سۈنئىي ئەقىل غەۋغاسى، بايلىق ۋە كۈچ تالىشىش كىرزىسى

Digital billboard showing 'MARKET CRASH' with stock index declines on city street at dusk

يېقىندا ئەنگىلىيەدىكى «داڭلىقلار بىلەن سۆھبەت» پروگراممىسىغا قېتىلغان مىلياردېر مەبلەغ سالغۇچى جېرېمىي گرانخام (Jeremy Grantham) پۇل-مۇئامىلە بازىرى، سۈنئىي ئەقىل (AI) كۆپۈكىنىڭ خەۋپ-خەتىرى، مۇھىت مەسىلىلىرى ۋە جەمئىيەت يۈزلىنىشى ھەققىدە كۆز قاراشلىرىنى بايان قىلدى.

پۇل-مۇئامىلە بازىرى

ئۇ پۇل-مۇئامىلە بازىرى، بولۇپمۇ پاي چېكى بازىرى ھەققىدە توختالغاندا، ئۇ ئادەتتىكى كىشىلەرگە نۆۋەتتە ئامېرىكا پاي چېكى ۋە S&P 500 دىن يىراق تۇرۇشنى تەۋسىيە قىلدى. ئۇنىڭ ئورنىغا، ئامېرىكىدىن باشقا رايونلارنىڭ پاي چېكى كۆرسەتكۈچى، قىممەتلىك مېتاللار، بەلگىلىك مىقداردا ئۆي-مۈلۈك ۋە زايوملارنى ئاساس قىلغان مەبلەغ سېلىشنى تەكلىپ قىلدى.

ئۇنىڭ ئەسكەرتىشىچە، چوڭ مەبلەغ سېلىش شىركەتلىرى كىشىلەرنى دائىم ئۈمىدۋار بولۇشقا يېتەكلەيدىكەن، ئەمما بازار ۋەيران بولۇش ئالدىدا تۇرغاندا مەبلەغ سالغۇچىلارنى ئاگاھلاندۇرمايدىكەن.

ئۇ پۇل-مۇئامىلە مۇتەخەسسىسلىرىگە قارىغۇلارچە ئىشىنىپ كەتمەسلىكنى تەكىتلىدى. ئۇنىڭ قارىشىچە، چوڭ مەبلەغ سېلىش شىركەتلىرى خېرىدارلارنىڭ مەنپەئەتىدىن بەكرەك ئۆزلىرىنىڭ سودا قۇرۇلمىسىغا باغلانغان. مۇتەخەسسىسلەرنىڭ سىزنى ئىقتىسادىي كۆپۈك يېرىلىشتىن بۇرۇن ئاگاھلاندۇرالمايدىغانلىقىدىكى سەۋەب:

بىرىنچىدىن، مەنپەئەتنىڭ ماس كەلمەسلىكى (Incentive Misalignment): چوڭ ئاپپاراتلار ئۆزلىرىنىڭ سودا ئەندىزىسىنىڭ چەكلىمىسىگە ئۇچرايدۇ. خېرىدارلارغا «بازاردىن چېكىنىش» نى تەۋسىيە قىلىش كۆپىنچە «ناچار سودا» دەپ قارىلىدۇ، چۈنكى بۇ باشقۇرۇش ھەققى ۋە خېرىدارلارنىڭ يوقىلىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ. شۇڭا، گەرچە سانلىق مەلۇماتلار يۇقىرى خەۋپنى كۆرسىتىپ تۇرسىمۇ، بۇ شىركەتلەر پات ئارىدا يۈز بېرىدىغان ۋەيران بولۇش ھەققىدە ئاگاھلاندۇرۇش بەرمەيدۇ.

ئىككىنچىدىن، كەسىپ خەۋپى (Career Risk): گرانخام مەبلەغ سېلىش كەسپىنىڭ ئاساسلىقى «كەسىپ خەۋپى» تەرىپىدىن يېتەكلىنىدىغانلىقىنى چۈشەندۈرىدۇ. كەسىپ ئەھلىلىرى ئۆزلىرىنىڭ ئانالىزىغا ئاساسەن ھەرىكەت قىلىشتىن كۆرە، كۆپچىلىككە ئەگىشىشكە ئۈندىلىدۇ. چۈنكى كۆپچىلىك ئۈمىدۋار بولۇۋاتقاندا، ئوتتۇرىغا خاتا چىقىپ قالسا، باشقىلار بىلەن بىللە خاتالىشىشقا قارىغاندا تېخىمۇ ئېغىر جازالىنىدۇ.

ئۈچىنچىدىن، پىسخولوگىيەلىك بىر تەرەپلىمىلىك (Psychological Bias): مۇتەخەسسىسلەرمۇ باشقىلارغا ئوخشاشلا بىر تەرەپلىمە قاراشقا ۋە ئۈمىدۋارلىققا مايىل كېلىدۇ. ئىقتىسادىي كۆپۈك مەزگىلىدە ئۇلارمۇ ھۆكۈم قىلىش ئىقتىدارىنى غەپلەتتە قويىدىغان بازار كەيپىياتى ۋە «ئۆسۈش بازىرى» (bull market) كەيپىياتىنىڭ تەسىرىگە ئۇچرايدۇ.

تۆتىنچىدىن، ئۈنۈم خام خىيالى (The Illusion of Efficiency): ئەنئەنىۋى «ئۈنۈملۈك بازار» قارىشى (يەنى مۇتەخەسسىسلەر بازارنى توغرا مۆلچەرلىيەلەيدۇ دېگەن قاراش) گرانخامنىڭ نەزەرىدە پۈتۈنلەي بىمەنىلىكتۇر. پاي چېكى باھاسى قانداقتۇر ئىقتىساد نەزەرىيىسى، لوگىكىلىق ھۆكۈم، ئۇزۇن مۇددەتلىك مۆلچەرلەر بىلەن ئەمەس، بەلكى پىسخولوگىيە ۋە ھەرىكەت ئەندىزىسى تەرىپىدىن بەلگىلىنىدۇ.

ئامېرىكا پاي چېكى چۈشۈپ كېتىشى مۇمكىن

گرانخام تارىخىي مىساللار ئارقىلىق نۆۋەتتىكى يۇقىرىغا ئۆرلەۋاتقان بازارنىڭ ئەمەلىيەتتە قانچىلىك ئاجىز ئىكەنلىكىنى ئوتتۇرىغا قويدى.

ئۇ نۆۋەتتىكى، بولۇپمۇ تېخنىكا ۋە سۈنئىي ئەقىل (AI) نى ئاساس قىلغان پاي چەكلەر يېتەكچىلىك قىلىۋاتقان بازارنىڭ زور دەرىجىدە تۆۋەنلەش خەۋپىگە دۇچ كېلىۋاتقانلىقىنى ئاگاھلاندۇردى. بۇ خۇددى 2000-يىلىدىكى تېخنىكا كۆپۈكى يېرىلغاندا NASDAQ كۆرسەتكۈچىنىڭ %82 چۈشۈپ كېتىشى ياكى 1989-يىلىدىكى ياپونىيە بازىرىنىڭ ئۇزۇن مۇددەتلىك ۋەيران بولۇشىغا ئوخشايدىكەن.

ئۇ ئامېرىكا پاي چېكىنىڭ مۆلچەر قىممىتىنىڭ ئېغىر دەرىجىدە ئېشىپ كەتكەنلىكىنى ۋە نۆۋەتتىكى بازارنىڭ 2000-يىلىدىكىدىنمۇ يۇقىرى باھادا تۇرۇۋاتقانلىقىنى تەكىتلىدى. شۇڭلاشقا، كەلگۈسى 5 يىلدىن 10 يىلغىچە ئامېرىكا پاي چېكى قىممىتى زور دەرىجىدە چۈشۈشى مۇمكىن ئىكەن.

ئۇ يەنە يېقىندا ھەممە ئادەم ئېلىشقا ئالدىراپ كەتكەن SpaceX پاي چېكىگە قارىتا كۈچلۈك گۇمانىنى ئىپادىلەپ، ئۇنىڭ قىممىتى بەك كۆپتۈرۈلدى، ئادەملەرمۇ ئۇنىڭغا ئىشەندى ۋە قارىغۇلارچە ئەگەشتى، دېدى. دېمەك، ئادەملەر بۇرۇن ئەپسانە-رىۋايەتلەرگە قانداق ئىشەنگەن بولسا، ھازىرمۇ زامانىۋى ئەپسانىلەرگە شۇنچە ئاسان ئىشىنىدۇ. ئۇ يەنە رەقەملىك پۇللارنى پۈتۈنلەي ئەخلەت، بىر تۈركۈم ئادەملەرنىڭ خەقنىڭ يانچۇقىنى كوملاش ئويۇنى دېدى،  بىت تەڭگىسىنى (Bitcoin) بولسا «ھېچقانداق زۆرۈرىيىتى يوق بىمەنە نەرسە» دەپ رەت قىلدى ۋە ئاخىرىدا ئۇنىڭ نۆلگە ئايلىنىدىغانلىقىنى ئېيتتى.

شۇڭا ئۇ مەبلەغ سالغۇچىلارغا ئامېرىكىدىن باشقا رايونلارنىڭ پاي چېكىگە دىققەت قىلىشنى تەۋسىيە قىلىدۇ. چۈنكى بۇ بازارلارنىڭ باھاسى كۆپ ئەرزان بولۇپ، تارىختىن قارىغاندا ئامېرىكا بازىرىدىن ئېشىپ چۈشىدىغان يوشۇرۇن كۈچكە ئىگە.

قىسقىسى، گرانخامنىڭ نەسىھىتى ئىنتايىن ئېنىق: نۆۋەتتىكى قىزىپ كەتكەن ئامېرىكا بازىرىدىكى خىيالىي پايدىغا ئالدانماي، قىممىتى تېخى تولۇق قېزىلمىغان، تېخىمۇ بىخەتەر بولغان خەلقئارا بازارلارغا يۈزلىنىش ئەڭ ئاقىلانە تاللاشتۇر.

سۈنئىي ئەقىلگە مەبلەغ سېلىش رىقابىتى

گرانخام نۆۋەتتىكى سۈنئىي ئەقىل قىزغىنلىقىنى ئامېرىكا تارىخىدىكى ئەڭ چوڭ مەبلەغ سېلىش كۆپۈكى دەپ ئاگاھلاندۇردى  ۋە ئۇنى ئۆتمۈشتىكى تارىخىي كۆپۈكلەرگە، مەسىلەن 2000-يىللاردا كۆرۈلگەن ئىنتېرنېت تېخنىكىسى كۆپۈكىگە سېلىشتۇردى. ئۇ قىزىپ كەتكەن پاي چەكلەردە كۆرۈنەرلىك بازار تەڭشىلىشى بولىدىغانلىقىنى، ھەتتا 70 پىرسەنتكىچە تۆۋەنلەپ كېتىش ئېھتىماللىقى بارلىقىنى مۆلچەرلىدى.

گرانخامنىڭ بىلدۈرۈشىچە، يەتتە چوڭ شىركەت (Alphabet, Nvidia, Tesla, Microsoft, Meta, Apple ۋە Amazon) نىڭ سۈنئىي ئەقىلنى تەرەققىي قىلدۇرۇشقا غايەت زور مەبلەغ سېلىشى ئۇلارنىڭ ئىلگىرىكى تىنچ ھەمكارلىق ۋە مونوپوللۇق ۋەزىيىتىنى پۈتۈنلەي بۇزۇپ تاشلىدى. بۇ شىركەتلەر ئەمدىلىكتە ئۆز ئالدىغا پادىشاھ بولۇپ تۇرىدىغان ھالەتتىن ھالقىپ، مىسلى كۆرۈلمىگەن دەرىجىدە رەھىمسىز بىر رىقابەت مەيدانىغا كىرىپ قالدى.

Server racks with glowing blue neural link connections and a technician walking

تارىخقا نەزەر سالساق، بۇ يەتتە شىركەت ئىلگىرى ئۆزلىرىگە تەۋە ئايرىم بازارلاردا ئۈنۈملۈك مونوپول گەۋدە سۈپىتىدە ھۆكۈمرانلىق قىلىپ كەلگەن (مەسىلەن، Google ئىزدەش ماتورىدا، Apple ئەقلىي ئىقتىدارلىق تېلېفوندا، Microsoft يۇمشاق دېتالدا). ئەمما سۈنئىي ئەقىل (AI) دەۋرىدە، ئۇلار ئەمدى ئۆز ئالدىغا ئايرىم يولدا ماڭمايدۇ؛ ئۇلارنىڭ ھەممىسى ئوخشاش بىر بازاردا جەڭ قىلىش ئۈچۈن قوراللىنىپ، بىر-بىرىگە بىۋاسىتە جەڭ ئېلان قىلماقتا.

بۇ شىركەتلەر ئۆزئارا كۈچ كۆرسىتىدىغان قوراللىنىش مۇسابىقىسىگە كىرىپ قالغان بولۇپ، غايەت زور نەق پۇلىنى(ھەمدە كۈنسېرى كۆپىيىۋاتقان قەرز مەبلىغىنى ) AI ئۇل ئەسلىھەلىرىگە خەجلىمەكتە. گرانخام ئۇلارنىڭ مەبلەغ سېلىشتا بىر-بىرىدىن ئېشىپ چۈشۈشكە ئۇرۇنۇپ رىقابەتلىشىۋاتقانلىقىنى، بىر شىركەتنىڭ غايەت زور مەبلىغى يەنە بىر شىركەتنى بېسىپ چۈشۈپ، يۇقىرى خەۋپ-خەتەرلىك ۋە رەھىمسىز پۇل-مۇئامىلە مۇھىتىنى يارىتىۋاتقانلىقىنى تەكىتلىدى.

بۇ رىقابەتچىلەر ئارىسىدا AI كەسپىدە ئاخىرىدا پەقەت بىرلا چوڭ شىركەت ھايات قالىدۇ، بارلىق مۇكاپات ۋە پايدىنى ئەڭ ئاۋۋال ھۆكۈمرانلىق ئورنىغا يەتكەن شىركەت ئالىدۇ، دېگەن ئومۇمىي قاراش مەۋجۇت. بۇ خىل قاراش ئۇلارنى ھەر قانداق بەدەل تۆلەپ بولسىمۇ غەلىبە قىلىش ئۈچۈن «قەبىھ» كۈرەشكە مەجبۇرلىغان بولۇپ، بۇ تەبىئىي ھالدا مەبلەغ سېلىش كۆپۈكى پەيدا قىلىدۇ.

سۈنئىي ئەقىل ئادەم كۈچىنىڭ ئورنىنى ئالالامدۇ؟

ماشىنا ئادەم، سۈنئىي ئىدراك (AI) ۋە ماشىنىلىشىشنىڭ ئىنسانلار ئەمگىكىگە كۆرسىتىدىغان تەسىرى مۇرەككەپ بىر جەريان بولۇپ، ئۇ ئاددىيغىنا «ئورنىنى ئېلىش» ئەمەس، بەلكى خىزمەت رولىنى زور دەرىجىدە قايتا شەكىللەندۈرۈشتۇر. گرانخامنىڭ قارىشىچە، بەزى خىزمەتلەر يوقىلىش خەۋپىگە دۇچ كەلسىمۇ، تېخىمۇ كۆپ خىزمەتلەر تېخنىكا ئارقىلىق كۈچەيتىلىدۇ. شۇڭا، خىزمەتچىلەرنىڭ يېڭى ۋەزىپىلەرگە ماسلىشىشى ئۈچۈن مەلۇم بىر ئۆتكۈنچى مەزگىلگە موھتاج بولىمىز.

نۆۋەتتىكى تەتقىقاتلار شۇنى كۆرسىتىدۇكى، كەلگۈسى بىر قانچە يىل ئىچىدە ئامېرىكىدىكى تەخمىنەن %50 تىن %55 كىچە بولغان خىزمەتلەر پۈتۈنلەي يوقىلىپ كەتمەيدۇ، بەلكى AI تەرىپىدىن قايتا شەكىللەندۈرۈلىدۇ.

ئاجىز كەسىپلەر (Vulnerable Sectors): قولغا تايىنىدىغان ۋە تەكرارلىنىدىغان زېرىكىشلىك خىزمەتلەر ئەڭ يۇقىرى خەۋپكە دۇچ كېلىدۇ. ئاساسلىق ساھەلەر تۆۋەندىكىلەرنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ:

مەمۇرىيەت ۋە ئارقا سەپ (Administration and Back Office): سانلىق مەلۇمات كىرگۈزۈش، كاتىباتلىق خىزمىتى، شۇنداقلا پروگرامما تۈزۈش قاتارلىق تېخنىكىلىق ۋەزىپىلەر.

خېرىدارلار مۇلازىمىتى ۋە سېتىش (Customer Service and Sales): بۇ ئالدىنقى سەپتىكى خىزمەتلەر يارىتىشچان AI ئاپتوماتلاشتۇرۇشىنىڭ خىرىسىغا ئۇچرايدۇ.

ياساش ۋە قاتناش-تىرانسپورت (Manufacturing and Transportation): ماشىنا ئادەم ۋە ئاپتوماتلاشتۇرۇش تېخنىكىسىنىڭ تەرەققىياتى ھەر كۈنى بىر ئىشنى تەكرارلايدىغان ئىشچىلارنى بىكارچى قىلىدۇ.

Factory floor divided showing human workforce working manually on one side and AI-driven robotic automation on the other

ئاپتوماتلاشتۇرۇشنىڭ تەسىرىگە بەك ئۇچرىمايدىغان خىزمەتلەر ئادەتتە ماشىنىلار ئاسانلىقچە تەقلىد قىلالمايدىغان ئالاھىدىلىكلەرنى تەلەپ قىلىدۇ. مەسىلەن، ھېسسىيات ئەقىل-پاراسىتى (emotional intelligence)، مۇرەككەپ ئىجتىمائىي ئالاقە، چوڭقۇر ھېسداشلىق ۋە نازۇك تەدبىر بەلگىلەش ئىقتىدارى قاتارلىقلار.

 يەنە بىر جەھەتتىن، سۈنئىي ئەقىل  «قوش رېلىسلىق» ئەمگەك بازىرىنى يارىتىۋاتقان بولۇپ، AI بىلەن بىرلەشتۈرۈلگەن ماھارەتلەرگە بولغان ئېھتىياج تېز سۈرئەتتە ئاشماقتا. بۇ ئىلگىرى مەۋجۇت بولمىغان پۈتۈنلەي يېڭى خىزمەت تۈرلىرىنى يارىتىشى مۇمكىن.

گرانخامنىڭ قارىشىچە، كەلگۈسى بىر قانچە يىلدا  AI قىسقا مۇددەتلىك سۈركىلىش ۋە قىسمەن ئىشسىزلىقنى كەلتۈرۈپ چىقارسىمۇ، ئەمما ئۇزۇن مۇددەتلىك يۈزلىنىش ئىنسانلار بىلەن ماشىنىلارنىڭ ماسلىشىپ ئىشلەيدىغانلىقىنى كۆرسىتىدۇ. بۇ جەرياندا ماھارەتنى ئۆستۈرۈش ۋە ئەمگەك كۈچلىرىنىڭ ماسلىشىشچانلىقىنى ئاشۇرۇش ئىنتايىن مۇھىم.

جەمئىيەت ۋە مۇھىت مەسىلىلىرى

جېرېمىي گرانخام سۆھبەتتە ئوتتۇرىغا قويغان يەنە بىر چوڭقۇر پىكىر «ئاممىۋى بايلىق پاجىئەسى» (Tragedy of the commons) ئۇقۇمىدۇر. ئۇ بۇ كلاسسىك ئىقتىساد نەزەرىيەسى ئارقىلىق، شەخسىي مەنپەئەتنى قوغلىشىشنىڭ ئاخىرى بېرىپ ئورتاق مەنپەئەتنى قانداق ۋەيران قىلىدىغانلىقىنى چۈشەندۈرىدۇ ۋە ئۇنى نۆۋەتتىكى مۇھىت، نوپۇس ۋە كاپىتالىزم كىرىزىسىگە تەتبىقلايدۇ.

گرانخامنىڭ چۈشەندۈرۈشىچە، بۇ ئۇقۇم شەخسلەرنىڭ پەقەت ئۆز مەنپەئەتىنىلا كۆزلەپ ھەرىكەت قىلىشى نەتىجىسىدە، ئورتاق بەھرىمەن بولىدىغان بايلىقنىڭ خورىشىنى ۋە ئاخىرىدا پۈتكۈل كوللېكتىپقا زىيان يېتىدىغان ئەھۋالنى كۆرسىتىدۇ.

ئۇ بۇنى چۈشەندۈرۈش ئۈچۈن بىر مىسالنى كەلتۈرىدۇ: ئەگەر ھەر بىر پادىچى ئۆز پايدىسىنى كۆپەيتىش ئۈچۈن ئوتلاق سىغدۇرالايدىغان چەكتىن ئاشۇرۇپ كۆپ قوي باقسا، ئاخىرىدا ئوت-چۆپلەر پۈتۈنلەي ۋەيران بولۇپ، ھەممە ئادەم زىيان تارتىدۇ.

گرانخام بۇ ئۇقۇمنى بۈگۈنكى كۈندىكى بىر قانچە ھالقىلىق ئىجتىمائىي ۋە مۇھىت مەسىلىلىرىگە بىۋاسىتە باغلايدۇ:

بىرىنچىسى، مۇھىت ئاسراش مەسئۇلىيىتى. ئۇ پاكىز ھاۋا، پاكىز سۇ ۋە مۇنبەت تۇپراق قاتارلىق تەبىئىي بايلىقلارنى ئاممىۋى بايلىقنىڭ بىر قىسمى دەپ قارايدۇ. ئۇلار پەقەتلا شەخسىي مەنپەئەت ئۈچۈن خالىغانچە سۈيىئىستېمال قىلىدىغان نەرسە ئەمەس، بەلكى پۈتكۈل ئىنسانىيەت كوللېكتىپ مەسئۇلىيەت تۇيغۇسى بىلەن قوغداشقا تېگىشلىك قىممەتلىك مىراستۇر،

Left side shows green hills with wind turbines and solar panels; right side shows industrial plant with smoke and pollution

ئىككىنچىسى، نوپۇس ۋە ئەۋلاد قالدۇرۇش: گرانخام ھەر بىر ئائىلىنىڭ 2.1 نەپەر ساغلام، ياخشى تەربىيەلەنگەن پەرزەنت كۆرۈشىنى جەمئىيەتنىڭ نوپۇس مۇقىملىقىنى ساقلاشتىكى ھالقىلىق ئاممىۋى بايلىق دەپ ئاتايدۇ. ئۇ ئاگاھلاندۇرۇپ مۇنداق دەيدۇ: ئەگەر جەمئىيەت پەرزەنت تەربىيەلەشنى كوللېكتىپ مەسئۇلىيەت دەپ قارىماي ئۇنىڭغا سەل قارىسا، نوپۇس شىددەت بىلەن ئازىيىپ، ئاخىرىدا سىستېمىلىق ۋەيران بولۇش كېلىپ چىقىدۇ.

گرانخام ئىسپېرما سانى ۋە تۇغۇش نىسبىتىنىڭ تۆۋەنلەۋاتقانلىقىغا ئائىت كىشىنى چۆچۈتىدىغان سانلىق مەلۇماتلارنى بەردى ۋە بۇ يۈزلىنىشنى مۇھىتىمىزدىكى خىمىيەلىك زەھەرلىك ماددىلار، سۇلياۋ بۇيۇملار ۋە دېھقانچىلىق دورىلىرى بىلەن مۇناسىۋەتلىك دەپ قارىدى. ئۇ ئامېرىكىنىڭ ئىستېمال بۇيۇملىرىدىكى خىمىيەلىك ماددىلارنى باشقۇرۇش بەلگىلىمىلىرىنىڭ ياۋروپا ئىتتىپاقىغا سېلىشتۇرغاندا كۆرۈنەرلىك دەرىجىدە بوش ئىكەنلىكىنى تەكىتلىدى. ئۇ سالامەتلىك ئۈچۈن، بولۇپمۇ ھامىلىدار ئاياللارنىڭ بۇ خىمىيەلىك ماددىلار بىلەن ئۇچرىشىشىنى ئەڭ تۆۋەن چەككە چۈشۈرۈشنىڭ ئىنتايىن مۇھىملىقىنى ئاگاھلاندۇردى.

ئۇ يۇقىرىقى كوللېكتىپ ئېھتىياجلارنى «رەھىمسىزلەرچە ئۈنۈملۈك» بولغان نۆۋەتتىكى كاپىتالىزم سىستېمىسى بىلەن سېلىشتۇرىدۇ. ئۇنىڭ قارىشىچە، كاپىتالىزم جەمئىيەتنىڭ ئومۇمىي پاراۋانلىقى ۋە پەرزەنت تەربىيەلەشتەك ئۇزۇن مۇددەتلىك مەبلەغ سېلىشقا سەل قاراپ، پەقەتلا پۇل تېپىش، بايلىق يارىتىش ۋە شەخسىي پايدىغا ھەددىدىن زىيادە بېرىلىپ كېتىدۇ.

گرانخام  بۈگۈن ئامېرىكىدىكى ئىجتىمائىي كېلىشىم (Social Contract) نىڭ بۇزۇلۇۋاتقانلىقىدىن ئەندىشە قىلىدىغانلىقىنى ئىپادىلىدى. ئۇ بايلىق تەڭسىزلىكى ۋە ئىقتىسادىي بېسىم تۈپەيلىدىن ئادەتتىكى كىشىلەرنىڭ ئالدىنقى ئەۋلاد كىشىلەرگە قارىغاندا ناچار ياشاۋاتقانلىقىنى كۆرسەتتى.

بۇ پاجىئەدىن قۇتۇلۇشنىڭ ئاچقۇچى ( مەيلى تەبىئەتتە بولسۇن ياكى جەمئىيەتتە بولسۇن) ھەر بىر شەخس ياكى كوللېكتىپ ئورۇن پەقەت ئۆز مەنپەئەتىنىلا ئەمەس، بەلكى ئۆزى ياشاۋاتقان تەبىئەت ۋە جەمئىيەتنىڭ ئۇزۇن مۇددەتلىك ساغلاملىقىنى قوغداشقا ئەھمىيەت بېرىشى، ئەڭ ئالدى بىلەن بۇ ئاڭنى يېتىلدۈرۈشى كېرەك.

Leave a Reply

Discover more from ئەرتۈرك ئەسەرلىرى

Subscribe now to keep reading and get access to the full archive.

Continue reading