كۈچ ئالاھىدە دىققىتىمىزگە سازاۋەر: ئىمپېرىيالىزم ۋە كاپىتالىزم. پەن، ئىمپېرىيە ۋە كاپىتال ئوتتۇرىسىدىكى ئۆزئارا تەسىر ھالقىسى ئۆتكەن 500 يىللىق تارىخنىڭ ئاساسلىق ھەرىكەتلەندۈرگۈچ كۈچى بولۇپ كەلگەن دېيىشكە بولىدۇ. كېيىنكى بابلاردا ئۇنىڭ قانداق جارى بولغانلىقىنى تەھلىل قىلىمىز. ئاۋۋال پەن ۋە ئىمپېرىيە دېگەن قوش پىقىرىغۇچنىڭ بىر-بىرىگە قانداق باغلانغانلىقىغا قارايمىز، ئاندىن ئۇلارنىڭ ئىككىلىسىنىڭ قانداق قىلىپ كاپىتالىزمنىڭ پۇل سۈمۈرگۈچىسىگە ئۇلانغانلىقىنى كۆرىمىز.

پەن-تېخنىكا بىلەن ئىمپېرىيەنىڭ نىكاھى

يەر شارى بىلەن قۇياشنىڭ ئارىلىقى قانچىلىك؟ بۇ سوئال يېقىنقى زاماندىكى نۇرغۇن ئاسترونوملارنى قىزىقتۇرغان، بولۇپمۇ كوپېرنىك ئالەمنىڭ مەركىزىدە تۇرىدىغان ئاسمان جىسمىنىڭ  يەر شارى ئەمەس، بەلكى قۇياش ئىكەنلىكىنى ئوتتۇرىغا قويغاندىن كېيىن شۇنداق بولغان. نۇرغۇن ئاسترونوملار ۋە ماتېماتىكلار بۇ ئارىلىقنى ھېسابلاشقا ئۇرۇنغان، ئەمما ئۇلارنىڭ ئۇسۇللىرى ناھايىتى پەرقلىق نەتىجىلەرنى كەلتۈرۈپ چىقارغان. 18-ئەسىرنىڭ ئوتتۇرىلىرىدا بۇ ئۆلچەمنى قوللىنىشنىڭ ئىشەنچلىك ئۇسۇلى ئوتتۇرىغا قويۇلغان. پلانېت ۋېنېرا نەچچە يىلدا بىر قېتىم قۇياش بىلەن يەر شارىنىڭ ئوتتۇرىسىدىن بىۋاسىتە ئۆتىدۇ. بۇ ئۆتۈشنىڭ داۋاملىشىش ۋاقتى يەر شارى يۈزىدىكى يىراق نۇقتىلاردىن كۆزەتكەندە، كۆزەتكۈچىنىڭ كۆرۈش بۇلۇڭىدىكى كىچىككىنە پەرق تۈپەيلىدىن ئوخشىمايدۇ. ئەگەر ئوخشاش ئۆتۈش ھەرىكىتى ھەرقايسى قىتئەلەردىن كۆزىتىلسە، ئاددىي تىرىگونومېتىرىيە ئارقىلىقلا قۇياش بىلەن بولغان ئارىلىقىمىزنى ھېسابلىغىلى بولىدۇ.

ئاسترونوملار شۇ زاماندا ۋېنېرانىڭ كېيىنكى قېتىملىق ئۆتۈشلىرىنىڭ 1761- ۋە 1769-يىللىرى يۈز بېرىدىغانلىقىنى ئالدىن مۆلچەرلىگەن. شۇڭا ياۋروپادىن دۇنيانىڭ تۆت بۇلۇڭىغا ئېكسپېدىتسىيەلەر ئەۋەتىلىپ، بۇ ئۆتۈشنى مۇمكىن قەدەر كۆپ يىراق نۇقتىلاردىن كۆزىتىش پىلانلانغان. 1761-يىلى ئالىملار بۇ ئۆتۈشنى سىبىرىيە، شىمالىي ئامېرىكا، ماداگاسكار ۋە جەنۇبىي ئافرىقىدىن كۆزەتكەن. 1769-يىلدىكى ئۆتۈش يېقىنلاشقاندا، ياۋروپا ئىلمىي جەمئىيىتى زور تىرىشچانلىق كۆرسەتكەن ۋە ئالىملار شىمالىي كانادا ۋە كالىفورنىيە (ئۇ چاغدا تېخى ئېچىلمىغان زېمىن ئىدى) گىچە ئەۋەتىلگەن. لوندون تەبىئىي پەنلەرنى ئىلگىرى سۈرۈش خانلىق جەمئىيىتى بۇنىڭ يېتەرلىك ئەمەسلىكىنى قارار قىلغان. ئەڭ توغرا نەتىجىگە ئېرىشىش ئۈچۈن غەربىي-جەنۇبىي تىنچ ئوكيان رايونىغا بىر ئاسترونومنى ئەۋەتىش زۆرۈر ئىدى.

خانلىق جەمئىيىتى داڭلىق ئاسترونوم چارلز گرىننى تاھىتىغا ئەۋەتىشنى قارار قىلغان، بۇنىڭغا كۆپ كۈچ سەرپ قىلغان ۋە پۇل-مېلىنى ئايىمىغان. ئەمما، بۇنداق قىممەت ئېكسپېدىتسىيەگە مەبلەغ سالغاندىن كېيىن، ئۇنى پەقەت بىرلا ئاسترونومىيەلىك كۆزىتىشكە ئىشلىتىش ئانچە ئەقىلگە مۇۋاپىق ئەمەس ئىدى. شۇڭا گرىن بىلەن بىللە بوتانىكلاردىن جوزېف بانكس ۋە دانىيېل سولاندېر باشچىلىقىدىكى ھەرخىل كەسىپتىن كەلگەن سەككىز ئالىمدىن تەركىب تاپقان بىر گۇرۇپپا يولغا سېلىنغان. گۇرۇپپىدا يەنە ئالىملار چوقۇم ئۇچرىتىدىغان يېڭى زېمىنلار، ئۆسۈملۈكلەر، ھايۋانلار ۋە ئىنسانلارنىڭ رەسىملىرىنى سىزىشقا تەيىنلەنگەن رەسساملارمۇ بار ئىدى. بۇ ئېكسپېدىتسىيە بانكس ۋە خانلىق جەمئىيەت سېتىۋالالايدىغان ئەڭ ئىلغار ئىلمىي ئۈسكۈنىلەر بىلەن تەمىنلەنگەن بولۇپ، ئۇنىڭ قوماندانلىقى تەجرىبىلىك دېڭىزچى، بىلىملىك جۇغراپىيەشۇناس ۋە ئېتنوگراف كاپىتان جەيمس كوكقا تاپشۇرۇلغان.

Venus transit through old telescope lens

ئېكسپېدىتسىيە 1768-يىلى ئەنگلىيەدىن يولغا چىققان، 1769-يىلى ئۇلار تاھىتىدىن ۋېنېرانىڭ ئۆتۈشىنى كۆزەتكەن؛ بىر قانچە تىنچ ئوكيان ئاراللىرىنى تەكشۈرگەن، ئاۋسترالىيە ۋە يېڭى زېلاندىيەنى زىيارەت قىلغاندىن كېيىن 1771-يىلى ئەنگلىيەگە قايتىپ كەلگەن. ئۇلار زور مىقداردىكى ئاسترونومىيە، جۇغراپىيە، مېتېئورولوگىيە، بوتانىكا، زوئولوگىيە ۋە ئانتروپولوگىيە ماتېرىياللىرىنى ئېلىپ كەلگەن. ئۇلارنىڭ بايقاشلىرى كۆپلىگەن ئىلىم ساھەلىرىگە چوڭ تۆھپە قوشقان، جەنۇبىي تىنچ ئوكيان ھەققىدىكى ھەيران قالارلىق ھېكايىلەر ياۋروپالىقلارنىڭ تەسەۋۋۇرىنى قوزغىغان ۋە كېيىنكى ئەۋلاد تەبىئەتشۇناسلار ۋە ئاسترونوملارغا ئىلھام بەرگەن.

جەيمىس كوك باشچىلىق قىلغان بۇ ئېكسپېدىتسىيەسىدىن پايدىلانغان ساھەلەرنىڭ بىرى مېدىتسىنا ئىدى. ئۇ چاغدا، يىراق ئوكيانلارغا يولغا چىققان دېڭىزچىلارنىڭ يېرىمىدىن كۆپرەكىنىڭ سەپەردە ئۆلۈپ كېتىدىغانلىقى مەلۇم ئىدى. ئۇلارنىڭ دۈشمىنى غەزەپلەنگەن يەرلىك خەلقلەر، دۈشمەن ھەربىي كېمىلىرى ياكى يۇرت سېغىنىشى ئەمەس ئىدى. بۇ سكوربۇت دەپ ئاتالغان سىرلىق كېسەللىك ئىدى. بۇ كېسەلگە گىرىپتار بولغانلار ھالسىزلىنىپ، روھىي جەھەتتىن تۈگىشىپ كېتەتتى؛ چىشلىرى ۋە باشقا يۇمشاق توقۇلمىلىرى قانايتتى؛ كېسەل ئېغىرلاشقانسېرى، چىشلىرى چۈشۈپ كېتەتتى، جاراھەتلەر پەيدا بولاتتى؛ قىزىتمىسى ئۆرلەپ، چىرايى سارغىيىپ، پۇت-قوللىرى بوشىشىپ كېتەتتى. 16- ۋە 18-ئەسىرلەر ئارىسىدا، سكوربۇت تەخمىنەن 2 مىليون دېڭىزچىنىڭ جېنىنى ئالغان. ھېچكىم ئۇنىڭ سەۋەبىنى بىلمەيتتى ۋە ھەر خىل داۋالاش ئۇسۇلىنى قوللانغان بىلەنمۇ، دېڭىزچىلار توپ-توپ بولۇپ ئۆلۈپ كېتىۋېرەتتى. 1747-يىلىغا كەلگەندە بۇنىڭدا بىر بۇرۇلۇش ھاسىل بولغان، ئەنگلىيەلىك تېۋىپ جەيمس لىند بۇ كېسەلگە گىرىپتار بولغان دېڭىزچىلار ئۈستىدە سېلىشتۇرما تەجرىبە ئېلىپ بارغان. ئۇ ئۇلارنى بىر قانچە گۇرۇپپىغا ئايرىپ، ھەر گۇرۇپپىغا ئوخشىمىغان داۋالاش ئۇسۇلى قوللانغان. سىناق گۇرۇپپىلىرىنىڭ بىرىگە سكوربۇتنىڭ خەلق ئارىسىدىكى ئادەتتىكى داۋالاش ئۇسۇلىنى—لىمونغا ئوخشاش مېۋىلەرنى يېيىشنى بۇيرۇغان. بۇ گۇرۇپپىدىكى كېسەللەر تېزلا ساقايغان. لىند بۇ مېۋىلەرنىڭ دېڭىزچىلارنىڭ بەدىنىدە كەمچىل بولغان قايسى ماددىنى تولۇقلىغانلىقىنى بىلمىگەن، ئەمما بىز ھازىر بۇنىڭ ۋىتامىن C ئىكەنلىكىنى بىلىمىز. ئۇ چاغدىكى دېڭىزچىلارنىڭ تاماقلىرىدا بۇ مۇھىم ئوزۇقلۇق ماددىسىغا باي بولغان يېمەكلىكلەر خېلىلا كەم ئىدى. ئۇزۇن سەپەرلەردە دېڭىزچىلار ئادەتتە پەقەت پىششىق نان ۋە قۇرۇتۇلغان گۆش بىلەنلا كۈن ئۆتكۈزەتتى، مېۋە-چېۋە بىلەن كۆكتاتلارنى ئاساسەن يېمەيتتى.

خانلىق دېڭىز ئارمىيەسى لىندنىڭ تەجرىبىلىرىگە ئىشەنمىگەن، ئەمما جەيمس كوك ئۇنىڭغا ئىشەنگەن. ئۇ دوختۇرنىڭ توغرا ئىكەنلىكىنى ئىسپاتلاشنى قارار قىلغان. ئۇ كېمىسىگە كۆپ مىقداردا چىلىغان سەي قاچىلىغان ھەمدە دېڭىزچىلىرىغا قۇرۇقلۇققا چىققان ھامان كۆپلەپ يېڭى مېۋە-چېۋە ۋە كۆكتاتلارنى يېيىشكە بۇيرۇغان. كوك بىرمۇ دېڭىزچىسىنى سكوربۇتتىن يوقاتمىغان. كېيىنكى ئون يىللاردا، دۇنيادىكى بارلىق دېڭىز ئارمىيەلىرى كوكنىڭ دېڭىز تاماق تۈزۈمىنى قوبۇل قىلغان، نەتىجىدە سانسىزلىغان دېڭىزچى ۋە يولۇچىلارنىڭ ھاياتى قۇتقۇزۇلغان.

Tall sailing ship on foggy sea near castle on rocky hill

ئەمما، جەيمىس كوك ئېكسپېدىتسىيەسىنىڭ يەنە بىر بولمىغۇر نەتىجىسىمۇ بولغان. جەيمىس كوك تەجرىبىلىك دېڭىزچى ۋە جۇغراپىيەشۇناسلا ئەمەس، يەنە دېڭىز ئارمىيەسىنىڭ ئوفىتسېرى ئىدى. خانلىق جەمئىيىتى ئېكسپېدىتسىيە چىقىملىرىنىڭ كۆپ قىسمىنى تۆلىگەن بولسىمۇ، كېمىنى خانلىق دېڭىز ئارمىيەسى تەمىنلىگەنىدى. دېڭىز ئارمىيەسى يەنە 85 قوراللىق دېڭىزچى ۋە دېڭىز ئارمىيەسى ئەسكىرىنى تەيىنلەپ، كېمىنى زەمبىرەك، مىلتىق، ئوق-دورا ۋە باشقا قوراللار بىلەن تەمىنلىگەن. ئېكسپېدىتسىيە توپلىغان ئۇچۇرلارنىڭ كۆپ قىسمى – بولۇپمۇ ئاسترونومىيە، جۇغراپىيە، مېتېئورولوگىيە ۋە ئانتروپولوگىيە ماتېرىياللىرى – ئېنىق سىياسىي ۋە ھەربىي قىممەتكە ئىگە ئىدى. سكوربۇتنىڭ ئۈنۈملۈك داۋالاش ئۇسۇلىنىڭ بايقىلىشى ئەنگلىيەنىڭ دۇنيا دېڭىزلىرىنى كونترول قىلىشى ۋە قوشۇنلىرىنى دۇنيانىڭ ئۇ چېتىگە ئەۋەتەلىشىگە زور تۆھپە قوشقان. جەيمىس كوك ئۆزى «بايقىغان» نۇرغۇن ئارال ۋە زېمىنلارنى، بولۇپمۇ ئاۋسترالىيەنى ئەنگلىيەگە تەۋە دەپ جاكارلىغان. جەيمىس كوك ئېكسپېدىتسىيەسى ئەنگلىيەنىڭ غەربىي- جەنۇبىي تىنچ ئوكيان رايونىنى ئىگىلىشى، ئاۋسترالىيە، تاسمانىيە ۋە يېڭى زېلاندىيەنى بويسۇندۇرۇشى، مىليونلىغان ياۋروپالىقلارنىڭ يېڭى مۇستەملىكىلەرگە ئورۇنلىشىشى ۋە يەرلىك مەدەنىيەتلەر بىلەن يەرلىك نوپۇسنىڭ كۆپ قىسمىنىڭ يوقىتىلىشى ئۈچۈن ئاساس سالغان.

جەيمىس كوك ئېكسپېدىتسىيەسىدىن كېيىنكى يۈز يىل ئىچىدە، ئاۋسترالىيە ۋە يېڭى زېلاندىيەنىڭ ئەڭ مۇنبەت يەرلىرى ياۋروپالىق كۆچمەنلەر تەرىپىدىن ئىگىلىۋېلىنغان. يەرلىك نوپۇس 90 پىرسەنتكىچە ئازىيىپ كەتكەن ۋە ھايات قالغانلار قاتتىق ئىرقىي زۇلۇمغا ئۇچرىغان. جەيمىس كوك ئېكسپېدىتسىيەسى ئاۋسترالىيە ۋە يېڭى زېلاندىيەنىڭ يەرلىك خەلقى ئۈچۈن بالايى ئاپەتنىڭ باشلىنىشى بولغان، شۇندىن بېرى ئۇلار قايتا ئەسلىگە كېلەلمىگەن.

تاسمانىيە يەرلىكلىرىنىڭ تەقدىرى تېخىمۇ ئېچىنىشلىق بولغان. 10,000 يىل ئايرىم ياشاپ گۈللىنىپ كەلگەن بۇ خەلق جەيمىس كوكنىڭ كېلىشىدىن كېيىنكى بىر ئەسىر ئىچىدە، ئەڭ ئاخىرقى ئەر، ئايال ۋە بالىسىغىچە پۈتۈنلەي يوقىتىلغان. ياۋروپالىق كۆچمەنلەر دەسلەپتە ئۇلارنى ئارالنىڭ ئەڭ باي قىسىملىرىدىن قوغلىغان، ئاندىن قالغان يەرلەرگىمۇ كۆز قىزارتىپ، ئۇلارنى سىستېمىلىق ھالدا ئوۋلاپ ئۆلتۈرگەن. ئازغىنە ھايات قالغانلار ئىنجىل تارقىتىش لاگېرىغا ھەيدەلگەن، ئۇ يەردە نىيىتى ياخشى ئەمما ئانچە ئوچۇق پىكىرلىك بولمىغان مىسسىيونېرلار ئۇلارغا زامانىۋى دۇنيانىڭ يوللىرىنى ئۆگىتىشكە ئۇرۇنغان. تاسمانىيەلىكلەرگە خرىستىيان دىنى، ئوقۇش-يېزىش، كىيىم تىكىش، دېھقانچىلىق قىلىشقا ئوخشاش «ئىشلەپچىقىرىش ماھارەتلىرى» ئۆگىتىلگەن. ئەمما ئۇلار ئۆگىنىشنى رەت قىلغان. ئۇلار بارغانسېرى چۈشكۈنلەشكەن، بالا تۇغماس بولۇپ قالغان، ھاياتقا بولغان قىزىقىشىنى يوقاتقان ۋە ئاخىرى پەن ۋە تەرەققىياتنىڭ زامانىۋى دۇنياسىدىن قۇتۇلۇشنىڭ بىردىنبىر يولىنى – ئۆلۈمنى تاللىغان.

ئەپسۇسكى، پەن ۋە تەرەققىيات ئۇلارنى ئۆلگەندىن كېيىنمۇ قوغلىغان. ئەڭ ئاخىرقى تاسمانىيەلىكلەرنىڭ جەسەتلىرى ئىلىم نامىدا ئانتروپولوگلار ۋە مۇزېي باشقۇرغۇچىلىرى تەرىپىدىن تارتىۋېلىنغان. ئۇلارنىڭ جەسەتلىرى يېرىلغان، سۈرەتكە تارتىلغان، ئۆلچەنگەن ۋە ئىلمىي ماقالىلاردا تەھلىل قىلىنغان؛ ئاندىن باش سۆڭەكلىرى ۋە ئىسكېلېتلىرى مۇزېيلاردا، ئانتروپولوگىيەلىك جەمگاھلاردا كۆرگەزمىگە قويۇلغان. تاسمانىيە مۇزېيى پەقەت 1976-يىلىغا كەلگەندىلا ئەڭ ئاخىرقى يەرلىك تاسمانىيەلىك ترۇگانىنىنىڭ يۈز يىل بۇرۇن ئۆلگەن سكېلېتىنى دەپنە قىلىشقا بەرگەن. ئەنگلىيە خانلىق جەرراھلار (ئوپېراتسىيە دوختۇرلىرى) كوللېگىيەسى ئۇنىڭ تېرىسى ۋە چېچىنىڭ نۇسخىلىرىنى 2002-يىلغىچە ساقلاپ تۇرغان.

ئەڭ ئاخىرقى يەرلىك تاسمانىيەلىك

جەيمىس كوكنىڭ كېمىسى ھەربىي كۈچ بىلەن قوغدالغان ئىلمىي ئېكسپېدىتسىيەمىدى ياكى بىر قانچە ئالىمنى قوشۇلۇۋالغان ھەربىي ئېكسپېدىتسىيەمىدى؟ بۇ خۇددى بېنزىن باكىڭىزنىڭ يېرىمى بوشمۇ ياكى يېرىمى تولغانمۇ دەپ سورىغانغا ئوخشايدۇ.

ئۇ ھەر ئىككىلىسى ئىدى. ئىلمىي ئىنقىلاب بىلەن زامانىۋى ئىمپېرىيالىزم بىر-بىرىدىن ئايرىلماس ئىدى. كاپىتان جەيمس كوك ۋە بوتانىك جوزېف بانكسقا ئوخشاش كىشىلەر پەن بىلەن ئىمپېرىيەنى پەرقلەندۈرەلمەيتتى. بەختسىز ترۇگانىنىمۇ شۇنداق.

Leave a Reply

Discover more from ئەرتۈرك ئەسەرلىرى

Subscribe now to keep reading and get access to the full archive.

Continue reading