دىن پەلسەپەسىنىڭ ئاساسىي ئوقۇملىرى ۋە تارىخىي تەرەققىياتى

1. كىرىش

دىن پەلسەپىسى دىننىڭ تەبىئىتى، مەۋجۇتلۇقى، ئېتىقاد سىستېمىلىرى ۋە ئەخلاقىي پرىنسىپلىرى ھەققىدە چوڭقۇر ئويلىنىشنى تەلەپ قىلىدىغان بىر پەن. بۇ ساھەدىكى تەتقىقاتلار پەقەت ئېتىقادلارنىڭ مەنتىقلىق يا ئەمەسلىكىنى سوراشتىنلا ئىبارەت بولماي، بەلكى دىننىڭ ئىنسان تۇرمۇشىدىكى ئورنى ۋە مەنىسىنىمۇ تەتقىق قىلىدۇ. دىن پەلسەپىسى تارىخ بويى نۇرغۇن پەلسەپىۋى ئېقىم ۋە ئىدىيە بىلەن ئۆز-ئارا تەسىر ئىچىدە تەرەققىي قىلغان. قەدىمكى دەۋرلەردىن بۈگۈنگىچە، ھەر خىل مەدەنىيەت ۋە پەيلاسوپلار دىن بىلەن ئىنسان تەجرىبىسى ئارىسىدىكى مۇناسىۋەتنى چۈشىنىشكە تىرىشقان. بۇ جەھەتتىن ئېيتقاندا، دىن پەلسەپىسىنىڭ ئاساسىي ئۇقۇملىرى ۋە تارىخىي ئۆزگىرىشى ئىنساننىڭ مەۋجۇتلۇق ھەققىدىكى سوئاللىرىغا جاۋاب بەرگەن ئاساستا، دىننىڭ جەمئىيەت ئىچىدىكى رولىنى چوڭقۇر تەھلىل قىلىشنى مەقسەت قىلىدۇ.

2. دىن پەلسەپىسى دېگەن نېمە؟

دىن پەلسەپىسى دىننىڭ تەبىئىتىنى، ئېتىقاد سىستېمىلىرىنى، دىنىي تەجرىبىلەرنى ھەمدە دىنلارنىڭ مەۋجۇدىي، ئەخلاقىي ۋە ئونتولوگىيەلىك تەرەپلىرىنى تەتقىق قىلىدىغان بىر پەلسەپە تارمىقىدۇر. بۇ پەن دىننىڭ ئىنسان تۇرمۇشىدىكى رولى ۋە تەسىرلىرىنى تەھلىل قىلىش ئارقىلىق، خۇدانىڭ مەۋجۇتلۇقى، ئەخلاقىي قىممەتلەرنىڭ مەنبەسى، ئىنساننىڭ مەۋجۇتلۇق مەقسىتى قاتارلىق ئاساسىي سوئاللارغا جاۋاب ئىزدەيدۇ. دىن پەلسەپىسى ھەر خىل دىنلار ۋە ئېتىقاد سىستېمىلىرى ئارىسىدا سېلىشتۇرۇش ئېلىپ بېرىش ئارقىلىق، دىنلارنىڭ ئورتاق نۇقتىلىرى ۋە پەرقلىرىنى ئوچۇق كۆرسىتىدۇ. شۇنداق قىلىش ئارقىلىق، دىننىڭ شەخس ۋە جەمئىيەت ئۈستىدىكى تەسىرلىرىنى چۈشىنىشكە،  دىن بىلەن ئىلىم، ئەخلاق بىلەن جەمئىيەتنىڭ كېسىشىش نۇقتىلىرىنى تەتقىق قىلىشقا تۆھپە قوشىدۇ.

2.1. دىن بىلەن پەلسەپە ئارىسىدىكى مۇناسىۋەت

دىن بىلەن پەلسەپە ئارىسىدىكى مۇناسىۋەت مۇرەككەپ ۋە كۆپ تەرەپلىك. دىن ئېتىقادقا ئاساسلانغان بىر ئەمەلىيەت بولۇپ، روھىي تەجرىبىلەر، دوگمىلار ۋە رىتۇئاللارنى (ئادەت شەكىللىك پائالىيەت ۋە مۇراسىملارنى)  ئۆز ئىچىگە ئالغان؛ پەلسەپە بولسا ئەقىل يۈرگۈزۈش، تەنقىدىي ئويلاش ۋە مەنتىق ئۈستىگە قۇرۇلغان. بۇ ئىككى ساھە ئىنساننىڭ ۋۇجۇدىغا دائىر سوئاللارنى جاۋابلاش ئۈچۈن بىر يەرگە كېلىدۇ. پەلسەپە دىننىڭ تەلىملىرىگە تەنقىدىي پىكىر يۈرگۈزۈش ئارقىلىق، ئېتىقادلارنىڭ مەنتىقىي ئاساسلىرىنى تەكشۈرىدۇ، شۇنداقلا دىننىڭ ئېتىك، ئەخلاقىي تەرەپلىرى  ۋە مەۋجۇتلۇق سەۋەبلىرىنى باھالايدۇ. يەنە بىر تەرەپتىن، دىن پەلسەپەگە تەسىر كۆرسىتىپ، ئەخلاقىي قىممەتلەر ۋە مەۋجۇتلۇقتىن مەنە ئىزدەشتە پەلسەپەگە چوڭقۇر كۆزقاراشلارنى سۇنىدۇ؛ شۇڭا دىن ۋە پەلسەپە ئارىسىدا دائىملىق ئۆز-ئارا تەسىر مەۋجۇت.

2.2. دىن پەلسەپىسىنىڭ مەقسىتى ۋە ئەھمىيىتى

دىن پەلسەپىسىنىڭ مەقسىتى دىننىڭ ئاساسىي ئۇقۇملىرى ۋە ئېتىقاد سىستېمىلىرىنى تېخىمۇ چوڭقۇر چۈشىنىش ئارقىلىق، ئىنساننىڭ مەۋجۇتلۇق سوئاللىرىغا جاۋاب تېپىش. بۇ ساھە دىننىڭ ئەخلاقىي، ئىجتىمائىي ۋە مەدەنىي تەرەپلىرىنى يورۇتۇپ بېرىدۇ، شۇنداقلا شەخسلەر ۋە جەمئىيەتلەرنىڭ ئېتىقادىي مەسىلىلەرگە تەنقىدىي سوئال قويۇشىغا ئىمكانىيەت يارىتىپ بېرىدۇ.  دىن پەلسەپىسى ھەر خىل دىنلارنىڭ تەلىملىرىنى سېلىشتۇرۇش ئارقىلىق، ئالەمشۇمۇل ئېتىك پرىنسىپلار ۋە ئۇلارنىڭ ئىنسانىيەت تارىخىدىكى رولىنى تەتقىق قىلىدۇ. بۇ تەتقىقاتلار شەخسلەر ۋە جەمئىيەتلەرنىڭ ئۆزلىرىنىڭ مەنىۋىي تۇرمۇشى، مەدەنىي كىملىكى ۋە ئىجتىمائىي پائالىيەتلىرىنى چۈشىنىشىگە ياردەم بېرىدۇ. شۇڭا دىن پەلسەپىسى شەخس ھەم جەمئىيەتكە چوڭقۇر تەسىر كۆرسىتىدۇ.

3. دىن پەلسەپىسىدىكى ئاساسىي ئۇقۇملار

دىن پەلسەپىسىدىكى ئاساسىي ئۇقۇملار دىننىڭ مەنىسى ۋە مەۋجۇتلۇقىنى چۈشىنىش ئۈچۈن تەتقىق قىلىنىدۇ. بۇ ئۇقۇملار ئارىسىدا خۇدا، ئېتىقاد، ئەخلاق ۋە مەۋجۇتلۇق قاتارلىقلار ئورۇن ئالىدۇ. ھەر بىر ئۇقۇم دىننىڭ پەلسەپىۋى تەرىپىنى تەشكىل قىلغان ھالدا، ئېتىقادچى كىشىلەرنىڭ دۇنيانى ئىدراك قىلىش ئۇسۇللىرىنىمۇ شەكىللەندۈرىدۇ. دىن پەلسەپىسى بۇ ئۇقۇملارغا تەنقىدىي پىكىر يۈرگۈزۈش ئارقىلىق دىنىي تەلىملەرنىڭ مەنتىقىسىنى بايقاشقا تىرىشىدۇ. شۇ ئارقىلىق، دىن بىلەن ئىنسان ئارىسىدىكى مۇناسىۋەتنى چوڭقۇر تەكشۈرىدۇ.

3.1. خۇدا

خۇدا – دىن پەلسەپىسىنىڭ مەركىزىدە ئورۇن ئالغان ئەڭ ئاساسىي ئۇقۇملاردىن بىرى. خۇدانىڭ مەۋجۇتلۇقى، سۈپەتلىرى ۋە ئىنسان بىلەن بولغان مۇناسىۋىتى ھەققىدە نۇر غۇن پەلسەپىۋى مۇنازىرە ئېلىپ بېرىلغان. تېئىستىك (دىنىي) ئىدىيەلەردە خۇدا ئادەتتە مۇتلەق كۈچكە ئىگە، ھەممىنى ياراتقۇچى ۋە ھەممە نەرسىنىڭ ئۈستىدىكى بىر بارلىق سۈپىتىدە قوبۇل قىلىنغان؛ ئاتېئىستلار بىلەن ئاگنوستىكلار (بىلگىلى بولماسلىق تەرەپدارلىرى) بولسا خۇدانىڭ مەۋجۇتلۇقىغا گۇمان بىلەن قارىغان. پەيلاسوپلارنىڭ خۇدانىڭ سۈپىتى ھەققىدە ئوتتۇرىغا قويغان دەلىللىرى ئارىسىدا كوزمولوگىيەلىك (كائىناتشۇناسلىق)، تېلېئولوگىيەلىك (دىنشۇناسلىق) ۋە ئونتولوگىيەلىك (مەنبەشۇناسلىق) دەلىللەر ئالدىنقى ئورۇندا تۇرىدۇ. بۇ مۇنازىرىلەر خۇدانىڭ زۆرۈرلۈكى ۋە تەبىئىتى ھەققىدە چوڭقۇر ئويلىنىشنى تەقەززا قىلىدۇ.

3.2. ئېتىقاد

ئېتىقاد—دىن پەلسەپىسىنىڭ مۇھىم ئۇقۇملىرىدىن بىرى بولۇپ، شەخسلەرنىڭ بىر ئېتىقاد سىستېمىسىغا ياكى خۇداغا بولغان ئىشەنچىنى ئىپادىلەيدۇ. ئېتىقاد ئۇقۇمى پەقەت كونكرېت ھەقىقەتلەر بىلەنلا ئەمەس، ئابستراكت قىممەتلەر بىلەنمۇ مۇناسىۋەتلىك. ئېتىقاد دىنىي ئەمەللەر ۋە كوللېكتىپ ئەخلاقنىڭ شەكىللىنىشىدە مۇھىم رول ئوينايدۇ. پەلسەپە جەھەتتىن ، ئېتىقاد بىلەن بىلىم ئارىسىدىكى مۇناسىۋەت دائىم مۇنازىرە قىلىنىدۇ؛ بەزى مۇتەپەككۇرلار ئېتىقادنى مەنتىقىدىن ھالقىغان ئىدىيە دەپ قارايدۇ، بەزىلىرى بولسا ئېتىقادنى بىلىمنىڭ بىر شەكلى سۈپىتىدە كۆرىدۇ. ھەر خىل ئېتىقاد سىستېمىلىرىنىڭ مەۋجۇتلۇقى ئىنساننىڭ ئۆز مەۋجۇتلۇقى ھەققىدىكى سوئاللىرىغا جاۋاب ئىزدەش تىرىشچانلىقىنى ئەكس ئەتتۈرىدۇ.

3.3. ئەخلاق

ئەخلاق دىن پەلسەپىسىدە دىننىڭ ئېتىك تەرىپىنى ئىپادىلەيدىغان بىر ئۇقۇم. دىنلار ئادەتتە مەلۇم ئەخلاقىي پرىنسىپلار ۋە قانۇنلارنى ئوتتۇرىغا قويۇش ئارقىلىق شەخسلەرنىڭ ھەرىكەتلىرىنى بىر ئىزغا سالىدۇ. ئەخلاقنىڭ مەنبەسى مەسىلىسىدە ھەر خىل كۆزقاراشلار بار؛ بەزىلىرى ئەخلاقىي قىممەتلەرنى خۇدا بەلگىلىگەن دەيدۇ ، بەزىلىرى بولسا ئەخلاقنى ئىنسانلار ئۆزى پەيدا قىلغان پىرىنسىپ دەيدۇ. دىن پەلسەپىسى ئەخلاقىي ھەقىقەتلەرنىڭ مەۋجۇتلۇقىنى ۋە بۇلارنىڭ دىن بىلەن مۇئەييەن باغلىنىشى بارلىقىنى كۆرسىتىش ئارقىلىق شەخسلەرنىڭ ئېتىقادىي ئەخلاقىنىڭ شەكىللىنىشىگە تۆھپە قوشىدۇ. بۇ جەھەتتىن، دىن بىلەن ئەخلاق ئارىسىدىكى مۇناسىۋەت ئىنساننىڭ ئەخلاقىي مەسئۇلىيەتلىرىگە چوڭقۇر تەسىر كۆرسىتىدۇ.

3.4. بارلىققا كېلىش ۋە مەۋجۇتلۇق

بارلىققا كېلىش ۋە مەۋجۇتلۇق—دىن  پەلسەپىسىدە چوڭقۇر پەلسەپىۋى مۇنازىرىلەرگە سەۋەب بولغان مۇھىم ئۇقۇمدۇر. مەۋجۇتلۇق– شەيئىلەرنىڭ، خۇدانىڭ ياكى روھلارنىڭ مەۋجۇتلۇقىنى كۆرسەتسە، بارلىققا كېلىش كۆپ ھالدا ئىنساننىڭ بۇ مەۋجۇتلۇق ئىچىدىكى ئورنى ۋە مەنىسىنى سورايدۇ. «بىز نېمىشقا بار بولدۇق»، بۇ مەۋجۇتلۇقىمىزنىڭ مەنىسى نېمە؟ » دېگەندەك ئونتولوگىيەلىك سوئاللاردا بۇلار ئوچۇق  كۆرۈنىدۇ. بەزى دىن پەلسەپەچىلىرى مەۋجۇتلۇق بىلەن خۇدانىڭ مۇناسىۋىتىنى خۇدانىڭ بارلىقىنى ئىسپاتلاش ئۈچۈن ئىشلەتسە، بەزىلىرى مەۋجۇتلۇقنىڭ ئۆزىنى تەتقىق قىلىش ئارقىلىق ئىنساننىڭ ئۆز بارلىقىدىن مەنە ئىزدىشىگە يول كۆرسەتكەن. بۇ ئىككى ئۇقۇمنىڭ بىرلەشمىسى ئىنسانلارنىڭ تۇرمۇشىغا چوڭقۇر تەسىر كۆرسىتىدۇ.

4. دىن پەلسەپىسىنىڭ تارىخىي تەرەققىياتى

دىن پەلسەپىسىنىڭ تارىخى ئىنسانىيەت تارىخىغا ئوخشاشلا ئۇزۇن، ھەر خىل دەۋرلەردە ھەر خىل تەپەككۇر ئۇسۇللىرى بىلەن شەكىللەنگەن. ئالدى بىلەن قەدىمكى دەۋردە، پەيلاسوپلار دىنىي ۋە مېتافىزىكىلىك سوئاللارنى سوراشقا باشلىغان، خۇدانىڭ مەۋجۇتلۇقى، ئەخلاق ۋە ئىنساننىڭ تەبىئىتى ھەققىدە خىلمۇ خىل كۆز قاراشلارنى ئوتتۇرىغا قويغان. ئوتتۇرا ئەسىردە دىننىڭ جەمئىيەتتىكى ئورنى يۇقىرى پەللىگە چىققان بولۇپ،  دىنىي ئىدىيەلەر ۋە روھانىيلار قاتلىمىنى ئاساس قىلغان پەلسەپىۋى چۈشەنچىلەر ئوتتۇرىغا قويۇلغان. مەدەنىيەتنىڭ قايتا گۈللىنىشىدىن كېيىنكى  يېڭى دەۋردە بولسا ئەقىل ۋە تەجرىبىچىلىك ئالدىنقى ئورۇندا بولغان، ئىنسانلار  دىنىي ئېتىقادقا تەنقىدىي كۆز قاراشتا  بولۇشقا باشلىغان ۋە ئۆزىنى ئۆزى ئىدارە قىلىش ئىرادىسى كۈچەيگەن.

4.1. قەدىمكى دەۋردىكى دىن پەلسەپىسى

قەدىمكى دەۋردە دىن پەلسەپىسى يۇنان ۋە رىم مەدەنىيەتلىرىدە ئۆزىنى كۆرسەتكەن. پەيلاسوپلاردىن سوقرات، ئەپلاتۇن ۋە ئارىستۇتىل قاتارلىقلار خۇدانىڭ تەبىئىتى، ئالەمنىڭ مەۋجۇتلۇقى ۋە ئېتىكا ھەققىدە ئاساسىي سوئاللارغا جاۋاب ئىزدىگەن. سوقراتنىڭ ئۇسۇلى بىلەن سوئال سوراش ۋە مۇنازىرە قىلىش شەخسلەرنىڭ ئۆز ئەخلاقىي قىممەتلىرى ۋە ئېتىقادلىرى ھەققىدە سوئال سورىشىغا ئىمكان يارىتىپ بەرگەن. ئەپلاتۇن مەۋجۇتلۇق بىلەن كۆرۈنۈش ئارىسىدىكى پەرققە دىققەت قىلىش ئارقىلىق، ئىدىيال دۇنيا بىلەن كونكرېت دۇنيا ئارىسىدا بىر باغلىنىش قۇرغان. ئارىستۇتىل بولسا خۇدانى ئالەمنىڭ بىرىنچى سەۋەبى سۈپىتىدە تەرىپلەش ئارقىلىق، دىن بىلەن پەلسەپە ئارىسىدىكى مۇناسىۋەتنى تەكشۈرگەن ھەمدە خۇدانىڭ مەۋجۇتلۇقىنى ئەقىل يولى بىلەن ئوچۇق كۆرسەتكەن. بۇ دەۋردە سىستېمىلىق ئويلاشنىڭ ئاساسلىرى سېلىنغان، دىنىي ئېتىقادلار پەلسەپىۋى ئىزدىنىشنىڭ بىر تېمىسى قىلىنغان.

4.2. ئوتتۇرا ئەسىردىكى دىن پەلسەپىسى

ئوتتۇرا ئەسىردىكى دىن پەلسەپىسى خرىستىيان دىنى، ئىسلام دىنى ۋە يەھۇدىي دىنى قاتارلىق ئاساسلىق دىنلارنىڭ تەسىرى ئاستىدا تەرەققىي قىلغان. بۇ دەۋردە دىننىڭ بەلگىلىگۈچى رولى پەلسەپىۋى پىكىرلەرگىمۇ چوڭقۇر تەسىر قىلغان. ئاۋگۇستىنۇس خۇدانىڭ مەۋجۇتلۇقى ۋە ئەخلاقىي قىممەتلەرنىڭ مەنبەسىنى ئېتىقاد ئارقىلىق ئىزاھلىغان، بۇ ئەھۋال ئۇنى خرىستىيان تېئولوگىيەسىنىڭ مۇھىم ۋەكىلى قىلىپ قويغان. ئىسلام دۇنياسىدا بولسا ئىبنى سىنا ۋە ئىبنى رۇشد قاتارلىق پەيلاسوپلار يۇنان پەلسەپىسىنىڭ تەسىرى ئاستىدا دىنىي ۋە پەلسەپىۋى يازمىلارنى شەرھلەش ئارقىلىق، دىن بىلەن ئەقىل ئارىسىدا ئۇيغۇنلۇق يارىتىشقا تىرىشقان. بۇ دەۋردە دىنىي مۇنازىرىلەر پەلسەپىۋى سىستېمىنىڭ تەرەققىي قىلىشىغا سەھنە ھازىرلىغان بولۇپ، دىن پەلسەپىسىنىڭ ئاساسلىرى مۇشۇ دەۋردە تىكلەنگەن.

4.3. مەدەنىيەتنىڭ قايتا گۈللىنىشىدىن كېيىنكى يېڭى دەۋر دىن پەلسەپىسى

ياۋروپادا مەدەنىيەتنىڭ قايتا گۈللىنىشى دەۋرىدە ئوتتۇرىغا چىققان دىنىي ئىسلاھات ۋە ئىلىم-پەننىڭ تەرەققىياتى دىن پەلسەپىسى تارىخىدا ئەڭ ھالقىلىق دەۋرلەردىن بىرى ھېسابلىنىدۇ. ئەقىل، ئىلىم ۋە تەجرىبە ئالدىنقى ئورۇنغا ئۆتكەن بۇ دەۋردە، دىنىي دوگمىلارغا قارشى تەنقىدىي پىكىر يۈرگۈزۈش باشلانغان. دېكارت خۇدانىڭ مەۋجۇتلۇقىنى بىلىم پەلسەپىسى دائىرىسىدە تەتقىق قىلىش ئارقىلىق، «ئويلاۋاتىمەن، شۇڭا بارمەن» ئىپادىسى بىلەن ئەقىلچىلىكنى ئۆگەتكەن. ھوببس ۋە لوك قاتارلىق پەيلاسوپلار تەبىئەت قانۇنلىرى ۋە جەمئىيەت كېلىشىمى نەزەرىيىلىرى ئارقىلىق دىنىي ئېتىقادلارنى قايتا باھالىغان. ئاقارتىش دەۋرى مۇتەپەككۇرلىرى ئىنساننىڭ ئەقىل يۈرگۈزۈش قابىلىيىتىنى ئەڭ يۇقىرى قىممەت سۈپىتىدە قاراش ئارقىلىق، دىننىڭ شەخسىي ئەركىنلىك ئۈستىدىكى تەسىرلىرىنى مۇنازىرە قىلغان. بۇ دەۋردە دىن پەلسەپىسى ئەقىل بىلەن ئىلىم ئارىسىدىكى مۇناسىۋەتنى تەھلىل قىلىش ئارقىلىق، زامانىۋى پەلسەپەنىڭ ئۇلىنى سېلىشقا ھەسسە قوشقان.

5. دىن پەلسەپىسىنىڭ ئاساسلىق ئېقىملىرى

دىن پەلسەپىسىنىڭ ئاساسلىق ئېقىملىرى ئېتىقاد سىستېمىلىرىنىڭ ئونتولوگىيەلىك (مەنبەشۇناسلىق)، ئېپىستېمولوگىيەلىك (بىلىم نەزەرىيىسى) ۋە ئەخلاقىي تەرەپلىرىنى چۈشىنىش ئۈچۈن مۇھىم كۆزنەك ھېسابلىنىدۇ. بۇ ئېقىملار دىننىڭ مەۋجۇتلۇقى ۋە تەبىئىتىگە دائىر ھەر خىل كۆزقاراشلارنى ئوتتۇرىغا قويغان. تېئىزم خۇدانىڭ مەۋجۇتلۇقى ۋە ئۇنىڭ ئىنسان تۇرمۇشىدىكى رولىنى تەشەببۇس قىلسا، ئاتېئىزم بۇ مەۋجۇتلۇقنى رەت قىلىدۇ ۋە دىنسىز بىر تۇرمۇش ئېڭىنى قوبۇل قىلىدۇ. ئاگنوستىسىزم  بولسا خۇدانىڭ مەۋجۇتلۇقى ھەققىدە بىلىم ئېلىشنىڭ ئىمكانسىزلىقىنى ئوتتۇرىغا قويسا، دېئىزم خۇدانىڭ بار ئىكەنلىكىنى، ئەمما دۇنيانىڭ ئىشلىرىغا ئارىلاشمايدىغانلىقىنى ئوتتۇرىغا قويىدۇ. بۇ ئاساسلىق ئېقىملار دىن بىلەن پەلسەپە ئارىسىدىكى ئۆزئارا تەسىرنى چوڭقۇر تەھلىل قىلىشقا ئاساس ياراتقان.

5.1. تېئىزم

تېئىزم خۇدانىڭ مەۋجۇتلۇقىنى قوبۇل قىلىدىغان ئېتىقاد سىستېمى بولۇپ، دىن پەلسەپىسىنىڭ ئەڭ كەڭ تارقالغان ئېقىملىرىدىن بىرى. بۇ خىل چۈشەنچىدە، خۇدا ئالەمنىڭ ياراتقۇچىسى ھەمدە ئىنسانلارنىڭ تۇرمۇشىغا ئارىلاشىدىغان بىر بارلىقتۇر. تېئىزم ھەر خىل دىنلاردا، بولۇپمۇ بىر خۇدالىق ئېتىقاد سىستېمىلىرىدا (خرىستىيان دىنى، ئىسلام دىنى ۋە يەھۇدىي دىنى قاتارلىق ساماۋى دىنلاردا) ئۆز ئىپادىسىنى تاپقان. تېئىزمدا خۇدانىڭ مەۋجۇتلۇقى، سۈپەتلىرى، ئۇنىڭ ئىنسانلار ئۈستىدىكى تەسىرى ۋە ئۆز نۆۋىتىدە ئەخلاقنىڭ تۈپ مەنبەسى ئىكەنلىكى  مۇھىم ئورۇن تۇتىدۇ. پەيلاسوپلار خۇدانىڭ مەۋجۇتلۇقىغا دائىر ھەر خىل دەلىللەرنى ئوتتۇرىغا قويغان، تېئىزم بولسا ئىنساننىڭ ئۆز مەۋجۇتلۇقىغا مەنە ۋە مەقسەت قازاندۇرىدىغان كۆز قاراشلارنى سۇنىدۇ.

5.2. ئاتېئىزم

ئاتېئىزم خۇدانىڭ مەۋجۇتلۇقىنى رەت قىلىدىغان ئېتىقاد سىستېمى بولۇپ، دىن پەلسەپىسىنىڭ قارشى ئېقىمىنى ئىپادىلەيدۇ. ئاتېئىستلار ئادەتتە دىنىي ئېتىقادلارغا تەنقىدىي مۇئامىلە قىلىدۇ؛ تەبىئەتتىن ھالقىغان ئىزاھاتلارغا قارشى ئىلمىي كۆز قاراشلارنى قوبۇل قىلىدۇ. ئاتېئىزم ھەر خىل شەكىللەردە مەۋجۇت بولۇپ، كۈچلۈك ئاتېئىزم خۇدانىڭ مەۋجۇتلۇقىنى كەسكىن رەت قىلسا، ئاجىز ئاتېئىزم خۇدانىڭ مەۋجۇتلۇقىغا دائىر يېتەرلىك دەلىل تېپىلمىغانلىقى ئۈچۈن بۇ كۆزقاراشنى قوبۇل قىلالمايدىغانلىقىنى ئوتتۇرىغا قويىدۇ. ئاتېئىستلار ئادەتتە ئىلمىي بايقاشلارغا، مەنتىقلىق ئەقىل يۈرگۈزۈشلەرگە ۋە دىننىڭ جەمئىيەت ئۈستىدىكى تەسىرلىرىگە ئاساسلىنىپ پىكىر قىلىدۇ. ئاتېئىزم دىننىڭ ئىنسانىيەت تارىخىدىكى رولى ھەققىدىكى چوڭقۇر مۇنازىرىلەرگە يول ئاچىدۇ.

5.3. ئاگنوستىسىزم

ئاگنوستىسىزم—خۇدانىڭ مەۋجۇتلۇقى ۋە تەبىئىتىنى بىلگىلى بولمايدۇ دەپ قارايدىغان ئېتىقاد سىستېمىدۇر. ئاگنوستىكلار ئادەتتە ئىلمىي ۋە مەنتىقلىق ئاساسلارغا تايىنىدۇ، ئەمما خۇدانىڭ مەۋجۇتلۇقى ياكى يوقلۇقىغا دائىر ئېنىق نەتىجىگە ئېرىشكىلى بولمايدىغانلىقىنى ئوتتۇرىغا قويىدۇ. ئۇلار ئېتىقادنىڭ سۇبيېكتىپ تەرىپىنى تەكىتلەش ئارقىلىق، «خۇدانى قانداق ئويلىساڭ شۇنداق» دېگەن ھۆكۈمنى چىقىرىدۇ . ئاگنوستىسىزم دىن بىلەن ئىلىمنىڭ، ئېتىقاد بىلەن ئەقىلنىڭ دىيالېكتىكىسىنى چۈشىنىش ئۈچۈن مۇھىم زېمىن ھازىرلىغان بولۇپ، كىشىلەرنى ئۆزىنىڭ دىنىي كىملىكى  ۋە ئېتىقادى ھەققىدە چوڭقۇر ئويلىنىشقا يېتەكلەيدۇ.

5.4. دېئىزم

دېئىزم—خۇدانىڭ بار ئىكەنلىكىنى قوبۇل قىلسىمۇ،  «خۇدانىڭ دۇنيا بىلەن ئىشى يوق» لۇقىغا ئىشىنىدىغان بىر ئېتىقاد سىستېمىدۇر . دېئىستلارنىڭ كۆزقارىشىچە، خۇدا ئالەمنى ياراتقان، ئەمما كېيىن ئۇنى ئالەمنىڭ تەبىئىي قانۇنلىرى ۋە ھەرىكىتىگە قالدۇرغان. بۇ خىل چۈشەنچە مەدەنىيەتنىڭ قايتا گۈللىنىشى دەۋرىدە ئوتتۇرىغا چىققان پەن بىلەن دىن توقۇنۇشىغا بىر ھەل  قىلىش چارىسى سۇنۇشقا تىرىشقان. دېئىزم ئەقىل ۋە تەبىئەت يولى بىلەن خۇدانىڭ مەۋجۇتلۇقىغا يېتىشنى مەقسەت قىلغان بولۇپ، دىنىي كىتابلارغا ئاساسلانغان دوگمىلارنى رەت قىلىدۇ. شۇ سەۋەبتىن، دېئىزم شەخسلەرنىڭ ۋە جەمئىيەتنىڭ ئۆزلىرىنىڭ دىنىي كىملىكلىرى ھەققىدە ئويلىنىشىغا تۈرتكە بولغان .

6. دىن پەلسەپىسىدىكى مۇھىم پەيلاسوپلار

دىن پەلسەپىسى تارىختىن بۇيان نۇرغۇن مۇھىم پەيلاسوپلارنىڭ ئىدىيىلىرى بىلەن شەكىللەنگەن. بۇ پەيلاسوپلار دىننىڭ تەبىئىتى، خۇدانىڭ مەۋجۇتلۇقى ۋە ئېتىقادلارنىڭ مەنىسىگە جاۋاب ئىزدەش ئارقىلىق، دىن پەلسەپىسىنىڭ ئۆزگىرىشىگە تۆھپە قوشقان. ئاۋگۇستىنۇس، ئىبنى سىنا، توماس ئاكۋىناس ۋە ئىممانۇئېل كانت بۇ ساھەدىكى ئەڭ مەشھۇر مۇتەپەككۇرلار ھېسابلىنىدۇ. ئاۋگۇستىنۇس خۇدانىڭ مەۋجۇتلۇقى ۋە ئىنساننىڭ ئەركىن ئىرادىسىنى تەكىتلىسە، ئىبنى سىنا ئەقىل بىلەن ۋەھىي ئارىسىدىكى مۇناسىۋەتنى چوڭقۇر تەكشۈرگەن. توماس ئاكۋىناس ئارىستۇتىل پەلسەپىسى بىلەن خرىستىيان ئېتىقادىنى بىرلەشتۈرگەن بولسا، ئىممانۇئېل كانت دىننىڭ ئەخلاققا دائىر تەرەپلىرىنى تەھلىل قىلغان. بۇ پەيلاسوپلار دىننىڭ پەلسەپىۋى ئاساسلىرىنى شەكىللەندۈرگەن بولۇپ، بۈگۈنكى تېئولوگىيەلىك (دىنىي) مۇنازىرىلەرگىمۇ يول ئاچقان .

6.1. ئاۋگۇستىنۇس

ئاۋگۇستىنۇس (354-430) خرىستىيان پەلسەپىسىنىڭ ئەڭ مۇھىم مۇتەپەككۇرلىرىدىن بىرى. رىم ئىمپېرىيەسىدە تۇغۇلغان ئاۋگۇستىنۇس ياش ۋاقتىدا مانى دىنىغا مايىل بولغان، كېيىن خرىستىيان دىنىغا ئۆتۈپ كەتكەن. ئۇنىڭ ئەڭ مۇھىم ئەسەرلىرىدىن بىرى بولغان «خۇدانىڭ شەھىرى» دە خرىستىيان ئېتىقادى بىلەن رىم مەدەنىيىتى ئارىسىدىكى توقۇنۇش تېما قىلىنغان. ئاۋگۇستىنۇس خۇدانىڭ مەۋجۇتلۇقىغا دائىر ئىچكى تەجرىبىلىرىگە تايىنىش ئارقىلىق، ئىنسان روھىنىڭ خۇدا بىلەن بولغان مۇناسىۋىتىنى تەكىتلىگەن ھەمدە ئەركىن ئىرادە ئۇقۇمىنى ئوتتۇرىغا قويغان. ئۇنىڭ پىكرىچە، ئىنسان گۇناھكاردۇر، ئۇنىڭ خۇداغا ئېھتىياجى بار،  قۇتقۇزۇلۇشقا ئېھىتىياجى بار،  شۇڭا ئۇ خۇداغا سىغىنىشى، ئۇنىڭ رەھىمدىللىقىنى  قولغا كەلتۈرۈشى كېرەك. ئاۋگۇستىنۇسنىڭ پەلسەپىۋى ئىدىيىلىرى ئوتتۇرا ئەسىر ئىدىيىسىگە چوڭقۇر تەسىر كۆرسەتكەن بولۇپ،  تېئولوگىيەلىك (دىنىي) مۇنازىرىلەرگە مۇھىم تېما بولغان.

6.2. ئىبنى سىنا

ئىبنى سىنا (980-1037) ئىسلام ئىدىيىسى ۋە پەلسەپىسىنىڭ مۇھىم ۋەكىلى. پارسلاردىن بولغان ئالىم ۋە ھەكىم ئىبنى سىنا «ئەل قانۇنى فى تىب» (تېبابەت قانۇنلىرى)  ناملىق ئەسىرى بىلەن تونۇلغان بولۇپ،  بۇ ئەسەر پەلسەپىۋى ئىدىيە بىلەن تېبابەتنى ئۆزىگە تەڭ مۇجەسسەم قىلغان؛ دىن، ئەقىل ۋە بىلىم ئارىسىدىكى مۇناسىۋەتنى شەرھلەپ، خۇدانىڭ مەۋجۇتلۇقىغا دائىر مېتافىزىكىلىك دەلىللەرنى ئوتتۇرىغا قويغان. ئىبنى سىنا ئاللاھنىڭ بىرلىكى، سۈپەتلىرى ۋە مەۋجۇتلۇقى مەسىلىسىدىكى ئىدىيەلىرى بىلەن،  ئىسلامىي تېئولوگىيە ھەم غەرب پەلسەپىسى ئۈستىدە مەڭگۈلۈك تەسىرلەر قالدۇرغان، ئىلاھىي مەۋجۇتلۇق چۈشەنچىسىدە ئەقىل يۈرگۈزۈشنى تەشەببۇس قىلغان. شۇڭا، ئۇنىڭ ئەسەرلىرى ئوتتۇرا ئەسىر ياۋروپاسىدا ئارىستوتىل ۋە خرىستىيان پەلسەپىسى بىلەن بىللە ئوقۇتۇلغان.

6.3. توماس ئاكۋىناس

توماس ئاكۋىناس (1225-1274) ئوتتۇرا ئەسىر خرىستىيان پەلسەپىسىنىڭ ئەڭ مۇھىم مۇتەپەككۇرلىرىدىن بىرى. ئۇ  خرىستىيان ئېتىقادىنى ئارىستوتىل پەلسەپەسى بىلەن ماسلاشتۇرۇش ئارقىلىق، خۇدانىڭ مەۋجۇتلۇقىنى بەش دەلىل بىلەن ئىزاھلىغان. ئۇنىڭ «سۇمما تېئولوگىكا» ناملىق ئەسىرى پەلسەپىۋى ۋە تېئولوگىيەلىك مەسىلىلەرنى ھەر تەرەپتىن تەھلىل قىلغان. ئاكۋىناس ئەخلاق مەسىلىلىرىدىمۇ مۇھىم كۆزقاراشلارنى ئوتتۇرىغا قويغان؛ ئىنساننىڭ تەبىئىتى، ئەركىن ئىرادىسى بىلەن خۇدانىڭ ئەمرى ئارىسىدىكى مۇناسىۋەتنى بايان قىلغان. ئۇ خۇدانىڭ تەبىئىتى ھەققىدە ئەقىل يۈرگۈزۈش بىلەن ئېتىقاد ئارىسىدا بىر تەڭپۇڭلۇق قۇرۇش ئارقىلىق، ھەر بىرىنىڭ ئۆز ئالدىغا ئىناۋەتلىك ئىكەنلىكىگە ئىشەنگەن. ئاكۋىناس خرىستىيان دىنىدا ئەقىل بىلەن ئېتىقاد ئارىسىدا بىر ماسلىشىش بەرپا قىلغان، بۇ ئارقىلىق ھەم پەلسەپىۋى ھەم تېئولوگىيەلىك ئىدىيەنىڭ تەرەققىياتىغا مۇھىم تۆھپىلەر قوشقان.

6.4. ئىممانۇئېل كانت

ئىممانۇئېل كانت (1724-1804) دىن پەلسەپىسى بىلەن ئېتىك ئىدىيە ھەققىدە مۇھىم تېمىلارنى ئىشلىگەن گېرمان پەيلاسوپىدۇر. كانت «ساپ ئەقىلنىڭ تەنقىدى» ۋە «ئەمەلىي ئەقىلنىڭ تەنقىدى»قاتارلىق ئەسەرلىرىدە دىننىڭ ئەخلاقىي ۋە ئېتىك تەرەپلىرىنى تەكشۈرگەن. ئۇنىڭ پىكرىچە، دىن—ئەخلاق ۋە قانۇنغا ئەمەل قىلىدىغان بىر تۇرمۇش ئۇسۇلى سۈپىتىدە قارىلىشى كېرەك؛ ئۇ، شەخسنىڭ ئەخلاقىي مەسئۇلىيىتىگە ئاساسلىنىدۇ. كانت خۇدانىڭ مەۋجۇتلۇقىغا دائىر دەلىللەرنى ئوتتۇرىغا قويغان بولسىمۇ، ئۇلارنىڭ تەجرىبە ۋە كۆزىتىشلەر ئارقىلىق قوللاشقا ئېرىشىشى كېرەكلىكىنى تەشەببۇس قىلغان. كانت دىننىڭ تەبىئىتىگە دائىر تەنقىدىي كۆز قاراشلارنى قوبۇل قىلغان؛ خۇدانىڭ ھەقىقىيلىكى ۋە ئەخلاقىي تەرتىپنى ئەقىلگە سېلىپ تەھلىل قىلىش ئارقىلىق ، ئىنساننىڭ ئەخلاق ۋە ئەخلاقىي ھەرىكەت ئارقىلىق خۇدانىڭ مەۋجۇتلۇقىنى چۈشىنىشىگە زېمىن ھازىرلىغان.

7. دىن پەلسەپىسى ۋە زامانىۋى ئىدىيە

دىن پەلسەپىسى زامانىۋى ئىدىيەنىڭ نۇرغۇن تەرەپلىرىگە تەسىر قىلغان بولۇپ، شۇ دائىرىدە قايتا شەرھلەنگەن. زامانىۋى دەۋردە دىن بىلەن ئىلىمنىڭ مۇناسىۋىتى، دىننىڭ جەمئىيەتتىكى رولى ۋە شەخسىي ئېتىقادلارنىڭ ئەھمىيىتى ھەققىدىكى مۇنازىرىلەر دىن پەلسەپىسىنىڭ ئۆزگىرىشىدە مۇھىم ئورۇن تۇتىدۇ. راتسىئونال (ئەقلىيەتچى) ئىدىيەنىڭ كەڭ تارقىلىشى ۋە سېكۇلارىزمنىڭ (دىندىن خالىي ئېقىمنىڭ) تەسىرى دىن پەلسەپىسىنى تېخىمۇ كەڭ ساھەگە كېڭەيتتى. پەيلاسوپلار خۇدانىڭ مەۋجۇتلۇقى، ئەخلاقنىڭ قىممىتى ۋە ئىنسان ھاياتىنىڭ مەنىسى قاتارلىق ئاساسىي مەسىلىلەرنى تېما قىلىش بىلەن بىرگە، دىننىڭ شەخسىي ۋە ئىجتىمائىي تەرەپلىرى ھەققىدە مۇھاكىمە يۈرگۈزدى. بۇنىڭ بىلەن، ئاتېئىزم ۋە ئاگنوستىسىزم قاتارلىق ئېقىملار دىن پەلسەپىسىنى زامانىۋى ئىدىيەنىڭ بىر قىسمى قىلىپ قويدى. زامانىۋى ئىدىيە ئۆز نۆۋىتىدە كىشىلەرنىڭ ئېتىقادىغا كۆرسىتىۋاتقان بولۇپ، دىننىڭ زامانىۋى جەمئىيەتتىكى ئورنى ۋە رولىنى چۈشىنىش جەھەتتىن زۆرۈر ئىمكانىيەت سۇنماقتا.

8. دىن پەلسەپىسىنىڭ بۈگۈنكى ئورنى ۋە ئەھمىيىتى

دىن پەلسەپىسى بۈگۈنكى كۈندە ئاكادېمىك ساھەدە ھەم جەمئىيەتتە مۇھىم ئورۇن ئىگىلەيدۇ. زامانىۋى دۇنيادا دىننىڭ شەخسلەر ئۈستىدىكى تەسىرى، دىن بىلەن ئىلىم ، دىن بىلەن ئەخلاقنىڭ مۇناسىۋىتى دىن پەلسەپىسىنىڭ مۇنازىرە تېمىلىرى ھېسابلىنىدۇ. زامانىۋى جەمئىيەتتە ھەر خىل ئېتىقاد سىستېمىلىرى بىللە مەۋجۇت بولغاچقا،  دىن پەلسەپىسى ئەنە شۇ كۆپ خىللىقنى چۈشىنىش ۋە شەرھلەشتە ھالقىلىق رول ئوينايدۇ. بۇنىڭدىن باشقا، دىننىڭ جەمئىيەتتىكى تەسىرى ۋە پسىخولوگىيەلىك تەسىرلىرىنى تەكشۈرۈش، ئىنسانلارنىڭ ئۆز مەۋجۇتلۇقى ھەققىدىكى سوئاللىرى ۋە ئەندىشىلىرىگە جاۋاب ئىزدەش دىن پەلسەپىسىنىڭ بۈگۈنكى ئەھمىيىتىنى ئاشۇرماقتا.

9. نەتىجىلەر ۋە كەلگۈسى تەتقىقاتلار

دىن پەلسەپىسى دىنىي ئېتىقادلار ۋە دىنىي پائالىيەتلەرنىڭ پەلسەپىۋى ئاساسلىرىنى تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىدىغان مۇھىم پەن. بۇ تەتقىقاتتا دىن پەلسەپىسىنىڭ ئاساسىي ئۇقۇملىرى ۋە تارىخىي تەرەققىياتى تەپسىلىي بايان قىلىنىدۇ. كەلگۈسى تەتقىقاتلار دىن پەلسەپىسىنىڭ زامانىۋى تۇرمۇشتىكى تەسىرلىرىنى تېخىمۇ چوڭقۇر تەكشۈرۈش ئارقىلىق، دىننىڭ ئىجتىمائىي ھەرىكەتلەر بىلەن بولغان مۇناسىۋىتىنى تەتقىق قىلىشى مۇھىم ئەھمىيەتكە ئىگە. بۇنىڭدىن باشقا، دىنلار ئارا تەسىر ۋە دىنلار ئارا دىئالوگ ئۈستىدە ئېلىپ بېرىلىدىغان تەتقىقاتلار ھەر خىل دىن مەنسۇپلىرى ئوتتۇرىسىدىكى كەڭچىللىك ۋە چۈشىنىشنى ئىلگىرى سۈرۈشى مۇمكىن. يېڭى تېخنىكىلارنىڭ دىنىي ئېتىقادلارغا قانداق تەسىر كۆرسىتىدىغانلىقى، ھەتتا يېڭى بىر دىننى شەكىللەندۈرۈشى مۇمكىنلىكىمۇ يەنە بىر يېڭى تەتقىقات ساھەسى ھېسابلىنىدۇ.  

خۇلاسە

دىن پەلسەپىسى ئىنسانىيەت تارىخىدا ھەر زامان مۇھىم ئورۇن تۇتۇپ كەلگەن بولۇپ، ئىنساننىڭ ئۆز مەۋجۇتلۇقى ھەققىدىكى سوئاللىرىغا جاۋاب ئىزدەشتە ھالقىلىق يول كۆرسەتكەن. قەدىمكى دەۋرلەردىن بۈگۈنگە قەدەر، دىن پەلسەپىسى ھەر خىل مەدەنىيەت ۋە ئىدىيەلەر بىلەن ئۆزئارا تەسىر ئىچىدە بېيىپ كەتكەن. بۈگۈنكى زامانىۋى دۇنيادا دىن پەلسەپىسى يەنىلا مۇھىم بولۇپ، ئىنسانلارنىڭ مەنىۋىي ئېھتىياجلىرىنى قاندۇرۇشتا مۇھىم رول ئوينايدۇ. كەلگۈسىدە دىن پەلسەپىسى تېخىمۇ كەڭ ساھەلەردە تەتقىق قىلىنىشى ۋە ئىنسانىيەتنىڭ ئورتاق مەنپەئەتلىرىگە خىزمەت قىلىشى مۇمكىن.

بۇ ماقالىنى تەييارلىغۇچى: ئەرتۈرك

Leave a Reply

Discover more from ئەرتۈرك ئەسەرلىرى

Subscribe now to keep reading and get access to the full archive.

Continue reading