-

رومان ئوقۇۋاتقاندا كاللىمىزدا نېمىلەر يۈز بېرىدۇ؟
رومان ئىككىنچى ھاياتتۇر، فرانسۇز شائىر گېرارد نېرۋالنىڭ چۈشلىرىدەك، رومانلار ھاياتىمىزنىڭ رەڭگا رەڭ ھالىتى ۋە مۇرەككەپلىكىنى كۆرسىتىپ بېرىدۇ، شۇنداقلا ئۇ بىز تونۇيدىغان كىشىلەر، چىرايلار ۋە نەرسىلەر بىلەن تولۇپ تاشقان بولىدۇ. رومان ئوقۇۋاتقىنىمىزدا خۇددى چۈش كۆرۈۋاتقاندەك، ئۆزىمىز يولۇققان ئىشلارنىڭ ئاجايىپلىقى بىزنى شۇنچىلىك ھەيران قالدۇرىدۇكى، نەدە تۇرۇۋاتقانلىقىمىزنى ئۇنتۇپ قېلىپ، ئۆزىمىزنى شۇ پەيتتە شاھىد بولغان خىيالىي ئىشلارنىڭ ئىچىدە، كىشىلەرنىڭ Read more
-

مەن 37 يىلدا بىلگەن 37 ئىش
يەنە بىر يىل ئۆتۈپ كەتتى، قېرىپ كېتىۋاتىمەن. بۇنى ئانچە ئويلاپ كەتمىگەنىدىم ھەم ۋاقىتنىڭ بۇنچىلىك تېز ئۆتۈپ كېتىدىغانلىقىنى پەرەز قىلمىغانىدىم. قېرىش داۋامىدا مەيدانغا كەلگەن ئاجايىپ ئىش شۇكى، ھەر يىلى ئۆزگىرىۋاتقان ئۆزەم بىلەن چىقىشىپ ئۆتىدىغان ھالغا كەلدىم. بىر ئىشنى قارار قىلسام ئىشەنچ بىلەن قارار قىلىدىغان، خاتالىق ئۆتكۈزۈشتىن ئانچە قورقۇپ كەتمەيدىغان بولدۇم. يىللاردىن بۇيان جۇغلانغان ھايات تەجرىبىلىرىمنى ئەلگەكتىن Read more
-

ئەقىل بولمىسا ساقالنىڭ نېمە ئىشى؟
ئاتىللا فىكرى ئەرگۈن كونىلار، ئەقىل بولمىسا ساقالنىڭ نېمە ئىشى دېگەن چاغلىرىدا بۇ گەپنى ئەلۋەتتە ھېكمەت بىلەن ئېيتقان. تاپتىن چىقىپ كەتكەن دىنىي چۈشەنچىلەرنىڭ داۋراڭچىلىرىدىن بولماي، بۇرۇنقى ھېكمەتلەرگە قۇلاق سېلىپ قويغان بولساق تۈزۈك ئىش قىلغان بولاتتۇق. مەنىۋىيەت ۋە ئەخلاقنى چۆرىۋېتىپ، ئىدىئولوگىيەگە مەھكەم يېپىشقان دىنىي چۈشەنچە تۈپەيلىدىن ئەسلى غايىمىزنى ئۇنتۇپ قالدۇق. كۆپىنچىمىز ئىدىئولوگىيە تەرەپدارلىرىغا ئايلىنىپ، بىر-بىرىمىزگە ھەيۋە قىلدۇق. Read more
-

شۆھرەت ئويۇنى
پۈتۈن جەمئىيەتنىڭ تەشۋىقاتىغا قارىساڭ شۇ گەپ، ئەگەر تونۇلمىساڭ ياشىغاننىڭ پايدىسى يوق. قىلىۋاتقان ئىشىڭ مۇھىم ئەمەس، تونۇلۇش مۇھىم. ئاتالمىغان ئەردىن ئاتالغان دۆڭ ياخشى، مۇشۇ ئىدىيە ھەممىنى بەربات قىلىۋاتىدۇ. ئەسلىدە قىلىۋاتقان ئىشىمىز ۋە بۇ ئىشتىن ھۇزۇر ئېلىشىمىز مۇھىم ئىدى، تونۇلمساق-تونۇلمىساق كارىيىتى چاغلىق ئىدى. قولىمىزدىن ئىش چىقىشى ۋە بۇ ئىشنى ياخشى كۆرۈپ قىلىشىمىز كېرەك ئىدى. مەسىلىگە توغرا قاراش Read more
-

نوچىلىقنىڭ بەلگىسى (ھېكايە)
– بۈگۈن مەھەللەڭگە كەتمىسەڭ، ئەتە زىباگۈل بىلەن كۆرۈشىسەن،-دېدى ئۇ تاماكىسىنى قىڭغىر چىشلەپ،- كەتسەڭمۇ نېمە ئىش قىلىسەن؟ – بولدىلا، كۆرۈشۈپ نېمە قىلاي. – گېپىڭنى يۈز تۇرانە دېمەمسەن، مۇشۇنداقلا بولدى قىلامسەن؟ – نېمە دەيمەن، ئىشقىلىپ ئۇ مېنى ياراتمايدۇ. – ياراتمايدىغىنىنى بىلگەن ئادەم نېمىشقا خەت يازغان؟ خېتىڭنى ئۆزەڭ ئاپىرىپ بېرەلمەي مېنى ئىشقا سالدىڭ. ھېكايىدەك ئۇزۇن يېزىۋەتكەن خېتىڭغا نېمىلەرنى Read more
-

ئادەتلىنىش ۋە قۇللۇق
ھەر قانداق ھەرىكەت ۋە خىيال تەكرارلىنىدۇ. بۇلارغا كۈچ-قۇۋۋىتىڭنى سەرپ قىلىسەن. نەتىجىدە بۇ سېنىڭ ئادىتىڭگە ئايلىنىدۇ. بىر ئىشلارنى قىلىسەن، ئەمما بۇ ئىشلارنى مۇستەقىل روھ بىلەن ئەمەس، بەلكى ئادەتلىنىپ قالغىنىڭ ئۈچۈن قىلىسەن. ئادەتلىنىپ قېلىش ئىككىنچى مىجەزدۇر، مەسىلەن، بەڭگىلەرنىڭ تاماكا چېكىشى ئىككىنچى مىجەزگە ئايلانغان ئادەتنىڭ بىر ئالامىتىدۇر. ئەگەر بىر ئىشقا بەكلا ئادەتلىنىپ قالساڭ، بۇ سېنىڭ بىرىنچى مىجەزىڭگە ئايلىنىپ Read more

