جورج ئورۋېل (George Orwell) — 20-ئەسىردىكى ئەڭ داڭلىق ۋە تەسىر كۈچى ئەڭ زور ئىنگلىز يازغۇچىلىرىدىن بىرى. ئۇنىڭ ھەقىقىي ئىسمى ئېرىك ئارتۇر بلېر (Eric Arthur Blair) بولۇپ، «جورج ئورۋېل» تەخەللۇسى بىلەن ئەسەر يازغان.
جورج ئورۋېل 1903-يىلى ھىندىستاننىڭ بېخار ئۆلكىسىدە (ئۇ ۋاقىتتا ئەنگىلىيە مۇستەملىكىسى ئاستىدا ئىدى) دۇنياغا كەلگەن. كېيىن ئاتا-ئانىسى بىلەن بىللە ئەنگلىيەگە قايتىپ كەلگەن ۋە داڭلىق ئېتون ئالىي مەكتىپىدە ئوقۇغان. ياشلىق يىللىرىدا بېرمادا ئىمپېرىيە ساقچى ئەمەلدارى بولۇپ ئىشلىگەن. بۇ مەزگىلدە مۇستەملىكىچىلىك سىستېمىسىنىڭ يەرلىك خەلققە سالغان زۇلۇمى ۋە بۇزغۇنچىلىقلىرىنى بىۋاسىتە كۆرۈپ (بۇ كىتابتىكى «دارغا ئېسىش» دېگەن ماقالىگە قاراڭ)، ئادالەتسىزلىككە بولغان ئۆچمەنلىكى تېخىمۇ كۈچەيگەن.
ئورۋېل ھاياتىدا نۇرغۇن قىيىنچىلىقلارنى باشتىن كەچۈرگەن بولۇپ، بىر مەزگىل لوندون ۋە پارىژ كوچىلىرىدا نامراتلارچە ياشاپ، جەمئىيەتتىكى خارابلىق ۋە تەڭسىزلىكلەرنى ئۆز كۆزى بىلەن كۆرگەن. ئۇ يەنە ئىسپانىيە ئىچكى ئۇرۇشىغا پىدائىي بولۇپ قاتنىشىپ، فاشىزىمغا قارشى كۈرەش قىلغان ۋە شۇ جەرياندا ئېغىر يارىلانغان. ئۇنىڭ ئەدەبىي ۋە سىياسىي قاراشلىرىغا دەل ئۇنىڭ ھايات مۇساپىلىرى ۋە تەجرىبىلىرى چوڭقۇر تەسىر كۆرسەتكەن.
ئورۋېل ئۆزىنىڭ ئۆتكۈر قەلىمى، سەمىمىيىتى ھەمدە جەمئىيەتتىكى ئادالەتسىزلىك، مۇستەبىتلىك، يالغانچىلىق ۋە رادىكال سىياسىي ئېقىملارغا قارشى تۇرۇشى بىلەن پۈتكۈل دۇنياغا تونۇلغان. ئۇ 1950-يىلى 46 يېشىدا كېسەللىك سەۋەبىدىن ۋاپات بولغان.
جورج ئورۋېل دۇنيا ئەدەبىياتىغا ئۆلمەس ئىككى پارچە ئۇلۇغ ئەسەرنى قالدۇرۇپ كەتكەن بولۇپ، بۇلار كىشىلەرنى سىياسىي جەھەتتىن سەگەكلەشتۈرىدىغان ۋە دىكتاتورلۇقنى قاتتىق تەنقىد قىلىدىغان كىلاسسىك رومانلاردۇر:
«ھايۋانلار قورۇقى» (Animal Farm): 1945-يىلى نەشر قىلىنغان بۇ رومان دۇنيادىكى نۇرغۇن تىللارغا، جۈملىدىن ئۇيغۇر تىلىغىمۇ تەرجىمە قىلىنىپ نەشر قىلىنغان. ئەسەردە مۇستەبىت تۈزۈمنىڭ قانداق پەيدا بولغانلىقى سىموۋللۇق ئۇسۇلدا تەسۋىرلەنگەن بولۇپ، بىر فېرمىدىكى ھايۋانلارنىڭ ئىنسانلارنىڭ زۇلۇمىغا قارشى قوزغىلاڭ كۆتۈرۈپ، ئادىل ۋە باراۋەر جەمئىيەت قۇرۇشقا ئۇرۇنغانلىقى، لېكىن ئاخىرىدا رەھبەر شوۋىنىستلارنىڭ (چوشقىلارنىڭ) ئەسلىدىكى زۇلۇمدىنمۇ ئۆتۈپ كەتكەن مۇستەبىت تۈزۈم قۇرغانلىقى بايان قىلىنىدۇ. بۇ ئەسەر مەسەل ئارقىلىق ھەقىقەتنى ئېچىپ بېرىش ۋە ھەجۋى تىلنى ئۇسىتىلىق بىلەن قوللىنىشنىڭ نادىر ئۈلگىسى بولۇپ، شائىر ئابدۇقادىر جالالىدىن بۇ ئەسەرنى ئۇيغۇر تىلىغا ناھايىتى راۋان تەرجىمە قىلغان.
«1984» (Nineteen Eighty-Four): 1949-يىلى يېزىلغان بۇ داڭلىق دىستوپىيەلىك (كەلگۈسىدىكى قاراڭغۇ جەمئىيەتنى ئەكس ئەتتۈرگەن) رومانمۇ ئۇيغۇر تىلىغا تەرجىمە قىلىنغان. روماندا پۈتۈن جەمئىيەتنى ھەر دەقىقىدە كۆزىتىپ تۇرىدىغان «غوجاكا» (Big Brother)، پىكىرنى كونترول قىلىدىغان «پىكىر ساقچىلىرى» ۋە تارىخنى ئۆزگەرتىۋېتىدىغان مۇستەبىت سىستېما ئارقىلىق شەخسىي ئەركىنلىكنىڭ قانداق بوغۇلىدىغانلىقى ئوتتۇرىغا قويۇلغان. بۇ روماندىمۇ ئورۋېلغا خاس تەسەۋۋۇر كۈچى، ئۇستىلىق بىلەن جانلاندۇرۇلغان دىستوپىيەلىك مۇھىت، ھەجۋى تىل، ئۆتكۈر مەسخىرە، كۈچلۈك ئاگاھلاندۇرۇش، ئالدىن كۆرەرلىك ئەكس ئەتكەن. (بۇ كىتابتىكى «غوجاكاڭ سېنى ھەر ۋاقىت كۆزىتىپ تۇرىدۇ» دېگەن ئىبارە بۈگۈنكى كۈندە پۈتۈن دۇنياغا ئورتاق بىر سىياسىي ئىبارە بولۇپ قالغان).
جورج ئورۋېلنىڭ «مەن نېمە ئۈچۈن يازىمەن» ناملىق بۇ ماقالىلەر توپلىمى ئۇنىڭ يازغۇچىلىق ھاياتىدىكى ئۆزگىچە روھىي تەرەققىياتى، سىياسىي قاراشلىرى ۋە تىلغا بولغان كۆز قاراشلىرى ئەكس ئەتكەن مەشھۇر كىتابىدۇر. بۇ كىتاب ئورۋېلنىڭ ئەدەبىياتنى پەقەت بىر نەپىس سەنئەت سۈپىتىدىلا ئەمەس، بەلكى جەمئىيەتتىكى ئادالەتسىزلىكلەرگە قارشى تۇرىدىغان، ھەقىقەتنى يورۇتۇپ بېرىدىغان ۋە سىياسىي ئالدامچىلىقلارنى פاش قىلىدىغان كۈچلۈك قورال سۈپىتىدە قانداق چۈشەنگەنلىكىنى ئوتتۇرىغا قويىدۇ.
ئورۋېل بۇ كىتابتا ئۆزىنىڭ يازغۇچى بولۇش يولىنى، قەلەم تۇتۇشىغا تۈرتكە بولغان ئاساسلىق سەۋەبلەرنى ۋە ئەدەبىياتنىڭ جەمئىيەت ئالدىدىكى مەسئۇلىيىتىنى ناھايىتى سەمىمىي ۋە ئۆتكۈر تىل بىلەن بايان قىلىدۇ. بولۇپمۇ ئۇنىڭ تىلنى سىياسىي قورال سۈپىتىدە بۇرمىلايدىغانلارغا قارشى ئوتتۇرىغا قويغان قائىدىلىرى ۋە تەنقىدىي قاراشلىرى بۈگۈنكى كۈندىمۇ ئۆز قىممىتىنى ھەرگىز يوقاتمىغان بولۇپ، ھەر بىر يازغۇچى، مۇخبىر ۋە ئەركىنلىككە ئىنتىلگۈچىلەر ئۈچۈن ئۆگىنىشكە تېگىشلىك كاتتا قوللانمىدۇر.
بۇ ئەسەر ئوقۇرمەنلەرنى سىياسىي نۇتۇقلارنىڭ ئارقىسىدىكى يالغانچىلىقلارنى پەرق ئېتىشكە، تىلنى ساپ ۋە سەمىمىي ئىشلىتىشكە، شۇنداقلا ھەقىقەت ئۈچۈن ئورنىدىن تۇرىدىغان ئىسيانكار روھنى تىكلەشكە چاقىرىدۇ.
ئوقۇرمەنلەرنىڭ بۇ كىتابنى تېخىمۇ ياخشى چۈشىنىشى ئۈچۈن يەر ناملىرى، شەخسلەر، تارىخىي ۋەقەلەر، گېزىت-ژۇرناللار ئومۇمەن ئىزاھات بېرىشكە تېگىشلىك يەرلەرنىڭ ھەممىسىگە ئىزاھات بەردىم، بۇ ئىزاھاتلار كۆپلىگەن ئۇچۇر-مەلۇماتلارنى ئۆز ئىچىگە ئلىدۇ
كىتابنى بۇ يەردىن بىۋاسىتە ئوقۇشقىمۇ، چۈشۈرۈپ ئوقۇشقىمۇ بولىدۇ:

جاۋاب يېزىش