-

نېمە ئۈچۈن يازىمىز؟
يېزىش ياكى يازماسلىق! بارلىق مەسىلە مانا شۇ – شېكىسپىر. سۆزلىيەلىگەن ئادەمنىڭ ھەممىسى يازغۇچى بولالايدۇ. يېزىش بىر قابىلىيەتتۇر، ۋاقىت مەسىلىسى، ساپا مەسىلىسى، دىت پاراسەت مەسىلىسىدۇر. يازغۇچى بولالمايمەن دەيدىغان بىر تەرەپلىمە قارىشىڭنى تۈزەت. بىر تەرەپلىمە قاراشلار بىزنىڭ كويزا كىشەنىمىز، ھەتتا تۈرمىمىزدۇر. باشتىكى تۈگمىنى خاتا ئەتسەڭ، قالغان تۈگمەڭمۇ خاتا ئېتىلىدۇ. شۇڭا خاتا ۋە قاتمال قارىشىڭنى باشتىلا توغرىلا. بىر Read more
-

مويەن مۇنداق دەيدۇ
1. بىر يازغۇچى ئۆز خاراكتېرىنىڭ مۇستەقىللىقىنى، تىلدىكى يېڭىلىقىنى، يازماقچى بولغان نەرسىلىرىنىڭ ئۈستۈنلۈكىنى چوقۇم ساقلىشى، ئېقىم-مودىلاردىن بىر ئاز يىراق تۇرۇشى لازىم. 2. مېنىڭچە، ئۇلۇغ ئەسەرلەر ئىنسانىيەتنىڭ ئورتاق خىسلىتى ۋە كەمچىلىكىنى ئېچىپ بېرەلىگەن، ئىنسانىيەتنىڭ ئارتۇقچىلىقى ياراتقان پارلاق نەتىجە ۋە ئىنسانىيەتنىڭ ئاجىزىلىقىدىن كېلىپ چىققان تراگېدىيەلەرنى چوڭقۇر ئەكس ئەتتۈرۈپ بېرەلىگەن، ئىنسانىيەتنىڭ روھىدىكى مۇرەككەپلىك— ياخشىلىق بىلەن رەزىللىك، گۈزەللىك بىلەن قاباھەت Read more
-

«قىزىل چاچلىق ئايال»نىڭ سېھرى كۈچى
ئەسلىدە رەسسام بولاي دېگەن، يازغۇچى بولۇپ قالدىم. ئەمما بۇ ئىككى كەسىپ ئوتتۇرىسىدا كۆۋرۈك بولۇشنى، رەڭلەر ئاتا قىلغان تۇيغۇلارنى سۆز-جۈملىلەر بىلەن ئىپادىلەشنى ياخشى كۆرىمەن. رەڭلەرنى ئاڭلاشنى، سۆز-جۈملىلەرنى كۆرۈشنى سىناپ بېقىۋاتىمەن. – ئورخان پامۇك ئورخان پامۇكنىڭ 200 نەچچە بەتلىك بۇ رومانىنىڭ ئۆزگىچە دۇنياسىغا بېشىمچىلاپ كىرىپ كەتتىم. ۋەقەلىك 1980-يىللارنىڭ بېشىدىكى تۈركىيەدىن، ئىستانبۇلنىڭ بېشىكتاش رايونىدا ياشاۋاتقان بىر ئائىلىدىن باشلىنىدۇ. Read more
-

ئورخان پامۇك ۋە مويەن
ئىككى مىڭ ئالتىنچى يىلى تۈركىيە يازغۇچىسى ئورخان پامۇك نوبېل ئەدەبىيات مۇكاپاتىغا ئېرىشكەندىن كېيىن، رومانلىرى تېز سۈرئەتتە خەنزۇچىغا تەرجىمە قىلىنىپ بازارغا سېلىندى. بۇ رومانلارنىڭ ئىچىدە «مېنىڭ ئىسمىم قىزىل» تۈركچىدىن تەرجىمە قىلىنغاننى ھېسابقا ئالمىغاندا، قالغانلىرى ئاساسەن ئىنگىلىزچىدىن تەرجىمە قىلىندى. 2008-يىلى 5-ئاينىڭ 25-كۈنى بېيجىڭ شىدەن كىتابخانىسىدا ئورخان پامۇكنىڭ ئىمزالىق كىتاب سېتىش پائالىيىتى ئۆتكۈزۈلدى، رومانلىرىنىڭ خەنزۇچە نۇسخىسى ئۇزۇن ئۆچرەتتە Read more
-

شاھ بىلەن مالاي
بىر پادىشاھ ئۆزىنىڭ مالىيىدىن ناھايىتى رازى ئىكەن. مالايمۇ پادىشاھقا ئۆزىنى ئاتىغانىكەن، ھەتتا پادىشاھ ئۈچۈن جېنىدىن كېچىشكە تەييار ئىكەن. دېمىسىمۇ مالاي ئوردا ئىچى ۋە سىرتىدا بىر قانچە قېتىم ئۆزىنى خەتەرگە ئېتىپ، پادىشاھنىڭ جېنىنى قۇتقۇزۇپ قالغانىكەن، شۇنىڭ بىلەن ئۇ پادىشاھنىڭ مۇھاپىزەتچىسىمۇ بوپتۇ. بىر كۈنى پادىشاھ ئۇنى يېنىغا چاقىرىپ: __ قانداق تەلىپىڭ بولسا ئېيتقىن، مەن سېنى رازى قىلاي، Read more
-

ئادەم بولماق تەس
مەرھۇم شائىر روزا سايىت «دېھقان بولماق تەس» دەپ بىر شېئىر يېزىۋىدى، «موللام بولماق تەس»، «ھاراق ئىچمەك تەس» دېگەندەك تەقلىد شېئىرلار، ھەتتا ئېغىزغا ئالغىلى بولمايدىغان ئەپسانە شېئىرلار مەيدانغا كەلدى، بىرسى چىقىپ «ئادەم بولماق تەس» دېگەندەك شېئىر يازدىمۇ يوق، ئۇقمايمەن. ئەمما «ئالىم بولغىچە ئادەم بول»، «ئادەم بولماق ئەڭ چوڭ شەرەپ، ئەڭ چوڭ ئۇنۋان» دېگەندەك گەپلەرنى ئاڭلاپ تۇرىمىز. Read more

